raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:42:38

易信 نى ئىشلەتتىڭىزمۇ؟

ئەلكۈيى تورى تومۇز 20-كۈنى خەۋىرى: 19-چىسلا جۇڭگو تېلېگرافى شىركىتى (China Telecom)  بىلەن ۋاڭيى شىركىتى (NetEase) بىرلىكتە جېجىياڭ يىشىن چەكلىك شىركىتى (浙江易信有限公司) نى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۈندىدار (微信) تىپىدىكى مەھسۇلات يىشىن (易信) نى ئېلان قىلدى. تېڭشۈن ئۈندىدارىدىن پەرقلىنىدىغان بىر يېرى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يىشىننى ئېتىلماس قىلغان ئابونتلارغا  300 مېگابايىت ئېقىم سوۋغا قىلىنىدۇ.





1. ئىلتىماس قىلسىڭىزلا، جۇڭگو تېلېگراف سىزگە300 مېگابايىت ئېقىم سوۋغا قىلىدۇ. ئېقىمنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن، يىشىن ئىشلەتمىسڭىزمۇ، تىزىملاتقان بولسىڭىزلا بۇ ئېقىم سىزگە بېرىلىدۇ.


2. ھەر ئايلىق پائالىيەتچان ئەزالار60 مېگابايىت ئېقىمغا ئېرىشەلەيدۇ. شەرتى ھەر ئايدا بەش تال ئارتۇق ئۇچۇر يوللىغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئېقىمنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن.


جۇڭگو تېلېگراف شىركىتىنىڭ لېدىرى ۋاڭ شياۋ چۇ (王晓初)، باش دېرىكتۇرى ياڭ جېي (杨杰)، ۋاڭيى تورىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى (CEO) دېڭ لېي (丁磊) بۇ قېتىمقى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.


ئابۇنتلارغا ئېقىم سوۋغا قىلىپ جەلپ قىلىش ئۇسۇلى يىشىن ئۈچۈن بىر مەزگىل ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر ئەمدى ۋېيشىننىڭ ياتىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالدى، دەپ ئەنسىرەشتى. ئەمما تەرەققىيات ۋە رىقابەت نۇقتىسىدىن قارىساق، يىشىن تېخى بىر تۆرەلمە، نەچچە 100 مىليون ئابونتقا ئىگە تېڭشۈن ئۈندىدارىغا پۇت ئاتالىغۇدەك بولغۇچە تېڭشۈن ئۈندىدارى ئۇخلاپ ياتمايدۇ. تېڭشۈن ئۈندىدارى خەلقئاراغا يۈزلىنىپ بولدى. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تېڭشۈن ئۈندىدارىغا تون پىچىش ئالاقىلانىلىك ئەمەس. ھەممىنى بازار بەلگىلەيدۇ. مەيلى قانداق گىگانت مەھسۇلات بولسۇن، بازارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، ئۇ ھامان شاللىنىپ كېتىدۇ. قارىغاندا، كېيىنكى مەيدان جەڭنى تېڭشۈن تورى بىلەن ۋاڭيى تورى ئوينايدىغان ئوخشايدۇ.



---------------------------------------


يىشىن (易信) ئېلان قىلىنىپ بىرەر ھەپتە ئۆتە - ئۆتمەي تىزىملاتقانلار شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە. گەرچە ئۇ ئىقتىدار جەھەتتىن ئۈندىدار (微信) غا ئوخشاپ كەتسىمۇ بىر نەچچە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن چاقناپ تۇرىدۇ. يىشىن ئىشلەتمىگەن دوستلىرىڭىزغا ئاۋازلىق، خەتلىك ئۇچۇر يوللىيالايسىز (ئاۋازلىق ئۇچۇرنى سىن يىشىندە تۇرۇپ ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان بۇرادىرىڭىزنى تېپىپ ئاۋازلىق ئۇچۇر ئەۋەتىسىز، يىشىن ئورگان تەرەپ 400 دىن باشلىنىدىغان ھەقسىز قىزىق لېنىيە تېلېفونى بىلەن بۇرادىرىڭىزگە ئاۋازىڭىزنى ئەينەن يەتكۈزىدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللاش جەھەتتە ئۈندىدار (微信) دىن خېلىلا ياخشى . كەمچىلىكلىرىمۇ باركەن، دوستلار چەمبىرىگە يوللىنىدىغان ئىنكاس ۋە تېمىلارنىڭ خەت سانىغا چەكلىمە بار ئىكەن، 3 قۇردىن ئېشىپ كەتكەن مەزمۇننى چاپلىغىلى بولمايدىكەن. بىراق، بۇ يىشىننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى. بۇندىن كېيىنكى نەشىرلىرىدە بۇ خىل كەمچىلىكلىرى تۈزىتىلىشى، ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى مۇمكىن. بۇ مېنىڭ بۇ ئەپنى دوستلارغا ئىككىنچى قېتىم تەۋسىيە قىلىشىم! سەۋەبى، بۇ ھەقىقەتەن دوستلارغا تەۋسىيە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەپ ئىكەن. بۇ ئەپنى قاچىلاپ تىزىملاتقان ھامان جۇڭگو تېلېگرافى سىزگە 300 م ب ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلىدىكەن، كېيىنكى ئايدىن باشلاپ ھەرىكەتچان ئىشلەتكۈچىلەرگە مۇقىم ھالدا 60 م ب ئېقىم تولۇقلاپ بېرىدىكەن.  بۇ ئەپنىڭ ھازىر ئاندروئىد، iOS ۋە Windows Mobile سوپىلىرىدىكى نۇسخىسى بار.


