bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 10:33:22

NASA: ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟

NASA: ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟




بىلىمخۇمار




بۈگۈن «پەرۋاز» ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىز «http://bbs.izdinix.com» مۇنبىرىگە تۆۋەندىكىدەك بىر ئىنكاسنى يېزىپ قالدۇرۇپتۇ (نەقىل):




ئەركىن سىددىق ئاكىمىزنىڭ NASA نىڭ تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن بىزلەرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت !!

مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر قانچە سۇئالىم بارتى ، ۋاقتىڭىز بارمىكىن بىلمىدىم ؟

1.سۇئالىم : ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايغا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقىنىدىن تارتىپ ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى ، توردا نۇرغۇنلىغان گۇمانىي نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىلار كۆپ، «ئۆزگۈرۈشچان ماشىنا ئادەم transformers » دېگەن كىنودىمۇ ئىنسانلار ئايغا چىققان مەنزىرىگە ئوپمۇ ئوخشاش ياسالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىزنىڭچە شۇ قېتىمقى ئايغا چىقىش راست بولغانمۇ؟

2. ئەگەر راست بولسا ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقا ئايغا چىقىپ تۇرماي ، پەقەت ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقىپ چۈشۈدۇ؟ ئايغا چىقىپ چۈشۈشنىڭ ھازىر ئەھمىيىتى قالمىدىمۇ قانداق ؟

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ، كەچۈرىسىز! بۇلار ھازىرچە سىزدەك ئۇستازلىرىمىزدىن سورىۋالمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلىغان سۇئاللىرىم. ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن سۇئاللىرىم بار ، كېيىنچە قالغانلىرىنى ئالدىرىماي سورارمەن...




(نەقىل تۈگىدى)

مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغاندا بىر قىسىم ياشلار مەندىن ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى.  شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش مەن ھەر قېتىم تۈركىيىگە بارغاندىمۇ يۈز بەردى: تۈرك ياشلىرى بەزى ماتېرىيال ياكى فىلملاردا «ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغان» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتقانلىقىنى ماڭا دەپ، مەندىن ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سورىدى.  مەندىن ئېلخەت ئارقىلىق مۇشۇنداق سوئالنى سورايدىغانلار ھازىرمۇ چىقىۋاتىدۇ.  مەن ھازىرغىچە بۇنداق سوئالغا ئايرىم-ئايرىم جاۋاب بېرىپ كەلدىم.




ناسا بىلەن ئامېرىكىدىكى باشقا بىر قىسىم ئورۇنلار بىرلىشىپ، 1969-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە جەمى 6 قېتىم ئايغا ئادەم چىقاردى.  جەمى 12 نەپەر ئالەم ئۇشقۇچىلىرى ئاينىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، باشقا 6 ئادەم ئۇلار بىلەن بىللە ئۇچۇپ ئاينىڭ قېشىغا بېرىپ، يەر يۈزىگە قايتىپ كەلدى.  بۇنى ناسا «ئاپوللو قۇرۇلۇشى» (Apollo program) دەپ ئاتايدۇ.  ئامېرىكىلىقلار تۇنجى قېتىم 1969-يىلى 20-ئىيۇلدا ئايغا چىققان.  تۇنجى قېتىم ئايغا چىققان ئامېرىكىلىقنىڭ بىرى نېيىل ئارمستروڭ (Neil Amstrong) بۇلۇپ، ئۇ 1930-يىلى تۇغۇلۇپ، 2012-يىلى ۋاپات بولغان.  ئۇ ئۆتكەن يىلى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ۋاپاتى ئامېرىكىدا بىر ئىنتايىن چوڭ ئىش قاتارىدا خەۋەر قىلىنىپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ سۆز قىلدى .  ئاپوللو قۇرۇلىشىدا، 400 مىڭغا يېقىن ئادەم 10 يىلدەك ئىشلىگەن.  بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالەم ئۇشقۇچىلىرى، ئالىملار، ئىنژېنېرلار، تېخنىكلار، ۋە كەسپىي ماھارەت ئەھلىلىرى بار.  ئەينى ۋاقىتتا ئايغا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئالەم ئۇشقۇرى ھازىر ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىدىكى مۇزىخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، 2006-يىلى 5-ئايدا مەن ئاشۇ مۇزىخانىغا بېرىپ، ھېلىقى ئالەم ئۇشقۇرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقتىم.  بۇ ئالەم ئۇشقۇرى ئىككى مىليوندىن كۆپرەك زاپچاستىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنى ياساشقا ئامېرىكىدىن جەمى 50 تىن كۆپرەك ئورۇنلار قاتناشقان.  بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىر نەرسىنى ھەسابلاپ كۆرگەن:  ئەگەر ئامېرىكا ئايغا ئادەم چىقىرىشتىكى ئاپوللو قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئاشۇ 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاپ، دۇنياغا يالغانچىلىق قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىم 3 ئادەمنى ئايغا 4-5 قېتىم چىقىرىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە كېتىدىغان چىقىمدىنمۇ كۆپراق بولىدىكەن.  شۇنداقتىمۇ ئاشۇ 400 مىڭ ئادەمنىڭ بۇ ئىشنى پاش قىلىپ قويماسلىقى ھېچ قانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس ئىكەن.  ئۇنىڭغا قارىغاندا، 3 ئادەمنى ئايغا چىقىرىپ قايتۇرۇپ كېلىش كۆپ ئاسانغا توختايدىكەن.




نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقىنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئورنىدا، ئامېرىكىلىقلار ئايغا قاداپ قويغان بايراقنىڭ لەپىلدەپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقى، ئايدا ھاۋا بولمىغاچقا، بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالىدىكەن.  بۇ ئىشنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن، مەن بىزنىڭ ئىدارىدىكى ھازىر ئالەم ئۇشقۇرىلىرىنى ياساش ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر قانچە ئادەمدىن سوراپ باقتىم.  ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە ئۇ بايراقنىڭ رەختىنىڭ ئىچىگە تۆمۈر سىم قويۇلغان بولۇپ، بايراقنىڭ رەختىنى ئاشۇ سىم كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن.  شۇڭا ئۇ لەپىلدەپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىكەن.




فلورىدادىكى كېنېدىي ئالەم مەركىزىدىكىگە بارغاندا، ساياھەتچىلەرگە بىر 3-ئۆلچەملىك (3-Dimensional, 3-D ) كىنو قويۇپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ئۇ كىنوغا كىرسىڭىز، سىز خۇددى ئاينىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىكەنسىز.  ئاينىڭ ئۈستى ئىنتايىن زىرىكىشلىك بولۇپ، جىم-جىتلىقتا پۇتنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچ قانداق ئاۋاز ئاڭلانمايدىكەن.  شۇڭا ئادەمنىڭ يۇرىگى سەل جىغىلداپ، ئادەمنى بىر ئاز قورقۇنچلۇق باسىدىكەن.  




ئاينىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى 384 مىڭ 400 كىلومېتىر كېلىدۇ.  خەلقئارا ئالەم پونكىتى (International Space Station, ISS) بولسا يەر يۈزىدىن ئوتتۇرىچە 415 كىلومېتىر ئىگىزلىكتىكى بىر ئوربىتىدا ئايلىنىدۇ.  يەنى ئاي ISS كە قارىغاندا يەر شارىدىن 925 ھەسسە ئارىلىق يىراقلىقتا.  شۇڭا ئايغا بىر قېتىم بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ISS كە بىر قېتىم بېرىپ كېلىشكە قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ئارتۇق پۇل كېتىدۇ.  ئاي يەر شارىنى بىر كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ.  ISS بولسا بىر كۈندە يەر شارىنى 16 قېتىم ئايلىنىدۇ.  شۇڭا ئىلىم-پەن تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايغا قارىغاندا ISS كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە.  مەسىلەن، ISS نىڭ ئۈستىدە تۇرسىڭىز، ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، 16 قېتىم كۈن ئولتىرىدۇ.  مەن بۇ يىل ISS نىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىپ، ئاتموسفرانىڭ ئۆزون گېزى تەركىۋىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۈسكۈنىنىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشتىم.  يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر ئىگىزلىككىچە ھاۋا بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھاۋا يوق.  شۇڭا، ئۆزون قەۋىتىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ئىسس ئۈستىدە تۇرۇپ قارىغاندا، كۈننىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىردىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك.  يەنى بىز ئېلىپ بارماقچى بولغان ئۆلچەشنى پەقەت كۈن چىققاندا ۋە كۈن ئولتۇرغاندىلا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە قۇياشتىن چىقىپ، يەر شارى ئاتموسفراسىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن نۇرنى ئانالىز قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ نۇر بېسىپ ئۆتكەن ھاۋانىڭ تەركىۋىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.    ماڭا بېرىلگەن ۋەزىپە ئاشۇ ئۈسكۈنىنى داۋاملىق كۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىلومېتىر دائىرە ئىچىگە توغۇرلاپ تۇرىدىغان بىر ئالگورىسم (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل) نى ئىشلەپ چىقىش بولۇپ،  مەن ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن بىرنى كەشىپ قىلدىم.  شۇ ئاساستا يوللىغان 4 دانە ناسا پاتېنتىم قوبۇل قىلىندى.

كۈن نۇرى ئاتموسفرادىن ئۆتكەندە، ئاتموسفرا نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بولۇپ، ISS تا تۇرۇپ كۈن ئولتۇرۇش ۋە كۈن چىقىش مەزگىلىدىكى كۈننى رەسىمگە ئالسىڭىز، بۇ كۈن يۇمۇلاق ئەمەس، سوقۇچاق بولۇپ قالىدۇ.  ھەمدە كۈننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى بىلەن تۆۋەنكى يېرىمىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ.  شۇڭا كۈننىڭ مەركىزىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس.    بۇ تېما ئۈستىدە بىر ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلماقچى بولغان ئىدىم.  ھازىرغىچە ۋاقىت چىقىرالمىدىم.  خۇدايىم بۇيرىسا يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ماقالىنى پۈتتۈرىمەن.  دېمەكچى، ISS تا تۇرۇپ، ئايدا مۇمكىن بولمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.




