irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 08:41:52

بوغدا ئابدۇللا



بوغدا ئابدۇللا 1942-يىلى لەنجۇدا تۇغۇلغان (ئەسلى يۇرتى يېڭىسار ناھىيىسى). باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ تولۇق كۇرسىدا ئوقۇغان. 1965-يىلىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ۋە ھازىرقى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 1987-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1998-يىلى پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.


    بوغدا ئابدۇللا 37 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا، 1980-يىلى يۈننەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات، نەزەرىيە تەتقىقاتى» كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەندىن سىرت، ئىزچىل تۈردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ بۇ جەرياندا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپىرانتلارغا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «يېزىقچىلىق ئىلمى»، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆزى ئۆتۈۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پروگراممىسى» (ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن)، «يېزىقچىلىق ئوقۇتۇش پروگراممىسى» قاتارلىقلارنى تۈزۈشكە قاتناشقاندىن سىرت، «يېزىقچىلىق توغرىسىدا» (1983-يىلى) ناملىق دەرسلىكنىمۇ تۈزۈپ چىقتى. مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇ يەنە 1996-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى دەرسلىك باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن «يېزىقچىلىق ئىلمى» ناملىق دەرسلىك كىتابنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كىتاب بوغدا ئابدۇللا ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئەمەلىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، 2000-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «1999-يىللىق مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملار ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى مۇنەۋۋەر دەرسلىك»لەرنى باھالاش بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە ئۇ ئا ر ئىككىنچى نۆۋەتلىك كىتاب مۇكاپاتى بويىچە 1-دەرىجىگە ئېرىشتى.

    يېزىقچىلىق ئوقۇتۇشى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك پەن بولۇپ، بۇ ئاساسلار پۇختا بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بوغدا ئابدۇللا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ «مىللىي تۇپراق–لىرىكا»، «بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى»، «قۇرۇلما سەنئىتى»، شېئىرىيەتكە قايتىش» ، «شېئىرىي ئوبيېكت ۋە غۇۋالىق ئىچىدىكى شېئىر»، «21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق» ناملىق ئىككى توملۇق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. پروفېسسورنىڭ يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات كىتابى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

    بوغدا ئابدۇللا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىدىن بىرى. لىرىك شائىر 13 يېشىدىن باشلاپ شېئىرىيەت دۇنياسىغا كىرىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى» (1978-يىل)، «يەلكەن» (1983-يىلى)، «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل» (1988-يىلى)، «قىز قەلئەسى» (1993-يىلى)، «سالغا تېشى» (1998-يىلى) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملىرىنى نەشر قىلىندى. ئاپتورنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن «مەلىكە ئاماننىسا»، «مەريەم»، «جۇڭغار يۇلتۇزى»، «يېتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «شالدىراق گۈل»، «سالغا تېشى» قاتارلىق داستانلىرى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان. رىۋايەت تۈسىنى ئالغان «سالغا تېشى» ناملىق بۇ داستانى ھەققىدە، 1997-يىلى ئۈرۈمچىدە مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان. بۇلاردىن سىرت، بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىدىن باشقا رۇس، قازاق، ئۆزبېك تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، بۇ تىللاردا چىقىدىغان ژۇرناللاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. ئۇ، بۇ نەتىجىلىرى بىلەن 1988-يىلى 5-ئايدا جۇڭگو يازغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلدە زىيارەتتە بولغان ۋە «جۇڭگو ئەدەبىيات قامۇسى»نىڭ 2-تومىدا تونۇشتۇرۇلغان.



    بوغدا ئابدۇللا 40 يىلغا يېقىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا، بىر تىرىشچان ئوقۇتقۇچىغا ۋە ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويغان بىر شائىرغا خاس پەزىلەت بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلدى. ئۇ، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:11:20

بۇغدا مۇئەللىم ئۇزۇن ئۆمۇر يار بولسۇن . ئىسىل ئادەم .ئالى مەكتەپتە بۇغدا مۇئەللىم تۇنجى دەرسكە كىرگەندە كۆپ سانلىق ساۋاغداشلىرىم چاۋاك چېلىپ كەتسە مەن بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ھەيران قالغان ئىدىم .ھازىر ئويلىسام ئۇزەمگە شۇنداق كۇلگۇم كىلىدۇ .

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 17:44:58

14- قەۋەتتىكى rasheedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخىرىدا قاتتىق كۈلكە!!!

(بۇ يۇمۇرغا ئاشۇ شېئىرنى ياخشى ئوقۇغانلار بولسا چوقۇم كۈلىدۇ.) \"\"



ۋەھشىي يېرقنى كۆرەركەنلەرغۇ....



ئانا توقسانگە ئۇلاشتى،


كۆزلىرى خېرەلەشتى،


چاقىرماقچى بولۇپ


چاقىردۇ باشقا بېرنى...


---------


تولۇقسىزدىكى چاغلاردا ئاجايىپ ھاياجان بلەن يادلايتۇق...نە زامانلار بوپتۇ، شئېر يادلاپ باقمغلى...

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 12:12:01

مەن بۇ ئۇستازنىڭ نۇرغۇن شىئىرلىرىنى،ۋە تارىخىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانمەن،تارىخىي تەتقىقات ئەسەرلىرى خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ،ئۇستازنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 16:45:50

‹‹ئانا›› دېگەن شېئىرى بەك پەيزى!

Nopano يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 16:51:17

بۇرۇن شاىر دىگەن مۇشۇنداق دەيتىم يەنى كېيىن جاھان كېزىپ شاىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يېنىك ەمەسلىگىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم ،ۋەتەندە مېنىڭ نەزىرىمدىكى شاىر: ابدۇخالۇق ۇيگۇردۇر!!

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 17:45:16

«سالغا تېشى»دىگەن شېئىرىنى ئۇقۇپ ئۇقۇپ قانمايمەن.ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىر ئۇ.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 20:23:01

بۇغدا ئابدۇللا ئاممىباب شېئىرىيەت بىلەن يېڭى شېئىرىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا يولدا ماڭغان شائىردۇر .

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 21:04:46

ئۈچىنچى قەۋەتتىكى نوپانو ناملىق تورداش، ئىنكاسىڭىزنى دەرھال تەھرىرلىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن, باشقا سۆزنى خاتا يازسىڭىزمۇ مىللەت نامىمىزنى توغرا يازمىسىڭىز قەتئى بولمايدۇ. بىز ئۇيگۇر ئەمەس، ئۇيغۇر.

Muzakkar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 22:05:44

توقسانغا ئۇلاشتى،

قۇلىقى ئېغىرلاشتى.

.....................

تۇرغۇسى كىلەر...

ماڭغۇسىى كىلەر...

..ياش قىرانلاردەك....

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 22:30:35

بۇ ئادەمنىڭ يەنە ئۈرۈمچى شاھزادىسى دىگەن چىرايلىق نامىنى ئاڭلىغانمەن. \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:09:48

بۇرۇن مەنمۇ شېئىر يازاتتىم، بەزى شېئىرلىرىمنى ھازىر ئوقۇسام قانداق يېزىۋەتكىنىمگە ئەقلىم ھەيران.

قاچاندىن باشلاپ مۇشۇ چاچما شېئىر دېگەنلەرگە ئۇچراشتىم، شۇنىڭدىن بۇيان شېئىرنى سۆيىدىغان قەلبىمدە شېئىرنىڭ كۇرسى ئالامەت چۈشۈپ كەتتى. تا ھازىرغىچە چاچما شېئىرنى ھاياجانلانغانلار گەپ قولاشتۇرالماي تىزىپ قويىدىغان شەكىل دەپلا چۈشىنىمەن.



قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى «مەرسىيە»، «ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ؟»، «ئانىتەك ئورۇنلاردا (ئەنە شۇنداق ئورۇنلاردا)»، «تۇغقانلارنى سېغىنىش» قاتارلىق شېئىرلارنى، چاغاتايچە يېزىلغان كىلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرى، بولۇپمۇ نەۋائىينىڭ لىرىكىلىرى، بابۇرنىڭ بەشلىك ئاجايىپ غەزەللىرى...نى ئوقۇغانسېرى قانمايمەن.



ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نىمشېھىتنىڭ شېئىرلىرى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى ... شېئىر دېگەن مۇنداق بولاتتىغۇ.



ئۆمرۈمدە ياقتۇرغان ھەم ئاخىرىغىچە ئوقۇغان ئىككى چاچما شېئىر:

بىرى، ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەرشارى»، يەنە بىرى، ئابدۇلباسىت ئابدۇراخماننىڭ «ئانا» ناملىق شېئىرى.









گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،

گەپلا بولسا گەپ ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا،

ئىككى پۇتلاپ ماڭارمىش، ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ،

ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس، ئادەم سىياقى بولمىسا.

ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،

ھۆسنى بىر سۈرەت ئېرۇر، دىلنىڭ چىراقى بولمىسا.

بىر مىسال: پانۇسنى كۆر، شام-چىراقسىز يورۇماس،

نۇر چاچامدۇ شام-چىراق، پىلىك ياغى بولمىسا.



      ــــ ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر.





بىر كۆرۈپ ھەيرەتتە قالدىم ئول پەرى رۇخسارىنى،

ئىككى كۆرسەم دەپ تىلەيمەن كۆزلەرى خۇمارىنى،



ئۈچ كۆرۈپ ئالدىدا جان بەرسەم شەھىدۇ ئىشقىمەن،

تۆت كۆرۈشكەندە سالۇرلەر خەنجەرى تەييارىنى.



بەش كۆرۈشمەكلىك بىلەن يۈزىگە خالۇ جانغا دۇر،

ئالتە كۆرۈشكەندە تىلەرمەن قابىزۇل ئەرۋاھىنى.



