peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:12:25

ئىستانبۇلدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت

مەن بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنىمۇ
بىلمەيمەن.كىمنىڭ ئەۋەتكىنىنى ئۇقمايمەن.قارىسام ماتىرىياللىرىم ئارىسىدا
تۇرۇپتۇ.گەرچە كىرىش سۆز قىسمىغىچىلا بولسىمۇ،قىممىتى بار دەپ قارىدىم.سۈرۈشتۈرۈپ
باقسام ،خىلى ياخشى كىتاب ئىكەن.سىلەرنىمۇ خەۋەردار بولۇپ قالسۇن دەپ
چىقاردىم.ئەسەر ھوقۇقى ئەبەدىلئەبەد ئەسلى تەرجىمە قىلغۇچىغا مەنسۇپتۇر.ئەگەر ئۇ
كىشى مۇشۇ مۇنبەردە بولۇپ،ھوقۇقىمغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسا ،تىما شۇ ھامان
ئۆچۈرۈلسۇن.











ئىستانبۇلدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت





      سوۋىت
ئىتىپاقىنىڭ 1991-يىلى پارچىلېنىشىغا ئەگىشىپ پۇتكۇل مەدەنيەت ئالىمى . بەئەينى
قۇتىغا ئوخشاش  كۆرۈنۈدىغان  بىر جۇغراپىيەگە ،يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا  كۆزلىرىنى
تىكتى . نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ يەرنى يىڭىدىن تونۇشقا باشلىدى .


دۇنيانىڭ كۈنسىرى
كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ ، چىگرالارنىڭ بارا-بارا
ئازىيىپ يەرشارىلىشىقا يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى  كۈندە
مىللەتلەر      بىر-بىرىنى  تونۇشقا
، ئۆز-ئارا يىقىنلىشىشقا، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈر جەھەتتىكى  ھەمكارلىشىشىقا  مۇھتاج ئىدى.


مىللىي كۈلتۈرىمىز ، دۇنياغا يۈزلەنگەن  ، باشقا مىللەتلەرنىڭ  پىكىر ئارتۇقچىلىقىنى تونۇغان ، ئۇلار
بىلەن  كۈلتۈر ئېلىم-بىرىمى  قىلغان ۋاقىتتا  تىخىمۇ
رەڭلىك ۋە تىخىمۇ مول بولىدۇ .


شەخسەن مىللىتىمىز ، يۈز يىل
بۇرۇن ئايرىلغان تۇپراقلاردىكى ئىنسانلارنى تونۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى
ئۆگۈنۈش ۋە كۈلتۈر بىرلىكىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىزنى پۇرسەت ۋە شەرت-شارائىت
بىلەن تەمىنلەيدۇ .


دىققەت نەزىرىمىزنى قىرغىز
ئەدەبىياتىغا قاراتتىمىز ئان دۇنيانىڭ  ئەڭ
بۈيۈك داستانى «ماناس »نى كۆرەلەيمىز .   


ئەزەربەيجان ئەدەبىياتى بىزگە
داڭلىق  يازغۇچىلارنىڭ ، مۇزىكانتلارنىڭ
ئەسەرلىرىدىن بىلگى بىرىدۇ . كاسپى دىڭىزىدىن چىققان بىر شامالنىڭ يۈزىمىزى سىيپاپ
ئۆتكىنى ھىس قىلالايمىز.


قازاقىستان
يازغۇچىللىرىدىن  مۇختەر  ئەزىزوۋ بىزگە
قازاق بوزقىرلىرىنىڭ ئاۋازىنى  ۋە
يۈرۈشلىرىنى نامايان قىلىپ بىرىدۇ.


رۇس ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك
ئۇستىللىرىنى ، تولىستوينى،ئوستۇرىۋىسكىينى ، گوگۇلنى،گوركىينى  تونۇماق
بىزنىڭ كۈلتۈرىمىزنى تىخمىۇ موللاشتۇرۇشقا پايدىلىق.


دۆلەتلەرنىڭ بۈيۈك ۋە داۋاملىق ھەمكارلىقى
ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە ئەمەس بەلكى
كۈلتۈرەل ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلۇر، تەرەققىي قىلار ۋە ساغلام  بىر شەكىلدە
كەلگۈسىگە قاراپ راۋاجلىنار .


مىنىستىتلىكىمىزنىڭ  باستۇرۇپ خەلقىمىزنىڭ سۇنغان « ئىستانبولدۇن
ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت  »  ناملىق
ئەسەر  يۈز يىل بۇرۇنقى تۈركمەن
دۇنياسىنى كۆز ئالدىمىزدا  ئەكىس ئەتتۈرۈپ نەزەر
دائىرىمىزنى كىڭەيىتمەكتە  ۋە بىزگە
ئۆزىمىزنى تونۇتماقتا.


دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يېرى
شۇكى ،مىللي كۈلتۈرىمىزدە غەربلىكلەرنىڭ مىللەتنى تونۇشتۇرغان نۇرغۇنلىغان كىتابى
بار . ئەمما  بۇنىڭ قارشىسىدا ئوتتۇرا
ئاسىيانى ، تۈركىستاننى ،سەمەرقەنتنى ،تاشكەنتنى، بۇخارانى  تونۇتقان ئەسەرلەرنىڭ  سانى
ناھايىتى  ئاز. بۇ مىللى
كۈلتۈرىمىزدىكى زور بىر  بوشلۇق .


كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىمىز
ئاھمەت مىھات  ئەپەندىنىڭ  ياردىمى بىلەن 122يىل بۇرۇن بىسىلغان  ۋە يەنە
ئۇنىڭ كىرىش سۆزى بىلەن تونۇلغان مەھمەت
ئەمىن ئەپەندىنىڭ   ئەسىرىنىڭ  بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش يولىدا بىسىلغان
جىددى  بىر قەدەم  ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنى باشقا
ئەسەرلەرنىڭمۇ تولدۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.


ئەسەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ۋە تۈرلۈك گىراۋۈرلەرلە  كىڭەيتىپ
نەشىرگە تەييارلىغان ھۆرمەتلىك رىزا ئاق تۆمۈر ئەپەندى  ۋە  
ئەسەرنىىڭ نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن ئۇچراشتۇرغان  نەشەرىيات
رەھبەرلىكىگە  رەھمەت ئىيتىمەن . كۈلتۈر
مىنىستىرى  :   م، ئىستەمىخان  تالاي  




ئىچىدىكىلەر


كىرىش
سۆز.................................................Ⅸ


ئىستانبۇلدىن ھەرىكەت .........................................1


كىراسنوۋودىسك شەھرى.. ........................................ 3


كىراسنوۋودىسك بويلىرىدا كىزىش. .................................17


كىراسنوۋودىسكتىن ھەسەن قۇلىغا  سەپەر.............................27


تۈركمەنلەرنىڭ دۈشمەنلىك ۋە
ئۇرۇشلىرى.............................31


تۈركمەن ئاتلىرى. ............................................ 35


ھەسەن قۇلىدىن كۈمۈش تۆپىگە سەپەر. ................................ 37


تۈركمەن تويى. ...............................................38


تۇغۇت ۋە ئۆلۈمگە ئائىت ئادەتلەر. ..................................... 46


كۈمۈش تۆپىدىن خىيۋىگە توغرا ھەرىكەت. .......................... 53


مەشھەدى
مىسرىيان........................................... 55


بىر ئاشىق پاجىئەسى. ......................................... 59


يول داۋام ....................................................
75


راھمانبەردىنىڭ يىمەكلىك ئوغرىسى. ................................80


بىر چەت ئەل ئىتىنى ئوۋلاش. ....................................83


دۈشمەن..... .................................................. 85


تىكە تۈركمەنلەرنى
ئارىسىدا .................................. . 87


بىكار ئاۋارچىلىق. ........................................... . 91


يىڭى سەپەر. ................................................ 93


خارەزىم ۋە كۆھنە-ئۈرگەنچ. ....................................98


كۆھنە-ئۈرگەنچدىن
ھەرىكەت ................................ 103


يەنى
ئۈرگەنچ.............................................. 107


خىيۋىگە بىرىش. ............................................ 107


دىۋان بەگ بىلەن سۆھبەت. ....................................109


كىرباچلا تاياق. ............................................ 114


خىيۋە خانى بىلەن مۇلاقەت. ................................... 115


ئاتاجان ۋە باشقا ئەمىرلەر بىلەن مۇلاقەت. ..........................119


خىيۋە خانىنىڭ تويى. .........................................121


مەھمەت رەھىم خان بىلەن ئىككىنجى مۇلاقەت. ...................... 124


خارەزىمگە دائىر بەزى مەلۇمات. ................................. 127


خارەزىم تارىخىدىن بىر پارچا. ................................. . 130


رۇس ئىستىلاسى. ............................................ 132


خىيۋە  ھەققىدە
بەزى مەلۇماتلار ................................ 137


باشقۇرۇش شەكلى. ...........................................141


خاتىمە. ...................................................143


قوشۇمچە : ئوتتۇرا – ئاسىيا خەرىتىسى. ........................... 144







     



                                         كىرىش سۆز



كىتاپخانلرىمىزغا «
ئىستانبۇلدىن ئوتتۇرا-ئاسىياغا ساياھەت » ناملىق كىتابىنى سۇنغان  سەيياھ
مەھمەت ئەمىن ئەپەندىنىڭ تولىمۇ
ئەپسۇس ھاياتى ۋە باشقا ئەسەرلىرى
ھەققىدە  كەڭرى مەلۇماتقا ئىگە
ئەمەسمىز. يازغۇچى كىتابىدا ئۆزىنىڭ تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى ،ئۇيەردىكى داڭلىق
بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ،ئىستانبۇلدا ئىلىم-تەھسىل قىلغانلىقى،
ئەسكەرلىككە بارماقچى بولغاندا تەن سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن كاتىپلىق
خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بايان قىلىدۇ: «مەندە  پۈتۈن كۈن
   يۈكۈنۈپ
ئولتۇرۇپ  كاتىپلىق قىلىدىغان سەۋىر
ۋە  بۇ يۈكۈنى ئۈستۈمگە ئالغۇچىلىك ھالىم
ھىچ  يوقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق
زىرىكەرلىك نەرسىلەرگە نىسبەتەن كۆڭلۈمدە بىرخىل ئىتىرازلىق تۇيغۇسى بار ئىدى.


بۇ ھوزۇرسۇزلۇقنى پەقەت دۇنيانى ئايلىنىش ، زىھنىمنى
تاغدىن- تاغقا ، ئوۋادىن-ئوۋاغا سەيلى ساياھەت  قىلىش ئارقىلىقلا قانائەت
تاپتۇرىدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن
بىشىمدىن ساھىرنى بىلىمدىن قىلىچنى چىقارغاندەك قولۇمدىن قەلەمنى تاشلاپ ناسىپ بەرگەن ھاسىنى ئىلىپ دۇنيانى ئايلىنىش
ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم. »


مەھمەت ئەمىن
ئەپەندىنىڭ كىتابىدىن  ئۆزىنىڭ ياۋرۇپانىڭ
نۇرعۇن دۆلەتلىرىنى ،فىرانسىيەنى ، گىرمانىيەنى ، رۇسىيە ۋە ئىتالىيەنى
ئايلانعانلىقىنى ، ۋە يۉكسەك دىققەت نەزىرى بىلەن بۇ ئۆلكىلەرنىڭ مەدىنىيتىنىڭ
ماھىيتىنى چۉشىنىشكە تىرىشقانلىقىنى ، بۇ ئىلعار مەدەنىيەتنىڭ پارلاق نۇرلىرىنى
ئارقىدا قالعان ئىسلام ئالىمىعا تارقىلىشىنى چىن كۆڭلۉدىن ئارزۇ قىلىدىعانلىقىنى
كۆرۉۋالالايمىز.


