mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 10:59:35

ئەھمەت داۋۇتئوغلى:سۉرىيەگە قاتتىق قول بولىدىغان پەيت كەلدى[تەرجىمە]




   سۈرىيە ۋە مىسىردىكى يۈزلىنىشلەردىن ئېچىنغانلىقىنى سۆزلىگەن داۋۇت
ئوغلى تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلمايدىغانلىقىنى ،بۇ ئىككى دۆلەتتىن پەرىقلىق
ھالدا تۈركىيەدە كۈچلۈك بىر دېموكراتىيە ئەنئەنىسنىڭ بارلىقىنى سۆزلىدى .داۋۇتئوغلى
يېقىندا تۈركىيەدە يۈزبەرگەن نامايىشلار ھەققىدە توختىلىپ مۇھىت تېملىرىدا
نامايىشلارنىڭ بولىشىنىڭ دېموكراتىيەنىڭ نامايەندىسى ئىكەەنلىگىنى سۆزلىدى
.


داۋۇت
ئوغلى سۈرىيە ھەققىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن قاتتىق  كۈچلۈك  چىقىشى كېرەك دېدى
.


ب د ت دىن بۇنداق بىر
قارار چىقمىسا بۇنىڭغا قانداق قىلىش كېرەك دېگەن سوئالغا داۋۇتئوغلى مۇنداق جاۋاپ
بەردى:


   بوسىنىيەدە مۇشۇنىڭغا
ئوخشاش ۋەقەلەرنى كۆردۇق .ب د ت
:خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئېرقى يوقىتىشقا
قارشىلىق بىلدۈرمىدى .ئارقىدىنلا بىر كېچىدە سەككىز مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى .شۇ چاغدا
بۇنىڭغا قارشى ھەركەتكە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلغان دۆلەتلەر خالىغان دۆلەتلەر
ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى ۋە بىرلىكتە ھەركەتكە ئۆتتى .ھازىر خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە
ھەققىدە قاتتىق قارار چىقىرىشى كېرەك .كېڭەش بۇنداق قىلمىسا بىز خالىغان دۆلەتلەر
بىلەن بىرلىكتە ھەركەتكە ئۆتىشىمىز كېرەك .


داۋۇتئوغلى بۇ ئىتتىپاقنىڭ قايسى دۆلەتلەردىن شەكىللىنىشى مۇمكىنلىگى
ھەققىدە ئوچۇق ئىسمىنى ئاتىماي :خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەر
،پەقەت ئەسەد ھۆكىمىتىگىلا ئەمەس كەلگۈسىدە مۇشۇنداق جىنايەت ئىشلەش نىيىتى بولغان
دۆلەتلەرگە مۇستەھكەم مەيدانىنى بىلدۈرۈشنى خالايدىغان دۆلەتلەر –دېدى .





خەۋەر مەنبەسى:تۈركىيە خەۋەرلەر تورىhttp://www.haberler.com/ahmet-davutoglu-turkiye-misir-a-benzemez-4973199-haberi/


Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 13:05:59


mustapaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل


پەقەت ئەسەد ھۆكىمىتىگىلا ئەمەس كەلگۈسىدە مۇشۇنداق جىنايەت ئىشلەش نىيىتى بولغان دۆلەتلەرگە مۇستەھكەم مەيدانىنى بىلدۈرۈشنى خالايدىغان دۆلەتلەر –دېدى .



\"\"

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 16:51:21

ئەھمەت داۋۇتئوغلى يۇقارقى سۆزلەرنى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆزلىگەن .

Porsche يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:02:11

داۋۇتكامنىڭ ئوغلى ئەخمەتجان مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا تالىبانلارنىڭ تەسەۋۇرىنى ئويلىغانمىدۇ ...

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:04:28

3- قەۋەتتىكى Porscheنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داۋۇتكامنىڭ ئوغلى ئەخمەتجان مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا تالىبانلارنىڭ تەسەۋۇرىنى ئويلىغانمىدۇ ...

     تالىبانلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن داۋۇتكامنىڭ نىمە كارى .تالىبانلار داۋۇتكام بىلەن ئايدىڭدا قېتىق ئىچىپتىكەنمۇ يا ؟!


   ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا ئىراننىڭ يېڭى رەئىس جۇمھۇرى روھانى سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ئىشتىلىپ خەلق قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى .

