alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-31 09:09:23

تىل ئۆگىنىش ۋە تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيتى قەيەردە؟

تىل ـــ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى، ئۇ رېئال ئىجتىمائىي ھادىسە. ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىل بۇۇرۇن يەر شارىنىڭ نۇپۇسى بىر مىليونغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇ دەۋرىلەردىكى كىشىلەرنىڭ تىل بايلىق تۆۋەنرەك، ئىپادىلىشىمۇ ئانچە كۈچلۈك بولمىغان، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى نەتىجىسىدە، ئىنسانلارنىڭ مىللەت ئالاھىدىلىكى بارغناسېرى روشەنلىشىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە دۇنيادا 6000 دىن ئارتۇق تىل ئىشلتىلمەكتە. نۆۋەتتە 6 مىليارتقا يېقىنلىشىپ قېلىۋاقتان ئىنسانىيەت ئىچىدە نۇپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئاھالە ئىشلىتىۋاقتان تىل 200 خىلغا يېتىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىن كېيىن خېلى بىر مەزگىلگىچە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن بولغان مۇشۇ 2000 خىل ئىچىدە دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %90 تى قوللىنىدىغان تىل ئاران 10-15 خىل. 19-ئەسىردە ئىنگىلىزتىلى دۇنيا تىلى، گېرمان تىلى پەن تېخنىكا تېلى، فرانسوز تېلى ئەدەبىيات-سەنئەت تىلى دەپ تەرىپلەنگەنىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدن تارتىپ سىياسىي جۇغراپىيە (گېئوپولىتىك) لىك سەەبلەر نەتىجىسىدە ياپون، خەنزۇ، ئەرە ۋە تۈرك تىللىرى قايتا كۈچىيىشكە باشلىدى. شۇڭا، نېمە ئۈچۈن تىل ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن چۈشەنمىكىمىز زۆرۈر.ئىسلاھات

2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى غەلبىسى بولۇپلا قالماي بەلكى، ئۆز نۆۋىتىدە ئىنگىلىز تىلىنىڭ غەلبىسى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلى يېقىنقى 50يىل ماباينىدە مىسلىسىز دەرىقىدە كېڭەيتىشكە باشلىدى. 60-ىللاردىن كېيىن كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە internet نىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش تۈپەيلىدىن، ئىنگىلىز تىلىنىڭ ئىشلىتىش ساھسى بارغانسىرى كېڭەيمەكتە. بولپمۇ سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرىلىشىشىمۇ ئىنگىلىز تىلىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە غايەت زور ئىمكانىيەتلەر ئېلىپ كەلدى. دېمەك، ھازىر خەلقئارا پەن-تېخنىكا، ئاخبارات، نەشىرىيات، رادئىو-تېلىۋېزىيە، خەۋەرلىشىش، سودا-تىجارەت، ئېلىكتىرون، ساياھەت، مۇلازىمەت، ھەربىي… …ساھەلىرىدە ئىنگىلىز تىلى يېتەكچىلىك ئورۇندا تۇرماقتا. لوندوندا نەشىر قىلىنغان «دۇنيا تىللىرى ئاتلىسى» دا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنگىلىز تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، كاندا، گۋانا، باھانا… …قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ دكلەتلەرنىڭ ئاھالىسى 400 مىليونغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردىن 1 مىليارت 500 مىڭ كىشى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنگىلىز تىلى قوللىنىدۇ. ھەرقايسى قىتئەلەردىكى 83 دۆلەت ۋە رايون ئىنگىلىز تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى ياكى 2-دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن.«پايدىلىنىش» گېزىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ «خەۋەرلەر» ھەپتىلىك ژورنىلىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خەۋەر قىلىشىچە ئاسىيادا 400 مىليون كىشى ئىنگىلىز تىلىنى زۆرۈر ئالاقىلىشىش تېلى دەپ قارايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇق، ھىندىستانلىق ۋە ھىندونېزىيلىكلەر ئاساسى ئۇرۇننى ئىگلەيدىكەن، ئېلىمىزدە نەچچە يۈز ئىنگىلىز تىلى كىتابلىرى ئىچىدە «new concepet english» دېگەن كىتابنىڭ 17 مىليون تىراژدا بېسىلغانلىقىلا بۇ نوقتىنى ئىسپاتلايدۇ. نۆۋەتتە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلى زۆرۈر دەرسلىك قىلىنماقتا. ئەگەر كىمدە-كىم بۇنىڭدىن سىياسىئون، پروفسسور، دوكتۇر، ئىنژېنېر، ئالىي مۇھەررىر، مۇدىر ۋىراچ بولىمەن، چەتئەلدە ئۇقۇيمەن، پۇل تپاىمەن، كارخانىچى بولىمەن، ساياھەت ياكى ھەج قىلىمەن….دەيدىكەن، چوقۇم ئىنگىلىز تىلىنى بىلىشى لازىم.