ھىجرىيە 1295-يىلى
(مىلادىي 1878 ) ئىستانبۇلدا كىركانبار
مەتبەئەسىدە بىسىلعان كىتاپنىڭ بىشىدا ، تۉرۉك  پىكىر ۋە مەتبەئە ھاياتىدىكى داڭلىق يازعۇچى
ئاھمەت مىتھات ئەپەندىنىڭ  كىرىش سۆزى
بار.  ئاھمات مىتھات ئەپەندى   كىرىش سۆزدە : « ئوسمانلىلارنىڭ ساياھەتكە
ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى ،ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بولسا بۇ ئىشقا ئىنتايىن
ئەھمىيەت بىرىپ نۇرعۇنلىعان سەيياھلارنى دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە كەزدۉرۉپ حاتىرىلەرنى
يىزىپ نەشىر قىلدۇرعانلىقىنى ،مەدەنىيەتنىڭ يىڭى قانۇنلىرى تەرەققى قىلعان ياۋرۇپا
بىلەن  تەرەققىياتى ئوسمانلىلارعا
مۇھتاج  بولعان ئىسلام ئالىمىنىڭ
ئوتتۇرىسدىكى ئوسمانلىلارنىڭ بۇ ئۆزگۉرۉشلەرنى كۆرۉپ بىر –بىرىگە ئۉلگە قىلىشنى
مۇقەددەس  بىر  ۋەزىپە
قىلعانلىقىنى  يازعاندىن كىيىن
مۇنداق  يازىدۇ ؛ « بايا ياۋرۇپاعا كىتىپ
كۆرگەنلەرنىڭ  ئىستانبۇلدىن بەيئوعلۇعا
كەتكەنلەرگە ئوحشاش ئويناپ كەلگەنلىكىنى بۇلارنىڭ ياۋورۇپادا ئوينادىعان يەرلەردىن
باشقا يەرلەرگە بارمىعانلىقىنى توعرىسىدا ئىددىيا ھەققىمىز بار .ئەگەر كۆرگەن بولسا
ساياھەتنامىلەرنى يىزىپ كۆرگەنلىرىنى ئالەمگە كۆرسىتەردى.  بىزدە بولسا بۇرۇندىن تارتىپ ئىككى
سەفارەتنامىدىن باشقا ساياھەتنامە يىزىلمىعانئىدى. »  ئوسمانلى حەلقىنىڭ تۇرعۇن ،ھەركەتسىز بىر
جايىدا جىم تۇرۇپ سىرىتقى دۇنياعا نىسبەتەن كۆزلىرىنى ئىتىۋىلىش پوزىتسىيسىدە  ياشىعانلىقىدىن ئۉمۉتسزلىنىش پوزىتسىيسىدە
ئىپادە ئەتكەن ئاھمات مىتھات ئەپەندى ،تىجارەت ئۉچۉن ساياھەت قىلمىعانعا ئوحشاش
سىياسى  عايىلەر ئۉچۉن ساياھەت قىلىش  ئارزۇسىنىڭ بولمىعانلىقى ئاچچىق تىللار بىلەن
تەنقىد قىلىدۇ. :  «  چۉنكى بىز ھازىرعا قەدەر سىياسى
مەنپەئەتلەرگە  ئۆز لايىقىدا ئەھمىيەت
بەرمىدۇق يىڭى كەشپىياتلار ئىجاد قىلىنعان ۋاقىتتا  ئەنگىلىيەدىن، فەلەنەنكتىن ،...........  دىن
يۉزلەرچە كىمە مىڭلارچە  يىڭى
كەشپىيات دۇنيانىڭ  يىراق يەرلىرىگە
تارقىلىركەن دۇنيانى مىسلى كۆرۉلمىگەن دەرجىدە تەرەققى قىلدۇرىدىعان كەشپىياتلار
مەيدانعا كەلدى. مەسلەن : ئەنگىليەدەك دۆلەتلەر ئۆ
ز نوپۇسىدىن يەتتە-سەككىز ھەسسە ھەسسە كۆپ بولعان نوپۇسقا ئىگە
دۆلەتلەرگە ئىگە بولعان ۋاقىتتا ۋە بۇ سەۋەپتىن ھەددى- ھىساپسىز بايلىققا ،
مەنپەئەتكە ئىگە بولعان ۋاقىتتا بىز عەپلەت ئۇيقۇسىنى ئۇحلاۋاتاتتۇق.


