muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 09:07:22

特岗ئالاھىدە ئشتاتقا ئىمتاھان بەردىڭىزمۇ ؟

مىنىڭ بىر قىينىسىڭلىم، بۇ يىل شەھەرگە يىقىن بىر ناھيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالاھىدە ئىشتاتقا ئىمتاھان بەرگەن. (بۇ ئىمتاھاننى ئۇيغۇرچىدە نىمە دەپ ئىلىشىمنى بىللەلمەي مۇشۇنداق ئاتاپ تۇردۇم )،


يىزىقچە ئىمتاھاندا نەتىجىسى 155 نۇمۇر بىلەن باھارلىق رەقىپلىرىنى يىڭىپتۇ، يۇزتۇرانە ئىمتاھاندا 80 نۇمىر بىلەن يەنىلا ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەپتۇ، شۇنداق قىلىپ بەدەن تەكشۇرتىشتىن غەلبىلىك ئۆتۇپ مۇشۇ  يىل 8 –ئاينىڭ 31 كۇنى ئۇرۇمچىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىنى تاماملاپ ، نۇۋەت ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىغا كەلگەندە ، مائارىپ ئىدارىسىدىن « سىزنىڭ كومپىيۇتىر ئارخىۋىدا ھىچقانداق ئۇچۇرىڭىز يوقكەن » دەپتۇ.


«مەن تۇنۇگۇن ئۇرۇمچىدىكى تەربىيەلەش كۇرسىنى تۇگۇتۇپ كەلدىم ،مانا ئۇلار بەرگەن كىنىشكە، نىمە ئۇچۇن بۇ يەردە مىنىڭ ئۇچۇرۇم ساقلانمايدۇ ؟ » دىگەن سۇئالغا  « بىلمەيمەن، نازارەتتىن سوراڭ » دىگەن گەپ بىلەن نىمە قىلىشىنى بىللەلمەيلا قاپتۇ.


ئەمدى راست گەپنى قىلغاندا قىين سىڭىلم توت يىل بولدى بىر ناھيەنىڭ بىر يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى، يوتكەپ ئەپكىلىپ بولالماي، مۇشۇ ئىمتاھان ئارقىلىق يىنىپ كىلىشنى پىلانلاپتىكەن ، ئۇچ يىل خېزمەت قىلىپ بولۇپ توتىنچى يىلى مەخسۇس تەييارلىق قىلىپ قاتناشقان ئىمتاھان ئىدى.


بولغان ۋەقە مۇشۇ ئەمدى سىللەردىن سورايدىغىنىم :


بىرىنچى : مۇشۇنداق ئىمتاھانغا قاتنىشىپ يۆتكەلگىلى بولامدۇ بولمامدۇ ؟


ئىككىنچى : ئەگەر ئىشلەۋاتقان مەكتەپ قويۇپ بەرمەسلىكنىڭ باھانىسىنى قىلسا، مائارىپ ئىدارىسىغا  بىرىپ ئۇچۇرنى يوق قىلىۋىتەلەمدۇ ؟


ئۇچىنچى: ئالماقچى بولغان مەكتەپ ساماننىڭ تىگىدىن سۇ قۇيۇپ ئالماشتۇرىۋەتكەنمىدۇ ؟


توتىنچى :بۇ ئۇچۇرنىڭ يوق بولۇپ كەتكنىنى نەدىن ئىنقلايمىز  ؟


ئەگەر مەن ئىنىقلاپ چىقسام مۇناسىپ تەدبىر قوللانماقچىمەن .


بىلىدىغانلار مەسلىھەتىڭلارنى ئايمىغايسىزلەر .

nezeri يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:02:55

ئوقۇتقۇچى شىتاتىدىكىلەر ئۈستىلەپ ئېمتىھان بەرسە بولمايدۇ، بۇ ھەقتە ئىنىق ئۇقتۇرۇش بار. خىزمەتنى تاشلاپ ئىككى يىلدا ئارخىپىنى قايتۇرىدۇ، شۇ چاغدا بەرسە بولىدۇ.

