ھەر قايسى تىۋىپلارنىڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقساق
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
يېقىندا خوتەندىكى تۆت ئايلىق داۋالىنىش سەپىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم . داۋالىنىش جەريانىدا قارىسام نۇرغۇن كېسەللەر بىردەم ئۇ تىۋىپنىڭ قېشىغا بىردەم بۇ تىۋىپنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ نۇرغۇن ۋاقتىنى ،زىھنىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەن ، ئەگەر قايسى تىۋىپنىڭ قايسى كېسەلنى داۋالىغىلى ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولساق ، كېسەلگە قارتا شۇ تىۋىپنىڭ قېشىغىلا بارغان بولساق نۇرغۇنلىغان بىھۇدە ئاۋارچىلىقلارنى تارتماس ئىكەنمىز .
تورداشلار بىلەن ئۇرتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۈزەم ھېس قىلغان بىر قانچە تىۋىپنىڭ ئالاھىدىلىكىنى يوللۇدۇم ، تورداشلارمۇ بىلدىغانلىرىنى يوللىسا بىرلىكتە پايدىلەنساق .
ئابدۇللا مەخمۇت ھاجىم : خوتەن ۋىلايەتلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن پىنسىيىگە چىققان مۇتەخەسسىس
ئالاھىدىلىكى : قان-تۇمۇر كېسەللىكلىرى ، سۆڭەك-بۇغۇم كېسەللىكلىرى ۋە ئەر ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئۇستا ئىكەن . دورىنى تۈجۈپىلەپ ياسايدىكەن .
مەمەت تۇرسۇن ھاجىم : ئاتا بۇلاق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا پەيشەنبە ، شەنبە كۈنى كېسەل كۈرىدىكەن
ئالاھىدىلىكى : كېسەل كۆرسەتكىلى بارغانلاردىن ئۇقۇشۇمچە ئۆپكە كېسەللىكرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى ئۇستا ئىكەن . دورنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈپەتلىك قىلىپ ياسايدىكەن ، دورىسىنىڭ ئۈنىمى تېز كۈرۈلدىكەن .
خەلچەم خانىم : ئاڭلىشىمچە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى ئۇستا ئىكەن .
قالغىنى سىلەرگە قالدى ئەمىسە !
مەن ئاشقازان ياللۇغى ۋە 12 بارماق ئۆچەي يارىسىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىلى ئوننەچچە يىل بولغان . نۇرغۇم دوختۇر ۋە تىۋىپلاغا كۆرۇندۇم ، بۇ يىل يىل بېششىدا خوتەنگە بېرىپ مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالاندىم ، لېكىن ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى . ھاززىر تىبابەت كىتاپلىرىنى كۆرۇپ دورىنى ئۆزەم ياساپ يەۋاتىمەن ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ . بۇ بەكلا جايىل كېسەلكەن begir قېرىندىشىم ، يەنىلا مىللى تىبابەت دورىلىرىنى ئۈزۈلدۇرمەي يەڭ . سىز دىگەن ئاۋۇ دورىنىڭ باشقا ئەكىس تەسىرى بارلىغىنى بىلىسىز ھەقاچان . بۇرۇن كىسەلنى 3 خىل ئۇسۇلدا داۋالايتى، 1- داغلاش، 2- قان ئېلىش، 3- ھەسەل، سىلەردىكى ئاشقازان،12 بارماق ئۈچەي دىگەن كىسەللەرگە مۇشۇ ھەسەل بەك مەنپەئەت قىلىدۇ، مەنمۇ ئۈزۇلدۈرمەي ھەسەل يەپ، ئىنشائاللا ساقايدىم....پايدىلىنارسىلەر.... دىققەت : مۇشۇ 12 بارماق ئۈچەي يارىسى دىگەن كىسەل ناچار كەيپىياتتىن پەيدا بۇلىدۇ.....ئاۋال كەيپىياتنى ياخشىلاش كىرەك..... قورۇققان يەردە جىن بار دەپ كىسەل-ئاغرىق بولۇشتىن قورۇققان ئادەم كىسەل بولماي قالمايدۇ. ئاللاھدىن سالامەتلىكنى تىلەيمەن! قەۋزىيەتنى داۋالايدىغان دورا بارمۇ زادى؟2- قەۋەتتىكى sherqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئاشقازان ياللۇغى ۋە 12 بارماق ئۆچەي يارىسىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىلى ئوننەچچە يىل بولغان . نۇرغۇم دوختۇر ۋە تىۋىپلاغا كۆرۇندۇم ، بۇ يىل يىل بېششىدا خوتەنگە بېرىپ مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالاندىم ، لېكىن ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى . ھاززىر تىبابەت كىتاپلىرىنى كۆرۇپ دورىنى ئۆزەم ياساپ يەۋاتىمەن ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ .
