Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 10:37:02

يىڭنە ئاسقۇغا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يەرلىك رېستىپ بارمۇ

تۈنۈگۈن  ئەتتىگەن چوڭ  قىزىمنىڭ  كۆزىگە  يىڭنە  ئاسقۇ  چىقىپ  قاپتۇ ،دوختۇرغا  ئاپارساق  نەدىكى تايىنى  يوق  دورا  بەردىمۇ ،ئەتىگەن قارىسام  يەنە  شۇ  پېتى  تۇرغاندەك ،تۈنۈگۈن  كۆزىگە يىڭنىمۇ  ئېسىپ  باقتۇق  بولمىسا ، پايدىسى  بولمىدى. قىزىم  ئۆگۈنلۈككە مەكتەپكە  بارماقچى  ئىدى ،شۇڭا  بۇ  ياردەمنى  سوراپ  ئولتۇرۇپتىمەن .

يىڭنە ئاسقۇنى تېز سۈرئەتتە  ساقايتىدىغان  قانداق يەرلىك رېستىپ بار ، بىلىدىغانلار  دەپ  بەرسەڭلار  رەھمەت

qintomor يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:13:46

مەن دەپ بېرەي، يىڭنە ئاسقۇ ئوڭ كۆزىگە چىققان بولسا سول قولنىڭ تۆتىنچى بارمىقىغا قىزىل يىپ چىگىۋالغاي،سول كۆزىگە چىققان بولسا ئوڭ قولىنىڭ تۆتىنچى بارمىقىغا قىزىل يىپ چىگىۋالغاي،ئادەتتىكى كىيىم تىكىش ماشىنىسدا ئشلىتىلىدىغان پاختا يىپنى ئككى قات قىلىپ چىگىۋالسا بۇلۇدۇ،چوقۇم قىزىل پاختايىپ بولۇشى كېرەك.بۇچاقچاق ئەمەس،ئەمەلى سىناقتىن ئۆتكەن.پايدىسىنى كۆرگەندىن كىيىن رەخمىەت ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئېنىق چۇشەنمىگەن بولسىڭىز تىلفۇن قىلىڭ؛13345322223

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:35:53

پۇت قولىڭىزغا دەرت ھەسرەت كەلمىسۇن ، يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز قېرىندىشىم ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . \"\" مانى تەتۈر ئۆرۈپ كۆرۈۋالغايسىز قېرىندىشىم \"\"

قېرىندىشىمىزنىڭ ھاجىتىنىڭ تىزراق راۋا بولۇشىنى ، قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلارچە ياردىمىنى ئايىماي قېرىنداشىمىزغا قېرىنداشلارچە مىھرىنى ھېس قىلدۇرۇشىنى قېرىنداشلارچە ئۈمىد قىلىمەن .  \"\"

كىپەكتەك گەپنىڭ ئاخىرسىدا بالدۇرراق شىپا تېپىشىنى تىلەيمەن .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:45:49

20نەچچە كويلۇق ئىچىدىغان بىر دورىسى بولىدىغان.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:47:49

ئۆتكەن يىلى قىزىمىنىڭ كۈزى ياشاڭغۇراپ، قىزىرىپ قاپتىكەن، چوڭلار يىڭناسقۇ چىققۇدەك، ئۇچى بىلىنىپ ئاقارغۇچە ئامالىنى قىلىڭلار دەپ بىر ئامالنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ئامالى مۇنداق:

ئىتنىڭ جۈمە كۈنى چىقارغان پۇقىنى(ئىتنىڭ جۈمە كۈنى چىقارغان گەندىسى قۇرغاندىن كىين ئاق رەڭدە بولدىكەن) شۇ يەرگە بىلىنە بىلىنمەس ھالەتتە تەككۈزۈپ بېشىدىن ئارتىلىدۇرۇپ كەينىگە تاشلىۋىتىش ئىكەن.

يىڭناسقۇنى ۋاقتىدا ساقايتمىسا بالىنىڭ كۈزى جىرتاق بۇپ قالىدۇ دىگەچكە جىددىيلىشپ پوق ئىزدەپ 2كىلومىتر مېڭىپ (مۇشۇ كۈندە مەھەللىدە ئىتلارمۇ ئازلاپ كەتتى) ئاخىرى تاپتىم، دەرۋەقە بىر مۇنچە گەندىلەر ئارىسىدا ئاق رەڭلىك گەندە كۆزگە چېلىقپلا تۇرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ دىگەندەك ئەتىسىدىن باشلاپ ياخشىلىنىپ ساقىيىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كىين يەنە بىر قانچە قېتىم شۇنداق بولدى، ھەر قېتىم يىڭناسقۇنىڭ ئالامىتى كۈرۈلسە گەندىنى مۇنداقلا تەككۈزۈپ قويىمىز. ساقىيىپ قالىدۇ، ئىنىممۇ ئىككى قېتىم شۇ ئۇسۇلدا ساقىيۋالدى. قۇبۇل كۆرسەڭلار سەۋەپ قىپ باقاسىلە.............

