ZILTAR يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 14:39:32

电磁炉(ئېلىكتىر ماگىنىتلىق ئوچاق) قانداقراق نەرسە؟

يېقىندا توردىن ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ 电磁炉(ئېلىكتىر ماگىنىتلىق ئوچاق) كۆرۈپ قالدىم، بۇرۇن ئىشلەتكەنلىرىم بويىچە ئويلىسام خېلى پاكىز، ئورۇن تېجەيدىغان ئالاھىدىلىكلىرى باردەك تۇيۇلدى ، لېكىن كۆپ ئىشلىتىپ باقمىغاچقا سەل ئىككىلىنىپ قالدىم. قېنى تورداشلار تۆۋەندىكى سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگەيسىلەر.


مېنىڭ ئالايمىكى دەۋاتقىنىم گېرمانىيەنىڭ مەھسۇلاتىمىش، مانا ماۋۇ


http://s.click.taobao.com/t?e=zGU34CA7K%2BPkqB07S4%2FK0CFcRfH0GoT805sipKkJbmcIIAeM5p55t5SWJF49EG9MsDnlcGvqxUS0eoj%2Feh%2FaRIer3cAjRdodXM4T3lXP3yDVqFE%3D



1.بۇ نەرسىدە تاماق ئەتسە ئادەتتىكى ئوچاقتا تاماق ئەتكەندەك بولامدۇ ، مەيلى قورۇما قورۇش ، پولو ئېتىش بولسۇن ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەپتى تاماق ئېتىشكە ماس كېلەمدۇ؟ مەن بۇرۇن شورپا قاينىتىپ باققان شۇڭا بىلمىدىم.



2.ئايالىمنىڭ قورسىقىدا بولغاچقا بۇ نەرسىنىڭ رادىئاتسىيىسىدىن ئەنسىرەپ ماتىريال ئىزدىسەم ، 电磁炉(ئېلىكتىر ماگىنىتلىق ئوچاق) رادىئاتسىيىسىدىن تۆۋەن ، تېلېفون رادىئاتسىيىسىنىڭ 6دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ دەپتۇ ، مەن كۆرگەن ئوچاقنىڭ رادىئاتسىيىسى پەقەت يوق دەپتۇ، راستىنلا رادىئاتسىيىسى تۆۋەنمۇ؟



بىلىشىڭلارچە جاۋاپ بەرگەيسىلەر دوستلار

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:15:22

يې، خوگو ئوچاقكەنغۇ بۇ. ئادەم چېلىپ!

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:23:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈرۈمچىدىكى دوسىتلار.

بايا كۆرسەم 5.1 بال يەر تەۋرىدى دەيدۇ ئۈرۈمچىدە، ھەممىڭلار تىنچ ئامان، ساق-سالامەتمۇ؟

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، زىلتار ئەپەندىم رەنجىمەڭ ھە.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:25:16

مۇبارەك بولسۇن زىلتارچاققا !

ماگېنىتلىك تەسىرى بارلىقى ئېنىق. جاپالىق بولسىمۇ يەرلىك ئۇسۇلدا ئاش- تاماق قىلىپ تۇرساڭلار بولامىكىن دەيمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:38:03

مەن ئالغىنى بىلەن بىر ماركا ئىكەن، بەشيۈزگە ئالغان ئىدىم،ئاساسلىقى دورا قايناتقىلى ئالغان ،رازى بولدۇم.چىداملىقتەك كۆرۈندىغۇ، يۈز كىلو دورىنى بىر كۈن ئېسىپ قايناتتىم نورمال.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:43:07

2- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈرۈمچىدىكى دوسىتلار.

بايا كۆرسەم 5.1 بال يەر تەۋرىدى دەيدۇ ئۈرۈمچىدە، ھەممىڭلار تىنچ ئامان، ساق-سالامەتمۇ؟

تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، زىلتار ئەپەندىم رەنجىمەڭ ھە.



تىشلىق ئامانلىق بولمىغانلارنىغۇ ئاڭلىمىدۇق ، ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلا ، ئىشقىلىپ خېلى تەۋرىدى...\"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:44:24

1- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يې، خوگو ئوچاقكەنغۇ بۇ. ئادەم چېلىپ!