يەتتە ئىقلىمدا سېنىڭدەك كۆرمىدىم نازۇك بەدەن،

سەككىز ئۇجماققا بەدەل قىلغايمۇ سەندەك يارىنى.



توققۇز ئاي بولدى نەۋائىي يارىدىن ئايرىلغىلى،

ئون ئىككى ئاي بىر يىل ئىچىدە كۆرمىدىم غەمخارىنى.



ـــ ئەلىشىر نەۋائىي.







تاپىلماس ھۆسن مۇلكىندە ساڭا تەڭ بىر قەمەر مەنزەر،

نە مەنزەر مەنزەرى شاھىد، نە شاھىد شاھىدى دىلبەر.



بۇ گۈن يۇسۇف جەمالىنى قىلىپتۇر ھەق ساڭا بەخشىش،

نە بەخشىش بەخشىشى دەۋلەت، نە دەۋلەت دەۋلەتى مەفخەر.



سۆزۈڭ دۇررۇ جەۋاھىردۇر كۆڭۈللەر گەنجىنە لايىق،

نە لايىق لايىقى خۇسرەۋ، نە خۇسرەۋ خۇسرەۋى كىشۋەر.



شەكەردىن تادلىدۇر خۇلقۇڭ، كەرەمدىن خاتىرىڭ مەتلەب،

نە مەتلەب مەتلەبى مەئدەن، نە مەئدەن مەئدەنى جەۋھەر.



زىھى دەۋلەتلى ئاشىقكىم، سەنىڭ بىرلە قىلۇر ئىشرەت،

نە ئىشرەت ئىشرەتى جەننەت، نە جەننەت جەننەتى كەۋسەر.



بۇ ھۇسنۇڭ شەۋقى زەۋقىندە كۆڭۈل تۇتىلارى تاپتى،

نە تاپتى تاپتى خۇش لەززەت، نە لەززەت لەززەتى شەكەر.



جەمالىڭ نەقشىنە سەيفى سەرايى باغلادى سۇرەت،

نە سۇرەت سۇرەتى ھۆسنا، نە ھۆسنا ھۆسنايى جانپەرۋەر.



   ــــ سەيفى سەرايى.





يۇقىرىقى شېئىرلارنى يادىمدا پىششىق قالغانلىرى ئاساسىدا يوللاپ قويدۇم. ھوزۇرلانغايسىلەر!







ئەمدى سىلەدىن ئۆتۈنىدىغىنىم: بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى بىر يوللىۋەتسەڭلا، ھوزۇرلانغاچ يۇقىرىقى شېئىرلار قاتارىدا يادلىۋالاي.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:52:37

چۈشۈمدە ...

چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۇل،

كۈن قوينىدا بوينىدىمىش ئاي،

ھەر تۈڭلۈككە ئۇچۇپ بارارمىش،

ھەر بىر سۇئال قويارمىش تىنماي.



گەر ئۇنتۇلسا ئانىلار مېھرى،

تاڭلا بولسا بىكۆيۈم پەرزەنت.

يۈرىكىڭلار قالمىسا يەنە،

تىلەيسىلەر نېمىنى تىترەپ..



تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات دەرسلىكىدە بار.









«سالغا تېشى » شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى نۇرغۇن قېتىملىق ئىچكى سەكرەشلەرنىڭ بىر قېتىملىىق سەمەرىسى ھەم شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ يىرىك شەكلىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان مۇنەۋۋەر لىرىك داستان. تېما نۇقتىسىدىن ئېنىق ئايرىش توغرا كەلسە ئۇنى ئەنئەنىۋى تېما تۈرلىرى بويىچە ئاددى ھالدا مەلۇم ئىجتىمائى ياكى ئەخلاقى تۇرمۇش تېمىلارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشنىڭ شائىرنىڭ بەدىئى تەپەككۈرۈدىكى چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا تولىمۇ ساددىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

شېئىر ـــــــ قەلپنىڭ ساداسى، ئىنسان روھىنىڭ تەبىئەتتىكى ئەركىن پەرۋازىدىن ئىبارەت. لېكىن ئۇ يەنىلا مۇئەييەن ئىجتىمائى تۇرمۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش دەل شېئىرنىڭ تېمىسى ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپراق، شائىرنىڭ تەپەككۈر خامىنىغا بەرىكەت، تەسەۋۋر قۇشىغا قانات ئاتا قىلغان مەنبەدىن ئىبارەت.

« سالغا تېشى » نى شائىرنىڭ بەدىئى زىمىنىغا ئۇرۇق قىلىپ چاچقان تارىم بويلىرى، تەكلىماكان ۋادىسى ۋە يىپەك يولى شائىرنىڭ بەدىئى دۇنياسىغا بىر پۈتۈن ئەتراپلىق، جانلىق تەپەككۈر بېغىشلاش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىغا زامان ـــــ ماكان چېگرالىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ئانا تارىمنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھايات ناخشىسىنى ئاڭلىيالايدىغان، تەكلىماكان تۇپرىقىغا سىڭىپ كىرىپ « شەھرى كېتىك » رىۋايىتىنى تىڭشىيالايدىغان، يىپەك يولىدا قەدىمى كارۋانلارنىڭ ئىزىدىن ئەجداتلارنىڭ جاسارىتىنى كۆرەلەيدىغان شېئىرى ھىسسىياتنى ئاتا قىلغان مەنبە دىيىشكە بولىدۇ.

« سالغا تېشى » دا يارىتىلغان بۇ پوئىتىك مەنبەنىڭ رىشتىسى شېئىردا يارىتىلغان كۆپ قاتلاملىق تېمىلار، شېرىئي ئىماگلار، ئوبرازلار، سىموۋوللار ئارقىلىق ئۇنىڭ تارىخى يىلتىزىغا شۇنچىلىك ئىچكىرىلەپ كىرگەنكى، بىز شائىرنىڭ ئۆركەشلىگەن ھىسسىيات دولقۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ئۇنڭ ئەسلى مەنبەسىنى يەنى شائىر ياراتماقچى بولغان تەبىئى مۇھىتنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولىمىز.

« سالغا تېشى » نى پەلسەپىۋىي تېمىدىكى شېئىر دىيىشكە بولىدۇ. پەلسەپىۋىي شېئىرلارمۇ لىرىكىلىق جەھەتتىن، تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئىپادىلەشتە باشقا شېئىرلار بىلەن ئوخشاش. بىر پارچە شېئىردا يارىتىلىۋاتقان « شېئىرىي مۇھىت »، «تەبىئى مۇھىت » ئوبرازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىنقىسى شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىغا مەنسۇپ بولسا، كېيىنكىسى ئوبېكتىپ دۇنياغا مۇھتاج. « سالغا تېشى » دا يارىتىلغان «شېئىرى مۇھىت » شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئىجادىيەت نىشانى بولغان بولسا، شېئىرغا «تەبىئى مۇھىت »بولغان يىلتىز پەيلوسوفلارچە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان بۇغدا ئابدۇللا تەپەككۈر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى بولغان.

شېئىر ھامان رىئاللىقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان سەنئەت. شېئىردىكى تەسەۋۋۇر ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىقىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ. «شېئىرنىڭ پەۋقۇلاددە قىممىتىمۇ شائىر ھىسسىياتىنىڭ مۇئەييەن ماددى تەنچە ئارقىلىق يارىتىلىشى، سوبېكىتنىڭ ئوبېكىتقا بولغان پائال ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا كۆرىلىدۇ ». شائىر « سالغا تېشى » دا «تارىم »، «تەكلىماكان » ۋە«يىپەك يولى» غا مەنسۇپ بولغان ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى، بۈگۈننىڭ زامانىۋى ئەپسانىلىرىنى سۆزلەپلا قويماي، ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت ئۈچۈن مۇقەددەس ھىساپلىنىغان ساختا بۇرچكارلىقنى چۆرۈپ تاشلاپ، شائىرانە ھىسسىياتىنى پەلسەپىۋىي ئىدراكىلىققا ئىگە قىلىش بىلەن ئوبېكىت ۋە سوبېكىت توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى يەككە ئۆلچەم قىلىشتىن ئىلگىرلەپ، ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى كۆپ خىل، قاتلاملىق شېئىرى ئىماگلار بىلەن ئىپادىلەپ بەردى.

شائىر « سالغا تېشى » دا كۆپ خىل ئىماگلارنى ئۇيغۇر مىللى مەدىيىتى ۋە مىللەت روھىنىڭ گۇۋاِچىلىرى سۈپۈتىدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتىنى ماددى تۈسكە ئىگە قىلسا، بۇ ئارقىلىق بىر پۈتۈن شېئىرى ئوبرازلارنى ئادىمى تۈسكە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدا كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇلغان مەنا چوڭقۇرلۇقى ۋە ئوبراز قۇرۇلمىلىرى، بەدىئى ماھارەت ۋە ئېستېتىك غايە ئۈستىدە ئىزلەندى. شۇڭا بىز « سالغا تېشى » نى ئوقۇغان چېغىمىزدا شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھەيرانلىققا چۆمىمىز. شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، روھىيەت قىرغاقلىرىغا تۇتاشقان، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاجايىپ، لېكىن غەلىتە ئەمەس بولۇپ، ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتۇرۇللىغىدىنبۆسۈپچىقىپ، ماكان – زامانسىز ئەبەدىلىككە ئىگە شېئىرى بوشلۇق يارىتالىغان. مانا بۇ بۇ شېئىرنىڭ يېڭىچە شېئىرلارغا خاس بولغان قىممىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يېڭى شېئىرىيەتنىڭ شېئىرى تەپەككۈر ئەندىزىسىدە قايتىدىن بىخ ئۇرۇپ كۆكلاۋاتقان ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىگە تۇتىشىدىغان پەقەت شېئىرىيەت مىللىتىگىلا خاس بولغان«شېئىرىيەت كارىدورى».

يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىر شېئىردا كۆپ خىل ئىماگلارنىڭ يارىتىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. « سالغا تېشى » دا دەل مۇشۇنداق كۆپ خىل ئىماگلار قاتارى كىتاپخانلارغا ناھايىتى كەڭ بولغان تەسەۋۋۇر بوشلۇقى قالدۇرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللا ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ قىسمەتلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن تارىخ ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگىنىدە ۋە ئۇنى چۈشەنگىنىدە، ئۇلارنى يەككە قاتلاملىق ئوبراز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن بەلكى ماھىرلىق بىلەن «تارىم »، «تەكلىماكان » ۋە « يىپەك يولى » بىلەن سىموۋول قىلىنغان ئۆز خەلقىنىڭ تارىختىكى ئورنى، مىللەتنىڭ روھى دۇنياسى، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى، تەقدىرى ۋە كۈرەشلىرىنى يۇلغۇن، چۆل، مۇقەددەس دەرەخ، قۇملۇق، توغراق، ئادەم، تۆگە، ئارخولوگىيەلىك تېپىلمىلار، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلار نىڭ ئوخشاشمىغان ماسلىق ۋە سېلىشتۇرما ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەقدىرنىڭ «سالغا تېشى» غا ئوخشاش چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىگە تاشلانغان لېكىن ھاياتقا بولغان مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن توغراققا ئوخشاش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلىرىدىكى مەدەنىيەت تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارغىمۇ ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، ئۆزىگە خاس ئىندۇۋىدۇئاللىق بىلەن دۇنياۋى خاراكتىرلىك مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى تىكلەپ ، كۆپ مەنبەلىك ئۆزگىچە مەدەنىيەتنىڭ خوجايىنلىرىغا ئايلانغان مىللىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە مىللەتنىڭ روھى كەچمىشلىرىنىڭ يىلتىزىغا يەتمەكچى بولىدۇ.

پۈتۈن داستان يەتتە تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى بۆلەكتە يۇلغۇندىن ئىبارەت سىموۋۇللۇق ئوبراز بىزنى شائىرنىڭ ئۆزگىچە بولغان بەدىئى دۇنياسىغا باشلاپ ماڭىدۇ. يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىبولۇپ، زامان ( تارىخ ) نىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن، ماكان ( چۆللۈك ) نىڭ بوران – چاپقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا تىز پۈككەن. ھاياتلىق زەنجىرىدىكى رەھىمسىز شاللاش ۋە تاللاشلارغىچە شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي دىققىتىدىن چۈشۈپ قالمىغان. يۇلغۇننىڭ ھاياتى كۈچى خۇددى نېل ۋە دونايغا ئوخشاش ھاياتلىقنىڭ ياشاشتىكى ئىنتىلىش كۈچىگە تەققاسلانغان بولۇپ، نېل، دوناي، پرومىتى، ئۇرۇق قاتارلىقلار بۇ خىل ھاياتى كۈچكە ماس سېلۇشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەتتا تەبىئەتنىڭ ئەركىسى بولغان دىنوزوۋۇرمۇ زامان – ماكاننىڭ شاللاشلىرى ئالدىدا ئامالسىز. مانا بۇ خىل ماسلىق قانۇيىتىگە ۋە كۈچلۈك سېلۇشتۇرما بولالايدىغان ھاياتلىق كىرىزىسىگە شائىرنىڭ لىرىك تەسەۋۋۇرى خۇددى قىزىل يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن مارجانغا ئوخشاش ئۇلىنىپ كېلىدۇ.



تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا،

ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.

شائىرنىڭ تەپەككۈرى تەبىئەت ياكى چۆل ھەققىدىكى بايانلارلا ئەمەس، يۇقىرىقى ئىككى مىسرادا شائىرنىڭ سىموۋول دۇنياسى ھاياتلىق ۋە ياشاشىنى مەركەز قىلغان پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتكە تۇتىشىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى پۈتكۈل تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ ئەسىرلىك كۈرەشلىرى جەريانىدا شەكىللەنگەن ھاياتلىق ۋە بەرباتلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى دۇنياقاراشنى مەركەز قىلغان چوڭقۇر قاتلاملىق تەپەككۈر بولۇپ، شېئىرنىڭ تېمىسىنى دۇنياۋى كەڭلىككە، شېئىرىي مەزمۇنلارنى پەلسەپىۋىي مەنبەلەرگە تۇتاشتۇرۇدۇ.

ئىككىنچى بۆلەكتە، شائىر تەپەككۈرىنى دۇنياۋى كەڭلىكتىن مىللىلىككە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مۇقەددەس دەرەخ، تۇغ – شادا، قۇملۇق، داپ، تاش ئۆڭكۈرلەر، مىڭ ئۆي قاتارلىق شېئىرى ئىماگلار تەسەۋۇرىمىزغا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ مۇھىم مەيدانلىرىنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت ئىقلىمىغا باشلاپ كىرىدۇ.

مۇقەدەس دەرەخقە چېگىلگەن لاتا،

...............................................

    قايتار ئادەملەر تۇغ – شادىغا،

         ................................................

شېئىردىكى مىللى فولكلۇرلۇق مەدەنىيەتنىڭ سىموۋۇللىرى بولغان ئىماگلاردىن قەدىمكى زامان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئانىمىزىم ۋە ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھچىلىقىغا مەنسۇپ بولغان ساددا ماتىرىيالىستىك ھايات ۋە دۇنيا قارىشىنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل دۇنياقاراشلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدىلا دۇنياغا كەلگەن تەبىئەت روھلىرى، ئىنسان روھلىرى ۋە كېيىنكى قەھرىمانلىق روھلىرىغا سېغىنىش ھەم بىلىش تارىخىدىكى ساددا قاراشلىرىنى سېستىمىلاشتۇرۇپ پەلسەپەۋى تۆت زات قارىشىنى بەرپا قىلىشىغىچە شۇنداقلا ئۇلارنى گۈزەل غايىۋى روھ غايىلىرى بىلەن بېزىشىگىچە بولغان روھىيەت كەچمىشلىرى تەسەۋۋۇرىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ ئاجايىپ كەڭرى شېئىرىي مۇھىتنى ھاسىل قىلىدۇ.

       ..............................................

روھ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا .

..............................................

ئاقار قۇملۇق لايلانماي پاكىز.

قاتارلىق شېئىرى جۈملىلەردىكى قۇملۇق ئىماگى شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ھەم تۇپراقنىڭ ھەم سۇنىڭ ئوبرازى بولۇپ، يۇيۇلۇش، ئېقىش پېئىللىرى بىلەن ھەركەتلىنىۋاتقان شېئىرى ئىماگ(قۇملۇق ) بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ ماددى قانۇنىيەتلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشىغا شائىرانە تەسەۋۋۇر بەخش ئەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شېئىرى مۇھىت ئوبېكتى بولۇۋاتقان چۆللۈك مۇھىتىغا جان ئاتا قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇپراق، سۇ، ئوت ۋە ھاۋادىن ئىبارەت تۆت زات قارىشىنىڭ شېئىردا تولۇق ئوتتۇرۇغا قويۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ شائىر تەپەككۈرىگە پەيلوسوفلارچە چوڭقۇرلۇق بېغىشلايدۇ.

ئۈچىنچى بۆلەكتە، شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان ماددى ۋە مەنئىۋى بايلىقلىرىنىڭ ھەقلىق ۋارىسى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، گۈزەل شېئىرى ئوبراز ۋە ئىماگلار سېستىمىسىدا بۇنى پۈتۈن ئالەمگە جاكالايدۇ. مۇقام، قاراقۇرۇم، ئىدىقۇت، خان سارايلىرى، ئىبادەتخانا، ئالتۇن مەبۇد، ئالتۇن چىراق، ئۇرخۇن، تارىم، تەڭرىتېغى، بۆشۈك، مەھمۇت، يۈسۈپلەر ۋە بۇلاردا ئىپادىلەنگەن روھ يەنىلا مىللى – ئىتنىك – فولكلور شەكىللىك مەدەنىيەتتە ئىپادىلەنگەن، ئومۇمى ئىنسانىيەتكە تەۋە بولغان مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ ھەرگىزمۇ شېئىر تېمىسىنىڭ تارايغانلىقى ئەمەس بەلكى داستاننىڭ مىللىلىككە، شائىر قەلبىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىككە تويۇنغان ھالىتىنى نامايەن قىلىدۇ.

داستاننىڭ تۆتىنچى بۆلىكى شائىر تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، رىۋايەت بىلەن ئووتتۇرىغا قويولغان شېئىرى تراگېدىيە شائىرنىڭ تەپەككۈرىدە قەدىم بىلەن كېيىنكى ئەسىرلەرنى، ئەجدات بىلەن ئەۋلاتنى ئۇلايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ساددا ھايات ۋە تەبىئەت قاراشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇيدىغان بىر پەللە سۈپىتىدە نامايەن قىلىنغان. ئوبېكتىپ ئۆزلۈك قىممەتنى تونۇش باشقىلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە كۈچىيىدۇ. دىمەك، پاجىئە ۋاستە بولىدۇ. « كېتىك شەھىرىنىڭ قۇمغا غەرق بولىشى » تەكلىماكان تراگىدىيەسىنىڭ بىر قىسمىلا خالاس. شائىر سەنئەتكار سۈپۈتىدە بۇ خىل تراگىدىيەنى ئېستېتىك قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش بىلەن پەلسەپىۋىي تەپەككۈرگە تايىنىپ تراگېدىيەنىڭ مەھەللىۋىي – مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىدۇ.

