birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 14:56:22

بۇ قايداق تەرجىمە؟

يېقىندا «ۋېيشىن» ۋە مۇنبەرلەردە، تېڭشۈن شىركىتى چىقارغان «ۋېيشىن» ناملىق پاراڭلىشىش قورالىغا ئۇيغۇر تىلىنى ئاجايىپ كۈچەپ سۆيىدىغان پارتىزان تىلشۇناسلارنىڭ «ئۈندىدار» دەپ ئىسىم قويۇپ، بۇ ئىسىمنى مۇنبەر-مۇنبەردە تەشۋىق قىلىپ، ھەتتا يېقىن كەلگۈسىدە (ھازىر چىقىپ بوپتۇ)، سىنلىق پاراڭلىشىدىغان نۇسخىسى چىققاندا «سىندىدار» دەپلا قويسا تازا ماسلىشىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېلان قىلىۋاتقانلىقى بايقالدى....

(گەرچە سالاھيىتىم يېتەرلىك بولمىسىمۇ) بۇ خىل مەسىلىلەرگە سەل چۈشەنچە بېرىپ قويۇشنى قارار تاپتىم.


«ۋېيشىن» دېگەن بۇ سۆز ئىسىم بولغاچقا، ئىسىمنى ئۇيغۇر تىلىغا (دىن) قانداق تەرجىمە قىلىش ھەققىدىلا سۆزلەي.


ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىكلىكى بويىچە «خاس ئىسىم» ۋە «ئومۇمىي ئىسىم» دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.


ئومۇمىي ئىسىملار: ئىنسان، كومپيۇتېر، كولا... دېگەندەك بىر توپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قويۇلغان ئىسىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەلۇم  بىر ئىنساننىڭ، مەلۇم كومپيۇتېرنىڭ ياكى مەلۇم بىر كولانىڭ ئىسمى ئەمەس بەلكى، بارلىق دەرەخ، بارلىق ئىنسان، بارلىق كومپيۇتېرلارغا قويۇلىدىغان ئىسىم.


خاس ئىسىملار: ئەمەت، ئايپەد، كوكاكولا... دېگەندەك مەلۇم بىر نەرسىگە قويۇلغان ئىسىمنى كۆرسىتىدۇ.


ئومۇمىي ئىسىملار ھەرقانداق ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىنىدۇ.


خاس ئىسىملار ھېچقاچان تەرجىمە قىلىنمايدۇ، بەلكى تىرانسكىرىپسىيە قىلىنىدۇ (يەنى ئەينى تەلەپپۇزى بويىچە نىشان تىلنىڭ يېزىقىدا يېزىلىدۇ).


خاس ئىسىملارنى مەنىسى ياكى ئاھاڭى بويىچە تەرجىمە قىلىپ، ماركا تىزىملىتىدىغان ئايرىم ئەھۋاللار بار (مەسىلەن، مىكروسوفت 微软 دېگەندەك)، ئەمما بۇ ئەھۋال مەلۇم بىرلا شەيئىگە خاس ئىسىم تەرجىمە قىلىنمايدۇ دەيدىغان ئورتاق قائىدىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.




ئەمدى «ۋېيشىن» دېگەن نەرسىگە كەلسەك، ئۇ تېڭشۈن شىركىتى چىقارغان بىر پاراڭلىشىش قورالى، ئۇ پەقەت بىرلا نەرسە، تەڭداشلىق جەھەتتە ئىنسان، ئىچىملىك، ماشىنا دېگەندەك ئومۇمىي ئىسىم بىلەن ئەمەس بەلكى ئەمەت، ئالبېنى، سانتانا دېگەندەك بىرلا نەرسىنى كۆرسىتىدىغان خاس ئىسىملار بىلەن تەڭداش.



