zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 14:24:54

«ئاكا–ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» نى زادى كىم يەكۈنلەپ چىققان

«ئاكا–ئۇكا
مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» نى زادى كىم يەكۈنلەپ چىققان



مۇھەممەدجان مۇھەممەدئىمىن



مەن
يېقىندىن بۇيان يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»
ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلىرىگە  بەكرەك
دىققەت قىلدىم. بولۇپمۇ «بىر پارچە خىشنىڭ سىرى»،
»ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «گۈلەندەم ئابىستەينىڭ
كۈندىلىك خاتىرىسى ئىزىدىن»، «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان
قۇتۇلىمىز» قاتارلىق ماقالىلىرىنى بىرخىل كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ھاياجان بىلەن ئوقۇپ
چىقتىم. بۇ ماقالىلەرنى ئوقۇش جەريانىدا يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىزغا
تىل سېلىپ، ئۇلارنىڭ «نام – ئابروي ھوقۇقى» غا چېقىلىشتەك قىلمىشلارنى سادىر
قىلغانلىقىنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ، ئەمما يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش روھىغا
قايىل بولماي تۇرالمىدىم. بولۇپمۇ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»
ماۋزۇلۇق ماقالىسى بىلەن «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان
قۇتۇلىمىز » ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ باشلانغان ۋاقتىنى ۋە ئاكا
– ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۇغۇلغان يىل سانلىرىنى ئېنىقلاپ چىقماقچى بولغانلىقىغا ھەقىقەتەن
قايىل بولدۇم.                        


لېكىن،
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011– يىللىق 5 – سانىغا بېسىلغان «ئاكا – ئۇكا
مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ بىرئاز
ئەجەبلەندىم. شۇنداقلا بۇ ماقالىدە دېيىلگەن گەپلەرنى ئىلگىرى كۆرگەندەك ھېس
قىلدىم ۋە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن «بىلىپ- بىلمەي» باشقىلارنىڭ
«نام - ئابروي ھوقۇقى» غا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ قويغان بولسا، بۇ قېتىم «بىلىپ-بىلمەي»
باشقىلارنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى» غا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى بايقاپ
قالدىم. مەن نېمىگە ئاساسەن بۇنداق دەيمەن؟ ئالدى بىلەن قانۇنىي ئاساسىمنى
ئوتتۇرىغا قويىۋېتىپ ئاندىن باشقا گەپكە ئۆتەي: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسەر
ھوقۇقى» قانۇنىنىڭ    22 - ماددىسىدا «مۇۋاپىق
ئىشلىتىش» توغرىسىدا توختىلىپ«
ئەسەر تۆۋەندىكىدەك
ئەھۋاللاردا ئىشلىتىلسە، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەق
بەرمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ
قويۇش، شۇنىڭدەك ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ مۇشۇ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان
باشقا ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز قىلماسلىق كېرەك: (1) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ
بولغان ئەسەرلىرى شەخسىي ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ياكى بەھىرلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە؛
(2) باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بىر ئەسەرنى تونۇشتۇرۇش،
ئۇنىڭغا باھا يېزىش ياكى مەلۇم بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق نەقىل
كەلتۈرۈلسە
....قاتارلىقلار»
دەپ بەلگىلەنگەن (ماقالەمگە مۇناسىۋەتسىز تارماقلىرى بېرىلمىدى).


مەن
مەزكۇر ماقالەمدە مۇشۇ قانۇنىي ئاساسقا ۋە «10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزدىنىپ ماقالە
يېزىۋاتقان» يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىدىكى بىرقىسىم بايانلارغا
ئاساسەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «ئاكا–ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ماۋزۇلۇق
ماقالىسىدە «10نەچچە يىلدىن بۇيان چامىنىڭ يېتىشىچە ماتېرىيال توپلاش، ئۆگىنىش،
ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق» بىزگە سۇنغان يېڭىلىق زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى
ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىگە سۇنىمەن.


ژۇرنالنىڭ
53 – بېتىدىن 57 – بېتىگىچە بېرىلگەن يازما ھەققىدە كۆپ توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق،
مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ ماقالەمگە مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تۆۋەندىكىدەك كۆز قارىشىمنى
ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى قارار قىلدىم. يالقۇن روزى ئەپەندى «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە
ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز » ناملىق ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بىر
قىسىم پەرەزلىرىگە ئاساسەن، بۇ ماقالىسىدە «1890 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە
رۇسىيەلىك سودىگەرلەر بىلەن كۆپ سودا قىلىپ، تىجارەتتىكى پاراسىتى ۋە ماھارىتى
بىلەن داڭق چىقارغان ‹مۇسابايېفلار› دەپ تونۇلغان ھۈسەن باي  (
1865-1926) ۋە باھاۋۇدۇن
باي (
1870-1928)
ئىسىملىك ئاكا - ئۇكا بايلارمۇ بار ئىدى» (شۇ سان ژۇرنال 56 - بەت)  دەپ يازغان. ئەمما، بۇ پەرەز ئارقىلىق كەلتۈرۈپ
چىقارغان يىلنامىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 5 - سانىدىكى
«بىر پارچە خىشنىڭ سىرى» دېگەن ماقالىسىدىكى «1923 - يىلى ھۈسەنباينىڭ 72 ياشقا
كىرگەن ئىنىسى باھاۋۇدۇنباي مۇسكۋاغا بېرىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى
مەركىزى ئىجرائىيە كومېتىتىنىڭ رەئىسى كالىنىن (1875-1946) بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا
ئالاقىسىنى يولغا قويۇش ھەققىدە پۈتۈشكەن» دېگەن ئېنىق يازمىدىن كەلتۈرۈپ
چىقىرىشقا بولىدىغان يىلنامە بىلەن زىت بولۇپ قالغان. ئەگەر بۇ يازمىنىمۇ يالغانغا
چىقىرىپ يالقۇن روزى  ئۆزىدىكى ئازراق
ئۈستۈنلۈكتىن پايدىلىنىپ بىردەم ئۇنى دەپ، بىردەم بۇنى دەپ ئوقۇرمەنلەرنى
ئالداۋاتىدۇ دەپ چۈشەنسەكمۇ، مۇساباينىڭ 1809 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1895 - يىلى ۋاپات
بولغانلىقى ئېنىق بولغان تارىخى يازمىلار ئارقىلىق ئىنكار قىلنمىغان ئەھۋال
ئاستىدا، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەپەككۇر قىلساق، مۇساباي ئۆزىنىڭ
چوڭ ئوغلى ھۈسەنباينى 56 ياشقا كىرگەندە، ئىككىنچى ئوغلى باھاۋۇدۇنباينى 61 ياشقا
كىرگەندە تاپقان بولىدۇ-دە، مۇساباي ئوغوللىرىغا «كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ  پەرزەنتلىك بولۇش» نى باشلاپ بەرگەن بولۇپ،
تارىخى چىنلىققا زىت بولۇپ قالىدۇ. يەنە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ باھاۋۇدۇنباينىڭ
سۈرىتىگە قاراپ ئۇنىڭ يېشىنى بېكىتىشى تازا مۇۋاپىق بولمىغان؛ چۈنكى رەسىمگە مۇنداقلا
قاراپ ياش پەرەز قىلغاندا خاتالىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى غازى ئەھمەد ئەپەندى «شىنجاڭ
مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 - يىللىق 1- سانىدىكى «ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز يۈسۈپ خاس
ھاجىپ بىلەن مەھمۇد كاشغەرىي پورترېتلىرىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە
ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.يەنە قارايدىغان بولساق، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ
باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىككىنچى قىزى پاتىگۈل خېنىمنىڭ 1897 - يىلى تۇغۇلغانلىقىغا
ئاساسەن باھاۋۇدۇنباينى 20 - 25 ياشلار ئەتراپىدا توي قىلغان دەپ پەرەز قىلىشىمۇ
تازا مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى پاتىگۈل خېنىمنىڭ باھاۋۇدۇنباينىڭ نەچچىنچى بالىسى
ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىماي تۇرۇپ، ياكى باھاۋۇۋۇنباينىڭ چوڭ ئوغلى ئىسمائىل مۇسابايېفنىڭ
تۇغۇلغان يىلىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ باھاۋۇدۇنباينىڭ توي قىلغان ۋاقىتىنى پەرەز
قىلىشقا ۋە بىكىتىشكە بولمايدۇ.   


