يىشىن (易信) دېتالىنى تەۋسىيە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بايا بىر دوستىمىز يىشىن (易信) دېتالىنى تەۋسىيە
قىلىپتىكەن. ئىشلىتىپ كۆرۈش جەريانىدا ھەقىقەتەن ياخشىلىقىنى ھېس قىلدىم.
بۇنىڭدا يىشىن (易信) دېتالىنى قاچىلىمىغانلارغىمۇ ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى
ۋە ھەقسىز سۆز قالدۇرۇپ قويغىلى بولىدىكەن. لېكىن ماۋۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى
شۇنچىلىك ئېسىلكەن.
ئورگان بېتىنىڭ ئادرېسىنىڭ بەك تەستە تاپتىم..
بۇ ئورگان چۈشۈرۈش بېكىتىنىڭ ئادرېسى: http://yixin.im/
مۇشۇ يەردىن چۈشۈرىدىكەنسىز. ئاندىن يەنە بىر ياخشى ئىش ،لېكىن مەن تېخى
سىناپ باقمىدىم. سىز تېلگىراف ئابونتى بولسىڭىز يىشىن (易信) دېتالىنى
تېلىفۇن نومۇرىڭىزدا تىزىملىتىپ 48 سائەت ئىچىدە سىزگە 300 مېگا بايىتلىق
تور ئېقىمى سوۋغا قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر ئايدا يەنە
60مېگا بايىت سوۋغا قىلىدىغاندەك گەپ بار. بۇ خەۋەرنى خەنزۇچە بەتلەردىن
كۆردۈم. بۇ يىشىن (易信) دېتالى جوڭگۇ تېلگىراف شېركىتى بىلەن 网易بېكىتى
بىرلىشىپ ياسىغان دېتالكەن.. شۇڭا تېلگىراف ئابونىتلىرىغا مۇشۇنچىلىك
پايدىسى باركەن. مەنمۇ تېلگىراف ئابونتى.ھى ھى .

ئۈندىدارغا ئوخشاش بۇنىڭمۇ دوسلار چەمبىرىكى ئىقتىدارى باركەن.
دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى :
1.ئاۋازى سۈزۈك.شاۋقۇن ئاۋاز ئېلىنمايدۇ..
2. ئىپادىلەر ھەقسىز. ھەقسىز رەسىم چاپلىغىلى بولىدۇ. (ھازىر ئۈندىدار 5.0دە ھەقلىق قىلىۋەتتى ئەمەسمۇ)
3.يىشىن (易信) دېتالىنى قاچىلىغان ياكى قاچىلىمىغان تېلىفۇنلارغا ھەقسىز
قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدىكەن. ھازىرچە ئۇچۇر سانىغا چەك قويۇلمايدىغان
ئوخشايدۇ.
4.ھەقسىز سۆز قالدۇرۇشقا بولىدۇ. مەن سىناپ باقتىم . بىز قالدۇرغان سۆز
قارشى تەرەپكە تېلىفۇن كەلگەن ھالەتتە كېلىدىكەن. مەسىلەن:400 دىن
باشلانغان بىر نومۇردىن كېلىدىكەن. ئاندىن بىرسى سىزگە سۆز قالدۇردى
دەيدىكەن. كەينىدىن بىز قالدۇرغان ئاۋازنى قويۇپ بېرىدىكەن. بۇ ئىقتىدارىمۇ
ھەقسىزكەن.مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم بۇ ئىقتىدارىنى.
5.ئاندىن ھەقسىز مۇزىكا بەھىرلىگىلى بولىدىكەن. مەن ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىقتا
مۇھاببەت دەپ يازسام بىر مۇزىكىنى تېپىپ بەردى. بۇ ئىقتىدارىمۇ بولىدىكەن.
6. ھەقسىز 2 مېگا بايىت بولغان فىلىم بەھىرلەشكە بولىدىكەن.
باشقا ئىقتىدارلىرى ئىشلىتىش جەريانىدا داۋاملىق يوللىنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://yixin.im/
مېنى قوشۇۋالماقچى بولسىڭىز dilmuratt دەپ ئىزدىسىڭىز بولىدۇ
مۇشۇنداق دېتالنى ئىزدەپ يۈرەتتىم. سىناپ باقاي ئەمىسە.
مەن ھازىرلا سىناي، بىكارلىق يەرلىرنى ئەتە قۇپۇپلا ھەقلىق قىلۋالمىسۇن. 微信,易信,连我,يەنە QQ ,SKYP,,,زادى قايسى بىرنى ئىشلىتەرمىز بۇنىڭ ،،ئۈندىدار ئومۇملىشىپ قالغاندەك قىلدۇ ،لىكىن بايا سىناپ باقسام ماۋۇ نەرسىمۇ بوپ قويدىغاندەك تۇردۇ ، {:107:} ،،، ۋېي شىندا بار بولغان ئەتىراپنى تىنتىش ئىقدىدارى يوق ئىكەن. بۇ دىتالىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئاز ئىكەن. قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم، لىكىن پاراڭلىشاي دىسەم ھىچ ئادەم يوق. ئەمما ھىچ بىر ھەقسىز ئېقىم سوۋغا قىلىشنىڭ گىپىنى قىلمايدىيا