ئامېرىكا 1969-يىلى ئايغا ئادەم چىقارغاندا، ئاينىڭ يەر شارىغا قاراپ تۇرىدىغان يۈزىگە بىر لاسېر نۇرىنى قايتۇرىدىغان ئەينەكنى ئورنۇتۇپ قويغان (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ).  بىزنىڭ ئىدارىدىكىلەر يەر يۈزىدىن ئاشۇ ئەينەككە لاسېر نۇرى ماڭدۇرۇپ، ئاشۇ ئەينەك قايتۇرغان نۇرنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئاينىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى كۈزىتىپ تۇرىدۇ.  ئامېرىكا 2020-يىللىرى مارستىن مارس ماتېرىياللىرىنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى.  2030-يىلى مارسقا ئادەم چىقارماقچى.  ناسا ئۈچۈن ئايغا ئادەم چىقىرىش بىر ئادەتتىكىلا ئىش بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ھېچ قانداق زۆرۈرىيىتى بولمىغاچقا، بۇ ئىشنى قىلمايۋاتىدۇ.




ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنى ئامېرىكا پۇخرالىرى تاپشۇرغان باج پۇلى بىلەن باقىدۇ.  بىزنى ئىشلەتكەن ئورۇنلار ئالدى بىلەن بىزگە مائاشنى تولۇق بېرىدۇ.  بىز ئاندىن دۆلەت بىلەن شتاتقا ھەر يىلىنىڭ ئاخىرى تاپقان كىرىمىمىزدىن باج تۆلەيمىز.  ئوتتۇرھال كىرىم سەۋىيىسىدىكىلەر ھەر يىلى كىرىمىدىن 20 پىرسەنت ۋە ئۇنىڭدىن كۆپرەك باج تۆلەيدۇ.  بايلار تۆلەيدىغان باج 40 پىرسەنتتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.  پۇخرالارنىڭ ھۆكۈمەت ئۈستىدىكى نازارىتىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا مانا مۇشۇنداق بىر تۈزۈمنى يولغا قويغان.  ئەگەر ھۆكۈمەت پۇلنى قالايمىقان خەجلەپ كېتىدىكەن، پۈتۈن خەلق قوزغۇلۇپ كېتىدۇ.  بىزنىڭ ئىدارىمۇ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن جان باقىدىغان بولغاچقا، پۇلنى ئىنتايىن قاتتىق تۇتىدۇ.  مەن بىر بىنانىڭ 3-قەۋىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ قەۋەتتىكى قەقۋە ھازىرلاش ئۈسكۈنى، چاي قاينىتىش ئۈسكۈنى ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز پۇل يىغىش قىلىپ ئالغان.  ئۇنىڭغا ئىدارىدىن بىر دوللارمۇ بەرگەن ئەمەس.  يەنى، مەن تۇرىدىغان قەۋەتتە قەقۋە گۇرۇپپىسى، چاي گۇرۇپپىسى، ۋە توڭلاتقۇ گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزلىگىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار بار.  بىز قەقۋەگە ۋە چايغا ھەر ھەپتىدە پۇل تۆلەيمىز.  توڭلاتقۇنى بولسا پۇل يىغىش قىلىپ ئالىمىز.  مۇشۇنداق بىر دۆلەتتە ئايغا ئادەم چىقىرىشتەك بىر چوڭ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ يالغانچىلىق قىلالايدىغانلىقىنى بىز ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.  ئەگەر سىزگە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 400 مىڭ ئادەمنىڭ ئاغزىنى توۋاقلاپ،  مۇشۇنداق بىر ئىشنى يۇشۇرۇش ۋەزىپىسى بېرىلگەن بولسا، سىز قانداق قىلاتتىڭىز؟




قىسقىسى، «ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغانلىقى يالغان» دەيدىغان گەپلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭ.  بۇنداق سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ باشقىچە غەرىزى بار.




1





2





4





سىن فىلىمى:




https://www.youtube.com/watch?feature=player_embedded&v=xSdHina-fTk




پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:




Apollo Laser Ranging Experiments Yield Results


http://eclipse.gsfc.nasa.gov/SEhelp/ApolloLaser.html



Neil Armstrong: 1930-2012


http://www.nasa.gov/topics/people/features/armstrong_obit.html#.UhWBFZK1FCA



Mathemagician conjures
up birthday tributes to Neil Armstrong


http://www.nbcnews.com/science/mathemagician-conjures-birthday-tributes-neil-armstrong-6C10850052


tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 15:09:18

رەھمەت، ئېنىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق، ھارمىغايسىز!



ۋاقتىم چىققان ھەم ئاي تولغان بىر كۈنى لازىر نۇرلۇق چىرىقىمنى ئايغا قارىتىپ بىر ياندۇرۇپ باقايچۇ، سىلەرنىڭ ئىدارىدىكىلەر ئورناتقان لازىر نۇرى قايتۇرىدىغان ئەينەكنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ئۇ چاغدا ئاينىڭ سىرىنى ناسا بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇدە.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 15:19:23

ISS دىگەن ئايغا ئوخشاش كىچىك پىلانتما ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 15:36:01

2- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ISS دىگەن ئايغا ئوخشاش كىچىك پىلانتما ؟



خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دەپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىپتىكەنغۇ، ئېنگىلىزچە تولۇق ئىسمىنى يېزىپ....