«شىنجاڭ
مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011– يىللىق 5 – سانىغا بېسىلغان «ئاكا – ئۇكا
مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 57– بېتىدىن
باشلاپ بېرىلگەن «تۆھپە» لەرگە قارايدىغان بولساق «بىرىنچى تۆھپە: ‹مۇسابايېف تېرە
زاۋۇتى› نى قۇرۇش» دېگەن كىچىك ماۋزۇنىڭ ئاستىغا بېرىلگەن «جۇڭگو يېقىنقى زامان
تارىخىدا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىشى بىر قەدەر بالدۇر بولسىمۇ...»
دېگەن يەردىن «...سودا قىلىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلانغان» دېگەن يەرگىچە جۇڭگو
تارىخىدىكى بىلىملەر بولۇپ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ يازمىسى ئەمەس. ئۇنىڭ كەينىگە
بېرىلگەن «1890– يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە...» دېگەن يەردىن «...رۇسىيە ئىمپېرىيەسى
بىلەن ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىنى يولغا قويغان» دېگەن يەرگىچە يالقۇن روزى
ئەپەندى ئۆزى ئىزاھات بەرگەندەك « ‹غۇلجا شەھەر تارىخ ماتېرىياللىرى›، 1999 –يىل 2–سان،
60  – بەت » تىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ
يازمىمۇ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە تەۋە ئەمەس. يەنە مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 57 – بېتىگە
بېرىلگەن «ھۈسەن باي تۈركىيەدە تۇرغان مەزگىلىدە ئىستانبۇلدىن باغداتقا بارىدىغان
تۆمۈر يول ياسىلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىستانبۇلدىن باغداتقا
بارىدىغان باغدات تۆمۈر يولىنى ياساشنى ھۆددىگە ئالغان گېرمانىيە تۆمۈر يول
شىركىتىنىڭ  400  مىڭ تىللالىق پېيىنى سېتىۋېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ
پايچىسى بولۇپ قالغان» دېگەن يازما 2000 – يىلى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن
نەشىر قىلىنغان «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 19 – بېتىدە
«شۇ يىللىرى نېمىسلار تۈركىيە بىلەن باغدات ئوتتۇرىسىدا تۆمۈر يول ياساپ پاي چېكى
ساتىدۇ. ھۈسەنباي ھاجى 40 مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت
تۈپەيلى گېرمانىيىلىك كاپېتالىستلار بىلەن تونۇشىدۇ» (شىرىپ خۇشتار: «مۇسابايوۋ ۋە
ئۇنىڭ سودا كارخانىسى») دەپ يېزىلغان. دېمەك، بۇ ئىككى يازمىدىكى پەرق بىرىدە « 40
مىڭ تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالغان» دېيىلگەن بولسا، يەنە بىرىدە « 400 مىڭ
تىللالىق پاي چېكى سېتىۋالغان» دېيىلگەن. بۇ ئىش خۇددى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ
2011-يىللىق 3-سانىنىڭ 43-بېتىگە: «ھۈسەن باي ھاجى 1884 - يىلى، باھاۋۇدۇنباي 1851
- يىلى تۇغۇلغان» دەپ يېزىلىپ قالغاندەكلا ئىش بولۇپ، ماھىيەتتە بۇمۇ يالقۇن روزى
ئەپەندىنىڭ قەلىمىگە تەۋە ئەمەس. يالقۇن روزى ئەپەندى باشقىلارنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى» غا
دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشنى مۇشۇ يەردىلا باشلىغان. يەنى بۇ يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورىنى،
قايسى ماقالىدىن ياكى قايسى تارىخى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتمەي قانۇندا
بەلگىلەنگەن «مۇۋاپىق ئىشلىتىش» نىڭ روھىغا خىلاپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. 58 – بەتنىڭ
ئاخىرىدىن 61 – بەتنىڭ ئۈستىگىچە بېرىلگەن يازمىدا «مۇسابايېف تېرە زاۋۇتى» نىڭ
يۆتكەپ كېلىنىش جەريانى ۋە قۇرۇلۇش جەريانى سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىمۇ «ھۈسەينىيە
روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابتا شىرىپ خۇشتار ئەپەندى يېتەرلىك
توختالغان. شۇڭا ئۇنچە كۆپ توختىلىپ
كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. توختالغان تەقدىردىمۇ شىرىپ خۇشتار ئەپەندى يالقۇن
روزى ئەپەندىدىن بالدۇر توختىلىپ قەلەمگە ئالغانلىقى ئۈچۈن  شىرىپ خۇشتارنىڭ يازمىسىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنىشى
كېرەك ئىدى. بىراق، شىرىپ خۇشتارنىڭ يازمىسى يالقۇن روزىنىڭ يازمىسى ئۈچۈن «يەم
بولۇپ» كەتكەن.                                            


ئەمدى
«ئىككىنچى تۆھپە: چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش» قا كەلسەك، «ئاكا - ئۇكا
مۇسابايىفلارنىڭ 1898 - يىلى ئاتۇشتىن تۇنجى بولۇپ كېرەم ئاخۇن دېگەن كىشىنى
رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ دېگەن تاتار شەھىرىگە جەدىدچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ
كېلىشكە ئەۋەتكەنلىكى» نى بايان قىلغان. مەن مۇشۇ بايان ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە
ئۇقۇشماسلىقنى، مۈجىمەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارايمەن؛ چۈنكى يالقۇن روزى
ئەپەندى «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابىنىڭ 13 - بېتىدە «ئۇلار (ئاكا - ئۇكا
مۇسابايېفلار)  ئالدى بىلەن، يەنى 1883 - يىلى
ئىكساقلىق يىگىرمە ئۈچ ياشلىق كېرىماخۇننى مەكتەپ مۇدىرى قىلىش ئۈچۈن، رۇسىيىنىڭ
قازان شەھىرىگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن» دەپ يازغان بولسا، يەنە مۇشۇ كىتابىنىڭ 14 - بېتىدە«
‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› نىڭ مەلۇماتلىق تۇنجى مۇدىرى كېرىماخۇن ئەپەندى يىگىرمە
سەككىز يېشىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن» دەپ يازغان. بىز بۇنىڭدىن كېرەم ئاخۇننىڭ 1860 -
يىلى تۇغۇلۇپ 1888 - يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ھەقتە ئىبراھىم
ئالىپ تېكىن ئەپەندىمۇ «ئاتۇش مائارىپچىلىرى» دېگەن كىتابىدا مۇشۇ باياننى يازغان.
ئۇنداقتا، « 1898-يىلى رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ دېگەن تاتار شەھىرىگە جەدىدچە ئوقۇتۇش
ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتىلگەن» كېرەم ئاخۇن كىمۇ؟ بۇ كىشىنىڭ ھاياتى
پائالىيىتى قەيەردىن قەيەرگىچە؟ بۇ ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مۇھىم
مەسىلىدۇر. يالقۇن روزى ئەپەندى يۇقىرىقى بۇ مەلۇماتلارنى چاررۇسسىيە دەۋرىدە
ئوتتۇرا ئاسىيادا چىقىدىغان «تەرجىمان» گېزىتىنىڭ 1899 - يىلى 10 - دىكابىردىكى
سانىدىن ئالغان بولۇپ، باشقا دەلىل - ئىسپات بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا شۇ بىر پارچە
گېزىتتىكى خەۋەرگە ئاساسەن بىز بىلىدىغان «كېرەم ئاخۇن» نىڭ ھاياتىنى ئىنكار
قىلامدۇق؟ ئەگەر شۇ خەۋەرگە ئاساسەن بىز بىلىدىغان «كېرەم ئاخۇن» نىڭ ھاياتىنى
ئىنكار قىلساق، شىنجاڭدا يېزىلغان تارىخى يازمىلار دەلىل- ئىسپاتسىز يېزىلغان،
يالغان-ياۋىداق يازمىلار بولۇپ، چەت ئەلنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنىڭ بىرەر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا
ئىلىنىپ قالغان يازمىلار بىز ئۈچۈن پاكىت ۋەياكى «گۆھەر» ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ
مەسىلىگە  بۇ ھەقتە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان
يالقۇن روزى ئەپەندى ۋە باشقا زىيالىيلار ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە چۈشەنچە بېرىشى
كېرەك.               