«ۋېيشىن» دىن ئىبارەت بۇ پاراڭلىشىش قورالى بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارلىق، ياكى ئىقتىدارى ئوخشاپ كېتىدىغان پاراڭلىشىش قورالى ھەرقايسى سىستېمىلار ئارا ساناپ كەلسەك 1000 دىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىردىنبىر خاس نەرسىلەرنىڭ ھەربىرىگە ئۈندىدار، تۈندىدار، .... دەپ ئايرىم-ئايرىم ئىسىم قويۇش، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشنىڭ ئىپادىسى ئەمەس.


تىلشۇناسلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىش مۇشۇ «ۋېيشىن» غا ئوخشاش ھەر ئىككى تەرەپ توردا بار ئەھۋالدا تېكىستلىق، ئاۋازلىق، سىنلىق پاراڭلاشقىلى بولىدىغان بۇ خىل تور قورالىغا ئومۇمىي بولغان بىر ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتۇر.


مەسىلەن، خەنسوچە بۇنى 即时通، ئىنگلىزچە IM, دەيدۇ.

بۇنداق قوراللار يالغۇز «ۋېيشىن» ئەمەس، ئۇلار بۇرۇنمۇ بار ئىدى، گۇگول، مىكروسوفت، ياھۇ، فەيسبۇك ۋە ئاي بى ئەم قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ بۇنداق قوراللىرى بار ۋە يەنە بولىدۇ. مانا يېقىندا ۋاڭيى شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگىرافى «يىشىن» ناملىق بىرىنى چىقىرىپتۇ.


بىز Hotmail, Gmail ۋە 163 دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايرىم-ئايرىم ئىسىم قويۇپ يۈرسەك بولمايدۇ. بەلكى مۇشۇنداق ئوخشاش تۈردىكى مۇلازىمەتلەرنى ھەممىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتايدىغان Email دېگەن ئىسىمنى تەرجىمە قىلىشىمىز ياكى ئۇنىڭغا ماس مۇۋاپىق ئۇيغۇرچە سۆز ياسىشىمىز كېرەك (قىلىنىپ بولغان ئىش).


يېقىندىن بۇيان «ئۈندىدار» دېگەن سۆز رادىيو-تېلېۋۇزۇرلاردىمۇ كۆرۈلگىلى تۇردى. تېڭشۈن ۋە بەيدۇغا ئوخشاش ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى قوڭىنىڭ قىرىققا ئېلىپ قويمايدىغان، ھەتتا ئىزدىگۈچىسىدە uyghur دەپ ئىزدەشنى چەكلەپ قويغان بىر شىركەتنىڭ مەلۇم بىر مەھسۇلاتىغا مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ، ئومۇملاشتۇرىمەن دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ يۈرۈش ئانا تىلىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، بەلكى قارىغۇلارچە قالايمىقان قىلغانلىق.


ۋاڭ لېچۈەن شىنجاڭنى سورىغاندا ئۆزىگە «مەمەتجان» دەپ ئىسىم قويىۋالمىدى، مۇرات ناسىروف ۋە شۆھرەت مۇتەللىپنى چەتئەللىكلەر ئانا تىلىمىزدا ئىسمى بولسۇن دەپ جونسون ياكى پېتروۋىسكىي دېۋالمىدى.


شۇڭا خاس ئىسىملار خاس ئىسىم پېتى قالسۇن، ئۇنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولمايلى.

چۈشىنىشلىك بولغاندۇ دەپ ئويلايمەن، رەھمەت!



kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:13:11

ئىشقىلىپ مۇشۇ ئۈندىدار دىگەن ئىسىمدا تورنىڭ قۇدرىتى بىر قىتىم نامايەن بولدىغۇ.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:23:25

مىسرانىمدا يىشىن ‹易信› غا ‹قولاي خەت› دەپ ئىسىم قويۇشنى بېلەت تاشلاپ بېكىتكىلى تۇرۇپتۇ.  {:106:}  ئالە شەرىڭنى .

رەيھان520 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:31:24

نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم؟

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:45:54

ماۋۇ دوپپىنى يانغا ئېلىۋېتىپ قاپاقنى مۇشتەك تۈرۈپ تۇرۇپ ئويلىنىدىغان ئىشكەن جۇما ...