يەرلىكتە باشقىلار ئەرز قىلغان ياكى يەرلىكنىڭ مائاش سىستىمىسىدىن ئىسمى چىقىپ قالغان بولسا يەرلىكتىن قالدۇرۋىتەلەيدۇ، ئۈرۈمچىدە تەربىيلىنىپ كەلگەندە ئاندىن يەرلىكتىكىلەر ئۇنى بىلەلەيدۇ(چۈنكى تەربىيلەش تامام بولۇشتىن بۇرۇن كىمنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ھىچكىم بىلىمەيدۇ تېخى). ئەسلى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ ئىشلىسە ھىچ گەپ يوق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

samsipez يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 10:00:30

كومپيۇتېردا ئۇچۇرىڭىز يوقكەن دېگىنى نېمىسىكىن تاڭ بىلمىدىم.... ئەگەر دىپلوم ئۇچۇرى يوق بولسا (ھازىر بارلىق دىپلوملارنى توردىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ) دىپلوم تارقاتقان ئورۇن كىرگۈزمىگەن بولۇشى مۈمكىن... دىپلوم تارقاتقان ئورۇننى ئىزدىسۇن....

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 10:11:07

ئالاھىدە شىتات ئەمەس ئالاھىدە ئىش ئورنى ئىنتىھانى

ئەگەر ئۇ سىڭلىڭىز بۇرۇن رەسمىي شىتاتتىكى ياكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن(ئادەتتە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى بولسا ئۈچ يىلدىن كېيىن شىتاتقا كىرگۈزىدۇ) يەنە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئىنتىھان بەرگەن بولۇپ باشقىلار پاش قىلغان بولسا ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا بۇرۇنقى خىزمىتى ۋە ھازىرقى خىزمىتى تەڭلا يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن يېڭى ئىش ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرماي كونا ئىش ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق خىزمەت قىلسا بەلكىم يەڭگىلرەك جازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن

tulpar12 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 10:41:45

سىز 7ستۇدېنت تورىغا تىما قىلىپ يوللاڭ چۇقۇم شۇ يەردىن تىگىشلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز...

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:24:29

مەن بىر چاغدا مۇشۇنداق ئىمتىھانلارنىڭ بىرىگە قاتنىشىپ، 1-سوئالغا قارىسام:

ئېكولوگلار، ئاستىرونوملار، خېمىكلار.... ۋە باشقا نۇرغۇن شۇناسلار بىرلىكتە ئىنسانلارنىڭ گېنى ئۈستىدە مۇنداق تەتقىقات قىلىپ، .... بىر نېمە نەزرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلدى.

بۇ

ئا جاۋاب: ھاياتلىقنى خۇدا ياراتمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ (نەئۇزۇبىللا)، ....

دەپ بار ئىكەنتۇق، ھەم ئاشۇ «ئا» جاۋاب «توغرا» ئىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان مەيدانىدا ئويلاندىم، ئەگەر «توغرا» جاۋابنى تاللىسام، خۇداغا ئاسىيلىق قىلىدىكەنمەن، ئەگەر تاللىمىسام خىزمەت يوقكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆتە قاسقىنىڭنى دەپ ھېچنېمە يازماي چىقىپ كەتكەنتىم.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:25:37


4- قەۋەتتىكى tulpar12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز 7ستۇدېنت تورىغا تىما قىلىپ يوللاڭ چۇقۇم شۇ يەردىن تىگىشلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز...







ياخشى تور بەتكەن يوللاپ قويدۇم ، جاۋابىنى كۇتىۋاتىمەن .




bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:38:29

1- قەۋەتتىكى begir9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تونۇيدىغان بىرەيلەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا شۇ ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىۋاتقان . ھازىر ئۇ سەل يالتايغان چىراي . چۈنكى ئۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسىمۇ يەنىلا شىتاتلىق ھېساپلانمايدىكەن . ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئىكەن . توختاملىق ئىشچىدەك ئىشلەيدىكەن شۇ .

لېكىن قىزلارنىڭ ئىشلىشىگە چوقۇم ماس كېلىدۇ .

مۇقىم خىزمىتى بارمۇ دىگەن ئۆلچەمگە تولۇق چۇشىدۇ .

   بۇ ئوغرىنىڭ گېپى. ئىشەنمەڭ. مانا مەن بەش يىل بۇرۇن مۇشۇ ئىمتاھاندىن ئۆتكەن.



تېما ئىگىسى، سىڭلىڭىزنى خىزمىتى بار دەپ ئەرز قىلغان ئوخشايدۇ. ئۈرۈمچىدە ئىسمى چىقىپ قولىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى تۇرۇپ يەنە شۇنداق قىلغان بولسا، سىز نازارەتكە تىلفۇن قىلىڭ. تىلفۇن نۇمىرى ئىمتاھان پىروگگىراممسىىدا بار.

