بىيادى Android مەشغۇلات سىستېمىلىق ماشىنىنى بازارغا سالىدىكەن

گۈلشەن تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئالدىنقى كۈنلەردە بىيادى (BYD) شىركىتى ئېلان قىلغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بىيادى نۆۋەتتە ماشىنا ئېلېكترونى ساھەسىدە يېتەرلىك تەييارلىق قىلىپ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، Android مەشغۇلات سىستېمىلىق يېڭى ماشىنا ئېلان قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. كەلگۈسىدە بىيادى مېرسېدېس-بېنز (Mercedes-Benz) بىلەن ماس قەدەمدە ئېلېكترىك ماشىنا بازىرى (Electric car market) غا كىرىدىكەن.
بىيادىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ماشىنا ساھەسىدە كۆپ قوللىنىۋاتقىنى Windows CE مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى مۇقىم ۋە نەچچە يىلدىن بىرىدىن تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئەمما Android مۇ يېقىنقى يىللاردىن بىرى تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىكەن. بىيادى Android نى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئاللىبۇرۇن باشلىۋەتكەن بولۇپ، ھازىر بار كۈچى بىلەن Android نىڭ قېتىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش مەسىلىگە ئائىت مەھسۇلاتلارنى كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىيادى سائەت ئاچقۇچ قاتارلىق ماشىنا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى نامايان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا RFID نىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى قوللىنىلغان. بۇ تېخنىكىغا تايىنىپ، سائەت ئاچقۇچ ئارقىلىقلا يېقىن ئەتراپتىن ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىشقا بولىدىكەن.
بىيادى ئاللىبۇرۇن مېرسېدېس-بېنز بىلەن ئېلېكترىك ماشىنا ساھەسىدە ئورتاق مەبلەغ چىقىرىپ شىركەت قۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا DENZA ماركىدا يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان يېڭى تىپتىكى ماشىنىنى ئۇزۇن قالماي بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قەيەرنىڭ ماركىسىدۇ مۇشۇ ؟

1- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قەيەرنىڭ ماركىسىدۇ مۇشۇ ؟![]()
جۇڭگونىڭ ماركىسى، 比亚迪 دەپ خەنچە سەت ئاڭلانغان بىلەن
BYD دىگەن<build your dreams > دىگەن گەپنىڭ قىسقارتىپ يېزىلشى..
يولدا قويدى پىيادى.

بىيادى يولدا قويدى پىيادى ئاندرويىد ماشنىنىڭ نېمىسىنى كونتىرول قىلدىكەن؟ ئىلگىرىكىسى windows ce دېگىنىگە قارىغاندا ماشىندىكى DVD ۋە يول باشلاش دېگەندەك ئىقتىدارىغا قارىتىلغان ئوخشىمامدۇ؟ يەرشارىدىكى ئەڭ شاكال ماشىنا. ھازىر جىلى، ب ي د دېگەندەك ماركىلارنىڭ ئىچكىرىدە ۋە غەربتە بازىرى يېتىپ قالغاچقا، يۇرتىمىزدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا، تىبەتتە ۋە ئافرىقىدا ئېلان بەرگىلى تۇرۇپتۇ!
6- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاندرويىد ماشنىنىڭ نېمىسىنى كونتىرول قىلدىكەن؟ ئىلگىرىكىسى windows ce دېگىنىگە قارىغاندا ماشىندىكى DVD ۋە يول باشلاش دېگەندەك ئىقتىدارىغا قارىتىلغان ئوخشىمامدۇ؟
ھېلىقى ماشىنىنىڭ 电脑板دېگەن نەرسىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشمىكى. ماشنانى شوپۇرسىز، تېزگىنەك ئارقىلىق كونتۇرۇل قېلدىغان سېستىمسىنى دەمدىكىن، شۇنداق ئېلانى خېلى بار. ماشىنا قاچانمۇ ئامرىكىدەك ئەرزان بولا
قارىسام بىزنىڭ دۆلىتىمىز بەكلا ماختانچۇق ئوخشايدۇ
ئىقتىسادتا دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتتۇق ئانداق قىلدۇق مانداق قىلدۇق دەيدىكەن پۇقرالىرىغا قارىسا
ئەسكى موتسىكىلىت بىلەن ۋىلىسپىتتىن قۇتۇلالمىغان قارغان بۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئاشۇ پارىخورلار بىلەن ئالدامچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆسۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ شۇ DVD ۋە يول باشلاش سىستىمىسىغا ئاندىروئىد ئىشلىتىدىغان گەپ. كۈچەيدىغان يىرىگە كۈچىمەي ما خەق.

11- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇ DVD ۋە يول باشلاش سىستىمىسىغا ئاندىروئىد ئىشلىتىدىغان گەپ. كۈچەيدىغان يىرىگە كۈچىمەي ما خەق.ماشىنىڭ كومپيۇتېر قىسىمى ياكى تىزگىنەك قىسمىغا ئاندىروئىد ئىشلىتىشكە تېخى تەرىتى بوش كىلىپ قالىدۇ.
شۇنى دېمەمسىز.
بىر تونۇشۇم تاكسى ھەيدەيتى. جېيدا ۋاڭ ماركىلىق تاكسى. بىر چاغدا تۇرمۇزغا ئۈلگۈرەلمەي ئالدىدىكى فورتقا ئۇسىۋاپتۇ. قانچە پۇل تۆلەپ كېتەرمەن ئەمدى دەپ چۈشۈپ قارىسا ئالدىدىكى فورتنىڭ سىرىمۇ چۈشمەپتۇ. ئۆزىنىڭ جېيداۋاڭ ماشنىسنىڭ بوشەنگاڭ (ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز، قوغداش تاختىسى دېسە قاملىشامدۇ) چېقىلىپ ھېچنىمىسى قالماپتۇ. فورتنىڭ ئىگىسى خەنزۇ ماشنام ھېچنىمە بولماپتۇ، ئىمپورت ماشنا دېگەن يەنىلا ئىمپورتتە. گۇنا ئۆزۈڭدە بولغاندىكىن ئۆزۈڭنىڭ ماشنىسنى ئۆزۈڭ ياسىىۋال دەپ قويۇپ كېتىپ بارامىش.
شۇڭا ئاۋۇ جۇڭگولۇق پوچىلار ئاندرويىدقا ئېسىلۋالماي خاشولىرىنى پۇختىراق ياسايدىغان ئىشنى قىلسا بولاتتى.
يېڭىلىق ياراتماقچىكەندە. ژۈندىدىن ياغ ئايرىپ يېڭىلىق ياراتقىنىدەك....ژۈندە ياغنى 21-ئەسىردىكى بىردىنبىر مۇستەقىل كەشپىياتىمىز شۇ دەيدىكەنغۇ....

13- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېڭىلىق ياراتماقچىكەندە. ژۈندىدىن ياغ ئايرىپ يېڭىلىق ياراتقىنىدەك....
ژۈندە ياغنى 21-ئەسىردىكى بىردىنبىر مۇستەقىل كەشپىياتىمىز شۇ دەيدىكەنغۇ....![]()
ئەلادىن بىرى كەتتى ماۋۇ ئىنكاسقا

بەت:
[1]