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 15:41:32

كۆرمەي قاپتىمەن ! ئەھۋالدىن قارىغاندا ISS ئاي شارىدەك ئازادە يوغان ، كىنولاردىكىدەك ياتاق ھۇجىرلىرى بار ، يوغان ئوخشايدۇ جۇما ! \"\"

adiljanbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 17:33:59



كۆرمەي قاپتىمەن ! ئەھۋالدىن قارىغاندا ISS ئاي شارىدەك ئازادە يوغان ، كىنولاردىكىدەك ياتاق ھۇجىرلىرى بار ، يوغان ئوخشايدۇ جۇما !

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 18:10:58

تۈپىدىكى ئىككىڭلار بىر ئادەممۇ يا ماڭا شۇنداق كۈرۈنۈۋاتامدۇ؟ \"\"

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 21:21:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەركىن سىددىق ئاكا ، مېنىڭ يازغان ئىنكاسىمغا ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم تېما يېزىپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم !!

جاۋابىڭىزدىن نېمىشقا ئايغا چىقىشىقا قارىغاندا خەلقئارا ئالەم بوشۇلۇقىغا كۆپرەك چىقىدىغانلىقىنى سەۋەبىنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت

ئايغا چىققانلىقىغا ئائىت بەزى «گۇمانلىق» رەسىملەر ھەققىدە ئازراق ئىزاھاتىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار !! ( لەپىلدەۋاتقان ئامېرىكا بايرىقىدىن باشقا)

1. ئاي شارىدا تۇرۇپ تارتقان سۈرەتتە ئاسمان پۈتۈنلەي قاپقارا كۆرۈنىدىكەن . ھەممىمىز بىلىمىز ئاي شارى يەرشارىدىن قۇياشقا بەكرەك يېقىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتمۇسغىرا قەۋىتى بولمىغاندىكىن ، بۇلۇتمۇ يوق، ئۇنداقتا ئەسلى قۇياش نۇرى ۋە باشقا يۇلتۇزلار نۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولسا توغرا بولمامدۇ؟

2. بىر رەسىمدە قارىسام ئالەم ئۇچقۇچىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشكەن بولسا ، بايراقنىڭ سايىسى سولغا چۈشۈپتۇ. ئايغا قونغان كېمە جازىسىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشۈپتۇ ...يەنە بىر رەسىمدە ھەممە نەرسىنىڭ سايىسىنىڭ يۆنۈلىشى ئوخشاش ئىكەن ، سىز نىڭچە بۇ توغرىمۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۇمانىي نۇقتىلار بارتى ھازىر سەل ئالدىراش ، ئەتە ۋاقتىم چىققاندا يازسام بولغۇدەك !

توغرا 69 -يىلىدىن ھېسابلىغاندا ھازىرغىچە ئاساسەن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپتۇ ، ئامېرىكا ئەمدى ئايغا چىقسا ھازىرقى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەتقىق قىلالىشى مۇمكىنتى، يا ئۇلار يەردە تۇرۇپلا سىلەر ياسىغان تېلىسكوپتا خوشنىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزەتكەن جاسۇستەك ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭغا پۇل خەجلەشنى خالىمامدۇ ؟

ھازىر چىقسا ھېچ بولمىسا ئالما تېلېفون ياكى سەمسۇڭ تېلېفوننى يانچۇقىغا سېلىۋالسا ، 50 يىل بۇرۇنقى رەسىملەردىن نەچچە يۈز ھەسسە سۈزۈك رەسىملەرنى تارتىپ چۈشەتتى ھە؟  {:92:}

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 21:52:57

ھازىر قارىسام ماۋۇ بىر خەۋەردە ھېلىقى ئامېرىكىلىق جاسۇس Edward Snowden سىنوۋدىن ئەپەندىممۇ ئايغا چىققان يالغان دېگەن خەۋەرنى ئاشكارىلاپتىمىش ..

http://tv.cntv.cn/video/C10313/dd54b46f890d41b6ba879cbc6437ce06

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 09:14:59

\"ISS\"4- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆرمەي قاپتىمەن ! ئەھۋالدىن قارىغاندا ISS ئاي شارىدەك ئازادە يوغان ، كىنولاردىكىدەك ياتاق ھۇجىرلىرى بار ، يوغان ئوخشايدۇ جۇما ! \"\"

ISS دېگىنىمىز مەن يۇقىرىدا يوللىغان ئەسلى تېمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى شۇ.  ئۇ بەك چوڭ ئەمەس. ئۇنى بۇ يەرگە يەنە بىر قەتىم چاپلاپ قوياي.   ئادەملەر ئىش بىجىرىدىغان يەرلىرى بىر قانچە ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ.  مەن بۇ يىل 10-ئايدا ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي دوكلات يىغىنىدا ئىسس ھەققىدە بىر ئىلمىي دوكلات بېرىمەن.  ئاشۇ دوكلاتنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر ماقالىمۇ يېزىپ چىقماقچى.  ماقالە پۈتكەندە ئۇنى بۇ مۇنبەرگىمۇ چىقىرىپ قوياي.



bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 09:52:14

7- قەۋەتتىكى pervazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئەركىن سىددىق ئاكا ، مېنىڭ يازغان ئىنكاسىمغا ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم تېما يېزىپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم !!

