مەسلەھەت كۆرسەتسەڭلار
سالام ئىزدىنىشتىكى ئاكا-ھەدىلەر
مەن 2012ئالى مەكتەپ ئېمىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نۇمۇر ئالالماي ئېچكىردىكى مەلۇم بىر شەخس ئىگىلىكىدىكى مەكتەپنىڭ سىستىرالىق كەسپىگە ئوقۇشقا بارغان، مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلى 12000 ، لېكىن مەكتەپتە بىر يىلدىن بۇيان ھېچ كەسپى دەرس ئۆتمىدى ، ھەم ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئېمتىھانىغىمۇ تەشكىللىمىدى ، مۇنداق كىتىۋەرسە مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مۇشۇ مەكتەپنىڭ دىپلومىدىن باشقا دىپلۇم ئالالمىغىدەكمەن .
شۇڭا ھازىر ئوقۇش سۈپىتى ياخشىراق ، ئوقۇش پۇلى مۇۋاپىق ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغىمۇ تەشكىللەيدىغان مەكتەپ تەۋسىيە قىلساڭلار . شىنجاڭ پەن تېخنىكا ئۇچۇر ئىنىستۇتى قانداقراقتۇ ؟
كەسىپ تاللاشتىمۇ بېشىم قېتىپ تۇرىدۇ ، قانداق قىلسام بولا ؟
تىللىماي ياخشى مەسلەھەت بەرسەڭلار...
پەن ـ تېخىنىكا ئۇچۇر ئىنىستۇتىتىمۇ ئۇ مەكتەپتىن قېلىشمايدۇ . شىخەنزە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تارمىقىدا بىر سىستىرالىق مەكتىپى بار ئوخشايدۇ ، مېنىڭ بىر تۇنۇشۇم بۇ يىل ياخشى نۇمۇر ئالالماي ، ئاخىرى ئاشۇ يەرگە ئۆتۈپتۇ ...ئومدان مەسلىھەت:
1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى
بۇ
ئىنىستىتۇت مەخسۇس ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالغانلارنى يۇقىرى ئوقۇش
پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. كەسىپلىرى كادىر بولۇشقا ماس كەلمەيدۇ، ئەمما
ئىنتايىن جانلىق كەسىپلەر بار، مەسىلەن: مال ئوبورتى، تاشقى سودا،
رېمونتچىلىق، رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، مالىيە،.... دېگەندەك. بۇ
ئىنىستىتۇتتا ئوقۇغاندا خۇسۇسىي شىركەتلەردىن خىزمەت تېپىش ئاسان.
تور ئادرېسى: www.kj.xju.edu.cn
مەكتەپ كىرىشتە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى دېگەنلەر يۇقىرىقى تور بېكەتتە تەپسىلىي بار.
دىققەت: بۇ مەكتەپ ھۆكۈمەت ئىگدارچىلىقىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئىنىستىتۇتى. ئەمما دىپلوم بەرگەندە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دەپ خېتى بار دىپلوم بەرمەي، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تېخنىكا ئىنىستىتۇتى» دېگەن خېتى بار دىپلوم بېرىدۇ. ئىلتىماس قىلمسىڭىز باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بەرمەيدۇ. باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، ھەممە ئىمتىھاندىن تولۇق ئۆتۈشىڭىز كېرەك.
2. تۈركىيەدە ئوقۇش
ماتېرىياللىرىڭىزنى تەييار قىلىپ، ئىچكىرىدە پاسپورتنىمۇ بېجىرىۋېلىپ، كېلەر يىلى 3 ئايدا تىزىملايدىغان تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىڭ. تەستىقلىنىپ تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ بىرەرسىگە ئۆتۈپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس. ئادرېسى: www.turkiyeburslari.org
3. تەكلىپ
نەدىكى كېرەك كەلمەيدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇيمەن دەپ ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغۇچە، ئۆيىڭىزگە بېرىپ قۇرئان ئوقۇڭ.
بىراق مەنمۇ تور ئارىلاۋېتىپ ب د ت ۋە سۈرىيە ھەققىدىكى مۇنۇ خەۋەرگە قىستۇرۇلغان بىر سۈرەتنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا توغرا كەلدى..... http://www.nur.cn/news/2013/08/133623.shtml سۈرەتتىكى سۈرىيمۇ ؟ئەنگىلىيىمىدۇ؟ ياكى ب د ت نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىمىدۇ؟(نىمانداق بىر يەرگە ئوخشايدۇ....) ئۇ سۈرەتتىكىسى سۈرىيەمۇ ئەمەس، ئەنگلىيەمۇ ئەمەس، ب د ت دەپ دۆلەت يوقتۇ؟!
://www.nur.cn/news/2013/08/133623.shtml راسلا ئوخشاپتۇرىدىغۇ ؟
5- قەۋەتتىكى lawa0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشقىلار يېتەرلىك مەسلىھەتلەردە بوپتۇ.
بىراق مەنمۇ تور ئارىلاۋېتىپ ب د ت ۋە سۈرىيە ھەققىدىكى مۇنۇ خەۋەرگە قىستۇرۇلغان بىر سۈرەتنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا توغرا كەلدى.....http://www.nur.cn/news/2013/08/133623.shtmlبۇ سۈرەتتىكى سۈرىيمۇ ؟ئەنگىلىيىمىدۇ؟ ياكى ب د ت نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىمىدۇ؟(نىمانداق بىر يەرگە ئوخشايدۇ....)
دېمىسىمۇ ئوخشاپلا تۇرىدا؟ قاچان ھۇجۇم قىلغان بولغىيتى..
8- قەۋەتتىكى dilmuratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى lawa0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشقىلار يېتەرلىك مەسلىھەتلەردە بوپتۇ.
بىراق مەنمۇ تور ئارىلاۋېتىپ ب د ت ۋە سۈرىيە ھەققىدىكى مۇنۇ خەۋەرگە قىستۇرۇلغان بىر سۈرەتنى كۆرۈپ باشقىلاردىن ياردەم سوراشقا توغرا كەلدى.....http://www.nur.cn/news/2013/08/133623.shtmlبۇ سۈرەتتىكى سۈرىيمۇ ؟ئەنگىلىيىمىدۇ؟ ياكى ب د ت نىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىمىدۇ؟(نىمانداق بىر يەرگە ئوخشايدۇ....)
دېمىسىمۇ ئوخشاپلا تۇرىدا؟ قاچان ھۇجۇم قىلغان بولغىيتى..
90-يىلى ھۇجۇم قىلمىغان بولغىيدى -ھە؟......
قاپلاننىڭ يۈرىكىنى يەۋالدىمۇ نىمە

10- قەۋەتتىكى qassapنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قاپلاننىڭ يۈرىكىنى يەۋالدىمۇ نىمە![]()
ئۆز پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قاپلاننىڭ يۈرىگىنى يىيىش ھاجەتسىز .