birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 01:25:30

كەبە (كەئبە)

كەبە (الكعبە‎)



كەبە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار يۈزلىنىپ تۇرۇپ ئىبادەت قىلىدىغان جاي. (مۇھەممەد ئەلەيھسالامدىن بۇرۇن باشقا دىندىكىلەر ۋە كۆپ سانلىق خىرىستىيانلارمۇ كەبىگە يۈزلىنىپ ئىبادەت قىلاتتى). ئۆز ئورنىمىزدا تۇرغاندا كەبىنى كۆرسىتىدىغان تەرەپ «قىبلە» دەپ ئاتىلىدۇ. «قىبلە» دېگەن سۆز شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمال دېگەندەك تەرەپنى كۆرسىتىدىغان دىنىي جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ. ئەمما ئۇ نىسپىي بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئورنىغا نىسبەتەن كەبە تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.



ئېتىمولوگىيەسى:



«كەبە» دېگەن سۆز «كۇب» دېگەن مەنىدە. كەبە كۇب شەكىللىك ئۆي.



تارىخىي:



كەبە ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسالامغا جەننەتتىن چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاق مەرمەردىن ئۇل سېلىنىپ قوپۇرۇلغان. ئەپسۇسكى، جەننەتنىڭ ئاق مەرمەر تېشى زېمىنغا چۈشكەندە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك قارىداپ كەتكەن. شۇڭا، «قارا تاش» (الحجر الأسود - ھەجەرۇل ئەسۋەد) دەپ ئاتىلىدۇ.



كەبىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھسالام بىلەن بىرلىكتە (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2130-يىلى، بۇ ۋاقىت ھەققىدىكى قاراشلار ئىشەنچىلىك ئەمەس) قوپۇرۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇ ئالەم تارىخىدىكى تۇنجى مەسجىد. ئىبراھىم ئەلەيھسالامدىن باشلاپ، بارلىق مۇسۇلمانلار (خاتا ھالدا خىرىستىيان دەپ ئىسىم قويۇلغان مۇسۇلمانلار) ۋە بارلىق خىرىستىيانلار بۇ مەسجىدنى مۇقەددەس جاي بىلەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھسالامدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئەرەبلەر ئارىسىدا بۇتقا ۋە ھەرخىل دىنلارغا چوقۇنۇش ئەۋج ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى دىندىكىلەر ئۆز «خۇدا»لىرىنى كەبە ئىچىگە تىزغان.



مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككىنى فەتىھ قىلغاندىن كېيىن، بۇ زېمىندا ئاللاھنىڭ دىنىي قايتا قەد كۆتۈرۈپ، كەبىدىكى بۇتلار سۈپۈرۈپ چىقىرىلدى.



مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن كېيىن:



كەبە كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەمما ئىبراھىم ئەلەيىسھالام ئۇل سالغان مەرمەر تاش مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن ۋە بۇ تاش كەبىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىگە قويۇلغان. بۇ دەل بىز دەۋاتقان «قارا تاش» ياكى «ھەجەرۇل ئەسۋەد» نى كۆرسىتىدۇ.



كەبە ئىنتايىن ئۇلۇغ مەسجىد بولغاچقا «بەيتۇللاھ» (ئاللاھنىڭ ئۆيى) دەپ ئالاھىدە تەرىپلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بارلىق مەسجىدلەر «بەيتۇللاھ»تۇر.



مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن كېيىنمۇ كەبە بىر نەچچە قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.



683-يىلىدىكى ئۇرۇشتا كەبە كۆيدۈرۈۋېتىلدى ۋە يەنە قايتا رېمونت قىلىندى.



692-يىلىدىكى ئۇرۇشتا كەبە بومباردمان قىلىندى ۋە 693-يىلى رېمونت قىلىندى.



930-يىلى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن «قارا تاش» ئوغرىلاندى ۋە ھەج قىلىۋاتقان سانسىزلىغان مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرۈلۈپ، زەمزەم بۇلىقىغا تاشلاندى.



952-يىلى «قارا تاش» قايتۇرۇپ كېلىندى ۋە ئۆز ئورنىغا قويۇلۇپ، كەبە رېمونتلاندى.



1629-يىلىدىكى قاتتىق يامغۇردا كەبىنىڭ تېمى ئۆرۈلدى ۋە شۇ يىلى مەككىنىڭ گىرانت تاشلىرى ئارقىلىق قايتا رېمونت قىلىندى.