جۇڭگۇدا چىنڭ خاندانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى، ياپون باسقۇنچىلىرى ۋە گومىنداڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىنىشى ــ ھەققانىيەتنىڭ غەلبىسى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە تىلنىڭ غەلبسى ۋە ئۇنىڭ مۇقىملىشىپ گۈللىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ غەلبىنىڭ ئىمكانىيتى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ گىراماتىكىسى رەسمىي شەكىللىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، چۈشىنىشلىك ۋە يىغىنچاق مەنىگە ئىگە قىسقارتىلغان خەت شەكلى بارلىققا كەلدى. سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە خەنزۇ تىلى يزىقىنىڭ تەسىر كۈچى توغرسىىدا تۆۋەندىكىدەك مىسال كەلتۈرىمەن: 1950-يىلى 140 خىل گېزىت، 295 خىل ژورنال بولغان بولسا 1978-يىلى گېزىت 186 خىلغا، ژورنال 1300 خىلدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1997-يىللىق گېزىت-ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا مەملىكەت بويىچە 8135 خىل ژورنال، 2202 خىل گېزىت ئاشكارا ۋە ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان. 1999-يىللىق گېزىت-ژورنالغا مۇشتەرى بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، ژورنال 4277 خىل، گېزىت 1182 خىل بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆزلىرى تارقىتىلغان ئاشكارا گېزىت-ژورناللار ۋە ئىچكى گېزىت-ژورنال، ئىچكى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى قوشقاندا ھەر خىل گېزىت-ژورنال، 18 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. ھۆججەت، تەشۋىقات ماتىرىيالى، تەتقىقات دوكلاتى، يىغىن ماتىرىيالى، كارخانا ماتىرىيالى، ئېلان، ئۇقتۇرۇش….دېگەندەك باسما بۇيۇملار كۈندە مىليونلاپ بېسىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان نەشىرىيات 613 بولۇپ، يىلغا نەچچە يۈز مىليون پارچە كىتا بېسىلىپ تۇرىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 1055 سىملىق تېلىۋېزىيە ئۇلاپ تارقىتىش پونكىتى بار. 700 دىن ئارتۇق سىمسىز تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى جەمئىي 4000 قانال (ئوخشىمىغان جايلاردىكى ئوخشاش بولغان پروگراممىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن جەمئىي 80 مىڭ سائەت (ئوخشىمىغان جايلاردىكى ئوخشاش بولغان پروگراممىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پروگرامما كۆرسىتىدۇ. (بۇ سانلىق مەلۇمات «دۇنيا رادىئو-تېلىۋېزىيسى» ژورنىلىدىن ئېلىندى). رادىئو-پروگراممىلىرىنىڭ جەمئىي ئاكلىتىش ۋاقتىمۇ تېلىۋېزىينىڭكىدىن كەم ئەمەس. دۇنيادىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا خەنزۇتىلى مەتبۇئاتى بار. بىر قىسىم دۆلەتلەر سۈنئى ھەمراھ ئارقىلىق c ۋە Ku دولقۇن بەلۋىغىدا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە خەنزۇتىلىدا رادىئو-تېلىۋېزىيە پروگراممىسى تارقىتىدۇ. دېمەك، دۆلەت ئىچىدە ئۇچۇر، بىلىم-تېخنىكا ئىگىلەپ، يۇرتقا، مىللەتكە تۆھپە قۇشۇنى مەقسەت قىلىدىغان ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلىنى ئۇغلۇ بىلمەك بىلەن بىللەن، خەنزۇتىلىنى ئۇلۇغ نىشان ئۈچۈن ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىش لازىم.

