ئۈچ قىزسىتۇدىنىتقا پۇل كېمىدى (بىر سوم پىلانى )
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك بۇرادەرلەر ،2006-يىلى 4-مارت كۈنى باشلانغان بىر سوم پىلانىنى بىلگەن ،چۈشەنگەن ھەم 7يىلدىن بېرى قاتنىشىپ ئىقتىسادى ياردەملىرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان ئىزدىنىش تورداشلىرى ۋە باشقا تور ۋەھاكازالاردىكى بارلىق تۇغقانلارغا بىر سوم پىلانىدىن بىلدۈرگۈ :
شۇنداق قىلىپ بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىمۇ باشلىنىپ قالدى ،بىر سوم پىلانى نامىدا تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا ،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ياردەم پۇلى ھېچ گەپ ئەمەس ،مەسلە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار بولۇپ قالدى .بىز ياردەم بېرىۋاتقان سىتۇدىنىت قىز 4نەپەر بولۇپ بىرى ئۈرۈمچىدە ،بىرى شىئەندە ،ئىككىسى سىچۈەندە ئىدى .
روزى ھېيىتتىن جەريانىدا يېنىمدىكى بالىلاردىن يىغىلغان پۇلدىن 4000 سومدىن ئارتۇق پۇلنى توردىكى مۇراجەتنامىلەر ،بورتالادىكى قىيىنچىلىقتا قالغانلار ،سىچۈندە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا تارقاتتۇق ،ھازىر مەندە 4000 سوم پۇل بار ، بىز ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ ، شىئەندە ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش پۇلىغا پۇل لازىم .(سىچۈەندە ئوقۇۋاتقان قىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا ھەر ئايلىقى ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز سىچۈەندىكى بۇ ئىككى قىزغا ئادەتتە بورتالادا سۈننەت تويلاردا چۈشكەن پۇللارنى ئەۋەتىپ بېرىۋاتىمىز )،ئۇندىن سىرىت توردىشىمىز باپكار ئارقىلىق ئاقتۇ ناھىيىسىدكى بىر قىزنىڭ مۇراجىتىدىن خەۋەدار بولدۇم.ھازىر ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك قىز سىتۇدىنىت 4 نەپەر بولدى .
گەپنىڭ خۇلاسىسىنى دېسەم، ھازىرقى 4000 سوم پۇلغا يەنە 7000-8000غىچە پۇل لازىم ،ياردەم بېرىشنى خالايدىغان بۇرادەرلەر ئاتىغان پۇللىرىڭلارنىڭ نەق جايىغا چوقۇم بارىدىغىنىغا ئىشەنىچ قىلىپ يادەمدە بولۇشىنى سورايمەن ،باشقا تورداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاقە دائىرسىدە بۇ ئۇچۇرلارنى قۇدىرىتى بار يار-بۇرادەرلىرىگە دەپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،مۇمكىن بولسا بىر چاي بىر گۇرۇپپا بولۇپ بىردىن قىزنڭ ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى "كۆتۈرىگە "ئېلىۋىلىشىڭلارنى تېخىمۇ ،تېخىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن .
بىزنىڭ سىڭىللىرىمىز ،ئوقۇشقا ئىشتىياقى بار ،تىرىشچان سىڭىللىرىمىز ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى بويۇن سىقىپ قالغانلىرىدا بىز ئەركەكلەرنىڭ سورۇن سورۇنلاردا ،كىيگەن ماركىلىق كىيىملىرىمىز ،ئىچىۋاتقان چەتئەل ھاراقلىرىمىز ،چېكىۋاتقان نوچى تاماكىلىرىمىز ،ئولتۇرىۋاتقان ئېسىل ماشىنىلىرىمىز بىلەن بەسلىشىپ ئولتۇرۇپ ،مەسچىلىكتە ئاھ مىللىتىم ،ئاھ خەلقىم دەپ سۆزلەپ كېتىشلىرىمىز ،قۇرۇق قۇرۇق قۇرۇق قايناشلىرىمىز بىزنى ئوتقا باشلىغۇچى ئوتقا !
ئاللاھ ،ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ،بۇ قىزلار بىزگە موھتاج !قېرىنداشلىرىم ،بىزگە موھتاج ،
سىز ۋە مېنىڭ ياردىمىمدە 5يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتلىرىنى تامام قىلغان سىڭىللىرىمىزدىن ئىككىسىنىڭ خىزمەتكە چىقىپ بىر سوم پىلانىغا ياردەمدە بولۇۋاتقانلىرى رىئاللىقتۇر قېرىنداشلىرىم ،ئاللاھ خالىسا سىز ۋە مېنىڭ ياردىمىمدە مانا مۇشۇ قىزلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تۈگىتىپ سېپىمىزگە قابىللاردىن بولۇپ قېتىلغۇسى .......
تەپسىلاتنى بىلمەكچى بولغانلار تېل قىلارسىلەر :
بىر سوم پىلانىغا مەسئۇل ۋاپادارىم 912
بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ ئىشچىسى ئەيساجان نىزامىدىن ،
يانفوندا 13565777257
ئۈندىداردا 365199404 نى ئىزلىسىڭىز بولىدۇ .
ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى قىز ھەققىدە باپكار ئەپەندىنىڭ قوشۇمچە قىلىشلىرىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،سىز ئەۋەتكن رەسىملەرنى بۇ يەرگە چىقارمىدىم ... ماۋۇ تىمىنى ئەلالايلى باللا، جىقراق باللار كۆرسۈن.2% قىسمىنى مەن ئۈستۈمگە ئالاي، قالغاننى بىر ئىككى خانىلىقتىن ئۆلۈشىۋالارسىلەر بۇرادەرلەر...ئاڭلىشىمچە كۈزدە قىلغان ياخشىلىق بۇغدايغا ئوخشاش بىرى مىڭ بۇلۇپ ھۇسۇل بىرەرمىش...