مۇسابايېفلارنىڭ
تۆھپىلىرى قاتارىدىكى «ئۈچىنچى تۆھپە: جەدىدچە مەكتەپ ئېچىش» قا كەلسەك، خېلى كۆپ
قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىز بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ بۇ تۆھپىسىنى يەكۈنلەپ چىققان.
ئەمما، مەكتەپنىڭ ئېچىلغان ۋاقتىغا قارىتا خاتالىق سادىر بولۇپ كەلگەن (چۈنكى ئۇ
چاغدىكى ماتېرىيال مەنبەسى چەكلىك ۋە تېپىشقا قۇلايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن). لېكىن
بۇ خاتالىقنى يالقۇن روزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن
باشلانغان» دېگەن ماقالىسىدە تۈزىتىپ، «شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ يېڭى مائارىپ
يولغا قويۇلغان ۋاقىتنىڭ 1899 - يىلى ئىكەنلىكى» نى بىكىتىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا
ئېرىشكەن. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «10 نەچچە يىلدىن
بۇيان چامىنىڭ يېتىشىچە ماتېرىيال توپلاش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش
ئارقىلىق» باشقىلار يەكۈنلىگەن بۇ تۆھپىگە ئۆزى ئىسپاتلاپ چىققان يىلنامىنى قوشۇپ،
يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ بىزگە ئەسكەرتىش بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا،
يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابىدىكى تۆۋەندىكى يازمىلارنى
ئەسكەرتىپ، ئۆزۈمنىڭ باشقىچە قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. يەنى يالقۇن روزى
ئەپەندى «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابىنىڭ 5 - بېتىدە «1894 - يىلى، ئۇ (تاشاخۇنۇم)
يىگىرمە سەككىز ياشقا كىرگەندە ئۆزىنىڭ كەنتى ۋاق - ۋاقتا بىر سىنىپلىق يېڭىچە پەننىي
مەكتەپ ئاچقان. بۇ مەكتەپ ‹تاشاخۇنۇم مەكتىپى› دەپ ئاتالغان. ‹تاشاخۇنۇم مەكتىپى›
ئاتۇش ئىكساقلىق ئاكا - ئۇكا سودىگەرلەر ــ ھۈسەيىن باي بىلەن باھاۋۇدۇنبايلار
1885 - يىلى ئاچقان ‹ھۈسەينىيە مەكتىپى› دىن
كېيىن تەڭرىتاغ باغرىدا يېلىنجىغان ئىككىنجى مەرىپەت مەشئىلى بولغانىدى» دەپ
يازغان. «تاشاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ تۆھپىكار ئەۋلادلىرى» دېگەن كىتابنىڭ 24 - بېتىدىمۇ
«تاشاخۇنۇم 1894 - يىلى يۇرتى ۋاق - ۋاقتا بىر سىنىپلىق مەكتەپ سېلىپ، مەكتەپنىڭ
ئومۇمىي راسخوتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، شۇ يۇرتتىكى ياشلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى
ھەل قىلدى» دەپ يېزىلغان. دېمەك، كېرىم ئاخۇننىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى چەتئەلدە
چىقىدىغان گېزىتتىكى نەچچە قۇر ئەسلى مەنبەسى ئېنىقسىز گەپلەرگە ئاساسلىنىپلا
جەزىملەشتۈرگەن يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابىدىكى بۇ
قاراشلىرى ۋە تاشاخۇنۇمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى يالقۇن روزى شەكسىز ئىشىنىدىغان بىرەر
چەت ئەللىكنىڭ يازمىسى ئارقىلىق ئىنكار قىلىنمىسا، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەركىتى
1894 - يىلى «تاشاخۇنۇم مەكتىپى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن باشلانغان دەپ قارايمەن. چۈنكى،
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى باشلايدىغانلارغا «مۇنچە ئېغىز سىنىپى بار، مۇنچە
نەپەر ئوقۇغۇچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بار مەكتەپ سېلىشى كېرەك، بولمىسا تارىخقا
يېزىلمايدۇ» دەيدىغان شەرت قويۇلمىغان.                                      


«ئاكا–ئۇكا
مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» نامىلىق ماقالىدىكى «تۆتىنچى تۆھپە: كەسپىي
مائارىپنى يولغا قويۇش» دېگەن كىچىك ماۋزۇ ئاستىدىكى يازمىلارغا نەزەر سالىدىغان
بولساق، «1908 – يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ‹زاۋۇت قورو› نىڭ بىقىنىدا...» دېگەن يەردىن
«...بۇلاردىن 200 نەپىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشچىلىققا تاللانغان» دېگەن يەرگىچە
بولغان يازما «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 33 –، 34 –
بەتلىرىدە بېرىلگەن. بۇ يەردىكى پەرق «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن
كىتابتا شىرىپ خۇشتار ئەپەندى «1904 – يىلى ‹تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى› ئاچىدۇ» دەپ
يازغان.  يالقۇن روزى ئەپەندى بولسا «1908–يىلى
‹مەكتەپ قورو› نى ئاچىدۇ» دەپ يازغان. يەنە مەزكۇر ماقالىدىكى «1912 – يىلىغا
كەلگەندە، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ....» دېگەن يەردىن «...بۇ
مەكتەپ 1950 – يىللىرى تاقىلىپ قالغانغا قەدەر
10 مىڭغا يېقىن ئايال ھۈنەرۋەننى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن» دېگەن يەرگىچە
بولغان يازما «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 35 –، 36 –
بەتلىرىدە شىرىپ خۇشتار ئەپەندى تەرىپىدىن بېرىلگەن. بۇ يەردىكى پەرق شىرىپ خۇشتار
ئەپەندى مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ھۆنەر مەكتىپى» دەپ ئالغان بولسا، يالقۇن روزى ئەپەندى
«ئاياللار ھۆنەر مەكتىپى» دەپ ئالغان. بۇ يەرگە كەلگەندە يالقۇن روزى ئەپەندى
باشقىلارنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى» غا يەنە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن.                                                            


يەنە
مەزكۇر ماقالىدىكى «بەشىنچى تۆھپە: دارىلمۇئەللىمىن قۇرۇش» ماۋزۇسى ئاستىدىكى
بايانلارغا كەلسەك، «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابتىكى
يازمىلارغا «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن باشلانغان»، «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە
ئىدىيە قاتماللىقىدىن قاچان قۇتۇلىمىز» قاتارلىق ماقالىلىرىدە تۈزەتكەن بىر قىسىم
يىلنامىلەرنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمىساقمۇ
يالقۇن روزىنىڭ يۇقىرىدا نامى ئەسكەرتىلگەن  ماقالىلىرىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر بۇنى ئاسانلا
بىلىۋالالايدۇ.            