ھەقىقەتەن ئۇيغۇر گىراماتىكىسى بويىچە ئۈندىدار دەپ تەرجىمە قىلساق تازا قاملاشمايدىكەن ، يەنى ئىسىم قويۇشتىكى قائىدىگە ماس كەلمەيدىكەن ، بىراق مەنا يۇرىتىش جەھەتلەرگە ۋە قىسقا ، مەنىسى ئوچۇق بولۇش تەلىپىگە ماس كېلىدىكەن ، كىشىلەرنىڭ قائىدە بىلەن نىمە چاتىقى ، دەسلەپ ئۈندىدار دەپ ئىسىم قويغان ئاشۇ «پەيلاسوپ» كىشىلىرىمىزھىسيات تۈرتكىسىدە سۆز ياسىماي ئۇيغۇر گىراماتىكىسى بىلەن ئىش كۆرگەن بولسىدى بەلكىم ئۇنىڭغىمۇ چىرايلىق خاس ئىسىملارمۇ چىقىپ قالاتتى ...

يەنە بىر مەسىلە ،

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

\" يېقىندىن بۇيان «ئۈندىدار» دېگەن سۆز رادىيو-تېلېۋۇزۇرلاردىمۇ كۆرۈلگىلى تۇردى. تېڭشۈن ۋە بەيدۇغا ئوخشاش ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى قوڭىنىڭ قىرىققا ئېلىپ قويمايدىغان، ھەتتا ئىزدىگۈچىسىدە uyghur دەپ ئىزدەشنى چەكلەپ قويغان بىر شىركەتنىڭ مەلۇم بىر مەھسۇلاتىغا مەخسۇس ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ، ئومۇملاشتۇرىمەن دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ يۈرۈش ئانا تىلىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، بەلكى قارىغۇلارچە قالايمىقان قىلغانلىق.\"



يۇقارقى يازمىدىن

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

سەل زورۇقۇپ قالغان تەنقىد بولۇپ قالدىمۇ قانداق... ئەمەلىيەتتە ھېچيەردە ھېچكىمنىڭ ئۈندىدار سۆزىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن جار سېلىۋاتقىنىنى ئۇچراتمىدۇق ، كۆپ قىسىم كىشىلەر پەقەت ۋە پەقەت قۇلاققا ياققاچقىلا بۇ ئىسىم خاس ئىسىممۇ ، ئومۇمى ئىسىممۇ كارى بولماي ئىشلىتىۋەردى ، كۆپ قىسىم كىشىلەردە ئاغزىمدىن خەنزۇچە سۆز چىقارمىساملا ئانا تىلنى قوغدىغان بولىمەن دەيدىغان ئوي بار ، بىراق يەنىلا ئامال يوق چىقىرىمىز ، ئاددىسى باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ، بەزى يەر جايلارنىڭ ئىسمىنى ، بەزى ئېلكترونلۇق مەھسۇلات ياكى ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى مەجبۇرى زورۇقۇپ تەرجىمە قىلساق كۈلكىلىك ياكى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئەپلەشمەيدىغان بىر تەرجىمىلەر چىقىپ قالىدۇ ، شۇڭا ئامال يوق ئەينىسنى ئالدۇق ، دەل يۇقاردىكى يازمىدىكى خاس ئىسىم ، ئومۇمى ئىسىم قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرمەي قۇتۇلالمىدۇق ، بىراق مۇشۇ پاراڭلىشىش دېتالىنىڭ ئىسمىغا كەلگەندە ئۈندىداردىگەن سۆز قۇمغا سۇ سىىڭگەندەك سىڭىپ كەتتى ، سەۋەبى دەل يۇقاردا دىيىلگەندەك پەقەت مەزمۇن ۋە مەنا جەھەتتىن بەك يېقىشلىق تەرجىمە قىلىنغانلىقتىنلا ....

