NASA كەپلېر تېلېسكوپىنى رېمونت قىلىشنى توختاتتى
NASA كەپلېر تېلېسكوپىنى رېمونت قىلىشنى توختاتتى
بىلىمخۇمار
مەن يېقىندا ناسا نىڭ تاشقىي پىلانېتىلارنى تەپىشقا ئىشلىتىدىغان ئالەم تېلېسكوپى «كەپلېر» توغرۇلۇق تۆۋەندىكى يازمىنى تەييارلىغان ئىدىم:
NASA: تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى
http://bbs.misranim.com/thread-106076-1-1.html
(ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى تېمىنى تېخى ئوقۇمىغان بولسىڭىز، سىزگە ئالدى بىلەن ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇۋېتىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن). بۇ تېلېسكوپتا ئۇنى يۇلتۇزلارغا توغۇرلاشقا ئىشلىتىلىدىغان 4 دانە چاق بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى 2012-يىلى 7-ئايدا بۇزۇلۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە بىرسى 2013-يىلى 5-ئايدا ئىشلەشتىن توختاپ قالدى. كەپلېرنى تەكشۈرمەكچى بولغان يۇلتۇزغا توغۇرلاش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا بۇ چاقلارنىڭ كەم دېگەندە ئۈچى ئىشلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ناسا كەپلېرنى قۇتقۇزىۋېلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئۇنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ رېمونت قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ 3 ئاي ئىچىدە بۇ ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ناسا كەپلېرنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ قويۇشنى قارار قىلدى. ھازىر ناسا دۇنيادىكى بۇ تەتقىقات تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنى «ئىككى پۇتلۇق كەپلېر بىلەن قايسى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىغا تەكلىپ بېرىشكە چاقىرىۋاتىدۇ.
كەپلېر ھازىرغىچە 135 دانە تاشقىي پىلانېتىلارنى رەسمىي بايقىغان بولۇپ، تاشقىي پىلانېتا كاندىداتلىرىدىنمۇ 3،548 دانىسىنى تۇرغۇزۇپ بولدى. ئۇ نورمال ئىشلىگەن ۋاقىتتا يەر يۈزىگە ئىنتايىن زور مىقتاردىكى ئۇچۇرلارنى ماڭدۇرىۋەتكەن بولۇپ، ھازىر مۇتەخەسسىسلەر ئاشۇ ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تاشقىي پىلانېتىلارنى بايقاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يۇقىرىدىكى سانلار بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ئۆزلۇكسىز چوڭىيىپ مېڭىشى مۇمكىن.
كەپلېر 2009-يىلى 3-مارتتا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئوربىتىسى ۋە قۇياشنى ئايلىنىش تېزلىكى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەينىكىنىڭ دىيامېتىرى 1.4 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى 1039 كىلوگرام كېلىدۇ.
بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە 2 تېما:
ناسا ئانا يۇلتۇزى ئالدىدىن ئوتۈۋاتقان بىر تاشقىي پىلانېتىنى رەسىمگە تارتتى http://bbs.misranim.com/thread-109348-1-1.html
NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html
1-رەسىم: كەپلېرنىڭ رەسىمى
http://www.trbimg.com/img-51940b9a/turbine/la-sci-sn-nasa-Keplér-téléscope-poem-20130515-001/600
2-رەسىم: كەپلېرنىڭ ئوربىتىسى
http://Keplér.nasa.gov/images/KeplérOrbit-full.jpg
3-رەسىم: كەپلېرنىڭ ئىزدەش دائىرىسى
http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/thumb/b/be/LombergA1024.jpg/794px-LombergA1024.jpg
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
NASA ends work to restore pilanét hunter Kepler to full function
http://www.latimes.com/science/la-sci-sn-Keplér-recovery-over-20130815,0,761221.story
Kepler (spacecraft)
http://en.wikipedia.org/wiki/Keplér_(spacecraft)
كەپلېر بايقىغان ئەڭ دەسلەپكى 5 پىلانېتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلىپتۇ.
Earth = يەر شارى
Jupiter = يۇپىتېر
600 مىليۇن دوللار زىيان بۇلاپتۇ_دە بۇ ئاز پۇل بولمىسا
بۇنىڭدا ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان سايمىنىنى ياسىغان ئىنجىنىرلارغا مەسئۇلىيەت كىلەرمۇ؟ تۆت يىللىق مۇددىتى توشقان ئىكەن، ئىنژىنىرلارغا ھىچقانداق مەسئۇلىيەت كەلمەس ھەقىچان.
