irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 07:54:01

ئالما شىركىتى




ئالما شىركىتىنىڭ باش شىتابىئالما شىركىتىنىڭ باش
شىتابى



ئالما شىركىتى- باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە
شتاتىدىكى سان فىرانسىسكونىڭ كوپىرتىنوغا جايلاشقان بولۇپ، 2009-يىلى دۇنيادىكى 500
كۈچلۈك كارخانا رەت تەرتىپىدەئالدىنقى يىلدىكىدىنبىراقلا 101 رەت ئالدىغان
سۈرۈلۈپ 280-ئورۇنغا چىققانيىللىق تىجارەت سوممىسى 12مىليارد ئامېرىكا دوللىرى
بولغان دۇنياۋى شىركەت.


NASDAQتىكى شەرتلىك بەلگىسى:
AAPL



خىزمەتچى سانى :
(2009-يىلى7-ئاي) 21400 ئادەم



تور بېتى:
www.apple.com



شىركەتتىكى مۇھىم ئادەملەر















ئالما شىركىتىنىڭ باش لىدىرى سىتېۋ جوبىسئالما شىركىتىنىڭ باش
لىدىرى سىتېۋ جوبىس



باش لىدىر: Steve
Jobs(CEO)








ئالما شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكئالما شىركىتىنىڭ
ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك

ئىجرائىيە
ئەمەلدارى: Timothy D. Cook(COO)











ئالما شىركىتىنىڭ مالىيە ئەمەلدارى(Peter Oppenheimer) ئالما شىركىتىنىڭ
مالىيە ئەمەلدارى(Peter Oppenheimer)

مالىيە ئەمەلدارى:
Peter Oppenheimer(CFO)

















ئالما شىركىتىنىڭ بازار پىلانلاش دىرېكتورى(philip W . Schiller)ئالما شىركىتىنىڭ بازار
پىلانلاش دىرېكتورى(philip W . Schiller)



بازار پىلانلاش
دىرېكتور: Philip W. Schiller(SVP Marketing)









ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات لايىھىلىگۈچىسى(Jonathan Ive)ئالما شىركىتىنىڭ
مەھسۇلات لايىھىلىگۈچىسى(Jonathan Ive)



مەھسۇلات
لايىھىلىگۈچى: Jonathan Ive(VP Industrial Design)






    ئالما شىركىتى
تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداقلا قايتا
تىرىلدۈرگۈچىسى، ھازىرقى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتېۋ جوبېسنى كۆز ئالدىغا
كەلتۈرىدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىنى سۆزلەش ماھىيەتتە سىتېۋ جوبېسنىڭ تارىخىنى
سۆزلەش بولۇپ ، پەقەت سىتېۋ جوبېس بولغاچقىلا ئالما شىركىتى بولغان دېسەك ھەرگىز
مۇبالىغە بولمايدۇ.



   



   





سىتېۋ جوبېس بىلەن سىتېۋېن ۋوزنىك خىزمەت ئۈستىدەسىتېۋ جوبېس بىلەن
سىتېۋېن ۋوزنىك خىزمەت ئۈستىدە



1972-يىلى
سىتىۋېن جوبىس Reeds ئىنىستىتۇتىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالدى، ئۇ بۇ ئىنستىتۇتتا
پەقەتلا بىر مەۋسۇم ئوقۇغانىدى. جوبىس ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن
كىيىن، دائىم HP شىركىتىنىڭ لىكسىيىسىگە قاتنىشىپ تۇراتتى. بۇ يىلى ئۇ HP
شىركىتىنىڭ يازلىق خىزمەتچىسى بولدى. ئارقىدىنلا HP شىركىتىدە ئىشلەيدىغان،
كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇشىدىن توختاپ قالغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان سىتېۋېن
ۋوزنىك بىلەن تونۇشتى. بۇ چاغدا ۋوزنىك ئۆزى ئىشلىگەن ئۇزۇن ئارىلىقتىن چاقىرىش
ئۈسكۈنىسىنى سېتىش بىلەن ئاز تولا داڭقى بار ئىدى. جوبىس ۋوزنىكقا ياردەملىشىپ،
بۇنداق ئۈسكۈنىدىن نۇرغۇنىنى سېتىشىپ بەرگەن. 1974-يىلىنىڭ باشلىرىدا، جوبىس Atari
شىركىتىنىڭ ئېكران لاھىيىلىگۈچىسى بولدى. ئۇ يىغقان پۇللىرى بىلەن ھىندىستانغا
ساياھەتكە بېرىپ، ئۇيەردىن روھى ئىلھام ئىزدىدى. 1974-يىلى كۈزدە، جوبىس
ھىندىستاندىن قايتىپ كېلىپ، ۋوزنىكنىڭ "ئۆز مەملىكەتتە ئىشلەپ چىقارغان كومپيوتېر
كۇلۇبى" يىغىلىشىغا قاتنىشىشنى باشلىدى. ئۇ چاغدا ۋوزنىك پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن
ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىجاد قىلىشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى. جوبىس بولسا شەخسلەر
كومپيوتېر بازىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. جوبىس ۋوزنىكقا بىرلىكتە شەخسلەر
كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردى.








1975-يىلىدىن
1979-يىلىغىچە



1975-يىلى جوبىسنىڭ ھۇجرىسىدا جوبىس بىلەن
ۋوزنىك ئالما 1 كومپيوتىرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى؛



1976-يىلى ئالما 1 كومپيوتېرنىڭ تەتقىقات
خىزمىتى تاماملىنىپ، جوبىسنىڭ ماشىنا رىمونتخانىسىدا ئۇلار ئالما 1 كومپيوتېرىنى
ياساپ چىقتى. ۋوزنىك HP شىركىتىگە ئالما 1 كومپيوتېرىنى تونۇشتۇردى، لېكىن بۇ
شىركەتتە ئۇنىڭ كومپيوتېرىغا قىزىقىدىغان ئادەم چىقمىدى. رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن
كىيىن، جوبىس ئالما 1 كومپيوتېرىنى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىشىپ، جوبىس
ماشىنىسىنى، ۋوزنىك كومپيوتېرىنى سېتىۋېتىپ، بىرلىكتە 1250 دوللار يىغىپ، ئالما 1
كومپيوتېرىنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.






ئالما شىركىتىنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتى Apple 1 ئالما شىركىتىنىڭ
دەسلەپكى مەھسۇلاتى Apple 1




1976-يىلى
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋوزنىك، جوبىس ۋە Ron Wayne بىرلىكتە ئالما كومپيوتېر شىركىتىنى
قۇردى. Ron Wayne ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى ماركىسىنى لاھىيىلىدى.



1976-يىلى
5-ئايدا، ئالما 1 كومپيوتېر 666.66 دوللار بىلەن بازارغا چىقتى. بىر كومپيوتېر
سېتىش دۇكىنى ئالما 1كومپيوتېرىدىن 50نى سېتىۋالدى.



1976-يىلى يازدا،
Ron Wayne ئالما شىركىتىدىن ئايرىلدى.









1976-يىلى كۈزدە، ۋوزنىك ئالما 2
كومپيوتېرىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى تاماملىدى.






Apple 2Apple
2




1977-يىلى Rob
Janov ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ماركىسىنى لاھىيىلەپ چىقتى. بۇ ماركا ھازىرغىچە
ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. Mike Markkula ئالما شىركىتىگە 92000 دوللار مەبلەغ
سالدى.



1978-يىلى
6-ئاينىڭ 17-كۈنى جوبىسنىڭ قىزى Lisa Nicole تۇغۇلدى، كىيىنكى قېتىم
ئىشلەپچىقىرىلغان ئالما كومپيوتېرى قىزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالما لىزا دەپ
ئاتالدى.



1979-يىلى ئالما
2+ كومپيوتېرى بازارغا سېلىندى. باھاسى 1195 دوللار.



1979-يىلى يازدا،
ئالما لىزا ۋە ئالما Macintosh تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا باشلىدى.