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:48:24

يىڭناسقۇ ئادەتتە كۆز قاپىقىدىكى ماي بەزلىرىنىڭ يەللىنىپ قېلىشىىدىن پەيدا بولىدۇ. چوڭايسا كۆز تېرىسى قىزىرىپ ئىششىيدۇ ۋە ئاغرىيدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قىزىرىپ ئىششىغان يەردىن يىرىڭ چىقىدۇ. بەزىلىرى ئۆزى يىرىڭلاپ يېرىلسا، بەزىلىرىنىڭ يىرىڭىنى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ.

يىڭناسقۇنى داۋالاشقا نىسبەتەن كۆز دورىسى تېمىتقاندىن باشقا، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلانغاندا يەللىكنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە دورا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق يەللىكنى كونترول قىلىپ سېپتىتسېمىيە بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يىڭناسقۇنى سىقىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئورۇندىكى قان تومۇر بىلەن چوڭ مېڭىدىكى قان تومۇرلار ئۆزئارا تۇتاش بولغاچقا، سىقىش يەللىكنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. بۇ مېڭە پەردە يەللىكى ۋە سېپتىتسېمىيە پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىغا قولى بىلەن كۆزىنى ئۇۋۇلىماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىش لازىم.

يىڭناسقۇ چوڭ كېسەل ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بالىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:49:03

بۇ يىڭناسقۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆتكەندە مەتو يوللىغان «... يوغان» دېگەن تېمىدىكى نەرسىنىڭ تۇققىنى، بەدەنگە زەھەر يىغىلىشتىن، يەنى قان بۇزۇلۇشتىن بولىدۇ.

كۆزگە چىققان نەرسە بولغاندىكىن ئالدىراپ ھەپىلەشمىگەن ياخشى، كۆزنى ئىشقارلىقى تۆۋەن، بولسا «سوپۇنسىز سوپۇن (تەبىئى ماددىلاردىن ياسالغان سوپۇن) بىلەن ئىلمان سۇدا پات- پات يۇيۇپ، پاكىز تۇتسا نەچچە كۈندە ساقىيىپ كېتىدۇ. مۇشنى ئالدىراپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. بولمىسا تېخى پىشمىغان، يىرىڭى تولۇق يىغىپ بولالمىغان نەرسىنى يېرىپ قويۇپ بالاغا قالىسىز. دەھشەت ئاغرىيدۇ، شۇنداقلا جاراھەتنىڭ ۋە ياكى جاراھەت ئەتراپىنىڭ تېخىمۇ بەك ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

uqkun28 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 16:50:54

ھەرگىز تىغ تەككۈزىدىغان ئىشنى قىلماڭلا......

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 17:10:21

{:107:}   {:107:}   بۇ يەردە ئىتنىڭ پوقى تۇرماق ئىتنىمۇ  ئۇچرىتىش تەس

muzatboy يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 17:11:40

«مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى»دىگەن كىتاپتا سۇپۇنداپ يۇيۇپ بەرسە ساقىيىدۇ دىگەن مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 21:09:49

يېڭنەئاسقۇغا يېڭنە ئېسىپ قويۇشنىڭ ئىلمىي چۈشەندۈرۈلىشىنى بىر كېتاپتا كۆردۇممۇ ياكى ژورنالدىن كۆردىممۇ تازا ئېسىمدە يوق.

قوياش ئۇلترا بېنەپشە نۇرنىڭ مىكروپ ئۆلتۈرۈش رولى بارلىقىنى بىلىمىز. يېڭنە ئاسقۇغا يېڭنە ئېسىپ قويغاندا، يېڭنە ئۇلترا بېنەپشە نۇرنى ياللۇغلانغا ئورۇنغا چۈشۈرۈپ تۇرغان بولغاچ، ساقىيشى تىز بولىدىكەن.

يېنڭنە سەل خەتەرلىكرەك، ئۇچى ئۇچلۇق بولمىغان، پارقىراپ تۇرىدىغان، نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار مىتال ئېسىپ قويسا، ئاپتاپتا بىر ئىككى كۈن ئويناپ بەرسە ساقىيىپ قالارمىكىن. ياللۇغلانغان ئورۇنغا مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان مەلھەم سۈرۈپ، يېڭنىمۇ ئېسىپ، بىر ئىككى كۈن سەۋىر قىلىپ ساقلاپ بېقىڭلار ئەمدى.

