elanim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 17:05:33

ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۇچۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ، بۇندىن بىر-ئىككى ئاي ئىلگىرى بىز ئادەم ئىزدەش توربىكىتىمىزنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكى توغۇرلۇق تورداشلارنى خەۋەردار قىلغىنىمىز ھەممىڭلارغا مەلۇم، شۇنداق بىز توربىكىتىمىز ئېچىلغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا تورداشلارنىڭ ۋە توربىكەت باشلىقلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشتۇق ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە توربىكىتىمىزگە ئۇچۇرى يوللانغان 10 نەپەر كىشىنىڭ 3 ى ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كەلدى ، بۇ تېپىلغان 3 بالىنىڭ ھېكايسىمۇ ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە ، مەن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تىپىك بولغان بىرسىنى تورداشلارغا يەتكۈزگۈم كېلىۋاتىدۇ ،2013-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىغۇ دەيمەن خاتالاشمىسام ،بىر ئاكىمىزدىن تېلىفۇن كېلىپ تۇرسۇنئاي راخمان ئىسىملىك قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى بىزگە ئېيتىپ تورغا يوللاپ قويشىنى ئېيتتى ، بىز چاققانلىق بىلەن دادىسى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇر ۋە رەسىملەرنى توربىكىتىمىزگە چىقاردۇق ،


(توربىكەت ئادرىسىمىز :http://www.yutkanlar.com)


ھەم شۇنداقلا توربىكىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سالۇنىغىمۇ تارقاتتۇق ،(ئۈندىدار سالۇن نۇمۇرىمىز :yutkanlar) ئارىدىن 10 نەچچە كۈنلەر ئۆتكەن ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى ، تونۇشلا بىر نۇمۇر ،كىمنىڭ بولغۇيتى ؟ تېلفۇننى ئالدىم .


- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


-رەھمەت ئۇكام ، كۆپ رەھمەت ، بالام تېپىلدى ، قايتىپ كەلدى ، كۆپ رەھمەت سىلىگە ، ئاللاھ مۇراد- مەخسەتلىرىگە يەتكۈزە ......


تۇرۇپلا قالدىم ، بۇ كىم بولغۇيتى ؟ بىرپەس تۇرۋالغاندىن كىيىن : - ئاللاھقا شۈكرى ئاكا ، تېپىلغان بولسا ياخشى بوپتۇ ، بالا ساقمىكەن ؟


- ساقكەن ئۇكام ، لىكىن بەك قوقۇپ كېتىپتۇ .


- ھە ئۇنداق بولسا ھازىر قولۇمدا ئازراق ئىش بارئىدى ئاكا ، قىزمۇ ئازراق ئېسىگە كېلىۋالسۇن ، ئاندىن مەن تېلىفۇن قىلاي ، ھە راس قىزلىرىنىڭ ئىسمى نىمە ئىدى ؟


- تۇرسۇنئاي راخمان ، تۇرسۇنئاي راخمان مېنىڭ قىزىم شۇ .


- ھە بولىدۇ ئاكا ، مەن سەل تۇرۇپ قولۇم بىكار بولغاندا تېلىفۇن قىلاي .....



تېلفۇننى قويدۇم ، توربىكەتنى ئېچىپ تۇرسۇنئاي دىگەن ئىسىمغا كۆزۈم چۈشتى ، شۇنداق چىرايلىق بىر 8-9 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز تۇراتتى ، ئارخىۋىرىنى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈم يازغان بولساممۇ يەنە قايتىدىن كۆز يۈگۈرتتۈم ......


ئاللاھقا شۈكرى ، ھەرنىمە بولسا تېپىلىپتۇ ، خۇشاللىقىمدا گۇرۇپپىدىكى بارلىق بالىلارغا ھەم بىزنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاۋاتقان كىشىلەرگە خەۋەر قىلدىم ، ئۇلارمۇ خوش بولدى ھەم تۇرسۇنئاينىڭ نىمە قىسمەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى سوردى ، مەن بولغان ئەھۋالنى دەپ كىيىنچە سوراپ تورغا چىقىرىپ قويدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم ...



ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن تۇرسۇنئاينىڭ دادىسىغا تېلفۇن قىلدىم ، سەل ئالدىراش ئىكەن ، ئەھۋالنى قىسقىچىلا ئېيتىپ خوشلاشتى ....


ئەسلى تۇرسۇنئاي سىرىتتا ئويناۋاتقان ۋاقتىدا بىر ئەر بىرسىنىڭ ئۆيىنى كۆرسۈتۈپ قويۇڭ دەپ ئېلىپ مېڭىپ كىيىن ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ قاچقان ، ئارىدىن 5-6 كۈنلەر ئۆتكەن ۋاقىتتا قارا نىيەت ئۆزىنىڭ يانفۇنىدىن ئۈندىداردا تۇرسۇنئاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى ۋە رەسىمىنى كۆرۈپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن قارا نىيەت جىددىيلىشىشكە چۈشكەن ، قانۇننىڭ تورىغا چۈشۈپ جازالىنشىدىن قورقۇپ تۇرسۇنئاينى ئېلىپ نەچچە كۈنگىچە دەككە -دۈككىدە يۈرگەن ئاخىرى قەشقەرگە كېلىپ تۇرسۇنئايدىن قەشقەردە تۇققانلىرىنىڭ باريوقلىقىنى سورغان ، تۇرسۇنئاي قەشقەردە يوقلىقىنى ، ئۆزىنىڭ يېڭىشەھەردە ئۆيى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ، قارا نىيەت ئامالسىز تۇرسۇنئاينى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ قېچىپ كەتكەن ، تۇرسۇنئاي قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغان ، ساقچىلار كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرسۇنئايدىن ئەھۋال ئىگەللەپ يىپ ئۇچى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتىپ قايتىپ كەتكەن ، بولغان ئەھۋال مۇشۇكەن .


