تەشۋىقات بۆلۈمدىن توربىكىتىمنى سوراپ تىلىفۇن قىلىپتۇ؟
مەن 2 يىل بۇرۇن بىر بىلوگ قۇرغان بولۇپ ، بۇ بىلوگنىڭ icp نومۇرىنى باشقىلار ئىلىپ بەرگەن ، لىكىن ئىسىم ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئىدى ، تۈنۈگۈن بىر ئۇيغۇر ئادەم تىلىفۇن قىپتۇ ئۆزىنى ناھىلىك تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ كادىرى دەيدۇ )宣传部( سىنىڭ بىز توربىكىتىنىڭ باركەن دەپ ئىسىمنى دەپ بەردى تىخى . سەن مۇشۇ توربىكىتىڭنى ئەنگە ئالدۇرغانمۇ دەپ سۈرلۈك گەپ سورىدى ، مەن قورقۇپ قىلىپ (ئۆزۈم بىر خىزمەتچى ئادەم بولغاچقا ، ئىش ئورنۇمغا ئىزدەپ كەپ قالسا چاتاق چىقمىسۇن دەپ قورقۇپ قالدىم )ۋاي مەن بۇ توربىكىتىمنى بىر يىلنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا سىتىۋەتكەن ، ھازىر قولۇمدا ئەمەس دەپ تىلىفۇننى قويۋەتتىم .
ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم مۇنبەردىكى باشقا بىكەت باشلىقلىرىغىمۇ تەشۋىقات بۆلۈمدىن تىلىفۇن قىلدىمۇ ؟
«ھازىر قولۇمدا ئەمەس» دېگەندىكىن ئۇ كىشى شۇ ئىشنى باشقۇرۇدىغان ئادەم بولسا رويىخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. خىزمەتچى ئادەم.... قورقۇپ...مۇشۇمۇ گەپما ئەمدى. خىزمەتچى قورقۇپ باشقا ئادەم قورقمامدا؟ بىلوگقا قورققۇدەك نەرسىلەرنى يوللىغانما؟
icp بىجىرگەندىكىن راست شۇ ئادەمنىڭمۇ ئەمەسمۇ دەپ تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈردىغان ئىش بار. ماڭىمۇ كەلگەن ئۇنداق تېلېفون. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەپ بەرگەن. سىزگە تېلېفون قىلغاندا ئۇلانمىسا، ياكى مەن ئەمەس دېسە icp نى توختىتىۋېتىدۇ. ماڭا ناھىيلىك ئەمەس ۋىلايەتلىك ئىدارىدىن كەلگەن. چوڭ ئىش يوق توۋا ،نېمە بوپ كەتكەن ما ئادەملەر،تور بېكىتىڭىزئارقىلىق بىرەر قانونغا خىلاپ ئىش-ھەركەت،گەپ سۆزلەر بىلەن شۇغۇللانمىغان بولغىتىڭىز،مېنىڭچىمۇ شۇغۇللانمىغاندەك،بولمىسا تېلفون قىلىپ ئولتۇرماي،ئۇدۇللا ئالغىلى ئالدىڭىزغا ماشىنا ئەۋەتەتتى. بار گەپنى دەپ جاۋاپ قايتۇرسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ ماڭا ناھىيىىلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانسى دىدىمۇ ياكى ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانسى دىبىدىمۇ بىر ئىشخانىدىن دەپ بىر ئايال تېلفۇن قىپتىكەن .سىزنىڭ بىر تور بېتىڭىز باركەن ئىجازەت نامە بېجىرگەنمۇ دەپ،بېجىرگەن بولسىڭىز ئىجازەت نۇمۇرىنى دەپ بېرىڭ دىدى دەپ بەردىم ھە توغرا ئىكەن ئاۋارە قىلغىنىمىزنى كەچۈرۈڭ دىدى شۇ ،باشقا ئىش يوققۇ .ئەگەر راسلا باشقا ئىش بولغان بولسا بۇچاققا بلوگ مۇ توختاپ بولاتتى ياكى مېنىمۇ ئۆزلىرى كېلىپ ئىزدەيتى ماڭا س س م ب ئىدارىسىدىن تېلېفۇن بېرىپتىكەن. كىشى قورققىدەك ئەمەسقۇ، ھازىرقى ئەھۋالىنى سورايدىكەن. ناۋادا ئاپتۇنۇمدىن تېلفۇن قىلغان بولسا خوتۇن باللىنى ئېلىپ ، ئۇرۇن كۆرپىنى بوغچىلاپ چىگىپ تاغقا چىقىپ غاردا ياشاپ قالىدىكەنسىلەردە بىرەر يىل . {:92:} شۇنى دەيمىنا!! بۇرادەر، سىز قانۇنغا خىلاپ بىرەر مەزمۇننى يوللىغانمۇ تورغا؟ ياكى بىرەر قانۇنسىز تەشكىلات بىلەن ئالاقە قىلغابنمۇ ؟ دۆلەتكە قارشى چىققانمۇ ؟!
قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىسا نېمىدىگە بۇنچە خۇدىكسىرەيسىز؟ توۋا دەيمەن بەزى خەقلەرنى.....
خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنلا بولسىڭزى مەيدىڭىزنى كېرىپ ياشاڭە بىر! يا ئاللا....
پىنھان قېرىنداش دېگگندەكلا ئىش قىلامسىز نېمە سىز؟!!!
ناۋادا خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن تېلفۇن قىلغان بولسا خوتۇن باللىنى ئېلىپ ، ئۇرۇن كۆرپىنى بوغچىلاپ چىگىپ تاغقا چىقىپ غاردا ياشاپ قالىدىكەنسىلەردە بىرەر يىل . بەلكىم ئاۋۇ تېلىفۇن قىلغان گۇينىڭ ئاۋازى سۈرلۈك بولسا ھودۇقۇپ كەتتىمىكىن.
ھەممىمىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئىنكاس تەھرىرلەندى ... توغرا چۈشەنگەيسىلەر ...
ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىسى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى ئۇلار ئۈچۈن ئىسراپ قىلمىغايسىزلەر ...
لىدىن كەتمە، خاندىن قورقما، نېمانچە يۈرەكئالدىلىق بۇ..!! ئاۋۇ سازخۇمار يوللىغان توربەتكە كىرىپ بىقىڭلا دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر باردەپ ياقا چىشلەيسىلەر چاتاق يوق ،چاتاق بولسا سىزنى ئالغىلى كېلەتتى ...... {:92:} پاھ پاھ پاھ...ئاۋۇ سازخۇمار يوللىغان دوپپا تورى نىمدا بەلەن ، 4- دوختۇرخانىنىڭ ئورگان تورىكەن ، يۇمۇر دىگەن بەك جىق ، زىرىككەندە بىر ئايلىنىپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك ، ئىزدىنىشنىڭ ئۇبۇرنىسى قىلىشقا بەك باپ جايكەن بۇ {:92:}
تەھرىرلەندى.