تىۋىپلاردىن ياردەم تىلەيمەن(جىددى)
قىزىم دەل 1ياش2ئايلىق بولغان كىچىچە ياندۇرۇپ چىقتى، تىۋىپنىڭ يىنىغا ئاپارسام ئۈچەيگە ئىسىق ئۈتۈپ قاپتۇ دەيدۇ، يەنى چىقىر بولۇپ قاپتۇ. ئەزىزلەردىن ئۆتۈنۈپ قالسام زادى قانداق دارا شىپا قىلا.مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانلار تەجىربە ساۋاقلارنى بىر تۆكسەڭلار..
سىز قەيەردە تۇرسىز مۇش ؟ كىچىك بالىنىڭ قۇسۇشى، ئىچى سۈرۈشى ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس. توردا سىم تارتىپ تومۇر تۇتقۇزىمەن دېمەي دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ. alip قېرىندىشىمىز توغرا دەپتۇ ، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىڭ . بالىڭىز تېخى كىچىككەن ، ئۆزىدىكى بىرقىسىم ئالامەتلەرنى سىزگە دەپ بېرەلمەيدۇ يەنىلا دوختۇرنىڭ تەكشۇرەپ باققىنى ياخشى . قەشقەر ۋىلايىتى ياكى قەشقەر شەھرىدە بولسىڭىز يىراق شەرىق《远东》 دوختۇرخانسىنى تەۋسىيە قىلمەن .مەخسۇز كىچىك بوۋاقلارنىداۋالايدىغان تەجىربىلىك دوختۇر بار ئىكەن . شۇ شۇ گىلى ئىششىپ، ياللۇغلىنىپ قالغاندىمۇ، كىچىك بالىلاردا قۇسۇش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرىلىدۇ. دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ. بالىڭىز ئەمچەكتىن ئارىلمىغان بولسا ئاۋال ئايالىڭىزنى تەكشۇرتۇپ بېقىڭ ،
ئالدى بىلەن قىزىڭىزغا شىپالىق تىلەيمەن! بالىڭىزنىڭ باشقا ئالامەتلىرى قانداق؟ سۇئال سورىغاندا شۇ كۈننىڭ ئالدى-كەينىدىكى يىمەك-ئىچمەك ئەھۋالى، بۇرۇنقى قۇسۇش ئەھۋالى، يەنە باشقا قىزىش، تەرلەش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قوشۇپ تەپسىلي دىمىسڭىز قۇسقانغا قاراپ سىزگە قانداق مەسلىھەت بەرگىلى بولىدۇ؟
مەنغۇ تىۋىپ ئەمەس، لىكىن بالىلار كېسەللىكلىرىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرىم بار. كىچىك بالىلاردا قۇسۇش بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما باشقا يەنە قانداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىغا قاراپ جىددىي بولسا بۇ يەردە مەسلىھەت سوراپ ئولتۇرماي دەرھال دوختۇرغا ئاپارغۇلۇق. تېخى تورنىڭ ئالدىدا قانداق ياخشى مەسلىھەت چىقاركىن دەپ ساقلاپ تۇرغان بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى تەپسىلاتلارنى تەمىنلەڭ ئاندىن بىر گەپ بولسۇن. ئىچىمۇ سۈرگەن بولسا ئاشقازان ئۆت ياللۇغى جەۋھىرىنى ئىچۈرۈپ بېقىڭ. ياخشى پىشقان نان بىرىڭ(بولسا قىزىرىپ پىشقان) ، ئۇسىسا جىڭدىنى سۈينى(قايناق سۇغا چىلاپ) بىرىڭ. ھازىرچە مۆگىماش بەرمەڭ.
نان ئاشقازانغا ۋە ئۈچەي ياللۇغى دىگەنلەرگە بەك پايدا قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
مىنىڭ ئوغلۇممۇ 15 ئايلىق بولدى. ھەر قېتىم ئىچى سۈرسە ياندۇرسا نان بىرىدىغان بولدۇم.
دوختۇرغا ئاپارسا ئۈچەي ياللۇغى دەپلا ئاسما ئۇكۇل ئۇرغىلى ئارانلا تۇرىدىكەن. ئەزىزلەرگە تەشەككۈر. دۇختۇرغا ئاپارسام گىلى ئىشىپ قاپتۇ، ئۈچەيگە ئىسسىق ئۈتۈپ قاپتۇ دەپ ئاسمىنى بۇلۇشىغا ئاسقان. ياخشلنىش بولغاندەك ئەمەس، ئاز تولا كونىلىق قىلغان بۈگۈن ئاللاھنىڭ ھىممتى بىلەن خىلى ياخشى. سەھەردە قوپسام بالام كۈلۈپ ئويناپ يۈرۈيدۇ.
12- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەزىزلەرگە تەشەككۈر. دۇختۇرغا ئاپارسام گىلى ئىشىپ قاپتۇ، ئۈچەيگە ئىسسىق ئۈتۈپ قاپتۇ دەپ ئاسمىنى بۇلۇشىغا ئاسقان. ياخشلنىش بولغاندەك ئەمەس، ئاز تولا كونىلىق قىلغان بۈگۈن ئاللاھنىڭ ھىممتى بىلەن خىلى ياخشى. سەھەردە قوپسام بالام كۈلۈپ ئويناپ يۈرۈيدۇ.
............................................
مەن دەل تاپقۇچى، ئۆزۆم كەسپى بالىلار دوختورى.
مۇشۇ باھانىدە سۇرىۋالسام .قىزىم ئىككى ياشقا يېقىنلىشاي دەپ قالدى.سۈتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن دائىم ئىچى قېتىپ قالىدۇ.ئىككى ئۈچ-كۈندە بىر قېتىم كىلىدۇ،بەزى ۋاقىتلاردا بەك قېينىلىپ كىتىدۇ.ئىككىنچى دۇختۇرخانىنىڭ بالىلار بۈلىمىگە ئاپارساق ،دۇختۇر ئوزۇقلۇق مەنبەسىدە ئۈزگىرىش چوڭ بولسا مۇشۇنداق ئەھۋال بۇلىدۇ.كەلسىلا خاتىرجەم بۇلاڭلار!!كۆكتات-مىۋە چىۋىنى كۆپ يىگۈزىڭلار دەيدۇ.(ئادەتتىمىغۇ مىۋە-چىۋىنى،كۆكتاتنى ئاز يىگۈزمەيمىز.)
ئەمما بالا ئۈۈمچىدىن باشقا يەرگە بارسىلا ئىچى نۇرمال كىلىدۇ.ئۈچ قېتىم ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ نەچچە كۈندىلا ئىچى نۇرماللاشتى.ئەمدى سوراپ باقسام ،سۇ-ھاۋانىڭ بالىنىڭ ئىچى قېتىپ قىلىش بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارمۇ؟ياكى ئۈستىدىكى بىر تۇغرا كىلىپ قىلىشمۇ؟ ئوبدانراق بىر داخان تاپقىلى بولماسما؟ {:90:} بالىڭىزغا.اللا.شىپالىق.بەرسۇن.تىۋىپلارغا.قويىدىغان.بىر.سۇۋالىم.بارىدى.مىنىڭ.ىككى.پۇتۇم.ىشىق.تۇرغىلى.توت.اي.بولدى.دوختۇرغا.بارسام.كىسەل.چىقمىدى.بۇنىڭغا.باشقا.سەۋەپ.بارمىدۇ سوئالىڭىزنى سەل تولۇقراق يازسىڭىز...
بەت:
[1]
2