ئەمدى
يەنە شۇ ماقالىدىكى «ئالتىنچى تۆھپە: ئېلىكتېر، تېلېفۇن، كىنونى ئېلىپ كىرىش» دېگەن
ماۋزۇ ئاستىدىكى يازمىلارغا كەلسەك، «نوپۇزلۇق قامۇسلاردا دېيىلىشىچە...» دېگەن
يەردىن «بۇ گېنىراتورلار تەمىنلىگەن توك بىلەن چىراغلار ۋەيتەننى يورۇتقان» دېگەن
يەرگىچە بولغان يازما يالقۇن روزى ئەپەندى ئۆزى يازغىنىدەك «جۇڭگو
ئىنسىكلوپېدىيەسى» دىن ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن «ئانا دىيارىمىز
شىنجاڭدا...» دېگەن يەردىن «...50 لامپۇچكا يورۇتقان» دېگەن يەرگىچە بولغان يازما «ھۈسەينىيە
روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابنىڭ 5 – بېتىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ
ئاخىرىغا بېرىلگەن بىر ئابزاس «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى(3)» تىن نەقىل ئېلىنغان. ئۇنىڭ
ئارقىسىغا بېرىلگەن «ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلار يەنە زاۋۇت ئىچىدە سېخلار ئارا
تېلېفۇن ئورناتقان...» دېگەن يەردىن «1935 – يىلى شېڭ شىسەي دەۋرىدە غۇلجىدا
تېلېفۇن ئورناتقاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان» دېگەن يەرگىچە بولغان يازما «شىنجاڭ
تارىخ مەدەنىيىتى» 2008 – يىللىق سانىدا (ئومۇمىي42–سان) بېرىلگەن ئابدۇقېيۇم
مۇسابايېفنىڭ «مۇسابايوف ئائىلىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالسىدىن ئېلىنغان بولۇپ،
يالقۇن روزى ئەپەندى ئاپتورىنى ئەسكەرتمىگەننىڭ ئۈستىگە «1935 – يىلى شېڭ شىسەي
دەۋرىدە غۇلجىدا تېلېفۇن ئورناتقاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان» دېگەن جۈملىنىلا
نەقىل ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئالغان نەقىلگە بەرگەن ئىزاھاتىدا باشقىلا بىر
ئىشلارغا چۈشەنچە بەرگەن. بۇنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن بىر ئابزاس كىنونىڭ پەيدا بولۇش
تارىخى بولۇپ، ئەلۋەتتە يالقۇن روزىنىڭ ئىسپاتلاپ چىققان يازمىسى ئەمەس. بۇنىڭ
ئارقىسىدىن بېرىلگەن «ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلار گېرمانىيەدىن ئىمپورت قىلغان تېرە
زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان...» دېگەن يەردىن «1930 – يىللاردىن
باشلاپ ئاندىن كىنو قويۇش ئىشلىرى شىنجاڭدا ئىزچىللىققا ئىگە بولغان» دېگەن
يەرگىچە بولغان يازمىدا «ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلار» نىڭ شىنجاڭغا تۇنجى بولۇپ كىنونى
ئېلىپ كىرگەنلىكىنى سۆزلىگەن بولسىمۇ، قاچان،  قانداق ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا
قويمىغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن
كىتابنىڭ 254–، 255 –، 256 – بەتلىرىدىكى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭدىكى
تۇنجى كىنو» دېگەن  ماقالىسىدىكى
مەزمۇنلارنى  تولۇق كۆچۈرەلمىگەن. ئەگەر 254
– بەتتىكى  يازمىنى تولۇق كۆچۈرەلىگەن
بولسا، شۇ بەتتىكى «...زاۋۇت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ئۈچىنچى يىلى (1912–يىلى)
كۈزدە...» دېگەن يازمىلارنىمۇ كۆچۈرۈپ، ئۆزىنىڭ يازمىسىنى تېخىمۇ بېيىتقان ۋە ئېنىقلىق
دەرىجىسىگە ئىگە قىلغان  بولاتتى. بۇلاردىن
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەخمىنەن بىر بەت بېرىلگەن بۇ يازمىدا يالقۇن روزى
ئەپەندىنىڭ ھېچقانداق ئىگىدارلىقى يوق. شۇنداق ئېيتىشقا بولۇدىكى، باشقىلارنىڭ
يازمىسىدىكى بىرقىسىم نۇقسانلار تۈپەيلىدىن، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى پۈتۈنلەي يوققا
چىقىرىۋېتىپ، شۇ ئەسەرنىڭ خاتا جايلىرىدىن
باشقا قىسمىنى خالىغانچە ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.                                                                           


ئەمدى
مەزكۇر ماقالىدىكى«يەتتىنچى تۆھپە: پۇتبول ھەرىكىتىنى باشلاش» قا كەلسەك، بۇ ھەقتە
شىرىپ خۇشتار ئەپەندى «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى ۋە تەنتەربىيىسىنى تارقاتقۇچى ئاكا – ئۇكا
مۇسابايلار» دېگەن ماقالىسىدە توختالغان. بۇ ئىككى يازمىنىڭ مەقسىتى ئوخشاشلا
تۇرسۇن ئەپەندى ۋە ئابدۇراخمان ئەپەندىلەرنىڭ شىنجاڭدا پۇتبول ھەركىتىنى تۇنجى
بولۇپ بارلىققا كەلتۈرگەن ئەزىمەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش بولۇپ، بۇ يەردىكى
پەرق تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ئابدۇراخمان
ئەپەندىنىڭ چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىققان ۋە قايتىپ كىرگەن ۋاقتى ئوخشىماسلىقتىن
ئىبارەت. بۇ يەردىكى سەۋەب ئەلۋەتتە، يىلنامىلەرنىڭ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ يازغان
بىرنەچچە ماقالىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يالقۇن روزى
ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى «100 يىللىق پۇتبول
كەنتى» توغرىسىدىكى يازمىسىنى چىقىرىۋەتكەندە قالغان
يېرى شىرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ ماقالىسى بىلەن ئاساسىي
جەھەتتىن پەرىقلەنمەيدۇ.                                                                     