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:02:06

ھەجەپ ياخشى گەپ قىپتۇ. دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا ھەممىدىن بەك كۈيۈنىدىغان دۆلەت مۇشۇ.

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:04:04

سىي سىي دېگەن گۇي مۇبارەكنى22-چىسىلا قويۇپ بېرىمىز دەۋاتاتتى قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر يوققۇ؟

italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:05:22

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:05:33

تۈركىيەگە ئامېركا ۋە باشقىلاردىن شەپە كەلگەن بولىشى مۈمكىن.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:10:29

6- قەۋەتتىكى Uyghur0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىي سىي دېگەن گۇي مۇبارەكنى22-چىسىلا قويۇپ بېرىمىز دەۋاتاتتى قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر يوققۇ؟

\"پىرئون قايتىپ كەلدى\"دېگەن خەۋەر تېخى بارماپتۇ دە سىلەر تەرەپكە.

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:12:13

ئەخمەتجان ئاكام بىلەن ئەردۇغان دادام  ۋە باشقا مىنىستىرلار باشلىقلار ساۋاپ ئىشلارنى كۆپ قىلىۋاتىدۇبەزى يەرلەردە كاپىرلار مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە قىرىپ بوزەك قىلىۋاتسا مۇسۇلمان ئەرەپ دۆلەتلىرى غىڭ-پىڭ قىلمىدى تۈركىيە بولسا مۇسۇلمانلارغا ۋە تۈرك مىللەتلىرىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.تۈركىيە دۆلىتى ۋە ئەردۇغان ھۆكۈمىتىنىڭ   ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن

Uyghur0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:14:20

9- قەۋەتتىكى bolturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى Uyghur0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىي سىي دېگەن گۇي مۇبارەكنى22-چىسىلا قويۇپ بېرىمىز دەۋاتاتتى قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر يوققۇ؟

\"پىرئون قايتىپ كەلدى\"دېگەن خەۋەر تېخى بارماپتۇ دە سىلەر تەرەپكە.


‏‏ئەمسە ئۇرۇش تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كېتەرمۇ؟

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:14:39

10- قەۋەتتىكى Uyghur0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەخمەتجان ئاكام بىلەن ئەردۇغان دادام ۋە باشقا مىنىستىرلار باشلىقلار ساۋاپ ئىشلارنى كۆپ قىلىۋاتىدۇبەزى يەرلەردە كاپىرلار مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە قىرىپ بوزەك قىلىۋاتسا مۇسۇلمان ئەرەپ دۆلەتلىرى غىڭ-پىڭ قىلمىدى تۈركىيە بولسا مۇسۇلمانلارغا ۋە تۈرك مىللەتلىرىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.تۈركىيە دۆلىتى ۋە ئەردۇغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بېرىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن

\"دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا\"، قېرىنداشلىق يەتتىنچى ئورۇندا.

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:19:16

11- قەۋەتتىكى Uyghur0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى bolturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى Uyghur0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىي سىي دېگەن گۇي مۇبارەكنى22-چىسىلا قويۇپ بېرىمىز دەۋاتاتتى قانداق بولغاندۇ؟ خەۋەر يوققۇ؟

\"پىرئون قايتىپ كەلدى\"دېگەن خەۋەر تېخى بارماپتۇ دە سىلەر تەرەپكە.


‏‏ئەمسە ئۇرۇش تېخىمۇ كۈچۈيۈپ كېتەرمۇ؟



مەن ئەرەپلەر ۋە ئەرەپلەرنىڭ ئەھۋالاتىنى ئىز قوغلاپ تىڭتىڭلىمايمەن، قىزىقىدىغېنىم  مەھەللەمنىڭ ھال-ئەھۋالى، لېكىن  ئۇنى\" ئوت ئۈستىگە ياغ چاچ \"دەپ

،قويىۋەتتى دەپ ئويلىمايمەن،


mustapa يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 19:21:38

7- قەۋەتتىكى italianoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ خەۋەرنى روھانى دىيىشتىن ئىلگىرى باشقا خەۋەر نۇقتىلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ بولدۇق .

شالىن دىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك گاز ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەلىك قورالنى بۇرۇن ئىراقمۇ ئىشلىتىپتىكەن .

شالىن ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىكىسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئورۇن يەنىلا ئامىرىكا ئىكەن .