سىز قانداق دورلارنى ياساپ يەۋاتسىز؟!مېنىڭمۇ ئاشقازنىم ئاغرىيتى ....
قېنى ما تادۇبەگ بىلەن بېرزات ھەكىم كىرمىدمۇ ما تېمىغا...يول كۆرسەتكەن بولسڭالار!!!
قارلۇق قەۋزىيەتكە قارىتا http://www.4tadu.com/?p=70#comment-335 پايدىلىنىڭ.
مېۋە چىۋە بىلەنمۇ ئادەتتىكىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ،مەسىلەن،بانان،شاپتۇل،قېتىق
2- قەۋەتتىكى sherqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئاشقازان ياللۇغى ۋە 12 بارماق ئۆچەي يارىسىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقىلى ئوننەچچە يىل بولغان . نۇرغۇم دوختۇر ۋە تىۋىپلاغا كۆرۇندۇم ، بۇ يىل يىل بېششىدا خوتەنگە بېرىپ مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بىر ئاي يېتىپ داۋالاندىم ، لېكىن ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى . ھاززىر تىبابەت كىتاپلىرىنى كۆرۇپ دورىنى ئۆزەم ياساپ يەۋاتىمەن ئۈنىمى ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتىدۇ .
منىڭمۇ شۇ ئاشقازاننىڭ دەردى ، ئۈزەم تىبابەت كىتابلىرىغا قاراپ دورا قىلسام تېخىمۇ ئېغىرلىدى . ئاشقازان ئەينىگىدە تەكشۈرتسەم \" ئاستا خارەكتىرلىك سۇزۇلما ئاشقازان ياللۇغى \" ئىكەن ، كېسىلىڭىز ئېغىر .ەمەس دەيدۇ ، لىكىن ئاسقازىنىم قانداقلا تاماق يىسەم ئاغرىپ بەك جاپا سېلىۋاتىدۇ .
ىوتەنگە بېرىپ تۆت-بەش تىۋىپقا كۈرۈدۈم ، لىكىن ھەممىسى دورامنى ساتسام ،پۇلىنى ئالسام دەيدىغانلاردىن .ىكەن ، كېسەلنى ساقايتاي دەپ ئويلايدىغاندىن بىرسىمى ئۇچۇرمىدى .
سىز قانداق دورلارنى ياساپ يەۋاتسىز؟!مېنىڭمۇ ئاشقازنىم ئاغرىيتى ....
قېنى ما تادۇبەگ بىلەن بېرزات ھەكىم كىرمىدمۇ ما تېمىغا...يول كۆرسەتكەن بولسڭالار!!!
\"بىرزاتجان \" مەخسۇس بىلى ئاغرىيدىغانلارنى داۋالايدۇ .
مېنى تەكشۇرەپمۇ ئاستا خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى باركەن دىگەن لېكىن ئاشقازىنىم ئاغرىمايدۇ ، مېنىڭدىكى ئاساسلىق كېسەل 12 بارماق ئۆچەي يارىسى .
بىر تىبابەت كىتاۋىدا كۆپىگى دەريا بىلەن چۈچۈكبۇيىدىن 50 گىرامنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ، كۈندە 3قېتىم ، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن قايناق سۇغا چېلىپ ئىچىپ بېرىلىدۇ دەپتۇ . مەن يوقۇرقى رېتسىپ بويىچە دورا تەييارلاپ يىگەن ، ئۈنىمى خېلى ياخشى بولدى . پوستى ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا بىلەن كۆپىگى دەريانا چالا سوقۇپ چاي دەملەپ ئىچسىمۇ ياخشى مەنپەت قىلىدۇ دەپ كۆرگەن يەنە بىر كىتاپتا .
تورداشلار يوقۇرقى رېتسىپلاردىن پايدىلنىپ باقارسىزلەر .