[كۆچۈرۈلمە] خەلق قوشاقلىرىدىن ئىككى شىڭگىل
ئاق سارايدا ئاق ساندۇق،
كۆك سارايدا كۆك ساندۇق.
بىزنىڭ يارلار دوختۇركەن،
سۆيۈپ قويسا ساقايدۇق.
كەلكۈن كەپتۇ ئۆستەڭگە،
پىيازلىققا سۇ ئاچاي.
چالما ئاتسام ئۆگزەڭگە،
ئاناڭ چىقسا تېز قاچاي.
باغىم بار دېگەن بولساڭ،
يېڭى باغنى سالماستىم.
يارىم بار دېگەن بولساڭ،
سېنى تەڭلىك قىلماستىم.
قارا كۆز گۈرە - گۈرە،
كۆك كۆز بىرە - بىرە.
كۆك كۆزنىڭ ئالدىدا،
قارا كۆز تېزەك تېرە.
يۈرۈڭ يايرىم مەن بىلەن،
چىللاپ كەلدىم سەيلىگە.
مېنى ھەرگىز تاشلىماڭ،
كىرىپ دۈشمەن كەينىگە.
شاپتۇل پىشتى مەي باغلاپ،
ئۇنى تىزدىم لىگەنگە.
مېنى بەكمۇ قىينىدىڭ،
سۆيەلمىگەن نېمەڭگە.
لاي بۇلاققا بارغاندا،
ئوتنى ياقتىم قومۇشقا.
تۇتۇپ بەردى خۇدايىم،
كۈلمەيدىغان گومۇشقا.
مەن تىلىمنى ساز قىلىپ،
چالسام راۋاپتىن ياخشىراق.
ئىككى تىزىمنى قۇچاقلاپ،
ياتسام ياماندىن ياخشىراق.
ماڭا ياققان سامساڭنى،
سېلىپ قويدۇم چىنەڭگە.
چاقىرمىسام كەلمەيسەن،
ھال تارتىسەن نېمەڭگە.
ئالما شېخىنى ئېگىپسەن،
ئالمىسى بار دەپ ئەگكەنمۇ؟
كادىرغا تېگىۋاپسەن،
شەپكىسى بار دەپ تەگدىڭمۇ؟
ئاق قۇشقاچ ھارامزادە،
قۇرغۇينى بالام دەيدۇ.
بۇ كۈننىڭ سەتەڭلەرى.
ئاشنىسىنى ئاكام دەيدۇ.
چىت كۆينەك كىيىۋاپلا،
گۈلى يوغان، تېگى بوش.
بۇ كۈنلەرنىڭ قىزلىرى
گېپى يوغان، بىلى بوش.
سەھەر چىقسام سايرايدۇ،
تېرەكنىڭ شاخىدا پاختەك.
تېگىۋاپسەن تۇڭگانغا،
ئۇيغۇر بالىسى يوقتەك.
ئىشىك ئالدى باراڭ يايرىم،
باراڭلىقنى ماراڭ يايرىم.
ئەقىدەمنى بىلمىگەن،
قىپقىزىل ساراڭ يايرىم.
بېغىڭدىكى نەشپۈتنىڭ،
شېخىنى سەن ئەگدىڭمۇ؟
ئەللىك ياشلىق كادىرغا،
ئايلىقى بار دەپ تەگدىڭمۇ؟
قىز بولسا تۈزۈك بولسا،
گەپ - سۆزى چۈچۈك بولسا.
بىر قېتىم سۆيۈپ قويسا،
بىر ئايلىق ئوزۇق بولسا.
سوپىسوپىياڭ سېرىق بولۇر،
قۇملۇقتا تېرىق بولۇر.
ئىككى يار تۇتقان خېنىمنىڭ،
چىرايى سېرىق بولۇر.
سېنى كۆرۈپ قالدىم،
ئۆتكەن ھەپتە جۈمەدە.
ئۆزۈڭنى داڭلاپسەن،
قاشلىق ئىتىپ كۆمەدە.
كۆك سارايدا كۆك ساندۇق.
بىزنىڭ يارلار دوختۇركەن،
سۆيۈپ قويسا ساقايدۇق.