1980-يىلىدىن
1989-يىلىغىچە













Apple 3Apple
3



1980-يىلى ئالما 3 كومپيوتېرى سەھنىگە چىقتى.
سەپلىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، 4340 دوللاردىن 7800 دوللارغىچە باھا
قويۇلدى. ئالما شىركىتىنىڭ پاي چېكى بازارغا چىقىپ، زور مۇۋاپىقىيەتكە
ئېرىشتى.




1981-يىلى جوبىس
Macintosh نىڭ تۈر گۇرۇپپىسىغا قاتناشتى. Mike Markkula ئالما كومپيوتېر شىركىتىنىڭ
باش دېرىكتورى بولدى.



1981-يىلى
2-ئايدا، ۋوزنىك بىر قېتىملىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە يارىلىنىپ، ئارقىدىنلا ئالما
شىركىتى ۋە Macintosh نىڭ تۈر گۇرۇپپىسىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلدى. ۋوزنىك توي
قىلغاندىن كىيىن، كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتىپ، ئېلىكتېر قۇرۇلۇشى ۋە
كومپيوتېر كەسپى ئۇنۋانىنى داۋاملىق ئوقۇدى.



1981-يىلى
8-ئايدا، IBM شىركىتى تۇنجى شەخسلەر كومپيوتېرى IBM-PC نى بازارغا سالدى. گەرچە
IBM-PC ئالما 2 ۋە ئالما 3 كومپيوتېردىن كىيىن بارلىققا كەلسىمۇ، ئەمما ئۇ غايەت
زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشتى.



1981-يىلى
11-ئايدا، ئالما كومپيوتېر شىركىتى بىلەن قاپلىق قۇرت پىلاستىنكا شىركىتى بىلەن
مەخپى كېلىشىم تۈزدى.



1982-يىلى، لىزا
سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تاماملىنىپ، ئېلان قىلىنىشقا تەييارلىق قىلىندى. ئالما
شىركىتىنىڭ ئېلان ۋاكالەتچىسى Chiat/Day بولسا Macintosh TV spot ئېلانىنى ئىشلەپ
چىقتى."1984"









جوبېس ۋە ۋوزنىك Apple 1, Apple 2 كومپيۇتېرىجوبېس ۋە ۋوزنىك
Apple 1, Apple 2 كومپيۇتېرى



1983-يىلى
باھاسى ئايرىم ھالدا 9998دوللار ۋە 1395 دوللار بولغان لىزا سانلىق مەلۇمات ئامبىرى
ۋە Apple Iie ئېلان قىلىندى،.ئالما شىركىتى تارىختىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان
شىركەت بولدى.




1983-يىلى
باھاردا، Macintosh نىڭ ئېلانى"1984" قايتا ئىشلەندى.



1983-يىلى
4-ئايدا، John Sculley ، PepsiCo نىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك باش دېرىكتورى ئالما
شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ۋە CEO بولدى.



1983-يىلى
6-ئايدا، سىتىۋېن ۋوزنىك ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلدى.



1983-يىلى
12-ئايدا، ئالما 3+ ئېلان قىلىندى. باھاسى 2995 دوللار. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،
IBM-PC نىڭ سېتىلىش مىقدارى 1مىليوندىن ئاشتى.



1984-يىلى، ئالما
شىركىتىنىڭ ئېلانى "1984" پۈتۈن ئامىرىكىدىكى كىنوخانىلاردا قويۇلدى.



1984-يىلى
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، "1984" ئېلانى Super Bowl XVIII دا قويۇلدى.



1984-يىلى
1-ئاينىڭ 24-كۈنى، Apple Macintosh ئېلان قىلىندى. Macintosh دا پۈتۈنلەي يېڭىچە
بولغان ئىنقىلاب خاراكتېرىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ كومپيوتېر
كەسپى تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر ئابىدە بولدى.



1984-يىلىنىڭ
ئوتتۇرىلىرىدا، 5بۇرجەكلىك بىنا Macintosh نىڭ سوتسىيالىزم دۆلەتلىرىگە سېتىلىشنى
چەكلىدى. بۇ چاغدا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا Macintosh دا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىنى
تېخى ھېچكىم بىلمەيتتى.



1985-يىلىنىڭ
باشلىرىدا، Mac XL ، ئالما 2 كومپيوتېرنىڭ كۈچەيتمە نەشرى ئېلان قىلىندى. جوبىس
ئالما شىركىتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىكى مەسىلە جوبىس بىلەن Sculley ئوتتۇرىسىدا
كۆرۈلگەن بولۇپ، جوبىس Sculley نى كومپيۇتېرنى پەقەت چۈشەنمەيدۇ دەپ قارايتتى،
Sculley بولسا، جوبىس باشقۇرۇشقا ماھىر ئەمەس ، بۇ شىركەتكە نىسبەتەن خەتەرلىك دەپ
قارىدى.



1985-يىلى
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، جوبىس سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق Sculley نى تەختتىن چۈشۈرمەكچى
بولدى. ئۇ Sculleyنىڭ جوڭگودا يىغىنغا قاتنىشىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، ئالما
شىركىتىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشكە ئۇرۇندى. ئاخىرقى پەيتتە، ئۇنىڭ
پىلانى مەلۇم ئادەم تەرەپتىن Sculley غا ئاشكارىلاپ قويۇلدى.



1985-يىلى
5-ئاينىڭ 24-كۈنى، Sculley بىلەن جوبىس ئوتتۇرىسىدا كەسكىن بەس-مۇنازىرە بولدى.
Sculley مۇدىرىيەتتىن جوبىس ۋە ئۆزىدىن بىرىنى تاللاشنى تەلەپ قىلدى.



1985-يىلى
5-ئاينىڭ 31-كۈنى، Sculley جوبىسنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، پەقەت ئالما
شىركىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنىلا ساقلاپ قالدى. ئەمما جوبىسنىڭ
شىركەتتە ھەرقانداق بىر قارارىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقى قالمىدى.



1985-يىلى يازدا،
Sculley ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى بىر رەھبىرى بولدى. ئۇ چاغدا شىركەتتە 1200 خادىم
بار ئىدى.



1985-يىلى
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، سىتىۋېن جوبىس ئالما شىركىتىدىن رەسمىي تۈردە ئىستىپا بېرىپ
چېكىندى. ئۇ ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر شىركەت
قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇلارغا ئالما شىركىتىنىڭ 5 ياللانما خادىمىنىڭ
ئۆزى بىلەن بىرلىكتە يېڭى شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



1985-يىلى
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئالما شىركىتى سىتىۋېن جوبىس ئۈستىدىن سوتقا ئەرز
سۇندى.



1985-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، John Sculley
ئالما شىركىتىنىڭ تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ ئەسكى بىر توختامنى ئىمزالىدى. ئۇ ئەگەر
مىكروسوفت داۋاملىق ئالما شىركىتى ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئىشلەپچىقارسا، (Word,Excel
دىگەندەك)، ئالما شىركىتىنىڭ بىر قىسىم سۈرەت كۆرۈنمە يۈز تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىگە
قوشۇلدى. ئەگەر Sculley بۇ توختامنى تۈزمىگەن بولسا، Windows بەلكىم مەڭگۈ ئارىغا
كىرەلمەيتتى. Windowsنىڭ MacOS گە ئوخشىشىپ كېتىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،
ئالما شىركىتى مىكروسوفتقا قارشى تۇرىدىغان ھەرقانداق بىر دەۋادا ئاسانلا
ئۇتۇۋالالايدۇ.






ipod Touch 4ipod Touch
4






1985-يىلىنىڭ
ئاخىرلىرى، ئالما شىركىتى Macintosh Office نى ئېلان قىلدى، ھەمدە تۇنجى قېتىم
LaserWriter ۋە AppleTalk تور تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ
Mac قا بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇردى.