ئىككىسى بىر گەپ ھاجىم

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:53:14

ئايالىمنىڭ قورسىقىدا بولغاچقا بۇ نەرسىنىڭ رادىئاتسىيىسىدىن ئەنسىرەپ

___________________________

رادىئاتسىيەدىن ئەنسىرسىڭىز ھامىلدارلار دۇكىنىدا بىر خىل كۆينەك بار، رادىئاتسىيەنى توسىدىغان.



پۇل خەجلەشتىن قورقسىڭىز خوتۇنىڭىزنىڭ كىيىمىنىڭ ئىچىگە تاماكىنىڭ قېپى ئىچىدىكى ئاليۇمىن قەغەزنى تىكىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقا مېتاللارنى تىكىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ  {:92:}  

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 15:59:00

ئېلىپ بەرگەن ئۇ كۆينەكنى، ماڭىغۇ شۇنداق؟؟؟؟؟؟؟بىر نېمىدەكلا تۇيۇلدى.



ئەپەندوم مېتال رادىئاتسىيە توسامدا؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:38:05

8- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېلىپ بەرگەن ئۇ كۆينەكنى، ماڭىغۇ شۇنداق؟؟؟؟؟؟؟بىر نېمىدەكلا تۇيۇلدى.



ئەپەندوم مېتال رادىئاتسىيە توسامدا؟



ھەئە، مېتال ئېلىكتىر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنى توسىدۇ. ئاتوم بومبىسنىڭ رادىئاتسىيسىنى قانداق قىلدىكى ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 16:43:51

مەنمۇ ئىككى يىل بولدى مۇشۇ ئوچاقنىڭ تامىقىنى يەۋاتقىلى. پولو ئەتكەندە بۇ ئوچاقتا قورۇۋېلىپ ئاندىن گاڭپەن پىشۇرىدىغان قازاندا دۈملەيمىز. قالغان بىز دائىم يەيدىغان تاماقلارنى مۇشۇ ئوچاقنىڭ ئۆزىدىلا ئەتكىلى بولىدۇ، قورۇما قازىنى، شورپا قازىنى دەپ ئايرىم قازانلىرى بار، مەخسۇس سۈت قىزىتىدىغان، پوشكال سالىدىغان قازانلىرىمۇ بار. كۆنۈۋالسا قالسا جىق قولايلىق.

ئاۋۇ رادىئاتسىيسىنى خېلى تۆۋەن دەيدۇ، لېكىن ئاياللار تاماق ئەتكەندە قورساق قىسمى ئۇدۇل كەلگەچكە ئامال بار بۇنىڭدىن توسىدىغان كىيىم ياكى پەرتۇقلارنى ئىشلەتكىنى ئەۋزەل.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:32:58

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:45:17

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 18:52:43

مەن سەل كەسپى نوقتىدا(专家) تۇرۇپ جاۋاپ بېرىپ باقاي ، كەسپى نوقتىدىن (砖家) چىقماي قالسا ،قىشچى مەدىكار نوقتىسىدىن چىقىپ قالسا ، ئانچە مۇنچە قىش تاشلىساڭلار ، ئۆيۇم يوقتى ، شۇ قىشتا ئۆي سېلىۋالارمەن ...

1. تۆۋەندىكىسىنى كونا تېمامدىن كۆچۇرۇپ كەلدىم ..

«ئېلېكتىرو ماگىنىتلىق ئوچاق (induction cooker، 电磁炉) ياكى ئىندوكسىيلىك ئوچاق تۇرمۇشىمىزدا كەڭ ئومۇملاشتى .