جاۋابىڭىزدىن نېمىشقا ئايغا چىقىشىقا قارىغاندا خەلقئارا ئالەم بوشۇلۇقىغا كۆپرەك چىقىدىغانلىقىنى سەۋەبىنى بىلىۋالدىم ، رەھمەت

ئايغا چىققانلىقىغا ئائىت بەزى «گۇمانلىق» رەسىملەر ھەققىدە ئازراق ئىزاھاتىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار !! ( لەپىلدەۋاتقان ئامېرىكا بايرىقىدىن باشقا)

1. ئاي شارىدا تۇرۇپ تارتقان سۈرەتتە ئاسمان پۈتۈنلەي قاپقارا كۆرۈنىدىكەن . ھەممىمىز بىلىمىز ئاي شارى يەرشارىدىن قۇياشقا بەكرەك يېقىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتمۇسغىرا قەۋىتى بولمىغاندىكىن ، بۇلۇتمۇ يوق، ئۇنداقتا ئەسلى قۇياش نۇرى ۋە باشقا يۇلتۇزلار نۇرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولسا توغرا بولمامدۇ؟

2. بىر رەسىمدە قارىسام ئالەم ئۇچقۇچىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشكەن بولسا ، بايراقنىڭ سايىسى سولغا چۈشۈپتۇ. ئايغا قونغان كېمە جازىسىنىڭ سايىسى ئوڭغا چۈشۈپتۇ ...يەنە بىر رەسىمدە ھەممە نەرسىنىڭ سايىسىنىڭ يۆنۈلىشى ئوخشاش ئىكەن ، سىز نىڭچە بۇ توغرىمۇ؟

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن گۇمانىي نۇقتىلار بارتى ھازىر سەل ئالدىراش ، ئەتە ۋاقتىم چىققاندا يازسام بولغۇدەك !

توغرا 69 -يىلىدىن ھېسابلىغاندا ھازىرغىچە ئاساسەن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپتۇ ، ئامېرىكا ئەمدى ئايغا چىقسا ھازىرقى يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تەتقىق قىلالىشى مۇمكىنتى، يا ئۇلار يەردە تۇرۇپلا سىلەر ياسىغان تېلىسكوپتا خوشنىسىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزەتكەن جاسۇستەك ھەممە نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭغا پۇل خەجلەشنى خالىمامدۇ ؟

ھازىر چىقسا ھېچ بولمىسا ئالما تېلېفون ياكى سەمسۇڭ تېلېفوننى يانچۇقىغا سېلىۋالسا ، 50 يىل بۇرۇنقى رەسىملەردىن نەچچە يۈز ھەسسە سۈزۈك رەسىملەرنى تارتىپ چۈشەتتى ھە؟ \"\"

قارىغاندا سىزنىڭ ئوپتىكىدىن ئانچە خەۋىرىڭىز يوق ئىكەن.  سىز ئالدى بىلەن «كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى نېمە؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى چۈشىنىۋېلىڭ.  كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى، كۈندۈزى كۈننىڭ نۇرى ئاسماندىكى ئاتموسفرادىن ئۆتۈپ، ئەتىراپىڭىزغا چۈشۈپ، ئەتىراپىڭىزنى يورىتىدۇ.  كېچىسى بولسا كۈن نۇرىنى يەر شارىنىڭ سىزگە قارىمۇ-قارشى تەرىپى توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭ نۇرى سىزنىڭ بېشىڭىزدىكى ئاسمانغىمۇ چۈشمەيدۇ.  سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزغىمۇ چۈشمەيدۇ.  گەرچە سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا كۈندۈزى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كېچىسىمۇ ئۆز جايىدا تۇرغان بولسىمۇ، سىز ئۇلارنى كېچىسى كۆرەلمەيسىز.  بۇنىڭ سەۋەبى، سىز كۆرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى قۇياشنىڭ نۇرى بولۇپ، كۈندۈزى قۇياشنىڭ نۇرى ئۇ نەرسىلەرگە چۈشۈپ، ئۇلاردىن قايتىپ، سىزنىڭ كۆزىڭىزگە كىرىدۇ.  سىز پەقەت كۆزىڭىزگە كىرگەن نۇرلارنىلا كۆرىسىز.  كېچىسى كۆزىڭىزگە كىرىدىغان ھېلىقى نۇرلار يوق بولغاچقا، سىزگە ئەتىراپىڭىزدىكى نەرسىلەر كۆرۈنمەيدۇ.  قۇياش نۇرى «ئاق نۇر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆزگە كۆرىنىدىغان ھەممە رەڭدىكى نۇرلار بار.  سىز بىر قىزىل ماشىنىنى كۆرگەندە، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز ئاشۇ ماشىنا قايتۇرغان قىزىل رەڭدىن ئىبارەت بولىدۇ.  يەنى بىز دەيدىغان «قىزىل رەڭ» نى تەشكىل قىلغان ماددا باشقا ھەممە رەڭلەرنى شmمmرىۋېلىپ، پەقەت قىزىل رەڭنىلا قايتۇرىدۇ.  شۇڭا ئۇ سىزگە قىزىل بولۇپ كۆرىنىدۇ.  قارا جىسىم ھەممە رەڭنى شۈمۈرىۋالىدۇ. شۇڭا ئۇ قارا كۆرىنىدۇ. ئاق جىسىم ھەممە رەڭنى قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاق رەڭلىك كۆرىنىدۇ.  شۇڭلاشقا ياز كۈنلىرى قارا رەڭلىك كىيىم ئىسسىق، ئاق رەڭلىك كىيىم سۇرۇن بولىدۇ.