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:48:06

بىرىنچى سوئالغاجاۋاپ:سىڭلىڭىز ناھىيە مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن 3 يىلغىچە شۇ ناھىيىگە قاراشلىق يېزا مەكتەپلىرىدە 3يىل ئىشلەيدۇ،3 يىلدىن كىيىن رەسمى شىتاتقا كىرىپ ئۆتكەن مەكتىپىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇ 3 يىل جەريانىدا ناھىيە مەكتەپكە ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچى لازىم بولسا مەكتەپ ئەكىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بار.2008نىڭ تېگاڭلىرى شىتاتقا كىرىپ بولدى(مەكتىپىمىزدىكى) .شىتاتقا كىرمىگەندىكى مائاشىمۇ بىز بىلەن ئوخشاش،3200ئەتراپىدا.

2،3،4-سوئالىڭىزغا جاۋاپ:سىڭلىڭىزنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ئارخىپى يوق دېگەن ئوخشايدۇ قارىغاندا،بۇنداق بولغاندا ئالى مەكتەپتە ئۇچۇرىنى كومپۇتۇرغا كىرگۈزمىگەن ئىشلار بارمىكىن دەيمەن،شۇڭا ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ سۈرۈشتىسىنى قىلسۇن.مىنىڭچە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى يوقىتىۋېتىدىغان ھوقۇقى يوق.ئەگەر سىڭلىڭىز بۇرۇنقى مەكتەپتىمۇ تېگاڭ ياكى شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن بولسا چۇقۇم ئىستىپانامە بىرىپ ئاندىن ئىمتاھان بىىشى كېرەك ئىدى.ئەگەر توختاملىق ئىشلەۋاتقان بولسا بۇنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.ئالماقچى بولغان مەكتەپ ئوقۇتقۇچى بۇ مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ،ھەتتا 3 يىل يېزىدا ئىشلەپ كەلمىگۈچە كىمنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 12:19:04

1- قەۋەتتىكى begir9نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تونۇيدىغان بىرەيلەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا شۇ ئىمتاھاندىن ئۆتۈپ بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى قىلىۋاتقان . ھازىر ئۇ سەل يالتايغان چىراي . چۈنكى ئۇ ئىمتاھاندىن ئۆتسىمۇ يەنىلا شىتاتلىق ھېساپلانمايدىكەن . ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئىكەن . توختاملىق ئىشچىدەك ئىشلەيدىكەن شۇ .

لېكىن قىزلارنىڭ ئىشلىشىگە چوقۇم ماس كېلىدۇ .

مۇقىم خىزمىتى بارمۇ دىگەن ئۆلچەمگە تولۇق چۇشىدۇ .

ھازىر بۇ ئىمتاھانغا ئاۋال ئېھتىياجلىق ئورۇننى تاللاپ قاتنىشىدۇ، دەسلەپكى مۇئاشىمۇ 3000 دىن ئاشىدۇ.


توختاملىق ئىشچىدەك ئىشلىگىنى شۇ ئورۇننىڭ ئىشى.


بىر يىل سىناقتا ئىشلەش بۇرۇندىن بار ئىش.

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 13:08:12

ئىنىقكى بۇ ئىشنى بىرسى پاش قىلغان ياكى مائارىپ تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىلگەن بولشى مومكىن.

ئالدىنقى يىللاردا ھۆكۈمەتنىڭ ئانچە كارى يوقتى بۇ يىلدىن باشلاپ خىزمەت ئورنى تۇرۇپ باشقا ئورۇنغا ئىمتھان بەرسە بۇرۇنقى خىزمىتى ۋە ھازىرقى نەتجسى ئىناۋەتسىز قىلىندۇ..بۇ يىل 30دەك ئوقۇتقۇچىنى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك خىزمىتىدىن قالدۇردى.ئەگەر 5ئادەم ئالدىغان يەرگە سىڭلىڭىز ئۆتكەن بولسا 6-بولغان ئادەم سىڭلىڭىزنىڭ خىزمىتى بارلىقىنى پاش قىلسا سىڭلىڭىزنى قالدۇرۇپ ئورنىغا ئۇنى سەپلەيدۇ.. يەنە بىرسى چەت ياقىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۆتكىلىپ كىتىپ ئەسىلدىكى ئورۇننىڭ بوش بوپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قوللانغان تەدبىرى بولۇشى مومكىن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 14:32:03





3- قەۋەتتىكى oqmeasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئالاھىدە شىتات ئەمەس ئالاھىدە ئىش ئورنى ئىنتىھانى