1986-يىلى
1-ئايدا، ئالما شىركىتى سىتىۋېن جوبىسقا ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى توختاتتى. سىتىۋېن
جوبىس ئالتە ئايغىچە ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋە ئالما
شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىدىغان ھەرقانداق بىر شىركەتنى قۇرمايدىغانغا قوشۇلدى، شۇ
يىلى NeXT شىركىتىنى قۇردى. سىتىۋېن جوبىس George Lucas دىن Pixar كومپيوتېر كارتۇن
ئىشلەش ئىشخانىسىنى سېتىۋېلىپ، 10 مىليون چىقىم قىلدى.



1986-يىلى
9-ئايدا، Apple IIgs ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 دوللار.



1987-يىلى ئالما
شىركىتى قۇرۇلغىنىنىڭ 10 يىللىقى بولۇپ، Mac SE بىلەن Mac II بازارغا
سېلىندى.



1988-يىلى
1-ئايدا، مىكروسوفت شىركىتى Windows 2.0.3 نى ئېلان قىلدى.



1988-يىلى
3-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى مىكروسوفت شىركىتى بىلەن HP شىركىتى ئۈستىدىن
يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى ئالما شىركىتىنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلدى
دەپ ئەرز قىلدى. چۈنكى Windows 2.0.3 دا Mac قا ئوخشاپ كېتىدىغان سىنبەلگىلەر
ئىشلىتىلگەن ئىدى.



1988-يىلى
10-ئاينىڭ 12-كۈنى ، NeXT كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى، باھاسى 6500 دوللار.
(سەپلىمىسى 25MHz لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 250MB لىق قاتتىق دىسكا، FPU ، Faxmodem ، 17
ديۇملۇق ئېكران).



1989-يىلى
2-ئايدا، قاپلىق قۇرت پلاستىنكا شىركىتى ئالما شىركىتىنى 1981-يىلى ئىمزالانغان
توختامغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز قىلدى. ئەرزدە ئالما شىركىتى توختامنىڭ بىرىكمە
مۇزىكا ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى ماددىسىغا
خىلاپلىق قىلدى دېيىلدى.



1989-يىلى 9-ئايدا
NeXTstep 1.0 ئېلان قىلىندى.







1990-يىلىدىن
1999-يىلىغىچە



1990-يىلى Windows 3.0 ئېلان قىلىندى؛
NeXTstation ئېلان قىلىندى؛ ئالما شىركىتى Mac Iifx ، Classic ، LC ۋە Mac Iisi
قاتارلىق تۆت خىل تىپتىكى كومپيوتېرلارنى بازارغا سالدى.







ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان iPhone 4ئالما شىركىتىنىڭ
يېڭىدىن ئېلان قىلغان iPhone 4




1991-يىلى، IBM
شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتى ئىتتىپاقلاشتى. IBM شىركىتى ئالما شىركىتى ئۈچۈن RISC
بىر تەرەپ قىلغۇچ (PowerPC) نى تەتقىق قىلىپ بەردى، Mac Classic II,PowerBook 100,
PowerBook 140, PowerBook 170, Quadra 700 ۋە Quadra 900 ئېلان قىلىندى. Pixar
كومپيوتېر كارتون ئىشلەش ئىشخانىسى بىلەن دېسنىي شىركىتى فىلىم ئىشلەشتە
ھەمكارلاشتى. Pixar كومپيوتېر كارتون ئىشلەش ئىشخانىسى فىلىم ئىشلەپ، دېسنىي
شىركىتى تارقاتتى، ئىككى تەرەپ چىقىمنى تەڭ چىقىرىپ، كىرىمدىن تەڭ
بەھرىلەندى.



1991-يىلى
10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئالما شىركىتى قاپلىق قۇرت پلاستىنكا چىقىرىش شىركىتىگە 26
مىليون 500 مىڭ تۆلەم بېرىپ، ئەرزنى ئاخىرلاشتۇردى.



1992-يىلى
NeXTstep3.0 ئېلان قىلىندى، مىكروسوفت Windows 3.1 نى ئېلان قىلدى.



1993-يىلى
2-ئايدا، سىتىۋېن جوبىس NeXT شىركىتىنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق خىزمەتچىسىنى ئىشتىن
بوشاتتى، قاتتىق دېتال بۆلۈمىنى قالدۇرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، NeXT
شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



1993-يىلى
4-ئايدا، بىرىنچى يۈرۈش PowerPC 601 بىر تەرەپ قىلغۇچ Motorola تەرىپىدىن ئېلان
قىلىندى. ئىجرا قىلىش سۈرئىتى ئايرىم ئايرىم ھالدا 50MHz، 66MHz ۋە 80MHz . NeXT
شىركىتىنى قۇرغۇچى ئاخىرقى ئادەم شىركەتتىن ئايرىلىپ، سىتىۋېن جوبىس NeXT
شىركىتىنىڭ بىردىنبىر رەھبىرى بولۇپ قالدى. (NeXT شىركىتى ئىسمىنى NeXT كومپيوتېر
شىركىتى دەپ ئۆزگەرتتى).



1993-يىلى
6-ئايدا، Michael Spindler بولسا Sculley نىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ، ئالما شىركىتىنىڭ
CEO سى بولدى. Sculley داۋاملىق تۈردە ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى
بولدى.



1993-يىلى
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالما شىركىتى تۇنجى PDA(Newton MessagePad ئېلان قىلدى. گەرچە
Newton MessagePad ئوخشاش تۈردىكى باشقا رىقابەتچىلىرىدىن (مەسىلەنWindows CE
PDAs,Palm PDAs قاتارلىق) ئۈستۈن تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىنتايىن
بىچارە ھالەتتە ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ PDA بۆلۈمى Newton MessagePad ئېلان
قىلىنىپ، تۆت يىلدىن كىيىن تارقىتىۋېتىلدى.



1993-يىلى
8-ئاينىڭ 24-كۈنى، سوت 1985-يىلىدىكى ئالما شىركىتى بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ
دەۋاسىغا قارار چىقىرىپ، Windows2.0.3 دەخلى-تەرۈز شەكىللەندۈرمىدى دەپ ھۆكۈم
چىقاردى.



1993-يىلى
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، Sculley ئالما شىركىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، Spectrum
شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى، قوشۇمچە CEO بولدى.



1994-يىلى
3-ئاينىڭ 14-كۈنى،بىر يۈرۈش Power Mac6100,7100,8100 ئېلان قىلىندى.



1994-يىلى
6-ئايدا، MacOS7.5 ئېلان قىلىندى، ئالما شىركىتى 7.1.2+SU3 دىن ئىنتايىن مۇھىم بىر
قەدەمنى باستى.



1994-يىلى يازدا،
ئالما شىركىتى MacOS كە ئالاھىدە ئىجازەت قىلىشقا باشلىدى.



1994-يىلى
12-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئالما شىركىتى ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان كۆپ ۋاستىلىق
سىستېما، يەنى توردا ئويۇن ئويناش، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان Pippin
نى ئېلان قىلدى،



1994-يىلى قىشتا،
IBM بىلەن Motorola شىركىتى PowerPC 603 بىلەن PowerPC 604 نى ئېلان
قىلدى.



1995-يىلى
2-ئايدا، PowerPC 603e ئېلان قىلىندى.



1995-يىلى
5-ئايدا، دېسنىي شىركىتى تەرىپىدىن Pixar شىركىتىنىڭ تۇنجى فىلىمى " Toy Story"
(قونچاق ھېكايىسى) نى قويۇلدى.



1996-يىلى
4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى Macintosh ئېلان
قىلىندى.



1996-يىلى
10-ئايدا، مەشغۇلات سىستېمىسى System 7.5.5 ئېلان قىلىندى.



1996-يىلى
12-ئايدا ئالما شىركىتى 430مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن NeXT كومپيوتېر شىركىتىنى
سېتىۋالدى.



1997-يىلى
1-ئاينىڭ 24-كۈنى، MacOS 7.6 ئېلان قىلىندى.