دۇنيانىڭ يىراق
قىرلىرىدىن سىياسى مەنپەئەتلەرگە ئىرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن فاس، جەزايىر، ئىران ،
ئەرەبىستاندەك  ئىسلام دۇنياشىعا مەنسۇپ
بولعان ئىسلام ئۆلكىسىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەئەتىمىزگە  تىحىچە دىققىتىمىزنى قاراتمىدۇق.  بىز كايىتسىز بولمىساقمۇ  شۇ ھالدا مالى بىر ئىمكانسىزلىق سەۋەپ بولعان بولسا ،
ئۆزىمىزگە تەسەللى تاپقان بولارئىدۇق . ھالبۇكى مىللىي مەنپەئەتىمىز توعرىسدا
سۆزلىنىدىعان بىر ئىعىز سۆز تاپالمايمىز.
بىر كىۋىلجىم بىلەن سائەت چوڭلۇقىدىكى كۉل بولۇپ كىتىدىعان
مىھمانحانىللىرىمىزنى ، يالىلارىمىزنى ياساش ئۉن ئون-مىڭلاپ ، يىگىرمە مىڭلاپ
ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى چىقىم  سەرىپ
قىلالايمىزيۇ لىكىن بۇ چىقىملارنىڭ ئوندەن بىرىنى چىقىم قىلساق قىلالايدىعان
ساياھەتلەرگە مىللى مەنپەئەتىمىز ئۉچۉن يەتمەمدۇ ؟  ھەتتا بەزى
ئويۇنلارىمىزعا سىەرپ قىلىدىعان پۇللارنىڭ ناھايىتى كىچىك بىر قىسمى  بۇ ئىشقا كۇپايە قىلارئىدى.  دىمەك ، كۆرۉۋىلىشقا بولىدۇكى ساياھەتنىڭ
جاپاسىعا چىدىيالمايمىز، ھالبۇكى ساياھەت بىر كۉلپەت ئەمەس، جاھاندىكى ھىچقانداق
بىر ئىش بىلەن سىلىشتۇرعىلى بولمايدىعان بۈيۈك بىر زوق ۋە تۈگىمەس لەززەتتۇر. »  پۈتۈن
ئۆمرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنىڭ كۈلتۈر سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن
، نەزەر دائىرىسىنى كىيڭەيتىش ئۉچۉن كۉرەش قلىپ كىلىۋاتقان ئاھمات مىتھات
ئەپەندى  ئەسەرگە يازعان كىرىش سۆزدە  ئوسمانلىلار ئۉچۉن ساياھەتنىڭ ،
پىكرىي،سىياسىي،تىجارەت  نۇقتىسىدىن
نەقەدەر مۇھىم بولعانلىقىنى ئەتراپلىق چۉشەندۉرگەندىن كىيىن سۆزلىرىنى تۆۋەندىكى
پارچە بىلەن ئاحىرلاشتۇرعانئىدى. : پۉتكۉل جاھان بىلىدۇكى ئوسمانلىلارنىڭ كۆكى
ئورتاسىيادۇر. پەقەت ئوسمانلىلار تىحچە ئوتتۇرا- ئاسىيانى بىلىپ بولالمىدى. «
فىرانسۇزلارنىڭ مون پاترىيە »يەنى
«  ئانا ۋەتەن»
دىگىنى ئەسلى ۋەتەن بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز ئوتتۇرا- ئاسىيا بولۇپ ھازىرقى
ئوسمانلىي تۇپراقلىرى ئوتتۇرا- ئاسىيانىڭ مەنىۋى تۉرۉكى بولىدىعانلىقىنى
كۆرۉۋىلالعىلى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس ئوتتۇرا- ئاسىيانىڭ مەدەنىي تەرققىسى بىزنىڭ
دۆلىتىمىز بىلەن  بولعان باعلىنىش  داۋامىي بىردەك بولماپتۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا  ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىچىدىكى كۆڭۉلسىزلىكلەر
ئەسلى ۋەتەن بىلەن بولعان مۇناسىۋىتىنى ئۉزۉلۉش
گىردابىعا ئاپىرىپ قويۇپتۇ.  بىر
شەحىس ئۉچۉن تۇعۇلعان يىرىنى زىيارەت قىلىش ۋاجىپ ئىگەن.  بۇ زۆرۉرىيەتنى  بۉيۉك بىر مىللەت ئۉچۉن ئىنكار قىلىشقا
كىمنىڭمۇ چىشى پاتسۇن ؟ بۇ ھەقتە دىققەت قىلىشقا
تىگىشلىك يەنە بىر نۇقتا باركى،ئوتتۇرا- ئاسىيانىڭ بىزنىڭ ئەسلى ۋەتىنىمىز
ھەرگىزمۇ ئىنكار قىلىنماس، بۇنداق بىر ۋەتەنگە ئىگە بولۇش بىزگە شەرەپ بىرىدۇ .


بوۋىللىرىمىز ، قىرىنداشلىرىمىزدىن بىرى بولعان تۉرۉكمەنلەرنىڭ تارىحلارى
ئىنسانىي پەزىلەتلىرى، بۉيۉكلىكى، شەرەپلىرى، مۇۋەپپىقىيەتلىرى ، ھەربى جەھەتتىن
قولعا كەلتۉرگەن نەتىجىللىرى بىلەن بۉگۉنكى زاماندىكى ئۇلارنىڭ گۉزەل ئەحلاقى ھەم
ئۇلارنى ھەم ئۇلارعا مەنسۇپ بولعان  مىللەتلەر
ئۉچۉن  بىر ئىپتىحار تۇيعۇسى بىرىدۇ.


يالعۇزى  بىزلا  ئەمەس
ئوسمانلى بولمىعان
تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ ئوسمانلى مىللىتىنى ۋە دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى
ئۆگەنگەندىن  كىيىن ئوتتۇرا- ئاسىيانى
زىيارەت قىلىشتا  ئۇلار ئۉچۉن چوڭ پايدا
بار.  بۇ
پايدىلارنىڭ ئەڭ  مۇھىم پايدىسى
شۇكى  ئوتتۇرا-ئاسيا دىگەن ئۇقۇمنىڭ
بارلىققا كەلگەن 600 يىل مابەينىدە ئەسلى تۉركمەن بولعان بىر قەۋمنىڭ
ئوسمانلىلاشقاندىن كىيىن  نەقەدەر
ئۆزگەرگەنلىكىنى  كۆرۉۋاتىمىز.  بىزنىڭ بۉگۉنكى ھالىمىز ۋە تۉركەمەنىستاننىڭ  بۉگۉنكى ھالى
ئوتتۇرىسىدىكى پەرقى ھەقىقەتەن دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. گەرچە بىز بۇرۇنقى
ھالىتىمىزنى نەقەدەر ئۆزگەرتكەن بولساق ، تۉركمەنلەر بولسا ئۇ نىسبەتتە ئۆزىنىڭ
بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالعان .  بۇ پەرق
ناھايىتى  رۇشەن بىر سىلىشتۇرما.