ئەگەر ئۇ سىڭلىڭىز بۇرۇن رەسمىي شىتاتتىكى ياكى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۈچ يىل خىزمەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن(ئادەتتە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى بولسا ئۈچ يىلدىن كېيىن شىتاتقا كىرگۈزىدۇ) يەنە ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئىنتىھان بەرگەن بولۇپ باشقىلار پاش قىلغان بولسا ھەم تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا بۇرۇنقى خىزمىتى ۋە ھازىرقى خىزمىتى تەڭلا يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن يېڭى ئىش ئورنىغا تىزىمغا ئالدۇرماي كونا ئىش ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق خىزمەت قىلسا بەلكىم يەڭگىلرەك جازا بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىپ قۇتۇلۇشى مۇمكىن








سىڭلىممۇ شۇنداق ئاڭلاپ ھازىر ئەسلى مەكتىۋىگە قايتتى .


بىز مۇشۇنداق دەپ ئۆزىمىز قورقۇنىچ تىپىۋالدۇقمىكىن دەپ ئويلايمەن .




muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 14:43:52


8- قەۋەتتىكى barna123نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرىنچى سوئالغاجاۋاپ:سىڭلىڭىز ناھىيە مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ لىكىن 3 يىلغىچە شۇ ناھىيىگە قاراشلىق يېزا مەكتەپلىرىدە 3يىل ئىشلەيدۇ،3 يىلدىن كىيىن رەسمى شىتاتقا كىرىپ ئۆتكەن مەكتىپىنىڭ ئۆزىدە ئىشلەيدۇ،ئەلۋەتتە بۇ 3 يىل جەريانىدا ناھىيە مەكتەپكە ھەقىقەتەن ئوقۇتقۇچى لازىم بولسا مەكتەپ ئەكىۋالىدىغان ئىشلارمۇ بار.2008نىڭ تېگاڭلىرى شىتاتقا كىرىپ بولدى(مەكتىپىمىزدىكى) .شىتاتقا كىرمىگەندىكى مائاشىمۇ بىز بىلەن ئوخشاش،3200ئەتراپىدا.

2،3،4-سوئالىڭىزغا جاۋاپ:سىڭلىڭىزنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ئارخىپى يوق دېگەن ئوخشايدۇ قارىغاندا،بۇنداق بولغاندا ئالى مەكتەپتە ئۇچۇرىنى كومپۇتۇرغا كىرگۈزمىگەن ئىشلار بارمىكىن دەيمەن،شۇڭا ئوقۇغان مەكتەپكە بېرىپ سۈرۈشتىسىنى قىلسۇن.مىنىڭچە مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى يوقىتىۋېتىدىغان ھوقۇقى يوق.ئەگەر سىڭلىڭىز بۇرۇنقى مەكتەپتىمۇ تېگاڭ ياكى شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن بولسا چۇقۇم ئىستىپانامە بىرىپ ئاندىن ئىمتاھان بىىشى كېرەك ئىدى.ئەگەر توختاملىق ئىشلەۋاتقان بولسا بۇنىڭ تەسىرى بولمايدۇ.ئالماقچى بولغان مەكتەپ ئوقۇتقۇچى بۇ مەكتەپكە كىلىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ،ھەتتا 3 يىل يېزىدا ئىشلەپ كەلمىگۈچە كىمنىڭ ئىمتاھاندىن ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.








سىڭلىم توت يىل بۇرۇن ئىمتاھان بەرگەندە، تەڭشەشكە قىتىلغانلىغى ئۇچۇن ، شۇ يىزىغا تەخسىم قىلىنغان ئىكەن. ئىشتاتلىق ئىشلىگىنىگە توت يىل بولغان، شۇڭا بۇيىل مۇشۇ ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئوتۇپتۇ، ئۇرۇمچىدە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندا، تىزىملىكتە بار ئىكەن، ياتاق تامىغىنى كۆتۇرۇپتۇ. (ھەقسىز ).


ئەمما ۋىلايەتتە ئىمتاھانغا قاتناشقانلىق ئۇچىرى چىقماپتۇ.


ئەگەر سىڭلىڭىز بۇرۇنقى مەكتەپتىمۇ تېگاڭ ياكى شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن بولسا چۇقۇم ئىستىپانامە بىرىپ ئاندىن ئىمتاھان بىىشى كېرەك ئىدى.


