nurlan417 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 20:39:04

پىرا ۋا ئالمىزمۇ ؟ماشىنمۇ؟

بۇ ئىشلار ئاقتۇ ناھيىلك ھەسەن-ھۇسەن شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ ئىككى ياللانمسنىڭ ھىكايسى



يېڭى  بىر نۆۋەتلىك پارتىيە  مەركىزىي  كومىتېتى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن قىسقىغىنا بىرمەزگىل ئىچىدە پۈتۈن  مەملىكەت مىقياسىدا پارىخورلىققا ،ئىسراپچىلىققا ،قاقتى-سوقتى قىلىشقا زور دەرىجىدە قارشى  تۇرۇلۇپ پۈتۈن ئاۋامنىڭ يۈرەك  ساداسىنى ئەكىس  ئەتتۈردى. جۇڭگو ئارزۇسى ھەممە  كىشىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر  يىلتىز  تارتتى. خەلقنىڭ  ھەر تەرەپلىمە قىيىنچىلىقى دەل ۋاقتىدا  ھەل  قىلىنىپ خەلىقنىڭ مايىللىقى  ھەم قايىللىقى ئاشتى. مەركەز ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ كەڭ  خەلىق ئاممىسىنىڭ دەردىگە يېتىپ خەلىق ئارىسىدىكى  قىيىن  ۋە قىززىق  نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل  قىلىۋاتقان مۇشۇنداق ئىسىل  شارائىتتا بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا يۇقىرىنى  بېسىپ  تۆۋەننى ئالدايدىغان ، خەلىقنى ئالداپقاقتى-سوقتى  قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت  بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.