توعرا !  تۉركمەنلەر ئەسلى
ھالىتىنى  تامامەن قوعداپ قالعان ، بىر
مىللەت باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆكۉمرانلىقى ئاستىدا قالسۇن ياكى باشقا مىللەتلەرنى
ئۆز ھۆكۉمرانلىقى ئاستىعا ئالسۇن  ئۆزىنىڭ داھىلى ھۇدۇدىنى ئۆزگەرتمەس ،ئۆز  ئىچك ئتىپاقلىقىنى
بۇزماس، ئەسلى ۋەتەندە باشقا مىللەتلەرگە ئارىلاشماستىن ياشىسا ئۆرۉپ- ئادەت ۋە
تارىحىنى  ئەينەن ساقلاپ قالالايدۇ.  تۉركمەنلەرنىڭ
بۇ دەرىجىدە قوعداپ قالعان  تارىحى
تەجىربىللىرى بىلەن بىز ئوسمانلىلارنىڭ
ئاحىرقى ئەھۋالى ئوتتۇرۇسىدا ناھايىتى چوڭ پەرقلەر بار. ھەتتا بىر ئوسمانلى
تۉركەمەنىستانعا  بارسا ياكى بىر
تۉركمەن  ئىستانبۇلعا كەلسە  ئۆرۉپ-ئادەت،ئەحلاق ، تىل ، كۆڭۉل ئىچىش ئۇسۇللىرى
بىر-بىرىنىڭ داۋىمى ئىكەنلىكىنى
چۉشەنمەيدىعان دەرىجىدە يىراقلاشقانلىقىنى كۆرۉۋالالايدۇ. يالعۇز بۇ پەرقنى
كۆرۉش بىلەن بىرگە تەتقىقاتچىلار ئۉچۉن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇنداق بىر ھادىسە
كىلىپ چىقىدۇ،  ئەگەر بۇ يولۇچىلىق
ئوتتۇرا-ئاسىياعا يولعا چىقسا بۇنداق كۆپ پەرق چىقمايدۇ.  نۆۋەتتە
، ئەسىرىنى باشقان سەيياھ ۋە يازعۇچى
نەزەرىمىزدە ھازىقى دۆلىتىمىزدەك قىممەت ۋە حۇشاللىق بىعىشلاشتا لازىمى
بولىدىعان بىر دۆلەتنى  كۆز ئالدىمىزدا
نامايان قىلىدۇ.  بۇ حىزمەتنىىڭ قەدرىنى
بىلىدىعانلارنىڭ بۇ ئەسەرنى بىر قىممەتلىق ئەسەر دەپ قارايدىعانلىقى ۋە قىزعىن
قارشى ئالىدىعانلىقىعا شۉپھەمىز يوق .


ساياھەتنامىسىدە ئىپادە قىلعان ۋە ھىكايە قىلعىنىدەك يازعۇچىنىڭ بۇ ساياھەتنى
قىلشىتىكى مەقسىتى
« ئسىلامى بىرلىكى »  بىناسىعا بىر تاش ئىلاۋە قىلىش ئۉچۉن  يازعان. ئوتتۇرا- ئاسىياعا قىلىنعا  ۋە بۇندىن كىيىن ئىلىپ بىرىلىدىعان بۇنداق
ساياھەتلەرنىڭ
«
ئسىلامى بىرلىكى »   يولىدا نە  قەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە
بولىدىعانلىقىنى ئىزاھلاشقا مۇھتاج
ئەمەسمىز. بىز بۇ تىمىدا يالعۇز « ئسىلامى بىرلىكى » تە مەحسۇس باشقا
ئەسەرلىرىمىزدە توحتىلىدىعان بولعانلىقىمىز ئۉچۉن ھازىرچە بۇ توعرىسىدا تىمىنى
ئۇزارتىشنى لايىق كۆرمىدۇق. بىز بۇ يەردە ئۆز سەيياھىمىز ۋە يازعۇچىمىز مەھمەت
ئەمىن ئەپەندىنىڭ  بۇ ھىممىتىگە  رەھمەت ئىيتىمىز ۋە سۆزنى ئۇنىڭعا قويۇپ
بىرىمىز. »


ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ رۇس ئارمىيسى بىلەن شىددەتلىك  جەڭ قىلىۋاتقان  بىر تارىحتا ، سەيياھ مەھمەت ئەمىن
ئەپەندىنىڭ  ئىستانبۇلدىن يولعا چىقىپ
ئوتتۇرا-ئاسىياعا، بۇحاراعا ، ھەتتا قەشقەرگىچىلىك  يالعۇز بىرىشنى ، كۆرمەك، ئۆگەنمەك ئسىتىكىنىڭ
تۉرۉتكىسىدە بولعانلىقىنى كۆرۉۋىلىشقا بولىدۇ. قاتمۇ-قات حەتەر ئىچىدە،چۆللەردىن،
تاعلاردىن، دىڭىزلاردىن ،دەريالاردىن ، كىسىپ
ئۆتۉدىعان  بۇ جاپالىق ،
حەتەرلىك  ساياھەتنىڭ ئاساسىى بولسا  يازعۇچى سەمىمىيەت بىلەن سۆزلىگىنىدەك «
ئسىلامى بىرلىكى » يولىدىكى كىچىككىنە بىر ھەسسە
قوشۇشۇ مەقسىتى باردۇر. يازعۇچىنىڭ تۉرۉك كۉلتۉر تارىحدىكى مۇھىم دەپ
قارىلىپ كىلىۋاتقان  ئەسىرىدە كاسپى
دىڭىزنىڭ شەرقىدە ياشايدىعان تۉركمەن قەبىلىلىرىنىڭ تارىحلارى، ئەنئەنىللىرى،
ئۆرپ- ئادەتلىرى ، جەڭلىرى ، ئىتىدىقادىيھەققىدە
قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن. يازعۇچىنىڭ ئۆزى ئايلىنىپ كۆرۉپ توپلىعان بۇ
مەلۇماتلىرى  تۉركولوگىيە ئۉچۉن پايدىلىق
بىر ماتىرىيال ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. يازعۇچى تارىحنىڭ ئاچچىق بەتلىرى
ئارىسىدا قالعان ھەشەمەتلىك ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ھەسرەت ۋە گىپتا بىلەن
ئىپادە  قېلىغاچ  ئەينى ۋاقىتتا
كۆرگەن گىرىلىك ۋە جاھىللىق ئەسەرلىرىنى سەمىمىيەت ۋە يۈرەكلىك بىلەن
تەنقىت قىلغان.