      سۇ ئىلاھى قۇدرەت كۈچىنى

كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان .

داستاننىڭ ئالدىنقى بۆلەكلىرىدە تەكلىماكان ۋە چۆل روھىنى تەسۋىرلىگەندە ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ قۇرغاق مۇھىتى بىلەن ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە بولۇپ، شائىرنىڭ شائىرانە تەسەۋۋۇرىغا زادىلا بېقىنمىغان سۇ ئوبرازى بۇ بۆلەكتە رەسمى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۆللۈكتە قەدىمدىن بۇيان سۇ مەسىلىسى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىر داستاندا بۇ مەسىلىنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ياكى لىرىكىدىن ئايرىلغان ئىپىكىلىق بايان شەكلىدە ئوتتۇرۇغا قويماي بەلكى شېئىردا ھىسسىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغان. شېئىردىن كۆرىمىزكى شائىر داستاندا مۇھىتنىمۇ يازغان، لىرىكىغىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا پەلسەپىۋى شېئىرلاردا شېئىرى شەكىل ئارقىلىق پەلسەپىۋىي قاراشلار سۆزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا. پەلسەپىۋىي شېئىرلارنىڭ ماھىيىتى--- كۈچلۈك لىرىكا ئىچىگە چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھىكمەتلەر سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ. « سالغا تېشى» دەل مانا مۇشۇنداق ئىجادىيەت مۇددىئاسى ئورۇندالغان مۇنەۋۋەر داستان.

      قۇم چېچىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە،

تۆگە يەنە بىر سالغا تېشى،

بۇ يەر ئۈچۈن چۈشىشى،

بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىشى،

ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى،

چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى.

داستاننىڭ بېشىدا چۆل ۋە ئىنسان تەقدىرى سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنغان بولسا، داستاننىڭ 5 – بۆلىكىدە تۆگە سالغا تېشىغا سىموۋۇل قىلىنىپ، شائىرنىڭ تەقدىر قارىشىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتىرىدۇ. شائىرنىڭ تەپەككۈرىدىكى تەقدىر قارىشى تاللاشتا ئەمەس، —— ياشاشتا؛ تىز پۈكۈشتە ئەمەس، ـــــــ باتۇرلۇقتا؛ غاپىللىقتا ئەمەس ــــــ ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ھايات پەلسەپەسىنى پەقەت چۆل خەلقىنىڭ تەبىئەت بىلەن بىرلەشكەن ئوبراز ئىدىئالى ــــــ دەشتتىن تۆرەلگەن تۆگە ئوبرازى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

رىۋايەتلەر ئارقىلىق يىراق تارىخ ۋە ئۇنى ياراتقۇچىلارنىڭ روھى كەچمىشلىرىنى سەكرەتمە شەكلىدىكى شېئىرى بوشلۇقلۇقلارغا، تاشقى شەكىل ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا ئىچكى رېتىمدارلىققا ئىگە قىلىنىشى داستاننىڭ ناھايىتى چوڭ مۇۋاپىقىيىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شائىرنىڭ تۆگە ھەققىدىكى رىۋايىتى يەنىلا ئىنسان ۋە ئىنسان روھىغا ئىچكىرىلەش ئۈچۈن. ئۆتمۈشنىڭ شانۇ – شەۋكىتى، تارىخنىڭ سەلتەنىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنىلا روھلار كەچمىشى، روھلار نامايىشى، روھلار تاللىشى. شائىر ئەجداتلارنىڭ ھاياتلىق سەپىرىدىكى يارىتىش ۋە يوقۇتۇش، ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىشلەرنى لىرىكىلىق مۇھاكىمىگە تاپشۇرۇپ، روھنى بارلىق ماددى ۋە ئىجتىمائى جەريانلارنىڭ نېگىزىنى ئېنىقلاشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە:

       بىز ئىنسان، بىز كىبىر ئىچىدە،

      روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ.

دەپ تەسۋىرلىسە، ئارقىدىنلا ئەجداتلارنىڭ ھەر بىر روھى پارلاقلىقىنى پەخىرلىنىش بىلەن ئەسكە ئالىدۇ:

               ئۇ بۈگۈنگە ئايلانغان قەدىم،

يىراق دېڭىزغىچە بارغان، راست.

يېرىم ئۇخلاق ياۋروپاغا،

يىپەك يېپىندۇرغان، راست.

بۇشېئىرىي جۈملىلەر بىزنى زوقلاندۇرىدۇ،تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ خۇددى داراپېر ئېيتقان« ئەگەر ياۋروپا ئىدىيىلىرى باكتىرىيە ئارقىلىق يىراق شەرققە تارقالغان دەيدىكەنمىز، ئوخشاشلا ئاسىيا چۈشەنچىلىرى ئاشۇ قانال ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقالغان » دىگەن سۆزنىڭ شائىرنىڭ شېئىرىي ھىسسىياتى بىلەن تويۇنۇپ، لىرىكىلىق شەكىلدە شېئىرىي تۈستە ئىپادىلىنىشىدەك كۆرىنىدۇ. لېكىن شېئىرنىڭ بىزنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىشى يىپەك يولىنىڭ ئىللىنىزىملىق مەدەنىيەت ھادىسىسىدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچانلىق ئورنىىغا بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەتنىڭ شائىرنىڭ ھىسسىيات بۇلىقىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقانلىقى، شېئىردىكى ئىماگ، سىموۋۇل، مەنئىۋى مۇھىتلار بىلەن بىرلىشىپ بىزنى بۇ خىل ھىسسىياتنى ھىس قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

كۆپ خىل ۋە قاتلاملىق ئىماگلارنىڭ يارىتىلغانلىقى «سالغا تېشى » نىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى. ھەرقانداق شېئىردا ئىماگ بولىدۇ، گەپ ئىماگنىڭ چوڭقۇر يارىتىلغان ياكى يارىتىلماسلىقىدا. داستاننىڭ 6 – بۆلىكىدە بىزنى شېئىرنىڭ مەنە قاتلىمىغا باشلاپ مېڭىۋاتقان شېئىرى كۈچنىڭ شائىرنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىدا مەلۇم خىل يۈكسەكلىكلەرگە، زاماننىڭ قىسمىتى، ماكان ( ۋەتەن ) نىڭ قىممىتىگە تەڭداش بولۇپ كېلىۋاتقان ئىماگلار قاتارى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

ئابىھايات تامغان توغراقلارغا

مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ،

مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يېتىپ،

مىڭ يىل ياشايدۇ قىغى، تۆرىلىپ ....

توغراق، توغراق يېشىل روھمىكىن،

            لەيلەشلىرى كۆركەم ۋە نازۇك.

شېئىردىكى توغراق ۋە باشقا ئىماگلار ئاساسەن تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىنغان ئىماگلار بولۇپ، ئۇلار مۇستەقىل ئوبېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسان مەۋجۇتلىقىغا تايىنىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ ياكى ئادەملەرنىڭ خوشاللىق – قايغۇلىرى ئۇلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ. بىراق بۇ ئىماگلار بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئېستېتېك تەجرىبىسى ۋە مەنئىۋىي پەزىلەت سۈپىتىنىڭ تەسىرىدە چۆللۈك ۋە چۆل ئادەملىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ھاياتىي قۇۋۋىتى ۋە مەنئىۋى قۇدرىتىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلىنىدۇ.                                          

داستاننىڭ بۇ بۆلىكىنى شېئىرنىڭ ئەۋجى قىسمى دىيىش مۈمكىن. چۈنكى شائىر بۇ بۆلەكتە چۆللۈك ھەققىدە، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، قىسمىتى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت روھى، قەھرىمانلىق قاراشلىرى ۋە باشقىلار توغرىسىدا باشقا بۆلەكلەردىكىدەك ئۈزۈك زامان ھالىتىدە ئوتتۇرىغا قويماستىن، بىر پۈتۈنلۈكتە ئىپادىلەيدۇ. شېئىردىكى پەلسەپىۋىي تۈس بارغانچە قېنىقلىشىپ، شائىرنىڭ ھىسسىياتىغا مەنبە بولۇۋاتقان مىللى مەدەنىيەتنىڭ ماددى ۋە روھى تارىخى قىياپەتلىرى گۈزەل لىرىكىلىق ئوبرازلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

داستاننىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە شائىرنىڭ توختىماي يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان لىرىك ھىسسىياتى قېنىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن شېئىردا ئىزچىللىقا ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان شېئىرى كەيپىيات، شېئىرى مۇھىت يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىخچام، شېئىرى بوشلۇقلارغا ئىگە شېئىرىي جۈملىلەر شائىرنىڭ تېخى بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقان تەكلىماكان، تارىم ۋە مىللەتنىڭ كەچمىشلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلىرى تېخى ئاخىرلاشمىغاندەك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ...

سىموۋول «سالغا تېشى » داستانىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرنىڭ بىرى. «سالغا تېشى» داستاننىڭ ماۋزۇسى ۋە داستاندىكى سىموۋۇل ئاساسى بولۇپ، ئۇ داستاندا شائىرنىڭ پۈتۈن ئالەم ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ئومۇمى قاراشلاردىن چۆل ۋە ئىنسان ھەققىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرگە بۇرۇلىشىدىكى سىموۋۇللۇق ئوبراز بولغان.

         تەقدىرنىڭ سالغا تېشىغا،

         ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.

    ئۇنىڭدا بار يارىلىش، ئۇدۇم،

كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان.