     جەمئىيەت  تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ  تۇرمۇش سەۋىيەسى مىسلىسىز دەرىجىدە يۇقىرى  كۆتۈرۈلۈپ ئائىللەردە كىچىك  ماشىنا ئومۇملىشىقا باشلىدى. ئەپسۇسكىشىلەرنىڭ  كىچىك  ماشىنىلىشىش پىسخىكىسىدىن پايدىلانغان شوپۇرلۇق  مەكتەپلىرىدىكى  بىر نەچچە  ھارامزادە،  نەچچە  يۈزلىگەن ماشىنا  ھەۋەسكارلىرىنى ئالداپ 3 مىڭدىن 17-18 مىڭغىچە پۇل  بېرىشنى تەلەپ  قىلىپ پىراۋا ئېلىش  ۋاقتىنى ئارقىغا  سوزۇپ ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنى قاقتى-سوقتى قىلماقتا. ھەتتا  شوپۇرلۇق  ئىمتىھان ئالغۇچى (车管所) دىكى بىر  قىسىم ساقچىلىرىمىزمۇ چىرىكلىشىپ ئىمتىھان ئالدى-كەينىدە مەمەتئەلى ، ئاتىكەم ئىسىملىك ھارامزادىلەر  بىلەن  تىل بىرىكتۈرۈپ،  ئىچى – تېشىدىن ماسلىشىپ ھەر  بىر تۈرلۈك ئىمتىھانغا يۇقىرى سوملۇق  باھا قويۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ ساقچىلارنىڭ خەلىق  ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىغا نىسبەتەن زور  دەرىجىدە شۈھبىلەندۈرۈپ ، خەلق  قەلبىدىكى ساقچى ئوبرازى  خۇنۇكلىشىپ  كېتىۋاتىدۇ. جەنۇبى شىنجاڭدەك  بۇنداق نامرات رايوندا ئادەتتىكى پىراۋا  ھەققى بىر كىچىك ماشىنا باھاسى  بىلەن  تەڭلىشىپ قېلىشتەك يامان ئەھۋال يامراپ كەتتى. شوپۇرلۇق  مەكتەپلەردە تەربىيەلەنگۈچى كۇرسانىتلار تىزىملىتىش ۋاقتىدا مەمەتئەلى ، ئاتىكەم ئىسىملىق كىسپۇرۇچلارنىڭ ئالدىشىغا ئۇچرىسا ، ئىمتىھان باشلىنىش ئالدىداج  خ فورمىسى  كىيىۋالغان ئىمتىھان ئالغۇچى ساقچىلىرىمىز كۇرسانىتلار ئىمتىھاندىن ئۆتىۋاتسىمۇ قۇرۇق  باھانە تېپىپ،  5-8 مىڭگىچە باھا  قويۇپ پۇل ئېلىۋاتىدۇ. پۇل  بەرگەنلەر ئۆتۈپ، پۇل بەرمىگەنلەر ھەرقانچە ياخشى  بولسىمۇ لاياقەتسىز بولىۋاتىدۇ. تېخىمۇ  ئېغىر  بولغىنى مەمەتئەلى ۋە ئاتىكەم  ئىسىملىك خىزمەتچىلەر ( مەن  ساڭا پىراۋا ئەپ  بېرىمەن ) دەپ خەقنى ئالداپ كوپ  پۇل ئېلىپ نەچچە  يىل ئۆتكۈچى پۇلنى  تېخى قايتۇرماي ياكى  پىراۋېنى چىقىرىپ  بەرمەي كۆپ  پۇلنى ئىگەللىۋېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ  دېيىشىچە ( ئىمتىھان ئالغۇچى ساقچى ھەققى شۇنداق  قىممەت ) مىش. بۇ ساقچىلارغا  دۆلەت ئۆلچەم  بويىچە ئىش  ھەققى بېرىۋاتىدىغۇ؟ بۇ ئىككى ھارامزادە  مۇشۇنداق گەپ تارقىتىپ ساقچى ئوبرازىنى  قاقتى-سوقتى  قىلىشنىڭ يولى قىلىۋالدى. بۇ  خىزمەتچىلەركۇرسانىتلاردىن قالايمىقان  پۇل  ئېلىۋېرىپ پىراۋا  ھەققى  كىچىك تىپتىكى ماشىنا  باھاسىدىن قىممەت  بولۇشتەك تەتۈر  ھېساۋات كېلىپ  چىقىۋاتىدۇ. مەنمۇ  شۇنداق ئالدانغان  نەچچە يۈزلىگەن  كىشى ئارىسىدىكى  بىرى بولۇش  سۈپىتىم بىلەن ئالدىنىپ ئىككى  يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى  زايا قىلىۋەتتىم . ئاخىرى ئالدانغىنىمغا تەن بېرىپ، ئۆزۈم تىرىشىپ ئۆگەندىم. ھە دىگەندە  ئۇلار (پۇلۇڭنى  ساقچىلارغا  بېرىپ  قويغان ئاز قالدى . ساقلا )  دەيدۇ. ئىمتىھان ئالغۇچى  ساقچىلار راستىنلا  شۇنچە چىرىكلىشىپ  كەتكەنمىدۇ ؟ ئۇنىڭ  ئۈستىگە تەربىيەچى  خادىملارنىڭ كاللىسىغا مەمەتئەلى ،ئاتىكەم  دىگەن  باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرى ئورناپ  كەتكەچ كۇرسانىتلارنىڭ  نورمال مەشىق  قىلىشىغا پۇتلىكاشاڭ  پەيدا قىلىپ ئۇلاردىن يوشۇرۇن ئۆگۈتۈش پۇلى ئالىدىغان نەسانىيەتچىلىك يامراپ كەتتى. كۇرسانىتلار  ئوقۇش ،  مەشىق ، ئىمتىھان  پۇللىرىنى   بىراقلا تۆلىگەن تۇرۇپمۇ  پۇل تۆلەشتن  قۇتۇلماي نامراتلىشىپ كىتىشتەك ئوسال ئەھۋال كېلىپ  چىقىۋاتىدۇ. نەچچە  يۈزلىگەن كىشىنىڭ  نەچچە 100  مىڭلىغان پۇلنى  ئۇلار ئالداپ  ئېلىۋالدى. بۇ پۇل ئۇلارغا  شۇنچە ياخشى  نەرسەيۇ كۇرسانىتلارغا  مۇھىم ئەمەسمىدۇ؟ بىر مۇنچە  كىشى پۇل  تۆلەپ  بولالماي ھېرىپ قېلىپ  ۋازمۇ  كەچتى. بۇ ئىشلار ئادەمنى  بىئارام قىلىدۇ. بىرمۇنچە  پۇل  تۆلەپ ئاز كەم ئۈچ  يىل  بىر پىراۋا ئالالمىسا  نېمىدىگەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھە ؟ مانا  ئۈچ يىل بولاي دېدى، پىراۋا سىماسى بارغانسىرى يىراقلاشماقتا . سالامەتلىك  تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك  بولغان كىشىلەر  پىراۋا ئېىلشقا  تىزىملاتقان. بۇ  بىچچارىلەر شۇنچە دوتمىدۇ ؟بىز  مۇشۇ  ئازغىنە پۇلمىزغا  پىراۋا ئالامىمىزمۇ...؟   ياكى  ماشىنا ئالارمىزمۇ؟يۇقىرىدا  تىلغا ئېلىنغان بۇ ئاسراندىلارنىڭ قانۇننىڭ جازاسىغا  تارتىلىدىغان  ۋاقتى كەلدىمۇ  قانداق ؟  مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات  ئورۇنلىرى ۋە  باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ شوپۇرلۇق  مەكتەپلەرنىتەكشۈرۈپ  كورىشىنى مەسىلە  بولسا قانۇن بويىچە  تەرتىپكە  سېلىشىنى،مەمەتئەلى  ۋە ئاتىكەملەرنىڭ  قاقتى-سوقتى قىلغان  پۇللىرىنى كۇرسانىتلارنىڭ قولىغا قايىتپ كىلىشىگە ھەيدەكچىلىك  قىلىشىنى ئۈممۈت  قىلىمىز.ھەم  ساددا كىشىلەرنىڭ  ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا  قولىدىكى  نەق پۇلنى  تاشلاپ  بەرمەسلىكىنى سورايمىز.

