Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 01:47:25

غېنى سەمەت: مەشھۇر پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرمان

داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرمان



غېنى سەمەت



   خەلقىمىز، بولۇپمۇ بىر-ئىككى ئەۋلاد ياشلىرىمىز پىيانىنونىڭ سېھرىي كۈچىنى رىچارد كلايدېرمان ئورۇنلىغان رۇمانتىك مۇزىكىلاردىن ھېس قىلغان، دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز. بېتخوۋېندەك بۈيۈك كومپوزىتورنى كىتاب ۋە ئۈن-سىنلاردىن كۆرۈپ  تونىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ يەنە شۇ  سازەندە- رېچاردتىن ئاڭلاپ مۇڭلانغانمىز.  

   بۇ مەشھۇر پىيانىنوچى ئـۇيـغـۇر ياشلىرىغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە يۈز  مىليۇنلىغان قەلبلەرگە پىياننىونىڭ ئوتىنى ياققان. بىز ئۇنى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايدىغان ئاقسۆڭەك تىپىدىكى پىيانىنوچى دېيەلمەيمىز. لېكىن، ئۇ پىيانىنونى، پىيانىنو موزىكىلىرىنى ئاددىي ئىشلەمچىدىن تارتىپ، ئاق ياقىلىق زەردارلارغىچە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تونۇتقۇچى ۋە ئومۇملاشتۇرغۇچى سۈپىتىدە تولىمۇ قەدىرلىك ۋە سۈيۈملۈك.  

   30 يىل مابەينىدە ،60  نەچچە دۆلەتتە   2000قېتىم نەق مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، 340 دانە پىلاستىنكا،1200  پارچە مۇزىكىنى پىيانىنو بىلەن دۇنياغا يېيىش،700   مەيدان تېلېۋىزىيە مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش،50-60 مىڭ دەستە گۈلگە نائىل بولۇش، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،50  مىليوندىن ئارتۇق تاماشىبىنغا نەق مەيدان مۇزىكا چېلىش، 85 مىليوندىن ئارتۇق پىلاستىنكىسى سېتىلىش، 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئىمزا قويۇش، ئويۇن قويۇش جەريانىدا، يەر شارىنى 70 قېتىم ئايلانغۇدەك مۇساپىنى بېسىش، ئوخشىمىغان 5000 دىن ئارتۇق مېھمانخانا ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا، 5000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ئالمىشىش... بۇ سان-سىفىرلار بەلكىم سان -سېفىرلا ئەمەستۇ؟! بۇ نۇقتىدىن دۇنياغا، جۈملىدىن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن رېچارد بىلەن تونۇشۇپ چىقىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.

