anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 15:55:09

كومپىيۇتېر مۇلازىمىتى ھەققىدە دېيىشىپ باقمامدۇق؟

شۇنىڭ بىلەن كومپىيۇتېر تىجارىتى قىلىۋاتقىلى 1 يىلدىن ئېشىپتۇ، دەسلىۋىدە ئىزدىنىشتە يازغان مەسلىھەت خاراكتىرىدىكى تېمام دەسلىۋىدىكى ئىشلىرىمغا شۇنداق مەنپەئەت يەتكۈزدى ،بۇ ھەقتە ئىزدىنىشقا ۋە تورداشلارغا كۆپ كۆپ رەھمەت دېگۈم كېلىدۇ.


تۆۋەندىكىلەر ھەققىدە بىر نېمە دېيىشىپ باقمامدۇق ؟ بىزدەك ئۇيغۇر كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىگە ئەقل ۋە تەجىربە بوپ قالسا ئەجىپ ئەمەس.


1. ھەرقايسى يۇرتلاردىكى كومپىيۇتېر سېتىش شىركەتلىرىنىڭ ساتقاندىن كېيىنكى مۇلازىمىتى قانداقتۇ؟ مەسلەن ،سېستىما بۇزۇلسا قاچانغىچە ھەقسىز ئوڭشايدىغاندۇ ؟ قۇراشتۇرما كومپىيۇتېرىنىڭ كاپالەت مۇددەتلىرى قانچىلىكتۇ؟


2. ھەرقايسى يۇرتلاردىكى كومپىيۇتېر سېتىش پائالىيەتلىرى قانداق مەزمۇنلاردا بولىۋاتقاندۇ ؟ مەسلەن باھا،قوشۇپ بېرىدىغان سوۋغا دېگەنلەر...


3. ھەرقايسى يۇرتلىرىمىزنىڭ سودا ئەڭ بولىدىغان مەزگىللىرى قايسى مەزگىللەردۇ؟


4. ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىدىن كومپىيۇتېر ئېلىش نىسپىتى تەخمىنەن قانچىلىكتۇ؟ خەنزۇلاردىن ئېلىۋاتقانلار تەخمىنەن قانچىلىكتۇ؟  


5. خەنزۇ سودىگەرلەرنىڭ كومپىيۇتېر سېتىش مۇلازىمىتىدىكى ئارتۇقچىلىقى قايسىلار ،كەمچىلىكى قايسىلار...؟ نېمىشقا يەنە بىر بۆلۈك كىشىلەر ئاتايىن خەنزۇ سودىگەرلەردىن ئالىدۇ؟


6. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان كەمچىلىكلىرىنى دەپ باقامسىز؟


7. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىگە قانداق تەلەپ ،پىكىر بار ؟ قانداق ئۈمۈدلەر بار ؟مۇشۇلار ھەققىدە بىر نېمە دىيىشىپ باقايلى !


----


قېرىنداشلار ئاكتىپ بولسا، بۇ تېما شىنجاڭدىكى 16 شەھەردىكى كومپىيۇتېرچىلارغا تولىمۇ پايدىلىق تېما بولغۇسى دەپ ئويلايمەن! مەرھەمەت!!!

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 18:15:55

يەكەندە كومپىيۇتىر مۇلازىمەت ساھەسىدە ماڭا ياققان بىر دۇكان بار .

ئەلقۇت كوپىيۇتىر مۇلازىمەت ئورنى .

كومپىيۇتىر قاتتىق دىتالى بۇزۇلۇپ قالىسىمۇ %98 نى ئۆزى قولىغا داغمال ئېلىپ ياسىيالايدۇ .

دۇكىنىغا كېرىپ مەسىلىھەت سوراپ مال ئالمىسىڭىزمۇ ، چىرايى تۈرۈلۈپ قالمايدۇ .

مۇلازىمەت ھەققى ، مال باھاسى جەھەتتە خەنلەردىنمۇ ئەرزان .



6. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويىۋاتقان كەمچىلىكلىرىنى دەپ باقامسىز؟



يەكەندە ھىس قىلغىنىم ، بەزى كومپىيۇتىر سودىگەرلىرىنىڭ كەمچىلىكى شۇكى :ئۆزىنى ھەممىنى بىلىدىغان دەپ ئويلىۋىلىش ، ئۆزىنىڭكىنى راسىت قىلىش ، خىرىدارنى ھىچنەرسە بىلمەيدۇ دەپ ئويلاش . تازلىق قەغىزى بارمۇ دېسە قۇم قەغەز بولسىمۇ بولامدۇ دەپ سوراش ...



سىزگە تەۋسىيەرىم : سىز خىرىدار ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىسىز ، خىرىدارنىڭ گېپىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ ، خىرىدارنى مەسخىرە قىلغاندەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلماڭ . ئامال بار ساختا ، يىڭىلانغان مالنى يىڭى راسىت مالنىڭ باھاسىدا ساتماڭ ..