مەنبە :  ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى

polatbay يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 07:07:19

بۇنداق قىلمىشلار شوپۇرلۇق مەكتپلىرىىڭ ھەممسىدە مەۋجۇت،مەن پىراۋا ئالغاندىمۇ بىر نەچچە تەربىيەچى ئاكتىپلىق بىلەن پۇل تەلەپ قىلغان.لېكىن بەرمىدىم.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 08:49:47

ئۇنداق ئىشلار ئاقتۇدا كەڭرى جۇما، شۇڭا مەنمۇ تا ھازىرغىچە قايسىسىغا تىزىملىتىشنى بىلەلمەي يۈرۈۋاتىمەن، تونۇش بولمىسا، يول بولمىسا، پۇل بەرمىسىڭىز ئېمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ.

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:18:49

ھەممە شەدە بار ئىش ئوخشايدۇ.

ھۆكۈمەت تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلدى.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:57:26

شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ كەسپ ئىستىلى دىگەن بىر پروگىراممىسى بار ،شۇلارغا تېلىفون قىلىپ بېقىڭلار،ئىشقىلىپ مەن رادىئودىن ئاڭلىسام شۇلارغا تېلىفون قىلىپ ئىنكاس قىلىنغان ئىشلارنىڭ كۆپۈنچىسى ھەل بولۇۋاتىدىغۇ .

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 11:21:01

مەنمۇ شۇپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇپ پىراۋا ئالغان. ئالدىنقى يىلىغۇ دەيمەن. ئۇمۇمى كەتكەن پۇل 2500 يۈۋەندىنمۇ ئاشمايدۇ ھەممىنى ئۈزۈم بىرىپ ئالدىم. مەن بىلەن تەڭ پولغا ئالماقچى بولغانلار ھازىرغا قەدەر 10000 يۈۋەن ئەتراپىدا پول خەجلەپ كىىنىشكىسىنى ئېلىپ بولالمايۋاتىدۇ. خولاسە كالام.

