رەھىمسىزلىك ئەرلەردىكى مۇھىم پىسخىك ساپادۇر
نۇر مۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنى
«ئەر، يىگىت» سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى جەڭچى بولاتتىكەن. جەڭچى ھازىرلاشقا تىگىشلىك سۈپەت ئادەتتە غەزەپ- نەپرىتى، مۇھەببەت سۆيگۈسى ئېنىق، قەتئىي، تېز پۈكمەس، ھوشيار، بەردەم بولۇشتۇر.
يىغلاڭغۇ، مىشچان ئەردىن ياراملىق جەڭچى چىقمىغانغا ئوخشاشلا، مىجەز- خارەكتىرى نازۇك ئەرلەرمۇ ئاياللىق قەسرىنىڭ ۋە ئائىلە ئوردىسىنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق شاھىنشاھلىرى، قوغدۇغۇچى پاسىبانلىرى بولالمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر بىر ئىنساننى پادىچىغا ئوخشاتقان ۋە «ئۆز پادىلىرىڭلارنى قوغداڭلار دىگەن». بىر ئەر ئۈچۈن ئۇنىڭ خوتۇنى، ئائىلىسى، بالىلىرى قوغداش كېرەك بولغان ھەققانىيەتلەر جۈملىسىدىندۇر. ئۇنى لايىقىدا قوغداپ ئىززەتكە ئېرىشتۈرىمەن، دەيدىغان ھەر قانداق بىر ئەردە مۇلايىملىقمۇ، مېھرىبانلىقمۇ، كەڭ قۇرساقلىق، ياۋاش- يۇمشاقلىقمۇ، شۇنداقلا رەھىمسىزلىكمۇ يىتەرلىك بولىشى كېرەك. بىزدىن، بىزنىڭ ئەرلىرىمىزدىن تاۋى نازۇك يۇمشاقلىق، ھەممىلا نەرسىنى ئەپۇ قىلىۋېتەلەيدىغان مەۋقەسىز كەڭ قۇرساقلىق خېلى يىتەرلىك چىقىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇستەھكەم قەتئىي ئەقىدىگە يانداشقان رەھىمسىزلىك بىزدە ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئەرلىرىمىز ئۆزىدە رەھىمسىزلىكتىن ئىبارەت بۇ پىسخىك ساپانىمۇ يىتىلدۈرۈپ قويىشى كېرەك. يەنى خوتۇن-بالىلىرىغا قالايمىقان ۋارقىراپ- جارقىرايدىغان پاخپاق چېچىلىش ئەمەس.
ئەڭ مۇھىم لازىم يەرلەردە ئىشلىتەلەيدىغان ئورۇنلۇق رەھىمسىزلىك ئەرلەرنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدىغان ساپادۇر.
بۇرادەر، ھەر قانداق ئەخلاقسىزلىققا رەھىمسىزلىك قىلىشنى ئۈگۈنۋېلىڭ. ھەممىلا نەرسىنى ئەپۇ قىلىۋېرىشكە، توغرا چۈشۈنىۋېرىشكە، كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشى دەپ يول قۇيۇۋېرىشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادە غىلجىڭ، تاۋى نازۇك، سۆرەلمە بۇلىۋالماڭ.
توغرا، بۇ شەخىس شۇنداق بولاي دەپلا بولىۋالىدىغان ئىش ئەمەس، لېكىن ئۆزىڭىزدە ئاشۇنداق نازۇكلۇق، كىشىلەردىن ئاغرىنىپلا يۈرىيدىغان، باشقىلارغا ئازار يىتىپ قالامدىكىن دەپ ئەڭ ئەقەللىي ئىشلاردىمۇ تەمتىرەيدىغان ئامىللار بولسا، دەرھال ئۇلارنى چۆرۈپ تاشلاڭ. خوتۇنىڭىز بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، يەنە ئۇنىڭ يىغىسىغا ياكى تۈلكىلەرچە مىشىلدىشىغا قاراپ مەيلىلا دەۋېتەمسىز؟ بەزى ئىشلاردا رەھىمسىزرەك بۇلۇڭ. قاتتىق قوللۇق، باغرى تاشلىق ئەرلەر يىتىلدۈرۈشكە تىگىشلىق مۇھىم ساپالارنىڭ بىرى. ھەممىلا نەرسىگە تەرەت سۈيىدەك ئىلمان مۇئامىلە قىلماي، كەسكىن، قەتئىي يۇسۇندا مۇئامىلە قىلشنى ئۈگۈنىڭ.