1997-يىلى
1-ئاينىڭ 26-كۈنى، NeXT شىركىتى سېتىۋىلىنغانلىقتىن، سىتىۋېن جوبس ئالما شىركىتىگە
قايتىپ كەلدى. MacWorld يىغىنىدا، يېڭى MacOS سىتىراتىگىيىسى ئوتتۇرىغا
قويۇلدى.



1997-يىلى
3-ئايدا، Bandai ياپونىيىدە Pippin Atmark ئېلان قىلدى.



1997-يىلى
4-ئايدا، Motorola شىركىتى 300MHz لىق PowerPC 603e نى ئېلان قىلدى.



1997-يىلى
6-ئايدا، Gil Amelio ئالما شىركىتىنىڭ ئىككىنچى مالىيە پەسلىدە 740مىليون ئامېرىكا
دوللىرى زىيان تارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



1997-يىلى
7-ئاينىڭ 1-كۈنى،Macintoshنىڭ 20يىللىق خاتىرە نۇسخىسى بازارغا سېلىندى. مەزكۇر
ماشىنىنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 250MHz، توپلاشتۇرۇلغان BOSE ئاۋاز سىستېمىسى
سەپلەنگەن. بۇ Macintosh چەكلىك تارقىتىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن يىغىپ
ساقلىغۇچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى.



1997-يىلى
7-ئايدا، Gil Amelio ئالما شىركىتىدىكى باش دېرىكتور ۋە CEO لىق خىزمىتىدىن ئىستىپا
بەردى.



1997-يىلى
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، MacOS 8 ئېلان قىلىندى. ئۇ بىر Mac OS 1.0 گە ھەقىقىي
ئوخشىمايدىغان كومپيوتېر ئۈستەل يۈزى سىستېمىسى بولۇپ، بۇرۇنقى بارلىق سېستىمىلارغا
قارىغاندا ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى تېخىمۇ مۇقىم.







1997-يىلى
8-ئاينىڭ 6-كۈنى، سىتىۋېن جوبىس ئالما شىركىتىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى
بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مىكروسوفت شىركىتى ئالما شىركىتىنىڭ
150مىليون ئامېرىكا دوللارلىق پاي چېكىنى سېتىۋالدى. ئالما شىركىتى مىكروسوفتنىڭ IE
كۆز يۈگۈرتكۈچىنى ئالما كومپيوتېر سىستېمىسىغا توپلاشتۇرۇپ كىرگۈزىدىغان
بولدى.







1997-يىلى
9-ئايدا، Motorola شىركىتى PowerPC750(G3) بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئېلان قىلدى. ئالما
شىركىتى ئىجازەتنامىنى قايتىدىن سېتىۋالدى.



1997-يىلى
9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سىتىۋېن جوبس ئالما شىركىتىنىڭ iCEO بولدى (ۋاقىتلىقCEO
).



1997-يىلى
11-ئايدا Bandai ئامېرىكىدا Pippin@World نى ئېلان قىلدى، باھاسى 600 ئامېرىكا
دوللىرى.



1997-يىلى
11-ئاينىڭ 10-كۈنى، “Apple Event” دە Power Macintosh G3 بىلەن Apple Store
غەلىبىگە ئېرىشتى.



1998-يىلى
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالما شىركىتى ھەقىقىي تۈردە قايتىدىن پايدىغا يۈزلەنگەنلىكىنى
ئېلان قىلدى. سىتىۋېن جوبىس 1998-يىللىق مالىيە پەسلىدە 47مىليون ئامېرىكا دوللىرى
كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



1998-يىلى
2-ئاينىڭ 27-كۈنى، Newton تۈرى توختىتىلدى. ئاساسىي سەۋەبى مەزكۇر تۈر زور زىيانغا
ئۇچرىغانلىقتىن (ئالما شىركىتى Newton تۈرىگە 500مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ
سالغان) ۋە ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. شۇڭا
بارلىق مۇھىم بولمىغان ۋە كىرىم كىرمەيدىغان مەھسۇلاتلار (مەسىلەن باسما ماشىنىسى
ۋە قوشۇمچە دېتاللار) ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلدى.



1998-يىلى 5-ئايدا، iMac بىلەن خاتىرە
كومپيوتېر PowerBook G3 ئېلان قىلىندى.






ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى تۈر تەرەققىيات باغچىسىدىن بىر كۆرۈنۈشئالما شىركىتىنىڭ يېڭى
تۈر تەرەققىيات باغچىسىدىن بىر كۆرۈنۈش






1998-يىلى
7-ئايدا، ئالما شىركىتى 1998-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدە 101مىليون كىرىم قىلغانلىقىنى
ئېلان قىلدى.



1998-يىلى
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، Motorola شىركىتى 333MHz، 366MHz ۋە 400MHz لىق PowerPC G3 بىر
تەرەپ قىلغۇچنى ئېلان قىلدى.



1998-يىلى
8-ئايدا، iMac نى زاكاز قىلىش تالونى 150مىڭ دانىدىن ئېشىپ كەتكەن.



1998-يىلى
8-ئاينىڭ 15-كۈنى iMac بازارغا سېلىنغان ھەمدە تارىختىكى سېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان
شەخسلەر كومپيۇتېرى بولغان.



1998-يىلى
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، MacOS 8.5 ئېلان قىلىنغان.



1999-يىلى
1-ئاينىڭ 5-كۈنى، MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى Power Macintosh G3
Yosemite ۋە 5 خىل ئوخشىمىغان رەڭدىكى 266MHz لىق iMac نى كۆرگەزمىگە
قويغان.



1999-يىلىنىڭ
ئالدىنقى ئىككى مالىيە پەسلىدە، Power Macintosh G3 Yosemite نىڭ سېتىلىشى ئەڭ
ياخشى بولغان. Mac OS X Server ئېلان قىلىنغىنى بىلەن 3-ئايغا كەلگەن چاغدا ئاندىن
بازارغا سالغان.



1999-يىلى
4-ئاينىڭ 14-كۈنى، 333MHz لىق 3-نۇسخا iMac ئېلان قىلىنغان.



1999-يىلى
4-ئايدا، QuickTime 4 Beta ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتىنىڭ تور بىتىدە QuickTime
4 فورماتىدىكى كىنو “Episode One / The Phantom Menace” نىڭ مۇقەددىمىسىنى
چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بۇ كىنو مۇقەددىمىسىنى 25مىليون ئادەم توردىن چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇ
ئىنتېرنېت تور تارىخىدىكى چۈشۈرۈش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بولۇشتەك رېكورتىنى
ياراتقان.



1999-يىلى
6-ئايدا، يېڭى خاتىرە كومپيوتېر PowerBook G3 Lombard ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇرۇنقى
خاتىرە كومپيوتېرلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېنىك، تېخىمۇ كىچىك. 300MHz لىق Power
Macintosh G3 Yosemite ئىشلەپچىقىرىلىشتىن توختىتىلىپ، يېڭىدىن 450MHz لىق Yosemite
بازارغا سېلىنغان. كەسپى كۆرۈنۈش تەھرىرلەش يۇمشاق دېتالى Final Cut Pro ئېلان
قىلىنغان.







1999-يىلى
7-ئاينىڭ 21-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، iBook ئېلان
قىلىنغان.







1999-يىلى
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، iBook نى زاكاز قىلىش تالونى 140 دانىدىن ئېشىپ كەتكەن. سىتىۋېن
جوبس Seybold يىغىنىدا دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيوتېر Power Macintosh G4 نى نامايەن
قىلغان، 500MHz لىق G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ ھەر سېكۇنتىغا 1مىليارد قېتىم لەيلىمە
نۇقتا ھېسابلىشىنى ئىجرا قىلالايدۇ. ئۇ دەل بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى
تەرىپىدىن ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان قورال ياساش تېخنىكىسى قاتارىغا
كىرگۈزۈلگەن.