   رېچارد كلايدېرمان 1953-يىلى 28-دېكابىر فرانسىيەنىڭ پارژ شەھرىدىكى خىلۋەت بىر بازاردا ئاددىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دادىسى ئۆي جاھازىلىرى ياسايدىغان ھۆنەرۋەن بولۇپ، مۇزىكىغا ھېرىسمەن، نۇرغۇن سازلارنى چالالايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ئۆتىدۇ. بۇۋاق چېغىدىن باشلاپ مۇزىكىغا بۆلەنگەن رىچارد 3 ياش چېغىدا دادىسى ئېلىپ بەرگەن ئېغىز گارمونىنى رېتىملىق چېلىپ دادىسىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بالىسىدىكى مۇزىكا سېزىمى ۋە ئىشتىياقىنى بايقىغان دادىسى ئۇنى تەربىيىلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلايدۇ. دادىسى مەھەللە ئانسامبېلى بىلەن ئۇرۇنلىغان مۇزىكىلار، مۇزىكا يىغىلىشلىرى رىچاردقا ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىسىنىڭ مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇلىغان دادىسى مۇقىم كىرىملىك ئۆي جاھازىلىرى ياساش كەسپىنى تاشلاپ، بازاردا مەخسۇس پىيانىنودىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ. بۇ دەرسلەرگە ئىزچىل قاتنىشىپ، ئىشتىياق بىلەن كىرىشىۋاتقان رېچاردنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن مۇزىكا –ئاھاڭلار تەبىئىي قۇيۇلۇپ كېتىدۇ. پىيانىنونىڭ ئاددىي تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىدۇ. 6 يېشىدا نوتا ئوقۇيالايدىغان بولغاندىن باشقا، بىر پارچە مۇزىكا يېزىپ ۋە ئورۇنلاپ، ھەممىنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا رېچارد بۇ كۈنلەردىكى كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ : ‹‹ دادام مېنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ بۈيۈك ئۇستازىم ›› دەيدۇ. ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يېتىشمەي قېلىۋاتقىنىنى سەزگەن كۆيۈمچان دادا رېچاردنى شۇ جايدىكى كەسپىي پىيانىنوچى – فرېتېرمان ئەپەندىگە تەربىيىلەشكە بېرىدۇ. تەلەپچان بۇ ئۇستاز ئۇنىڭغا مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغاندىن باشقا ، يەنە شوبېرت، شۇمان، شوپىن قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا ئالىمىگە باشلاپ كىرىپ، كىلاسسىك پىيانىنو  مۇزىكىسى خۇسۇسىدا سېستىمىلىق تەربىيەلەيدۇ. شوپىن رېچاردنىڭ بالىلىق قەلبىدىكى مەبۇدە بولۇپ قالىدۇ. ئۇ شوپىنغا ئوخشاش بۈيۈك مۇزىكانت بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ، ئەلا نەتىجە بىلەن پارژ مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكا كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن بولغان دادىسى رېچاردنى ئېسىل بىر ئورگان ( ساز ) بىلەن تارتۇقلايدۇ. رېچارد بۇ سوۋغىنى ئۆمۈر بويى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇ مەكتەپتە كىلاسسىك مۇزىكىنى بېسىۋالغۇسىز تەشنالىق بىلەن ئۆگىنىدۇ. بىر تاساددىپىي پۈرسەتتە رېچارد ئۆز يۇرتىدىكى توي مۇراسىمىدا ئورگان بىلەن كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداپ زور ئالقىشقا ۋە 20 فرانك ھەققە ئېرىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توي مۇراسىمى ۋە يىغىلىشلارنىڭ مۇزىكانتىغا ئايلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگلىگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىك ئىقتىسادقا ئېرىشىدۇ. بۇ فرانسىيەدە كىلاسسىك موزىكىلار تۆردىن ئورۇن ئېلىپ، ئاممىباپ مۇزىكىلارغا ئانچە ئېتىۋار بېرىلمەيدىغان چاغلار ئىدى. مەكتەپتە شوپىن ، مۇزارت، بېتخوۋېنلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقان رېچارد ئاۋام ئىچىدىكى توي، يىغىلىشلاردا مۇزىكا ئورۇنداش جەريانىدا ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاممىباب مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا  ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش، كىلاسسىك مۇزىكىلار بىلەن فىرانسىيە خەلق ئاھاڭلىرى ۋە ئاممىباب مۇزىكىلارنى بىرلەشتۈرۈش ئويى پەيدا بولىدۇ. قانچە قېتىرقىنىپ ئۆگەنسىمۇ 25 ياشتىن بورۇن نامى چىقمايدىغان ، شۆھرەتلىك، بازارلىق كىلاسسىك مۇزىكا ساھەسىدە بۇرۇلۇش ياساشقا بەل باغلايدۇ. مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزىكا مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ، يىراق-يېقىنغا نامى تارىلىدۇ. قەھۋەخانا، رېستورانلاردا مۇزىكا ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئويلىغانلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە سىناقتىن ئۆتكۈزىدۇ. مۇزىكا ئەترىتى دەۋر سۈرىۋاتقان شۇ دەۋردە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇشقا تۇتۇنۇپ، ئەتىراپتىكى مۇزىكانت دوستلىرى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 15 ياش ئىدى. مۇستەقىل ئىدىيە ۋە مۇزىكا ئەترىتىگە ئىگە بولغان رېچارد باشقىلارنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىشىغا قارىماي، شۇ چاغدىكى مۆتىۋەر ئېقىم - كىلاسسىك مۇزىكا ئورۇنداشتىن ۋاز كېچىپ، كىلاسسىك مۇزىكا ئاساسىدىكى يېڭى بىر ئاممىباب مۇزىكا ئېقىمىنى بارلىققا كەلتۈرۈش قارارىغا  كېلىدۇ. مىشېر شاد بىلەن ھەمكارلىشىپ، مۇزىكا ئەترىتى ۋە ئۈنخانىدا ئىشىنى باشلىۋېتىدۇ. ھاياتىدىكى مۇھىم شەخس ، فىرانسىيەدە ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان كومپوزىتۇر ئولىۋېر دوۋسىن بىلەن تونۇشۇپ، ياخشى ھەمكارلاشقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. 17 يېشىدا دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۆزى ئاشقازان يارىسى  بىلەن ئاغرىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تېپىشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى مۇزىكا سېزىمى، پەۋقۇلاددە ئۇرۇنداش ماھارىتى تېزلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يىغىن ئارىلىقىدا مۇزىكا ئورۇنلايدىغان ، كىرىمى نۇرمال بىر خىزمەتكە ئېرىشىدۇ.كېيىن ئەنە شۇ ئىزدىنىش ۋە سېرىقتال تۇرمۇشتىكى كۈنلەرنى رېچارد : ‹‹  ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنلەر ئىدى ›› دەپ  ئەسكە ئالىدۇ.