دۇنيا كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ، باشقىلارغا كۆيۈنىمەن، مىھرىبانلىق قىلىمەن، يول قۇيىمەن دەپ بەدقىلىق ياۋۇزلۇققا داغدام يول ئېچىپ بەرمەڭ. ئەرلەردىكى قەتئىيلىق، رەھىمسىزلىكنىڭ سۇسلىشىش، غىلجىڭ مىجەز، نايناقلىق، نازۇكلۇق، كېسىپ گەپ قىلالماسلىق، مۇھەببەت- نەپرىتىنىڭ نائېنىق بولىشى جەمئىيىتىمىزدىكى بارلىق ئەخلاقسىزلىق ۋە بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئانىسى- دادىسىدۇر. ھەر بىر ئەر ئۆزىدە رەھىمسىز قەتئىيلىقتىن ئىبارەت بۇ ساپانى يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
«كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق ئەسىرىدىن پارچە
مەن بولسام قۇلاق تۈۋىگە سالاتتىم ئاندا خوتۇننى{:92:}



رەھىمدىل بولۇش ئۈچۈن مەدىنىيەت ۋە ئېتىقاد لازىم بولىدۇ، بۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.
4- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن توي قىلىپ ئايالىمنى ئورۇپ باقمىدىم ،ئەمما نەچچە قىتىم تىللىشىپ سۇقۇشۇپ قالدۇق ،ھەر قىتىم سۇقۇشۇپ بولوپ كۇندۇزى گەپ قىلىشمايمىز ،كەچتە ئەپلىشىپ قالىمىز ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ كولدۇرۇۋىتىمەندە ..ئەپلىشىپ قالىمىز ..خودايىم بويىرىسا بۇدا يەنە سوقۇشقاندا يەنە ئەپلىشىپ قالىمىز ..نىمە قىلىدۇ ،،كوڭۇلنى قاتتىق رەنجىتىپ بىكار ئاجرىشىپ كەتسە بالا يىتىم بولىدۇ ،،يەنە خوتۇن ئالدىغانغا نەدە پۇل بۇ يىل تاۋۇزدىن قاتتىق زىيان تاتقاندا...![]()
بۇيىل داۋاملىق قۇناق تېرىيدىغان ئىشتى
6- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھىمدىل بولۇش ئۈچۈن مەدىنىيەت ۋە ئېتىقاد لازىم بولىدۇ، بۇ ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس.