ناۋادا سىز iOS ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ: https://appsto.re/cn/6keWO.i

yusran يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:52:16

ئاشۇنداقمۇ مەن سىناپ باقايچۇ

PERWAZQIL يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 09:22:23

بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭكىنى قوللامدىكەن،

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 09:57:22

مۇمكىن بولسا تەكلىپ پىكىر بىرىپ قويسىڭىزمۇ بوپتىكەن ،،ئاۋۇ دوسلار چەمبىركىگە يوللىندىغان خەت مىقدارىغا چەكلىمە بىكىتىپ قويغىنى بولماپتۇ ،،،

esin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:19:59

مەن ئېلان قىلغان كۈنىلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن. ھېس قىلغانلىرىم:





1. ئاۋاز ھەقىقەتەن سۈزۈك، ھەقىقەتەن.



2. باشقىلارنىڭ تېلفۇنىغا ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايدىكەنسىز. ( لېكىن مەن سىناپ باقسام تېلىگراف تېلفۇنلىرىغا يوللاندى، كۆچمە ۋە بىرلەشمىگە ماڭمىدى، ئورگان تەرەپ ئۇزاققا قالماي ھەل قىلىمىز دەپتۇ). بۇ ھەرگىزمۇ ئۈندىداردىن ئۈندىدارغا، ياكى يىشىندىن يىشىنغا ئۇچۇر يوللاش ئەمەس تېلفۇننىڭ ئۆزىگە يوللاش.



3. باشقىلارنىڭ تېلفۇنىغا ھەقسىز سۆز قالدۇرالايسىز ، كۈنىگە بەش قېتىم. ( لېكىن مەن سىناپ باقسام تېلىگراف تېلفۇنلىرىغا يوللاندى، كۆچمە ۋە بىرلەشمىگە ماڭمىدى، ئورگان تەرەپ ئۇزاققا قالماي ھەل قىلىمىز دەپتۇ). بۇ ھەرگىزمۇ ئۈندىداردىن ئۈندىدارغا، ياكى يىشىندىن يىشىنغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللاش ئەمەس تېلفۇننىڭ ئۆزىگە يوللاش. پىنھان دىگەندەك سىز سۆز قالدۇرغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە تېلىفۇن كېلىدىكەن، ئالسا سىز قالدۇرغان سۆز.



4. تۇنجى تىزىملاتسىڭىز جۇڭگو تېلېگراف سىزگە 48 سائەت ئىچىدە 300 مېگابايىت ئېقىم سوۋغا قىلىدۇ. ئېقىمنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن، (لېكىن ماڭا تېخىغىچە بەرمىدى، ، مېنىڭ تۇنۇشلىرىمنىڭ ئىچىدە راستىنىلا بەرگەنلەر بار.)



5. ھەر ئايلىق پائالىيەتچان ئەزالار60 مېگابايىت ئېقىمغا ئېرىشەلەيدۇ. شەرتى ھەر ئايدا بەش تال ئارتۇق ئۇچۇر يوللىغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئېقىمنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 30 كۈن. (ئەسلى تېمىدىن ئېلىندى، بىر ئاي بولمىغاچقا مەنمۇ بىلمەيمەن.)



6. 摇一摇,附近的人 دىگەندەك گەپلەر ھازىرچە يوق. بۇ مەنچە ياخشى ئىش. چۈنكى ئۈندىداردىكى بۇ ئىقتىدار كۆپنچە بەزى بىكار تەلەپ ۋە بىر قىسىم ناچار ئادەملەرگە پۇرسەت يارىتىپ سەلبى ئۈنۈم ياراتماقتا، ئەلۋەتتە ياخشى تەرىپىمۇ بار، لىكىن مەنچە يامان تەرىپى كۆپتەك. دىمەك سىز تۇنۇمايدىغان ئادەملەرنى قوشالمايسىز.