     . تۈركمەنلەرنىڭ
جاسارىتىنى ، مەرتلىكىنى، يىگىتلىكىنى ،مىھماندوسلۇقىنى قانداق گۈزەل غۇرۇر
تۇيغۇسى بىلەن مەدھىيلىسە  بىر زامانلار
بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان ، ئارقىدا قالغان ، يوقسۇل ،
ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالغان ئەھۋالدىدۇر . چار رۇسيەنىڭ شىمالدىن ، جۇڭگۇ ئىلىنىڭ بولسا شەرقتىن ،
ئەنگىلىينىڭ ئافخانىستان ئارقىلىق جەنۇپتىن تەھدىدىنىڭ ئاستىدا قالغان
ئوتتۇرا-ئاسىيا خەلقى خىرىسلارنىڭ ، غەۋغالارنىڭ ، رىقابەتلەرنىڭ ئىچىدە
پەرىشاندۇر. قوقەنت خانلىقى، خىيۋە خانلىقى، تاشكەنت خانلىقى ، بىر-بىرى
بىلەن  ئۇرۇشماقتا،، خانلار نۇرغۇن قىتىم
شەخسى ئۆچ- ئاداۋىتى تۈپەيلىدىن رەقىپلىىرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئستىلاچى
تاجاۋۇزچىلارغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە تاج غەۋغاسى يۈزىدىن  بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ


زىددىيتى بار قەبىلىلەرگە تايىنىپ بىر بىرلىرى
بىلەن  ئۇرۇشقا كىرگەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا
بولىدۇ.


خانلارنىڭ كۆپ قىسمى چار پادىشاھ قۇماندانلىرىنىڭ  رەڭگارەڭ ھەدىيەلىرىگە ، ساختا دوسلۇقلىرىغا ،
نىقاپلانغان يۈزلىرىگە  ئالدانماقتا ۋە
رەقىپلىرىنى يىڭىش ئۈچۈن  


« ئاق پادىشاھ
»نىڭ ياردىمىنى تىلىمەكتە. چارروسىيە ھۆكۈمىتى بولسا بەزەن ھىلە –مىكىر
بىلەن ئىچىدن ،بەزەن چوڭ قوشۇن بىلەن سىرتىدىن باستۇرۇش ۋاستىسى بىلەن
1552-يىلى  قازان خانلىقىنى ، 1556-يىلى
ئاستىرىخان خانلىقىنى  يەر بىلەن يەكسان
قىلدى . قازان شەھرى مۈتھىش ئىۋان( 1530-1584 تەرىپىدىن ) تەرىپىدىن ئىگەللەنگەندە
شەھەرلەردىكى ۋە ئەتراپتىكى يىزىلاردا ياشايدىغان يۈزمىڭلارچە تۈركلەر  يىراڭلارغا سەرگەردان بولدى .  قازان تۈركلىرىنىڭ ئىسىل-زادە ئۇرۇقلىرى  رۇسيە ئىچىللىرىگە تارقىتىۋىتىلدى.  بۇلارنىڭ يىرىگە رۇس كۆچمەنلىرى يەرلەشتۈرۈلدى.


شەھەردە
مۇسۇلمان- تۈرك خەلقىگە دائىر نىمە بولسا مەسچىت، مەدرىس، خان- ساراي ،
كۈتۈپخانىلارنىڭ ھەممىسى  ۋەيران
قىلىۋىتىلدى.  قازان خانلىقىنڭ ئۇ
زاماندىكى مەدەنىيەت سەۋىيەسىىڭ رۇسلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى رۇس
تارىخچىللىرنىڭ تۈرلۈك يازمىللىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەنئىدى. شەھەر رۇسلارنىڭ قولىغا
چۈشكەندىن كىيىن ئون مىڭلاپ كىتاپلار كۆيدۈرۈلدى .


      كىيىنكى
ئەسىرلەردە چار پادىشاھ  ھۆكۈمىتى
رۇسىيەدىكى خىرىستىيان بولمىغان بەگلەرنىڭ نام-ئۇنۋانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ
ئۇلارنىڭ سۇيۇرغال يەرلەرگە ئىگە بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا  قانۇن چىقاردى.  بىر
قىسىم تۈرۈك ۋە مۇسۇلمانلار يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسىلىق ۋە
ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن خىرسىتىيان دىنىغا كىردى. چار رۇسىيەنىڭ
خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلغان تۈرك
بەگلىرى ،رۇس شاھزادىللىرىدەك ئوتۇغات ناملىرىغا ، ئىمتىيازلارغا ئىگە  بولاتتى، ئەمەل-مەنسەپكە ئىگە
بولالايىتتى.  بۇ سۈرئەتتە خىرىستىئان
بولغان تۈرك بەگلىرى دىنلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللى ئەنئەنىللىرىنى ،
ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى  ئۇنۇتتى.  چار رۇسىيەنىىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە رۇس
ئىسىلزادىللىرى ئارىسىدا بۇ سەۋەپ تۈپەيلى
تۈرك خانلىرىدىن ۋە بەگلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر بار ئىدى . ئىدىل (
ۋولگا ) دەرياسى بويىدىكى خىرىستىئانلاشتۇرما ۋە رۇسلاشتۇرما ھەركىتى


ئارىستوكراسى  ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇش بىلەن بىرگە بۇ
ئۆزگەرتىش يىزىلارغىچە كىڭەيدى. مىڭلاپ كىشىلەر مەجبۇرى رۇسلاشتۇرۇلغان . رۇسلار
بۇ يىزىلىقلارغا « خىرىستئانلاشتۇرۇلغان تاتارلار
» دەپ نام بەرگەنئىدى.  دىنلىرىنى ئۆزگەرتىش
بىلەن بىرگە بۇ تۈرۈك بۆلگىللىرىدىكى  كۆپ
سانلىق كىشىلەر ئۆ
ز تىللىرىنى ساقلاپ
كەلگەنئىدى.  ئەمەلىيەتتە 20- ئەسىرنىڭ
باشلىرىدىكى رۇسىيەدىكى نىسپىي بىر ئازاتلىق ھاۋاسى ئىچىدە  يەنە ئسلى دىنغا ،ئىسلامىيەتكە قايىتقانئىدى.