كەنجى رەسمىي رەھىمسىزكەن ، مەنمۇ بەزىدە ئاشۇنداق رەھىمسىزلىك قىلىپ ئۇششاق گەپكە قالاتتىم رەھىمسىز دېگەن سۆز مودا بولماس ئەمدى. بۇ يەردە ئۇقۇمنى خاتا ئىشلىتىش مەسىلىسى بار شۇڭا يازمىدا ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنا ماۋزۇدا توغرا يۇرۇتالمىغان. «رەھىمسىزلىك» دىگەن «باغرى قاتتىق»، «كۈيۈمى يوق» دىگەن مەنىدە . لڭكڭب يازمىدا دىمەكچى بولغىنى باشقا گەپ دىنغا،ئنسانىيەتكە،لوگىكىلىق تەپەككۇرغا مۇنداق قارشى پىكىرنى دەبدەبىلىك يورۇتۇپ بىرەلىگەن نادىر ‹‹ماقالە››نى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
ھەي،كاللىسى بار ئنسان،رەھىمسزلىك قانداق ساپا ھىسابلىنىدۇ؟ سەن ئالدى بىلەن ئنسان تۇرۇپ مۇشۇنداق جۆيلۇۋاتامسەن؟قايسى تەبىقە،قايسى مىللەت،قايسى دىن ساڭا رەھمسزلىكنى ساپا دەپ ئۆگىتىدۇ؟
مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ سۆزىنى چۇشەنگۇدەك كاللاڭ بولسا،نەقلى قىل.بولمسا خاتا تەلىم بەرمە.مۇھەممەت ئەلەيھسالام:مۇلايىم ۋە مىھرى-شەپقەتلىك بولمىغانلار بىزدىن ئەمەس دىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھسالام :ئائىلىسگە ،بالىلىرىغا،ئاتا-ئانىسغا سىلە-رەھىم قىلىشتىنمۇ ئارتۇق سەدىقە يوق دىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھسالام:بىر-بىرىڭلارغا مىھرىبان بولۇڭلار،دۇشمىنىڭلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار دىگەن.مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەتتا ھايۋانغا ئازار بىرشتىمۇ توسىغان.
مەسىلە:مىھرى-شەپقەت ۋە رەھىمسزلىكنىڭ كىمگە ۋە نىمە ئۇچۇن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىرىنسپ ۋە ئۆلچەم مەسىلىسى.
سەنچۇ قارا،پەقەت ۋە پەقەت دىنى ئەھكامنى ئۆز ئەينى يەتكۇزسەڭمۇ سەن دىگەن بۇنداق پەلپەتش گەپتىن مىڭ ھەسسە تېپدۇ ۋە كىشلەرگە خاتا ئۇچۇر بەرمەيسەن.
نىمىگە رەھمىسزلىك قىلىدۇ؟ دۇشمەنگە.نىمە ئۇچۇن ؟ئۆزىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۇچۇن،زىمىندا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن.
كاللىسى ئىشلەيدىغان بىراق كاللا ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر نەسىھەتچى بۇلامدىكىن دەيمەن.
13- قەۋەتتىكى heqqaniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىنغا،ئنسانىيەتكە،لوگىكىلىق تەپەككۇرغا مۇنداق قارشى پىكىرنى دەبدەبىلىك يورۇتۇپ بىرەلىگەن نادىر ‹‹ماقالە››نى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.
ھەي،كاللىسى بار ئنسان،رەھىمسزلىك قانداق ساپا ھىسابلىنىدۇ؟ سەن ئالدى بىلەن ئنسان تۇرۇپ مۇشۇنداق جۆيلۇۋاتامسەن؟قايسى تەبىقە،قايسى مىللەت،قايسى دىن ساڭا رەھمسزلىكنى ساپا دەپ ئۆگىتىدۇ؟
مۇھەممەت ئەلەيھسالامنىڭ سۆزىنى چۇشەنگۇدەك كاللاڭ بولسا،نەقلى قىل.بولمسا خاتا تەلىم بەرمە.مۇھەممەت ئەلەيھسالام:مۇلايىم ۋە مىھرى-شەپقەتلىك بولمىغانلار بىزدىن ئەمەس دىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھسالام :ئائىلىسگە ،بالىلىرىغا،ئاتا-ئانىسغا سىلە-رەھىم قىلىشتىنمۇ ئارتۇق سەدىقە يوق دىگەن.
مۇھەممەد ئەلەيھسالام:بىر-بىرىڭلارغا مىھرىبان بولۇڭلار،دۇشمىنىڭلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار دىگەن.مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەتتا ھايۋانغا ئازار بىرشتىمۇ توسىغان.