گەرچە بىز بىلگەن بىلەن يىڭىدىن كىرگەنلەر تاپالماي قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىككى قېتىم پۇل سالدىم، ئىككىلا قېتىمدا پۇل قايتىپ كەلدى

9559982980538213019
يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسى ؛بىر سوم پىلانى مەخسۇس ھېسابات كارتىسى
艾沙江尼扎木丁
يانفون ئالىپاي ئارقىلىق ھەر قانداق بانكا كارتىسىدىن يىزا ئىگىلىك بانكىسىغا بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ. ھىچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئىلىنمايدۇ، قارشى تەرەپكە ئىككى سائەتكە قالماي يىتىپ بارىدۇ.
10- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يانفون ئالىپاي ئارقىلىق ھەر قانداق بانكا كارتىسىدىن يىزا ئىگىلىك بانكىسىغا بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ. ھىچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئىلىنمايدۇ، قارشى تەرەپكە ئىككى سائەتكە قالماي يىتىپ بارىدۇ.![]()
ھېلىقى چېكىتنى يانفۇندا قانداق كىرگۈزىمىز؟ قېرىنداشلار!دوست -يارەنلەرگە تەۋسىيە قىلىپ قويايلى،قىزلار بويۇن قىسىپ قالمىسۇن. چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت كۆك كەپتەر
11- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يانفون ئالىپاي ئارقىلىق ھەر قانداق بانكا كارتىسىدىن يىزا ئىگىلىك بانكىسىغا بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ. ھىچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئىلىنمايدۇ، قارشى تەرەپكە ئىككى سائەتكە قالماي يىتىپ بارىدۇ.![]()
ھېلىقى چېكىتنى يانفۇندا قانداق كىرگۈزىمىز؟
ئۇ چىكىتنى يانفوندىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ. يانفوندىكى بەيدۇ، سوگو قاتارلىق كىرگۈزگۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. لىكىن ئايفوننىڭ كىرگۈزگۈچىسىدىكى ئەمەس.
مەن ئادەتتە كومپيۇتېردا پۇل يۆتكەشنى ئىلتىماس قىلۋىلىپ، ئاندىن يانفوندا پۇل تۆلەيمەن. (كومپيۇتېردا بىۋاستە تۆلىسە رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ.) چوقۇم يانفوندا قىلىشقا توغرا كىلىپ قالسا، تۈرمىدىن قاچمىغان ئايفوندىكى 搜狗输入板 دە ئىسىمنى ۋە چىكىتنى يىزىۋىلىپ، ئاندىن ئالىپايغا چاپلاپ يۆتكەيمەن.
ۋاپادارىمنىڭ ئاۋۇ كارتىسىدا چىكىت يوق ئىكەن، شۇڭا تورداشلار ھىچقانداق ئاۋارىچىلىقسىزلا ئالىپايدا بانكا ئاتلاپ پۇل يۆتكىيەلەيدۇ.
مەن چىكىتىنى قۇشۇپ يۆتكەپتىكەنمەن، قايتىپ كەلدى، ھازىر يەنە سىناۋاتىمەن چىكىتنى قوشماي مەنمۇ ئازراق ئۈلۈشۈمنى ئېلىۋالاي تۆنۈگۈن ھەر قايسى جايلاردىن نۇرغۇن تورداشلار تېلىفون قىلىپ ،ئۈندىداردا قوللايدىغانلىقلىرىنى ،بۇ ئىشتىن بەكمۇ مەمنۇن بولغانلىقلىرىنى دېيىشتى ،ھەممىڭلارغا كۆپ كۆپ رەھمەتلەر ....تۆنۈگۈن كىرگەن پۇللار :
1500 سوم
500 سوم
600 سوم
100 سوم
20 سوم
200 سوم
50 سوم
ئۈرۈمچىدىن يەنە بىر قېرىندىشىمىز ئۈرۈمچىدىكى قىزنىڭ 4000 سوم ياكى قولىدىن كېلىشىچە چىقىمىنى ئۆزى بېرىشنى خالايدىغانلىقنى دېدى ،ئۇ پات ئارىدا گۇدلاك بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بىللە بارىدىغان بولدى ..ئۇ قېرىندىشىمىزغا رەھمەت .
تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن قاسىمجان رىشىت سەھرالىخ ئاكىمىز بىلەن بىللە بورتالادىكى شىئەندە ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنىت قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ 2100 سوم پۇل بېرىپ كەلدىم (بۇ پۇل ئاۋۋال يىغىلغان پۇل ئىدى )
مۇمكىن بولسا مۇتەللىپ ئىسىملىك بۇرادىرىمىز سىچۈەندىكى قىزلارنىڭ ئەھۋالىدىن بىر خەۋەر بەرسە .......
رەھمەت . ۋېيبوغا چىقىرىپ قويۇڭلار. ياكى خەنزۇچە يېزىپ رەسىم ھالەتتە بىرىڭلار مەن تارقىتىپ قوياي.
15- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن چىكىتىنى قۇشۇپ يۆتكەپتىكەنمەن، قايتىپ كەلدى، ھازىر يەنە سىناۋاتىمەن چىكىتنى قوشماي
چېكىتنىڭ گېپىنى قىلماڭلا، ئەيساجاننىڭ ئىسمىدا قەتئىي چېكىت يوقكەن. چېكىت قويىمەن دەپ بىر مۇنچە ئاۋارە بوپتىمەن.