pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 17:23:57

پېشۋا ئەدەبىيات تورى قۇرۇلدى

پېشۋا  ئەدەبىيات تورى قۇرۇلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتىرەم قىرىنداشلار، ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! جەمىئەتنىڭ، پەن-تىخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، يىقىنقى  ئون يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك تىز كۆپىيىپ،ئىنتىرنىت تورى نۆۋەتتە ھەربىر كىشىنىڭ بىلىم ئىلىش، جەمىئەتنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىش، تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئىلىش، ئالاقە ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى. شۇنىڭغا ياندىشىپ ئوقۇرمەن ، يازغۇچىلىرى ھەر كەسىپ،ھەر ياش باسقۇچىدىن تەركىپ تاپقان  تور ئەدەبىياتىمۇ تور دۇنىياسىدىن بەلگىلىك كەڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، ئوقۇرمەنگە كەڭ ،خىلمۇ-خىل ئەسەرلەردىن زوقلىنىش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغىمۇ ئۆز ئىقتىدارىغا ماس بولغان ، ئۆزى تاللىغان ئۇسلۇپ،ئۆزى ياقتۇرغان ژانىر، ئۆزى ئىقتىدارغا لايىق ئەسەر سەھىپىلىرى ۋۇجۇدقا چىقتى. پېشۋا ئەدەبىي ئىجادىيەت تورى ئۆز نۆۋىتىدە كەڭ ئوقۇرمەن، كەڭ قەلەمكەشلەر قوشۇنىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ سىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھبە قوشۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تورداشلارنى تىخىمۇ پاكىز، ئېسىل ،بىرىنچى قول ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش، جەمىئەتتىكى ھەرساھە، ھەر كەسىپ، ھەرخىل ياشتىكىلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك ئىجادىيەت سەھنىسى، ئۆزىنى چىنىقتۇرۇش، ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىش، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر تور ئەدەبىيات ئىشلىرىنى ئۆزگىچە يوسۇندا ئىلىپ بىرىپ، ئاۋامنىڭ قەلبىگە تىخىمۇ يىقىنلىشىش، خەلقنىڭ كۈلكىسىگە كۈلىدىغان، يىغىسىغا يىغلايدىغان ھەقىقي مەنىدىكى خەلقچىل تور بەرپا قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى. تور بىتىمىز:

1.  تور بېتىمىز ئەدەبىي ئىجادىيەت تورى بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئەڭ يېڭى، ساپ ئىجادىي ئەسەرلەردىن ھوزۇرلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،  تور بەتتە پەقەت ئەزالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، باشقا بەتلەردىكى يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كىلىش، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى ۋاكالىتەن ئېلان قىلىش، مۇشۇ تور بەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. پەقەت مەشھۇرلار ئىزلىرى سەھىپىسىدىلا  چەت-ئەل، جوڭگو ۋە ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدىكى ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە، دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەسەرلىرى چەكلىك ساندا يوللىنىدۇ، تىپىك يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە دائىر ئەسەرلىرى، ۋە تەرجىمىھال كەچمىشلىرى تونۇشتۇرىلىدۇ. بۇ سەھىپىگىمۇ باشقۇرغۇچىلارلا ئەسەر يوللىيالايدۇ.

2. تور بېتىمىز ئىناق، ساغلام بولغان تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قاتتىق بولغان، ئەزا تىزىملاش، باشقۇرۇش، ئەسەر تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئەزالارنىڭ ھەقىقي سالاھىيتى بىلەن تېزىملتىش ۋە باشتىن –ئاخىرى ھەقىيقى سالاھىيەت بىلەن ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللىي ۋە دىننىي سەزگۈر تېمىلار، ئەنئەنىدىن چەتنىگەن، مىللىي ئەخلاققا زىت بولغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ، قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار، تەكرار ئاگاھلاندۇرش بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ ئەزالىق نامى چەكلىنىدۇ، زۆرۈر تىپىلسا IP ئادىرسى بىلەن قوشۇپ ماتىرىياللىرى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ، شۇڭا  تورداشلارنىڭ تور بىكىتىمىزگە بۇ جەھەتتە مەتبۇئاتلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3. ئىنتېرنىت تور ئىشلىرىمىز نۇرغۇن تەرەققياتلارغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ، ھەربىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان باللىرىمىز ئۈچۈن ئاجىراتقان سەھىپىلىرىمىز ، توردىكى بالىلارغا ئائىت مەزمۇنلار كىشىنى يەنىلا قانائەتلەندۇرمەيدۇ، تور بىكىتىمىز ئانا تىل مائارىپىغا يىقىندىن كۈچ قوشۇش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىيات يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنىتلەرنى تەربىيلەش جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان ئالاقە بوشلۇقىنى تولدۇرۇش، بالىلارغا ماس بولغان تور ئەسەرلىرىدىن زوقلىنىش سەھنىسى ھازىرلاش مەقسىتىدە مەخسۇس بالىلار ئەدەبىياتىغا ئورۇن ئاجىراتتۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەخسى ياكى بىر سىنىپ كوللىكتىپى نامىدا تور بىكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ ، ئۆزىنىڭ مەشىق ئەسەرلىرىنى يوللىشىنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