بەزىلەر مىكرو خەت دەپ باقتى ، بەزىلەر ئۇدۇللا ۋېيشىن دەپ قوللىنىۋەردى ، لېكىن كۆپ قىسىم كىشىلەر يەنىلا ئۈندىدار ئاتالغۇسىنى قوللىنىۋەردى ، چۈنكى بۇ دېتال كىشىلەرگە يېڭىلىق تۇيۇلدى ، يىراقنى يېقىن قىلدى ، ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلدىغان ئۇسۇلغا باشلىدى ، بەزى ئىچ مىجەز تارتىنچاق كىشىلەرگە نىسبەتەن باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلدىغان مۇھىم بىر ۋاستىگە ئايلاندى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك دوستلار چەمبىرىگى ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش (ئىنېرنېتنىڭ تۈپكى ۋەزىپىسى ) مەقسىتىگە يەتتى ، ھەتتا ئۆمرىدە مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان ئەللىكتىن ئاشقان خوتۇنلارمۇ دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق كۈندە ھەرخىل يېڭى ئۇچۇر ، خەۋەرلەرنى ئاقتۇرۇپ تۇرۇپ كۆرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى ، بۇ خۇددى ئەتىگەنلىك ناشتىلىقتىن كېيىن چاي ئىچكەچ گېزىت كۆرگەنگە ئوخشايدۇ ، مەيلى نىمە چىقارسۇن ، مەيلى نىمە كۆرسۇن ئىشقىلىپ پىكىر قىلىشقا ھەرىكەت قىلغۇزدى ، مېنىڭچە بۇ دېتالنىڭ بىزگە نۇرغۇن ئىجابى مەنپەئەت ئەكىلدىغان يېرى بار ، زىيىنى بار دىيىلسە ئۆزىمىز ۋاقىت شارائىتلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالىساقلا بولغىنى ... پىكىر قىلدىغان دۈشمەن ھامان ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى بىلىپ ساڭا ئەگىشىدۇ ، پىكىر قىلمايدىغان دوستۇڭ ئاشۇنداق يۈرۈپ ئاخىرى يېنىڭدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن ، شۇڭا بۇ «پىچاق» نى قوغۇن تىلىشقا ئىشلەتسەك پايدىسى شۇ ، بىراق ئادەم بوغۇزلايمەن دىسەك ئاقمايدۇ !

تېمىغا قايتساق ، تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن ، بۇرۇندىن تارتىپ خاس نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىشقا قارشىلىق بىلدۈرەتتىم ، بىراق ماۋۇ كوت كوت ، ئۈندىدار دىگەن تەرجىمىلەرنىڭ مەنىسى بەك قاملاشقان بولغاچقا ئىشلىتىپ كەتتىم ، بىراق ئەمدى ئامال بار ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈزىلىش قائىدىسى ۋە گىراماتىكىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە تىرىشىمەن ،

تېما ئىگىسى تەشەككۈر !

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 16:01:19

بۇ تېمىنى كۆرۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىكاچى ئادەم مەن يالغۇز ئەمەسكەنمەن.

بىرىنچى ناچارنى مەن باستىم.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 16:02:41

«ئۈندىدار» دېيش خۇددى پەلەي كېيىپ پولا يىگەندەك بىر ئىش

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 16:38:09

ۋېيشىن دېگەندىن ئۈندىدار دېگەن ياخشى. يىشىن دېگەن قولايخەت دېگەن ياخشى.

ئەمدى سىز تاشقا ئۈسۋالسىڭىزمۇ ئۈندىدار دېيىشنى توختىتالمايسىز. بۇ ئىسىم شۇ دەرىجىدە ئومۇملىشىپ كەتتىكى ساۋاتسىز دېھقانلارمۇ تېلفۇننى بۇرنىغا تىيەپ گەپ قىلىپ ماڭغاننى كۆرسە ئۈندىداردا گەپلەشكىلى تۇرۇپتۇ دەيدىكەن.