   
ئالىكساندىر Ⅲ ( 1845-  1894  ) زامانىدا  مۇسۇلمان تۈركلەرگە بولغان باستۇرۇش تىخىمۇ
ئىغىرلاشقان ۋە ئوچۇقچە قىلىپ ئىيىتقاندا ئاسمىلاتسىيە  سىياسىتى باشلانغان .تۈركلەرنىڭ بەزى سانائەت
رايۇنلىرىدا پائالىيەت قىلىشى ، بەزى يەرلەردە ئولتۇراقلىشىشى ، تىجارەت قىلىشى ۋە
ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى چەكلەنگەنئىدى. قازان ۋە كافكاز تۈركلىرى  پۇتۇن ئوتتۇرا-ئاسىيادا ھىچقانداق بىر شەكىلدە
يەر سىتىۋىلالمايىتتى، تۈركمەنلەر، ئۆ
زبەكلەر ئارىسىدا
ساياھەت قىلالمايىتتى،  چار رۇس قوشۇنلىرىدا
مۇئەييەن بىر دەرىجىدىن يۇقىرى مەرتىۋە ئىمكانى تاپالمايىتتى، بۇنىڭدىن باشقا
يالغۇز مۇسۇلمان تۈركلىرىنىڭ ماددىي ياردەملەرى بىلەن  ئىچىلغان
مەكتەپ ۋە مەدرىسلەردە  رۇس تىلىنى
ۋە تارىخىنىڭ ئوقۇتۇلىشى ئۈچۈن  قانۇنلار
چىقىرىلغانئىدى.   مۇسۇلمان تۈركلىرىنىڭ
دۆلەتنىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك  مائارىپ ئورگانلىرىدا  ئوقۇشى ۋە ئىلىم-تەھسىل قىلىشى  مەنئىي قىلىنغانئىدى. ئورتا ئاسىيا  تۈركلىرىنىڭ
ئويغىنىشى ، تەرەققىقى قىلىشى ، مەدەنىي سەۋىيەسىنىڭ  تەرەققى قىلىىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان  ، ئىزدەنگەن زىيالىلارنىڭ ھەممىسى سۈرگۈنلۈكتەك
جازالارغا ئۇچرىدى. ئىسلامىيەت نامىدىن ئىزدەنگەن نۇغۇنلىغان بىرلىك ۋە ۋەخپىلەرنىڭ
قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشقا  كىرىشتۈرلىشى
ماددى ياردەملەرگە ئىرىشتى. مۇسۇلمان تۈركلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان  مەھەللىۋى مەكتەپلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئورتودوكىس  مىسسسىئونىرلارنىڭ  نازارىتى  ئاستىغا ئىلىنىدى.  تۈركلەرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققى
قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بانكىلار
تۈرۈك تىجارەتچىللىرىنى ھىچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىمەيىتتى
. قىرغىز ۋە باشقۇرۇت تۇپراقلىرى نوپۇسلىرىغا نىسبەتەن كەڭرىي دەپ قارىلىپ  نۇرغۇنلىغان بوز يەرلەر ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن
تارتىۋىلىندى  ۋە  بۇ يەرلەرگە رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىن
كەلگەن كۆچمەنلەر يەرلەشتۈرۈلدى . يەرلىك ئاھالىنىڭ باللىرى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي
ئىلىپ چىقىلىنىپ باشقا قىشلارقلاردىكى مەكتەپلەردە تامامەن باشقا بولغان بىر خىل
مائارىپ ئاستىدا تەربيەنى قوبۇل قىلدى. زىيالىلىرى ئىزىلگەن ، ياشلىرى باشقا بىر
مائارىپ ئاستىدا تەربىيلىنىۋاتقان  خەلق
باشسىز ۋە قاراڭغۇلۇقتا قالدى . بۇ زۇلۇم-ئوقۇبەتكە يەنە بىر جەھەتتىن دىننىڭ
سەۋەپ بولغانلىقىنى تىلغا ئالساق ئىشىنىڭ . ئەسلىدىكى ئىسلامنىڭ نۇرلۇق ،
باشپاناھلىق رولىدىن خەۋەرسىز  قالغان
ئۆلىمالار  ھەسرەتلىك ۋەزلەرنى كۆپ سۆزلەپ
ھەر يىڭىلىققا قارشى  كۇپۇر مۇئامىلىىسدە  بولغانلىقىدىن ئوتتۇرا-ئاسيا  تۈركلىرىنىڭ يۇقىرى مەدەنىيتىنىڭ نىمە ئۈچۈن
ئاسارەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى
چۈشىنىلەيمىز.