1942-يىلى ئىبراھىم بەدر كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئۆزى لايىھەلىگەن كۆمۈش ئىشىككە ئالماشتۇردى.



1979-يىلى ئىبراھىم بەدرنىڭ ئوغلى ئەھمەد ئاتىسى ياسىغان كۆمۈش ئىشىكنى ئېلىۋېتىپ، 300 كىلوگىراملىق ئالتۇن ئىشىكنى ئورناتتى.



شۇندىن بۇيان كەبىنىڭ قۇرۇلۇشىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىدى.







دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ كاتتا مەسجىد «ھەرەم مەسجىدى» كەبىنى چۆرىدەپ سېلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى ھەج قىلىدىغانلار مۇشۇ مەسجىددە كەبىنى ئوڭدىن-سولغا 7 قېتىم ئايلىنىدۇ. 10 مىليوندەك كىشى بىرلا ۋاقىتتا كەبىنى ئايلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ ھەج پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاۋات ۋە قىيىن بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ.







كەبە سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرى ھەرەم مەسجىدىگە جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 21.422495° گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 39.826165° گىرادۇستا.



كەبىنىڭ ئېگىزلىكى 13.1 مېتىر، تەرەپلىرى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلىدۇ.



كەبە ھەر يىلى رامازان ۋاقتىدا بىر قېتىم، ھەجدىن بۇرۇن بىر قېتىم، جەمئىي ئىككى قېتىم زەمزەم سۈيى ۋە ئىران ئەتىرگۈلىنىڭ شەربىتى بىلەن تازىلىنىدۇ. بىر قېتىملىق تازىلاشقا 30 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ تازىلاش ئىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە مۇراسىم قاتارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە پەقەت مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى قاتارلىق ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگىلا كەبىنى تازىلاش پۇرسىتى بېرىلىدۇ.....




tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 13:09:44

كەئبە تۇنجى قېتىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ياسىلىشى بىلەن بىنا بولغانمۇ ياكى پەرىشتىلەرنىڭ سېلىشى بىلەنمۇ؟ئادەم ئەلەيھىسسالامچۇ؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 13:16:23

birhonنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

692-يىلىدىكى ئۇرۇشتا كەبە بومباردمان قىلىندى ۋە 693-يىلى رېمونت قىلىندى.

بۇ يەردىكى 692- يىلى مىلادىيە يىلىمۇ ھىجرىيە يىلىمۇ؟

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 14:31:04

ناچاردىن بىرنى بىسىۋەتتىم

سەۋەبى :

1: مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن ، ئىلىنغان مەنبەنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئەسكەرتىلمىگەن ،( تۆت كوچىدا ئولتۇرۇپ گەپ قىلغاندەك )

2: ئاسماندىن چۇشۇرۇلگەن تاشنىڭ ، قارا تاش ياكى كەبە ئۇل تېشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا جۆيلىگەن .

3: ئىشلىتىلگەن يىل تارىخى مىلادىيە ياكى ھىجرىيەيىل ئىكەنلىكى ئىنىق ئەمەس. مىلادىيە تارىخ بولغاندىمۇ بىدار قۇتلان ئاكىمىز كۆرسەتكەن تارىخقا قارساقلا زىتلىقنى ھىس قىلالايمىز.

4: باشتىن ئاخرى سەمىمىيلىك يوق ، بولۇپمۇ مۇشۇ تىمىنىڭ بىرھوننىڭ قولىدىن چىققىنىغا گۇمانلىنىپ بولسىمۇ ، ئاۋۇ ناچارنى بىسىۋەتتىم .خاپا بولمايسىلە! \"\"

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 15:10:19

كەئبە دىگەن گەپ كۇپ دىگەن گەپ بولسا، ئىنگىلىز تىلدىكى cubeدىگەن سۆز ئەرەبچىدىن كىرگەنما

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:05:47

بۇ يىل رىمۇنت قىلىندى دەۋاتاتتى.