faith يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 17:08:23

تىما يازغۇچىنىڭ دېگەنلىرى خاتا ئەمەس.لېكىن بۇگەپلەر بەكلا كىچىكتى .بۇ توغىرلىق بۇرۇنمۇ بىلىكتە گەپلەر بۇلۇنغان، لېكىن قايسى كىشىلەرگە مۇشۇ «ئۈندىدار» دەيدىغان ئىسىم يېقىپ كېتىپ ئۇمۇملىشىپ كەتتىكىن تاڭ. خۇددى دۇنيادا يوق بىر نوچى ئىسىم قويغاندەك، زور بىر بوشلۇقنى تولدۇرغاندەك! مەيلى تىل جەھەتتىن بولسۇن ۋە يۇمشاق دېتالنىڭ ئالاھىدىكىلى جەھەتتىن بولسۇن «ئۈندىدار»دېگەن ئاتالمىش پاساھەتلىك ئىسىم قەتئىيلا توغرا ئەمەستى. ئۇمۇملىشىپ ھەتتا تىلۋىزور ۋە ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىمۇ قوبۇل قىلىنىپ بوپتۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۇيغۇرتىلى ئەپلەپ سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، ئېيتىياج تۇغۇلسىلا توغرا خاتا ئارىماي يېڭى سۆز ياسىلىپ ئۇمۇملشىۋېرىدىغان تىلغا ئايلىنىپ قالغۇدەك.كىشلەرنىڭ مۇشۇ ۋېيشىنى ئۇيغۇرچە ئاتىلۋېلىش ئېيتياجى شۇنچلىك كۈچلۈك ئوخشايدۇ. ھېچ بولمىغاندا ھامان توغرا ئۇسۇل بويىچە تەرجىمە قىلنىش مۇمكىنتى. تېڭشۇن خەلىقئاراغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئېنگلىزچە wechat دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى. ئەلۋەتتە ئۇنى يەنىلا خاس ئىسىم شەكلىدە قويدى. ئەپسۇس ئۇيغۇرغا ئۇنداق ئىسىم قويۇپ بەرمىدى ھەم قويۇپمۇ بەرمەيدۇ. ئۆزىمىز ئاللىقاچان  «ئۈندىدار» دەپ ئومۇملاشتۇرۋالدۇق.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 17:28:28

ئۇندىدار دەپ بىر ئىسىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرسىمۇ چىچاڭشىپ كىتىدىغانلا باكەن ،ئۆزلەگە خەنچە گەپلە بەك چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان ئوخشىمامدۇ،كاللىنى سىلكىۋىتىلى تىما ئىگىسى ،ئالدى بىلەن ئۈندىدار كىيۇ كىيۇ تېڭشۇن شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس ،ئۇندىدار باشقا دۆلەتتىن دۆلىتمىزگە كىرگەن،خەنلە ئەجەپ چەتئەلچە ئاتىماي ئۆز ئالدىغا خەنزۇچە ۋېيشىن دەپ ئىسىم قويۇپتۇ ،ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرچە ئىسىم قويسا نەرى بوممايدىكەن. بەزەنلەنىڭ كاللىسى قىززىمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،ئومومى ئىسىم خاس ئىسىم دەپ تۇرگە ئايرىپ كىتىپتۇ،بىر خوشنام خەنزۇ بالا بىقۋالغان ،ئۇنىڭغا خەنچە ئىسىم قويىشى كىرەكمۇ،نۇرغۇن چەتئەللىكلە جۇڭگۇغا كەلگندىن كىيىن ئۆزىگە خەنچە ئىسىم قويۋالىدۇ ،سىز ئاشۇلارغا ئاتاپمۇ مەخسۇس چىچاڭشىپ بىر ماقالە يىزىپ باقامسىز يا؟ تۆۋە دىمىسە ،بەزەنلە مىللەتنىڭ ئازىراق بولسىمۇ خەن مەدىنىيتىگە ئىغىشىدن كۆڭلى ئاجايىپ ھوزۇرلىنامدىغاندۇ؟؟؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:14:56

ۋىيشىن بىلەن يىشىن ئوخشاش ئالاقە قورالى تۇرسا نىمىشقا بىرىنى ئۈندىدار يەنە بىرىنى قولاي خەت دەيمىز؟

