خېبىيلىق بىر ئايال توردا «قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردىمۇ يوق» دەپ سورىغىنى ئۈچۈن توخ
خېبىيلىق بىر ئايال
توردا «قاتىللىق دېلوسى يۈز بەردىمۇ يوق» دەپ سورىغىنى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلدى
«يەن جاۋ مەركىزىي شەھەر گېزىتى» دە خەۋەر قىلىنىشىچە،
26- ئاۋغۇست كەچتە چىڭخې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك
ئەترىتىنىڭ بىر ساقچىسى خىزمەت جەريانىدا بەيدۇلاش ئارقىلىق «چىڭ خې مۇنبىرى» دە،
تور نامى (宁05021) بولغان تورداشنىڭ «ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لوۋجۇاڭدا قاتىللىق دېلوسى يۈز
بىرىپتۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدىغانلار بارمۇ؟» دېگەن مەزمۇندىكى ئۇچۇرىنى
بايقىغان. بۇ ئۇچۇر تېز سۈرئەتتە 1000 قېتىمغا يېقىن كۆرۈلگەن، ھەم، مەزكۇر ناھىيەدىكى
بىر قىسىم ئامما ئارىسىدا تارقىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك تەرتىۋى ئېغىر
دەرىجىدە قالايمىقان قىلىپ، شۇ يەرلىك خەلق ئاممىسىنى ساراسىمىگە سالغان.
30 - ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن،
چىڭخې ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى
مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بىز ئاۋۋال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە ئېنىقلاپ،
تېزلىكتە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىغۋا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، توردىكى جامائەت پىكرىگە
مەلۇم قىلدۇق، سىگنال بەردۇق؛ ئاندىن، تېزلىكتە تور ئىغۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش
مىخانىزمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىجابىي يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تورغا ئىنكاس
چاپلىدۇق ھەم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدۇق؛ شۇنىڭ
بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان تورداشنىڭ سالاھىيىتىنى تېز سۈرئەتتە
جەزملەشتۈرۈپ، 28- ئاۋغۇست، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى جاۋX نى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويدۇق.»
30 - ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ
«چىڭخې مۇنبىرى» دىن «ئىغۋا ماقالە» نى ئىزدىشى قىيىنغا چۈشكەن. ساقچى تەرەپنىڭ
تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە، توردىكى ئىغۋا تەدرىجىي بېسىقىپ، توردىكى جامائەت
پىكىرىمۇ تۇراقلاشقان.
لىكىن تور ئىغۋاگەرچىلىكى
ئالدىدا، ساقچى تەرەپنىڭمۇ مۇئەييەن چەكلىمىلىكى بار. ۋەقەدىن كىيىن ئىغۋا
تارقاتقۇچىنى جەزىملەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، «ساقچى تەرەپنىڭ
نۆۋەتتە بارلىق قىلالايدىغانلىرى بولۇشى مۈمكىن». شىڭتەي ساقچى تەرەپتىن داڭلىق
بىر ئەرباپ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى چۈشەندۈرگەن: «تور ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا،
مۇنبەرلەرنى مىسالغا ئالساق ساقچى تەرەپ ئىغۋا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن
كىيىن، ماقالىنى شۇئان ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. (ئۇنداق ھوقۇق چىكى بولمايدۇ، پەقەت
مۇنبەر باشلىقى ياكى تېما يازغۇچىنى ئىزدەپ، ئىغۋا تارقاتقان ۋاقىتنى سۈرۈشتۈرۈشكە
بولىدۇ)، ساقچى تەرەپكە نېسبەتەن ئېيتقاندا، بەيدۇ مۇنبەرلىرىدىن ئىبارەت سۇپىدا
مەشغۇلات قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى لاھىيە ئۆز ۋاقتىدا پاكىتنى ئېنىقلاپ، ماقالە يوللاپ،
جاۋاپ قايتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇرۇش، شۇنداق قىلغاندا، باشلامچىلىق
قىلغۇچىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ.
5 قۇر ئىنكاسنى ئۆچۈرۈۋەتتىم.
ئارسلان مەمەتنىڭ دېگىنىدەك قىلغان تۈزۈككەن. ۋاڭيى تورىدىكى تورىدىكى تورداشلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسلىرى ئاجايىپكەن دېسە...
http://comment.news.163.com/news_shehui7_bbs/97KB066T00011229.html
بىر تورداش دەيدۇلەركى: سۇئال بەلگىسىمۇ بىخەتەر ئەمەس، ھازىر ئەڭ بىخەتەرى پەش يەنى ،،،،،،، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق... تۆت قۇر ئىنكاس تەرىرلەندى.
بولدىلا، مەن بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماي.
تۆت قۇر ئىنكاس تەرىرلەندى.
بولدىلا، مەن بۇ تېمىغا ئىنكاس يازماي.
ئىزدىنىشتىكى قېرىنداشلار، بۇ مۇنبەردە بېغىردىن زادى قانچىسى بار؟ مەن يېڭى ئەزا بولۇپ كىرگەن چاغلاردا بېغىر5 دەيدىغان بىرسى بارتى، بەزى ئىنكاسلىرىنى ئوقۇسام خۇددى يېيىشكە بولمايدىغان پاسكىنا بىر نەرسىنى يەپ سالغاندەك بوپقالاتتىم. كېيىن قارىسام بېغىرنىڭ ئارقىسىدىكى رەقەم چوڭىيىۋەردى. مانا ئەمدى توققۇزغا چىقىپتۇ. مۇشۇ پېتى چوڭىيىۋەرسە كېلەر يىل مۇشۇ كۈنگىچە…… مۇزۇ جوڭگۇغا ئائىت تىمىنى يۇللىمىساقچۇ!؟
بۇنىڭسىزمۇ بىزگە تەھلىل قىلغىلى تىما قەھەتچىلىگى كۆرۈلگىنى يۇققۇ...
جوڭگۇ ئۇلۇغ دۆلەتتۇر. بىلىپ بىلمەي خاتا گەپقىلىپ سالمايلى دەيمىنا!؟ تۇمارىس، بۇ خەۋەرنى سىز تەرجىمە قىلمىغانسىز؟ (تەرجىمە سۈپىتىگە قاراپ دەيمىنا.)