ئەتە چۈشتىن كىيىنگىچە قاراپ بىقىپ ئىقىم سوۋغا قىلمىسا يۇيۋىتىپ ،،ماۋۇ تىمىغا ناچارنى باسمامدۇق ،، {:90:}
لىكىن بۇنەرسىنىڭ ئاۋاز ئىلىش ئىقتىدارى ئاۋۇ لىيەنۋو دىگەن نەرسىنىڭكىدەك ياخشىكەن {:92:} ئۇنى -بۇنى قويۇپ بۇ ئاداشقا ئىسىم قويىۋالايلى!
ئەتە ئۆگۈن ئۇيغۇرلار كىتايچىسنى قۇبۇل قىلىۋىلىپ ھەسرەتتە قالمايلى يەنە...
نىمە دىسەك بولا!؟
قولايدىدار سەل تەس كەن، سىلەرمۇ ئويلىنىپ بىقىڭلار ئەپخەت دېسەك قانداق بولار... ماڭا ئىشلىتىپ ئەتىسى 300مېگا بايىت ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلدى. بۇ راس...
مەن تېلگىراف ئابونتى.
ماڭا ئىشلىتىپ ئەتىسى 300مېگا بايىت ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلدى. بۇ راس...
مەن تېلگىراف ئابونتى ماڭىمۇ ئىشلىتىپ ئەتىسى 300مېگا بايىت ئېقىم مىقدارى سوۋغا قىلدى. بۇ راس...
مەنمۇ تېلگىراف ئابونتى.
ئەلانى دەسسىۋەتتىم ماڭغىمۇ 300مب بەردى {:92:} 300 ئىمبىنى ئالغاندىكىن ئەلانى دەسسەپ قويمامسىلە باللا ،

ئەلانى دەسسۋەتتىم. مەنمۇ تىزىملىتىپ، 300 م ب لىق سوغىغا ئىرىشتىم، ئەمما قارشى تەرەپتە بۇنداق ئەسرالاشقۇ بولمىسا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغىلى بولمىدى، تىزىملاتقان دەسلەپكى ۋاقىتتا قارشى تەرەپتە بۇنداق ئەسرالاشقۇ بولمىسىمۇ بىرقانچە ئادەمگە ئۇچۇر يوللىسام يوللانغان ئىدى، ھازىر ئاۋازلىق ئۇچۇر پەقەت بۇئەسرالاشقۇ بار ئادەمگىلا يوللىنىۋاتىدۇ. (易信) يىشىن چىققىلىمۇ نەچچە كۈن بولۇپ قالدى،ھازىرچە مۇشۇنداق ئاتاۋاتىمىز،بۇنىڭغا بىرەر ئىسىم تاپساق بولاتتى. ۋېيشىن نى خۇددى ئۈندىدار دىگەندەك.
يى易 دىگىنى لۇغەتلەردە ئاسان،ئوڭاي،قولاي،ئەپلىك دىگەندەك كېلىدىكەن.
شىن信 دىگىنى خەت،گەپ ،خەۋەر،ئۇچۇر دىگەندەك مەنىدىكەن.
مەن ئويلىغىنىمنى دەپ باقسام:
1. ئەپسۆز،ئەپگەپ ،ئەپخەت دىگەندەك يەنى ئەپلىك،ئەپچىل بولغان سۆزلىشىش،گەپلىشىش قورالى مەنىسىدە.
2. ئەپدىدار ، يەنى ئەپلىك،ئەپچىل بولغان دىدارلىشىش قورالى مەنىسىدە.
3. يانئۈن،يانسۆز،ياندىدار ،يانسىن دىگەندەك ئەپ باقساقمۇ بولارمۇ؟
ماۋۇ ئەپخەتنى مەنمۇ چۈشۈرۈۋالدىم
ياخشىكەن ئەمما ھازىرچە ئىشلىتىدىغانلار بىزە ئازكەن ھەممىسى ئوخشاشلا ئۇندىدار ، بىرى تېلگىرافنىڭ بىرى تېڭشۇننىڭ . تېڭشۇن ئۈندىدار يىشىن ئۈندىدار (يىشىن دېگىنى شېركەت نامىكەن) دېسەك بولىۋېرىدۇ . خۇددى كومپىيۇتېرنى لىيەنشىڭ كومپىيۇتېرى ، خۇيپۇ كومپىيۇتېرى دىگەندەك. ئوخشاش مەھسۇلاتقا ھەر خىل ئىسىم قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئۈندىدارنىڭ ئېنىقلىمىسى : كومپىيۇتېردا ئاۋاز ، سۈرەت ، يېزىق ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن دىدارلىشىدىغان بىر خىل قورال . مەسىلەن ۋېيشىن ، يىشىن دېگەندەك.
6- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇنى -بۇنى قويۇپ بۇ ئاداشقا ئىسىم قويىۋالايلى!
ئەتە ئۆگۈن ئۇيغۇرلار كىتايچىسنى قۇبۇل قىلىۋىلىپ ھەسرەتتە قالمايلى يەنە...
نىمە دىسەك بولا!؟
قولايدىدار سەل تەس كەن، سىلەرمۇ ئويلىنىپ بىقىڭلار
يىشىن دەيلى
300 مىگابايىتتى تۈنجى ئايدىلا بىرەمدىكەن
باشقا ئايدا سىتىۋالغاندا بولا ، 300 مىگابايىتقا نىمە قىلغىلى بولاتتى، كىنۇدىن بىرنى كۆرگىلى بولمايدىغۇ- شۇ!
بەت:
[1]
2