1999-يىلى
9-ئاينىڭ 30-كۈنى، Pixar شىركىتىنىڭ ئىككىنچى كىنوسى “Toy Story 2” تۇنجى
قويۇلغان.بۇنىڭ بىلەن Pixar شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىكى كومپيوتېر كارتون كىنوسى
ساھەسىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. “Toy Story” ، “Toy Story 2” ۋە "A
Bug"s Life" نىڭ دۇنيادىكى ئومۇمىي بىلەت كىرىمى 1مىليارد 200مىليون ئامېرىكا
دوللىرىغا يەتكەن.



1999-يىلى
10-ئاينىڭ 5-كۈنى، 350MHz لىق ، 400MHz لىق iMac ئېلان قىلىنغان. بەزىلىرىگە DVD
نۇر دىسكا رايونى سەپلەنگەن. iMove (Final Cut Pro نىڭ ئاددى نۇسخىسى)
باغلانغانiMac DV ۋە iMac DV نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان.



1999-يىلى
11-ئاينىڭ 5-كۈنى، MacOS 9 ئېلان قىلىنغان. ئۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە Sherlock 1 نىڭ
كۈچەيتمە نۇسخىسى Sherlock 2 نىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېلىپ كەلگەن.







2000-يىلىدىن
2002-يىلىغىچە







2000-يىلى
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، سان-فرانسىسكودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئەڭ يېڭى مەشغۇلات
سىستېمىسى Mac OS X نامايەن قىلىنغان، Mac OS X بولسا Rhapsody نىڭ سىتىراتىگىيىسى
ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى،NeXT مەشغۇلات سىستېمىسىغا
ئوخشاش UNIX سىستېمىسى. ئالما شىركىتى MacOS X دە يېڭى “Aqua” كومپيوتېر ئۈستەل
يۈزىنى تونۇشتۇرغان. Mac OS X ئاممىۋى سىناق نۇسخىسى 2000-يىلى ياز پەسلىنىڭ
ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى 2001-يىلى 1-ئايدا ئېلان
قىلىش پىلان قىلىنغان. سىتىۋېن جوبس يەنە بىر قېتىم ئالما شىركىتىنىڭ CEO (گەرچە
ئۇنۋانى يەنىلا “iCEO” بولسىمۇ، ۋاقىتلىق CEO ئەمەس) سى بولغان. ئىشخانا
ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتالى AppleWorks 6 ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتىنىڭ تور
بېتىگە iTools نىڭكىگە ئوخشايدىغان يىڭى ئالاھىدىلىكلەر قوشۇلغان. iTools ئالما
شىركىتىنىڭ Mac ئىشلەتكۈچىلەر ۋە iReview ئۈچۈن يولغا قويغان بىر تۈرلۈك ھەقسىز Web
بوشلۇقى مۇلازىمىتى.



   2000-يىلى
2-ئاينىڭ 16-كۈنى، PowerBook G3 Pismo ، iBook نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى ۋە 500 MHz لىق
Power Macintosh G4 توكيونىڭ MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان. AirPort سىمسىز
تور سەپلەنگەن 400MHz لىق، 500MHz لىق PowerBook G3 مۇ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان
قىلىنغان. iBook نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى iMac DV نىڭ ئالاھىدە نۇسخىسىنىڭ رەڭگىنى
ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 366MHz.



    2000-يىلى
4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالما شىركىتى 2000-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدىكى كىرىمىنىڭ
233مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.



    2000-يىلى
7-ئاينىڭ 19-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئالما شىركىتى يېڭى بىر يۈرۈش
iMac (iMac، iMac DV ، iMac DV+ ، iMac DV SE ) نى ، يېڭى PowerMac G4 Cube ۋە قوش
بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن PowerMac G4 ( قوش 500MHz لىق PPC G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ)
نى ئېلان قىلغان.



    2000-يىلى
9-ئاينىڭ 12-كۈنى، پارىژدىكى كۆرگەزمىدە، ئالما شىركىتى يېڭى iBook نى ئېلان
قىلغان. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iBook نىڭ (كۈلرەڭ ۋە سۆسۈن رەڭ) ئوخشىمىغان ئىككى
رەڭلىك نۇسخىسى بولۇپ، ئاساسىي چاستوتىسى 366MHz ۋە 466MHz . ئۇنىڭدىن باشقا، Mac
OS X سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىنىڭ Apple Store
دا 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن سېتىلىشقا باشلانغان، مىكروسوفت شىركىتى ئالما
نۇسخىسىدىكى Office 2001 نى ئېلان قىلغان، ئۇ Windows نەشرىنىڭ MS Office 2000
دىنمۇ ياخشى دەپ قارالغان.



    2000-يىلى
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئالما شىركىتى ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى 2000-يىللىق 4-مالىيە
پەسلىدىكى تەخمىنىي كىرىمنى ئېلان قىلغان. دەسلەپكى 4-مالىيە پەسلىدىكى تەخمىنىي
كىرىم 165 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولسا، ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى تەخمىنىي
كىرىم 110مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇ بايانات سەۋەبىدىن ئالما شىركىتىنىڭ
پاي چېكى بىر كېچىدىلا 45 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلەپ، ھەر پاي چېكى 53.50 ئامېرىكا
دوللىرىدىن 29.13 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان.



    2000-يىلى
12-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 1-مالىيە پەسلىدە 259مىليون ئامېرىكا
دوللىرى زىيان تارتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. بۇ ئالما شىركىتىنىڭ 3 يىل ئىچىدە
تۇنجى قېتىم زىيان تارتىشى ئىدى.



    2001-يىلى
1-ئاينىڭ 9-كۈنى، MacWorld يىغىنىدا، سىتىۋېن جوبس بىر يۈرۈش ئالما مەھسۇلاتلىرىنى
ئېلان قىلغان. قاتتىق دىسكا جەھەتتە، ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي يىڭى بولغان PowerMac
G4 كومپيوتىرىنى نامايەن قىلغان. يىڭى G4 تىتاندىن ياسالغان، شۇنداقلا ئەڭ تېز
بولغان G4 بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە CD-RW ياكى DVD-RW نۇر دىسكا رايونى سەپلەنگەن.
ئالما شىركىتى يەنە DVD ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشىپ، DVD studio Pro بىلەن iDVD نى
ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتى ھۆكۈمەت تورىنى قويۇش، كودلاشتۇرۇش ۋە
MP3 ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال iTools نى ھەقسىز چۈشۈرۈش
بىلەن تەمىنلىگەن. ئالما شىركىتى يەنە MacOS 9.0.4 نىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى
MacOS 9.1 نى ئېلان قىلغان.







2001-يىلى
2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئالما شىركىتى توكيودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە CD-RW نۇر دىسكا
رايونى سەپلەنگەن يېڭى بىر يۈرۈش iMac ئېلان قىلغان. بۇ بىر يۈرۈش يېڭى iMac لار
"ئىندىگو كۆكى" ، "دارماتىيان كۆكى"، "گۈل كۈچى" ۋە سۈرمە تاش رەڭدىن ئىبارەت تۆت
خىل رەڭلىك بولۇپ، ئاساسىي چاستوتىسى 500MHz ۋە 600MHz. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما
شىركىتى G4 Cube نىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.







2001-يىلى
3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئالما شىركىتى 62مىليون ئامېرىكا دوللارلىق پاي چېكى بىلەن
PowerSchool شىركىتىنى سېتىۋالغان. PowerSchool شىركىتى مەكتەپلەرنى سان-سىپىرلارنى
باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ، PowerSchool Server
ئىنتېرنېت تورى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ ئېچىلغان، شۇڭا Web كۆز يۈگۈرتكۈچتىن
پايدىلىنىپ، ئۇنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. ئالما شىركىتى PowerSchool شىركىتىنى
سېتىۋالسا، مەكتەپنى مۇكەممەل بولغان سىستېما توپلاشتۇرۇش بىلەن تەمىنلىگىلى،
ئوقۇغۇچىلارنى iMac بىلەن تەمىنلىگىلى، ئوقۇتقۇچىلارنى Power Macintosh كومپيۇتېرى
بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. Power Macintosh G4 Server بولسا، PowerSchool يۇمشاق
دېتالى بىلەن AirPort سىمسىز تور سۇپىسى بولالايدۇ.