ھازىر تۇرسۇنئاينىڭ تېپىلغىنىغىمۇ 10 كۈندىن ئېشىپتۇ ، ھازىر مەنمۇ تەتىل بولغاندىكىن تۇرسۇنئاينىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر كۆرۈشۈپ كېلىش نىيتىممۇ بارئىدى ئەپسۇس ، بۇ تەتىلمۇ بىردەمدە ئۆتۈپ كەتتى ، ئاللاھ خالىسا كىيىنچە يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار.



خوش ئەمدى ئاساسلىق مەخسەتكە كەلسەك ، ھازىر توربىكىتىمىز ئېلان قىلىنىپ (http://www.yutkanlar.com)تۇرسۇنئايغا ئوخشاش 3 سەبىي ئىللىق ئائېلىسىگە قايتتى ، ئەمما يەنە ئۇچۇرى بولمىغان 7 نەپەر بالا بار، بۇلارنىڭ نەچچىسى چوڭلار بولۇپ  ئۆيدىكىللىرى بىلەن يامانلىشىپ قېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر ، يەنە نەچچىسى كىچىك سەبىي بالىلار ، بۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشنى يەنىلا تورداشلاردىن ئايرىپ قاراش مومكىن ئەمەس ، شۇڭا تورداشلارنىڭ داۋاملىق تۈردە توربىكىتىمىزنى قوللاپ - قۇۋەتلەپ بېرىشىنى توربىكەت باشلىقلىرىنىڭمۇ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز .


ئاخىرىدا ئادەم ئىزدەش تورىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ، بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى ،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى خالايدىغان، شۇ يوقاپ كەتكەن سەبىيلەرنىڭ تىزراق ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ سېپىمىزگە قوشۇلشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ، بىز ھازىر بىر تامچە ، بىزنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىرلىشىپ دېڭىز بولغىمىز بار ، ئاخىرىدا شۇ يوقاپ كەتكەن سەبىيلەرنىڭ ئائېلىسىگە تىزراق قايتىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن !


بىزگە قوشۇلۇشنى خالايدىغان تورداشلار مۇشۇ يانفۇن نۇمۇرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ .


تېلىفۇن نۇمۇر :15894788875   



ھۆرمەت بىلەن شىنجاڭ ئادەم ئىزدەش توربىكىتىدىن  نۇرئەلى ئەمەت


توربىكەت ئادرىسىمىز :http://www.yutkanlar.com


ئۈندىدار سالۇن نۇمۇرىمىز :yutkanlar


ئىككىلىك كود نى سىكانىرلاپ قوشۇلۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .


sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 21:56:09

تەكلىپ : بولسا تېخىمۇ ياخشىراق تور نامىنى تېپىپ ، مۇشۇ يوقاپ كەتكەنلەر بىلەن بىللە يەنە كىسەل كۆرسىتىشكە ۋە ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئىنانە توپلايدىغان تۈر بويىچە 3 چوڭ تۈرنى مۇھىم تۇتۇپ قېلىپ باقساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن ...

\"\"

تېخىنىكا جەھەتتە ياردەم كىرەك بولسا قولۇم كۆكسۈمدە ...

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 08:39:00

sazhumar نى پىكرىنى قوللايمەن. ئىلتىجا، مۇرەجەت، مۇھتاجلار، ساخاۋەت، مېھرىبان دېگەندەك تورناملىرىنى ئويلىشىپ بېقىڭلار.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 09:11:19

ئاخشام، بالامنى بىر خوشنام ئۆيىگە ئەكىرىپ كېتىپتىكەن، تېلېفون قىلىپ سىلەنىڭ ئۆيدىما دەپ سورىسام مېنى جىلە قىلاي دەپ يوق دەپتىكەن، مەلىدىكى بايا ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن دوستۇمغا تىلفون قىپتىمەن، مەلىدە ئولتاغانلاردىن سوراپتىمەن كۆردۈڭلامۇ دەپ، بىر دەمدىلا ئولتاغانلارنىڭ ھەممىسى سەككىز تەرەپكە بالا ئىزدەپ مېڭىپ كەتتى، پۇت دېگەندە ماغدۇر يوق. بالىسى يوقاپ كەتكەنلەنىڭ ھالىنى بىر قېتىم چۈشەنگەندەك بولدۇم.

ئىشقىلىپ بىر بىرىمىزگە ئاندا قارام چاقچاق قىلىشمايلى باللا.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 17:59:50

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 18:36:42

سازخۇمارنىڭ پىكرىنى قوللايمەن .
بەت: [1]
: ئادەم ئىزدەش تورىدىن ئۇچۇر