بۇ شالىن گازى سۈرىيەەە قانداق قىلىپ كېلىپ قالدى ، سۈرىيەلىكەلردە شالىن گازى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مەۋجۇتمۇ .

شالىن گازى قانداق قىلىپ سىنارەدلەرگە سەپلەندى ، بۇ تېخنىكا سۈرىيەدە بارمۇ ياكى ئامىرىكا شالىن سەپلەنگەن ئوق باشلىرى بىلەن تەمىنلىدىمۇ ؟



قاتىل زادى كىم ؟

بەشىرمۇ ياكى شالىننى سۈرىيەدە سىناق قىلغۇچى يېڭى ئىرادىكى 731 ئارمىيەسىمۇ ؟



   ئۇنى ئەسەد قىلغان دېگەن خەۋەر چىققىلى نەچچە كۈن بولغان .بىراق ئىران رەئىس جۇمھۇرى ئۆكتىچىلەر قىلغان دەپتۇمىش .  


italiano يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 20:52:17

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 21:05:22

ھەي ... بۇ مەزھەپلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشمىسا ، مانا موشۇنداق بىھۇدە قان تۆكۈلۈشلەر مەڭگۈ ئاياغلاشمايدۇ .ئىران دىگەن مۇتھەم دۆلەتنىڭ سۇنئىي مەزھەپكە قارشى رەھبەرلىرىنى يوقىتىش _ ئىسرائىلىيەنى يوقىتىشتىنىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن .تۆۋەندىكى خەۋەرگە نەزەر سېلىڭلا :



http://bbs.alkin.cn/read.php?tid=15630

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 23:00:15

سۈرىيەدىكى خېمىيلىك قۇرال پاجىئەسىنى مەيلى ھۆكۈمەت ئارميىسى ئېلىپ بارغان بولسۇن مەيلى ئۆكتىچىلەر ئېلىپ بارغان بولسۇن ۋە ياكى سۈرىيەدىكى قەتلئامدىن كۈلۋاتقان سىرتقى كۈچلەر قىلغان بولسۇن، ئاشۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتنى سادىر قىلغانلار دۇنيادا بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتگە ئۇچۇرايدۇ، ئاللاھدىن ئاشۇ ئىپلاسلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ ۋەيلون بۇلۇشىنى تىلەيمەن!

polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 11:34:01

دانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23- ئاۋغۇست دانىيە ھېلسىنگېر ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيىسى جۇڭگوغا قارشى سۆز قىلغان تۈركىيە ئەۋلادىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى بۇففېت.ئارراننى پارتىيەدىن چىقىرىلدى . 8-ئاينىڭ بېشىدا، ئارران مۇنداق دېدى: \" جۇڭگونىڭ تىمپىراتۇرىسىنىڭ 140 سىلسىيە گرادۇسقا چىقىپ، بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆيۈپ كەتسە دۇنيا ئەخلىتى يوقىغان بولاتتى \" دىگەن . ئۇ يەنە بىر تاراتقۇغا \" ئەگەر ئالدىمغا بىر جۇڭگولۇق ئۇچراپ قالسا، مىلتىقتىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئېتىپ تاشلايمەن\" دېگەن.



پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ بېسىم قىلىشى ئاستىدا ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: \" مەن پارتىيەدىن قوغلىنىش، دانىيەدىن قوغلىنىش ھەتتاكى ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىنشتىن قورقمايمەن . مەن سىياسەتكىمۇ پىسەنت قىلمايمەن، ئۆزۈمنىڭ قىلغان سۆزىگە ئۆزۈم مەسئۇل بولىمەن\" . ئەڭ ئاخىرىدا بۇففېت.ئارران زور بىسىم ئاستىدا قىلغان سۆزىدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزىنىڭ ئەخمىقانىلىك بىلەن قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، چىشىغا تەگكەن بارلىق جۇڭگولۇقلاردىن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما ئىجتىمائىي دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇرۇن ئىستىپا بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، 23- ئاۋغۇست ئىشتىن بوشىتىلدى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 11:45:24

پارلامېنت ئەزاسى بۇففېت.ئارراننىڭ نىمە دىگىنى بۇ   {:107:}
بەت: [1] 2 3
: ئەھمەت داۋۇتئوغلى:سۉرىيەگە قاتتىق قول بولىدىغان پەيت كەلدى[تەرجىمە]