كەلكۈن كەپتۇ ئۆستەڭگە،
پىيازلىققا سۇ ئاچاي.
چالما ئاتسام ئۆگزەڭگە،
ئاناڭ چىقسا تېز قاچاي.
باغىم بار دېگەن بولساڭ،
يېڭى باغنى سالماستىم.
يارىم بار دېگەن بولساڭ،
سېنى تەڭلىك قىلماستىم.
قارا كۆز گۈرە - گۈرە،
كۆك كۆز بىرە - بىرە.
كۆك كۆزنىڭ ئالدىدا،
قارا كۆز تېزەك تېرە.
يۈرۈڭ يايرىم مەن بىلەن،
چىللاپ كەلدىم سەيلىگە.
مېنى ھەرگىز تاشلىماڭ،
كىرىپ دۈشمەن كەينىگە.
شاپتۇل پىشتى مەي باغلاپ،
ئۇنى تىزدىم لىگەنگە.
مېنى بەكمۇ قىينىدىڭ،
سۆيەلمىگەن نېمەڭگە.
لاي بۇلاققا بارغاندا،
ئوتنى ياقتىم قومۇشقا.
تۇتۇپ بەردى خۇدايىم،
كۈلمەيدىغان گومۇشقا.
مەن تىلىمنى ساز قىلىپ،
چالسام راۋاپتىن ياخشىراق.
ئىككى تىزىمنى قۇچاقلاپ،
ياتسام ياماندىن ياخشىراق.
ماڭا ياققان سامساڭنى،
سېلىپ قويدۇم چىنەڭگە.
چاقىرمىسام كەلمەيسەن،
ھال تارتىسەن نېمەڭگە.
ئالما شېخىنى ئېگىپسەن،
ئالمىسى بار دەپ ئەگكەنمۇ؟
كادىرغا تېگىۋاپسەن،
شەپكىسى بار دەپ تەگدىڭمۇ؟
ئاق قۇشقاچ ھارامزادە،
قۇرغۇينى بالام دەيدۇ.
بۇ كۈننىڭ سەتەڭلەرى.
ئاشنىسىنى ئاكام دەيدۇ.
چىت كۆينەك كىيىۋاپلا،
گۈلى يوغان، تېگى بوش.
بۇ كۈنلەرنىڭ قىزلىرى
گېپى يوغان، بىلى بوش.
سەھەر چىقسام سايرايدۇ،
تېرەكنىڭ شاخىدا پاختەك.
تېگىۋاپسەن تۇڭگانغا،
ئۇيغۇر بالىسى يوقتەك.
ئىشىك ئالدى باراڭ يايرىم،
باراڭلىقنى ماراڭ يايرىم.
ئەقىدەمنى بىلمىگەن،
قىپقىزىل ساراڭ يايرىم.
بېغىڭدىكى نەشپۈتنىڭ،
شېخىنى سەن ئەگدىڭمۇ؟
ئەللىك ياشلىق كادىرغا،
ئايلىقى بار دەپ تەگدىڭمۇ؟
قىز بولسا تۈزۈك بولسا،
گەپ - سۆزى چۈچۈك بولسا.
بىر قېتىم سۆيۈپ قويسا،
بىر ئايلىق ئوزۇق بولسا.
سوپىسوپىياڭ سېرىق بولۇر،
قۇملۇقتا تېرىق بولۇر.
ئىككى يار تۇتقان خېنىمنىڭ،
چىرايى سېرىق بولۇر.
سېنى كۆرۈپ قالدىم،
ئۆتكەن ھەپتە جۈمەدە.
ئۆزۈڭنى داڭلاپسەن،
قاشلىق ئىتىپ كۆمەدە.
