iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:05:14

مۇلاھىزە : پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىمىز دىدى

يېقىندا ب د ت نىڭ قورال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆكـتىچىلەر ۋە پۇقرالارغا سارىن گازى قاتارلىق خېمىيىلىك قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىدى ، ئۆلگىنى كۆپىنچە بىگۇناھ نارەسىدە كىچىك بالىلار ،بۇ قىرغىنچىلىقلارنى كۆرۈپ ئىنسان قانداقمۇ چىداپ تۇرالىسۇن ، بۇ ئىشنى مەيلى كىم قىلغان بولسۇن ، چوقۇم قاتتىق جازاغا تارتىلىشى كېرەك .











ئەنگىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى ۋە مېدىيالىرى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 14 قېتىم خېمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى .ياۋروپا ، ناتو ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىبۇ قېتىمقى ئىشتىن كېيىن سۈرىيەگە ھەربى ۋاستە ئارقىلىق ئارىلىشىشنى ، ھەربى ھۇجۇمنى كېڭەش قىلىشقا باشلىدى، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ئاكتىپ بولۇپ ئامېرىكا ئارىلاشمىسا ئۆزلىرى ھەربى ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.


رۇسىيە ئەلباشى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەگەر غەرپ ئەللىرى سۈرىيەگە ھەربى ھۇجۇم قىلسا بىزمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىمىز دەپتۇدەك ، ئىشنىڭ قىزىقى ئەمدى باشلىنىدىغان چىراي ......


ئامېرىكا سۈرىيە مەسىلىسىدە ھازىرغىچە بىتەرەپ تۇرۇپ سۈرىيەنى ۋە بەششار ئەسەدنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ خېمىيىلىك قورالنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاخىرقى قىزىل سىزىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى توقۇنۇشتا خېمىيىلىك قورال ئىشلەتسە ئامېرىكىنىڭ ھەربى ۋاستە ئىشلىتىپ سۈرىيەنى جازالاش ئېھتىمالىنىڭ چوڭلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەن ئىدى ، قانداقلا بولمىسۇن ، بەتبەشىرە ئەسەدنىڭ كۈنلىرى ئاز قالغاندەك...


ئامېرىكا سۈرىيەگە ھەربى زەربە بەرسە رۇسىيە راستىنلا سەئۇدىغا ھۇجۇم قىلالارمۇ ؟



sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:38:52

رۇسىيە ئەلباشى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەگەر غەرپ ئەللىرى سۈرىيەگە ھەربى ھۇجۇم قىلسا بىزمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىمىز دەپتۇدەك

~~~~~~

سۈرىيە رۇسىيەنىڭ، سەئۇدى غەرىپنىڭ دېگەن مەنا چىقامدۇ؟

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:38:57

مېنىڭچە ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ھۇجۇم قىلدى دىسىمۇ كىچىك دائىرلىك 定点清除 ، 精确导弹 ۋە ياكى شۇنىڭدەك ھەربى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ، بىراق قىرىش خاراكتېرلىق ھۇجۇم قىلالمايدۇ

azizim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:44:14

پۇتىننىڭ گېپى ئەمەس بۇ، ھەربىي ئەمەلدارنىڭغۇ دەيمەن. ئاباي كۆرگەنتىم ۋاڭيىدا،

