tulpar12 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 00:25:42

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە

ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە


ئاپتۇرى: نەزىرە مۇھەممەد سالىھ



ئۆلۈم – ئىنساننىڭ بىلىش ئېڭى ۋە قۇدرىتىدىن ھالقىغان، ئىنسان قارشى

تۇرالمايدىغان، ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئوبىكتپ مۇقەررەرلىك. ئۆلۈم – ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق مەنزىلىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى. ئۆلۈم ئادەملەرنى قەسىرلەردىن قەبرىلەرگە، يورۇق دۇنيادىن زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا يۆتكەيدىغان ۋەھىمىلىك سىر. ئۆلۈم ھاياتلىق جۈملىسىگە ئۇرۇلغان چېكىت. بۇ چېكىتنىڭ كەينىگە ئىلاھى ھۆكۈم بىلەن ھايات – مامات ھەقىقەتلىرى يوشۇرۇنغان. ئۆلۈم ئەزەلدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭى ۋە تەپەككۇرىدا ، دىنلارنىڭ ئېتىقاد - ئەقىدىلىرىدە ، پەلسەپە ئىلمى تەتقىقاتىدا چوڭقۇر ئىزىنى قالدۇرۇپ كەلدى. ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان ئادەمنىڭ ھاياتنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىشى پەقەتلا بىر ئىپتىدائىي تۇيغۇ. ھالبۇكى بۇ تۇيغۇنىڭ كەينىدە جاۋاب بېرىشنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ ماھىيەتلىك سوئاللار بار.

       ئۆلۈم ۋەھىمىسى قەلبىمىزگە سايە تاشلىغاندا بىز شۇنداق دەيمىز.ئۆلۈم پۈتۈنلەي يوقىلىشمۇ؟ ئەجەبا ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ھاياتلىق ھېكايىسى مۇشۇ دۇنيادىلا ئاخىرلىشامدۇ؟ ياخشىلار ئەجىرىگە لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن، مەزلۇملار ئەنتىنى ئالالمىغان ، يامانلار جازاسىنى تارتماي،ئەكسىچە خاتىرجەم ياشاپ ئۆتكەن ھالەتتە ھاياتنىڭ ئاياقلىشىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ياكى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە كاپىرلار تىلىدىن ئېيتقان «بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلۈمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ قايتا تىرىلمەيمىز) » (سۈرە مۆئمىنۇن 37-ئايەت) دېگەندىكىدەك بولامدۇ؟ ئۆلۈمنى ئۈزۈل  - كېسىل ھالاكەت دەپ چۈشەنگەن كىشىلەر قاراڭغۇلۇق ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پاتتى. ئۆزىنى «روھىيەت تەربىيىچىسى» دەپ ئاتاپ، پۈتۈن ھاياتىدا كىشىلەرنى غەم – قايغۇنى چۆرۈۋېتىپ خۇشال ياشاشقا ، چۈشكۈنلەشمەسلىككە ئۈندىگەن دالى كارنىكتەك تالاي بىچارىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى بارلىق مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى قىلىپ تاللىۋالدى. ھالبۇكى پەيلاسوپلار، دوختۇرلار بىر ئۆمۈر ئىزدىنىپمۇ بىلەلمىگەن نەرسىنى ئىمان بىلەن دىلى يورۇغان مۆمىن خاتىرجەملىك ئىچىدە بىلىۋالدى.

       ئىنسان بىكاردىن بىكار يارىتىلمىغان. ئۇنىڭ يارىلىشى، ياشىشى، ئۆلۈشى ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى يېشىمىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە ئۇلۇغ مەقسەت بار. ئىسلام ئەقىدىسىگە سىڭىپ كەتكەن ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھاياتى مۇكەممەل سېستىما ۋە كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنتىقە ھاسىل قىلغان. ئىسلام سايىسى ئاستىدىكى ئۆلۈم، قەبرە ھاياتى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى،قىيامەت كۈنىنىڭ ئەھۋاللىرى، جەننەت نېمەتلىرى، دوزاخ ئاۋازى – مانا بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىبرەت ۋە ھېكمەت شولىلىرى پارلىغان مۇپەسسەل ئىلىم. قاراپ بېقىڭ! بۈگۈنكى ئادەم ھاياتى دۇنيانى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىۋالدى. دۇنياغا بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىك ئازراقمۇ بوش قويمىغان ھالدا ئۇنىڭ نەپسىنى ئىگىلەپ كەتتى.ئۆلۈم ۋە قىيامەت ئۇنىڭغا تولىمۇ يىراقتىكى ئىشتەك بىلىندى. «كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقتى (يەنى قىيامەت)  يېقىنلاشتى . ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرىلىق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.» (سۈرە ئەنبىيا 1-ئايەت)

       ئۆلۈمدىن سوزۇلغان ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىدىن ھايات ھەقىقەتلىرى چاقنايدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ ھەربىرىمىزنى ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت ھەققىدە سوراش ، سۆزلەش ، تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىش بەختىدىن نېسىۋىدار قىلغاي! ئاللاھتائالا بىزنى قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھېسابتىن ئىلگىرى دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان ، تەقۋادارلىق ۋە ياخشى ئىشلارنى ئاخىرەتلىك سەپەرنىڭ ئوزۇقى قىلغان سائادەتمەنلەردىن بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي!