باركەنسەھە! {:90:} بار ئاداش بار ئەمدى كۈندە بار گېپىڭ راس بولسا خېتىڭنى ئوڭشا قەدەملەر مۇبارەك جەۋلانباي ،ئىزدىنىشنى بەك ئۇزۇن تاشلىۋەتتىڭلار جۇمۇ تاشلاپقۇ ئاتمىدىم ، شارائىت شۇنداق بولۇپ قالدى ..كۇرۇپ تۇردۇم پات پات.. دەم ئالغاندا ئىزدىنىش خەلق ماقالە تەمسىللىرىنى رەتلەپ چىقىپسىزدە {:90:} قېرىندىشىم دەپ قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن
كەچۈرۈڭ قېرىندىشىم 21- ئەسىر كىرگەننىڭزى خەلق قوشاق قاتماس بولۇپ قالدىمۇ يا يېڭىلىرىنى يوللىماۋاتامسىلەر؟ زىيالى ماۋۇ قوشاقلارنى يادقا ئېلىۋېلىپ ياپۇنلۇق قىزلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغاندا ئوقۇپ بەرسە بولغۇدەك، بۇنداق بولغاندا ئاز پۇل خەجلەپ كۆپ ئۈنۈم ئالالايدۇ. {:92:} مەرھابا، ما ئادەم باكەن ھە كۆل بېشى كۆرپە قىياق،
سايىسى كۆلگە چۈشۈر.
سىزدەك قىران يىگىتنىڭ(گەرچە قرىپ قالسىڭىزمۇ(
ھاجىتى بىزگە چۈشۈر. ئېيىق ئادەم بولمايدۇ ،
يۈدۈپ يۈدۈپ باقساڭمۇ .
يەرگە كىرمەس شوينا مىخ ،
بازغان بىلەن قاقساڭمۇ .
قارا بولسا تەلەتىڭ ،
ئاقارمايسەن ئۆلگىچە .
ناشتىلىققا سوپون يەپ ،
مىڭ يىل سۇدا ئاقساڭمۇ .
ئۆينىڭ ئارقىسى خامان
لەپ لەپ ئۇچىدۇ سامان
نادان باللا بىلمەيدۇ
ھەممىدىن كۆنەك يامان
كۆنەپ قالغان يۈرەكلەر
باشقا يەرگە بارمايمەن
كۆپ تەشەككۈر دوستلارغا
ئەمدى سەپتىن قالمايمەن
{:90:}
لىيۇلىياڭرىم تۈگەپ كەتكەن
يا ۋاي فايدا سېگنال يوق
يايرىم بىلەن ئىككىمىز
تورغا چىقماي ئولتادوق
كوچىدا كىتىپ بارسام
شىنپىنجىڭنى ئال دەيدۇ
قارا كۆز ئوماق يايرىم
كەتمە جېنىم قال دەيدۇ
بى ئار تىدا كۆردۈممەن
سۇمبۇل چاچلىق جاناننى
قاندىغىنى قانداق قىلاي؟؟؟
خەپ ...ۋاپاسىز زاماننى!
كېچىدىن شامال چىقىپ
ئۆرىۋەتتى باراڭنى.
باغلاپ قويسا تۇرمايدۇ،
كۆڭۈل دىگەن ساراڭنى.
ئۈرۈمچىنىڭ يولىدا،
يېشىل يايلاق ئۇلانباي.
قەدەملەرگە مەرھابا،
خوش كەلدىڭىز جەۋلانباي!
ئۆگزىگە توخاڭ چىقتى
تاخ دىسەم توپاڭ چۇشتى
قەشقەردىن خوتۇن ئالسام
ئەقلى يوق دىۋەڭ چىقتى ئۈرۈگۈمما ئۈرۈگۈم
باغدا پىشقان ئۈرۈگۈم
سىنى بىردەم كۆرمىسەم
تىنجىلىقما جەۋلان؟ تېرە ئاپىرىپ مايتاققا
نېسى ساتتىم بويتاققا
بۇ زاماننىڭ ياشلىرى
چىدىمايدۇ چاقچاققا
چاينى قۇيدۇم چىنەمگە
كۆرپە سالدىم گىلەمگە
نىمە ئۇنچە قارايسەن؟
گەپ قىلمىغان نىمەڭگە
ئۈنچە مارجان چېچىلدى چىمەن ئىچىدە
ئىچىم ئەجەپ سىقىلدى ئاخشام كېچىدە
سەن ئوماقنى كۆرەلمەي
چىمەن ئىچىدە باغ ئىچىدە
ئازاپلىنىپ ياتىمەن يېرىم كېچىدە
بەت:
[1]
2