ئېلېكتىرو ماگىنىتلىق ئوچاق تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئوچاق دېيىلىدۇ بۇ خىل ئوچاق قۇيۇن توك پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ ،يەنى تىرانسىفورماتۇر ياكى بىيەنياچىنىڭ پىرىنسىپىغا ئوخشايدۇ . بىر گۇرۇپپا ئورامدا ھاسىل بولغان ئۆزگىرىشچان ماگىنىت ئىقىمى يەنە بىر ئورامدا توك ھاسىل قىلىدۇ. يەنى ماگىنىت دولقۇنى قازاننىڭ تۇۋىگە كېلىپ ، توك ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىپ ، قازاننى قىزىتىدۇ ، ئىنىرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۇنۇمى ئالاھىدە يۇقرى . ئۇيغۇر كارخانىللىرىمىزدىن مەشرەپ شىركىتىمۇ ئشلەپ بازارغا ساپتۇ (تېلۋۇزۇردا ئېلانىنى كۆردۇم ) ،بۇ خىل ئوچاق بولۇپمۇ مەندەك تەبىي گاز ئورناتمىغان ، بىر تۇڭ گاز 100 يۈەن بولسىمۇ چىداپ ئشلىتىۋاتقانلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ ، چۇنكى بىر كىلوۋات توك ئاران 0.6 يۈەن2000W لىق ئوچاق بىر سائەت ماڭسا ئاران 2 يۇەن ئەتراپىدىكى توك كېتىدۇ ئەمەسمۇ .



پاكىز ، بىخەتەر ، قولايلىق بولغانلىقى ئۇچۇن تىز ئومۇملاشماقتا .



رادىئاتسىيىسى ؛توك ئوچاقنىڭ رادىئاتسىيسى خىلىلا بار ، ھامىلدارلار داۋاملىق قىشىدا يىقىن تۇرىۋالماي نىرىراق تۇرۇپ مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ .



مەن مىيدى (美的) ماركىلىقتىن بىرنى تاۋباۋ تورىدن ئالغان ، مال كەلگەن كۇنى سىناپ ئاندىن ئاشپەزنىڭ (خوتۇننىڭ ) قولىغا تۇتقۇزۇش ئۇچۇن توكقا چىتىپ ئۇستىگە ئاليۇمىن چەينەكنى قويسام ، ئوچاق قازان يوق دەيدۇ ، توختا كاساپەت ، مېنىڭ قازان قويماي چەينەك قويغىنىمنى بىلىپ قاپسەن - دە ، بۇنىڭغا قانداق يۇقرى پەن تىخنكا ئشلەتكەندۇ دەپ ئويلاپ ، تىگىگە يىتەلمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن چەينەكنى ئېلىۋىتىپ ئوچاقنىڭ ئۇستىگە قازاننى قويسام تونۇدى (ئېلېكتىرو ماگىنىتلىق ئوچاق بولغاچقا ماگىنتلاشمايدىغان ، ماگىنىتلىغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى يەنى تۆمۇر جەمەتىدىن باشقا مىتاللارنى تونۇمايدىكەن ، قويسا قازان يوق قايلاپ تۇرىدىكەن ، تۆمۇر قازان ، داتلاشماس قاچا دىگەنلەرنى پەچەت تونۇپ قويىدىكەن ) ئوت كۇچىنى ئەڭ يۇقرىغا توغۇرلاپ قويۇپ (تىمپىراتۇرا 250 گىرادۇس ، قۇۋەت 2000W ) ، ماينى تېپىپ بولغۇچە ئارلىقتا قازاننى تىگى چوغدەك قىپقىزىل بولۇپ كېتىپتۇ ، دەرھال قازاننى يەرگە ئالدىم ، نەتىجىدە قازاننىڭ تېگى مايماق – سايماق چوقۇر بولۇپ قالدى (بۇ قازان كىيىن تىزلا تېشىلىپ كەتتى )، تەكلىپ ؛ ھەممە نەرسىنى ، كېمىدە قازانغا قۇيىدىغان ماينى تەييار قىلىپ ئاندىن توكنى ئۇلاپ ، قازاننى ئشلىتىڭ .



بىزنىڭ ئۆيدە ئاساسلىق شورپا قاينىتىشقا ، ھوردا پىشىدىغان تاماقلارنى پۇشۇرۇشقا ، سۇيۇقئاش تۇرىدىكى تاماقلارغا ئشلىتىمىز».


تۆۋەندىكى رەسىمدىكى شۇ .