ئۆلۈمدىن باشلانغان ھاياتلىق




       «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى» ( سۈرە مۈلۈك 2-ئايەت) «ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابى مەنىي ئىدىڭلار) كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ،ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرىلىسىلەر» (سۈرە بەقەرە 28-ئايەت) ھەق بىلەن باتىلنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى قۇرئاننىڭ يۇقىرىقى ئايەتلىرى ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قۇرئان كەرىم بىزگە شۇنداق دەيدۇ: ئۆلۈم ھاياتلىقنىڭ خاتىمىسى ئەمەس ، بەلكى ئاخىرەتتىكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى. ئىنسان پەقەت دۇنيا ھاياتى ئۈچۈنلا يارىتىلمىغان، بەلكى تېخىمۇ ئېسىل ۋە مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ قارارگاھى. ئۆلۈم ئىنساننىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە ئىنسان ئۆلۈم ئارقىلىق بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا، چەكلىك ھاياتتىن چەكسىز ھاياتقا يۆتكىلىدۇ. ئاللاھتائالا دۇنيانى ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارلىقى قىلىپ ياراتتى. ئىنسان ھامان يوقىلىدىغان بۇ فانىي دۇنيادا ئاخىرەتتىكى ھاياتى ئۈچۈن قىلغان تەييارلىقىدىن ئىمتىھان بېرىۋاتقان كىشىدۇر، ئۇ ھاياتتىكى ئەمەللىرى بىلەن گويا ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىۋاتقان دېھقانغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭ ھوسۇلىنى ئاخىرەتتە يىغىۋالىدۇ. شۇڭا سەلەف ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىدىكى بىر ھېكمەت مۇسۇلمانلار ئەقىدىسىدىكى ئۆلۈمنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. «سىلەر مەڭگۈگە يارىتىلدىڭلار، سىلەر ئۆلۈم ئارقىلىق پەقەت بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا يۆتكىلىسىلەر».

       ئۆلۈم روھنىڭ تەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشىدۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرىشى ئارقىلىق روھ يەنە تەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ھاياتلىقتىن ئۆلۈمگە، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا باشلانغان يول – ئاللاھنىڭ ئادەم بالىلىرىغا پۈتكەن تەقدىر-قىسمىتىدۇر. ئۇنىڭدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، رەھمىتى، ئادالىتى شۇنداقلا غەيپ ئىلمى ئايان بولىدۇ. «ھەربىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» (سۈرە ئەنبىيا 35-ئايەت) ئاللاھتائالا ئىنسانغا ھاياتى دۇنيادا چەكلىك نەرسىلەرنى  ۋە ۋاقتى – سائىتى ئېنىق ئەجەلنى بېكىتكەن. ئىنسان ئۆزىنىڭ قەيەردە، قاچان، قانداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈشىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە خاس غەيىپ ئىلمى دائىرىسىدىكى ئىشتۇر. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : ئاللاھتائالا بالىغا قورساقتىكى چېغىدىلا بىر پەرىشتىنى مۇئەككەل قىلىدۇ، پەرىشتە: ئى رەببىم، بۇ ئابى مەنىدۇر. ئى رەببىم بۇ ئۇيۇل قاندۇر. ئى رەببىم ، بۇ بىر پارچە گۆشتۇر دەيدۇ. ئاللاھتائالا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تولۇق ياراتماقچى بولغاندا پەرىشتە : «بۇ بالا ئوغۇلمۇ قىزمۇ؟ ساڭا ئاسىيلىق قىلامدۇ، ئىتائەت قىلامدۇ؟ ئۇنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ دەپ ئاللاھتىن سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقاردىكىلەر بالا ئانىسىنىڭ قورسىقى چېغىدىلا پېشانىسىگە پۈتۈلىدۇ.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). ئىنسان مەيلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن، ياكى سۇغا غەرق بولۇپ، ئوتتا كۆيۈپ ۋە ياكى باشقا تۈرلۈك ھادىسىلەر سەۋەبى بىلەن ئۆلگەن بولسۇن، ئاللىبۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلىپ، ئىنسان تەقدىرىگە پۈتۈۋېتىلگەن ئەجەل بىلەن ئۆلگەن بولىدۇ. «ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن» (سۈرە ئال ئىمران 145-ئايەت)  ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم تەڭدىشى يوق بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. مانا بۇ ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىملىرى ئارىسىدىكى «المحي» ھاياتلىق بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى  بىلەن «المميت» جان ئالغۇچى، ئۆلتۈرگۈچى سۈپىتىنىڭ مەنىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى چەكسىز، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىنساننىڭ ئەجەل سائىتىنى ئۇنىڭدىن مەخپىي قالدۇرغانلىقى. پەيلاسوپ ھېكىم مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قاچان ئۈلۈشۈمنى بىلگەن بولسام، ئاللىبۇرۇن ئەقلىمدىن ئاداشقان بولاتتىم. ئاللاھتائالا بەندىلىرىگە رەھمەت يۈزىسىدىن غەپلەت ۋە تۈگىمەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئاتا قىپتۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا ئادەمگە يېگىنى زەھەر، كىيگىنى كېپەن بولغان، زېمىنمۇ مۇنچە ئاۋات بولمىغان بولاتتى».

       مۆمىنگە شۇ نۇقتا ئايان بولىشى كېرەككى، ئاللاھ ھاياتنى تۈپتۈز داغدام يول ئەمەس، تۈرلۈك زىيان-زەخمەت، بالايى-ئاپەت، ئەزىيەتكە تولغان سىناق مەيدانى قىلىپ ياراتقان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىشى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قورقۇنچ ۋە سەپەر بىلەن سىنىلىشى، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ھەمراھى تەرىپىدىن سېتىۋىتلىشى، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشرىك ۋە كۇففارلار بىلەن كۈرەش قىلىپ ھىجرەت قىلىشى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قانۇنىيەتلىرىگە ماس كەچمىشلەردۇر. قۇرئاننىڭ قۇياشتەك روشەن ئايەتلىرى، پەيغەمبەرلەر، سالىھلارنىڭ ھايات يوللىرى بۇ نۇقتىنى دەلىللەپ تۇرىدۇ. «بىز سىلەرنى بىرئاز قورقۇنچ بىلەن، بىرئاز قەھەتچىلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا، جانلىرىڭلارغا، بالىلىرىڭلارغا، زىرائەتلىرىڭلارغا يېتىدىغان زىيان بىلەن چوقۇم سىنايمىز. (بېشىغا كەلگەن مۇسىبەت، زىيان ـ زەخمەتلەرگە) سەۋر قىلغۇچىلارغا (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن» (سۈرە بەقەرە 155-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ ئايىتى دىلىغا سىڭگەن مۆمىن كېسەل بولسا ئاللاھنىڭ شىپالىقىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. ئېغىرچىلىقتا قالسا نىجاتلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. گۇناھ قىلسا ئاللاھنىڭ مەغپىرەت – كەچۇرۈمىدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ. شۇڭا ئىسلام شەرىئىتىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھارام قىلىنغان. شۇنداقلا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىش، ئۆلۈمنى تىلەشمۇ چەكلەنگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېنىق قىلىپ، مۇنداق دىگەن: «سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەت تۈپەيلى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمىسۇن، ئەگەر ھەقىقەتەن قاتتىق ئېغىرچىلىقتا قېلىپ تىلىمەكچى بولسا، مۇنداق دىسۇن: ئى ئاللاھ ئەگەر ھايات ياشاش مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر ئۆلۈم مەن ئۈچۈن ياخشى بولسا جېنىمنى ئالغىن.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان). «سىلەردىن ھېچكىم ئۆز ئۆلۈمىنى تىلىمسۇن، ئەگەر ئۇ توغرا يولدىكى ئادەم بولسا ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن ياخشىلىقلىرىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئادەم يامان ئىش قىلغۇچى بولسا، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشى بىلەن تەۋبە قىلىپ توغرا يولغا قايتىشى مۇمكىن.» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)  بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سىنىقى بولغان تۈرلۈك خاپىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، «بۇنداق قىينالغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەم بوپتىكەن» دىگەندەك ئاچچىقىدا ئېيتقان سۆزلىرىمۇ رەسۇلۇللاھ چەكلىگەن قىلمىش قاتارىغا كىرىدۇ.