بۇ تىلىسكوپنىڭ يىنىغا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىرىپ رىمونىت قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ {:136:}
2- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
600 مىليۇن دوللار زىيان بۇلاپتۇ_دە بۇ ئاز پۇل بولمىسا
بۇنىڭدا ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان سايمىنىنى ياسىغان ئىنجىنىرلارغا مەسئۇلىيەت كىلەرمۇ؟
كەپلېر تېخى ئىشتىن پۈتۈنلەي توختاپ قالمىدى. ئەسلىدىكى پىلان ئۇنى 2016-يىلىغىچە ماڭدۇرۇش. خابۇل (Hubble Spake Teleskope, HST) نى بىر قېتىم رېمونت قىلىشقا ئىككى مىليارد دوللار پۇل كېتىپتىكەن. كەپلېرنىڭ خابۇلدەك قىممىتى يوق. شۇڭا ناسا ئۇنى ئادەم چىقىرىپ رېمونت قىلماسلىقى مۇمكىن.
مېنىڭچە ھىچقانداق ئۈسكىنىسىز ھالدا كۆز بىلەنلا كۆرگىلى بولىشى ناتايىن. كەپلېر تېلېسكوپى ئالەم بوشلۇقىدا قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ، يەر شارىنى ئايلىنامدۇ ياكى قۇياشنىمۇ؟ باللا بىلىدىغىنىڭلا بولسا دەپ بىرىڭلا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ راسلا سەدىچىن سىپىلىنى كۆرگىلى بولامدۇ
مەنچىغۇ كۆپكۆك دىڭىزدىن باشقىنى كۆرگىلى بولماسمىكىن دەيمەن
10- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كەپلېر تېلېسكوپى ئالەم بوشلۇقىدا قانداق ھەرىكەت قىلىدۇ، يەر شارىنى ئايلىنامدۇ ياكى قۇياشنىمۇ؟
9- قەۋەتتىكى فىلىمنى كۆرۈڭ ، يەر شارى ئوربىتىسىدا يەر شارىنى قوغلاپ يۈرۈپ ھەركەت قىلىدىكەن. سەددىچىن جۇڭگۇنڭ بولغاندىكىن كۆرگىلى بولامىكى
11- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باللا بىلىدىغىنىڭلا بولسا دەپ بىرىڭلا ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ راسلا سەدىچىن سىپىلىنى كۆرگىلى بولامدۇ
مەنچىغۇ كۆپكۆك دىڭىزدىن باشقىنى كۆرگىلى بولماسمىكىن دەيمەن
ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇسى شۇ چاغدا نەشە چەككەن بۇلۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئالەم ئۇچقۇچىسى نەشە چەكمىگەن بولسا مۇشۇ گەپنى تېپىپ بىز ئوقۇۋاتقان دەرسلىككە كىرگۈزگەن دۆلىتىمىز مۇتەخەسىسى چەككەن بۇلۇشى مۇمكىن. مۇتەخەسىسلەر خالىسا ئايدا تۇرۇپ يېڭىساردىكى كوڭزىنىڭ ھەيكىلىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
2- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
600 مىليۇن دوللار زىيان بۇلاپتۇ_دە بۇ ئاز پۇل بولمىسا
بۇنىڭدا ئۇنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان سايمىنىنى ياسىغان ئىنجىنىرلارغا مەسئۇلىيەت كىلەرمۇ؟
چاۋشىيەندە بولغان بولسا يەتمىش پۇشتىغىچە قىرىلىپ كېتەرمىكىن تاڭ
خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش بويىچە يەر يۈزىدىن 100 كېلومىتىر ئىگىزلىك ئالەم بوشلىقىغا تەۋە، ئالەم بوشلىقىدا تۇرۇپ سەددىچىننى كۆرگىلى بولامدۇ؟
گوگۇل ئېرىستا كۆرۈپ باقساق بەلكىم جاۋابىنى بىلەلىشىمىز مۇمكىن.
دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى رەسىمدە بولغاي.
يەر يۈزىدىن 117 كېلومېتىر ئىگىزلىكتە تارتىلغان رەسىم.
يەر يۈزىدىن بىر كېلومېتىر ئىگىزلىكتە تارتىلغان رەسىم
117 كېلومېتىر ئىگىزلىكتە دىسە مەيلى ئىدىغۇ 380000 كېلومېتىر ئىگىزلىكتىكى ئايدىن كۆرگىلى بولىدۇ دەۋاتىدۇ. مېنڭچە تەلەي يۇلتۇزى رىياسەتچىسى گۈلشەن بىلەن قەيسەرمۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن دەۋەتتى. ئايدا تۇرۇپ تەڭرى تاغلىرىنى، ھىمالايا تاغلىرىنى كۆرگىلى بولمىغان يەردە ......ئاغزىمغا سەت گەپ كەلگەنتى ئەمما..
بەت:
[1]
2