مەسىلە:مىھرى-شەپقەت ۋە رەھىمسزلىكنىڭ كىمگە ۋە نىمە ئۇچۇن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پىرىنسپ ۋە ئۆلچەم مەسىلىسى.
سەنچۇ قارا،پەقەت ۋە پەقەت دىنى ئەھكامنى ئۆز ئەينى يەتكۇزسەڭمۇ سەن دىگەن بۇنداق پەلپەتش گەپتىن مىڭ ھەسسە تېپدۇ ۋە كىشلەرگە خاتا ئۇچۇر بەرمەيسەن.
نىمىگە رەھمىسزلىك قىلىدۇ؟ دۇشمەنگە.نىمە ئۇچۇن ؟ئۆزىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۇچۇن،زىمىندا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقى ئۇچۇن.
سىز تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۈرۈپلا ئىنكاس يازغاندەك قىلىسىز.ۋاقتىڭىز بولسا تېمىنى تۇلۇق ئۇقۇڭ،ئۇنداق «ھەي كاللىسى بار ئىنسان»دەپ چالۋاقاپ كەتكۇدەك «خاتا»لىق يوق بۇتېمىدا.
مەن بۇ ئەخلەت يازمىنى چىداپ تۇرۇپ ئاخىرغىچە ئوقۇدۇم.مەزمۇنىنىڭ گەۋدىلەندۇرمەكچى بولغان شۇئارى ،يەنى ئاخىرقى مەقسدى بەرىبىر ‹‹ئنسانىيەتكە قارشى ››دەبدەبىلىك يېڭى گەپ ‹‹رەھىمسىزلىك ئەرلەردىكى مۇھىم پىسخىك ساپادۇر››دىن ئىبارەت.بۇنداق پىرىنسىپى ،ئۆلچىمى بولمىغان ساختا چاقىرىقلار ئادەمنىڭ كۆزىنى غۇۋالاشتۇرىدۇ.
ئەڭ ئەقەللى گەپنىمۇ جايىدا دىيەلمىگەن بۇنداق يازمىنى ئوقۇش-ئادەمنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلەشتۇرىدۇ.
ھازىر بىزدە ئومۇملاشتۇرۇشقا تىگىشلىك تەپەككۇر ئۇسۇلى:نىمە؟ نىمە ئۈچۈن؟ قانداق؟-دىگەندىن ئىبارەت ئاددى لوگىكىلىق ئۇقۇمدىن باشلىنىشى كىرەك.
ماۋۇ بىچارە بايقۇش نىمە ئۇچۇن رەھىمسزلىك قىلىشنى ،كىمگە رەھىمسزلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلماقچى ئەمدى؟ مۇشۇنچىلىك بىر نۇقتىئىنەزەرنىمۇ تولۇق شەرھىيلەپ بىرەلمەي،ئاشۇ نەرسىنى بازارغا سىلىپ يۇرەمدۇ؟
يىراقنى قويۇپ يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا نەزەر سالساقلا تۆمۈر خەلپە ،غوجىنىياز ھاجى ،ئەخمەت ئەپەندىم ،سىيىت نوچى قاتارلىقلارنىڭ پاجىئەسىنىڭ كەينىدە بىر رەھىمدىللىك ياتىدۇ .شۇڭا يۇقارقى ماقالىدە ئېيتىلغاندەك بەزى ئىشلارغا رەھىمدىل بولۇشنىڭ ئۆزى ئۆزەڭگە رەھىمسىزلىك قىلغان بىلەن تەڭ .دوست يىغلىنىپ ئېيتار دېگەن ماقالنىڭ جەۋھىرى نەق شۇ . ھەققانى ئەپەندىمنىڭ چۈشىنىشى ئۆز مەيدانى نۇقتىنەزىرىدە تۇرۇپلا چۈشىنىشكەن. كۆپ قىرلىق كۆزىتىپ ئويلانغان بولسا ماقالىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ يوققا چىقىرۋەتمەيتتى .