   چولپان بولۇشنى ئەمەس، بەلكى مۇنەۋۋەر بىر ئورۇنلىغۇچى بولۇشنى ئارزۇلايدىغان رېچاردنىڭ تۇرمۇشىدا 1976-يىلى  زور بۇرۇلۇش بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكا تالانتى ۋە ئىستېداتىغا قايىل بولغان داڭلىق مۇزىكانتلار ھەمكارلىشىپ ئۇنىڭ تۈنجى پىلاستىنكىسىنى پىلاستىنكا سودىگىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن نەشر قىلىدۇ. ئۇنىڭ نامى تارىلىشقا باشلىغىنى بىلەن ، لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي چىقارغىنى تېلېۋىزۇردا ئورۇنلىغان مۇزىكىسى بولۇپ قالىدۇ. 1977-يىلى ئۇ  تېلېۋىزوردا يالغۇز مۇزىكا ئۇرۇنلاش پۈرسىتىگە ئېرىشىپ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ›› مۇزىكىسى تارقىتىلىشى بىلەنلا زور زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ. ئىستانسىسىغا بۇ  مۇزىكانتنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇرۇلغان تېلېفون ئۈزۈلمەيدۇ. رېچارد پىلاستىنكا سودىگەرلىرى ئارىسىدا تالاشتا قالىدۇ. بۇ مۇزىكا پىلاستىنكا بولۇپ تارىلىپ، سېتىلىشى ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ، 800 مىڭ دانىغا يېتىدۇ. فىرانسىيە چىگرىسىدىن ھالقىپ، ۋېينادىن ئافرىقىغىچە تارىلىدۇ. بىر كېچىدىلا نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن بۇ مۇزىكانتنىڭ سۈرىتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق مۇزىكا گېزىتلىرىنىڭ كۆرىنەرلىك يېرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ رېچارد.كلايدېرماننىڭ  چولپانلىق دەۋرى باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.  ‹‹ راۋان، ھەشەمەتلىك كۈي شەكلى، نەپىس مېلودىيە ، گۈزەل ئوبراز ›› رېچاردنىڭ مۇزىكا ئورۇنداش ئۇسلۇبى سۈپىتىدە دۇنياغا تونىلىدۇ.