ئاڭلىشىمچە ؛ بىر خىرىدار بىر مۇلازىمەتتىن رازى بولسا ، ئۇنى يەتتە دوستىغا يەتكۇزىدىكەن . ئەگەر نارازى بولسا ئۇنى 25 دوستىغا يەتكۇزىدىكەن ....

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 22:09:01

رادىيو ھەۋەسكارى دىگەن تورداش دىگەندەك يېڭلانغان 翻新 قىلىنغان ماللارنى يېڭى مال قاتارىدا ساتقانلار ھامىنى بىركۈنى خېرىدارنىڭ نەزىردىن چۈشۈپ كىتىدىكەن مەسلەن يانفۇن تىجارىتىنى مىسالغا ئالساق ئالما ماركىلىق تىلفۇنلارنى سېتۋالسىڭىز يېڭلانغان يەنى 翻新 قىلغىننى ئالسىڭىز ئازراق ئىشلەتكەندىن كىيىن كۈرسىز كارامىتىنى يېڭلانغان 翻新 يانفۇنلاردىن ئىككىنچى قول قېپى ئېچىلمىغان ،ئىككىنچى قول تىلفۇن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىدۇ كونا بولغان بىلەن

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 22:21:03

ئۇرۇمچى قىزىل بايراق كومپۇيوتۇر مۇلازىمەت مەركىزىدە تېجارەت قىلدىغانلا بولسا ئۇچۇر قالدۇرساڭلا بوپتىكەن ، كومپۇيوتۇرنىڭ سەپلىمىلىرىنى قايتىدىن قاچىلاي دىگەن. win8دىن بىرنى سېتىۋالغان ، ئىچكى قىسىم كىچىك كەپ قېلىپ ھازىرغىچە ئارام ئېلىپ تۇرۋاتىدۇ. بىر قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقاي زادى......

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 09:29:03

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ساتقۇچىلاردىن سەمىمىيلىرىنى ئۇچۇرتۇپ باقمىدىم. پالانى نەرسە بارمۇ دېسە ئۆزىدە بولمىسا يوق دېمەيدۇ، ئامباردىتى دەپلا ياندىكى خەنزۇدىن ئاچىقىپ باھا قوشۇپ ساتىدۇ. بىر نەچچە قېتىم شۇنداق قىلدىغاننى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سېلىپ خەنزۇدىن ئەكىلىپ بېرىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، داۋاملىق شۇنداق بولۇۋەرسە ئادەم ئۆزىنى ئالدانغاندەك ھېس قىلىپ، خەنزۇنىڭكىگە باردىكەنمىز.

رادىئوپەن دېگەندەك ئۇلار ھەممىنى بىلىدۇ، خېرىدار ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 10:05:24

مەن كومپىيوتېرىمغا 2000 گىگابايىتلىق قاتتىق دىسكىدىن بىرنى سەپلەي دىگەن، باھاسى قانچە، قانداق ماركىدىكىنى ئالسام بولار؟ ياكى سىلەردە بولسا كېلىشىپ قالساق پوچتىدىن سېلىپ بېرەمسىلەر يا؟

باھاسى ئانچە پەرىقلەنمىسە 4000 گىگابايىتلىق بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ جۇما

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 11:12:31

خوتەندە كومپىيۇتىر ساتىدىغانلار ئاساساسەن ئۇيغۇرلار مولازىمىتىمۇ شۇنداق ياخشى ھەم خەنزۇلاردىن ئەرزان .بۇنى خەنزۇلارمۇ بىلىپ قالغان چىغى ئۇلارمۇكومپىيۇتىر سىتىۋالسا ئاساسەن ئۇيغۇر دۇكانلىرىدىن سىتىۋالىدىكەن .بىر كومپىيۇتىردا 500سوم ئەتراپىدا پەرىقلىنىدۇ ئۇيغۇربىلەن خەنزۇ دۇكىنىدا .

\"\" \"\" \"\" \"\"

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 11:17:50

خوتەندىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر سودىگەرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى كومپىيۇتىرنى ساتقاندىن كىيىن 5كىلۇمىتىر دائىرىدە بولسا شاگىرىتتىن بىرنى ئەۋەتىپ كومپىيۇتىرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تورغاچىقرىپ بىرىپ قايتىپ كىلىدىكەن . چۈنكى نورغۇنلىغان ئادەملەر 4-5مىڭغا كومپىيۇتىر ئالغىنى بىلەن كىنۇ قويوشنىمۇ تەستە بىلىدىكەن .

مولازىمىتىگە كەلسەك 3يىلغىچە گوسىت سىستىمىنى (مۇتقا)ھەقسىز قاچىلاپ بىرىدىكەن . \"\" \"\" \"\" \"\"  {:90:}   {:90:}   {:90:}

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 19:11:22

7- قەۋەتتىكى siyitnoqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەندىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر سودىگەرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى كومپىيۇتىرنى ساتقاندىن كىيىن 5كىلۇمىتىر دائىرىدە بولسا شاگىرىتتىن بىرنى ئەۋەتىپ كومپىيۇتىرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تورغاچىقرىپ بىرىپ قايتىپ كىلىدىكەن . چۈنكى نورغۇنلىغان ئادەملەر 4-5مىڭغا كومپىيۇتىر ئالغىنى بىلەن كىنۇ قويوشنىمۇ تەستە بىلىدىكەن .