مەزكۇر
ماقالىدىكى «سەككىزىنچى تۆھپە: چارۋا نەسلىنى يېڭىلاش» قا كەلسەك، بۇ كىچىك
ماۋزۇنىڭ بىرىنچى   ئابزاسىدا بېرىلگەن ئاساسلىق ئۇچۇرنىڭ «ئىلى
تېرە زاۋۇتى ھەققىدە سۆز» دېگەن كىتابتىن ئېلىنغانلىقىنى يالقۇن روزى ئەپەندى ئۆزى
سۆزلەپ ئۆتۈپتۇ. «ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پائالىيىتى...» دېگەن يەردىن «...نەسىللىك
سىيىرلارنى سىمىنتال پاررودا، گوللاندىنىسكى پاررودا، شىۋېتىسكى پاررودا دەپ
پەرقلەندۈرۈپ ئاتاشقان» دېگەن يەرگىچە بولغان يازما «شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى» 2008
–يىللىق سانىدا (ئومۇمىي42 – سان) بېرىلگەن ئابدۇقېيۇم مۇسابايېفنىڭ «مۇسابايوف
ئائىلىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدىن (شۇ سان ژۇرنال 104 – بەت) ئېلىنغان بولۇپ،
يالقۇن روزى ئەپەندى نەقىل مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي بۇ يازمىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ  ئابدۇقېيۇم مۇسابايېفنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى» غا
دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەن. بىز بۇنى «بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى» دىكى بىرقىسىم
نەزەرىيەۋىي بىلىملەرگە ئاساسلانساق تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. يەنى، « ‹ئەسەر
ھوقۇقى› غا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئىچىدە ‹باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى
ئوغرىلىۋېلىش› بولۇپ، ‹باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ئوغرىلىۋېلىش› قىلمىشى تۆۋەندىكى
ئىككى خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى ھېچقانداق
ئۆزگەرتمەي، ئۆز پېتىچە ئۆزىنىڭ ئەسىرى قىلىۋېلىش ياكى ئۆز ئەسىرى ئىچىگە
باشقىلارنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسىرىنى مۇۋاپىق كىرگۈزۈپ، ئەسلى
ئاپتورنىڭ ئىسمىنى، ئەسەرنىڭ نامىنى ئەسكەرتمەسلىك ياكى ئۆزىنىڭ يازمىسىدىن
پەرقلەندۈرمەسلىك (يەنە بىر خىلى بۇ ئەسەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن
بېرىلمىدى)». مۇشۇ نەزەرىيەگە ئاساسلانغاندىمۇ  يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ  بۇ قىلمىشى ئېنىقلا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش
بولىدۇ. يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ بۇنداق قىلمىشى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىغان. گېپىمنىڭ
دەلىلى سۈپىتىدە مىسال كەلتۈرسەم، يالقۇن روزى ئەپەندى بۇ ماقالىسىدىكى «ئاكا – ئۇكا
مۇسابايېفلار تېكەس،  موڭغۇلكۈرە، كۈنەس، يۇلتۇز
قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاللانغان سىيىر، بىيەلەرنى ئېلىپ كېلىپ مەزكۇر نەسىللىك
ئايغىر ھەم بۇقىلار بىلەن نەسىللەندۈرگەن» دېگەن يەردىن «1952 – يىلىغا كەلگەندە
مۇسابايېفلار ئىلكىدىكى ساپ نەسىللىك رومبولىيە قويى ئون مىڭ تۇياقتىن ئېشىپ
كەتكەن» دېگەن يەرگىچە بولغان يازمىنى «شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى» 2008–يىللىق سان (ئومۇمىي42–سان)
دا بېرىلگەن ئابدۇقېيۇم  مۇسابايېفنىڭ «مۇسابايوف
ئائىلىسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسى (شۇ سان ژۇرنال 104 –، 105 – بەتلەر) دىن
كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئەسلى ئاپتورنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ قويماستىن، ئۆزىنىڭ «10 نەچچە
يىلدىن بۇيان چامىنىڭ يېتىشىچە ماتېرىيال توپلاش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تەتقىق
قىلىش ئارقىلىق» بىزگە سۇنغان ماتېرىياللىرى قاتارىغا كىرگۈزىۋالغان. دېمەك، «سەككىزىنچى
تۆھپە: چارۋا نەسلىنى يېڭىلاش»  دېگەن
كىچىك ماۋزۇ بىلەن بېرىلگەن بۇ يازمىدىمۇ يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ھېچقانداق
ئىگىدارلىقى يوق.                                                                                          


مەزكۇر
ماقالىدىكى «توققۇزىنچى تۆھپە: ‹مۇسابايېفلار روھى› نى يارىتىش» قا كەلسەك، بۇنىڭغا
كۆپ گەپ  قىلغاندىن كۆرە، يالقۇن روزى
ئەپەندىگە «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» دېگەن كىتابنىڭ ئىچىدىكى
مەزمۇننىلا ئوقۇماي، بەلكى بۇ كىتابنىڭ تېشىدىكى يوغان قىلىپ يېزىلغان ماۋزۇنىمۇ
ئوقۇپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى شىنجاڭدا «ھۈسەينىيە روھى» نىڭ
شەكىللەنگەنلىكى بۇ كىتابتىكى يازمىلاردا ئۆزىنى نامايان قىلىپ تۇرۇپتۇ. شۇڭا
«ھۈسەينىيە روھى» نىڭ «مۇسابايېفلار روھى » غا ئالمىشىپ قالغانلىقى يېڭىلىق
ئەمەس.                                                                              


يۇقىرىقى
بايانلاردىن شۇنى خۇلاسىلەپ چىقىشقا بولىدۇكى، «ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ
توققۇز چوڭ تۆھپىسى» نى  رەتلەپ چىقىش (يەكۈنلەپ
چىقىش دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بىز يوق نەرسىنى تېپىپ چىقمايمىز، بەلكى، بار
، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم يەكۈنلەنگەن تۆھپىلەرنى رەتلەپ بىريەرگە
ئەكىلىمىز، خالاس) ئۇنچە تەس ئەمەس. يەنى «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى
ئويغىنىش» دېگەن كىتابنى، «شىنجاڭ تارىخ مەدەنىيىتى» 2008 –يىللىق سانىدا
(ئومۇمىي42–سان) بېرىلگەن ئابدۇقېيۇم مۇسابايېفنىڭ «مۇسابايوف ئائىلىسى توغرىسىدا»
ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ۋە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى قاچاندىن
باشلانغان» ناملىق ماقالىسى بىلەن «نەزەرىيە ئەمالىقى ۋە ئىدىيە قاتماللىقىدىن
قاچان قۇتۇلىمىز» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇغان، كاللىسى سەل سەگەكلا ئادەم بولسا بۇ
تۆھپىلەرنى رەتلەپ چىقالايدۇ. بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى 2008 – يىلى يازغان
يالقۇن روزى ئەپەندى 2011 – يىلى تۈزىتىپ ئېلان قىلدۇرغان. دېمەك، يالقۇن روزى
ئەپەندى ماقالىسىدىكى 2008 – يىلىدىكى نەزەرىيەلەر بويىچە ئېلىنغان يىلنامىلەرنى
ئۆزىنىڭ 2010 – يىلىدىن باشلاپ يازغان ماقالىلىرىدىكى يىلنامىلەرگە ئاساسەن
ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ
بۇ ماقالىسى «ساپا مائارىپى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مۇئەللىملەرنىڭ بىر
سائەتلىك دەرسنى سۆزلەپ بولۇپ، ئاخىرىدىكى بەش – ئون مىنۇت ۋاقىتتا شۇ بىر سائەتتە
ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ياكى مەركىزى ئىدىيىسىنى ئۇقۇتقۇچىلارغا
تارقىتىپ بېرىلگەن «پايدىلىنىش ماتېرىيالى» دىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشاش قىلىپ
يىغىنچاقلاپ بەرگەندەكلا ئىش بولۇپ قالغان، ھەمدە يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ باشقا
ئاپتورلارنى تەنقىدلەشتە ئىشلىتىدىغان «ئەسەر يازغاندا ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىش، ئۆزىدىن
ھالقىپ كېتىش كېرەك» دېگەن ئىدىيەسىگە زىت بولۇپ قالغان.                                                   


ئاخىرىدا
ماقالەمنىڭ ماۋزۇسىغا جاۋاب بەرسەم، «ئاكا – ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ
تۆھپىسى» نى يەكۈنلەپ چىققىنى پەقەت يالقۇن روزى ئەپەندىلا ئەمەس. بەلكى، « ئاكا –
ئۇكا مۇسابايېفلار» نىڭ تارىخى، ئىش - پائالىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن بارلىق
قەلەمكەشلەردۇر. يەنى، «ھۈسەينىيە روھى— تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش» ناملىق كىتابتا
ئەسىرى بېرىلگەن بارلىق يازغۇچىلار، بولۇپمۇ، بۇنىڭدا شىرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ تۆھپىسى
چوڭ. لېكىن، بۇ يەكۈننى مەتبۇئاتتا يىغىنچاقلاپ ئېلان قىلدۇرالىغىنى پەقەت يالقۇن
روزى ئەپەندى بولغان.