داستاندا «سالغا تېشى» تەڭداش ھالدا چۆل ھەم ئىنساننىڭ سىموۋۇللۇق ئوبرازى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۈرىدىكى بۇ خىل تەسەۋۋۇر تەبىئەت ۋە ئىنساننىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىنىڭ گارمونىيىلىك ھالدا ئېچىپ بېرىلىشى بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرى تەپەككۈرى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىۋاتقان مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىل مەنبەلىك ھەم شۇنداقلا مىللىلىككە تويۇنغانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. شۇنى كېسىپ ئوتتۇرىغا قويۇش مۈمكىنكى، « سالغا تېشى » داستانى ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت تۈسىگە ۋە مىللىي روھ مەزمۇنىغا ئىگە بولغانلىقىنى جاكالىدى. داستاندىكى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھ ماكان ۋە زاماننىڭ تەرەققىيات تارىخى جەريانى ۋە ئۇنىڭ كېسىشمىسى، يۇغۇرۇلمىسى ئارقىلىق «تەكلىماكان» مەدەنىيىتىنىڭ بەدىئى مەنزىرىسىنى نامايەن قىلىدۇ. داستاندا ئۆتمۈشنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلىرى ۋە«تەكلىماكان» ئادەملىرى ياراتقان مەدەنىيەت سەمەرىلىرى ئۆزارا گىرەلىشىپ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلسا، بۇ مەدەنىيەت تارىخىغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئىشەنچ، ئۇدۇم، ئېتىقادى شۇنداقلا تاللاش ۋە شاللاشلاشلىرى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى مەردانە، ئوچۇق – يورۇق شۇنداقلا قىزغىن، ئۈمۈتۋار كەيپىياتنى تەبىئى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. داستاندا يۇقىرىقى ئىككى تەرەپ ھەرگىزمۇ بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلمىگەن بولۇپ، بىر- بىرى بىلەن يۈكسەك ئىچكى جىپسىلىققا ئىگە قىلىنىپ تويۇنغان خاراكتېر گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدۇ.

چۆل بىلەن ئىنسان ئوبرازىنىڭ داستاندا جىپسىلىشىپ كېلىشى، تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى، چۆل بوستانلىقلىرى، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريالىرى شۇنداقلا ئۇلارغا باغلانغان ئىنسانلار توپىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە شېئرىي ئوبرازغا ئايلانغان مۇجەسسىمى. داستاندىكى ئۆتمۈش مەنزىرىلىرى ۋە رىۋايەتلىرى، ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىلمۇ – خىل شېئىرىي ئوبراز ۋە ئىماگلار ئارقىلىق ناھايىتى گۈزەل شېئىرىي مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ خىل شېئىرىي مۇھىت ئوقۇرمەننى قەيسەر، مەردانە شۇنداقلا ھاياجانلىق روھىي ھالەتتە يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، بۇ خىل يۈكسەكلىكنىڭ تەسىرىدە «سالغا تېشى» داستانىنىڭ ئىپتىدائى مەنزىرىلەر، ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ۋە ياكى ئاللىقانداق مەدەنىيەت سەمەرىلىرى، ئېتىقات، ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئەمەس بەلكى مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي تىندىنسىيەلىك روھى ھالىتىنى ئېچىپ بېرىشكە بېغىشلانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. مانا بۇ مىللىتىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق روھىي خاراكتېرى بولۇپ، ئۇ كۈندۈلۈك كۈلتۈر ئادەتلىرىمىز، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق تارىخ ۋە كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ.

تەكلىماكاننىڭ قۇرغاق مۇھىتى چۆل ئادەملىرىنىڭ جىسمانى قۇدرىتىنى تاۋلاش بىلەن روھ – ئىدراكىنى پاكىزلىغان، يەرلىك مىللىي مەدەنىيەت بىلەن كىرمە مەدەنىيەتلەرنى يۇغۇرۇپ ئۆزگىچە تەكلىماكان مەدەنىيىتىنى ياراتقان. چۆل بوستانلىقلىرى بۇ يەردىكىلەرگە ئىدراك ۋە ھىسسىيات ئاتا قىلغان، ئۆزلۈك ۋە ئۆملۈكنى، تەبىئەتنى سۆيۈشنى ئۈگەتكەن. تەكلىماكاندىكى دەريالارنىڭ ئانا تۇپراقتىن باشلىنىپ، يەنىلا ئۈن – تىنسىز ئانا تۇپراققا سىڭىپ كېتىشى تەكلىماكانلىقلارغا سەۋرى-تاقەت، جاسارەت، باتۇرلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تونۇتقان. مانا بۇلار «سالغا تېشى»داستانىنىڭ سىموۋۇللۇق مەنىسى.

داستان كىلاسسىك داستانچىلىقىمىزدىن كەسكىن پەرقلەنگەن. شائىرنىڭ ئىستىلى ھەققىدە يەنە شۇلارنى دىيىش مۈمكىن؛ شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ داستاندا ئۇزۇن يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە شەكىللەندۈرگەن لىرىكا ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغان. داستان پۈتۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە روھىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، ئېپىكىنى ئەمەس لىرىكىنى ئاساس قىلغان. ئەنئەنىۋىي ئىجتىمائى ئەخلاق تېمىسى ئەمەس، چاغداش دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئۆزلۈك ھەققىدە، مەدەنىيەت ھەققىدە ئزدىنىش ئاساسى لىنىيە قىلىنغان. شائىرنىڭ پىكرى چاقماقتەك تېز، ئۆزگىرىشچان، ھاياجانلىق بولۇپ، ئېستېتىك جەھەتتىن يۈكسەكلىك ۋە تراگېدىيە بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ شائىرنىڭ شېئىرىي ئىندۇۋىدۇئاللىقى ھەم شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشىغا تولۇق ئىمكانىيەت ياراتقان.   

قىسقىسى، «سالغا تېشى» مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مىللەتنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ئىچكى ئىجادىيەت مەنبەسى قىلغان. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خاس بولغان ھاياتلىق ۋە مەدەنىيەت روھى بىلەن مىللەتنىڭ مىللى- ئىتنىك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ كېسىشمىسىدە ھاياتلىق ھەقىقەتلىرى ۋە روھى ھەققىدە ئىزلىنىلگەن. شېئىرىيەت نۇقتىسىدىن كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئىنسان روھىنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ يېڭى شېئىرىيىتىمىزدىكى نادىر ئۈلگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شېئىرى شەكىل، شېئىرى ئوبراز، شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي تىل، بەدىئى غايە قاتارلىق جەھەتلەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى بىر بەدىئى دۇنياسىنى بەرپا قىلغان.

«سالغا تېشى» ئالدىنقى ئەسىردىن يېڭى ئەسىرگە قارىتىپ ئېتىلغان. ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ بەدىئى سېپىللىرىدىن قاڭقىپ چىقالىدى. ئىشىنىمىزكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيەسى بارغانچە كۈچىيىدۇ . چۈنكى « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ » .



پايدىلانغان ماتىرىياللار :

1. بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما (1) «شېئىرىيەتتىكى بوشلۇق » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004 –يىلى 8 – ئاي 1- نەشرى.

2. بۇغدا ئابدۇللا ئەسەرلىرىدىن تاللانما ( 2) «كومزەك كۆتۈرگەن قىز » شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004–يىلى 8 – ئاي 1- نەشرى.            

3. « قەشقەردىكى يەر شارى » ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 12 – ئاي 1 – نەشرى.

4. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن《 ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى》، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997 – يىل 8 – ئاي 1 – نەشرى.

5. بۇغدا ئابدۇللا « شېئىر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ »،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى   2002 –يىلى 10– ئاي 1- نەشرى.                                       

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 12:32:12

ئۇستاز بوغدا ئابدۇللا بىلەن قۇرداش شائىرلار ساناقلىقلا قالدى. ئۇلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 23:17:17

10-قەۋەتتىكى باغۋەننىڭ ئىنكاسىدىكى ماقالە، ئابدۇسالام شۈكۈر نوھ ئەپەندىنىڭ، بۇ ماقالە شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى، 2005-يىلى 4- ساندا ئېلان قىلىنغان،مۇنبەردىشىمنىڭ ئاپتورنى ئەسكەرتىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 23:19:00

يەنە ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ تۈۋەندىكى ماقالىسىمۇ بۇغدا ئابدۇللا ئەپەندى ئۈچۈن يوللانغان بۇ تېمىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ دەپ قاراپ يوللاپ قويدۇم.





بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئۆزلىكى



ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ



) بۇ ماقالە « تارىم » ژورنىلىنىڭ 2010- يىلى 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان )





شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئۆزىنىڭ 55 يىللىق شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇكەممەللىككە ۋە ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 - يىللاردا يېزىلغان قوشاق شەكلىدىكى بالىلار شېئىرلىرى ۋە كۈچلۈك رومانتىزىملىق ئىدىيە سىڭدۈرۈلگەن داستانلىرى بىلەن، كېيىنكى مەزگىللەردە يېزىلغان چوڭقۇر شېئىرىي ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنىڭ يۇغۇرىلمىسى بولغان لىرىك شېئىرلىرى، مىللى كۈلتۈر ئېڭى بىلەن سۇغىرىلغان داستانلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق ۋە ھالقىش شەكىللەندى.