4. تور بىكىتىمىز ئاشكارە بولغان تۆھپە باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ،تور بىكىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سانى، ئاۋاتلىقى، ھەجىمى، بىرىلگەن باھا قاتارلىقلارغا قاراپ تەڭگە تارقىتىپ، قەرەللىك ھالدا مۇۋاپىق مۇكاپاتلاپ ، رىغبەتلەندۈرۇش ئىلىپ بارىمىز. مەخسۇس سەھىپىدە تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرىلىدۇ. مۇكاپاتلىق ئەسەر پائاليتى ئىلىپ بىرىپ، مەتبۇئاتلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئالاھىدە ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى نەشىرگە ئورۇنلاشتۇرش ئىلىپ بارىمىز.

5. تور بىكىتىمىزنىڭ بىكەت مۇلازىمتى سەھىپىسى مەخسۇس ئەزالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئەزالارنىڭ پىكىر-ئالماشتۇرۇش، مۇلاھىزە، مۇنازىرە قىلىش سورۇنى بولۇپ، ئەسەرلەرگە باھا بىرىشكە توغىرا كەلسە مەخسۇس سەھىپىدە مۇكەممەل ئوبزور ۋە باھا يىزىشنى تەكىتلەيمىز. بىكىتىمىز مەخسۇس تەجرىبىلىك يازغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ۋاقىت بەلگىلەپ تېمىلىق مۇنازىرە ۋە سۆھبەتلەرگە ئۇيۇشتۇرىمىز. ھەم تەجرىبە ۋە مۇلازىمەت سەھىپىسىدە مەخسۇس يىزىقچىلىق ھەققىدە، تورغا ئەسەر يوللاش ھەققىدە مەسلەھەت بىرىش ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرۇش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

6. مەخسۇس يازغۇچىلار ئىستونىدا بېكىتىمىزنى ئالاھىدە قوللىغان، ئەسەرلىرى بەلگىلىك ساننى ئىگەللەيدىغان، دائىملىق يازغۇچىلارغا ئاجىراتقان مەخسۇس سەھىپە بولۇپ، ئىدارە، كارخانا، ئورۇن، مەكتەپلەرگىمۇ مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سىستىملىق ،تولۇق تۈردە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.

7. پېشۋا ئەدەبىيات تورى  ئەزالارغا تىنىچ، پاكىز بولغان ئەسەرلەردىن زوقلىنىش، ئىجادىيەت قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئەھۋالدىن باشقا  شارائىتتا ئىجادىي يازمىلاردىن سىرىت، ئۈن، سىن، رەسىم، خاتىرە ، مىكرو بىلوگ خاتارلىقلارنى يوللاش، تارقىتىش چەكلىنىدۇ، قىسمەن سەھىپىلەردىن سىرىت باشقا ئەسەرلەرگە يازما ئىنكاس يىزىش چەكلىنىدۇ. ئەسەرلەرگە باھا بىرىشكە توغىرا كەلسە مەخسۇس سەھىپىدە سىستېمىلىق ئوبزور يىزىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

8. بىز ئەزالارنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ تور بىكتىمىزدە مەڭگۈ، تولۇقى بىلەن ساقلىنىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىسىنىڭ تور بىكىتىمىزدە تۇنجى ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، باشقا تور بىكەتلەر ئەسەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسا تور بىكىتىمىزنىڭ ۋە ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئىلىشى كىرەك.

9.ئارزۇلىرىمىز ئۇلۇغ، لىكىن «ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق»  بىز بارلىق ئوقۇرمەنلەر، يازغۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت تور بىكەت باشقۇرۇش، سەھىپىلەر، ئەسەرلەر ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بىرىشنى، تور بىكەتنى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئەزالار بىلەن بىللە تور بىكەتنى ياخشى باشقۇرۇشقا كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇزاق مەزگىل تور تېخنىكى، باشقۇرغۇچى، مۇھەررىر، كوررېكتور، كەسپىي يازغۇچى، تور بەتلەر،شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

پېشۋا ئەدەبىيات تورى

http://www.pixwa.cn

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 04:09:58

تور بېكەتنىڭ قۇرۇلغىنى بەك ئېسىل ئىش بوپتۇ!

مۇبارەك بولسۇن!