\"\"\"\"\"\"


2. زىلتار بۇرادەر تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغىنى ئېلېكتىر ماگىنتلىق ئوچاق ئەمەس . ئۇ پەقەت توك ئوچاق .


بۇرۇنقى بىر خىل ئوچاقلىرىمىز بارئىدىغۇ ، شۇ خىل ئوچاقنىڭ يۇقرى يىڭى نەشىردىكىسى ...بۇنى (电陶炉) نى ئۇدۇللا توك ئوچاق دەپ تەرجىمە قىلساق بولىۋىرە دەپ ئويلايمەن ... ئەمدى بۇنىڭ راددىئاتسىيەسى يوقنىڭ ئورنىدا ، ئەمما ئىچىدىكى پۇرژىنا سىمى قىززىپ ئاندىن ئۇستىگە ئىسسىقلىق ئۇزىتىدىغان بولغاچقا توكتىن پايدىلىنىش ئۇنۇمى ئىندوكسىيلىك ئوچاقتەك يۇقرى ئەمەس . ئىككىنى ئارىلاشتۇرۋالماڭلار .. ئەڭ مۇھىمى ئۇستىدىكى ئەينىكىنى چىقىپ قويماڭلار ، ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىق ....





بۇرۇنقى تىمام لازىم بولغانلارغا :


http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46956








\"\"

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 19:39:59

12- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ۇ قازان قورداق ئىتىشكىمۇ بەك ماس كىلىدۇ. ئەتكەن قورداقتا بىر خىل تەم بار ئىشقىلىپ.


ئەگەر سىلەر تەرەپتە بولمىسا بىزدە جىق. ئەۋەتىپ بىرەيلى.



باھاسى قانچىكەن ، دەڭە بىزمۇ بىلىپ قالىلى ، بولسا رەسىملىرىنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ ، ياراپ قالسا ، قىشىڭىزغا بېرىپ ئېلىۋالىمەن ...

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 19:45:26

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-31 09:05:12

ۋوجوووون، توك دىگەننى كالا سۈ ئىچكەندەك شوراپ قويىدىكەنغۇ. \"\"

زىلتارجان، ئەتراپىمىزدا ھىلىمۇ رادىئاتسىيە ئاز ئەمەس...

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-31 16:55:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،ئىزدىنىشنتىكى كونا يېڭى تورداشلارغا يېڭى ئەزادىن سالام ،

مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي ، سىز دەۋاتقان ئوچاق ئەگەردە مەن ئىشلىتىپ باققان توك ئوچاق بولسا (ئۇنى مىكرۇ دولقۇنلۇق ئوچاق دەپمۇ قويىدىكەن ) ،مېنىڭچە ئۇنى ئالماڭ .چۈنكى ئۇنىڭدا ئەتكەن تاماقنىڭ تەمى بىلەن گازدا ئەتكەن تاماقنىڭ تەمىدە باشقىچە پەرق بار ئىكەن ، مەن زادىلا كۆنەلمىدىم ،يەنىلا ئوتۇننىڭ بولمىغاندا گازنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئەتكەن تاماق تېتىملىق ،ھەم باشقىچە بولىدىكەن .

  ئىزدىنىشتىكى دوسلاردىن سوراپ باقسام ،گۈلەن ئۇستاز تىچلىقمىدۇ ؟ ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-31 22:20:50

بۇ مىكرو ئوچاقنىڭ رادىئاتسىيىسى بارلىقىدىن خەۋىرىم يوقكەن ، دىققەت قىلساق بولغۇدەك ،،،،



ئامۋاينىڭ 5000 يۈەنلىك بىر قازىنى باركەن دەپ ئاڭلىغان ، پولو ئەتسە ياغ كەتمەيمىش ،

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-9-2 21:04:41

رادىئاتسىيە، توكنى كۆپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۆي ئىچى ياكى يىقىن ئەتراپتا ئىنىقلا رادىئاتسىيە پەيدا قىلىدۇ...
بەت: [1] 2
: 电磁炉(ئېلىكتىر ماگىنىتلىق ئوچاق) قانداقراق نەرسە؟