شېئىر ئىجادىيىتى بىر خىل بىلىش، ھىسسىيات، مەنا بىرلەشكەن ناھايىتى مۇرەككەپ مەنئىۋىي پائالىيەت، ئۇ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي تەجرىبىلىرى ئۆزارا بىرلىشىپ كەتكەن « چۈشىنىشكىلا بولىدىغان، سۆزلەپ ئۇقتۇرغىلى بولمايدىغان» ئوبرازلىق تەپەككۈر پائالىيىتى. شېئىرنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى شائىرنىڭ ئىندۇۋىئاللىقى ۋە ھىسسىياتنىڭ ئومۇمىلىق، ئونۋېرساللىققا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت. بىر پارچە ياخشى شېئىر شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپلا قالماستىن يەنە شائىرلىق مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى بىلدۈرۈش ۋە قايتا تەكرارلىماسلىقتا كۆرىلىدۇ. شائىر ئەمگىگىنىڭ قىممىتى، ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنى، ئىجتىمائىلىقتىكى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چوڭ نۇقتىدىن ئېيتقاندا شائىرنىڭ ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە ئەسەر ياراتقان ياراتمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، كانت ئىندۇۋۇداللىقنى ئىجادىيەت سوبېكتىنىڭ \" بىرىنچى ئالاھىدىلىكى\" دەپ قارىغان. ئىندۇۋىدۇئاللىق ئىجادىيەت خاسلىقىغا تەڭ ئەمەس، بىراق بىر روشەن ئىجادىيەت خاسلىقىغا ئىگە شائىرنىڭ ئەسىرى چوقۇم ئىندۇۋىدۇئاللىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئىجادىيەت خاسلىقىنى بايقاش ۋە شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىقى شائىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە\" ئۆزلۈك\"ىنى تېپىشىدىن ئىبارەت.

شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى شائىر ئۆزلىكىنىڭ ئېچىلىشىدىن ئىبارەت. بۇغدا ئابدۇللا زامانىمىزدىكى ساناقلىق لىرىك شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ لىرىك شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت يولى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرى ئالاھىدە خاسلىققا ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.

لىرىك شېئىرلارنىڭ تېمىسى ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى دۇنياسى تەرەپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لىرىك شېئىرلار ئىچكى مايىللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەمىشە شائىرنىڭ ئىچكى مەنئىۋىي سۈپەتلىرىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. شائىرنىڭ ئەمگىگى، ئاساسلىقى تۇرمۇشنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى ئوبرازلارنى ئەكس ئەتتۈرۈش، مەسىلە ئۇ دىققەت قىلغان مول مەزمۇنلۇق كونكىرتنى تۇرمۇشنى شائىرنىڭ قەلبى ۋە روھىغا ئايلاندۇرۇش، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،شائىرنىڭ ھىس تۇيغۇسى ۋە ھالىتىنى كىتاپخاننىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.

شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسىنى خۇددى باشقا شائىرلارغا ئوخشاشلا كونكېرتنى تۇرمۇش زىمىنىدىن ئالىدۇ، شۇڭا بۇغدا ئابدۇللامۇ ئىجادىيىتىدە تۇرمۇشنىڭ ئوبېكتىپ كۆرۈنۈشلىرىنى قايتا ئىپادىلەشتىن، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى سوبېكتىپلىققا، قەلبلەشكەن كورۈنۈشلەرگە ئىگە قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن شائىر. شائىرنىڭ 50- 60 – يىللاردا يازغان نۇرغۇن شېئىرلىرى ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئىپادىلەش باسقۇچىدىن ئېشىپ كېتەلمىگەن شېئىرلار بولۇپ، شائىرنىڭ يېشى ۋە شائىرلىق ئېڭىدىكى چەكلىمىلىك، شۇنداقلا شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدىكى مەشق باسقۇچى بۇ شېئىرلار ھەققىدە ئايرىم باھا قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ شائىر بۇ مەزگىللەردە ئۆسمۈر شائىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلارچە ساددىلىق ۋە گۈزەللىككە ئىگە شېئىر- داستانلىرى ئارقىلىق بالىلار ئەدەبىياتىمىزنى بېيىتقان، جۈملىدىن « چىك – چىك » قا ئوخشاش بالىلار شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇغدا ئابدۇللانى شېئىرىيەت ئېڭىدا ناھايىتى تېزلىك بىلەن ھالقىش ھاسىل قىلغان شائىر دىيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60 – يىللىرى شېئىرىيىتىمىزدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ۋە قۇرۇلۇشقا ماس بولغان كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ ۋە مېلودىيە تەلەپ قىلىنغان ، شېئىرلارنىڭ قېلىپى « مەدھىيە ناخشىلىرى » دىنلا ئىبارەت بولۇپ، شېئىرنىڭ ئوبېكتىپ كۈرەش تېمىلىرى ۋە جەڭگىۋار تۇرمۇش كۆرۈنىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشى ناھايىتى تەس ئىدى. بۇ مەزگىللەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك تۈسى ۋە تەسىرىدىن كۆرە، سىياسىي تۈسى ۋە مەدەنىيەت رولى تەكىتلەنگەن يىللار ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ 1964 – يىلى يازغان « چوغ » ناملىق شېئىرى بۇغدا ئابدۇللانىڭ شائىرلىق كىملىكىنىڭ ئۆسمۈر شائىردىن ئۈمۈتلىك ياش شائىرغا ئايلانغانلىقى شۇنداقلا شېئىرىيەت ئېڭىدا شېئىرنىڭ مەدەنىيەت رولىنى ئەمەس بەلكى ئېستېتىك قىممىتىنى قوغلىشىدىغان شائىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

« چوغ » شېئىرى يالغۇز بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرىيەت يولىدىكى شەخسىي كىملىكىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنى دەۋر قىلىپ بارلىققا كەلگەن « گۇڭگا شېئىرىيەت » ھادىسىسىنىڭ ئېستتېتىك مەنزىلىنىڭ بىر ئۇيغۇر شائىرى ئىجادىيىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلىرى سۈپىتىدە مەزكۇر ھادىسىسىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىزچىللىقى مەسىلىسىنى كۈزىتىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. « چوغ »ناملىق بۇ شېئىرنىڭ تېمىسى مەلۇم سىياسىي ياكى ئىجتىمائى تېمىنى ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسىنى ئاساس قىلغان، سوبېكتىپلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ماكان، زامان ئۇقۇملىرى ئېنىق ئەمەس، كىتاپخان شېئىردا يارىتىلغان « چوغ »، « قىز » قاتارلىق ئىماگلارنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆزىگە خاس شېئىرىي مۇھىتنى يارىتىدۇ. شېئىر ئۈچ تەبىئى بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قارىماققا يەككە مۇستەقىللىققا ئىگىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەر بىر بۆلەكلەر ئارىسدا قالدۇرۇلغان مەنا بوشلۇقى شېئىرىي پىكىرنى يەنىلا كۈچلۈك ئىچكى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىدۇ. شېئىرنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى بۆلەكلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئاساسىدا تەشكىللەنگەن، شائىرنىڭ ئىچكى سېزىمى بويىچە تىزىلغان ئۇزۇن قىسقا مىسرالار بىردە ئەۋجىگە كۆتىرىلىپ، بىردە پەسىيىپ، كىتاپخان ھىسسىياتىنى شائىر ھىسسىياتىغا ئەگەشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى بۆلەكتە «ھە راست / كۆيگەن ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولماس » مىسرالىرى لىرىك ھىسسىيات ۋە پەلسەپىۋىي تەپەككۈرنىڭ جانلىق يۇغۇرىلىشى ئارقىلىق كىتاپخان قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ « چوغ » شېئىرىدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە بۇ شېئىردا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللە بەزىدە ئاشكارە بەزىدە يوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ كەلدى. 1980 – يىللىرىغىچە يېزىلغان « دېڭىز »، « تەر »، « قەبرىستان »، « ئىلى يولى »، « ئاينى ئوينىتىپ »، « ۋەتەن قوشىقى » قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلاردا يەنىلا ئەنئەنىۋىي سەۋەپ نەتىجىلىك شېئىرىيەت قېلىپى مەلۇم دەرىجىدە تەكرارلاندى. 1974 – يىلى يېزىلغان « موللاتوختىيۈزىدە» شەكىل ۋە بەدىئىي تەشكىللەش نۇقتىسىدىن « چوغ » شېئىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يانداشتى.

بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى \"ئۆزلۈك\"نى تېپىش ئاسان ئەمەس، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشمۇ ئاسان ئەمەس. شائىر ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپلا قالماستىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجادىيەت خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرىشى لازىم. بەلگىلىك خاسلىقنىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە بەلگىلىك يېتەرسىزلىكى بولىدۇ، بىر شائىر دەل بىر خىل چەكلىمە. ئەگەر شائىر ئىجادىيەت داۋامىدا دائىم تەڭشەش، بۆسۈش، تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئۆز ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن، ئاسانلا ئۆز كەمچىلىكى زورىيىپ، كېڭىيىپ ئاخىرىدا خاسلىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئىجادىيەتتىكى يامان ئۆسمىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزى شائىرلارنىڭ سوبېكتىپ ئېڭى بەك كۈچلۈك بولغاچقا بۇ خىل پىسخىك ھالەتنىڭ بەلگىلەش خاراكتىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇلار مەلۇم خىل ئىجادىيەت خاسلىقىنى شەكىللەندۈرسىلا تەڭشەش، بۆسۈش، ئۆزگىرىش، تەرەققىيات ياسىشىغا يول قويمايدۇ-دە، ئىجادىيىتى قېلىپلىشىپ، ئۈزلۈكسىز بىر خىل كىملىكنى تەكرارلاۋېرىدۇ. بۇغدا ئابدۇللا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىغا كىرگەندە ئالدىنقى مەزگىللىك ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى ئاساسىدا بەلگىلىك ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە ئىجادىيىتىدە يېڭىچە تېما ۋە يېڭىچە شەكىللەرنى ياراتتى، شېئىرىي پىكىردە چوڭقۇرلۇققا ۋە پەلسەپىۋىلىككە ئېرىشتى. شائىرنىڭ « دېڭىز ئۈستىدىكى چۈش »،« چاشقان شۇنداق دەيدىكەن» ، « دېڭىز يوپۇرماق، جانان »شېئىرلىرى شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىجتىمائىي تۇرمۇش تېمىلىرىدىن ئەپسانىۋىي، رىۋايەت، چۈش تۈسىدىكى دېتاللارغا مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق مەلۇم شېئىرىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە قاراپ بۇرۇلۇشقا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەلۋەتتە، شائىر ئىجادىيىدە بۇ يىللاردا يەنىلا تەبىئەت، ئادەم، ھاياتلىق ھەققىدە چوڭقۇر ۋە ئۆزگىچە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن « ئانىجان – ئانىجان ياشىغىن ئۇزاق »، « ئانا »، « تۇرپان قەسىدىسى »، « گۈل ۋە مۇقامچى »، « ئەقىدە »، « مۇقام » قاتارلىق ئېسىل لىرىكىلارمۇ يېزىلدى. بۇ شېئىرلارغا سىڭدۈرۈلگەن ھىسسىيات جانلىق ۋە تەبىئى بولۇپ، شائىرنىڭ ئۆزلىكىنى، ھىسسىياتىنى ئىپادىلەش شەكلى ئۆزگىچە. شائىرنىڭ ئۆزلىكى ۋە خاسلىقى بۇ شېئىرلاردا ئىپادىلەنگەن ئوبراز ۋە سىموۋۇللارغا سىڭىپ كەتكەن، سۈنئىلىك ۋە ياسالمىلىقتىن خالى بولۇپ، شېئىرىي ھىسسىيات شائىرنىڭ كەچمىشلىرىدە ئەمەس، بەلكى شېئىرنىڭ ئۆزىدە قارار تاپقان. شائىرنىڭ « ئانا » شېئىرى شائىر قەلبىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، شائىر بىلەن تونۇشلۇقى بار كىشىلەر بۇ شېئىرنى شائىرنىڭ ۋاپادارلىقى بىلەن باغلايدۇ. ئەمىلىيەتتە،بۇ شېئىرنى ئېستېتىك نۇقتىدىن تەكشۈرگەن چېغىمىزدا شائىرنىڭ بۇ شېئىرنى يازغان چېغىدا شەخسىي ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتىن، ئۆزلىكىنى سىڭدۈرۈشتىن كۆرە، بايان ۋە پىكىرگە كۆپرەك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شائىرنىڭ لىرىكا نۇقتىسى بىرىنچى شەخس « مەن » ئەمەس، ئۈچىنچى شەخس « سەن » ئارقىلىق ئانىنى كۈزىتىدۇ. بۇ خىل بايان نۇقتىسى شائىرنىڭ شەخسىي كەچمىشلەرنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈپ قېلىپ، ھىسسىياتنى ئاقما ھىساۋات شەكلىدە ئىپادىلەشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ھىسسىيات ئانىنىڭ ئوبرازلىق سۆز –ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بارغانچە قېنىقلىشىپ ئەۋجىگە چىققاندىلا « مەن» يەنە بىر لىرىك ئوبراز سۈپىتىدە ئۈچىنچى شەخسنىڭ ھىسسىياتىغا ئورتاقلىشىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىيات پەقەت ئىككى شەخسنىڭ ھىسسىياتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەمەس،كىشىلىك ئالماش « سەن » ۋە « مەن » نىڭ ھىسسىياتى بارغانچە چوڭقۇرلىشىپ ئۆملۈك ئالماش « بىز » نى شېئىرغا ئېلىپ كىرىدۇ. شېئىر ئىجادىيىتى شائىر مەنئىۋىي سۈپىتىنىڭ يېزىق ئارقىلىق بەلگىلەشكەن مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولۇشىدۇر. مەنا سوبېكتىپ، ئابىستراكىتنى بولۇپ، ئىچكى ئىدىيىۋىي ھىسسىياتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە خاسلىقىدىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. «ئانا » شېئىرىدىكى ئېستېتىك قۇرۇلما تۇراق – ۋەزىنلەرنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان،لېكىن شائىر سىرتقى رېتىمنىڭ تەسىرىگە ئەمەس، ئىچكى قەلب رېتىمنىڭ ئاۋازىغا ئەگەشكەن بولغاچقا شېئىر يەنىلا ئاھاڭدارلىق ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردا تەكرارلاشتىن ئىبارت بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېستېتېكىلىق گۈزەللىك يارىتىلغان. شېئىردا سۆز، مىسرالار ئارقىمۇ – ئارقا، ياكى بىرقانچە مىسرا، كوبلېتلار تەكرارلىنىپ كېلىپ، پارالېل شېئىرىي قۇرۇلما شەكىللەندۈرۈپ، شائىرنىڭ قەلب رېتىمىغا جۆر بولۇش بىلەن بىللە، ھىسسىياتنى تېىخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشكە خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا شېئىردا ئانا ئوبرازىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلق ئېغىز ئەدەبىايتىغا تەۋە خاسىيەتلىك سانلار ۋە ئۇدۇم چۈشەنچىلەر شېئىرنىڭ ئېستېتىك كەڭلىكىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ شېئىردىكى ھىسسىياتنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشى ئىشىنەرلىك بولۇپ، بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان مەنا قاتلىمى ۋاقىت، يەر شارى، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. « ئانا » شېئىرى پەقەت يۈكسەك مەنا قاتلىمىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شېرىي شەكىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى نۇقتىسىدىنمۇ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

شائىرنىڭ بۇ يىللاردا ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرىغا مۇراجەت قىلىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا80 –ۋە 90 يىللاردا « قۇيۇن ھەققىدە رىۋايەت »، « قاغا ھەققىدە رىۋايەت »، « ئەنبەر ھەققىدە رىۋايەت »،« سۈندۈك ھەققىدە رىۋايەت »،« كۆز »،« شىرماق »، « دەريا ئىلاھى»،« تۇرنا ھەققىدە رىۋايەت »، « بىر رىۋايەت »، « قىز قەلئەسى »،« گۇناھكار كېلىن» قاتارلىق شېئىرلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولدى. بۇ يىللاردا رىۋايەت ۋە ئەپسانىگە قايتىش دۇنيا ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە بىر خىل يۈزلىنىش ئىدى. ئۇيغۇر پروزىچىلىقىمۇ بۇ خىل تەسىرنىڭ سىرتىدا قالمىغان بولۇپ، پروزا ئەسەرلىرىمىزدە مىللى فولكلۇرلۇق رىۋايەت ئەپسانە ۋە ئۇدۇملار ئارقىلىق زامانىۋىلىق ۋە ئەنئەنە زىددىيىتىدىكى كۈلتۈرەل مەسىلىلەر ئوتتۇرۇغا قويۇلغان ئىدى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىدىكى ئەپسانىۋىي رىۋايەت دېتاللىرى پارچە – پارچە، كىچىك ھالەتتە بولۇپ، شائىر ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتىكى ماس ماددا سۈپىتىدە ھاياتلىق ۋە ئادەمىلىك ھەققىدىكى شېئىرىي تېمىلارنى مىللىي ئېتنىك مەنبەگە تۇتاشتۇردى.

شائىرنىڭ بۇ خىل رىۋايەت تۈسىدىكى تېمىلىرى ماكان- زامانسىزلاشتۇرۇلغان، شېئىرىي پىكىر يوشۇرۇن ۋە غۇۋا، ناھايىتى زور شېئىرىي بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، كىتاپخاننى ئۆتمۈش رىۋايەتلىرى ئارقىلىق ئىنسان تەقدىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر تەپەككۈرگە يېتەكلەيدۇ. شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ شېئىرلىرىدا سىناق قىلىشقا باشلىغان شېئىرىي بوشلۇق يارىتىش ئارقىلىق ئېستېتىك پەللىگە ئېرشىشتىن ئىبارەت مەنزىل بۇ مەزگىلدە شائىر شېىرلىرىدا خاسلىققا ۋە ئىزچىللىققا ئىگە بولدى. شائىر ئىجادىيىتىنى تېمىلار نۇقتىسىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، ئەپسانىۋىي – رىۋايەت تېمىلارنىڭ تەسىرىدە ئېتنىك جۇغراپىۋىي تېمىلارنىمۇ ئىجادىيىتىگە ئېلىپ كىرىپ، مىڭ يىللاپ تارىخقا ئىگە ئېتنىك كۈلتۈرىمز ھەققىدە ئويلىنىش بىلەن بىرگە، دەۋر يۈكسەكلىكىدىكى پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى كىتاپخانلارنىڭ تەپەككۈرىگە سوغا قىلىدۇ. « قۇرمىش ئاتا »، «يارغول »، «مىرەن»، « چەرچەن يولى»، «ئەسكىشەھەر»،«سەرۋەڭ »،«سۇلتان سەئىد قىلىچ مازارى» قاتارلىق شېئىرلاردا بۇ خىل ئېتنىك تېمىلار شائىرنىڭ ئۆزگىچە بەدىئى تەشكىللىشى ئارقىسىدا ئوبېكتىپ تەسۋىرلەشتىن قۇتۇلغان بولۇپ، شائىر مەنئىۋىي سوبېكتىنىڭ ھىسسىيات تەلقىنلىرىدە چوڭقۇر مەنا قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.

شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى مەنا سوبېكتىپ، ئابېستراكىتنى بولۇپ، شائىرنىڭ ئىچكى ئىدىۋىي ھىسسىياتى بىلەن ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە قىلىنغان، شېئىرنى تەشكىل قىلغان مۇھىت بولسا ئوبېكتىپ، كونكېرتنى، تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. لېكىن بۇ تاشقى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ھىسسىلاشقان، قەلبلەشكەن بولۇپ، شائىر ئوبراز ۋە تۇيغۇنىڭ چېقىلىشىدا شېئىرىي بوشلۇق ۋە پىكىرنى ئەپچىللىك بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. شائىرنىڭ 1995 –يىلى يازغان « سالغا تېشى » داستانى شائىرنىڭ يەككە شېئىرىي تېمىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەش شۇنداقلا كۆپ خىل شېئىرىي ئوبرازلار سېستىمىسى ئارقىلىق، شېئىرىي پىكىرنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكىنى بەرپا قىلىشتا مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىلدى. شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە « سالغا تېشى»نىڭ تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش مۈمكىن. بولۇپمۇ «تاشقاتما » داستانى « سالغا تېشى» دا يارىتىلغان شېئىرىي مۇھىتقا ئەگەشكەندەك قىلسىمۇ لېكىن ئالدىنقىسىدا يارىتىلغان ئېستېتىك پەللىگە يېتەلمىدى.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىر ئىجادىيتىنى شائىرنىڭ ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بولىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ شائىرلىق قەلبىنى ئوچۇقتىن – ئوچۇق بازارغا سالمايدۇ، شائىرنىڭ نەزەرىدە شېئىر مۇقەددەس ھەم سىرلىق بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە ئېستېتىك قۇرۇلما. شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي كۈلتۈرىگە باغلاندى. بولۇپمۇ شائىرنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن كېيىنكى شېئىرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمى لېكىن مەڭگۈلۈك يېڭى بولغان ئۆلمەس تېمىلىرىغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى؛ بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ ھايات ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى. ئۇ قەدىمى، ئىپتىدائى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان تېمىلاردىن ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئىزدەندى بولۇپمۇ تراگىدىيەلىك، ئازاپ – ئوقۇبەتلىك رىۋايەتلىك تېمساللار ۋە تارىخىي ئىزنالاردىن ھاياتنىڭ قەيسەر، جەڭگىۋار تەرەپلىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىنسان روھىنىڭ ئېگىلمەس سۇنماس ھاياتىي كۈچىنى بەدىئىي يوسۇندا نامايەن قىلدى. شائىرنىڭ « بۈگۈن ۋە ئەتە »، « كرورەن گۈزىلى » قاتارلىق شېئىرلىرى ئېستېتېتىك كۈچى كۈچلۈك بولغان شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى ئەنئەنىۋىي قوبۇل قىلىش ئېڭى بويىچە ئوقۇپ چۈشىنىش ناھايىتى تەس.

بۇغدا ئابدۇللانىڭ لىرىك شېئىرلىرى تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، تارىخ، رىۋايەت، مىللىي كۈلتۈرەل تېمىلارنى مەنبە قىلغان، ئەنئەنىۋىي شېئىرلار ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىرىدىن تەڭ بەھر ئېلىپ،

ھىسسىيات ۋە ئەقلىلىكنىڭ، ئۆزلۈك ۋە ئىنسانىيەت كۈلتۈر ئېڭىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بەدىئى مەنزىلى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىدە مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرىنى يېزىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ پىسخىك مەنئىۋىي قاتلاملىرىنى قېزىش ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولدى، ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل تېمىلارنى يېزىش جەريانىدا شائىر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىدە مۇئەييەن تەجرىبىگە ئىگە بولدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا سىناق قىلغان سوبېكتىپ تۇيغۇ ئارقىلىق شېئىرىي مۇھىت تەشكىللەش، قاتلاملىق شېئىرىي ئوبرازلارنى يارىتىش، شېئىردا بەلگىلىك ئېستېتىك بوشلۇق قالدۇرۇش قاتارلىق بەدىئىي مەنزىلىگە يەتتى. گەرچە شائىر ئىجادىيىتدە مىللىيي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى بىلەن بىللە رىئالنى تېمىلارمۇ تەڭ يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى تېمىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىۋاتىدۇ.

مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى شائىر قەلىمىدە جانلاندى، يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. شائىر ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخى، رىۋايەت ۋە ئەپسانىلىرى، ئۇدۇم ـ چۈشەنچىلىرىنى ئۈگەندى، رەتلىدى. بۇ خىل پارچە – پۇرات، رەتسىز ھالەتتىكى خەلق فولكلورىغا تەۋە ھەر خىل ئامىللار شائىرنىڭ ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە ئازاپ، تەرەققىيات ۋە كىرىزىس تۇيغۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ شائىرنىڭ مەنئىۋىي سۈپىتىنى تېخىمۇ تاكاماللاشتۇردى. شائىر مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ئارقىلىق رىئاللىقنى ئىپادىلەش، ئىنسان روھىنىڭ پۈتمەس –تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ئۇلۇغلاش مەقسىدىگە ئېرىشتى.شائىر بۇغدا ئابدۇللا بۇ خىل تېمىلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىپتىدائى، ئەڭ ياۋايى، ئەڭ پاكىز ھىسسىياتىنى قېزىپ چىقىشقا تىرىشتى. بۇغدا ئابدۇللانىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرى لىرىك باشلىنىدۇ، مەلۇم باياننى بېسىپ ئۆتۈپ ئەۋجىگە چىقىدۇ؛ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى رىئاللىقتىن باشلىنىپ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈر تېمىلىرى ۋە تارىخ، كەلگۈسىگە تۇتىشىدۇ، بۇ چاغدا شائىرنىڭ ئۆزلىكى ئاللىقاچان شائىرنىڭ شەخسىي كىملىكىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ قەۋمىگە ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە كېڭىيىدۇ...

بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەك، بۇغدا ئابدۇللانىڭ مىللىي ئېتنىك كۈلتۈرەل تېمىلارنى يېزىشى، تېما نامراتلىقىدىن ئەمەس، بەلكى شائىر خەلقنىڭ ۋىجدانلىق بىر زىيالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يوقىلىپ كېتىش گىرداۋىغا چۈشۈپ قالغان خەلق فولكلۇر بايلىقلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە قۇتقۇزۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن كۈزەتكىنىمىزدە شائىرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىر ۋىجدانلىق ئىنسانشۇناس ۋە فولكلورشۇناس بىلەن ئوخشاش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بوران – چاپقۇنلاردا ھەر خىل قىسمەتلەرگە ئۇچراپ ، بۈگۈن يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن بايلىقلىرىمىزنى سەنئەت تۈسىگە ئىگە قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقى بىر سەنئەتكار.شائىرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىدە تېمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقى، يېڭىچە بەدىئى ئىپادىلەش ئۇسۇل – ۋاستىلىرىغا مۇراجەت قىلىدىغانلىقى، شۇنداقلا يېڭى بىر بەدىئىي مەنزىلنى يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ، شېئىرىيەتىمىزدىكى ئاساسىي تېمىلاردىن مەلۇم دەرىجىدە يىراقلىشىپ، شائىرنىڭ بىۋاستە سېزىمى بويىچە يېڭى تېمىلارنى تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شېئىرىي تىل، ئىماگ، تەسەۋۋۇر ۋە ئىپادىلەش شەكىللىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، شېئىرىيەت ئېڭىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسىدىن ئېستېتىك مەناغا بۇرۇلىشىدا بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شائىر ئىجادىيىتىدە قاپىيە، ۋەزىنىڭ شېئىرنىڭ سىرتقى بېزەكچىلىك رولىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلدى، ئۇ شېئىرنىڭ ئىچكى قەلب رېتىمىغا تەڭكەش بولىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدىكى ئوبراز-ئىماگلارنىڭ بىر تەرەپىدە مىللىي تۇرمۇش كۆرۈنۈش- ئادەتلىرى يەنە بىر تەرەپىدە ئەپسانە –رىۋايەت ۋە كۈلتۈرەل تېمساللار تۇرىدۇ. تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى، تارىخ تەجربىلىرى ئارقىلىق جۇغلانغان مەنئىۋىي سۈپەت شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي ئېڭىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھىسسىيات ۋە شېئىرىي پىكىرلەرنىڭ بەرىكەتلىك خامىنىغا ئايلانغان.




rasheed يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 10:07:41

بۇغدا مۇئەللىم ھەقىقەتەن بۈگۈنكى كۈندىكى پېشىۋا شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭغا سالامەتلىك يار بولسۇن.



مۇئەللىم بىلەن بولغان بىر قىزىق يۇمۇرلۇق پاراڭ دائىم كۈلكەمنى قىستايدۇ:



بىر كۈنى مەلۇم بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنى يوقلاپ يېنىغا كىرىپتۇ. مۇئەللىم:

-ھە ئۇكام، بۇ كۈنلەردە دەرسىڭلار ئالدىراشمۇ؟!

ئوقۇغۇچى: ياق. دەرس ئالدىراش ئەمەس. ئەمما زە، مەكتەپتە «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى» بولماقچى ئىكەن. بىز ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شېئىر دىكلىماتسىيە تەييارلىتش بىلەن ئالدىراش قىلىۋەتتى.

مۇئەللىم: ھە شۇنداقمۇ؟! قايسى شېئىرنى دىكلىماتسىيە قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟

ئوقۇغۇچى: سىزنىڭ «ئانا» دېگەن شېئىرىڭىزنى.

مۇئەللىم : نېمىشقا ئەمدى؟ ئۇ ياكى بىر سىياسى شېئىر بولمىسا؟!

ئوقۇغۇچى: سىزنىڭ ھېلىقى مىسرالىرىڭىز بارغۇ 90 ياشقا ئۇلاشقان ئانىنى تەسۋىرلىگەن.

............................

..........................

ئاخىرىدا قاتتىق كۈلكە!!!

(بۇ يۇمۇرغا ئاشۇ شېئىرنى ياخشى ئوقۇغانلار بولسا چوقۇم كۈلىدۇ.) \"\"
بەت: [1]
: بوغدا ئابدۇللا