      سەيياھ
مەھمەت ئىمىن ئەسىرىدە بۇ ماددىي ۋە مەنىۋى چۆكۈشنىڭ سەۋەپلىرىنى ناھايىىتى
ئىچىنغان ھالدا تەسۋىرلىمەكتە  ۋە ئۆ
زى ئازۇ قىلغان بۈيۈك بىر مۇسۇلمان
ئىمپىراتۇرلۇقىنىڭ  ھەسرىتىنى  تىلغا ئالماقتا. مەيلى ئاھمات مىھات ئەپەندىنىڭ
مەيلى  مەھمەت ئەمىن ئەپەندىنىڭ ئۇسلۇبىدا
دەۋىرنىڭ تۈركچىسىگە كۆرە ئاددى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە بۈگۈن قوللىنىلمايدىغان
نۇرغۇنلىغان  سۆزلەرنى قوللانغان. ئۇنىڭدىن
باشقا جۈملىلەر بىر بەت تولدۇرغۇدەك ئۇزۇن ۋە مەناسى بىر ئوقۇشتا چۈشەنگىلى بولمايدىغان
دەرىجىدە مۇرەككەپتۇر. يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىنى بۇزماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بىر
قىسم سۆزلەرنىڭ ئورنىغا چۈشىنىشلىك ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان
سۆزلەرنى قويدۇم. ئۇزۇن جۈملىلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا ۋە قىسقارتىشا تىرىشتىم.
كىتاپنى تىخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك قىلىش مەقسىتىدە باپلارغا ئايرىپ چىقتىم .  بىر قىسىم چۈشەنچە، تارىخى قىممىتى بولغان
رەسىملەر ۋە بىر خەرىتىنى  قىستۇردۇم .
شىنجاڭدىن رۇمەلى ىگىچە بولغان كەڭ زىمىندا ياشايدىغان
تۈرۈك دۇنياسىنىڭ  جىددى ۋە ئىلمىي
بىر يوسۇندا تەتقىق قىلنىشى ، بۇ ھەقتە يىزىلغان
چەتئەل تىلىدىكى پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ
رۇسچىدىن ، ئىنگىلىزچىدىن ، نىمىسچىدىن،خەنزۇچىدىن ، فىرانسۇزچىدىن ،
كۈلتۈرۈمىزگە كازاندىرىلماسىى  بۇرۇن يىزىلغانلارنىڭ  جۇمھۇرىيەت تەرپىدىن تەتقىق قىلىنشى ئۈچۈن يىڭى
يىزىققا ئاغدۇرۇلمىسى ، بۇ ساھادە ئىلمىي ئەمگەكلەرنىىڭ ئىلىپ بىرىلىشى.
تەتقىقاتلارنىڭ بىرىكتۈرۈلمەسى ، فاكۇلتىتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ، ، تۈرۈكلۈكنىڭ
تارىخىنى تونۇپ يىتىش ئۈچۈن ئۈچۈن مۇھىم بىر خىزمەت بولغۇسى.


      غەرىپ
دۇنياسىدا تۈرۈك دۇنياسى تارىخى ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار ، نەشىر قىلىنغا
كىتاپلار،  بىر كۈتۈپخانىنى  تولدۇرغۇدەك دەرىجىدە  كۆپتۇر.
باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۈرۈك مىللىتىنىڭ كۈلتۈرىگە قارشى كۆرسەتكەن
تىرىشچانلىقى ، تۈركلەرنىڭ ئۆ
‍‍‍ز
ئەجداتلىرىنىڭ  كەچۈرمىشىنى تونۇشى ۋە
ئىزاھلىشى ناھايىتى  قىيىندۇر. چەتئەللىك
سەيياھ ۋە  بىلىم ئادەملىرنىڭ تۈرلۈك
سىقنتى ئىچىدە يازغان  ئەسەرلىرى تەرجىمە
جاپاسى بىلەن بىرگە ناھايىتى ئىچىنىشلىق بىر ئىھمالدۇر . ،مىللى تۇيغۇغا ساھىپ ، تۈرۈك
بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆھۈنەن   ياشلارنىڭ
بۇ ئىھمالى  كەلگۈسىدە يوقۇتۇش مەقسىتىدە  ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىنى  دالالەت قىلغان ئاھمات مىتھات ئەپەندىگە ۋە
مىللىي، دىنىي بىر غەيرەت بىلەن
تۈرۈكمەنلەر ئارىسىدا ئايلىنىپ خاتىرلارنى يازغان مەھمەت ئەمىن
ئەپەندىگە  رەھمەت ئىيتىمىز ۋە بۇ كىتاپنىڭ
ئوقۇرمەنلەرگە پايدا ئىلىپ كىلىشنى ئۈمۈت قىلىمىز .



                                            
رىزا ئاقتۆمۈر









jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 18:09:35

pdf شەكىلدىلا كىتاپ قىلىپ ئىشلىۋەتكەن بولسىڭىزچۇ قىرىندىشىم ،،، \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 23:19:43

مەن ئۇيغۇر ، ئەتىلا ساقچىخانىغا بېرىپ قالماق بولۇۋېلىڭلار

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 09:22:36

ئىملاسىنى توغرىلاپ قويسىڭىز بولغىدەك پەلەكجان.

Y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 12:48:29

3- قەۋەتتىكى pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۇيغۇر ، ئەتىلا ساقچىخانىغا بېرىپ قالماق بولۇۋېلىڭلار



ما گەپ ئۇيغۇرلۇققا يىتەرلىك گەپ بوپتۇ . مېنىڭمۇ پىنھانغا بولغان قارىشىم تازا ياخشى ئەمەستى . بېزى تېمىلاردىكى پىرىنسىپاللىق مەسلىدىكى مەيدانىغا قاراپ سەل ئۆكتەم مىجەز بولسىمۇ ساپاسى بار بالاڭزىكەن دىگەن ئويغا كەلدىم .

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 13:35:52

2- قەۋەتتىكى begir8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىر ھەپتىلىك ساياھەتكە چىقتىم . كۇچا ، توقسۇ ، شايار ، ئونسۇ ، ئاقسۇ شەھرى ، ئۈچتۇرپان ، كەلپىنلەرنى چۆرگىلەپ كەلدىم .

مۇنبەردىكى پىنھانغا چوڭقۇر پىكرىم بولغاچقا باي ناھىيىسىگە بارمايلا قويدۇم . \"\"



ساياھەتنى ئاۋازدىن  تېز قىلىدىكەنسىز جۇمۇ.
بەت: [1]
: ئىستانبۇلدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ساياھەت