    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئۇ ئۆز ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ۋە دادىل ئىسلاھ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان مۇزىكىلارنى ئۇرۇنلاپ دۇنياغا تارقىتىدۇ. ئۇنىڭ داڭقىنى چىقارغان ‹‹ ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىلىنا ››دىن كېيىن ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ دىلكۈيى ››، ‹‹ تەقدىر ›› ، ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ››... قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئۇنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدىغان مۇزىكا ئۇرۇندىغۇچىغا ئايلىنىدۇ. بۈگۈنكى زامان مۇزىكا دۇنياسىدا ، ئۇنىڭدەك كۆپ مۇزىكىسى تارالغان سەنئەتكاردىن يەنە بىرنى تاپماق تەس. ئۇنىڭ دۇنياغا تارالغان مۇزىكىلىرى 1200 پارچىدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى توي مۇراسىمى ›› ، ‹‹ سۇ بويىدىكى ئاددىنا ›› ، ‹‹ يۇلتۇزلۇق ئاسمان ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ تەقدىر ››، ‹‹ بالىلىقنى ئەسلەش ›› ، ‹‹ رومىيو-ژولىتتا ››، ‹‹ مۇھەببەت خاتىرىسى ›› ، ‹‹ قىزچاقنىڭ ئىلتىجاسى ›› ، ‹‹ كۆك رەڭلىك سۆيگۈ ›› ، ‹‹ سىرلىق گۈللۈك ›› ...قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان بولۇپ، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاددىي كەپىلەردىن تاكى چىكاكودىكى  ئايدورۇملارغىچە  ساداسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ مەخسۇس پىلاستىنكىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ،1976 -يىلىدىن ھازىرغىچە 340 دانىدىن ئارتۇق پىلاستىنكا چىقارغان.  ئۇنى بۇ جەھەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى مول ھۇسۇللۇق سازەندە دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. ئاساسلىق پىلاستىنكىلىرىدىن : ‹‹ كۈزدىكى پىچىرلاش ›› ، ‹‹ سېرىنادا ›› ، ‹‹ پەقەت مەن ›› ، ‹‹ سۆيگۈ ئۈچۈنلا ›› ، ‹‹ مەڭگۈلۈك پۈتۈم ›› ، ‹‹ ئەيلىسقا تەقدىم ›› ، ‹‹ كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن نەمۇنىلەر ›› ، ‹‹ شەرققە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ ئېلېنا ›› ، ‹‹ كىلاسسىك كىنو كۈيلىرىدىن  تاللانما ›› ، ‹‹ فىرانسىيەنى سۆيىمەن ›› ، ‹‹ ئالتۇندەك قەلب ›› ، ‹‹ ھوللىۋود كۈيلىرى توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ دەرياسىغا غەرق بولۇش ›› ، ‹‹ چۈشۈمدىكى مېلودىيە ››، ‹‹ يېڭى رۇمانتىك باللادالار ›› ، ‹‹ سوناتا توپلىمى ›› ، ‹‹ سۆيگۈ مېلودىيەسى ›› ، ‹‹ تاساددىپىي ئۇچرۇشۇش ›› ، ‹‹ ئانامغا مەكتۇپ ›› ، ‹‹ ئامېرىكىچە مۇھەببەت ›› ، ‹‹ يېڭى دەۋر ›› ، ‹‹ ئەنگلىيەدىكى مۇزىكا كېچىلىكى ›› ، ‹‹ رېچاردنىڭ رۇمانتىك پىيانىنو كۈيلىرى ›› ، ‹‹ شېرىن ئەسلىمە ›› ، ‹‹ رېچارد كلايدېرمان تاللانما مۇزىكىلار توپلىمى ›› ، ‹‹ گۈزەل دۇنيا ›› ، ‹‹ ئەر ئايالنى ياخشى كۆرگەندە ›› ، ‹‹ تـۈركىيەنى ياخشى كۆرىمەن ›› ، ‹‹ دۇنياغا سەپەر ›› ، ‹‹ رىچارد كىلايدېرمان – 2000 ›› ، ‹‹ ئەڭ يېڭى تاللانما كۈيلەر ›› ...قاتارلىقلار ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە پىلاستىنكىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شۈنچە كۆپ پىلاستىنكىلرى دۇنيا مىقياسىدا تارقىتىلغىنىغا باقماي، يەنىلا ئەڭ بازارلىق، ئەتىۋارلىق پىلاستىنكىلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئۇرۇن ئالغان. ھەر قېتىملىق تارقاتقان پىلاستىنكىسى بۇرۇنقى رېكورتىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە پىلاستىنكىلىرى 100 مىليون دانىغا يېقىن سېتىلىپ ( قانۇنسىز نەشىرى 30 مىليوندىن ئاشىدۇ )، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكوردنى ساقلاپ تۇرماقتا.

   ئۇنىڭ كونسېرت ئۆتكۈزۈش سەپىرى 1979-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 60 نەچچە دۆلەتتە 2000 مەيدانغا يېقىن كونسېرت ئوتكۈزگەن. ئۇ كونسېرت ئۆتكۈزمىگەن ۋېينادىكى ھەشەمەتلىك مۇزىكا زاللىرىدىن تارتىپ، ئاسىيانىڭ كىندىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ قالمىغان. يالغۇز ياپونىيەدىلا 700 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزگەن . توكيودىكى كالتەك توپ مەيدانى ۋە جۇڭگو كۈنمىڭدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتلىرىدا ھەر قېتىم  40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىقما-تىقماق بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلانغان. ھەر قېتىملىق كېچىلىكىنىڭ بېلىتى يۇقىرى باھادا سېتىلىپ، مەيداندا بوش ئورۇن قالمىغان. قۇچاقلىرى دەستە-دەستە گۈللەرگە تولۇپ كېتىپ، ئىمزا قويدۇرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىگەن. ئۇنىڭ ھەتتا، 250 كۈن ئىچىدە تىنىم تاپماي 250 مەيدان كونسېرت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرى بولغان. ئۇ يەنە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا 700 قېتىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە مەخسۇس مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، بۇ جەھەتتىمۇ رېكورت ياراتقان. بۇ كېچىلىكلەر ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرىدىن زوقلانغان مۇخلىسلىرىنىڭ قەلبىگە بىۋاستە سىڭىپ كىرىپ، شۆھرىتىنى ئاجايىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىۋەتكەن. شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتلىرى ۋە شان-شەرەپلىرىنى ساناپ ئولتۇرمايمىز.پەقەت فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تارقاتقان ‹‹ 1990-يىلنىڭ چولپانلىرى ›› نى تاللاشتا بىردىنبىر ‹‹ ئالتۇن پىيانىنو مۇكاپاتى›› ئېرىشكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىمز.

   ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان باغلىنىشى تولىمۇ قويۇق بولۇپ، جۇڭگودا ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى ۋە كېچىلىكلىرى ئۆز دولىتى فىرانسىيەدىنمۇ بەكرەك ئالقىشقا سازاۋەر. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى جۇڭگودىكى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم دېگۈدەك سۆيۈپ ئاڭلايدىغان مۇزىكىلار بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاددىي چايخانىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى ياڭراپ تۇرىدۇ.  جۇڭگو مۇزىكا ئوبزورچىلىرىنىڭ تەھلىلىچە ، رىچارد جۇڭگوغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن ، ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىشتىن كېيىن ، جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىش سەۋىيەسىگە ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان چەت ئەللىك سازەندە ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ پىلاستىنكىلىرى جۇڭگودا ھەددىدىن تاشقىرى بازار تاپقان. ئوتكۈزگەن كونسېرىتلىرىغىمۇ تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان قىزىقىشى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن تارىخ-جۇغراپىيە دەرسىدىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان ئىشتىياقتىن باشلانغان. شۇڭا، ئۇ جۇڭگونىڭ كەڭ تارقالغان مۇزىكىلىرىدىن ‹‹ يەسىمەن گۈلى ›› ، ‹‹ قۇياش ئەڭ قىزىل ›› ، ‹‹ گۈلنىڭ قەلبى ›› ، ‹‹ تىيەنئەنمىننى سۆيىمەن ››...قاتارلىق خېلى كۆپ مۇزىكىلارنى ئۆز ئۇسلۇبىدىكى پىيانىنو ئۇسلۇبىدا ئىشلەپ ۋە ئۇرۇنلاپ كەڭ تارقاتقان. ئۇنىڭ جۇڭگوغا بولغان كونسېرت سەپىرى 1992-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ مەركىزى ۋە چوڭ شەھەرلىرىدىكى  ئەڭ چوڭ مۇزىكا زاللىرى ، تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا 200 مەيداندىن ئارتۇق كونسېرت ئۆتكۈزىدۇ. ھەر قېتىمدا تاماشىبىن سىغماي قالىدۇ. مەسىلەن ، ئۇنىڭ كۈنمىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن كونسېرتىنى 40 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا كۆرۈپ ئالقىش ياڭرىتىدۇ. ئۇنىڭ 1995-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن كونسېرىتىدىكى 12 ئەرخۇ ( ئۇيغۇر غېجىكى، قۇمۇل غېجىكى دەپمۇ ئاتىلىۋاتىدۇ ) چى  قىز بىلەن ئۇرۇندىغان ‹‹ مېنىڭ ۋەتىنىم ›› ناملىق مۇزىكا ( بۇ شۇ دەۋردە پىيانىنو بىلەن ئەرخۇنىڭ ئۆز-ئارا تەڭكىشىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسىنى ياراتقان ) نىڭ زىلزىلىسى مۇزىكا زوقمەنلىرىنى ھازىرغىچە ھاياجانغا سېلىپ كەلمەكتە. ئۇ جۇڭگو مۇزىكا ئەسەرلىرى ھوقۇقى جەمئىيىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان مۇزىكانتلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ‹‹ جۇڭگو-فىرانسىيە سەنئەت ئەلچىسى ›› سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە. ئۇ 2008-يىلى 6-يانۋار ئۈرۈمچىدىمۇ ‹‹ باھار ساداسى ›› پىيانىنو كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، دىيارىمىزدىمۇ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە زالىدا ئالقىشقا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئۇ جۇڭگو سەپىرىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن2012-يىلى 1-يانۋاردىن 17 –يانۋارغىچە جۇڭگونىڭ چوڭ ۋە مەركىزى شەھەرلىرىدە  داغدۇغىلىق كونسېرتلارنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىدە يەنە بىر قېتىم ئۆچمەس تەسىر قالدۇردى.