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:47:55

پۇتىننىڭ گېپىكەن

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:52:27

تۈركىيە ئولتۇرالماي قالغان ئوخشايدۇ،بەشىرنى قاچان ياسايمىز دەپ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:04:59

29-چىسلا قارار ماقۇللىماقچىكەنتۇققۇ ئامرىكا تەرەپ،ھېچ خەۋەر يوقما؟ ئەنگىلىيە ھۇجۇم قىلمايدىغان بوپتۇمۇ نېمە؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:09:38

رۇسلارنىڭ زادى قانداق مەنپەئەتى باردۇ سۈرىيىدە، مۇشۇ ھەزلەكلەر بەك ئىچىمنى سىقتى جۇمۇ.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:29:42

رۇسلار يۆلىگەنلىكى كىشى ئامېركىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۇپ خىلمۇ خىل باھانە سەۋەبلەر بىلەن سىياسى سەھنىدىن يوقالماقتا ، رۇسلار بۇ قېتىملىق ئەرەب باھارى زىياپىتىدە ئۆزىگە تېگىدىغان نەپنىڭ ئازلىقىغا چىدىماي قېلىۋاتىدۇ ، قويدىن يۇۋاش ئەرەبلەرنىڭ بايلىقلىرىنىڭ ئامېركىغا تەقسىم قىلىنىشىغا چىدىيالماي قېلىۋاتىدۇ ، جۇڭگۇ زىياپەتتىن رۇس ئاكىسى ئالغاچ كەلگەن تاتلىق تۇرۇملەر بىلەن ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىپ ئولتۇرماقتا ، ھەم شۇنداق ئولتۇرمايمۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ ، چۈنكى بۇ زىياپەتتە جۇڭگۇنىڭ ھەققى يوق ، پەقەت ئاشقان تاشقانغا ئىگە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، بىراق بۇ جۇڭگۇنىڭ زىيان تارتىپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بەلكى ئىتىپاقداش دوستەكلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۆزىگە بېقىندىغان ھالىتى شەكىللىنىدۇ ، سېلىشتۇرۇپ ئېيتقاندا رۇسلار ئۇنداق ئەمەس ، ئەگەر بۇ زىياپەتتە ئۆزى كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىسە جۇڭگۇنىڭ ئارقىدا قېلىش ئەمەس بەلكى بارا بارا ياۋرۇپاغىمۇ ھومىيالماي غىڭشىپ قۇيرۇق شىپاڭشىتمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى بايلىقلارنىڭ بۇنداق دېموكراتىيە بايرىقى ئاستىدىكى تەقسىماتى پەقەت قولىدا كۈچلۈك قورالى بار دۆلەتلەرنىلا قىزىقتۇرىدۇ ، باشقىلىرى پەقەت تامىقىنى چاكشىتىپ قويىشىپ تاماشا كۆرگەچ ئاكىلىرىدىن كېلىدىغان نەپنى خىيال قىلىشىدۇ ، بىر تەرەپ ئامېركا باشچىلىقىدىكى غەرپ ، بىر تەرەپ رۇس جۇڭگۇ باشچىلىقىدىكى بىر تۇركۈم كۈچلەر دو تىكىشىپ شاھمات مەيدانىغا چۇشكەن ئىدى ، ئەمدى ئامېركا تەرەپ «شاھ !» دەپ قىستاپ كەلگەندە ئۇتتۇرسا ھەقىقى بولمايدىغان روسلارلا دىمىگەنلىرى قالماي سەكرىشىپ كېتىشۋاتىدۇ ، جۇڭگۇ پەقەت يىغىندىن چىقىپ كىتىش بىلەنلا قارشىلىق قىلدى ، بەلكىم رۇسلار شاھمات تاختىسىنى ئۆرۈپ چىدىماسلىق قىلىشى مۇمكىن ، بىراق مۇمكىنچىلىكى بەكمۇ ئاز ، يىغىپ كەلسەك ، غەرپ مەيلى ب د ت دىن ھوقۇق ئالسۇن ئالمىسۇن سۈرىىيەگە ھەربى ھەرىكەت قوللىنىشى مۇقەررەرلىشىپ بولدى ، شۇنىڭدەك رۇسلارنىڭمۇ يۇقارقىدەك ھەرخىل قالايمىقان ۋاقىراپ جاقىراپ بېقىپ ئاخىرى يەنىلا ئامېركىلىقلارنىڭ ساختا كۈلكە ساداسى ئىچىدە شۈمشىيىپ قېلىشىمۇ ئاساسەن ئېنىق بولۇپ قالدى ...