                  


              

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 15:14:48

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابى دەپ ئالغىنىڭىزغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن تازا خەۋەرسىز ئوخشايسىز. نۇرغۇن ئىشلار سىز ئېيتقاندەك ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتىن كېلىپ چىقتى. سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ، كاپىر،م خىرىستىيان دېگەندەك قالپاقتىن بىرنى كىيىپ پالاكەت باسمىسۇن.  {:92:}

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 15:21:48

1- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابى دەپ ئالغىنىڭىزغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن تازا خەۋەرسىز ئوخشايسىز. نۇرغۇن ئىشلار سىز ئېيتقاندەك ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتىن كېلىپ چىقتى. سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ، كاپىر،م خىرىستىيان دېگەندەك قالپاقتىن بىرنى كىيىپ پالاكەت باسمىسۇن. \"\"

قايسى ئىشلارنى دەيسىز؟! مەن راستىنلا بىلمەيمەن، ئازراق دەپ بېرىڭە!!

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 15:32:37

بۇ يالقۇنجان دىگەن تەنقىدى ئوبزورچى ئەپەندى توغرىسىدا بولسا ئىزدىنىشتا شۇ توغۇرلۇق تىما يوللانمىسا يوللانسىمۇ ماختايدىغان تىما يوللانغىنى ياخشى

بولمىسا ئىزدىنىشتىكى ھەممەيلەننى كاپىر خىرىستىيان مۇرتلىرىغا چىقىرۋىتىش تۇرغانلا گەپ شۇڭا  {:92:}

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 16:24:29

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 17:09:36

بۇيەردە ھىچكىم يالقۇناخۇننى غاجىغىدەك گەپنى قىلمىدى ھەق گەپلەرنى دەپ قويدۇ شۇنىمۇ ئادەم غاجاش دىگەن بولسىلا

ئەمدى گاچا بولىۋالماقتىن باشقا يول قالماپتىمۇ نىمە

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 19:07:59

2- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابى دەپ ئالغىنىڭىزغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن تازا خەۋەرسىز ئوخشايسىز. نۇرغۇن ئىشلار سىز ئېيتقاندەك ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتىن كېلىپ چىقتى. سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ، كاپىر،م خىرىستىيان دېگەندەك قالپاقتىن بىرنى كىيىپ پالاكەت باسمىسۇن. \"\"

قايسى ئىشلارنى دەيسىز؟! مەن راستىنلا بىلمەيمەن، ئازراق دەپ بېرىڭە!!

«مەمتىلى ئەپەندى» رومانىنىڭ 1- نەشىرى بىر ئادەمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان كېيىن سوتقا چۈشكەندىن كېيىن 2-نەشىرىدە بىرلەشمە ئەسەر بولۇپ 2 ئادەمنىڭ نامىدا ئىلان قىلىنغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،بەلكىم شۇ ئىشمىكىن.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 20:32:42

6- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق كىتابى دەپ ئالغىنىڭىزغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىشلاردىن تازا خەۋەرسىز ئوخشايسىز. نۇرغۇن ئىشلار سىز ئېيتقاندەك ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى قوغداشتىن كېلىپ چىقتى. سىزمۇ ئېھتىيات قىلىڭ، كاپىر،م خىرىستىيان دېگەندەك قالپاقتىن بىرنى كىيىپ پالاكەت باسمىسۇن. \"\"

قايسى ئىشلارنى دەيسىز؟! مەن راستىنلا بىلمەيمەن، ئازراق دەپ بېرىڭە!!

«مەمتىلى ئەپەندى» رومانىنىڭ 1- نەشىرى بىر ئادەمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان كېيىن سوتقا چۈشكەندىن كېيىن 2-نەشىرىدە بىرلەشمە ئەسەر بولۇپ 2 ئادەمنىڭ نامىدا ئىلان قىلىنغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ،بەلكىم شۇ ئىشمىكىن.


قايسى ئىككى ئەدەم، مەن راستىنلا بىلمەيمەن.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 20:52:35

ئاكا - ئۇكا باھاۋۇدۇنباي، ھۈسەيىنبايلار مەسلىھەتلىشپ ئەڭ ئاۋۋال ئاكىسى باھاۋۇدۇنباي ياۋرۇپاغا چىقىپ (ياۋرۇپادىكى تەرەققىيات، سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشنى كۆرۈپ مىللەتنىڭ تەرەققىياتنىڭ مائارىپتا ئىكەنلىكنى بىلىپ، روسىيە فىدراتىسىيەسىدىكى قازاندىن، ئاندىن تۈركىيەدىن بىرقانچە ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدۇ«ئېكساقتا مەكتەپ ئېچىلغاندىن كېيىن») يېڭىچە پەننى مائارىپنى ئەڭ ئاۋۋال، غۇلجىدىكى مەدىرسى يېنىدا ئىككى سىنىپلىق مەكتەپ ئېچىپ دەرس باشلايدۇ، بىراق بىر قىسىم دىنى مۇتئەسسىپ كىشىلەر قارشىلىق كۆرستىشى بىلەن تاقىتىۋېتىلىدۇ.

  ئاندىن ئۇلار قەشقەر خانلىق مەدرىس يېنىدا يەنە يېڭىچە پەننى مەكتەپ ئاچىدۇ، بۇمۇ غۇلجىدا ئېچىلغان مەكتەپنىڭ ئۇسۇلىدا بولغاچ، يەنە شۇ بىرقسىم دىنىى مۇتئەسسىپ كشىلەرنىڭ قارشىلىق كۆرستىشى تەرپىدىن تاقىلىدۇ.

  ئۇلار ئاخىرى بولماي، ئۆز يۇرتى ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپ نامى ھۈسەيىنباي نامدا ‹ ھۈسەينىيە مەكتىپى› دەپ ئاتىلدۇ. مەكتەپ ئېچىلغان ۋاقىت 1885-يىلى كۈز. ئەسلىدىىكى مەكتەپنىڭ تېمىدىمۇ، ئېنىق قىلىپ « 1885» دەپ يېزىلغان. 110 يىللىق تويىدىكى سىن لىنتىسىدىمۇ تامدا ئېنىق قىلىپ «1885» دەپ يېزىقلىق.

  ‹لېكىن ئۆتكەن زىيارەتكە بارسام، ئەسلىدىكى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئورنىنى چىقىپ مەيدان قىلىۋېتىپتۇ.› \"\" كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 23:08:44

4- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ




غاجاشمۇ ئەمەس، يالقۇن روزى بىلەن \"مەمتىلى ئەپەندى\" دېگەن كىتابنىڭ ئىسمى بىر يەرگە كەلسىلا ھېلىقى سۆيۈملۈك ئوغرىلىقى تەبىئىي ھالدا ئەسكە كېلىپ قالىدىكەن. ئوغرىلىدى دېگەننىغۇ مەنمۇ شۇ توردا كۆرگەنتىم. راست-يالغانلىقى شۇنى دېگەن كىشى بىلەن ئوغرىلىق قىلغان كىشىگە تېخىمۇ ئاياندۇر بەلكىم.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 02:57:17

ما ئوبزورنى يازغان يىتىمنىڭ يېزىقچىلىق ئىستىلى ياخشىكەن. ئەسەرنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ، يازغۇچىنى ئۇنداق مۇنداق دىمىسىمۇ بولىدىكەنغۇ؟!