ئەمما، مەن تور بېكىتىڭلارنى بىر قۇرۇپ كۆرۈپ تاسلا قالدىم ئىملاسى توغرا يېزىلغان خەتتىن بىرنى تاپالماي چىقىپ كەتكىلى. «پېشۋا» دېگەن خەتمۇ تۆت-بەش خىل يېزىلىپتۇ. «ھىكايە، يىڭى تىما، پوۋسىت،....» دېگەنلەر نېمە گەپ ئەمدى.

يازغۇچى بولىدىغان ياكى ئەدەبىيات تور بېكىتى ئاچىدىغان ئادەم ئەڭ ئاۋۋال خەتنى توغرا يېزىشى كېرەك. بىز تور بېكىتىڭنى پالانى ۋاقىتتا پۈتتۈرۈپ ئېلان قىلىپ بول ئالدىراتمايمىز. شۇڭا، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ، ئىملاسىنى تۈزىتىپ چىقىڭ. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تور بېكىتى ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم ئىش.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 08:08:21

pixwa نى قايسى كۈنى كۆرۈپ « پەشۋا» تورى ئوخشايدۇ دەپتىمەن، ئۇيغۇرچىسىغا قارىسام « پېشۋا» ئىكەن.

ئەدەبىيات دېگەن تىلنى تۈزەش، ئاتالغۇ قېلىپلاشتۇرۇش، ئىملانى توغرىلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.

pixwa714 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 08:23:34

بىز ( ئەمەلىيەتتە مەن يالغۇز) تەنقىدتىن بەكرەك تەكلىپكە تەشنا. شۇڭا ئاخىرىدا مۇنداق دىگەنتۇق:

.ئارزۇلىرىمىز ئۇلۇغ، لىكىن «ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق» بىز بارلىق ئوقۇرمەنلەر، يازغۇچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت تور بىكەت باشقۇرۇش، سەھىپىلەر، ئەسەرلەر ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بىرىشنى، تور بىكەتنى بىرلىكتە باشقۇرۇشنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. ئەزالار بىلەن بىللە تور بىكەتنى ياخشى باشقۇرۇشقا كۈچىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. ئۇزاق مەزگىل تور تېخنىكى، باشقۇرغۇچى، مۇھەررىر، كوررېكتور، كەسپىي يازغۇچى، تور بەتلەر،شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەلۋەتتە ئۆزىمىز ھېس قىلغان ئەمما تۈزىتىشكە قادىر بولالمايۋاتقان نۇقتىلارمۇ يوق ئەمەس، قوللاشقا موھتاجمىز.

لىكىن ياخشى نىيەت بىلەن باشلانغان بۇ ئىشنىڭ ياخشى نەتىجە بىرىشىگە ئىشەنچىم كامىل .ئىنشائاللاھ.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 08:29:37

توربەت ئىرادىڭىز كۈچلۈك بولسا ئاۋال تورنامىنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە يېزىلىشىنى ئوخشاش ئوقۇيدىغان، خاتا ئوقۇلۇپ قالمايدىغان مەنىسى چوڭقۇر پاساھەتلىكىنى ئېلىڭ .

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-9-1 08:30:15

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇبارەك بولسۇن!

ئەدەبىيات مۇنبەرلىرى كۈندىن -كۈنگە جىقىيىپ كېتىۋاتىدۇ، يازغۇچىلار تورى، يانغىن تورى، خۇشدىل تورى، يېشىل ئارال، قارا ھىجران، بوزتاغ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى،گۇما دىيارى،قۇمبۇلاق ئەدەبىيات مۇنبىرى ... قاتارلىق ھەممە ئەدەبىيات مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرى ئاساسەن ئوخشاش، كۆپىنچىسى يازغۇچى-شائىرلار ياكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى،بىر مۇنبەرگە يوللىغان ئەسىرىنى ھەممىسىگە تەڭ يوللايدۇ .

مەنچە بولغاندا بۇ تور بەتنى نوقۇل ئەدەبىيات مۇنبىرى قىلماي ، ئۇنىۋىرسال مۇنبەر قىلساڭلار ياكى باشقا يۆنىلىشنى ئاساس قىلىپ تەرەققى قىلدۇرساڭلار بولامدىكى؟!

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 14:47:10

نېمىدېگەن قاتتىق تەلەپ بۇ!؟ مېنىڭ قارىشىمچە ئىنكاس يازغىلى بولمايدىغان تور بېكەتنى تەرەققىي قىلدۇرىمەن دېيىش خام خىيال.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-9 20:39:53

تورداشلار ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ. مەنمۇ تەكرار گەپنىڭ ئورنىغا بۇ تېمىلارنى تەۋسىيە قىلاي


ئاتامانلار: ئۇيغۇر تىلى نامرات تىل ئەمەس


ئاتامانلار ۋە ئاتامان بولماقچى بولغانلارغا 38 تەكلىپ


كىكەچ ئاتامانلار ۋە بۇزۇلىۋاتقان تىل


بەت: [1]
: پېشۋا ئەدەبىيات تورى قۇرۇلدى