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:07:21

4- قەۋەتتىكى jahanzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كەئبە دىگەن گەپ كۇپ دىگەن گەپ بولسا، ئىنگىلىز تىلدىكى cubeدىگەن سۆز ئەرەبچىدىن كىرگەنما

ئېنگلىسلار كۇب دەيدۇ، ئەرەبلەر كەئبە دەيدۇ، بىز كۇپ دەيمىز دەپ چۈشەندىمغۇ؟

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 00:48:43

بۇ يەردىكى بارلىق ۋاقىت مىلادىيە

بۇ تېما كۆپ مەنبەلەرگە ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ يېزىلغان، پاكىتلىق ئىلمىي ماقالە ئەمەس، شۇڭا كۆرۈپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان. ئىلمىي دوكلاتلاردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، قۇرئان، ئىنجىل ۋە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ بايانلىرىدىن پايدىلىنىڭ.

كۇبكەبە سۆزىنىڭ قايسى قايسى تىلغا كىرگەن بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما كۆپلىگەن تىلشۇناسلار ھام-سام تىللىرى (ئەرەب-يەھۇدى تىللىرى) بىلەن گېرمان تىللىرى (ئىنگلىزچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. مەسىلەن:

head ئەرەبچە: قەد

alpha ئەرەبچە: ئەلف

eye ئەرەبچە: ئاين

cat ئەرەبچە: قىت

.... ۋاھاكازا قاتارلىق نۇرغۇن قەدىمىي ۋە ئادەتتىكى سۆزلەر ئوخشاش، ئەمما سانلار ئوخشاش ئەمەس....

بۇ كۆز قاراشلار تېخى ھېچقانچە پىشمىغان.

بىراق بارلىق تىللار ئادەم ۋە ھەۋۋادىن ئىبارەت بىرىنچى ئاتىمىز ۋە بىرىنچى ئانىمىزنىڭ تىلىدىن شاخلانغان، بۆلۈنگەن، تەرەققىي قىلغان... بۇ نۇقتىدىن بارلىق تىللار قېرىنداش. ئەمما قېرىنداشلىقنىڭ يېقىن-يىراقلىقى، بۆلۈنۈشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭقۇر-تېيىزلىقى، تىل تەرەققىياتىنىڭ تېز-ئاستىلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بەزى تىللار بىر-بىرىگە ئوخشىسا، بەزىلىرى خۇددى ئىككى خىل مەخلۇقنىڭ تىلىدەك بىر-بىرىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ.

كەبە....كۇب دېگەن سۆزلەر بەلكىم ھەر ئىككى تىلدىكى ئەڭ قەدىمىي سۆزلەر، يەنى بۆلۈنۈش جەريانىدىمۇ ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالغان سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر تېمىغا سەلبىي ۋە ئىجابىي پىكىر بەرگەن قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت. قايتا ئەسكەرتىش: بۇ ئىلمىي دوكلات ئەمەس، پەقەت ئومۇمىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇپ قويۇڭ...

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 11:26:17

بۇ يەردىكى بارلىق ۋاقىت مىلادىيە

بۇ تېما كۆپ مەنبەلەرگە ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ يېزىلغان، پاكىتلىق ئىلمىي ماقالە ئەمەس، شۇڭا كۆرۈپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان. ئىلمىي دوكلاتلاردا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، قۇرئان، ئىنجىل ۋە نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارنىڭ بايانلىرىدىن پايدىلىنىڭ.

.......

بىرھوننى چالما كىسەك قىلمايمىزمۇ ؟؟ نىمۇ ئىنجىل دېگەن ؟

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:23:32

بەيتۇللاھنىڭ تارىخى دەپ بىر كىتاب بولىدىغان.............

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-8-27 08:36:04

بىدار قۇتلاننىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم.مىلادىيە 692-يىلى ئۇرۇشتا كەئبە بومباردىمان قىلىندى دىگەن قانداق گەپ دىگەن گەپتۇ دىمەكچى بەلكىم............

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 11:38:44

پالاخمان دەپ ئاتىلىدىغان تاش ئاتىدىغان قورال بولىدىغانغۇ، بۇ قورال ئالىكساندىر دەۋرىدىن بۇرۇنلا ئىشلىتىلگەن دىيىشىدۇ، شۇنى دەمدىكىن.

يەتمىش نەچچىنجى يىللىرى ھەج مەزگىلىدە بىر قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپتىكەنغۇ؟ فىرانسىيىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى تىنجىتىپتىكەنمىش، مەككىدە مۇسۇلمانلار قان تۆكسە بولمايدۇ دىيىلگەنلىگى ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغانمىكىن دەپ چۈشەندىم. بىلىدىغانلار سۆزلەپ بېقىڭلار.
بەت: [1]
: كەبە (كەئبە)