2001-يىلى
3-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئالما شىركىتى Mac OS X 10.0 نى ئېلان قىلغان. ئوخشاش مەزگىلدە
Mac OS X نىڭ كۆپلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى ئېلان قىلىنغان.







2001-يىلى
4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئالما شىركىتى بۇ يىللىق مالىيە پەسلىدە 43 مىليون ئامېرىكا
دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
كىرىم Mac OS X دىن كىرگەن. 5 مىليون دانە سېتىلىش مىقدارى بىلەن، iMac ھازىرغا
قەدەر ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەر كومپيۇتېرى بولغان.







2001-يىلى
5-ئاينىڭ 1-كۈنى، يېڭى iBook ئېلان قىلىنغان، يېڭى iBook نىڭ قېپى ئاق رەڭلىك
پلاستىك ماتېرىيال ، 500MHzلىق G3 بىر تەرەپ قىلغۇچ، كۆرۈنۈشنى پەرق قىلىش نىسبىتى
ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1024x768 پىكسېل بولغان.







2001-يىلى
5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ تۇنجى پارچە سېتىش دۇكانلىرى ئېچىلغان، بۇ
دۇكانلار ئايرىم ھالدا لوس-ئانجېلىس ۋە ۋاشىنگتون ئەتراپىغا جايلاشقان. ئالما
شىركىتى ئۆزىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى قاتتىق دېتال ۋە Macintosh يۇمشاق
دېتاللىرى بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە
ئالماشتۇرۇش، شۇنداقلا ئالما قاتتىق دىتالىنىڭ كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن
ھازىرلىغان. ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ سېتىش دۇكانلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق
نۆۋەتتىكى 5%لىك بازار ھەجىمىنى بىر ھەسسە ئاشۇرماقچى بولغان، 2001-يىلىنىڭ
ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، پۈتۈن ئامېرىكىدا پارچە سېتىش دۇكىنىدىن 25نى
ئاچقان.







2001-يىلى
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، WWDC 2001 يىغىنىدا ئالما شىركىتى Mac OS X نىڭ ئىختىيارىي
قوشۇمچە قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى WebObject 5
ۋە 17 ديۇملۇق تەكشى ئېكرانلىق يىڭى Studio كۆرسەتكۈچنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن
بىر ۋاقىتتا، PowerMac G4 Server نىڭ دەرىجىسىنى 533MHz G4 بىر تەرەپ قىلغۇچقا
كۆتۈرگەن. WebObject 5 بولسا Web قوللىنىش پروگراممىسىنى تۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان
دەسلەپتىكى بىر قورال.







2001-يىلى 7-ئاينىڭ
3-كۈنى، ئالما شىركىتى Power Macintosh G4 Cube بىر يۈرۈش مەھسۇلات لىنىيىسىنى
رەسمىي تۈردە توختاتقان.







2001-يىلى
7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 3-مالىيە پەسلىدە 61 مىليون ئامېرىكا
دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.







2001-يىلى
7-ئاينىڭ 18-كۈنى، نيوروكتىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى يىڭى G4
كومپيۇتېرنى ئېلان قىلغان،ئاساسىي چاستوتىسى 867MHz غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە قوش
800MHz لىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سېكۇنتىغا 12مىليارد لەيلىمە نۇقتا ھېسابلاش
ئىقتىدارىغا ئىگە. ئالما شىركىتى Mac OS X 10.1(Puma) نىڭ 9-ئايدا بازارغا
سېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالما شىركىتى 733MHz
لىق Power Macintosh G4 Server نى ئېلان قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ يەنە بىر پارچە
سېتىش دۇكىنى ئوخېئودا ئېچىلغان.







2001-يىلى
9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۇزۇن مەزگىللىك كۈتۈش ئاخىرى ئاياغلىشىپ، ئالما شىركىتى Mac OS
X نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى Mac OS X 10.1 نى ئېلان قىلغان. ئۇ Mac
OS X قارىغاندا ھېسابلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، CD ئۇيۇپ سىنىغا ئېلىشنى قوللايدۇ،
DVD لىق قويغۇچ ھەمدە يىڭى كۆرۈنمە يۈزى ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا Mac OS X Server
v10.1 نى ئېلان قىلغان. 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، تېخىمۇ تېز بولغان، 550MHz
لىق ۋە 667MHz لىق PowerBook G4، 600MHz لىق iBook ،شۇنداقلا قوش 800MHz لىق G4 بىر
تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن PowerMac G4 Server بىرلا ۋاقىتتا ئېلان
قىلىنغان.







2001-يىلى
10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئالما شىركىتى 2001-يىللىق 4-مالىيە پەسلىدە 66 مىليون ئامېرىكا
دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان .







2001-يىلى
10-ئاينىڭ 23-كۈنى، سىتىۋېن جوبس جامائەتكە ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان MP3 قويغۇچ iPod
نى ئېلان قىلغان. iPod قا 5GB لىق (MP3 ناخشىدىن 1000نى قاچىلىغىلى بولىدىغان)
قاتتىق دېتال، 2 ديۇملۇق LCD كۆرسەتكۈچ، سىفىرلىق چوڭايتقۇچ ۋە نائۇشنىك سەپلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئالما شىركىتى يەنە MP3 ھۆججىتىنى Mac تىن iPod قا چۈشۈرۈشكە
ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتال قورالى iTunes 2 نى ئېلان قىلغان.







2001-يىلى
11-ئاينىڭ 2-كۈنى، “Monsters Inc.” ئامېرىكىنىڭ بارلىق كىنوخانىلىرىغا تۇنجى
قويۇلغان. “Monsters Inc.” بولسا Pixar شىركىتىنىڭ تۆتىنچى كارتون فىلىمى بولۇپ،
تۇنجى قويۇلغان بىرىنچى ھەپتىسىدىلا 63مىليون 480مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق بىلەت
كىرىمىغا ئېرىشكەن.







2001-يىلى
11-ئاينىڭ 13-كۈنى، AirPort 2 ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭغا Windows PC نى قوللاش
ئاشۇرۇلغان، ئۇلانمىسى 50 گە يەتكەن ۋە 128 بىتلىق پرېسلاش تېخنىكىسى
قوللىنىلغان.







2001-يىلى
12-ئاينىڭ 4-كۈنى، Final Cut Pro 3 ۋە MacOS 9.2.2 ئېلان قىلىنغان.







2002-يىلى
1-ئاينىڭ 7-كۈنى، MacWorld كۆرگەزمىسىدە، ئالما شىركىتى يېپيېڭى LCD iMac نى
نامايەن قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 14 ديۇملۇق iBook بىلەن رەسىم تەھرىرلىگۈچ
يۇمشاق دېتالى iPhoto نى نامايەن قىلغان.







2002-يىلى
1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالما شىركىتى 2002-يىللىق 1-مالىيە پەسلىدە 38مىليون ئامېرىكا
دوللىرى كىرىم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ پەسىلدە ئالما شىركىتى 74.6 دانە Mac
ساتقان.







2002-يىلى
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭى PowerMac G4 ئېلان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئاساسىي چاستوتىسى 1GHz
غا يەتكەن ، 2MB لىق DDR نىڭ L3 ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. قوش 1GHz لىق G4 بولسا 2GHz
لىق Pentium 4 دىن 72% تېز.







2002-يىلى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئالما شىركىتى، سونى ئېرىكسون شىركىتى QuickTime سىزىقلىق
تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، بىرلىكتە ھەرە كۆنىكى تېلېفونىنىڭ كۆپ ۋاستىسىغا
ئىشلىتىلىدىغان سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.