ئەمدى «ئايدا نېمە ئۈچۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، مەن يۇقىرىدىكى يازمىدا چۈشەندۈرگىنىمدەك، يەر شارىنىڭ ئاتموسفراسىنىڭ قېلىنلىقى ئاران 80 كىلومېتىر كېلىدۇ.  ئاتموسفرا ئۇششاق زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇياش نۇرى ئۇ زەررىچىلەرگە چۈشكەندە، ئۇ زەررىچىلەر باشقا رەڭنى ياكى شۈمۈرىۋالىدۇ، ياكى باشقا يۆنىلىشكە چېچرىتىدۇ.  پەقەت كۆك رەڭلىك نۇرنىلا يەر يۈزىگە قارىتىپ قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئاسمان كۆك رەڭلىك كۆرىنىدۇ.  ئاخشىمى ئاسمامدىكى زەررىچىلەرگە چۈشىدىغان قۇياش نۇرى بولمىغاچقا، ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئاي بىزدىن تەخمىنەن بىر مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتموسفراسى يوق.  يەنى ئاينىڭ ئەتىراپىدا نۇرنى قايتۇرىدىغان زەررىچىلەر يوق.  شۇڭا ئايدا ئاسمان داۋاملىق قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئەمەلىيەتتە سىز يەر يۈزىدىن ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ، 80 كىلومېتىرنىڭ نەرىسىگە ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا، پۈتۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  پەقەت يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىلا چاقناپ تۇرىدۇ.




تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆزگە كۆرىنىدىغان رەڭلەرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى كۆرسىتىلگەن. «um» دېگەن «مىكرو-مېتىر» دېگەننى بىلدۇرىدۇ.




2-سوئالغا كەلسەك، سىز كۆرگەن ئاشۇ رەسىملەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇڭ. مەن ئۇنى بىر كۆرۇپ باقاي. بولمىسا مەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن.  ئىلمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سىز دېگەن ئۇ ھادىسە  مۇمكىن ئەمەس.




3-سوئالغا كەلسەك، ناسا كائىناتقا ماڭدۇرىۋاتقان ئالەم ئۇشقۇرلىرىنىڭ ئاينى يوقلاپ ئۆتۈپ كېتىشى بىر ئادەتتىكى ئىش.  ئايغا ئادەم چىقىپ ئۇنى رەسىمگە تارتمىسىمۇ، ھازىرغىچە ناسا ئاينى ھەممە يونىلىشلەردىن ئىنتايىن تەپسېلىي رەسىمگە تارتىپ بولدى.  ئايدا قىلىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىش بولسا، ناسا ئۇنى چوقۇم قىلىدۇ.  مەسىلەن، ھازىر ئاينىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى ئالەم ئۇشقۇرى بار.  ئۇلارنى بىزنىڭ ئىدارە باشقۇرىدۇ.  بۇ ئالەم ئۇشقۇرىلىرىنىڭ مەقسىدى پۈتۈن ئاينىڭ ماگنېت مەيدانىنى ئۆلچەپ چىقىش.  ئاينىڭ رەسىمىنى تارتىش ئۇلار ئۈچۈن بىر ئادەتتىكىلا ئىش.

\"rengning

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 10:15:18

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا:

       قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،بىزگە بۇ بىلىملەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مىنىڭمۇ بىر سۇئالىم بار ئىدى:

  1.ھازىرقى تىخنىكا ۋە نەزەرىۋىي بىلىم شارائىتىدا ،يەرشارىدىن باشقا پىلانتتىكى ھاياتلىق بار يوقلىقى ئۈستىدە چىقىرىلغان يەكۈن قانداق بولدى؟

  2.‹ئىنسانلارنى باشقا پىلانتقا كۆچۈرۈش پىلانى› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 10:35:42

11- قەۋەتتىكى peleckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا:

    قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،بىزگە بۇ بىلىملەرنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مىنىڭمۇ بىر سۇئالىم بار ئىدى:

1.ھازىرقى تىخنىكا ۋە نەزەرىۋىي بىلىم شارائىتىدا ،يەرشارىدىن باشقا پىلانتتىكى ھاياتلىق بار يوقلىقى ئۈستىدە چىقىرىلغان يەكۈن قانداق بولدى؟

2.‹ئىنسانلارنى باشقا پىلانتقا كۆچۈرۈش پىلانى› ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.



ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى 3 تېمىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز:



NASA: تاشقىي پلانېتىلارنى تاپىدىغان «كەپلەر ئالەم تېلېسكوپى» دىن چاتاق چىقتى http://bbs.misranim.com/thread-106076-1-1.html



ناسا ئانا يۇلتۇزى ئالدىدىن ئوتۈۋاتقان بىر تاشقىي پىلانېتىنى رەسىمگە تارتتى http://bbs.misranim.com/thread-109348-1-1.html



NASA: ئۇچار تەخسە ۋە ناسا http://bbs.misranim.com/thread-108442-1-1.html




pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 19:07:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئاسماننىڭ كۆك رەڭدە بولىشى، جىسىملارنىڭ رەڭگىنىڭ نۇرنى يۈتۈۋېلىشى ئارقلىق شۇنداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولغان، فىزىكا، ئستىرونومىيەگە ناھايىتى قىززىققاچقا بۇنىڭدا مۇتەخەسىس بولمىساممۇ ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار دەپ ئويلايمەن.

مەن سوىماقچى سۇئالنى سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، ئەركىن سىددىق ئاكا! مەن دېمەكچى ئاي ئاسمىنىدا نېمىشقا يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟

بىزنىڭ بۇيەردە Youtube ئېچىلمايدۇ ، Edward Snowden نىڭ بىلوگىمۇ ئېچىلماسلىقى مۇمكىن شۇڭا بەزەن ئۇچۇرنى سىز يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ !!

2-سۇئالىمدىكى بايراقنىڭ سايسىنى مەن خاتا كۆرۈپتىمەن!! \"\"

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 19:09:43

باشقۇرغۇچىلار ئاۋۇ ئالەم پونكىتىنىڭ رەسىمىنى كىچىلىتىپ قويساڭلار بوپتىكەن ، تور بەت ئىكرانغا پاتمايدىكەن!!

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 20:59:44

13- قەۋەتتىكى pervazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئاسماننىڭ كۆك رەڭدە بولىشى، جىسىملارنىڭ رەڭگىنىڭ نۇرنى يۈتۈۋېلىشى ئارقلىق شۇنداق كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولغان، فىزىكا، ئستىرونومىيەگە ناھايىتى قىززىققاچقا بۇنىڭدا مۇتەخەسىس بولمىساممۇ ئاساسىي بىلىملەردىن خەۋەردار دەپ ئويلايمەن.

مەن سوىماقچى سۇئالنى سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ، ئەركىن سىددىق ئاكا! مەن دېمەكچى ئاي ئاسمىنىدا نېمىشقا يۇلتۇزلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ؟

بىزنىڭ بۇيەردە Youtube ئېچىلمايدۇ ، Edward Snowden نىڭ بىلوگىمۇ ئېچىلماسلىقى مۇمكىن شۇڭا بەزەن ئۇچۇرنى سىز يەتكۈزۈپ بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ !!

2-سۇئالىمدىكى بايراقنىڭ سايسىنى مەن خاتا كۆرۈپتىمەن!! \"\"

مانا بۇ يەردە تەپسىلي چۈشەندۈرۈپتۇغۇ.
  (ئەمدى «ئايدا نېمە ئۈچۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، مەن يۇقىرىدىكى يازمىدا چۈشەندۈرگىنىمدەك، يەر شارىنىڭ ئاتموسفراسىنىڭ قېلىنلىقى ئاران 80 كىلومېتىر كېلىدۇ.  ئاتموسفرا ئۇششاق زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇياش نۇرى ئۇ زەررىچىلەرگە چۈشكەندە، ئۇ زەررىچىلەر باشقا رەڭنى ياكى شۈمۈرىۋالىدۇ، ياكى باشقا يۆنىلىشكە چېچرىتىدۇ.  پەقەت كۆك رەڭلىك نۇرنىلا يەر يۈزىگە قارىتىپ قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئاسمان كۆك رەڭلىك كۆرىنىدۇ.  ئاخشىمى ئاسمامدىكى زەررىچىلەرگە چۈشىدىغان قۇياش نۇرى بولمىغاچقا، ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئاي بىزدىن تەخمىنەن بىر مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتموسفراسى يوق.  يەنى ئاينىڭ ئەتىراپىدا نۇرنى قايتۇرىدىغان زەررىچىلەر يوق.  شۇڭا ئايدا ئاسمان داۋاملىق قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  ئەمەلىيەتتە سىز يەر يۈزىدىن ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ، 80 كىلومېتىرنىڭ نەرىسىگە ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا، پۈتۈن ئاسمان قاپ-قاراڭغۇ كۆرىنىدۇ.  پەقەت يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىلا چاقناپ تۇرىدۇ.)

ئاۋال مۇنۇ ئىنكاسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ ئاندىن سوئال سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ .بەك ئادەتتكى ساۋاتلار بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭلار بىر ماتېرىيال كۆرۈپ چۈشىنىپ بېقىڭلار. ئۆزگىچە سوئاللار بولسا سورىساڭلار بولىدۇ . باشقا ئادەمنىڭ ۋاقتىمىۇ ۋاقىت دە.

