تارىختا ئۆتكەن كۇچار ۋاڭلىرى
تارىختا ئۆتكەن كۇچار ۋاڭلىرى تۆۋەندىكىچە:
1 .ئەۋلاد ۋاڭ مىرزا ھادى بەگ
مىلادى 1758-يىلدىن 1778-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان. چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭنىڭ 23-يىلى ( 1758-يىلى ) كۇچار، ئاقسۇ ۋە بايدىن ئىبارەت 3 جاينىڭ ھاكىم بېگى مىرزا ھادى بەگنىڭ چوڭ – كىچىك غوجىلارنىڭ توپىلاڭىنى تىنجىتىشتا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە ئاساسەن، پادىشاھ چىيەنلوڭ ئۇنىڭغا « بىرىنچى دەرىجىلىك جاساق تارخان»( ئاتا مىراس فىئودال ھۆكۈمدار ) ،پەخرىي ۋەزىر مەرتىۋىسى ۋە چىڭۋاڭلىق ئۈنۋانىنى ئىنئام قىلىپ، ئۇنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى يەكەن شەھىرىگە خان قىلىپ تىكلەيدۇ.
2.ئەۋلاد ۋاڭ مىرزا ئوسمان بەگ
مىلادى 1778-يىلدىن 1788-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
1. ئەۋلاد ۋاڭ مىرزا مۇھەممەت بەگ (مىرزا ئوسمان بەگنىڭ چوڭ ئوغلى)
مىلادى 1788-يىلدىن 1824-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
2. ئەۋلاد ۋاڭ مىرزا مۇھەممەت ھادى بەگ
مىلادى 1824-يىلدىن 1826-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
3. ئەۋلاد ۋاڭ مىرزا ئاپاق بەگ
مىرزا ئاپاق بەگ 1826-يىلى ۋاڭلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ ، ئۇزاق ئۆتمەي ۋارىسلىق مەنسىپى ئېلىپ تاشلىنىپ ئىنىسى مىرزا ئىسھاق بەگ ۋاڭلىق تەختكە ئولتۇرغان.
4. ئەۋلاد ۋاڭ : مىرزا ئىسھاق ۋاڭ
مىلادى 1826-يىلدىن 1842-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
5. ئەۋلاد ۋاڭ :مىرزا ئەھمەد ۋاڭ
مىلادى 1842-يىلدىن 1864-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
6. ئەۋلاد ۋاڭ :مىرزا ھامۇت ۋاڭ
مىلادى 1878-يىلدىن 1895-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
7. ئەۋلاد ۋاڭ : مىرزا مامۇت ۋاڭ
مىلادى 1895-يىلدىن 1910-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
10.ئەۋلاد ۋاڭ : مۇھەممەدئىمىن شىتەي ۋاڭ
مىلادى 1913-يىلدىن 1923-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
11.ئەۋلاد ۋاڭ : مەھپۇز غوجام ۋاڭ
مىلادى 1926-يىلدىن 1937-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.
12.ئەۋلاد ۋاڭ : داۋۇت مەخسۇت ۋاڭ(ھازىر ھايات ئاخىرقى ۋاڭ)
مىلادى 1941-يىلدىن 1949-يىلغىچە ۋاڭلىق مەنسىپىدە ئولتۇرغان.ھازىر كۇچار ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
داۋۇت ۋاڭ ھازىر ساياھەتچىلەرگە ئۈچتە ھەمرا (تاماقتا ، سۈرەتكە چۈشۈشتە ، پاراڭدا ) بولۇپ كۇچا ساياھەتچىلىكىگە تۆھپە قوشماقتا .... شۇنداق بولغاندا مۇشۇ ۋاڭلار 1758-يىلدىن باشلاپ1949-يىلغىچە چىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئالتە شەھەرنى سوراپ كەلگەن بۇلامدۇ؟! ياقۇپبەگ كەلگەن ۋاقىتلاردىمۇ بارمىتى بۇ ۋاڭلار؟ يا ۋاڭ ئاتاقنى چوڭ بىلىپ فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ كەلگەن گەپمۇ؟ تارىختا ئۆتكەن كۆچا پاراڭلىرى دەپ ئوقۇپ كىرىۋاپتىمەن بۇ تىمىغا، كۈچا ۋاڭلىرىكەن ئەمەسمۇ..........2- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
داۋۇت ۋاڭ ھازىر ساياھەتچىلەرگە ئۈچتە ھەمرا (تاماقتا ، سۈرەتكە چۈشۈشتە ، پاراڭدا ) بولۇپ كۇچا ساياھەتچىلىكىگە تۆھپە قوشماقتا ....
لېكىنزە ما ئۈچتە ھەمراھ بىكالىق ئەمەسكىنا!!! {:106:}