ئامېركا پەرەس سى سى زۇڭتۇڭغا بېسىم ئىشلىتىپ بۇندىن كېيىن زۇڭتۇڭغا قەسەم بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا زۇڭتۇڭ بۇيرىقى چۈشۈرگۈزدى ، مۇبارەكنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلۋاتىدۇ ، رۇسلار قوللايدىغان مورسى بولسا بىر يىل پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتە قاپ يۈرەكلىك بىلەن ھەربى تەرەپ ۋە ئالى سوتتىن ئىبارەت ئىككى دۈشمەن تېپىۋالدى ، ئۆزى تەيىنلىگەن گېنىرال سى سى ئۆزىنى نەزەربەند قىلىپ مورسىنى ئىسلامنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىمەكچى دەپ ئەيپلىدى ، شۇنداقلا مىڭلىغان ئاممىنى تېرورچى دەپ قىردى ، ئەمما ئۆزى مورسىغا قارشى نەچچە ئاي نامايىش قىلغاندا بولسا بۇ يوللۇق نامايىش بولدى .........

مۇشۇلاردىن بىر نەرسىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن سىياسى ۋەقەلەر ياكى سىياسى ئىشلار مانا مۇشۇ بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنىڭ نەتىجىسى ، مۇشۇككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن دىگەندەك ، بۇ قانخور سىياسىئونلارنىڭ ئاللىقانداق ئىنسان بالىسى بىلىپ بولمايدىغان مەقسەت نىشانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش جەريانى دائىم بىچارە ئاجىز خەلقنىڭ قىرىلىشى ، يۇرت ، ئۆيلىرىنى تاشلاپ مۇساپىرچىلىقتا يۈرۈشى بىلەن بولىدۇ ، شۇڭا بەشىر.ئاساد بۇ قېتىم قانچىلىك ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دىگەن مەسىلىلا قېپ قالدى دەپ قارايمەن .

(شەخسى كۆز قاراشلىرىم ، قالايمىقان بىلجىرلىغان يەرلىرىم بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلە)

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:35:42

پوتىنجان ساختا ۋوتكا ئىچىپ قۇيۇپتۇ...بىرى سەئۇدىنىڭ خەلىقئارا بازارغا كۆپلەپ نىفىت كىرگۈزۈپ،روسلارنىڭ باھا ئۆستۈرۈش چوتىنى سۇغا چىلاشتۇرغانلىق يەنە بىرى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئامىرىكىنىڭ باشارنى ئاغدۇرىشىغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغانلىقىغا چىدىماي يەل قۇيىۋەتكەن چىراي..{:92:}

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:45:50


7- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇسلارنىڭ زادى قانداق مەنپەئەتى باردۇ سۈرىيىدە، مۇشۇ ھەزلەكلەر بەك ئىچىمنى سىقتى جۇمۇ.



روسىيىنىڭ سۈرىيىدە يادرولۇق مەنپەئەتى بار، ناۋادا روسلار سۈرىيىكى تايىنىش نوقتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ئوتتۇرا شەرقتە <كۇچا ئۇسسۇلى> ئوينىيالمايدۇ.


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:46:48

جىقراق گەپ قىڭلا ھوي،ئىككى قۇرلا توختاتماي...

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:51:19

جەۋلاننىڭ مۇنبەر ئۇچۇرىنى بىرسى ئوغۇرلاپ كەتتىمۇ قايدا بولدى؟!... \"\"

ttt@ppp يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:51:49

تېما يوللىغۇچى ئىلتەرىش ، سىز باش سۈرىتىڭىزنى ئەمدى ئۆزگەرتمىسىڭىز بولمايدىغان يېرى بوپ قالدى جۇمۇ ، ئاۋۇ ئاداش ئۆزىنى سەرخۇش (ھەمجىنىس) دەپ ئاشكارىلىدى دەۋاتقان . ئەمدى تۈرمىدىن قېچىش نى كۆرۈپ ئۇنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنىڭ رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىۋالغانلار ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتسە بولغۇدەك . ئۆزىنى ئەركەك دەپ ئويلىغانلار بىر ھەمجىنىس ھەزىلەكنىڭ سۈرىتىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئىشلىتىشكە مايىل ئەمەستۇر .