....................

....................

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:23:38

كۆچمە خەۋەرلىشىش تور جەھەتتە بەكلا كەينىدە قالغىلى تۇردى. ئۇزۇن يىل ئىشلەتكەن نومۇرنى يا تاشلىۋەتكىلى بولمىغان.

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:29:53

5- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆچمە خەۋەرلىشىش تور جەھەتتە بەكلا كەينىدە قالغىلى تۇردى. ئۇزۇن يىل ئىشلەتكەن نومۇرنى يا تاشلىۋەتكىلى بولمىغان.



ئالدىرماڭلار: 4G كەلسە ھەممىدن يامىنى شۇ بوپ كېتىدۇ دەپ ئولتادۇققۇ شۇ \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:44:14

كۆچمە خەۋەرلىشىش 3جى تورنى يولغا قويدۇق دەپ ئۇچۇپ كېلىپ قاپتىكەن، خوش بولۇپ ئاچتۇرسام تور تېزلىكىدە ھېچ ئۆزگىرىش يوق، كۆچمەقىزغا تېلېفون قىلسام بۇ مۇلازىمەت بىزدىن سېتىۋالغان يانفونغىلا ئىشلەيدۇ دەيدۇ.

يەنە بىر مۇلازىمىتى باركەن، ئاچتۇرسا كېچىسى سائەت 11 دىن باشلاپ ئەتىگىنى 7 گىچە ئىشلەيدىغان، كېچىدە ئۇخلىماي تورغا چىقدىغانغا «مەن ساراڭ» بولمىسام، شۇڭا ئۇنىمۇ ئاچتۇرمىدىم.

-ataman- يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 10:48:11

ماڭا 300 مېگابايىت ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلغانلىق قىسقا ئۇچۇرى كەلدى.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:10:43

ئۇچۇر مەزمۇنىنى نازارەت قىلىش جەھەتتە مەلۇم پەرقى بارمىدۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:42:42

مەن سەنشىڭ نوتى 2 نى ئالغاندا يىشىن دىتالى ئىشلىتەي.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 14:05:26

wp8 سۇپىسىدا ئىشلەيدىغىنى يوقكەن ھە. توخۇ پوقىلا.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 15:38:41

ئۈندىداردەك ئۇيغۇرچە قوللامدىكەن؟ سىناپ بېقىڭلارچۇ، ئاندىن چۈشۈرەي . بولمىسا مىگابايىتىمنى ئىسراپ قىلماي

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 16:32:34

12- قەۋەتتىكى azizimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈندىداردەك ئۇيغۇرچە قوللامدىكەن؟ سىناپ بېقىڭلارچۇ، ئاندىن چۈشۈرەي . بولمىسا مىگابايىتىمنى ئىسراپ قىلماي



\"\"  قوللايدۇ ....


ئادەم ئاز ... لېكىن خىلى يامان ئەمەس ، كۆرۈنمە يۈز ، ئىقتىداار جەھەتتىن ...


مېنىڭ ۋىيشىندا 117 ئادەم بار ئېكەن ، ئۇلارنىڭ ئەمدى بىرى بۇ دېتالى ئىشلىتىپ بېقىپتۇ ...


مېنىڭ نۇمۇرۇمasad1993

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 16:46:39

@alip ئالىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 3G تورىنى ئادەتتىكى يانفونلار تونۇمايدۇ. پەقەت شۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغانلىرىلا تونۇيدۇ. مەسىلەن سامسۇڭنىڭ تىپى ئارقىسىغا 8 كىلىدىغانلىرى مەخسۇس TD-SCDMA گە ئاتاپ ياسالغان. مەسىلەن: I9108, I9208, I9308, I9508 دىگەندەك. بۇلارنى I9100, I929, I9300, I9500 لار بىلەن بىر قاتارغا قويسىڭىز بولىدۇ. پەرقى پەقەتلا TD-SCDMA ۋە GSMنى تونۇيدۇ. 00 كەلگەنلىرى WCDMA بىلەن GSM نى تونۇيدۇ خالاس. I9508 نى GSM, WCDMA, TD-SCDMA دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تونۇيدۇ دەيدۇ، لىكىن ئۇچىراپ باقمىدى تېخى.