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 11:07:05

4- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ

يالقۇننىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە يۈرۈكۈڭ سۇ بولۇپ كېتىپتۇدە، قوقما غاجاش سەندەكلەرنىڭ ئىشى.

kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 12:16:00

ئۇنىڭ سىرىمۇ ئايان بولىدۇ.

galita يوللانغان ۋاقتى 2013-8-29 15:38:51

مۇشۇ يازغۇچىلىرىمىز بىر-بىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمامدىكى،بىر-بىرسى بىلەن پىكىرلەشمەمدىكى دىيمەن!باشقا ئەسەرلەرغۇ مەيلى تارىخى مەسىلە دىگەن ئوۇنىشدغان نىمە ئەمەس!بۇ تارىخى رومانلاردىكى زىتلىقنىڭ تولىلىقى بىر ۋەقەنى ئىككى ئادەم ئىككى خىل ئوخشىمايدىغان قىلۋەتكەن!بىر-بىرسىگە ئوبزور يازمىغان،يازسىمۇ ئىلمى قىلماي ئايغى جىدەل! تىخى ماندا خاتالىقىنى كۆرستىپ،پىكىر بىرىپ بولغىچە غاجىدىڭلار دەپ چۈشكەن كىسپۇرۇچلار!تىلۋىزوردا ماختىغانىڭ ھەممىسى ياخشى بولىۋەرمەيدۇ!  بابۇرنامە.  نى بابۇر يازغان! ئۇ ئۆزى قوقماي ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەيىپلىرىنى خاتالىقلىرىنى كۆرسىتپ يازسا باھادىرنامە نىڭ يازغۇچىسى جىمى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ يازغان! بۇ يازغۇچى بابۇرنىڭ ئاتىسىنى بابۇردىنمۇ ئوندان بىلدىغان بولغىيمىتى؟؟؟ مۇشۇ ئككى كىتاپنى سىلىشتۇرۇپ ئوقىسا مانا مەن دەپلا نۇرغۇن زىتلىق چىقىدۇ!بۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەسمۇ!؟

abdul915 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-4 21:28:00

تېما ئېگىسى، بۇ ئەسەر سىزنىڭمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ؟ بۇنى ئېنىق ئەسكەرتمەپسىز، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى بولسا سورايدىغان بىر قانچە سوئالىم بار ئىدى، ھازىرچە سوئالنى سورىماي ئۆزۈم ئويلىغان بىر قانچە نۇقتىنى دەپ ئۆتەي.....

بۇ ئوبزۇردا كۆپىنچە باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم يىلنامىلەرنى ئىزاھلىمىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، مەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىلنامىلەرنى سېلىشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىغاندا، ئۇنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغۇچىنى ئەسكەرتىش ئانچە زۆرۈر ئەمەس دەپ قارايمەن.

ئەسەر ئاپتۇرى ئېيىتقاندەك قىسمەن جايلاردا يالقۇن روزى نەقىل ياكى مەلۇم بىر مەزمۇننىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ يەردىكى توققۇز تۆھپىنىڭ يەكۈنلىگۈچىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۆھپىسى پەقەت توققۇز بىلەن چەكلىنىپ قېلىشى ناتايىن، چۈنكى مەيلى ئۇلار توغرىسىدا كىم تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەر بولسۇن، ئەڭ بولمىغاندا ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سېلىپ، روھلاندۇرىدۇ، بۇنى بىر مەنىۋىي جەھەتتىكى تۆھپە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ، يەنە مۇسابايېفلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇمۇ بىر تۆھپە( ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خوتەندىكى بىر نۇتۇقىدا « ھەقىقى باي باشقىلارنى ئۆز قولىغا قارىتىپ نەرسە بەرگەن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى باي بولۇشقا يېتەكلىگەنلەردۇر» دېگەن مەزمۇندا بىر جۈملە بار ئىدى). بۇ ئوبزۇرنىڭ يېزىلىشىغا ئاپتۇرنىڭ «يەكۈن» دېگەن سۆزنى «پۈتۈنلەي ئۆزى تەتقىق قىلىپ،بايقاپ چىققان» دەپ چۈشىنىشى ۋە يالقۇن روزىنىڭ «10نەچچە يىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىش.....ئاساسىدا......» دېگەن سۆزى سەۋەپ بولغان بولۇپ، مەنچە يالقۇن روزىنىڭ بۇ يەردە «يەكۈنلەپ» چىققىنى توغرا بولغان، يەنى يالقۇن روزى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۆھپىلىرىدىن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان توققۇز تۆھپىنى ئايرىپ، بۇ تۆھپىلەرنى ئۇشبۇ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىش كېرەكلىكىگە «يەكۈن» چىقارغان.

يۇقىرىدىكى بىر قانچە ئىنكاسنى كۆرسەم يالقۇن روزىغا بايا بەرگۈچىلەرنىڭ مىللەت، دىن، دۆلەت ئاتلاپ باشقا بىر كىملەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بولۇنىپ ئۆتۈپتۇ، مەنچە ھەر كىمگە باھا بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ ھەممە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرىگە قاراپ باھا بېرىلسە دەپ ئويلايمەن،مەن بۇرۇن يالقۇن روزىنىڭ بەزى ئاپتورلار بىلەن بىر قىسىم ئىملىي بولمىغان سۆزلەر بىلەن مەتبۇئاتلاردا تېپىشكىنىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلاپ باققان، ئۇ كىشىگە قارىتا ئازىراق نارازىلىق تۇيغۇسىدىمۇ بولغان، ھەتتا يالقۇن روزىغا بولغان نارازىلىقىم تۈپەيلى، «بىر پارچە خىشنىڭ سىرى» دېگەن ماقالىنى يالقۇن روزىنىڭ يازغىنىنى بىلىپ، ماقالە بېسىلغان ژۇرنالنى چۆرۈپ تاشلىغان ۋە ياتاقدىشىم بۇ ماقالە مەن ئەڭ قىزىقىدىغان تېرە زاۋۇتنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قايتا ئوقۇپ چىققان ئىدىم، شۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يالقۇن روزىغا بولغان كۆز قارىشىمدا ئازىراق ئۆزگىرىش بولغان، چۈنكى يالقۇن روزىدا نېمىلا بولمىسۇن ئىزدىنىش روھى بار(قايسى بىر ماقالىسىدە ئايدە 150سومغا كىتاپ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيىتقان ئىكەن، مەن ئۇ مەزمۇننى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەن، چۈنكى مەن شۇ بىر ئايدىلا 160سومغا كىتاپ ئېلىپ، يالقۇن روزىدىن 10سوم ئاشۇرىۋەتكەن)، ئۇ مۇسابايېفلار تارىخىنى بىزلەرگە تونۇشتۇرىۋاتقان ئاكتىپ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى، نېمىلا بولمىسۇن بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرى بىر قىسىم داڭلىق شەخىسلىرىمىزنىڭ يازغان مۇھەببەت، بايلىق تەسۋىرلەنگەن، ئۆسمۈرلىكتىن ياشلىققا ئۆتكەنلەرگە قانداق مۇھەببەتلىشىش، قانداق ئادەم قويۇشنى ئۆگىتىدىغان تۈگىمەس رومانلىرىدىن ياخشى، يالقۇن روزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ياشلار يالقۇن روزىنىڭ سۆكۈلىۋاتقان شۇ ئەسەرلىرىدىكى شەخىسلەردىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ، ئۇلارمۇ بۇ تېمىدىكى ئوبزۇرنىڭ ئاپتۇرىغا ئوخشاش ئۇلار توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ ۋە قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمىنى قىلىپ نېمىدىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىدۇ.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-5 11:47:41

14- قەۋەتتىكى abdul915نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئېگىسى، بۇ ئەسەر سىزنىڭمۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ؟ بۇنى ئېنىق ئەسكەرتمەپسىز، ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەسىرى بولسا سورايدىغان بىر قانچە سوئالىم بار ئىدى، ھازىرچە سوئالنى سورىماي ئۆزۈم ئويلىغان بىر قانچە نۇقتىنى دەپ ئۆتەي.....

بۇ ئوبزۇردا كۆپىنچە باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم يىلنامىلەرنى ئىزاھلىمىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، مەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يىلنامىلەرنى سېلىشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولمىغاندا، ئۇنى دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغۇچىنى ئەسكەرتىش ئانچە زۆرۈر ئەمەس دەپ قارايمەن.