سۇمرۇغ تورىدىن بايا كۆرۈشۈمچە ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى فىرانسىيە زۇڭتۇڭى 30 - چىسلا ‹دۇنيا گېزىتى› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۈرىيەگە ھەربى ھۇجۇم قىلىش كېلەر ھەپتە چارشەنبە كۈنىدىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشى مۆمكىن دەپتۇ .

http://news.ifeng.com/world/special/xuliya/content-3/detail_2013_08/30/29179709_0.shtml

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:06:11

12- قەۋەتتىكى yukselنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جەۋلاننىڭ مۇنبەر ئۇچۇرىنى بىرسى ئوغۇرلاپ كەتتىمۇ قايدا بولدى؟!... \"\"



نىمە دەيلا ؟

lawa0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:06:14


6- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

29-چىسلا قارار ماقۇللىماقچىكەنتۇققۇ ئامرىكا تەرەپ،ھېچ خەۋەر يوقما؟ ئەنگىلىيە ھۇجۇم قىلمايدىغان بوپتۇمۇ نېمە؟



ب د ت تەكشۈرۈش قىسمىنىڭ خىميىلىك قورال تەكشۈرۈش ماتىريالى ئېلان قىلىنغۇچە 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە كەينىگە سۈرۈلىپتۇ.




tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:07:58

قايسى دۆلەت؟ ئۇ گەپنى قىلغىنى پىرانسىيەدۇ؟

ttt@ppp يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:16:04

ئەنگىلىيەدە كامىروننىڭ گېپى پارلامىنىت تەستىقىدىن ئۆتمەي قالدى . شۇڭا ھازىرچە ئەنگىلىيە ھەربى ھۇجۇمغا قاتناشمايدىغان بولدى . ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا قانداق بولىدۇ ، قاتنىشامدۇ قاتناشمامدۇ ئېنىق ئەمەس . لىۋىيە ئۇرۇشىدا ئۇرۇش باشلىنىپ دەسلەپتە ئارىلاشمىغان دۆلەتلەر كېيىن ئارىلىشىپ كەتكەن . شۇنىڭدەك ئەنگىلىيەمۇ كېيىن ئارىلىشىپ قالامدۇ


http://news.ifeng.com/world/special/xuliya/content-3/detail_2013_08/30/29156091_0.shtml

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:21:58

پۇتىنجاننىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ خوش بۇلۇپ كەتتىم .قارىغاندا بۇ ئۇرۇس چوشقىلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر چىشغا تىگىپ باقاي دەپتىدە. ئۇلۇغ مەككىگە ئۇرۇسلارنىڭ بىرەر بومبىسى چۈشسە پۈتكۈل رۇسىيە رايونى قىيامەتنىڭ ئىچىدە قالامىكىن. بولسا بارلىق مۇسۇلمانلار بىرلىشىپ يەجۈجى مەجۈجىلەرنىڭ خوشنىسنى يوقىتىڭلار.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:24:05

jewlan؛

مۇشۇلاردىن بىر نەرسىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن سىياسى ۋەقەلەر ياكى سىياسى ئىشلار مانا مۇشۇ بىر نەچچە دۆلەتنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنلىرىنىڭ نەتىجىسى ، مۇشۇككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن دىگەندەك ، بۇ قانخور سىياسىئونلارنىڭ ئاللىقانداق ئىنسان بالىسى بىلىپ بولمايدىغان مەقسەت نىشانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش جەريانى دائىم بىچارە ئاجىز خەلقنىڭ قىرىلىشى ، يۇرت ، ئۆيلىرىنى تاشلاپ مۇساپىرچىلىقتا يۈرۈشى بىلەن بولىدۇ ، شۇڭا بەشىر.ئاساد بۇ قېتىم قانچىلىك ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلەيدۇ دىگەن مەسىلىلا قېپ قالدى دەپ قارايمەن .

