yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:48:48

ئەزىزلەر كىم بىلىدۇ

مۇنداق ئىش



نەۋرە سىڭلىم 2011-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىگە ماشنىلارنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئۆزى ئاچقان شوپۇرلۇق مەكتىپىگە پۇل تاپشۇرۇپ قويۇپ، بىرى مەن ئېلىپ بېرىمەن دېگەچكە قايتىپ كەلگەن


ئۇ ئېلىپ بېرىمەن دېگەن ئايال قىرغىزىستانغا كېتىپ قېلىپ پەقەت دېرىكى بولمىد


شۇ سەۋەبلىك سىڭلىممۇ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىدى


ئىككى يىل بولاي دېدى



بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلسا بولار؟


بېرىپ داۋاملىق ئوقۇمدۇ ياكى ئوقۇمايمەن دەپ پۇلنى قايتۇرۋالسا بولارمۇ

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:47:13

ئاۋال ئانكىت(答案)نى سۈرۈشتۈرۈپ باقسۇن ,ئاندىن ئوقۇسا بولىدۇ ،ۋاقتنى 3يىل ئىچىدە ئوقۇشى كىرەك دەيدىكەن ،

PERWAZQIL يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 15:09:23

تىزىملىتىپ 2 يىل ئىچىدە ئېلىپ بولالمىسا ئۈچۈرۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 15:30:37

ئۇنداقتا 9-ئايدا 2 يىللىق مۆھلەت توشۇپ تىزىمغا ئالدۇرغانلىق ئىسپاتى ئۆچۈرلىدۇ.شۇ ۋاقىتتا قايتا تىزىملىتىپ ئوقۇسا

بولىدۇ.

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 17:10:42

تىزىملىتىپ ئىككى يىلغىچە ئوقۇپ كىنىشكە ئالالمىسا ماتىرىيالى ئۆچۈرلۇپ كىتىدۇ بۇرۇن شۇنداقتى ھازىر قانداق بىلمەيدىكەنمەن

قالغىنى سۇرۇشتۇرۇپ بىقىڭ

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 18:18:45

پۇلنى قايتۇرۋالسا يىرمىنى قايتۇرۇپ بىرەمدىكى ،،ئۇنىڭدىن باشقا دوسلار دىگەندەك سۈرۈشتۈرۈپ بىقىپ ئارخىۋى ئۆچۈرۈلمىگەن بولسا ئوقۇغىنى

ياخشى ھامىنى بىر كىنىشكە لازىم بولدىغان گەپ

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 09:30:39

كۆپچىلىككە رەھمەت

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 12:21:09

تىزىملىتىش ھەققى، تەربىيەلىنىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغىنىنى قايتۇرۇشى كېرەكقۇ دەيمەن.

saharr يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 08:17:31

مېنىڭچە بۇ خېلى ئوبدان بىر ئىش بوپتۇ . قانداق دىمەمسىز ؟ سىڭلىڭىز پىراۋا ئېلىش مەخسىدىدە دىگەن گەپنىڭ ئۆزى تېنى سالامەت ، ئەقلى ھوشى جايىدا دىگەن گەپ . شۇنداق تۇرۇقلۇق پىراۋىنى ئۆزى تىرىشىپ ، مەكتەپتە ھەقىقى ئوقۇپ ئىمتىھاننى ئۆزى ئۈگەنگەن ماھارەتلېرىگە تايىنىپ ئالماي ، پۇل بېرىپلا ئارقا ئىشىكتىن ئالىمەن دەپ چوتنى خاتا سوقۇپ چىرىك ھايانكەشلەر بىلەن تىل بېرىكتۈرۈپ ئۇلارغا يول ئېچىپ بەرگەن ئىكەن سىڭلىڭىزدا يەنە پۇل كۆپ دىگەننى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا يەنە شۇنداق چىرىك ھايانكەشتىن بىرنى تېپىپ باشقىدىن سودىلاشسا بولېۋىرىدۇ . بۇ قېتىم تاپقان ھايانكەش قېچىپ كەتمەي قالسا پىراۋىنى ئېلىپمۇ قالار ،لىكىن ساختىلىق ھامان ساختىلىق ، ئۇنداق ئالغان پىراۋا ئادەمنى ھامان بالا قازا غا قويىدۇ . ياكى ھارماي پۇل خەجلىگىلى سالىدۇ .

ئەسلى ھەممىمىز ھۇشيار بولۇپ شۇنداق ھايانكەشلەرگە ئالدانماي ، پۇل بەرمەي ، قەتئى ئۆزۈم ئوقۇپ ئۈگۈنۈپ ئالىمەن دىگەن گەپتە ھەم شۇ ئەمەلىيەتتە چىڭ تۇرساق ، بۇچىرىك غالچىلار ئۆزلىگىدىن تۈگەپمۇ قالار ئىدى . ئەسلى ئۆزىمىز ئۈگىتىمىز ئۇلارغا پۇل تېپىشنى . ( مەن پەقەت سىز نىڭ سىڭلىڭىز نىلا شۇنداق قىلدى دىمەكچى ئەمەس ) ھازىر بۇ خېلى ئومومى ئەھۋال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . ئوبدان ھۆكىمىتىمىز مۇ ياخشىراق چارىدىن بىرەرنى يولغا قويۇپمۇ قالار بۇ ئىشلارغا .

كەچۈرۈڭ .  {:106:}

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:55:29

2011-يىلدا نەزىرىيە ئىمتىھانى بەرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ ئىككى يىللىق مۆھلەتتە ئەپ بولۇشى كىرەك ئىدى،ھازىر ئۇچ يىلغا ئۆزگەردى،شۇڭا ئەڭ ئاۋۋال ئارخىپىنى سۇرۇشتە قىلىش كىرەك، ئۇ ئارقا ئىشىككە پۇل ئالغان ئادەم مەلۇم قەدەملىرىنى تاماملىغانمۇ ياكى شۇ تىزىملاتقان پىتى تاشلاپ قويدىمۇ؟ تىزىملانغان پىتى تاشلىنىپ قالغان بولسا ئارخىپىمۇ چىقمايدۇ مەنچە بۇ ئەھۋالدا مەكتەپتىن پۇلنىڭ مەلۇم قىسمىنى تالۇن ئارقىلىق قايتۇرىۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن ،ئەمما ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان بولسا كونا ئۆلچەم بويىچە بولسا بىكار بولىدۇ ،يېڭى ئۆلچەم بويىچە بوپ قالسا داۋاملاشتۇردۇ ،لىكىن ۋاختى ئۆتكەن بولۇش نىسبىتى يۇقىركەن.
بەت: [1]
: ئەزىزلەر كىم بىلىدۇ