   ئۇنىڭ پىلاستىنكىلرىنىڭ شىددەت بىلەن بازار تېپىشى، كونسېرىتلىرىغا ئادەم پاتماي قېلىشى، ئورۇنلىغان كۈيلىرىنىڭ زور ئالقىشقا سازاۋەر بولىشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. پىيانىنو سازلارنىڭ پادىشاھى بولۇش سۈپىتىدە كىلاسسىك ئاھاڭلارنى، سىمفونىك ئەسەرلەرنى  ئورۇنلىنىش بىلەن قەدىرلىنىپ كەلگەن شۇڭىلاشقىمۇ ، رېچاردنىڭ ئۇسلۇبىنى كىلاسسىك ئۇسلۇپتىكى، سىمفونىك يۇسۇندىكى مۇنتىزىم ، كەسپىي پىياننىنو ئۇستىلىرىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭىلاشقا ، دۇنياغا داڭلىق كىلاسسىك پىيانىنو ئۇستازلىرى دائىم دېگۈدەك رېچاردنى مەسخىىرە قىلىدۇ ياكى كەسپىي پىيانىنوچى قاتارىدا سانىمايدۇ. لېكىن، رېچارد ئۆزى ئىزدەنگىنىدەك كىلاسسىك مۇزىكىلارنى خەلق ئاھاڭلىرى، مودا ، ئاممىباب، زامانىۋېي ئاھاڭلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۇنياغا پىيانىنو ئورۇنلاشتا ، يېڭى بىر خىل ئاممىباب ئۇسلۇپ - ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم ›› ئۇسلۇبىنى تەقدىم ئەتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇنداۋاتقىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىي مۇزىكىلىرى، كىلاسسىك مۇزىكىلار، باشقا كومپوزىتۇرلارنىڭ ئاممبىباب كۈيلىرى، ئىجادىي ئاھاڭلاردىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن مۇزىكىلار، شەرق ۋە غەربنىڭ خەلق ئاھاڭلىرى، كىنو مۇزىكىلىرى ...قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇ ئاشۇ ئۇسلۇپتىكى كۈيلەرنى ئايرىم ياكى جىپىسلاشتۇرۇپ، پىيانىنودا  زامانىمىز كىشىلىرىگە  يېقىملىق رەۋىشتە ئۇرۇنداپ ئۇتۇق قازانغان ‹‹ ئاممىباب پىيانىنو ئۇستازى ›› بولۇشقا تامامەن مۇناسىپتۇر.


   ئۇ باسقان پىيانىنو تىللىرىدىن  ياڭراۋاتقىنى كىلاسسىك مۇزىكا بىلەن ئاممىباب ( زامانىۋېي ) مۇزىكىنىڭ ئىنتايىن ماس ھالدىكى جىپىسلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاھاڭلار بولۇپ، كۈي شەكلى ئاددى–ساددا، راۋان، نەپىس، پۇزۇر، مېلودىيەسى لەرزان، يېقىملىق، گارمونىيەسى ئىخچام، قېنىق شېئىرى ھېسسىياتقا تۇيۇنغان. ئاڭلىغان كىشىنى تەبئىي ھالدا تەبىئەتنىڭ پايانسىز قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ، كىشىگە خۇددى ئەي يېقىن كىشىسى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك ، سۆيگەن يارى بىلەن مۇڭدىشىۋاتقاندەك لەززەتلىك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتبەخش ، نەپىس ، ئىلاستىك مۇزىكىلىرى كىشىلەرنى قەلبىنڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇۋاتقان  ئۆز خۇشاللىقى ياكى دەرد-ئەلىمىدەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ، ئارامبەخش مۇزىكا باغرىدا پەرۋاز قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۇزىكىلىردىن سېھىرلەنگەن دىللار ئۇنىڭ مۇزىكىسىنى قايتا ئاڭلىغاندىمۇ ئوخشاشلا رۇمانتىك ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىغا جەمئىيەتنىڭ ھەر قانداق قاتلىمىدىكى كىشىلەر مەپتۇن. مۇزىكا تەربىيەسى يېتەرسىز كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئالامچە زوق ئالالايدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى مۇزىكا مۇخلىسى ئۇنىڭ پىيانىنو باسقان قوللىرىدىن پىيانىنونىڭ ھەقىقي سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ.   