قىرىنداشلار دىۋەڭ بولماڭلار، كاللىمىز پۇت- قولىمىز جايىدا بولغاندىن كىيىن ئوقۇپ مەشق قىلىپ ئالىلى. مىنىڭچە ھۆكۈمەت بۇ مەسىللەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالايدۇ. ئاقسۇدا مەسچىتكە قىزىل بايراق قادىيالىغان ھۆكۈمەت سىلىنىڭ پىراۋىنىڭ ئىشىغىمۇ قۇربى يېتىدۇ.

مۇنداق قالايمىقان گەپ يېزىپ يىڭىدىن پىراۋا ئالماقچى بولغانلارنى قايمۇقتۇرماڭلار!!!!!!!

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 11:21:38

بۇيەردىكى ھۆكىمەت زادى نىمىشقىلدىغان خەق ،،،ئاتايىتىن پۇلنى ۋاىتنى زىھنىنى ئىسراپ قىلىپ ئۆزنىڭ ئىھتىياجىنى

قاندۇراي دىسە پىراۋا ساتىدىغان مەكتەپتىكى گۇيلا  مەكتەپنى مال سودىسى قىلدىغان ئات-ئىشەك بازىرىغا ئايلاندۇرۋىتىپتۇ

ماۋۇ قەشقەردە تەييارلىقى پۈتسە قاتنىشىدىغان نەزىريە ئىمتامىسىغىمۇ پار يەپ قاتناشتۇردىغان ئىش چىقىپتۇ ،،،،خۇددى بىزنىڭ يانچۇقىمىزدىكى پۇلدا ئانىسنىڭ ھەققى باردەك نىمانداق ئادەمنىڭ قوسقىنى ئىسىدۇ بۇگۇيلار \"\"

mux يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 12:00:59

96511غا تېلېفۇن قىلىڭ. تاكى ئىشنى سۈرۈشتۈرگىچە قىلىڭ. يەنە بىر گەپ سز ئاشپەزچىلىك، تۈمۈرچىلىك،ياغاچچلىق كىنىشكىسى ئالمايسز. شۇڭا سز، ئائىلىڭىز،ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇنتىزىم تەربىيلىنىپ كىنىشكە ئىلىڭ. ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا جەنۇبى شىنجاڭ رايۇندا ۋەقە بۇلۇش نىسپىتى ھەممىدىن يۇقىرى. نىمە ئۈچۈن قىرىنداشلار ئىزدىنىپ باقايلى!!!!!!  ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.....

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 13:11:11

ئىمزايىڭىز قالتىسكەن ،،،، \"\"

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 15:22:23

.................

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 15:53:39

7- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

96511غا تېلېفۇن قىلىڭ. تاكى ئىشنى سۈرۈشتۈرگىچە قىلىڭ. يەنە بىر گەپ سز ئاشپەزچىلىك، تۈمۈرچىلىك،ياغاچچلىق كىنىشكىسى ئالمايسز. شۇڭا سز، ئائىلىڭىز،ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇنتىزىم تەربىيلىنىپ كىنىشكە ئىلىڭ. ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا جەنۇبى شىنجاڭ رايۇندا ۋەقە بۇلۇش نىسپىتى ھەممىدىن يۇقىرى. نىمە ئۈچۈن قىرىنداشلار ئىزدىنىپ باقايلى!!!!!! ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.....