       ئىنسان نەپسىگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان، مۇئمىن سەۋىر بىلەن، كاپىر قورقۇنچ بىلەن يۈزلىنىدىغان ئۆلۈمنى قۇرئاندا مۇسىبەت دەپ ئاتىغان. ئەمما ئىنساننىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قېلىشى تېخىمۇ چوڭ مۇسىبەتتۇر. چۈنكى ئۆلۈمنى ئۇنتىغان، ئۆلۈم ھەققىدە ئويلانمىغان ئادەمدە ئۆلۈمگە تەييارلىقمۇ بولمايدۇ. قەلبى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن خالى، ئىككى قولى قۇرۇق ھالدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغان ئادەم ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىدۇر. ئىبنى ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىدىم، ئەنسارلاردىن بىركىشى «ئى رسۇلۇللاھ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ۋە ھۆرمەتلىكى كىم؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ئۆلۈمنى ئەڭ كۆپ ياد ئەتكەن ۋە ئۇنىڭغا پۇختا تەييارلىق قىلغان  ئادەم ئەڭ ئەقىللىق ئادەمدۇر، شۇنداق ئادەم بۇ دۇنيانىڭ ئىززىتىنى ۋە ئاخىرەتنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرگەن ھالدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.» دەپ جاۋاب بەردى. (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە مۇنداق تەلىم بىرەتتى: «سىلەرنى دۇنيا لەززەتلىرىگە غەرق بولۇپ كىتىشتىن توسقۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار» (ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان) شۇنداق ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن تاشتەك قېتىپ كەتكەن قەلىبلەر يۇمشايدۇ، دۇنيا نېمەتلىرىگە بېشىچىلاپ چۆكۈپ كەتكەن غاپىللار ئويغىنىدۇ، گۇناھ ، ھارام ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر كەينىگە يانىدۇ.ئۆلۈمنى ياد ئېتىش كىشىنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھىساپ بىرىشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادا ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ چاقىرىق بىلەن ئىنسان جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى قېقىشقا نائىل بولىدۇ.ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىچە-كۈدۈزدە ئۆلۈمنى 21 قېتىم ياد ئەتكەن (بۇنىڭدا سان مەقسەت ئەمەس، بەلكى ياد ئېتىشنىڭ كۆپلىكىگە تېمسال قىلىنغان) كىشىنىڭ قىيامەت كۈنىدە شېھىتلار بىلەن بىللە توپلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ تەۋسىيېلەر ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتۇشنىڭ بەندىنىڭ ئىمانى، ئەخلاقى، ئەمەللىرىنى تۈزەشتىكى پەزل-ھېكمىتى سەۋەبىدىن ئېيتىلغان.

