NASA بىر يېڭى ئاينى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
NASA بىر يېڭى ئاينى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
بىلىمخۇمار
2013-يىلى 6-سىنتەبىر كۈنى، ناسا بىر يېڭى ئاينى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئۇشقۇرىنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Lunar atmosphere and dust enwironment explorer» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «LADEE» دەپ يېزىلىدۇ. LADEE بىر ماشىنا ئادەم (robot) تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ ئاينىڭ ئاتموسفراسى، ئاي يۈزىگە يېقىن رايونلارنىڭ شەرت-شارائىتى، ۋە مۇھىتنىڭ ئاي شارى چاڭ-توزاڭلىرىغا بولغان تەسىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە تەپسېلىي ئۇچۇر توپلايدۇ. يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلەر ئۈستىدىكى مۇكەممەل چۈشەنچە ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم قاراڭغۇلۇقلارنى يورۇتۇپ، ئالىملارنىڭ باشقا كائىنات جىسىملىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
LADEE ئاي ئوربىتىسىغا كىرگەندىن كېيىن، دەسلەپكى 40 كۈن ئىچىدە تەييارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى دەسلەپكى 30 كۈن ئىچىدە ئۇ ئاي يۈزىدىن ناھايىتى يىراق بولغان بىر ئوربىتىدا تۇرۇپ، لاسېر نۇرى خەۋەرلىشىش ئۇسكۈنىنى سىناق قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ 40 كۈن توشقاندىن كېيىن، ئۇ يېڭى بىر 100-كۈنلۈك ئىلمىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىگە ئورنىتىلغان 3 دانە ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن ئاي شارى ئاتموسفراسىنىڭ تەركىۋىي قىسمىنى ئېنىقلايدۇ. ئاي شارىنىڭ چاڭ-توزاڭلىرىنى يىراقتىن ئۆلچەيدۇ. ئاي شارى ئاتموسفراسىنىڭ خېمىيىلىك تەركىۋىي قىسىملىرىنى ئۆلچەيدۇ. ھەمدە ئاي شارى ئاتموسفراسىدىكى چاڭ-توزاڭ زەررىچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى ئانالىز قىلىدۇ.
LADEE بىر كىچىك تىپلىق ئالەم ئۇشقۇرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 383 كىلوگرام كېلىدۇ.
تاكى يەقىنغىچە كىشىلەر «ئايدا ئاتموسفرا يوق» دەپ قاراپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قاراشقا ناسا نىڭ «ئاپوللو-17» قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئېلىپ بارغان تەجرىبىسى (The lunar atmospheric composition experiment , LACE) خاتىمە بەردى. يەنى ئايدا يەر شارى، ۋېنىرا ۋە مارس قاتارلىقلارنىڭ ئاتموسفراسىدا يوق بولغان، «ناترىي» (sodium) ۋە «كالىي» (potassium) دەپ ئاتىلىدىغان گازلار بار. ئەمم بۇ گازلارنىڭ زىچلىقى يەر شارىنىڭ ئاتموسفراسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن تۆۋەن. مەسىلەن، بىر كۇب سانتىمېتىر يەر شارى ئاتموسفراسىدا 10 نىڭ 19-دەرىجىسىگە تەڭ ساندىكى مولېكۇلا بار. ئەمما بىر كۇب سانتىمېتىر ئاينىڭ ئاتموسفراسىدا بولسا ئاران بىر مىليون (10 نىڭ 6-دەرىجىسى) دانە مولېكۇلا بار. ئاي شارى يۈزىدىكى ئاتموسفرانىڭ زىچلىقىنى يەر يۈزىدىن 415 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى ئوربىتىدا ئايلىنىدىغان «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ ئورنىدىكى ھاۋانىڭ زىچلىقى بىلەن ئوخشۇشۇپ قالىدۇ.