تىل ئۆگىنىش تىلغا ئېلىنسا ئاۋۋال ئانا تىلىنىڭ ئەھۋالى كۆز ئالدىمزىغا كېلىدۇ. پارتىيىمىز شىنجاڭ خەلقىگە كومپارتىيە ئەگەشسىمۇ، تېلى ئۆزگىچە» دەپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى قۇرۇپ بەرگەنىدى. شۇڭا، مىللىي باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپەلردە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى بار. ئەڭ مۇھىمى بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولىدىغان مىليونلىغان ئاتا-ئانىلار ئانا تىلىنىڭ ساپلىقىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك. ئىسلاھات يولغا قۇيۇلغان 220 يىلدىن بېرى، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، روسچە بىلىدىغان ياكى خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، ياپۇنچە بىلىدىغان…..دوكتۇر، پروفېسورلار ۋە تىل مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. بۇ ياخشى ۋە ئەھمىيەتلىك باشلىنىش، تىلشۇنساسلىق بويىچە نۇپۇزلۇق ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، بىر ئادەمنىڭ مەلۇم تىلنى ئۈگىنەلەيدىغان-ئۈگىنەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنىىڭ 1000 خام سكزنى ۋە 30 شەكلىنى يادقا ئالالىغان-ئالالمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «خەنزۇتىلىدىن ئاساس» نىڭ 1-قىسمىدا 1600 سۆز، «concept englsh new» نىڭ 1-قىسمىدا 1500 خام سۆز ھەمدە نۇرغۇن گىرامماتىكا قائىدىلىرى بار. ئادەتتە كىشىلەر مۇشۇ كىتابلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە تىرشىپ ئۈگەنسىلا 8 ئايدا بىر تىلدا تۇرمۇش سۆزلىرىنى سۆزلىگىلى، خەتلەرنى يازغىلى بولىدۇ.

تىل ئۆگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت ۋە پۇل ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە سەرپ بولۇپ كەتكەن ۋاقىت ۋە پۇل-مالغا نىسپەتلەشترگەندە بەكمۇ ئاز بولۇپ، نۆۋەتتىكى شارائىتتا 20 يىل تەييارلىق قىلىپ توي قىلىشقا كەتكەن ۋاقىتنىڭ 1/20نى، كەتكەن پۇلنىىڭ 1/40 نى سەرپ قىلىپلا خەنزۇ ياكى ئىنگىلىز تىلىنى ھاجەتكە لايىق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. دېمەك، تىلىدىن ئىبارەرت ئەرزان، لېكىن ئەڭ ئۆتكۈر قۇرال ئارقىلىق جۇڭگۇنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشتەك ئۇلۇغ مەقسەتكە يەتكىلى ياكى يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە تىل ئۆگەنمەسلىك، ئۆگەنسىمۇ ئۈنۈمى بولماسلىق دەل باشقا مىللەتلەرنى چۈشەنمەسلىك، ئۇلارىدن ياتسىراش ۋە ئاخماقلارچە ئۆچ كۈرۈش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئەگەر ئۆزىڭىز ئانا تىلنى سۆيمىگەننىڭ ئۈستىگە، باشقىلارنىڭ تىلىنى زۆرۈر بولسىمۇ جاھىللىق بىلەن ئۆگەنمىسىڭىزمۇ، ئەتە-ئۆگۈن ئۇلار بەلكىم سىزنى «تارىم مۇزېيى» دىكى ھەيكەللەر دېيىشى مۇمكىن، شۇڭا باشقىلاردىن ئەيىب ئىزدىگىچە ئۆزىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ!

بىر ئادەم، بىر مىللەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كېلىدۇ. خىيال ۋە غايىبتىن كەلمەيدۇ. باشقىلارنى چۈشىنىش، باشقىلاردىن مەنپەئەت ۋە پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىلىنى چۈشىنىش مىلەتلەرنىڭ ئىناقلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى ئوبدان زەڭ قۇيۇپ ئۆگىنىپ پەرقلەرنى كىچىكلىتىش لازىم.

شۇڭا ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىر، ئىنژېنېر، پروفېسور، دوكتۇر، كارخانىچى، رەھبەر….قاتارلىق يۇرتنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشلىرى خەنزۇ ۋە ئىگىلىز تىلىنى بىلىشى، ياشلار شارائىتىنىڭ بارىچە يەنە باشقا مۇناسىۋەتلىك تىللارنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم.

————————

«تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر (ئەخمەتجان ئىسمائىل)» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.

مەزكۇر يازمىنىڭ مۇقىم ئۇلىنىشى: http://www.qatil.net/?p=960 | قاتىل خاتىرىسى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 13:59:57

بەت: [1]
: تىل ئۆگىنىش ۋە تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيتى قەيەردە؟