(شەخسى كۆز قاراشلىرىم ، قالايمىقان بىلجىرلىغان يەرلىرىم بولسا تۈزىتىش بەرگەيسىلە)

_________________________________________________________________

مەنچە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇيۇن ئوينىغۇچىلىرى يەنى يەڭگۈچى-يىڭىلگۈچى تەرەپلەر ئىنىق بولغان ھالەتتە ئوينىلىۋاتىدۇ. روسىيە ئامىرىكا باشلىق ناتونىڭ لىۋىيىگە قول سېلىشىغا بىر تەرەپلىك مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ خەۋپسىزلىك كىڭىشىدە قوللاش بىلىتى تاشلىدى. بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا كازافىي ئەسلىدە فرانسىيە ئىشلەپ چىقارغان سوقۇش ئايرۇپىلانىنى سېتىۋالماقچى بولغان، كىيىن بۇ سودىنى تاشلىۋىتىپ روسىيىنىڭ جەڭ ئايرۇپىلانى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان. ئەمما روسىيە بۇ نەپنى قۇربان قىلىۋەتتى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئامىرىكا بىلەن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئۇيۇن ئويناشتىن كۆرە جۇڭگۇنى ئافرىقىدىن قوغلىتىش مەقسىتى بار دەپ قارايمەن. بىرى جۇڭگۇ يۇقىرى باھالىق روسىيە نىفىتىدىن يالتىيىپ ئافرىقىغا قىزىقىۋاتىدۇ يەنە بىرى 5-6يىل مابەينىدە ئافرىقىغا قۇرال-ياراغ بازىرىدا روسىيىنىڭ ئۆلىشى قانچىلىك ئازايغان بولسا ئەكسىچە ھالدا جۇڭگۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسپىتى شۇنچىلىك ئاشقان. ھەممەيلەنگە ئايانكى ئىنىرگىيە ئىكىسپورتى بىلەن قۇرال-ياراغ ئىكىسپورتى روسىيە تاشقى سودىسىدا زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان ساھەلەر.ناۋادا بۇلاردىن يارىتىلىدىغان كىرىم تۈۋەنلەپ كەتسە پوتىننىڭ ئىقتسىادى سېلىنمىغا تايىنىپ ئەمەلىيلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك پىلانلىرىغا تەسىر يىتىدۇ.

...

ئۇنىڭدىن باشقا سوۋىت ئىتتىپاقى گۇمران بۇلۇپ روسلارنىڭ تەسىر-كۈچ تالىشىدىغان رايۇنى زور كۆلەمدە تارىيىپ كەتكەندىن كىيىن لىۋىيە تەبىئىيلا ئەسلىدىكى سىياسىي قىممىتىنى يۇقاتتى، گەرچە كازافىي ئۆلۈشكە قەدەر غەرپكە قارشى مۇقام توۋلاپ كەلگەن بولسىمۇ كىرىمىلغا نىسپەتەن لىۋىيە يىڭى تىركىشىش نوقتىسى بۇلالمايدۇ. بۇ كونا ئاغىنىنى ئامىرىكىغا سېتىۋېتىپ جۇڭگۇنى ھەيدەشنى شەرت قىلسا ئامىرىكا ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ روسلارنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ.

...

سۈرىيىدە قىمارۋازلارنىڭ سالغان دەسمىيسى ئۇلارنىڭ نىمە مەنپەئەتى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ باردى. بۇ دۆرەم ئۇتقۇچى زور ئۇتۇق قازىنىدۇ ئۇتتۇرغۇچىنىڭ قۇڭىدا ئىشتان قېلىش-قالماسلىقىغا بىرنىمە دىمەك تەس ئەمەستەك قىلىدۇ.{:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: مۇلاھىزە : پۇتىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىمىز دىدى