ئەمدى سىز چۇقۇم دەپ مۇتلەقلەشتۇرگىنىڭىزگە قارىغاندا ، بۇ توغۇرسىدا خىلى مەلۇماتلىق كۆرنىسىز.


\"يىزىلاردا ئۇچ يىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئىمتاھان بەرسە بولىدۇ \"


دىگەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇختۇرشىغا قانداق قارايسىز ؟





muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 14:51:12



تېما ئىگىسى، سىڭلىڭىزنى خىزمىتى بار دەپ ئەرز قىلغان ئوخشايدۇ. ئۈرۈمچىدە ئىسمى چىقىپ قولىدا تىزىمغا ئالدۇرۇش كىنىشكىسى تۇرۇپ يەنە شۇنداق قىلغان بولسا، سىز نازارەتكە تىلفۇن قىلىڭ. تىلفۇن نۇمىرى ئىمتاھان پىروگگىراممسىىدا بار.







يۇقىردا ئىيتىلغان خىزمىتىدىن قالىدىكەن دىگەن گەپ سوزلەرنى ئاڭلىغاچقىمىكىن ،سىڭلىم  ئىككىلىنىپ تىلىفۇن قىلالماۋاتىدۇ. مەنمۇ سىز ئويلىغاندەك نازارەتكە تىلىفۇن قىلاي دىسەم سىڭلىم ئىشنى چوڭايتىۋەتمەسلىكنى تاپىلاۋاتىدۇ .

tawakkul يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 14:57:33

بىرىنچى : بۇنى بىلمەيدىكەنمەن .

ئىككىنچى: يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇچۇرنى خالىغانچە ئۈچۈرىۋىتەلمەيدۇ .

ئۈچۈنچى :مەكتەپ ھىچقانداق قىلالمايدۇ.

تۆتۈنچى:مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى مائارىپ نازارىتىدىن سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ . بارمۇ بلوگىدا تۇرسۇن نازىر باشلىق مائارىپ نازارىتىنىڭ ھەرقايسى بۈلۈم مەسئۇللىرىنىڭ ئاچقان بلوگى بار ، يېقىندا تۇرسۇن نازىر مائارىپ سېستىمىسىدا ساقلانغان ھەرخىل مەسىللەرنى بىرتەرەپ قىلىشقا خېلە كۈچەۋاتىدۇ . زۈرۈر بولسا تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى رەسمىي شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى تەمىناتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ، پەقەت يەرلىك ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان قاتناش ياردەم پۇلىنى بەرمەيدىغۇ دەيمەن . ئۇلار 3 يىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەكشۈرلۈپ بېكىتىلىپ شىتاتى رەسمىي بىرتۇتۇش شىتاتقا كىرگۈزىلىدۇ.

ئەگەر ھەقىقەتەن رەسمىي شىتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنى بولۇپ باشقىلار پاش قىلغان بولسا مائارىپ تارماقلىرى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ مۇناسىپ چارە كۆرىدۇ ، ئەگەر ھەقىقەتەن چارە كۆرۈلگەم بولسا چۇقۇم سىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.

tawakkul يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 14:59:15

ۋاي مائارىپ نازارىتىدىكىلەرنىڭ بلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن .

http://www.barmu.cn/public/show.aspx?typ=attention&Uid=1479

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 16:57:57

15- قەۋەتتىكى tawakkulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاي مائارىپ نازارىتىدىكىلەرنىڭ بلوگ ئادرىسىنى قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن .

http://www.barmu.cn/public/show.aspx?typ=attention&Uid=1479



قالدۇرغان ئادىرىسىڭىزغا رەخمەت ،

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 18:21:10

ھە راست، ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن ئوقۇپ «قوشۇلىمەن» دەيدىغان تىزىملىتىش شەرتلىرى بار. شۇلارنىڭ ئىچىدە «نۆۋەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار» بولسا بولمايدۇ، دېگەندەك گەپلەر بارمۇ يوق، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ. ئەگەر شۇنداق شەرتلەر بار بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە سۈرۈشتۈرۈپ جازالاش ھوقۇقى بار.

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 19:51:34

特殊岗位نىڭ قسقارتىلمىسى特岗بۇنى ئۇيغۇرچىدا ئالاھىدە ئىش ئورنى دەپ ئاتايمىز، بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن، ئادەتتە ئىشتاتنى خەنزۇچە 编制دەيمىز!
بەت: [1] 2
: 特岗ئالاھىدە ئشتاتقا ئىمتاھان بەردىڭىزمۇ ؟