چارۋا-مال دوختۇرلىغى توغرىسدا ياردەم سۇرايمەن؟
مۇنداق ئىش ئدى،نەۋرە ئىنىم چارۋا-مال دوختۇلۇق ئورنىدا شاگىرىت بولۇپ ئىشلەۋاتقىلى 4يىل بولدى.ھازىر ئۈزى مۇستەقىل دىئاگۇنۇز قويۇش،داۋالاش،ئوپراتسىيە قىلش ئىشلىرنى قىلالايدىغان ئوخشايدۇ.لىكىن ئۈزى داۋالاش ئورنى ئاچاي دىسە ياكى مۇشۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك ئىمتاھانلارغا قاتنىشاي دىسە دىپلوم ياكى سالاھىيەت كىنىشكىسى يوق.شۇڭا مۇشۇ كەسىپتە تەربىلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئۇچۇرنى بىلەلمەي قالدۇق.شۇنداقلا سەمىمى مەسلىھەت ياردىمىڭلارغا مۇھتاج بۇلوپ قالدۇق.ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر-رەھمەت!....... شۇ يەردىكى چارۋۇچىلىق ئىدارىسىدىن سوراڭ ئىنىڭىز ئەڭ تۈۋەن بولغاندا بىرەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ(دۆلەت ئىگىلىكىدىكى)نىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق كەسپىدە 3يىل ئوقۇسا ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومى بىلەن چارۋا مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت كىنىشكىسى، ۋە چارۋا مال كارانتېن سالاھىيەت كىنىشكىسى بىرىدۇ، ئاندىن خاتىرجەم دۇكان ئاچسا بولىدۇ، يەنە كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىنتاھانىنىڭ كەسپى چۈشكەن ئورۇنلارغا(ئاساسى جەھەتتىن يېزا چارۋا مال دوختۇرلۇق پونكىتلىرى) ئىنتاھان بىرىپ ئۆتەلىسە شىتاتلىق رەسمى خادىم بولالايدۇ، سىز دىگەن ئىككى تۈرلۈك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ۋىلايەت دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى بەلگىلەنگەن مەكتەپتىكى شۇخىل ماس كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىنتاھان ئېلىپ لاياقەتلىك بولغاندا مەكتەپ ئارقىلىق بىر تۇتاش تارقىتىپ بىرىدۇ، مەكتەپ سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ! سەمىمى ئەسكەرتىش، مەن شۇ سىز دىگەن كەسىپتە ئوقۇغان، سىزگە كىتەرلىك سالاھىيەت كىنىشكىلىرى مەندە تولۇق، بىراق مەن ئۈچ يىل مۇقەددەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كەسپى ئورۇنلار ئىنتاھنىغا قاتىنىشىپ يېزىلىق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىغا شىتاتلىق ئۆتۈپ يېرىم يىلدەك ئىشلەپ، ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتسىز خىزمەت قىلىۋاتىمەن، بۇندىن كىيىنمۇ قىلىش پىلانىم يوق، شۇڭلاشقا ئىككى خىل كىنىشكىنى سىزگە سېتىپ بەرسەم بولىدۇ، ئىنىڭىزمۇ دوختۇرخانىنى خاتىرجەم ئېچىپ، ھايۋاناتلارنى داۋالىيالايدۇ! ئىنىڭىز ئەڭ تۈۋەن بولغاندا بىرەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپى مەكتەپ(دۆلەت ئىگىلىكىدىكى)نىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق كەسپىدە 3يىل ئوقۇسا ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومى بىلەن چارۋا مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت كىنىشكىسى، ۋە چارۋا مال كارانتېن سالاھىيەت كىنىشكىسى بىرىدۇ، ئاندىن خاتىرجەم دۇكان ئاچسا بولىدۇ، يەنە كەسپى ئورۇنلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش ئىنتاھانىنىڭ كەسپى چۈشكەن ئورۇنلارغا(ئاساسى جەھەتتىن يېزا چارۋا مال دوختۇرلۇق پونكىتلىرى) ئىنتاھان بىرىپ ئۆتەلىسە شىتاتلىق رەسمى خادىم بولالايدۇ، سىز دىگەن ئىككى تۈرلۈك سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ۋىلايەت دەرىجىلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى بەلگىلەنگەن مەكتەپتىكى شۇخىل ماس كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىنتاھان ئېلىپ لاياقەتلىك بولغاندا مەكتەپ ئارقىلىق بىر تۇتاش تارقىتىپ بىرىدۇ، مەكتەپ سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بولمايدۇ! سەمىمى ئەسكەرتىش، مەن شۇ سىز دىگەن كەسىپتە ئوقۇغان، سىزگە كىتەرلىك سالاھىيەت كىنىشكىلىرى مەندە تولۇق، بىراق مەن ئۈچ يىل مۇقەددەم ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن كەسپى ئورۇنلار ئىنتاھنىغا قاتىنىشىپ يېزىلىق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىغا شىتاتلىق ئۆتۈپ يېرىم يىلدەك ئىشلەپ، ئىستىپا بىرىپ چىقىپ كەتكەن، ھازىرغىچە ئۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتسىز خىزمەت قىلىۋاتىمەن، بۇندىن كىيىنمۇ قىلىش پىلانىم يوق، شۇڭلاشقا ئىككى خىل كىنىشكىنى سىزگە سېتىپ بەرسەم بولىدۇ، ئىنىڭىزمۇ دوختۇرخانىنى خاتىرجەم ئېچىپ، ھايۋاناتلارنى داۋالىيالايدۇ! مەن چۈشەنچە بېرەي .مەن ھازىر مۇشۇ كەسىپنى قىلۋاتىمەن . يۇقارقى توردىشمىز دىگەن كەسپى سالاھىيەت كىنىشكىسى ھازىر ئاقمايدۇ . يۇقارقى تورسىشىمىز دىگەن كىنىشكىنى ئالماق ئاسانراق ئىدى .تۆۋەن دەرجە ،ئوتتۇرا دەرىجە ، يۇقۇرى دەرىجە دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلاتتى .يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن ھايۋانات دورا دۇكانلىرى ئاچىدىغان ،ۋە ھايۋانات ئامبۇلاتۇريىلىرى ئاچىدىغانلار يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى بىر تۇتاش ئورۇلاشتۇرغان كەسپى مال دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتاھانسىدىن‹‹执业兽医考试›› ئۆتۈپ ئاندىن ئېچىش كېرەك .بۇ ئىمتاھان بەك تەس .ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي خەنزۇ يېزىقىدا ئېلىندۇ .ئىمتاھانغا تىزىملىتىش ، بېرىش شەكىللىرى خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتاھانسىغا ئوخشاپ قالىدۇ . مەملىكەت بۇيىچە بىر كۈندە ئوخشاش سۇئالدا ئالىدۇ ، يىلدا بىر قېتىم ئالىدۇ .تۆۋەن بولغاندا مۇشۇ كەسىپتا ئالى تېخنىكوم دىپلومى بولمىغانلارنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى يوق .مەن ئىككى قېتىم بېرىپ بولدۇم تېخى ئالالمىدىم .ئەمدى ئىنىڭىزغا بىر ئامال كۆرسىتەي ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ناھىيەلەردە چارۋا مالدوختۇرخانىدىكى شىتاتلىق خادىملاردىن باشقا . كەنىت ۋە ئاھاللار كومتىتىدا كەنت دەرجىلىك ھايۋانات يۇقۇمى مۇداپىئە خادىمى دەپ ئاتىلدىغان شىتاتسىز خادىملار بار . بۇلار ئاساسلىقى ئىمونىت ئېلىپ بارىدۇ . ئىشلىگىنىگە ئاساسەن ھەق ئالىدۇ .بۇلارنى ناھىيە ئەنگە ئالىدۇ.بۇلار ئۆز دائىرىسىدە داۋالاش ئېلىپ بارسا بولدۇ .ئەلۋەتتە بۇلارغا باشقا ئارتۇق كىنىشكە رەسمىيەت تەلىپى قويۇلمايدۇ . چۈنكى بۇلارنىڭ ئاچقان داۋالاش پونكىتى كەنت ياكى ئاھاللار كومتىتىنىڭ نامى ئاستىدا بولدۇ .سىزگە تەكلىپىم ئىنىڭىزنى مۇشۇ قاتارغا كىرگۈزۈپ كەسىپ بىلەن شوغۇللاندۇرسىڭىز بولدۇ .بۇنىڭ ئازراق ئاۋارچىلىقى بار يەنى ھەر قېتىملىق مەجبۇرى ئىمونىت باشلانغاندا شۇ ئورۇندىكى ھايۋاناتلارغا ئىمونىتلاش ئېلىپ بارىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭغىمۇ ھۆكۈمەت ئايرىم ھەق بېرىدۇ .
بەت:
[1]