       ئىنسان ھاياتىدا خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق، بەخىت بىلەن بەخىتسىزلىك ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئىنسانغا قاتتىقلىق يەتسە ئۆلۈمنى ياد ئېتىش بىلەن دۇنيا مۇسىبەتلىرى ئۇنىڭغا يەڭگىل تۇيۇلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇشاللىق نىسىپ بولسا، ئۆلۈمنى ئېسىگە ئېلىش بىلەن دۇنيا پاراغەتلىرىگە مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلغان ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىش ھەر بىر مۇئمىن خۇلۇقلىنىشقا تېگىشلىك پەزىلەتتۇر. شۇڭا بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۇننىتىگە ئەگەشكەن ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە سەلەف – سالىھلارنىڭ ھەربىر نەپىسىدە، ئولتۇرۇپ قۇپۇشلىرىدا ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقانلىقىدەك خىسلىتىدىن ئىسلام دىنىنىڭ شۇ چاغلاردىكى نۇسرىتىنىڭ سىرىنى چۈشەنگەندەك بولىمىز. خەلىپە ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەر ئاخشىمى ئۆلىمالارنى يىغىپ، ئۆلۈم، قىيامەت، ئاخىرەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە ئىلمى سۆھبەت ئېلىپ باراتتى. سۆھبەتنىڭ ئاخىرى يىغا-زارە بىلەن ئاياغلىشاتتى، سىرتتىن بىرەرسى كىرىپ قالسا ئۇلارنىڭ ھالىغا قاراپ بۇ يەردە بىرەر مۇسىبەت بولۇپ، جىنازا ئالدىدا ئوخشايدۇ دەپ قالاتتى. ئالىم ئىبراھىم تەيمى مۇنداق دەيتتى: ئىككى نەرسە مىنى دۇنيا لەززەتلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىشتىن توساپ تۇرىدۇ. بىرى، ئۆلۈمنى ياد ئېتىش  يەنە بىرى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھىساپ بىرىش ئۈچۈن تۇرۇش. رەبىئى ئىبنى ھەيسەم ئۆز ھويلىسىغا بىر قەبرە قېزىپ ھەر كۈنى بىر نەچچە قېتىم قەبرىگە كىرىپ يېتىپ چىقاتتى، ئۇ بۇنى ھەردائىم ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارماسلىق ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئېيتپ: « ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرۇش قەلبىمدىن بىر سائەت كۆتۈرىلىدىكەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىم بوزۇلىدۇ» دەيتتى. يەزىد رەقاشى دائىم مۇنداق دەيتتى: «ئى ئادەملەر، سىلەر يىغلىمامسىلەر، كىمنى ئۆلۈم تاپسا ، قەبرە ئۇنىڭ ئۆيى بولىدۇ. توپا ئۇنىڭ سېلىنچىسى بولىدۇ. قۇرت-قوڭغۇزلار ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. مۇشۇ ئېغىر ئەھۋالدا ئىنسان يەنە ئەڭ چوڭ قورقۇنۇچنى – قىيامەتنى ساقلايدۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ ھالىغا»، دىگىنىچە يىغلاپ ھۇشىدىن كىتەتتى. ئۆلىمالار ئۆلۈمنى كۆز ئوڭىدا تۇتقان كىشىنىڭ مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك پايدىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. 1- تەۋبىگە ئالدىرايدۇ. 2- قەلب خاتىرجەملىكىگە ئىرىشىدۇ. 3-ئىبادەتلىرىگە ئىخلاس ۋە تەقۋالىقنى ھەمراھ قىلىدۇ. ئۆلۈمنى ئۇنتۇغان ئادەم مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك زىيان تارتىدۇ. 1- تەۋبىنى كىچىكتۈرىدۇ. 2-قانائەت ۋە سەۋرىدىن مەھرۇم قالىدۇ. 3- ھايات دىگەن ئۇزۇن، كېيىن قىلىۋالارمەن، ئېتىۋالارمەن دىگەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئىبادەتكە ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ.

       مەشھۇر مۇفەسسىر ئالىم ئىبنى كەسىر «تەفسىر ئىبنى كەسىر» ناملىق كىتابىدا «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى  ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» (سۈرە ئەنئام 125-ئايەت) ئايىتى ھەققىدىكى شەرھىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى مۇنداق ئىككى ھەدىسنى كەلتۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا كۆكسىنى  ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ» ئايىتىنى ئوقۇدى. ساھابىلەر «ئى رەسۇلۇللاھ، كۆكسىنى ئېچىش قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۇ قەلبكە سېلىنىدىغان نۇردۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار «ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇنىڭ بىلگىلى بولىدىغان ئالامىتى بارمۇ؟» دىيىشتى، رەسۇلۇللاھ ، «ھەئە، بار، ئۇ ئالامەت بولسا كىشىنىڭ ئاخىرەتنى مەقسەت قىلىشى، ھايات زىننەتلىرىگە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ئۆلۈمگە ئوبدان تەيارلىق قىلىشىدۇ» دىدى. تابىئىنلاردىن بولغان مەشھۇر ئالىم ھەسەن بەسرى مۇنداق دەيدۇ: بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ھېساپ تۇرغۇزغانلار مۇئمىنلەردۇر، دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالغان كىشىگە قىيامەت كۈنى ھېساپ ئاسان بولىدۇ. قىيامەت كۈنىدىكى ئېغىر ھېساپ دۇنيادا ئۆزىدىن ھېساپ ئالماي ئىش قىلغانلارغا كىلىدۇ».

       ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقان، تەقۋادارلىقنى ئۆز خۇلقى قىلغان مۆئمىنگە نىسبەتەن ئۆلۈم قورقۇنۇچلۇق، دەھشەتلىك ئەمەس. چۈنكى ئۆلۈم ئۇنى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشقا يەتكۈزىدىغان بىكەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە تەييارلىغان كاتتا ئەجىر – مۇكاپاتى، ئۆلۈشمۇ، قېرىشمۇ،ئازاپمۇ بولمىغان جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش. ئەمما ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ياد ئىتىشتىن يۈز ئۆرىگەن ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈم مۇسىبەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك مۇسىبەت، ئۇنى كۈتۈپ تۇرغىنى يامان ئەمەللەرنىڭ جازاسى، تېنى ئوتتىن پىچىلغان كىيىمنى كىيىپ، جېنى يىرىڭ ئارلاش قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىدىغان دەۋزەختە قاتتىق ئازاپنى تېتىغان، خار ھالدا مەڭگۈ قېلىشتۇر. ئىمام ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: «ئۆلۈم مۆئمىن ئۈچۈن مەينەت، كىر كىيىمنى سېلىۋېتىپ، ئەڭ ئىسىل كىيىمنى كىيىش، تەنھا غېرىپ كەپىسىدىن ھەشەمەتلىك، كۆڭۈلنى خوش قىلىدىغان تۇرالغۇغا كۆچۈشتۇر. كاپىر ئۈچۈن ئۆلۈم ئىسىل كىيىمنى سېلىپ تاشلاپ ئەڭ ناچار، مەينەت جەندىنى كىيىش، يارۇ –بۇرادەرلىرى بىلەن ئاۋاتلاشقان ئۆيدىن غېرىپ كەپىگە، دەھشەتلىك ئازاپقا كۆچۈشتۇر.» شۇڭا ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش مۆئمىننىڭ خۇلقى ئەمەس. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:«كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياتقۇرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرمايدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ ئادەمگە مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆىدۇ» (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلۈم ئىنسان ئۈچۈن يېتەرلىك ۋەز-نەسىھەتتۇر. پەقەت كور قەلىبلەرلا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمايدۇ. ئۆلۈم ئىنسانغا يىڭى مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادىكى ئەمەللىرى بىلەن ئۇنى نېمەتلىك ياكى ئاپەتلىك ھاياتقا ئايلاندۇرىدۇ.