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 21:32:45

جاۋابىنى مەن ئازراق تولۇقلاپ قوياي .ئايدا يۇلتۇزنى كۆرگىلى بولىدۇ .ئايدا ئاتموسفىرا بولمىغاچقا يۇلتۇزلار يەر شارىدىكىگە ئوخشاش چاقناپ كۆرۈنمەيدۇ..يەنى تىنىچ ھالاتتە يورۇپ تۇرىدۇ .(ئەلۋەتتە كۆرۈنگىنى قۇياشقا ئوخشايدىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردۇر .) قۇياشمۇ كۆرۈنىدۇ ئەمما كۆزنى قاماشتۇرمايدۇ. يەر شارىمۇ كۆرۇنىدۇ .(ئەمما سەددىچىن سېپىلى كۆرۈنمەيدۇ ) .مەيلى كچە ياكى كۈندۈز بولسۇن بىرلا ۋاقىتتا قۇياش ،يۇلتۇز ۋە يەر شارىنى كۆرگىلى بولىدۇ .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 21:59:21

مەنمۇ شۇ رەسىمدە يا قۇياش يا بىر تال يۇلتۇزنى كۆرمىگەچ شۇنى سورىدىم ! سىزمۇ ئايغا چىققان رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىپ ئاندىن تولۇقلىما يزسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز !!

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 22:24:33

مانا رەسىم .


ۋاي بولدى ،رەسىم يوللاش سەل ئاۋارىچىلىقكەن .بولمىسا مېنىڭ باش سۈرىتىمگىلا قاراڭە .ئايدا تۇرۇپ تارتىلغان سۈرەت .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-23 22:25:01

ئەركىن سىددىق ئاكىمىز مېنىڭچە بىز ئاستىرونومىيەگە ئائىت بىلىملەرنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىۋاتقان بىر ئالىمىمىز .گەرچە مەن سورىغان سۇئاللار ئاددىدەك بولسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە 40 نەچچە يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئادەملەر مۇشۇنداق سۇئاللار بىلەن ئاشۇ يىللاردىكى ئايغا چىقىشنى يالغان دەپ گۇمان قىلىۋاتىدۇ..

ئەمدى يېقىندا روسىيەگە قېچىپ كەتكەن ، ئامېرىكىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان مەخپىي ئاخباراتلارنى ئاشكارىلاۋاتقان ئېدۋارد. سىنوۋدىن مۇ ئۆزىنىڭ بىلوگىدا ئامېرىكىنىڭ ئايغا چىققان ئىشى توغرىلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپتىمىش..مەن ئۇنىڭ بىلوگىنى كۆرمىگەندىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى بىلمەيمەن.

قىسقىسى ئۇ يىللاردا روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ، ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسى بۇ ئايغا كىم بۇرۇن چىقىدۇ دېگەن مۇسابىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. ئۆتكەن يىلى ئوقۇغان بىر ئامېرىكىلىق يازغان «ئېنىرگىيە ئۇرۇشى» ، خەنزۇچىغا 石油大棋局 下一个目标中国 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، كىتابتا نېفىت توغرىلىق نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ئۇچۇر، ئاخباراتلار يېزىلىپتۇ. كىتابتا دېيىلىشىچە بۇرۇن ئامېرىكىلىق بىرمۇنچە ئالىم ۋە باشقىلار كىشىلەرگە يەرشارىنىڭ بەزەن جايلىرىدىن نېفىت چىقىدۇ ، بەزەن جايلاردىن چىقمايدۇ ، يەنە مانچە يىلاردىن كېيىن نېفىت تۈگەيدۇ دېگەن قاراشنى كىشىلەرگە قوبۇل قىلغۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىساد، ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقى، كېيىن رۇسىيە ھېچكىم نېفىت چىقمايدۇ دېگەن ۋېيتنامدىنمۇ نېفىت تېپىپ بۇ قاراشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىغانلىقى يېزىلىپتۇ. كىتابتا دېيىلىشىچە بۇ قاراشنى كۈچەپ بازارغا سېلىشنىڭ ئارقىسىدا روكفىللىر دېگەندەك ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت گورۇھ-شىركەتلىرىنىڭ قولى بارلىقىمۇ بارئىكەن. ئوقۇپ بېقىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ.

راست كىتابتا يەنە ئافغانىستان ئوسىيە ئۇرۇشىدا بىن لادىننى قوللىغانلىقى ، ھازىرقى ئەرەب باھارى دەپ ئاتالغان بۇ ئېنقىلابلارنى نېفىتكە باغلاپ ئوبدان چۈشەندۈرۈپتۇ.

شۇنىڭغا قارىغاندا ئامېرىكا بەزەن نەرسىلەرنى ھەقىقەتەن پىلانلايدۇ، ئۇ پىلانلارنى بىز نەچچە يىللاردىن كېيىن ئاندىن بىلىشىمىز مۇمكىن..
بەت: [1] 2
: NASA: ئامېرىكىنىڭ ئايغا ئادەم چىقارغىنى يالغانمۇ؟