   ئۇ ‹‹ يېڭى رۇمانتىزىم ئۇسلۇبى ›› يولىدىكى تىنىمسىز تىرىشچانلىقى بىلەن پىيانىنونى ئاقسۆڭەكلەرچە ھاكاۋۇر ھالەتتىن دېھقانمۇ بەھرىنەلەيدىغان پۇقراۋېي ھالەتكە كەلتۈرەلىدى. خۇددىي گېرمانىيەلىك بىر ئايال مۇخبىر يازغاندەك : ‹‹ ئۇ بېتخوۋىندىن كېيىن پىيانىنو مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا ئەڭ كەڭ تارقاتقان مۇزىكا ئەربابىدۇر ››...شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىرىنچى خانىمى – رېگان خانىم تەرىپلەپ ، كېيىن پۈتۈن دۇنياغا ئۇمۇملاشقاندەك ‹‹ پىيانىنو شاھزادىسى ›› بولۇپ قېلىشى  ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.

   ئاقكۆڭۈل، ۋاقىتقا ئىنتايىن رىئايە قىلىدىغان، تارتىنچاق بۇ سەنئەتكارنىڭ  ئائىلىسى ئىنتايىن بەختلىك بولۇپ، ساداقەتمەن ئايالى ۋە بىر ئوغۇل، بىر  قىزى بىلەن پارژدا كۈيۈمچانلىق ، ئىناقلىق ئىلكىدە ياشاۋېتىپتۇ .

   ‹‹ پىيانىنو شائىرى ›› دەپمۇ شۆھرەتلىنىدىغان بۇ  سازەندە ھازىر 60 ياشقا بېرىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ياشناپ تۇرغان قەلبى بىلەن دۇنياغا داۋاملىق سۆيگۈ بەخش ئەتمەكتە.



dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 09:10:27

ئىدەش!قاچاندىن باشلاپ سەنئەتكارلارنى تەتقىق قىلدىغان بۇلۇپ قالدىڭلار؟  {:90:}   {:90:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 09:10:39

دېڭلىجۈننى تونۇشتۇرغان تېمىدا، غېنى سەمەدنىڭ ھەل بولمايۋاتقان ئىشى بار دەپ ئىنكاس چۈشكەن. \"\"

ئەمدى قانداق ئىنكاسلار چۈشىدىكىن؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 09:24:16

海上钢琴师دىكى قارىۋاي چالغان ھېلىقى پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قانمايمەن ...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 09:41:56

3- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

海上钢琴师دىكى قارىۋاي چالغان ھېلىقى پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قانمايمەن ...



ھېلقى ئاۋاق بىلەن ئىككسنىڭ چېلىشقان يېرىنى يوللىۋەتسە بىر ئاڭلاركەنمىز...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 10:03:07

4- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

海上钢琴师دىكى قارىۋاي چالغان ھېلىقى پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قانمايمەن ...



ھېلقى ئاۋاق بىلەن ئىككسنىڭ چېلىشقان يېرىنى يوللىۋەتسە بىر ئاڭلاركەنمىز...




مانا




ماۋۇ بولسا جۇڭگۇ نۇسخسىدىكىسى ...







Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 11:18:06

مۇشۇ داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرماننىڭ خىلى كۆپ پىلاستىنكىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھازىرمۇ .

بىرخىل پەيزى ھە مۇزىكىلىرى .....

98-يىللىرىغۇ دەيمەن ،تۇنجى قىتىم 10 كويغا مۇشۇنىڭ رېچاردنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سىتىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.




yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 13:58:42

6- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرماننىڭ خىلى كۆپ پىلاستىنكىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھازىرمۇ .

بىرخىل پەيزى ھە مۇزىكىلىرى .....

98-يىللىرىغۇ دەيمەن ،تۇنجى قىتىم 10 كويغا مۇشۇنىڭ رېچاردنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سىتىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.






星空 شۇمۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 14:24:47

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرماننىڭ خىلى كۆپ پىلاستىنكىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھازىرمۇ .

بىرخىل پەيزى ھە مۇزىكىلىرى .....

98-يىللىرىغۇ دەيمەن ،تۇنجى قىتىم 10 كويغا مۇشۇنىڭ رېچاردنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سىتىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.






星空 شۇمۇ؟




رىچاردنىڭ ئەڭ ياخشى مۇزىكىلېرى ئاساسلىق ئۈچ پىلاستىنكا بۇلۇپ چىققان. بىرىنچىسى: تەقدىر 命运


ئىككىنچىسى: سۇ بويىدىكى ئادىلىنا 水边的阿狄丽娜


ئۈچىنچىسى : يۇلتۇزلۇق ئاسمان 星空


ھەممىسىلا بەك ئېسىل..

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 14:49:44

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرماننىڭ خىلى كۆپ پىلاستىنكىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھازىرمۇ .

بىرخىل پەيزى ھە مۇزىكىلىرى .....

98-يىللىرىغۇ دەيمەن ،تۇنجى قىتىم 10 كويغا مۇشۇنىڭ رېچاردنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سىتىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.






星空 شۇمۇ؟


تەقدىر دېگەن لىنتىسىغۇ دەيمەن ئېسىمدە قىلىشىچە.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 16:11:17

تەقدىر ناملىق مۇزىكىنى ئاڭلىماقچى بولساڭلار ئەلكۈيى مۇنبىرىنى ئېچىپ نادىر تىمىلار قاتارىدىكى(ئويغانغاندىن كىيىن)ناملىق تىمىغا نەزىرىڭلارنى ئاغدۇرساڭلار بولىدۇ،شۇنچىلىك جۇشقۇن مۇزىكا ئىكەن.ئاڭلىغانسىرى ھەرخىل تەپەككۇرلارغا باشلايدىكەن ئادەمنى.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 17:27:57

لېكىن، غېنى سەمەتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىر ئىزاھلايدىغان يېرىغا كەلدى دەپ قارايمەنغۇ؟!

بىر تونۇشتۇرىۋېتىڭلا.



شەخسەن پىكرىم ھە.

  

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 17:46:00



غېنى سەمەت،ئەر،ئۇيغۇر،شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن،1996-يىلدىن2001-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىنىڭ ئەدىبيات كەسپىدە ئۇقۇغان،ئوقۇغان مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتىدىكى ھەر خىل مۇنازىرلەردە ئۆزىنىڭ يۇقىرى تىل قابىليىتى بىلەن «باش كاپكى»لىق كىنىشكىسىگە ئىرىشكەن.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەلۇم مەزگىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك43-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنقىلابى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان.كىيىن مەزكۇر مەكتەپ ئۇنىڭ «ئىنقىلابى ئوقۇتۇش»ئۇسۇلىنى «ئەكسىلئىنقىلابى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى»دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن غېنىنىڭ كۆڭلى قاتتىق ئازار يەپ شۇندىن بۇيان ئۈرۈمچىدە شەھرىدە ئۆزىنى قېزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا.قالغىنىنى ئۆزىدىن سوراڭلار ئەمدى ھە...

taklemakanlek_x يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 10:19:57

مەنمۇ قوشۇمچە قىلاي غىنى سەمەت ئۆزى بىلىملىك ئوبدان بالا ....بۇرۇن ۋەدىسىدە چىڭ تۇراتتى يىقىننىڭزى سەل ئۆزگەردىمىكىن دەيمەن.....بۇ مۇنبەردە غىنى سەمەتنى تونۇيدىغانلار خىلى كۆپكەن...تونۇمايدىغانلارغا غىنىكام ئۆزىنى بىر تونۇشتۇرمىسۇنمۇ؟

داۋاملىق تىما يوللاپ، ئىنكاس يازسام قايتۇرمايدۇ،بۇ ئەپەندىم يەنىلا بەك ئالدىراش ئوخشايدۇدەپ ئويلايمەن.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 11:26:10

3- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

海上钢琴师دىكى قارىۋاي چالغان ھېلىقى پىئانىنو مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قانمايمەن ...



ھىلقى كىمىدە پىئانىنو چىلىپ بەسلىشىدىغان كىنو شۇمۇ

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 11:15:32

رىچاردنىڭ قىسقىلا بىر مۇزىكىسى بولىدىغان، دېڭىزنى ئەسلىتىدىغان، چايكىلارنىڭ ئاۋازى بار... ئىسمىنى بىلمەيدىكەنمەن.

ئىشقىلىپ بىر خىل پەيزى!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-3 23:24:31

9- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ داڭلىق پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرماننىڭ خىلى كۆپ پىلاستىنكىلىرىنى ساقلاۋاتىمەن ھازىرمۇ .

بىرخىل پەيزى ھە مۇزىكىلىرى .....

98-يىللىرىغۇ دەيمەن ،تۇنجى قىتىم 10 كويغا مۇشۇنىڭ رېچاردنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىنى سىتىۋالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە.






星空 شۇمۇ؟


تەقدىر دېگەن لىنتىسىغۇ دەيمەن ئېسىمدە قىلىشىچە.  

ئويلاپ باقسام شۇكەن ، مەنمۇ 8 كويغا ئاپتىكەنمەن.
بەت: [1]
: غېنى سەمەت: مەشھۇر پىيانىنوچى رىچارد كلايدېرمان