ئۆلۇم بوسوغۇسىدا




       «ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى» (سۈرە قاف 19-ئايەت) «راستلا جان ھەلقۇمغا يەتكەندە (بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ دىيىلىدۇ. (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ.(سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ.» (سۈرە قىيامەت 26-27-28-29-ئايەتلەر)

       يۇقىرىقى ئايەتلەرنى تىلى بىلەنلا ئەمەس، دىلى بىلەن زىكىر قىلىپ ئوقۇغان كىشىگە ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ دەھشىتى يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۆلىمالار ئۆلۈم سەكرىتىنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ ئىنساننى مىڭ قېتىم قېلىچ بىلەن چاپقان، ھەرە بىلەن ھەرىدىگەندىنمۇ ئازاپلىق ئىكەنلىكىنى، ئىنساننىڭ تومۇر-تومۇرلىرىنىڭ سەكرات ئازاۋىنى تېتىيدىغانلىقىنى تۈرلۈك نەقىللەر بىلەن بايان قىلىدۇ. شەھر ئىبنى ھۇۋشەب رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلۈمنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە سۇرالغاندا مۇنداق دىگەن: ئەڭ ئاسان ئۆلۈم يۇڭنىڭ ئىچىدىن بۇدۇشقاق تىكەننى تارتىپ چىقارغانغا ئوخشايدۇ، ھەرقانچە قىلسىمۇ تارتىپ چىقىرىلغان بۇدۇشقاققا ھامان يۇڭ يېپىشقان بولىدۇغۇ؟!. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلىق تىلەشتىن غەپلەتتە قالغان ئۆلۈم سەكرىتىدىن پەيغەمبەر – ئەنبىيالار ناھايتتى كۆپ پاناھ تىلەيتتى. رەسۇلۇللاھ ھەردائىم «ئى پەرۋەردىگارىم، ماڭا ئۆلۈم سەكرىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى كېسەللىك ھالىتىدە ياتقاندا يېنىغا بىر قاچا سۇ قويۇلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ مۇبارەك قولىنى سۇغا تىقىپ ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن يۈزىنى سىپايتتى ۋە «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ھەقتۇر» دىدى، ئاندىن قولىنى سوزۇپ «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا» دىگىنىچە قولى چۈشۈپ كىتىپ، نەپەستىن قالدى.

       ھەدىسلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ نەقىللىرىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئۆلۈمنىڭ بالاسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بىرىنچىسى سەكرات ئازاۋى بولۇپ، بۇ روھنىڭ تەندىن تارتىپ چىقىرىلىش جەريانىدۇر. ساھابىلاردىن ئەمرۇ ئىبنى ئاس  قاتتىق كىسەل بولۇپ يېتىپ قالغاندا، ئوغلى مۇنداق دىگەن: ئى دادا ، ئىلگىرى سىز ئەگەر مەن ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن بىرەر ئاقىل ئادەمنى ئۇچراتسام، چۇقۇم ئۇنىڭدىن ئۆلۈمنى ماڭا سۈپەتلەپ بىرىشنى ئۈتۈنگەن بۇلاتتىم دىگەن ئىدىڭىز. سىز ئۆزىڭىز سۈپەتلىگەن ئاشۇ ئاقىل كىشى، ماڭا ئۆلۈمنى سۈپەتلەپ بېرىڭ دىگەن. ئەمرۇ ئىبنى ئاس: ئى ئوغلۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھازىر ئۆزەمنى قاتتىق قارا تاختاينىڭ ئۈستىدە يېتىۋاتقاندەك، يىڭنىنىڭ تۈشۈگىدىن نەپەس ئېلىۋاتقاندەك، بىرسى شوخىلىق تىكەننى تاپىنىمدىن كىرگۈزۈپ، بېشىمدىن تارتىپ چىقىرىۋاتقاندەك سىزىۋاتىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۈمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەئب ئىبنى ئەھبار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئۆلۈم ھەققىدە بىزگە سۆزلەپ بەرسەڭ » دەپ ئۆتۈندى. كەئب: «ئى ئەمىيرۇلمۆئمىنىين، ئۆلۈم گۇيا تىكەنلىك شاخقا ئوخشايدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ بەدىنىگە سانچىلغاندا، ھەربىر-ھەربىر تومۇرلىرىغىچە كىرىدۇ. ئاندىن ئۇنى قاتتىق تارتقاندا تىكەنلىك شاخ بىلەن قۇشۇلۇپ چىققىنى چىقىدۇ. تىكەن بىلەن قالغىنى قالىدۇ»دىدى. پەيغەمبەرلەر، سالىھ بەندىلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى سەكرىتى شۇنداق بولسا، ئۆلۈمنى يىراق ساناپ، ئاخىرەتتىن غەپلەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھالى نىمە بۇلار؟

       ئىككىنچى تۈرلۈك بالا سەكراتتىكى كىشىنىڭ جان ئالغۇچى پەرىشتە ئەزرائىلنى كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ سۈر- ھەيۋىسىدىن قاتتىق قورقۇنچقا قېلىشىدۇر. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: « (ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟» (سۈرە مۇھەممەد 27-ئايەت) سەلەف ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەزرائىلنىڭ سەكراتتىكى كافىر – مۇناپىققا  ناھايتتى قورقۇنچلۇق، بەد سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى، ئىنسان زاتىنىڭ ئۇنىڭغا قاراشقا تاقىتى يوقلىقى، شۇنداقلا مۆئمىنگە  ئەزرائىلنىڭ چىرايلىق سۈرەتتە كۆرىنىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى ھەدىسلەر كەلگەن. مانا بۇ ھەدىسلەر جۈملىسىدىن  ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى تۇشۇپ، ئەزرائىل كەلگەندە ئۇنىڭدىن كۇففارلارنى قەبزى روھ قىلغاندىكى كۆرۈنىشنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەزرائىل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سەن مېنى ئۇ خىل ھالەتتە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمايسەن، دەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام «ياق، مەندە ئۇنچىلىق تاقەت بار» دەپ تۇرۋالىدۇ، ئەزرائىل ئۇنىڭغا « ئەمىسە ئارقاڭنى قىلغىن» دەپ بىر ئازدىن كېيىن ئالدىنى قىلىشنى ئېيتىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەزرائىلنىڭ دەھشەتلىك تۇرقىغا قاراپلا ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. ھۇشىغا كەلگەندە ئەزرائىل ئۇنىڭدىن «قانداق، كۆرۋالدىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام : «ئى ئەزرائىل، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر كۇففارلارغا ئاخىرەت ئازابى بولماي سېنى كۆرۈشلا بولسىمۇ، شۇ ئازاپمۇ ئۇلارغا يىتەرلىككەن» دەيدۇ.