ئەسەر ئاپتۇرى ئېيىتقاندەك قىسمەن جايلاردا يالقۇن روزى نەقىل ياكى مەلۇم بىر مەزمۇننىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمىگەننى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ يەردىكى توققۇز تۆھپىنىڭ يەكۈنلىگۈچىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ تۆھپىسى پەقەت توققۇز بىلەن چەكلىنىپ قېلىشى ناتايىن، چۈنكى مەيلى ئۇلار توغرىسىدا كىم تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەر بولسۇن، ئەڭ بولمىغاندا ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سېلىپ، روھلاندۇرىدۇ، بۇنى بىر مەنىۋىي جەھەتتىكى تۆھپە دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ، يەنە مۇسابايېفلارنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇمۇ بىر تۆھپە( ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خوتەندىكى بىر نۇتۇقىدا « ھەقىقى باي باشقىلارنى ئۆز قولىغا قارىتىپ نەرسە بەرگەن ئەمەس بەلكى ئۇلارنى باي بولۇشقا يېتەكلىگەنلەردۇر» دېگەن مەزمۇندا بىر جۈملە بار ئىدى). بۇ ئوبزۇرنىڭ يېزىلىشىغا ئاپتۇرنىڭ «يەكۈن» دېگەن سۆزنى «پۈتۈنلەي ئۆزى تەتقىق قىلىپ،بايقاپ چىققان» دەپ چۈشىنىشى ۋە يالقۇن روزىنىڭ «10نەچچە يىل ئۆگىنىش، ئىزدىنىش.....ئاساسىدا......» دېگەن سۆزى سەۋەپ بولغان بولۇپ، مەنچە يالقۇن روزىنىڭ بۇ يەردە «يەكۈنلەپ» چىققىنى توغرا بولغان، يەنى يالقۇن روزى ئاكا-ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ نۇرغۇنلىغان تۆھپىلىرىدىن ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغان توققۇز تۆھپىنى ئايرىپ، بۇ تۆھپىلەرنى ئۇشبۇ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىش كېرەكلىكىگە «يەكۈن» چىقارغان.

يۇقىرىدىكى بىر قانچە ئىنكاسنى كۆرسەم يالقۇن روزىغا بايا بەرگۈچىلەرنىڭ مىللەت، دىن، دۆلەت ئاتلاپ باشقا بىر كىملەرگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بولۇنىپ ئۆتۈپتۇ، مەنچە ھەر كىمگە باھا بەرگەندە شۇ كىشىنىڭ ھەممە جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرىگە قاراپ باھا بېرىلسە دەپ ئويلايمەن،مەن بۇرۇن يالقۇن روزىنىڭ بەزى ئاپتورلار بىلەن بىر قىسىم ئىملىي بولمىغان سۆزلەر بىلەن مەتبۇئاتلاردا تېپىشكىنىنى كۆرگەن ۋە ئاڭلاپ باققان، ئۇ كىشىگە قارىتا ئازىراق نارازىلىق تۇيغۇسىدىمۇ بولغان، ھەتتا يالقۇن روزىغا بولغان نارازىلىقىم تۈپەيلى، «بىر پارچە خىشنىڭ سىرى» دېگەن ماقالىنى يالقۇن روزىنىڭ يازغىنىنى بىلىپ، ماقالە بېسىلغان ژۇرنالنى چۆرۈپ تاشلىغان ۋە ياتاقدىشىم بۇ ماقالە مەن ئەڭ قىزىقىدىغان تېرە زاۋۇتنىڭ تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قايتا ئوقۇپ چىققان ئىدىم، شۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن يالقۇن روزىغا بولغان كۆز قارىشىمدا ئازىراق ئۆزگىرىش بولغان، چۈنكى يالقۇن روزىدا نېمىلا بولمىسۇن ئىزدىنىش روھى بار(قايسى بىر ماقالىسىدە ئايدە 150سومغا كىتاپ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيىتقان ئىكەن، مەن ئۇ مەزمۇننى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتكەن، چۈنكى مەن شۇ بىر ئايدىلا 160سومغا كىتاپ ئېلىپ، يالقۇن روزىدىن 10سوم ئاشۇرىۋەتكەن)، ئۇ مۇسابايېفلار تارىخىنى بىزلەرگە تونۇشتۇرىۋاتقان ئاكتىپ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى، نېمىلا بولمىسۇن بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرى بىر قىسىم داڭلىق شەخىسلىرىمىزنىڭ يازغان مۇھەببەت، بايلىق تەسۋىرلەنگەن، ئۆسمۈرلىكتىن ياشلىققا ئۆتكەنلەرگە قانداق مۇھەببەتلىشىش، قانداق ئادەم قويۇشنى ئۆگىتىدىغان تۈگىمەس رومانلىرىدىن ياخشى، يالقۇن روزىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ياشلار يالقۇن روزىنىڭ سۆكۈلىۋاتقان شۇ ئەسەرلىرىدىكى شەخىسلەردىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلاردىن ئۆگىنىدۇ، ئۇلارمۇ بۇ تېمىدىكى ئوبزۇرنىڭ ئاپتۇرىغا ئوخشاش ئۇلار توغرىسىدا ئىزدىنىدۇ ۋە قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمىنى قىلىپ نېمىدىن ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىدۇ.

بۇ ماقالىنىڭ ئىەىسى مەن ئەمەس، كەينىدىكى گەپلەر ئۇششاق


گەپلەركەن.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-19 15:14:14

11- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ

يالقۇننىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە يۈرۈكۈڭ سۇ بولۇپ كېتىپتۇدە، قوقما غاجاش سەندەكلەرنىڭ ئىشى.

سەندەكلەر غاجاپ يالقۇننى بىرتىرە بىر ئۇستىخان بوپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم   بىلىپ قال يالقۇننى كۈرۈپ باققان بەندە ئەمەسمەن

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 01:42:41

16- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ

يالقۇننىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە يۈرۈكۈڭ سۇ بولۇپ كېتىپتۇدە، قوقما غاجاش سەندەكلەرنىڭ ئىشى.


سەندەكلەر غاجاپ يالقۇننى بىرتىرە بىر ئۇستىخان بوپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم   بىلىپ قال يالقۇننى كۈرۈپ باققان بەندە ئەمەسمەن





يامان بوپتۇ، بېرىپ ئېتىكىگە سۆيۈپ، تاۋاپ قىلىۋالماي.\"\"

tawlan5 يوللانغان ۋاقتى 2013-9-20 08:04:56

ماۋۇ ئىپلاسنىڭ زۇۋانى تۇتۇق بولسىمۇ ئەركەكلىرىمىزگە قىلىدىغان سۈيىقەست، ھىيلە- مېكرى توختايدىغاندەك ئەمەس.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-9-23 13:16:02

17- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

16- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى zuwansizنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى nurdiyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يالقۇننى غاجاش يەنە باشلىندىغان بولدىدە ، ئاق تاغلىق قار تاغلىق بۇلشۇپ

يالقۇننىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە يۈرۈكۈڭ سۇ بولۇپ كېتىپتۇدە، قوقما غاجاش سەندەكلەرنىڭ ئىشى.

سەندەكلەر غاجاپ يالقۇننى بىرتىرە بىر ئۇستىخان بوپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم   بىلىپ قال يالقۇننى كۈرۈپ باققان بەندە ئەمەسمەن





يامان بوپتۇ، بېرىپ ئېتىكىگە سۆيۈپ، تاۋاپ قىلىۋالماي.\"\"


ھەركىم بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەيدۇ دەۋاتقان سەن تاۋاپ قىلىپ بولغان ئوخشىمامسەن




بەت: [1] 2
: «ئاكا–ئۇكا مۇسابايېفلارنىڭ توققۇز چوڭ تۆھپىسى» نى زادى كىم يەكۈنلەپ چىققان