ھازىر TD تورى خىلى كەڭىرى ئۇچىرايدىغان بوپتۇ. ھەممە ناھىيەلەردە ئاساسەن بار ئىكەن. چوڭراق بازارلاردىمۇ بار دەيدۇ.

ps: ئادەمنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان يىرى، ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى شاڭگاڭلىقلار كۆچمە خەۋەرلىشىش تۇرۇپ WCDMA ئارقىلىق 3G دىن بەھىرلىنىدۇ. نىمىشقا بىز TD-SCDMA نى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىغاندىمىز؟

ھازىر ئىچكىردە نومۇرنى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارا يۆتكىيەلەيدىغان ئىش سىناق قىلىنۋاتىدۇ. ناۋادا مۇشۇ ئىش رايونىمىزغا كەلسىلا مەن چوقۇم كۆچمە خەۋەرلىشىشتىكى نومۇرۇمنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىشكە يۆتكەپ چىقىپ كىتىمەن. \"\"

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 16:51:25

ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى كۈندۈزلۈكى تىپتىنىچ، ئاخشىمى شامدىن كىيىن (قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن) ئۆينىڭ ئەتراپىغا نەلەردىن كەپ قالغان خرۇئىننى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان كىشلەر تولا چۆرگىلەپ كىتەلمەي قالىدۇ... (بۇ ئەتراپ دالدا بولغانچقا شۇنداق بولسا كېرەك... ئاخشىمى تالاغا چىقساق نەخ مەيداندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ...) شۇڭا ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۈندىدارنىڭ «يىقىن ئەتراپتىكى كىشلەرنى ئىزدەش» ئىقتىداردىن پايدىلنىپ ئادەم ئىزدەيمەن...

ئىزدەپ چىققانلار مۇسۇلمان قەۋمىدىن بولسا «ئاللاھتىن قوقمامسەن؟» دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويىمەن، باشقا تائىپىدىن بوپ قالسا «ئەيدىز بوپ قېلىشتىن قوقمامسەن؟» دەپ ئۇچۇر يوللايمەن...

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 17:43:35

15- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى كۈندۈزلۈكى تىپتىنىچ، ئاخشىمى شامدىن كىيىن (قاراڭغۇ چۈشكەندىن كىيىن) ئۆينىڭ ئەتراپىغا نەلەردىن كەپ قالغان خرۇئىننى ئۆزىگە ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان كىشلەر تولا چۆرگىلەپ كىتەلمەي قالىدۇ... (بۇ ئەتراپ دالدا بولغانچقا شۇنداق بولسا كېرەك... ئاخشىمى تالاغا چىقساق نەخ مەيداندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ...) شۇڭا ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئۈندىدارنىڭ «يىقىن ئەتراپتىكى كىشلەرنى ئىزدەش» ئىقتىداردىن پايدىلنىپ ئادەم ئىزدەيمەن...

ئىزدەپ چىققانلار مۇسۇلمان قەۋمىدىن بولسا «ئاللاھتىن قوقمامسەن؟» دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويىمەن، باشقا تائىپىدىن بوپ قالسا «ئەيدىز بوپ قېلىشتىن قوقمامسەن؟» دەپ ئۇچۇر يوللايمەن...

--------------------------------------------------------------------------------


قىززىق ئەدەمكەنسىزغۇ \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 01:25:13

مۇشۇ جۇڭگو تېلېگىرافىنىڭ ئەلەي-بەلەيلىرى بىلەن پەقەتلا خوشام يوق. بۇلار تارماق دۇكىنىنى ئاچقانلارنى مەخسۇس مۇلازىمەت سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ تەربىيەلىمەيدۇ..... ھازىرغىچە بىرەر نەرسىسىنى ئىشلىتىپ رازى بولۇپ باقمىغانىدىم، مەسىلەن مەن تۇرىدىغان بىنانىڭ ئىشىكىدە «سۈرئىتى 51 مېگابايتلىق ۋايپاي تورى بىلەن قاپلاندى» دەپ ئېلانى يېزىقلىق بۇلارنىڭ. ئەمەلىيەتتە 3 ئاي بۇرۇن بىر قېتىم شۈنلېيدا كىنو چۈشۈرسەم چۈشۈرۈش سۈرئىتىنىڭ 700 كىلوبايتقا چىققىنى ئېسىمدە، ئۇندىن كېيىن 20 كىلوبايتتىن ئېشىپ باقمىدى.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 18:01:12

wp7 سۇپىسىدا ئىشلەيدىغىنىمۇ يوق ھەقىچان،دېمەك پېقىر ئىشلىتەلمەيدۇ،ئىشلەتمەيدۇ..

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 18:45:58

مۇنداق گەپلەر بولۇنۇۋىتىپتۇ.



بەت: [1] 2
: 易信 نى ئىشلەتتىڭىزمۇ؟