مىراجىخان MV (سوۋغاتلىق تېما)
دىققەت : بۇ تېمىدا مۇكاپات بار
ياقتۇرغان دوسلارغا تەشەككۈر يۈزىسىدىن بۇ فىلىمنىڭ ئۈچ خىل تىلدا يەنى
ئۇيغۇرچە،ئىنگىلزچە ،ۋە خەنزۇچە ناخشا تېكىستى كىرگۈزۈلگەن ، (يىزىقنى
خالىغانچە تاللاپ كۆرگىلى بولىدۇ) DVDپىلاستىنكىسىدىن دەسلەپكى قەدەمدە بەش
دانە سوۋغات بىرىلىدۇ، مۇكاپات ئۇسۇلى ، مۇشۇ تىمىنىڭ كەلگۈسىدىكى
50-قەۋەت،56-قەۋەت،64قەۋەت،68-قەۋەت 72-قەۋەتلىرىگە ئىنكاس يازغان
تەلەيلىكلەر.
شەرتى بىردىن ئارتۇق تەكرار ئىنكاس يېزىشقا بولمايدا
،باشقا ئىسىمدا تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىشقا بولمايدۇ ،يۇقارقى ئەھۋالدا
مۇكاپات چىقسا ئىناۋەتسىز.
مىراجىخان ناملىق بۇ پىلاستىنكا كۇچار ناھىيلىك ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقىرىپ ئىشلىگەن پىلاستىنكا بولۇپ ، شىنجاڭ ئىزگىل سىتودىيىسى ، بۇ پىلاستىنكىدىكى بارلىق ناخشىلارنىڭ رىژىسورلوق ، سىنارىيە يېزىش ، ئوپىراتورلۇق ، مۇنتاژلىق قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مۇستەققىل تاماملىغان . پىلاستىنكىدىكى 14 يۈرۈش MV غا قاتناشقان ئاكتىيورلارنىڭ كىيىم - كېچىكى ۋە مەيدان ، كۆرۈنۈشلەرنى ئىزگىل شىركىتى ئۆزى مۇستەققىل پىلانلاپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بولۇپ ، MV ئىشلىنىش سەۋىيىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى . ھەتتا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر MV چىلىقىدا ئىشلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى MV دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن .
ئىزگىل سىتۇدىيىسى بۇ MV لارنى ئىشلەش ئۈچۈن ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ زامانىۋى ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ سۈزۈكلۈكى ئالاھىدە سۈزۈك بولۇشتىن تاشقىرى ، كۆرۈنۈشلەرنىڭ رەڭ قاتلىمى تولىمۇ ئىنچكە ۋە رەڭدار چىققان . ئوپىراتورلارنىڭمۇ سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ ، دىيارىمىزدىىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كەسپى ئوپىراتورلاردىن دېسەكمۇ لاپ كەتمەس دەپ ئويلايمەن . (دوستۇم بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس دەۋاتمايمەن )
ئەمدى فىلىمنىڭ رېژىسورلىقى ، سىنارىستلىقى ۋە مۇنتاژلىقىدەك ئەدەبىي تەرەپلىرىگە كەلسەك ، فىلىمنى تاھىر ھامۇت ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ تۇتقان بولۇپ ، ھەر بىر ناخشىنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى ئىنىچكە ھالقىلىرىغىچە ئېنق گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن .
ئومۇمەن ، بۇ فىلىملەر بەدىئيلىكى ۋە تېخنىكلىق تەرەپلىردە ئۇيغۇر MV چىلىقىغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن دىيىشكە بولىدۇ .
ئۇيۇشتۇرغۇچى : كۇچار ناھىيلىك خەلق ھۆكۈمىتى
رېژىسور ، سىنارىست : تاھىر ھامۇت
ئوپىراتور : ئادىل ھامۇت (تۈمەن) ، قۇربان ئەلى
فىلىملەر ئەڭ سۈزۈك (超清) ھالەتتە يوللانغان بولۇپ ، تور سۈرئىتىڭىز يىتىشكەن ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ سۈزۈك ھالىتىنى تاللاپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن ھازىرچە تۆت فىلىم يوللاندى ئەتە مۇشۇ تېمىنىڭ ئارقىسىغا باشقا 8 فىلىممۇ قۇشۇپ يوللىنىدۇ .
لىۋەن يارلار
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) : http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU2MzA0.html
مىراجىخان
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU5Mzk2.html
دادەي
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU4OTgw.html
بۇلبۇلجان
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzU4ODAw.html
29 - ئاۋغۇست يېڭىلانغانلىرى .....
ئۇچلىماڭ بىلەگىمنى
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYxODk2.html
دەردىڭ يامان
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYyMTIw.html
سۇلتان بۇغراخان
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzYyNDYw.html
ئامان جۆرىلەر
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY0ODUy.html
بالىخان دادەي
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY0OTM2.html
فورمالى
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY1ODI0.html
كارىز ناخشىسى
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY4MTMy.html
تومۇچۇغۇم سايرايدۇ
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzY4Mzky.html
گۇليارىخان
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzcxNDY4.html
ئاغۇ بۇلاقنىڭ تاغلىرى
يوۇكۇدىكى ئادىرسى(ئايپەد ياكى ئايفوندا كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن) :http://v.youku.com/v_show/id_XNjAwNzc1MzQ0.html
پىلاستىنكىسى بازارغا چىقسا سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويساق بولغۇدەك، ھەممە ناخشىنى شۇنداق ياقتۇردۇم.

