زادى قانداق ئاتاش مۇۋاپىق؟[تېخنىكا]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئەزىزلەر، ھەممىڭلار بىلەن تور يۈزىدە كۆرۈشۈپ ئولتۇرغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ئىزدىنىشقا تۇنجى قېتىم بىر نەرسە يېزىشىمدىلا سىلەردىن ياردەم سوراپ ئاۋارە قىلارمەن دەپ ئويلىمىغانتىم، لېكىن ئەھۋال شۇنداق بوپ قالدى، ئالدىڭلاردا خىجىلمەن، ئاللا خالىسا كېيىن تېتىملىق تېمىلارنى يېزىپ كۆڭلۈڭلارنى ئېلىۋالارمەن، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، شىركىتىمىز يېقىندا يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئەكىرگەنىدى، يەنى ھەر خىل كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدىغان، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھەر خىل ئۆسۈملۈك، دېڭىز ئاستىدىكى جانلىقلاردىن ئېلىنغان پېپتىد بولۇپ، پېپتىد ئىككى ياكى ئۈچ ئاممونىي كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدىكەن، يەنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، بۇنى ئىچكەندە ئۈچ مىنۇتتا قان تومۇرغا ئۆتۈپ بولىدىكەن، (بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم بەك كۆپ ئەمەس) مەن ماتېرىياللارنى تەرجىمىگە بېرىش جەريانىدا پېپتىد(Peptide)دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىغا قانداق تەرجىمە قىلسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم، ياكى بولمىسا بۇ ئاتالغۇ ئۆز پېتى ئېلىنامدۇ قانداق؟ ئەگەر تەرجىمە قىلىنسا بىمارلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگىلى بولىدىكەن. شۇڭا تازا بىلەلمەي سىلەرگە ئىلتىجا قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، مەن ئىزدىنىشقا يېڭى كىرگىنىم بىلەن ئىككى يىل بولدى ئىزدىنىشقا مەستانە بولۇپ قالغىلى، بۇ مۇنبەردىكى ئاكا-ھەدىلەرنى، ئىنى-سىڭىللارنى مەندىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ دەپ بىلىمەن، رەھمەت سىلەرگە...
قوشۇمچە: يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسالغان بۇ مەھسۇلاتلارنى بىر قىسىم بىمارلار ئىچكەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن بەك ئۈنۈمى بولدى، بولۇپمۇ ئەرلەردىكى مەزى بېزى كېسەللىكى، دىئابىت كېسەللىكى، قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلدى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئەتراپىدا ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان كىشىلەر بولسا خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن، ئاللا رىزالىقى بىلەن سەللىمازا بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، چ چ نومۇرۇم: 438533229
تىببى دورىلارغا بىز چۈشەنمەيدىغان ئىسىملارنى قويۇش مودىغۇ ئادەتتە.... سىزمۇ تەرجىمە قىلىمەن دېمەي سۇيۇق بولسا «شەربەتى پېپتائىد»، «پېپىتى شىرىن»... دېگەندەك ئىسىملاردىن، قويۇق بولسا «پېپتىدى شىپا»، «شىپائى مەزى» «كاپسۇلى پېپتائىد»، «تابلىتى پەپىر».... دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇۋەرمەمسىز؟ 
lughet.yulghun.com
بۇ يېڭى ئاتالغۇ ياسايدىغان ئىش ئەمەسكەن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز ئاللىبۇرۇن بار ئىكەن. شۇنى قەتئىي ئۆزگەرتمەڭ.
مەن «ساقچى»، «تاكسى»، «ۋڭگزال»، «ئاپتوبۇس بېكىتى»، «مىترو»، «ئاشخانا»، «ھاجەتخانا» ۋە بارلىق دورىلارنىڭ نامىنى ئىنگلىزچە ئاتاشنى قوللايمەن.
مەسىلەن: پولىس، تاكسى، ترەن، بۇس، مىترو، رېستۇران، دابليۇ سى، ئاموكسىسىلىن، ئاسپىرىن، خىروئىن.... دېگەندەك.... birhon ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت، بىلىۋالدىم

بۇنىڭغا يىڭى ئاتالغا ياساشنىڭ ھاجىتى يوق ، مەن 2001 -يىللىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بئولوگىيە دەرىسىدە ئۆگەنگەن ... ھۆجەيرە، مولكولا، ئاقسىل، ئاممونىي كېسلاتا دىگەنلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئەگەر بىئوخىمىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنى ئۇيغۇرلار قىلىپ، يېڭىدىن بايقالغان (بايقىغان) ماددىلارغا نام بەرگەندە ئۇيغۇرچە بەرسە بۇنىڭ يولى بۆلەك. مەسىلەن، قايسىبىر تىمىدا ئېيتىلغان، بىر دۆلەتتىكى ھاشارەتشۇناس ھەدىمىزنىڭ يېڭىدىن بايقالغان ھاشارەتلەرگە ‹‹نوزۇگۈم››، ‹‹ئىپارخان›› دىگەندەك ناملارنى بەرگىندەك؛ ياكى بولمىسا ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابەتچىلىك ئەنئەنىسىدە شۇنىڭغا تەڭداش ناملار بولسا، ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ‹‹پېپتىد››نى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ‹‹نوزۇگۈم››، ‹‹ئىپارخان›› دېگەنلىرى زىيانداش ھاشاراتلار ئەمەستۇ ھە!؟ {:92:} مەندە مەزى بىزى بار ئىدى سىز راس پايدا قىلارمۇ؟ پېپتىد دىگەن بىر نەچچە ئاممونىي كېسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن ئاممونىي كېسلاتا زەنجىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆزلەر تولۇق ئوتتۇرا دەرسلىك كىتابلىرىدا شۇ بويىچە ئىلىنغان. دورىنىڭ ئىسمىنىڭ پېپتىد بولغانلىغى غەلىتىرەككەن چۈنكى بۇ بىر ئومۇمىي ئىسىم. پاراللېلپېپتىد دېگەندىكى پېپتىد شۇدۇ بۇ؟
پەقەت بولمىسا ئاتالغۇنى شۇ پېتى ئېلىپ، كەينىدىنلا ئىزاھلاپ قويۇڭ....
13- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پاراللېلپېپتىد دېگەندىكى پېپتىد شۇدۇ بۇ؟
پەقەت بولمىسا ئاتالغۇنى شۇ پېتى ئېلىپ، كەينىدىنلا ئىزاھلاپ قويۇڭ....
گىيومىتىريە ئوقۇتقۇچىڭىز گاچا ئەمەس بولغىيتى ھە

14- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
13- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پاراللېلپېپتىد دېگەندىكى پېپتىد شۇدۇ بۇ؟
پەقەت بولمىسا ئاتالغۇنى شۇ پېتى ئېلىپ، كەينىدىنلا ئىزاھلاپ قويۇڭ....
گىيومىتىريە ئوقۇتقۇچىڭىز گاچا ئەمەس بولغىيتى ھە![]()
سەل بۇلبۇلغا ئوخشاپ تۇرىسىز بولمىسا، لېكىن ساپلا قاغىسىمان....
لېكىن مۇشۇ مېنىڭ گېئومېتىرىيە ئوقۇتقۇچۇم پەقەت گاچىدەك قىلمىغان....
11- قەۋەتتىكى azharbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە مەزى بىزى بار ئىدى سىز راس پايدا قىلارمۇ؟
ھەممە ئەرلەردە باتتىغۇ،مەندە دەپ بىرقىسمىلا قىپ قويدىلا

15- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لېكىن مۇشۇ مېنىڭ گېئومېتىرىيە ئوقۇتقۇچۇم پەقەت گاچىدەك قىلمىغان....
ئەمىليەتتە پاراللېلپېپىد دەپ ئاتايمىزغۇ دەيمەن.لىكىن بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ تىلى سەل.........ئىش قىلىپ ئۇ پاراللېلپېپېتىت دەپ كىتەتتى، ئوخشۇتۇپ شۇڭا دىۋىدىم. سىز دەل ئەكسىچە مىنىڭ مۇئەللىمىمنى گاچا دىدىڭ دىگەننى قىلىپ ............. لىكىن ئىۋۇ قاغىسىمان بۇلبۇل دىگەن گەپنى ئۈگۈنىۋالدىم، ئەسقېتىپ قالار بىر كۈنلەردە، رەھمەت!
18- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لېكىن مۇشۇ مېنىڭ گېئومېتىرىيە ئوقۇتقۇچۇم پەقەت گاچىدەك قىلمىغان....
ئەمىليەتتە پاراللېلپېپىد دەپ ئاتايمىزغۇ دەيمەن.لىكىن بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ تىلى سەل.........ئىش قىلىپ ئۇ پاراللېلپېپېتىت دەپ كىتەتتى، ئوخشۇتۇپ شۇڭا دىۋىدىم. سىز دەل ئەكسىچە مىنىڭ مۇئەللىمىمنى گاچا دىدىڭ دىگەننى قىلىپ ............. لىكىن ئىۋۇ قاغىسىمان بۇلبۇل دىگەن گەپنى ئۈگۈنىۋالدىم، ئەسقېتىپ قالار بىر كۈنلەردە، رەھمەت!
مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنى بىر قانداق دېگەن ئادەمگە بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ چۇ، تىلى بىر قانداق ئادەمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ئوقۇتقۇچىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىشى، دېمىسىمۇ تىلى راۋان بولمىغان كىشىنى ئوقۇتقۇچىلىققا قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس، ئۇنداقلارنى بەك مەكتەپتە ساقلىغۇسى كەلسە سىياسىي مۇدىر قىلسا بولامىكى.
بەلكىم مېنىڭ تىلىم.....بوپقالغان ئوخشايدۇ جۇمۇ، مەنمۇ\"پاراللېلپېپتىد\" دەپ يۈرۈپتىمەن دېسە، مۇشۇ ئالىي مەكتەپنى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا ئوقۇسا مۇشۇنداق بوپقالىدىغان ئوخشايدۇ ئادەم. سوراپ بېقىڭە گېومېتىرىيە مۇئەللىمىڭىز ئالىي مەكتەپتە قانچە تىلدا ئوقۇپتىكەن؟
رەھمەت، شۇ باھانىدا بىر سۆزدىكى خاتالىقنى بايقىۋالدىم، ئەمدى بۇندىن كېيىن \"پاراللېلپېپىد\" جۇما ئەمىسە....چاتاق، \"ئىزدە\" تورىنىڭ تور لۇغىتىدە \"پاراللېلېپىپېد\" دەپتۇ، راستىنلا ھەممىمىز گاچا بولىدىغان ئوخشايمىز....