نوچى گەپ. ئىمكان بار پىراۋا دىگەننى ئوقۇماي پۇلغا زورلاپ ئالىدىغان نەرسە ئەمەس. جانغا تاقىشىدىغان ئىش ئۇ. ھازىر ماشىنا ھەيدەپ يولدا ماڭغاندا، خەقنى سوقۇۋىتىشتىن ئەمەس، ئاشۇنداق پىراۋا ئالغاندىن بىرسىنىڭ بىزنى سوقۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئالدى كەينىدە ماڭغان ماشىنىغا قاراپلا شوپۇرنىڭ پىراۋىنى ئوقۇپ ئالغان ياكى پۇلغا ئالغانلىقىنى بىلۋىلىش تەس ئەمەس.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 16:18:21

قارىغاندا بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ سانى تىز سۈرئەتتە كۆپىيىدىغان ئوخشايدۇ. ماشىنا كۆپ، يول تەلەپكە يەتمىگەن، شوپۇر لاياقەتسىز.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئامان قىلسۇن.

ALFA07 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 19:35:05

تىما ئىگىسى ؛ سىز دەۋاتقان ‹‹ مەمەتئېلى›› مەمەتئېلى مىجىتمۇ ؟ ياكى باشقا مەمەتئېلىمۇ ؟

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 13:24:50

ئۈرۈمچىدە ياخشىراق شوپۇرلۇق مەكتەپ بارمۇ ؟ نوپۇسۇم سىرتنىڭ نوپۇسى ، نۇرغۇن مەكتەپكە تېزىملىتالمىدىم !

alimjan15 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 16:56:20

پۇلنىلا بەرسەم بولدىغۇ دەپ ئۆزىمىزنىڭ ئويۇنى بىلەن كۈننى كەچ قىلىمىز. ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقىتتا دەيدىغان ئۇلۇغ تام شەكىللىك سۆزىمىز بار. «مەن ساۋاتسىز! » نومۇس، نومۇس، نومۇس!  

شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ھەم ئىمتىھان ئالىدىغان ساقچىلارنى ئۆزىمىز تەڭلىككە سالىمىز. ئۇلارنىڭ يۈرىكى تاش بولمىغاندىكىن دەسلەپتە ئازراق پۇلنى ئېلىپ بولدى قىلىپلا قائىدىگە خىلاپ ئىشنى قىلىپ سىزنى ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىرىمىز سىز كىرگەن كېچىككە كىرىپ، پۇللىرىمىزنى بۇرنىغا ئۈستۈرۈپ سۈركەپ تۇرىمىز. بازار دېگەندە قايسى مالنىڭ بازىرى ئىتتىك بولسا شۇنىڭ باھاسى ئۆسكەندەك بۇنىڭمۇ باھاسى ئۆسىدۇ- دە. ھەممە ئىشنى ئۆزىمىز ئۆگىتىپ ئەمدى بولغاندا ئۇنداق قارا قۇرساق، بۇنداق ئاچكۆز دەپ يۈرۈش سەل نومۇسسىزلىقمۇ دەيمەن.

يېڭىدىن پىراۋا ئالماقچى بولغانلارغا تەۋسىيە: ئۆزۈڭلار ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ نومۇر ئېلىپ بېقىڭلار. قايسىڭلار ئۆتەلمەي پۇل تۆلەيدىكەنسىلەر قېنى؟

پىراۋا دىگەننى پۇل بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆگىنىپ ئالىدىغان نەرسە ئۇ. ئەسلى پۇلغا پىراۋا ئالغىلى بولماسلىقى كېرەك.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 21:42:19

مەنمۇ ئالتە ئايدا ئېلىپ بولدۇم. ياپانا! ئادەمنىڭ ئەتىۋارى يوق يەرنىڭ نوچىسى مۇشۇكەن.

ھە-!؟ ماشىننى توختاتقاندا ئالدىغا قاراپ توختىتىمىزما؟:-ئۈچىنچى تۈر ئىمتىھاننى بەرگەندە ئىمتىھان ئالغۇچى مۇشۇنداق دېۋىدى، تاس يىقىلىپ چۈشتۈم.
بەت: [1]
: پىرا ۋا ئالمىزمۇ ؟ماشىنمۇ؟