ماقالە مەنبەلىرى:
http://www.nasa.gov/ladee
http://www.nasa.gov/content/ladee-update-fully-stacked-on-minotaur-v/#.UiEUSTbktIQ
http://www.nasa.gov/content/nasa-prepares-for-first-virginia-coast-launch-to-moon/#.UiEXKzbktIQ
http://www.nasa.gov/mission_pages/LADEE/news/lunar-atmosphere.html#.UiEbQDbktIQ
رەسىم مەنبەلىرى:
http://www.nasa.gov/sites/default/files/styles/673xvariable_height/public/fairing-stack-1_0_0.jpg?itok=0X-FJlZE
http://www.nasa.gov/sites/default/files/styles/673xvariable_height/public/ladee-surface_1.jpg?itok=yCBpAw2p
http://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=Wge0R-T_xBI
1-رەسىم: ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشقا تەييارلىنىۋاتقان LADEE
2-رەسىم: ئاي شارىنى تەكشۈرىۋاتقان لادەئە (سىزىلغان رەسىم)
3-رەسىم: ئامېرىكا «ئاپوللو 17» قۇرۇلىشى جەريانىدا ئاي شارى ئاتموسفراسىنى تەكشۈرگەن ئەسۋاپ



bilimxumarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
NASA بىر يېڭى ئاينى تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇشقۇرىنى قويۇپ بېرىدۇ
..

3- قەۋەتتىكى arkzat618نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەركىن سىدىق ئاكا .يەر شارى بىلەن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئوخشىماسلىقى ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى ۋاكۇملۇق شارائىت ئالەم بوشلۇقىغا ۋەياكى ئاي شارىغا چىققان ئىنسانلار شۇ جايدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرسا ئادەم بەدىنندە فىزولۇگىيلىك ئۆزگۈرۈش بۇلامدۇ؟ مەسلەن بالدۇر قېرىش ياكى قېرىماسلىق ، سۆڭەك شالاڭلىشش،....ۋەھاكازالار دىگەندەك. 50-100يىلغىچە ئالەم كىمسى ،ئۇچار تەخسىلەرگە ئولتۇرۇپ قۇياش سېستىمسى ياكى سامانيولى سېستىمسنىڭ باشقا پىلانىتلىرىغا ساياھەت ،كۈچۈش دىگەندەك ئىشلار بۇلىدىغان بولسا، ئۈزۈمنى توڭلىتىپ قۇيۇپ شۇخىل مەنزىرلەرنى كۆرسەم .ھەي....بىزلەردە نىمشقا مۇشۇ ئاستورونوميە كەسىپى يوق؟ يابولمىسا تىلۋىزوردا مەخسۇس بىر ئاسترونومىيە قانىلى تەسس قىلغان بولسا ...
ئۈزەڭلىنى توڭلىتىپ قويساڭلا مەنزىرە كۆرۈش تۈگۈل چۈشمۇ كۆرەلمەيسىلە.
ئاي يۈزىدە دىترىي تىرىتىي كۆپمۇ؟ شۇنداق بولسا كېيىنچە يادرو يىغىلىش قازىنىغا ئايدىن رۇدا توشۇپ كىلەمدۇ؟ بىلىمخۇمار ئەركىن سېدىق ئاكا شۇمۇ ؟
كۆز دېگەن كامار نېمە ،كۆرمىسە بىكار نېمە دېگەن شۇدە ....

پاتراق بىلگەن بولسام ،نۇرغۇن سۇئاللىرىم بارئىدى سورايدىغان . {:106:}
ئامرىكا ھاۋا مۇداپىيە قىسىملىرى ،كونتۇرۇللۇقىنى يوقاتقان سۈننى ھەمراھلارنى ئىتىپ چۈشىرەلەيدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك
قىلغانتىم بۇ راسمىدۇ ؟ بۈگۈندىن باشلاپ مۈنبەردە تۇدۇن بولۇش ئۈچۈن، ھەر بىر تېمىغا بىر ئىككىدىن ئىنكاس يېزىپ، تېما قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاپتۇرغا رەھمەت ئېيتىپ، بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، ھېچ ئىشقا ئارلاشماي، مۇنازىرە قىلماي، ئەڭ موھىمى يالغان ياۋىداق ئۇچۇر تارقىتىش جىنايىتى بىلەن موما يەپ قالماسلىق ئۈچۈن، مەنبەسى ئىنىق بولسىمۇ نەقىل قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، ئېغىزنى مەھكەم تۇتۇپ، تۇدۇن بولۇش ئۈچۈن ئالغا قاراپ ئىلگىرلىمەكچى.

7- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئامرىكا ھاۋا مۇداپىيە قىسىملىرى ،كونتۇرۇللۇقىنى يوقاتقان سۈننى ھەمراھلارنى ئىتىپ چۈشىرەلەيدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك
قىلغانتىم بۇ راسمىدۇ ؟
ئامىركا ئەلۋەتتە قىلالايدۇ، ئۆتكەندە بىر ساقچى يېقىنىم دۆلىتىمىزنىڭ ياپۇننىڭ بىر سۈنئىي ھەمراسىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەنلىكىنى دەپپەرگەن ئىدى ۋۇيييييييۇ ،،،،،چۈشەندىم ،،،ساقچى دوستىڭىز ئىككى دۆلەتنى ئالماشتۇرۇپ قويمىغاندۇ ھە ؟ {:92:} ياق ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ دىيىشىچە لازىر نۇرى بىلەن ئېتىپتىكەن،بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىدا تۇرىۋالغان ياپونىيە سۈنئىي ھەمراھىنى.
13- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياق ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ دىيىشىچە لازىر نۇرى بىلەن ئېتىپتىكەن،بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىدا تۇرىۋالغان ياپونىيە سۈنئىي ھەمراھىنى.
ئەگەر راسىتنلا شۇنداق بولسا جوڭگونىڭ مەتبۇئاتلىرى پۈتۈن جاھاننى بىر ئالغان بۇلاتتى. مەن ئىشەنمەيمەن. بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىدا لەيلەپ تۇرالايدىغان ئەجەپ يامان سۈنئى ھەمراكەن ھە ئۇ.
ئۇچۇرۇپ قويۇپ تارتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان لەگلەك بولسا كېرەك.
15- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىدا لەيلەپ تۇرالايدىغان ئەجەپ يامان سۈنئى ھەمراكەن ھە ئۇ.
ئۇچۇرۇپ قويۇپ تارتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان لەگلەك بولسا كېرەك.
ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ يىرىگە ئامراق-تە مەن.
15- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بېيجىڭنىڭ ئاسمىنىدا لەيلەپ تۇرالايدىغان ئەجەپ يامان سۈنئى ھەمراكەن ھە ئۇ.
ئۇچۇرۇپ قويۇپ تارتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان لەگلەك بولسا كېرەك.
bilimxumar ئەپەندىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بۇ بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇرچە ئاخباراتلاردا «ئالەم كېمىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسىنى «ئالەم ئۇشقۇرى» دەپ ئاتاۋەتقاندەك تۇرىسىز، ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنى توغرا ئىملادا «ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئاتىساق. چۈنكى سۆز يىلتىزى «ئۇش، ئۇشۇش...» ئەمەس، بەلكى «ئۇچ، ئۇچۇش...»؛ «ئۇچ+» قا «غۇرقۇرگۈركۈر» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ياسالغان سۆز «ئۇچقۇر» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ، رەھمەت. bilimxumar ئەپەندىم، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، بۇ بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. ئۇيغۇرچە ئاخباراتلاردا «ئالەم كېمىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان نەرسىنى «ئالەم ئۇشقۇرى» دەپ ئاتاۋەتقاندەك تۇرىسىز، ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنى توغرا ئىملادا «ئالەم ئۇچقۇرى» دەپ ئاتىساق. چۈنكى سۆز يىلتىزى «ئۇش، ئۇشۇش...» ئەمەس، بەلكى «ئۇچ، ئۇچۇش...»؛ «ئۇچ+» قا «غۇرقۇرگۈركۈر» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ياسالغان سۆز «ئۇچقۇر» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ، رەھمەت.
بەت:
[1]