2002-يىلى
3-ئاينىڭ 14-كۈنى،ئالما Mac OS X يىراق مۇساپىلىق ئۈستەل يۈزى ئېلان قىلىنغان. بۇ
Mac OS تورىنى باشقۇرۇش ئاساسىدىكى يۇمشاق دېتال قورالى.







2002-يىلى
3-ئاينىڭ 31-كۈنى، iPod يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى ۋە 23 ديۇملۇق Cinema كۆرسەتكۈچ
توكيودىكى MacWorld كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنغان. ئالما شىركىتى 4-ئايدا Mac OS X
نىڭ كۆك چىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.









iPad 2iPad
2



2005-يىلى سىتېۋ جوبېس بۇندىن كېيىنكى ئالما
كومپىيۇتېرلىرىغا INTEL شىركىتىنىڭCPU لىرىنى سەپلەيدىغانلىقىنى ئېلان
قىلدى.




   2006-يىلى گوگۇل
شىركىتىنىڭ لىدىرى ئېرىك سىمىت ئالما كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ
ئالما شىركەت مۇدىرىيىتىگە كىردى.



2007-يىلى
1-ئايدائالما شىركىتى شىركەت نامىنى ئلما كومپىيۇتېر شىركىتىدىن ئالما شىركىتى
دەپ ئۆزگەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەۋر بۆلگۈچ مەھسۇلاتى بولغان ئايفون تېلېفوننى
بازارغا سېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئالما شىركىتى دۇنيادىكى تېلفون
ئىشلەپچىقىرىدىغان 3-چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.



   
---------------------------------------------







ئاينۇر مۇھەممەد
دەريا تەرجىمىسى





Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:53:37


irpanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئالما شىركىتى دۇنيادىكى تېلفون ئىشلەپچىقىرىدىغان 3-چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.



دۇنيادىكى تېلېفۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان 1-، 2- چوڭ شىركەتلەر قايسى بولغاي ئەمدى؟

PERWAZQIL يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 09:20:27

1- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


irpanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ئالما شىركىتى دۇنيادىكى تېلفون ئىشلەپچىقىرىدىغان 3-چوڭ شىركەت بولۇپ قالدى.



دۇنيادىكى تېلېفۇن ئىشلەپ چىقىرىدىغان 1-، 2- چوڭ شىركەتلەر قايسى بولغاي ئەمدى؟




مىنىڭچە< نوكىيا بىلەن سامسوڭ>   غۇ دەيمەن

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 09:51:43

كاللىسى ھەجەپ ئىشلەيدىكەن \"\"

musajan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:46:36

ھازىر تېلىفون ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بۇيىنچە ئالدىنقى 3-ئورۇندا تۇرىدىغان شېركەتلەر:

نوكىيا:

بازار ئىگەللەش نىسبىتى:27%

سامسۇڭ:

بازار ئىگەللەش نىسبىتى:22.8%

ئالما:

بازار ئىگەللەش نىسبىتى:8.7%

ئالما شېركىتى iPhone 4Sتېلىفونىنىڭ بازار قىزغىنلىقىغا تايىنىپ LG ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسى بولغان ZTEماركىسىدىن ئىشىپ بەشىنچى ئورۇندىن بىراقلا 3-ئورۇنغا ئۆتكەن.

galita يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 17:11:44

بۇ خىلى بۇرۇنقى ماقالە بولسا كىرەك!جوبىسنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرى يوقكەن! مىنىڭچە سامسۇڭ ئەرزان بولغاچقىلا خىرىدارى كۆپ!ئالما قىممەترەك بولسىمۇ سۈپەتلىك،ھەم ياخشى ئىشلەيدۇ!مۇشۇ چەتئللىكلەر خىلى تىرشچان ھەم ئجاتچان كىلدىكەن!جوبىس بلەن بىلگايتىس بىر دەۋىرنىڭ كىشىلىرىكەن،ھەمدە جوبىس كومويۇتىر سىستما رىقابىتىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مەيۈسلەنمەي ياكى ھەسەت قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ تۈرمىگە كىرىپ قالماي يەنە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىتى،مانا بۈگۈنگە كەلگەندە مىكروسفتشىركىتىنىڭ پايەچىكى چۈشكىلى تۇردى يەنى بۇ ئىھتىياجنىڭ ئۆزگىرشى ئاساسلىقى يىڭى شەيئى يىڭى بازارنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق يڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار! بىزنىڭ كارخانچىلىرىمىزمۇ بۇ نوقتىغا دىققەت بولسا بولاتتى! مانا تالقان ياساشنى دەسلەپتە ئامىنە شىركىتى ياسىدى،ئارمان شىركىتى رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىپ تالقان ياساش كەسپىنى ئەۋجىگە چىقاردى ھەمدە گوروھ بولۇپ قۇرۇلدى! بۇ كارخانىمىزمۇ ئاساسىنى پۇختىلاپ بولغاندىكىن يىڭى مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلىسە بولاتتى تالقانغىلا قارىماي!    ئامىنە شىركىتىمۇ تالقان رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان ئارمان بايقىيالمىغان ساھەدە باش كۆتۈرۈپ چىقىتى ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازاندى! ئەمىەليەتتە شۇ چاغلاردا ئارماننىڭ بۇ ساھەگىمۇ كىرىشكە كۈچى يتەتتى ھەمدە ئستىراتىگىىمۇ ماس كىلەتتى! بىزگە ھە دىسە زاماندىن ماكاندىن قولدىن كەلمەيدىغان ئىشلارىدن قاقشايدىغان ھىچ ئىش قىلمايدىغان ئەمەس مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا كەسكىن رىقەبەتتىن قورقماي تىرىشىدىغان كارخانچىلار كىرەك!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 10:35:30

5- قەۋەتتىكى galitaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ خىلى بۇرۇنقى ماقالە بولسا كىرەك!جوبىسنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرى يوقكەن! مىنىڭچە سامسۇڭ ئەرزان بولغاچقىلا خىرىدارى كۆپ!ئالما قىممەترەك بولسىمۇ سۈپەتلىك،ھەم ياخشى ئىشلەيدۇ! مۇشۇ چەتئللىكلەر خىلى تىرشچان ھەم ئجاتچان كىلدىكەن!جوبىس بلەن بىلگايتىس بىر دەۋىرنىڭ كىشىلىرىكەن،ھەمدە جوبىس كومويۇتىر سىستما رىقابىتىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مەيۈسلەنمەي ياكى ھەسەت قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ تۈرمىگە كىرىپ قالماي يەنە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىتى،مانا بۈگۈنگە كەلگەندە مىكروسفتشىركىتىنىڭ پايەچىكى چۈشكىلى تۇردى يەنى بۇ ئىھتىياجنىڭ ئۆزگىرشى ئاساسلىقى يىڭى شەيئى يىڭى بازارنى ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق يڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل بولۇش قاتارلىقلار! بىزنىڭ كارخانچىلىرىمىزمۇ بۇ نوقتىغا دىققەت بولسا بولاتتى! مانا تالقان ياساشنى دەسلەپتە ئامىنە شىركىتى ياسىدى،ئارمان شىركىتى رىقابەتتە ئۈزۈپ چىقىپ تالقان ياساش كەسپىنى ئەۋجىگە چىقاردى ھەمدە گوروھ بولۇپ قۇرۇلدى! بۇ كارخانىمىزمۇ ئاساسىنى پۇختىلاپ بولغاندىكىن يىڭى مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىشلىسە بولاتتى تالقانغىلا قارىماي! ئامىنە شىركىتىمۇ تالقان رىقابىتىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان ئارمان بايقىيالمىغان ساھەدە باش كۆتۈرۈپ چىقىتى ۋە مۇۋەپپىقىيەت قازاندى! ئەمىەليەتتە شۇ چاغلاردا ئارماننىڭ بۇ ساھەگىمۇ كىرىشكە كۈچى يتەتتى ھەمدە ئستىراتىگىىمۇ ماس كىلەتتى! بىزگە ھە دىسە زاماندىن ماكاندىن قولدىن كەلمەيدىغان ئىشلارىدن قاقشايدىغان ھىچ ئىش قىلمايدىغان ئەمەس مۇشۇنداق قىيىن شارائىتلاردا كەسكىن رىقەبەتتىن قورقماي تىرىشىدىغان كارخانچىلار كىرەك!