       ئۈچۈنچىسى، جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ھەربىر ئادەمگە ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقى، روھ تەندىن ئايرىلىشتىن بورۇن كافىرغا: ئى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى! سىنىڭ جايىڭ دوزاخ، مۆئمىنگە: ئى ئاللاھنىڭ دوستى! سىنىڭ جايىڭ جەننەت دىيىلىدىغانلىقى. قۇرئاندا بۇنى دەلىللىگۈچى ئايەتلەر كەلگەن. «شۈبھىسىزكى «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دىگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستۇڭلارمىز،جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى، مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بىرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ». (سۈرە فۇسسىلەت 30-32-ئايەتلەر)

       ھەدىس كىتابلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. سەكرات ھەقىقەتلىرىنى بىلىشتە ئەنە شۇ سەھىھ ھەدىسلەرگە مۇراجەت قىلىش ئەڭ ئىشەنچىلىك مەنبە ھىسابلىنىدۇ. ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇ كىشىگە مۇلاقات بۇلۇشنى ياقتۇرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى يامان كۆرىدۇ. ئائىشە: بىز ئۆلۈمنى ھېچ ياقتۇرمايمىز، دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: مىنىڭ دىگىنىم ئۇ ئەمەس، مۆئمىن ئادەمگە ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان رازىلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىن سۈيۈملۈك نەرسە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. كافىرغا ئۆلۈم كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە ئوقۇبىتى بىلەن بىشارەت بىرىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ئۆلۈمدىنمۇ يامان نەرسە بولمايدۇ. ئۇ ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ياقتۇرمايدۇ». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھالەتتە ئاندىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ». (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قاتتىق ئاغرىپ يېتىپ قالغان چېغىدا بىر قانچەيلەن يوقلاپ كىرگەندە، ئارىدىن بىرى: «ئى ئاللاھ ئەبۇ ھۈرەيرىگە ئاسانلىق بەرگىن دەپ دۇئا قىلغان، بۇ چاغدا ئەبۇ ھۆرەيرە «ياق، ياق» دېگىنىچە يىغلاپ كەتكەن ۋە مۇنداق دېگەن: ئى قېرىندىشىم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مەن دۇنيادىن ئايرىلىشقا قىيماي ھەسرەتلىنىپ ياكى سلەردىن ئايرىلىشتىن قورقۇپ يىغلاۋاتقىنىم يوق. بەلكى ئاخىرەتتىكى ئورنىمنىڭ جەننەت ياكى دوزاخ بولىدىغانلىقى ھەققىدە پەرۋەردىگارىمدىن بېرلىدىغان بىشارەتتىن قورقۇپ يىغلاۋاتىمەن».

       بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، بىر كۈنى بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە ئەنسارلاردىن بىر كىشىنىڭ جىنازىسىنى ئېلىپ قەبرىستانغا چىقتۇق. رەسۇلۇللاھ قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا ئولتۇردى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ خۇددى بېشىمىزغا قۇش قۇنىۋالغاندەك جىمجىت ئولتۇردۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدىكى ياغاچ بىلەن يەرگە ئۇرۇپ بىر ئاسمانغا بىر يەرگە قارىغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاللاھقا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەڭلار» ئۇ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن «ئى پەرۋەردىگارىم، ساڭا سېغىنىپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى: مۆئمىن دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدا، يېنىغا ئاسماندىن ئاق يۈزلۈك، مېھرى قۇياشتەك پەرىشتىلەر چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا جەننەت كېپەنلىرىدىن بىر كېپەنلىك، جەننەت خۇشپۇراقلىرىدىن بىر خىل خۇشپۇراق بولۇپ ئۇ كىشىنىڭ كۆزى كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئەزرائىل كېلىپ، ئۇ كىشىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ: ئى پاك روھ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە مەغپىرىتىگە چىققىن دەيدۇ. ئاندىن ئەزرائىل ئۇ ئادەمنىڭ جېنىنى سۇ ساتقۇچىنىڭ سۈيىدىن سىرغىپ چىققان بىر تامچە سۇدەك سىلىق ئالىدۇ. ئۇنى ئالغان ھامان بىر مىنۇتمۇ قويماستىن كېپەن ۋە خۇشپۇراق بىلەن ئورايدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدە مەۋجۇت بولغان ئەڭ خۇشپۇي ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. پەرىشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇلار: بۇ خۇشبۇي روھ كىمنىڭ روھى؟ دەپ سۇرايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇ ئادەمنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ ياخشى نامىنى تىلغا ئېلىپ «بۇ پۇكۇنى ئادەمنىڭ بالىسى پۇستانى» دەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئۆرلىگەنسېرى ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، يەتتىنچى ئاسمانغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھتائالا:بەندەمنىڭ نامە ئەمەللىرىنى ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن ئىللىيۇنغا يېزىڭلار، ئۇنىڭ روھىنى زىمىندىكى جەسىتىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى توپىدىن ياراتتىم، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرىمەن ۋە شۇ توپىدىن يەنە قايتا تىرىلدۈرىمەن دەيدۇ. كاپىر ياكى پاسىق بەندە سەكراتتىكى چېغىدا قاپقارا يۈزلۈك، سۈرلۈك پەرىشتىلەر قۇپاللىقىدىن بەدەنگە سانچىلىدىغان بىر كىيىمنى ئېلىپ چۈشۈپ، كۆز كۆرگىدەك يەردە ئولتۇرىدۇ. ئەزرائىل كېلىپ سەكراتتىكى كىشىشنىڭ بېشىدا ئولتۇرىدۇ ۋە «ئى يامان روھ، ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە نەپرىتىگە چىققىن» دەيدۇ، ئاندىن ھۆل يۇڭدىن زىخنى تارتىپ ئالغاندەك روھنى قاتتىق تارتىپ ئالىدۇ. بىر مىنوتمۇ تۇرماستىن ئۇ كىشىنىڭ روھىنى قوپال، سېسىق كىپەنلىككە قويىدۇ. ئۇنىڭدىن يەر يۈزىدىكى ئەڭ سېسىق جەسەتنىڭ بەدبۇي پۇرىقى تارقىلىدۇ. پەرشتىلەر روھنى ئېلىپ ئاسمانغا ئۆرلەيدۇ. قانداقلىكى بىر پەرىشتىنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىكەن، ئۇ «بۇ نىمېدىگەن سېسىق پۇراق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر بۇ ئادەمنى يەر يۈزىدىكى ئەڭ سەت ئىسمى بىلەن، «بۇ پۇكۇنىنىڭ ئوغلى پۇستانى » دەيدۇ. بۇ بەدبۇي روھنى ئېلىپ ئاسمانغا  ئۆرلىمەكچى بولغاندا ئاسمان ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «شۈبھىسىزكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ» (سۈرە ئەئراف 41-ئايەت) ئاندىن ئاللاھتائالا :ئۇنىڭ نامە-ئەمەللىرىنى يامانلارنىڭ نامە – ئەمەل دەپتىرىگە يېزىڭلار، ئۇنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇڭلار، مەن بەندىلىرىمنى تۇپىدىن يارىتىپ، يەنە ئۇنىڭغا قايتۇرۇشقا، ئاندىن شۇ تۇپراقتىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ روھى ئاسماندىن تاشلىنىپ، جەسىتىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گۇيا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك،ياكى ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ» (سۈرە ھەج 31-ئايەت) ئاندىن قەبرىدىكى سۇئال-سۇراق باشلىنىدۇ...(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە، ھاكىم، ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان.شۇنداقلا «سەھىھۇلبۇخارى»،«سەھىھۇلمۇسلىم» دا يۇقارقى ھەدىسنى كۈچلەندۈرگۈچى شاھىد ھەدىسلەر بار.

       سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىدا تۇرغان ئادەم ئىنسانلىق كۆزى بىلەن بۇ ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن ئاجىزدۇر. مانا بۇ ئاللاھتائالانىڭ «جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر، بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر) (سۈرە ۋاقىئە 83-84-85-ئايەتلەر) دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. سالىھلارنىڭ ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ ياش تۆكۈشى ئۆلۈمدىن قورققانلىقىدىن بولماستىن، بەلكى ھاياتنىڭ يامان خاتىمە بىلەن ئاياغلىشىشىدىن، ئاخىرەتتىكى ئورنىنىڭ جەھەننەم بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قورققانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا ، مۆئمىنلەر ھەر دائىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈگەتكەندەك : ئى پەرۋەردىگارىمىز، بىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىمىزنى خەيرىلىك قىلغىن، ھاياتىمىزنى يامانلىق بىلەن خاتىمىلىنىشتىن ساقلىغىن دەپ دۇئا قىلىدۇ. كاپىر ۋە پاسىقنىڭ سەكرات ئازابى مۆئمىندىن قاتتىق بولىدۇ. كاپىرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قاتتىق سەكرىتىنى ئاللاھتائالا مۇنداق بايان قىلىدۇ. «(ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ، (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالىتىنى كۆرىسەن)، پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سۇزۇپ، سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ. (سۈرە ئەنئام 93-ئايەت) داڭلىق مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر بۇ ئايەتنى كاپىرلارغا ئۆلۈش ئالدىدا خارلىغۇچى ئازاب بىلەن بىشارەت بىرىدىغانلقى ۋە «پەرىشتىلەرنىڭ قولىنى سوزىشى» ئۇرۇش مەنىسىدە دەپ شەرھىيلەيدۇ. جەڭ مەيدانىدىكى شېھىتكە ئۆلۈمنىڭ سەكرىتى ناھايتتى يەڭگىل بولىدىغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن مەلۇم. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «شېھىد ئۆلۈمنىڭ ئازابىنى پەقەت بىرىڭلارنىڭ قولىغا يىڭنە كىرگەنچىلىك دەرىجىدىلا ھېس قىلىدۇ.» (تىرمىزى، نەسەئى، دارىمى رىۋايەت قىلغان)

       سەكراتتىكى كىشىنىڭ ئاغزىدا كەلىمە شاھادەتنى ئېيتىش بىلەن، قەلبىدە ئاللاھنىڭ رەھمەت-مەغپىرىتىنى ئۈمىد قىلىپ، ياخشى ئارزۇ-تىلەكتە بولىشى مۇستەھەپتۇر. بۇ شۇ كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ، ئاخىرەتتە ياخشىلىق ئاتا قىلىشنى ئىشەنچ بىلەن ئۈمىد قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈشتىن ئىلگىرى چۇقۇم ئاللاھقا نىسبەتەن ياخشى ئارزۇ-ئۈمىدتە بولسۇن (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۆلىمالاردىن سابىت بەنانى مۇنداق بىر ۋەقەنى بايان قىلىدۇ. شۇ دەۋىردە بىر ياش بولۇپ، ناھيتتى ئاچچىقى يامان، مىجەز ئىتتىك ئىدى.  ئانىسى ئۇنىڭغا تۇلا نەسىھەت قىلاتتى.  ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە، يىگىتنىڭ ئانىسى ئىچ ئاغرىقىدا: « ئى ئوغلۇم، سېنى ئىلگىرى مۇشۇنداق ئېغىر كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان ئەمەسمىدىم» دەپ ۋايساپ كەتتى. ئۇ يىگىت بولسا : «ئى ئانا، پەرۋەردىگارىمنىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق ئاتاسى كۆپتۇر، بۈگۈن پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنىمۇ شۇ چەكسىز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دىگەن. ئاللاھتائالا يىگىتنىڭ شۇ ياخشى ئارزۇ-ئىشەنچىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر.   « (ئى مۇھەممەد!  مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقنكى، (گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايتتى مېھرىباندۇر» (سۈرە زۇمەر 53-ئايەت)