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 21:49:47

ئېدېش خەقنىڭ ئاخمىغان پاراڭلىرغا قۇلاق سالغۇچە دورخانىلارغا بېرىپ بىر سومغا خەلىق پۇلىغا 金霉素眼膏 دىن بىرنى ئېلىپ كۆزىگە كۈندە ئىككى قېتىمدىن 3 تۇلۇق سۈرۈپ قۇيۇڭلار بىرگە 阿莫西林 دىن قۇشۇپ ئىستىمال قىلسا ياللۇغ تىز قايتىدۇ

金霉素 سۈرگەن چاغلاردا ئازراق كۆزى  چاپاق بۇلۇپ قالدۇ ئاستا نورمال تازلاپ تۇرسا چاتاق يوق 3 كۈندە ئوڭشۇلۇپ كىتىدۇ بىر قۇساق ئىنىمغا تولا چىقىدىغان بۇ نەرسە بۇرۇن ئاسما سالدۇرۇپ ئاران ساقىياتتى ھازىر مۇشۇ دورا بىلەنلا ساقايتىپ كىلۋاتىمى

\"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 22:45:35

يىڭنەئاسقۇ ۋە بىرقىسىم تېرە كېسەللىكلىرى توغىرسىدا (ياردەم)  نىمۇ ككرۈپ بېقىڭ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 23:02:59

ئۇكامغىمۇ چىقىپ قاپتىكەن ،دادام ئايەت ئوقۇپ سۈففف دەپ تۈكرۈپ
قويسا ساقىيىپ قالغان ئىدى ،،مەلىڭىزدىكى تەقۋادارراق بىرەرسىگە كۆرسىتىپ باقامسىزيا ئىتنىڭ پوقىنى ئىزدەپ يۈرگىچە ،،،

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 08:44:47

ئەڭ ياخشى ئاددىي رىتسىپ، يۇز سوپۇندا يۇيۇڭ سوپۇن سۈيىنى كۈزىڭىزگە كىرىپ ئېچىشسۇن ، بىر كۈندىلا مەنپەئەت قىلىدۇ، كۆپ قېتىم سىنىغان

مەنبە مومام ئېيتقان رىتسىپلار دىگەن كىتابقۇ بىرنېمە ھېسام دىگەن ئادەمنىڭ

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:22:24

8- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\" \"\" بۇ يەردە ئىتنىڭ پوقى تۇرماق ئىتنىمۇ ئۇچرىتىش تەس

城管غۇ باردۇ؟

شۇلارغا دېسىڭىز تېپىپ بېرىدۇ. \"\"

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:27:22

يۇقارقىسى چاخچاق، ئەمدى نەق دورىسىنى دەپ بېرەي:

@nurdiyar توغرا دەپتۇ.

盐酸金霉素眼膏 دا ياغلاپ بەرسە ئۆزى ئەقىرىپ تېشىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساقىيىدۇ. ( دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورا، سىناقتىن ئۆتكەن)

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 13:36:40

9- قەۋەتتىكى muzatboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«مومامنىڭ شىپالىق رېتسىپلىرى»دىگەن كىتاپتا سۇپۇنداپ يۇيۇپ بەرسە ساقىيىدۇ دىگەن مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم

ئۇ كىتاپنى تورغا يوللاپ بولغاندىن كېيىن، يانفۇن كىتابىي قىلىپمۇ  ئىشلەپ قويغان ئىدىم.  چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://iask.sina.com.cn/u/1725857331/ish?folderid=122956

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:03:37

6- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
       
بۇ يىڭناسقۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆتكەندە مەتو يوللىغان «... يوغان» دېگەن تېمىدىكى نەرسىنىڭ تۇققىنى، بەدەنگە زەھەر يىغىلىشتىن، يەنى قان بۇزۇلۇشتىن بولىدۇ.

كۆزگە چىققان نەرسە بولغاندىكىن ئالدىراپ ھەپىلەشمىگەن ياخشى، كۆزنى ئىشقارلىقى تۆۋەن، بولسا «سوپۇنسىز سوپۇن (تەبىئى ماددىلاردىن ياسالغان سوپۇن) بىلەن ئىلمان سۇدا پات- پات يۇيۇپ، پاكىز تۇتسا نەچچە كۈندە ساقىيىپ كېتىدۇ. مۇشنى ئالدىراپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. بولمىسا تېخى پىشمىغان، يىرىڭى تولۇق يىغىپ بولالمىغان نەرسىنى يېرىپ قويۇپ بالاغا قالىسىز. دەھشەت ئاغرىيدۇ، شۇنداقلا جاراھەتنىڭ ۋە ياكى جاراھەت ئەتراپىنىڭ تېخىمۇ بەك ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئىنكاس ئوغرىسى.

tamasha يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 17:12:22

« مۇش» دېگىنىڭىز « مۇچ» مۇ، رەسمى مۇشمۇ؟
بەت: [1]
: يىڭنە ئاسقۇغا تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يەرلىك رېستىپ بارمۇ