ئاپام نانا ياقسا ناننىڭ يۈزى گۈل چېكىپ بەرگەندىن تارتىپ مومامنىڭ قويۇق ئۈجمىلەر قاپ]لاپ كەتكەن مەھەللىسىدە كەچۈرگەن بالىلىق خاتىرىلىرىم بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى .
بەك ياخشى چىقىپتۇ . ئاۋۇ قىزمۇ يېقىشلىق قىزكەن. بەك گىرىم قىپ كەتكەن ياكى بەك زامانىۋى چىراي قىزلارنى ياخشى كۆرمەيدىكەنمەن ئويلاپ باقسام .


تاھىر ھامۇت بىلەن ئادىل ھامۇت ئاكا-ئۇكا ئىكەندە. تاھىر ھامۇت ھېلىقى قەلەمكەش تاھىر ھامۇت شۇمۇ؟ مۇھىم بىر گەپ چالا قاپتۇ:
بۇ فىلىمگە « كۇچا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت » مەبلەغ سالغان دېيىلىپتۇ. ناۋادا ھازىرقى زاماندا بۇنداق ئىشقا ناھىيە دەرىجىلىك «ھۆكۈمەت» تىن مەبلەغ چىققانلا بولسا بۇ بىر ھەيران قالارلىق (مۆجىزە خاراكتىرلىك ) كاتتا خەۋەركەن. ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان ناھىيەگە سىلىشتۇرۇپ دەۋاتىمەنغۇ بۇ گەپلەرنى.... مەنچە، م ت ۋ بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ئەمما زورمۇزور ئارىلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلارنىڭ سۈنئىي ئاۋازى مۇزىكىنىڭ پەيزىنى سەل بۇزۇپ قويغاندەك.
9- قەۋەتتىكى ozughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇھىم بىر گەپ چالا قاپتۇ:
بۇ فىلىمگە « كۇچا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت » مەبلەغ سالغان دېيىلىپتۇ. ناۋادا ھازىرقى زاماندا بۇنداق ئىشقا ناھىيە دەرىجىلىك «ھۆكۈمەت» تىن مەبلەغ چىققانلا بولسا بۇ بىر ھەيران قالارلىق (مۆجىزە خاراكتىرلىك ) كاتتا خەۋەركەن. ئۆزۈم تۇرۇۋاتقان ناھىيەگە سىلىشتۇرۇپ دەۋاتىمەنغۇ بۇ گەپلەرنى....
ھاكىمىڭلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغان بىرسىنى سايلاڭلار، توختىماي ئەم تى ۋى ئىشلەپ بېرىدۇ.
10- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنچە، م ت ۋ بەك ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ئەمما زورمۇزور ئارىلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق چالغۇلارنىڭ سۈنئىي ئاۋازى مۇزىكىنىڭ پەيزىنى سەل بۇزۇپ قويغاندەك.
مەن ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ ياڭراتقۇسى يوق ئىدى. بايام \"گاچا تىياتىر\" شەكلىدە ئەڭ ساپ، پاك ھالەتتە كۆرگەنتىم. شۇڭا بۇ يەرلىرىگە دىققەت قىلماپتىمەن. شۇندا ئالا-جوقا نەرسىلەرنىمۇ ئىشلىتىپتىما ئادەمنىڭ كەيىپىنى ئۇچۇرۇپ

8- قەۋەتتىكى ozughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«دادەي»دېگەن ناخشىدىكى جۇۋاز ھەيدىگەچ خىيال سۈرگەن يېرىگە تازا كۈلۈپتىمەن. ھېلىقى ئىشەكنىڭ قۇيرۇقىدا چىۋىن قورىغان يېرىگە. شۇنداق تەبئىي چىقىپتۇ.
تاھىر ھامۇت بىلەن ئادىل ھامۇت ئاكا-ئۇكا ئىكەندە. تاھىر ھامۇت ھېلىقى قەلەمكەش تاھىر ھامۇت شۇمۇ؟
دادەي دىگەن ناخشىنى ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرەپ كۆرۈپتىمەن . تەبىئى قىزىقارلىق چىقىپ تۇ ،
بۇ فىلىملەرنى ئەڭ سۈزۈك ھالەتتە چۈشۈرۈۋالغىلى بولماسما ؟
مۇشۇ بۇرادەر پات پات ناخشا سازنىڭ م ت ۋ سىنى يوللاپ قويىدۇ، ئادەتتە بۇنداق سەنئەتكە قىزقىدىغان بالىلارنىڭ ئاچچىغى يامان بولمايدىغان. سىززە ئويىڭىزدە مۇڭلۇق ناخشا قويىۋىلىپ ، خاپابولۇپ ئولتۇردىكەنسىزدە ھە پىنھان . .