uyghurtekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 03:44:48

مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ كەسپى ھاياتىغا نەزەر



گۈلشەن تورىنىڭ 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، سېتۋى بالمېر (Steve Ballmer) يۇمشاق دېتال ماگناتى مىكروسوفت (Microsoft) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)، 2006-يىلى دۇنيادىكى مىلياردېر تىزىملىكىدە 24-ئورۇنغا تىزىلغان. 13مال-مۈلكى مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللار. ئۇ 1980-يىلى مىكروسوفت قېتىلغان. ئۇ بىل گېيتىس (Bill Gates) قۇبۇل قىلغان تۇنجى سودا ئىشلىرى دېرىكتورى. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ دادىسى شىۋىتسارىيەلىك بولۇپ، ئاپىسى رۇسىيەلىك يەھۇدى ئەۋلادى ئىدى. دادىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشى (WWII) دىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ئۇرۇش جىنايەتچىسى سوت كوللېگىيىسىنىڭ باش سوتچىسىغا تەرجىمان بولغان. كېيىن ھەممىباب ماشىنا شىركىتى (General Motors Corporation) دە ھېسابات خاتىرىلىگۈچى بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا فورد ماشىنا شىركىتى (Ford Motor Company) دە بوغالتىر بولغان.

سېتۋى بالمېر 1956-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىنىڭ دېترويت (Detroit) تا تۇغۇلغان. دادىسى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئوغلىنى ئاداققىچە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.


سېتۋى بالمېرنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇ بۇرۇنلا بىر ماتېماتىك ياكى فىزىك بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ تولۇق ئوتتورا مەكتەپتىكى چېغىدىلا ماتېماتىكا مۇسابىقەسىدە نەتىجىسى ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى SAT ئىمتىھانىدا 1600 نومۇر، يەنى تولۇق نومۇر ئالغان. ئۇ 1973-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى ھەمدە ماتېماتىكا ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە باكالاۋرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.


1974-يىلى سېتۋى بالمېر خارۋراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياتاق كارىدورىدا بىل گېيتىس بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. بىرى خېجىلچان، ئىچ مىجەز، ئىجتىمائىي ئالاقىگە نائۇستا كومپىيۇتېر ئاتامانى، يەنە بىرى ئوچۇق-يورۇق، چىقىشقاق، ئىجتىمائىي ئالاقىگە ماھىر، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى پەقەت ماس كەلمەيتتى. ئەمما ئۇلار بىر ئۇچرىشىپلا دوست بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ناھايىتى بىر يەردىن چىقاتتى.


1980-يىلى سېتۋى بالمېر ستانفورد سودا ئىنستىتۇتى (Stanford Business School) دا ئوقۇماقچى بولغاندا، بىل گېيتىس ئەمدىلا «تۇخۇم باستۇرغان» مىكروسوفتتا ئۇنى قايىل قىلىپ ئېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىكروسوفتنىڭ 30-خىزمەتچىسى بولدى.


سېتۋى بالمېر دەسلەپتە 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مائاش ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىكروسوفتنىڭ %7 پېيىنى كونترول قىلاتتى. 1981-يىلى مىكروسوفتنىڭ %8 پېيىنى كونترول قىلىدىغان بولدى.


1990-يىلى 34 ياشلىق سېتۋى بالمېر توي قىلدى. ئۇ ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقى بالىلىرى ۋە ئايالى بىلەن بىرگە بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ بەختلىك توي مۇراسىمىغا ئاللىبۇرۇن 23 يىل ۋاقت بولدى.


ئۇ 1998-يىلى مىكروسوفتنىڭ باش دېرىكتۇرلۇقىغا تەيىنلەندى. ئاساسلىق ۋەزىپىسى شىركەتنىڭ كۈندىلىك تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇش ئىدى. 2000- يىلى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO) بولدى. ئارقىدىنلا بىل گېيتىس ھەممە ھوقۇقنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.


بۇ 13 يىلدا مىكروسوفتنىڭ خىزمەتچىسىنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيدى. يىللىق كىرىمى تۆت ھەسسە، يىللىق پايدىسى 10 ھەسسە ئاشتى.


بۇ 13 يىلدا سېتۋى بالمېر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون (Smartphone)، تاختا كومپىيۇتېر (Tablet PC) نىڭ غايەت زور پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. iPhone ۋە iPad كە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا ئالقىشقا ئېرىشكەن مود مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرالمىدى. ئەمما ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسى (Desktop operating system) بازىرىدا ئىگىلىگەن %90 تىن ئارتۇق بازار ئۈلۈشىنى قولىدا مەھكەم تۇتۇپ كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇمۇ ئاسان ئىش ئەمەس!


2013-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مىكروسوفت باش ئىجرائىيە ئەمەلدار سېتۋى بالمېرنىڭ كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە دەم ئېلىشقا چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قارىغاندا، مىكروسوفت مۇدىرىيىتى (Microsoft board) قابىل باش ئىجرائىيە ئەمەلداردىن بىرنى تەييارلاپ بولغان بولسا كېرەك. خەير-خوش، سېتۋى بالمېر!







مەنزىل: گۈلشەن تورى

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 09:23:00

بۇ نۆۋەتلىك باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىم بولار؟ مىكروسوفىتنىڭ زور ئاۋىئاماتكىسى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلە

function يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 10:45:40

مىكروسوفت ئۇيغۇرچە يېزىققا بەك كېچىكىپ نەزەر سالغان بولسىمۇ، يەنىلا مەن ياقتۇرىدىغان شىركەت. ئەتراپىمدىكى بىرەرسىنىڭ ھازىرغىچە wp سىستېمىلىق يانفۇن ئىشلەكىنىنى كۆرمىدىم، بۇنىڭدىن مىكروسوفتنىڭ راستىنلا بەزى ساھەلەردە بازارنى ئاللىقاچان تارتقۇزۇپ قويغىنىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 14:11:42

مۇشۇ قېرى ئوغرى يوقالسا ياخشى بوپ كېتەمدىكىن. ئورنىنى ياشلارغا بەرمەي ياكى يېڭى مەھسۇلاتقا كۈچىمەي بولغىنى مۇشۇ شۇ. facebook,iPhone,Google دەك ياش ئىقتىساسلىقلارنى قەدىرلىگەن بولسىتى مۇنداق ئۈمىدسىزلەنمەس بولغىيتتۇق.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 16:16:00

ئەجەپ تىزلا ئورۇن بىكارلايدىغان بوپتىيا؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 17:14:50

ئەگەر بۇكىشىنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسا بۇرۇنلا ئورنۇمنى بوشۇتۇپ ئەركىن ئازادە تۇرمۇش كەچۇرگەن بولاتتىم

مىنىڭچە بۇ ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبىسى wn8 نى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى بولۇپ قالغۇدەك

چۇنكى ھازىر ئالما تىلفۇنىمۇ شۇنداق مىترو يۇزلۇككە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 20:36:48

كۆزنەك يەتتىدىن باشلاپ ئىزدەش ئىقتىدارىنىڭ مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىلىشىدە ئاچچىقىم بار بۇ ئوغرىغا ، كۆزنەك ش پ دە تېمىدىن ۋە مەزمۇندىن ئىزدەش بەك قولايلىقتى ...
بەت: [1]
: مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ كەسپى ھاياتىغا نەزەر