مولازىمىتىگە كەلسەك 3يىلغىچە گوسىت سىستىمىنى (مۇتقا)ھەقسىز قاچىلاپ بىرىدىكەن . \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"



....................................................................................................


بۇزۇلسا چىقىپ رىمۇنىت قىلغىلى ئۇنىمايدىكەنيا!


udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 19:12:12

8- قەۋەتتىكى udun007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى siyitnoqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەندىكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر سودىگەرلىرىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى كومپىيۇتىرنى ساتقاندىن كىيىن 5كىلۇمىتىر دائىرىدە بولسا شاگىرىتتىن بىرنى ئەۋەتىپ كومپىيۇتىرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ تورغاچىقرىپ بىرىپ قايتىپ كىلىدىكەن . چۈنكى نورغۇنلىغان ئادەملەر 4-5مىڭغا كومپىيۇتىر ئالغىنى بىلەن كىنۇ قويوشنىمۇ تەستە بىلىدىكەن .

مولازىمىتىگە كەلسەك 3يىلغىچە گوسىت سىستىمىنى (مۇتقا)ھەقسىز قاچىلاپ بىرىدىكەن . \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\" \"\"



....................................................................................................


بۇزۇلسا چىقىپ رىمۇنىت قىلغىلى ئۇنىمايدىكەنيا!



500 يۈەن ئەمەس، تىخى 2000 يۈەندىن ئوشوق باھا قوشوپ ساتىدىكەن.





udun007 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 19:15:20

كومپىيۇتىر سىتىۋالىمەن دىگۈچىلەر: ئەڭ ياخشىسى قوراشتۇرىمەن دىمەي، lenovo ماركىلىق كومپىيۇتىرنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ، بانكا كارتىىسى ئارقىلىق توردىن زاكاس قىلسا ئەرزان توختايدۇ.



سىتىش دۇكانلىرىدىن سىتىۋالسا، ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 600 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە باھا قوشوپ ساتىدۇ.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 11:47:54

5- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن كومپىيوتېرىمغا 2000 گىگابايىتلىق قاتتىق دىسكىدىن بىرنى سەپلەي دىگەن، باھاسى قانچە، قانداق ماركىدىكىنى ئالسام بولار؟ ياكى سىلەردە بولسا كېلىشىپ قالساق پوچتىدىن سېلىپ بېرەمسىلەر يا؟

باھاسى ئانچە پەرىقلەنمىسە 4000 گىگابايىتلىق بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ جۇما



2000گىگابايتلىق قاتتىق دېسكىنىڭ  باھاسى610سومدىن 710سوم ئەتراپىدا. قاتتىق دېسكىنىڭ كېيىنچە 3 يىللىق سۈپەت كاپالىتى بولغانلىقتىن ،ئەڭ ياخشىسى رايونىڭىزدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردىن ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇزۇلۇپ قالسا، تاپماق ،ئالاقىلاشماق ،ئوڭشاتماق قولاي.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-25 11:53:10

بىزنىڭ بۇ جايدا خەنزۇ كومپىيۇتېر شىركەتلىرى - ساتقاندىن كېيىن سېستىمابۇزۇلۇپ قالسىمۇ 50 سوم ئەتراپىدا پۇلغا ئوڭشاپ بېرىدۇ. دۇككاندىن چىكەتكەندىن كېيىنلا ئۆزىڭىز ئىگە بولىسىز، ئەمما قاتتىق دېتالدا سۈپەت مەسلىسى كۆرەلسە ، يەنە ۋەدىسى بويىچە ئاساسەن ئىگەبولىدۇ. ئەمما شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ دۇككاندىكى ئوخشاش كومپىيۇتېر بىلەن خەنزۇلارنىڭ كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسىدا 500-1200سومغىچە پەرق بار. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىممەت. ئەمما بىر قىسىم بىلمەيدىغانلار ،ئۇيغۇرلاردىن خەنزۇلارنى كۆپ بىلىملىك دەپ قارايدىغان ئاز سانلىقلار يەنىلا ئۇلاردىن سېتىۋالىدۇ ،قىممەتلىكىگە شەرەپلىك ھالدا رازى بولىدۇ ۋە ئويلايدۇ : ياخشى بولغاچقا قىممەت ! دەپ...

بۇ يەنىلا ئىنساپ ،مال سېتىۋىلىشتىكى ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسلەبولسا كېرەك.
بەت: [1]
: كومپىيۇتېر مۇلازىمىتى ھەققىدە دېيىشىپ باقمامدۇق؟