ھەق گەپ قىلىپسىز ئۇكام، بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىشنى قىلسا، نۇرغۇن ئادەم دەرھالشۇ ئىشنى دورايدىغان، ئەمما كۈندە نەچچە قېتىم پۇتلۇشۇپ تۇرىۋاتقان ئىشلارنى بىرەرسى قول تىقىمىغىچە ھىچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان بىزدىكى بۇ كىسەل پەقەت ساقايمىدى. ئەڭ دەسلەپ خوتندە چاچ سوپۇنى ئىشلەپ چىقىرىلىۋىدى، نۇرغۇن سودىگەر باشقا ئىشقا مەبلەغ سالماي چاچ سوپۇن ئىشلەپ چىقىرىشقا دۈم چۈشتى ھەتتا بەزى نائەھلى؟؟؟؟؟؟؟؟؟سودىگەرلەر يالغان سىيادان، يالغان ئوسمىلارنى ياسىتىپ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ گۆرىگە سۇ قۇيدى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى قۇرۇلغاندىمۇ نۇرغۇن سوفت شىركەتلىرى بەس-بەستە قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىرىمۇ(كۆلتىگىن شىركىتىگە ئوخشاش)، ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنى زىيانغا ئۇچرۇتۇپ، يېزىق(كود) قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىپ، ئىزدىرەكسىز يوقالغانلىرىمۇ بولدى(شۇڭا مەن ئۇيغۇر سوفت شىركىتىگە ھازىرقى مەھسۇلاتلىرى بىلەنلا ئەمەس، نۇرغۇن ۋەيران بولغان شىركەتلەرنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئەڭ كونا شىركەت بولسىمۇ ھازىرغىچە يىقىلماي قەد كۆتۈرەلىگەنلىكىگە قايىل). كېيىن سىز دېگەندەك نۇرغۇن تالقان شىركەتلىرى بەس-بەستە قۇرۇلدى، بۇلارنى كۆرۈپ قاتتىق ئىچىنغان ئىدىم، ئىرپان مەھسۇلاتلىرى چىققاندا ئەپدى ئېلىكترونلۇق لۇغەتلەرنى ئىشلەپ چىقىرىشنى دورايدىغان مايمۇنلار ئاۋۇيدىغان بولدى دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدىم، ئەمما بۇنى خالىغان ئادەم دورىيالمايدىغان بولغاچمىىكىن، ئىھتىاجدىن ئارتىپ كېتەلمىدى.


ھازىر رايۇنىمىزدا يانفۇن ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بولىۋاتىدۇ، يانفۇنغا مۇناسىبەتلىك كارخانىلار ھەرھالدا يامان ئەمەس ئىھتىياجنى قاندۇرسىمۇ، ئىلگىرلەش كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، باش كۆتۈرگەن بىرەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، مۇمكىن بولغاندا مۇشۇ شىركەتلەر ئۇيۇشۇپ، رايۇنىمىزدا تېلېفۇننىڭ ھەممە دېتالىنى ئىشلەپ چىقىرالمىغاندىمۇ، بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولىۋاتقان مۇھىم دېتاللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرسا بولاتتى، يۇمتالى(ئەپ)نى ئىشلەيدىغانلارغا كۆزتەگمىسۇن يامان ئەمەس كېتىۋاتىدۇ. ئاپتومۇبىل ساھەسىدە رىمۇنىتچىلىق ئىشلىرىدىن باشقا بىزدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ياكى كارخانا ساھەسىدە ھىچنېمە يوقمىكىن دەيمەن، مەن بەزىدە شۇنداق ساددا خىيالنى قىلىپ قالىمەن، ئىقتىسادىم بولسا، رايۇنىمىزدا چەتنىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، بىر بالۇن زاۋۇتى قۇرسام، زاۋۇتتا ئەڭ ئاددىسى كىچىك ۋىلىسپىتتىنىڭ ئىچ بالۇنىدىن تارتىپ، يوغان يۈك ماشىنىسىنىڭ تاش بالونىغىچە ئىشلەپ چىقارسام، رايۇنىمىزدىلا ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىدا \"دۇلدۇل\"، \"ئۇچقۇر\"، \"يەلتاپان\"، \"پەرۋاز\" .... ماركىلىق بالۇنلار يۈرۈپ كەتسە ........بۇنداق خىيالنى قىلغىىمغا 10 يىللارچە بولۇپ قاپتۇ، مەندىن باشقا مەبلىغى بار بىرەرسىنىڭ مۇشۇنداق خىيالنى رىياللىققا ئاشۇرۇشىنى شۇنداق ئۈمىت قىلىپ كەتتىم، نېمىشقا دىسىڭىز، بىز ھازىرچە مۇستەقىل ماشىنا ئىشلەپ چىقىرالمايمىز، ماشىنىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئىھتىياجى چۈشۈدىغان بىرەر مەھسۇلاتقا يۈرۈش قىلساق، بۇنى قىلىپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن، بالۇن ئىھتىياجى بىزدە ئانچە ئاز ئەمەس.....

galita يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:09:31

دەل شۇنداق! ھازىر بىزلەرنىڭ خۇمداننىڭ ئوتىنىمۇ تىڭشىيەلىگۈدۈك ئۈنەرۋەن يوق،ئشۇ ماڭقا ***غا يالۋۇرۇپ ئشلىتىدۇيۇ بۇ دەپبەرمىسە باشقا شەھەرلەرگە ھىچ بولمىسا ئۆزتۇغقانلىرىنى بولسىمۇ ئەۋەتىپ تەربىيلىمەمدۇ؟؟؟؟بىز مۇشۇنداق قارا ئىش قىلىپلا ئۆتەمدۇق؟قەشقەردىغۇ تئخى مەدىكارلىقمۇ ئاشمايۋاتىدۇ!تامچىلىرىمىز بىكا قىلىپ مەھەللە رايۇنلارنىڭ ئىشىنىمۇ شۇ نىمىلە ئىلىۋاتىدۇ! بىزلەر 4ئادەم قورىقماي شىرىك بولالمايۋاتقان،ئاران بىر يەگە كەلگەنلەنى بولسا كۆرەلمەسلە كۈشكۈرتۈپ پايدا تاپسىمۇ ئايرىلدىغان،زىيان تارتسىمۇ ئايرىلدىغان بولۇپ قىلۋاتىدۇ!بۇيەنىلا بىلىمنىڭ يەنى ئىماننىڭ كەمچىللىكدىن بىر-بىرىمىزنىڭ ھەققىگە قارا ساناۋاتقانلىقتىن!ساۋاتلىقلىرىمىز كۆپەيدىيۇ بىلىملىكلەر ئازايدى،زىيالىلار كۆپەيدىيۇ ئەخلاقىمىز چىرىپ كەتتى!   مۇشۇنداق كاتتا مۇنبەرلەر تۇرسا نەدىكى يەلە ئاۋات بولۇپ يۈرگەن!   مۇشۇ4-5يىلدىن بۇيان كاللامدا يىغىلىپ كەتكەن نۇرغۇن بار شۇلارنى بىرقانچە تىمىغا يىزىپ دەۋەتمىسەم كاللامدىن چاتاق چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ!

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:22:26

Jonathan Iveنىڭ ئالما شېركىتىدىكى رولىمۇ ھەل قىلغۇچ دەرىجىدە. ھازىر ئۇنىڭ نامى تىلغا ئېلىنسا Sir Jonathanدىگەن نام بىلەن چاقىرىلىدۇ. ئالما نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى...
بەت: [1]
: ئالما شىركىتى