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:20:11

10- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋىيشىن بىلەن يىشىن ئوخشاش ئالاقە قورالى تۇرسا نىمىشقا بىرىنى ئۈندىدار يەنە بىرىنى قولاي خەت دەيمىز؟

سىزنىڭ قوشكىزەك بالىڭىز بولسا ئوپمۇ ئوخشاش ئىسىم قويماسسىز؟

function يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:24:00

قايسىڭىلانىڭ ئىسمىنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چاقىرسا ئاچچىقىڭلا كەلمەيدۇ؟

مەسلەن: دولقۇن ئىسىملىك بىرسىنى خەنسۇلار 波浪 دەپ چاقىرىشى كېرەكمۇ؟ شۇنداق دەپ چاقىرسا دولقۇنجاننىڭ ئاچچىقى كەلمەسما؟

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:26:25

بىرسىنى ئۈندىدار ، بىرسىنى ئۈنئۇچۇر دېسەكلا بولىدىكەنغۇ . بۇ ئۈندىدار دېگەن ئىسم ناھايتى جايىدا قويۇلغان ئىسىمغۇ ، نەرى بولمايدىكەن زادى ؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:28:50

ئەھمىيەتسىز مۇنازىرە دەپ قارىدىم . \"\"

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:30:00

12- قەۋەتتىكى functionنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قايسىڭىلانىڭ ئىسمىنى خەنسۇچىغا تەرجىمە قىلىپ چاقىرسا ئاچچىقىڭلا كەلمەيدۇ؟

مەسلەن: دولقۇن ئىسىملىك بىرسىنى خەنسۇلار 波浪 دەپ چاقىرىشى كېرەكمۇ؟ شۇنداق دەپ چاقىرسا دولقۇنجاننىڭ ئاچچىقى كەلمەسما؟



بۇ قانداق مەنتىقە ؟ ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆيۈمنى خەنزۇلار سالغان . مەن ئۇنى ئۆيۈم دېمەي فاڭزام دېيىشىم كېرەكمۇ؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 18:33:32

11- قەۋەتتىكى bilig2010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋىيشىن بىلەن يىشىن ئوخشاش ئالاقە قورالى تۇرسا نىمىشقا بىرىنى ئۈندىدار يەنە بىرىنى قولاي خەت دەيمىز؟

سىزنىڭ قوشكىزەك بالىڭىز بولسا ئوپمۇ ئوخشاش ئىسىم قويماسسىز؟




ئويىڭىزدە ئىككى تېلىۋىزور بولسا بىرىنى تېلىۋىزور يەنە بىرىنى دىل بۇزۇر دېمەسسىز؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 21:01:05

ھاھاھاھاھا قاپيە ئويناپ كىتىپسىلەرغۇ \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 23:28:38

خەقنىڭ تاپقان بالىسىغا سىلەر ئىسىم قويۇپ بىردەم تالىشىپ ئويناڭلار!

ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان ئاتالغۇلار بار، ئۇيغۇرچىلاشتۇرماي ئۆز ئەينى ئالىدىغان ئاتالغۇلار بار كۆپچىلىك. تاۋار ماركا ئىسىمىنى ھېچقاچان بىر مىللەتنىڭ تىلىدىن يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ئۆرىمەيدۇ. ۋيىشىن ئۇندىدار دېسەڭلار، يىشىننى قولايخەت دېسەڭلار، كوكولاغىمۇ ئات قويۇڭلار ۋە باشقا نۇرغۇن ماركا ئىسىملىرىغىمۇ ئۇيغۇرچە ئات قويۇپ چىقىڭلار!

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-8-30 00:50:54

ئومۇملىشىپ بولدى. كىيىن مۇشۇنداق يېڭى نەرسىلەر چىقسا پارتىزان ئەمەسلىرىڭلار چاققانراق تۇرارسىلەر.  \"\"
بەت: [1] 2 3 4
: بۇ قايداق تەرجىمە؟