       ئىنساننىڭ ساغلام چېغىدا ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈمىدتىن ئەۋزەل، ئۆلۈم بېشىغا كەلگەندە بولسا، ئۈمىد قورقۇشتىن ئەۋزەل. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن كىشىنىڭ «بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق» دېگەن كەلىمە شاھادەتنى تىلىغا جارى قىلىشى سۈننەتتۇر. بۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىمان بىلەن خاتىمىلىنىشى بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ «كىمنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى سۆزى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق بولىدىكەن، ئۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ». دىگەن ھەدىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە. سەكراتتىكى كىشىنىڭ يېنىغا سالىھ – تەقۋادار ئادەملەرنىڭ ھازىر بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ ھاياتلىقىدىكى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ئەسلىتىپ، ياخشى سۆزلەرنى قىلىشى تەرغىپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: سىلەر كېسەل ياكى سەكراتقا چۈشكەن ئادەمنىڭ قېشىدا بولساڭلار، ياخشى سۆزلەرنى قىلىڭلار، سىلەرنىڭ شۇ سۆزلىرىڭلارغا پەرىشتىلەر «ئامىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

       ئىسلام شەرىئىتىدە مېيىتنى تىزراق يۇيۇپ، كېپەنلەپ، دەپنە قىلىش ياخشىدۇر. مېيىت روھىنىڭ يۇيۇش، كېپەنلەش، جىنازىغا ئېلىش، دەپنە ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن. ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قاچانكى مېيىت تاۋۇتقا قۇيۇلۇپ،كىشىلەر ئۇنى يەرلىككە ئېلىپ ماڭسا، ئۆلگۈچى ياخشى ئادەم بولسا ئۇ: «مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭلار ، مېنى تىز ئېلىپ مېڭىڭىلار!» دەيدۇ. ئەگەر ئۆلگۈچى شەقى ئادەم بولسا ئۇ «ئىسىت، مېنى قەيەرگە ئېلىپ ماڭىسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئادىمىزاتتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلايدۇ. ئەگەر ئۇنى ئادىمىزات ئاڭلايدىغان بولسا ، جېنىدىن جۇدا بولغان بۇلاتتى. (ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان) جىنازىدا ئويغاق  قەلبلەر ئۈچۈن ئىبرەت، غەپلەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئەسلىتىش بار. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرەر جىنازىنى كۆرسە «سىلەر مېڭىپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ كەينىڭلاردىن بارىمىز » دەيتتى. ئىبراھىم زىيات مېيىتقا يىغلاپ ئىچ ئاغرىتىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ: سىلەر مېيىتقا ئەمەس ئۆزەڭلارغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىساڭلار ئورۇنلۇق بولىدۇ. چۈنكى بۇ مېيىت ئۈچ تۈرلۈك قورقۇنچتىن ئەمىن تاپقان بولىدۇ. بىرىنچىسى ئۇ ئادەم ئەزرائىلنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ بولدى. ئىككىنچىسى ئۆلۈمنىڭ ئاچچىق ئازابىنى تېتىپ بولدى. ئۈچىنچىسى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىشى توغرىسىدىكى قورقۇنچتىن قۇتۇلدى» دىگەن. ئۆلۈكلەرنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق، ئۇلارغا خەيرىلىك دۇئا قىلىپ قۇيۇش مۇسۇلمانلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەدەبلەر جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ئۆلۈكلەرنى تىللىماڭلار، ئۇلار قىلغانلىرىغا يارىشا ياخشىلىق ياكى يامانلىققا ئېرىشىپ بولدى» دىگەن.


otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 21:39:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


كۆپتىن - كۆپ ئېزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشىم!


بۇ ناھايىتى قىممەتلىك يازما ئىكەن، بەكمۇ تەسىرلەندىم!


جەنابىي ئاللاھ ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بەرگەي، ئامىين!



مۇمكىن بولساا بۇ تېمىنىڭ جەۋھەرلەپ قويىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 23:28:00

كىتابىنى ئۇقۇپ چىققان ئىدىم، بۈگۈن بۇ يەردە كۆردۈم. ھەرقېتىم كۆرسەم قەلبىم لەرزىگە كېلىدۇ...... ئاللاھ غەپلەتتىن، كىبىردىن يىراق قىلسۇن!



مۇشۇ تىمىنى ناچار دەپ باسقان قانداق ئەدەمدۇ؟

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 05:59:51

مۇشۇنداق ئېسىل تېمىغا ئاران 2 ئادەمنىڭ ئىنكاس يازغىنىدىن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئادەمگە شۇنداق ئىتتىك كېلىدىغانلىقىدىن غاپىل ئىكەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ئەگەر ناخشا-ئۇسۇل، يۇمۇرغا ئائىت تېما بولسا 40-50 ئادەم ئىنكاس يېزىپ بولغان ، 1500 ئادەم كۆرۈپ بولغان بولاتتى دە !!

بۇ دۇنيادا بىز نەچچە كۈنلا تۇرىمىز ، ئاللاھ بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنى ياخشى قىلغاي، قەبرە ئازابىدىن ، ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ساقلىغاي !!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 18:30:33

بۇ تېمىنى كۆرگەچ قىلغان گۇناھلىرىمنى بىر قۇر ئەسلەپ قورقۇنۇچتا قالدىم.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 21:41:06

مۇشۇنداق ئېسىل تېمىغىمۇ بىرى ناچار دەپ باھا بېرىپتۇ. بەلكىم خاتا بېسىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمال.



تېما ئىگىسىگە ۋە ئاپتورغا رەھمەت.

PERWAZQIL يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 08:09:36

ئوزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى،،،،
بەت: [1]
: ئۆلۈم ھېكمىتىدىن ئاخىرەت ھەقىقەتلىرىگىچە