Hvkuma يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 10:32:14

ھۆكۈما:ئىبرەتلىك ھىكايەتلەر ھېكمەتلەر(2) [تەرجىمە]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ!كۇنلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلغان ۋەبىزنى ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلشقا نىسىپ قىلغان ئاللاھتائاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن! ئاللاھتائاللاھنىڭ سۇيۇملۈك رەسۇلى مۇھەممەت سەللەلاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم گە سالاۋەتلەر ، سالاملەر ۋە رەھمەتلەربولسۇن ! ئۇ زاتقا ئەگەشكەن ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !   خالىسلىق ئىنساننىڭ زىنىنىتى ھىسابلىنىدۇ، خالىس ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلار ھەققىدە ئىنشائاللاھ تاكى قىيامەتكىچە سۆزلىنىدۇ، ئولارنىڭ ئۈممەت ئۇچۇن قىلغان ئىشلىرى ۋە ئۆز نەپسىنى قانداق باشقۇرغانلىقى توغرىسىدا كۆپ رىۋايەت قىلمىز ، بىزنىڭ بۇ يازمىمىز ھەم شۇخۇلفارىراشىدىنىلار ساھابىلارتوغرىسدا بولغۇسى ئىنشائاللاھ!~!!!


ھىكايەت


(1)



بىر كۇنى ئابدۇرەخمان ئىبنى ئەف مۆمىمىنلەرنىڭ خەلفىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ھۇزرۇرىغا كەلدى سالام بەردى ۋە كۈتۇپ تۇردىشۇ پەيتتە ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ ئالدىكى يېنىۋاتقان شامنى ئۆچۇرۇپباشقا شامنى ياقتى ،ئەمىرۇل مۆممىننىڭ بۇ ھەركىتى مېھماننىڭ دېقىتىنى تارتتى ۋە سورىدى :


ــــ ئىى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئالدىڭىزدا شام بارتتى ئۇنى ئۆچۇردىڭىز يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر شامنى ئېلىپ ياقتىڭىز بۇنىڭدابىر ھېكمەت بارمۇ؟:،ئەمىرۇل مۆممىن ئۆمەر رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ تەببەسسۇم بىلەن شۇندا جاۋاپ بەردى:


ــــ ئەي ئابدۇ رەھمان ! ئۆچۇرگىنىم دۆلەتنىڭ شېمى، ياققىنىم بولسا ئۆزۇمنىڭ شېمى ئۆز پۇلۇمغا ئالغان ئىدىم، دۆلەت ئىشىنى قىلغاندا دۆلەتنىڭ شېمىنى ياقىمەن ،ئۆز ئىشمىنى قىلغاندا ئۆزۇمنىڭ شېمىنى ياقىمەن .ھازىر سەن بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان چېغىمدا دۆلەت شېمنى يېقىشىم ھارام بولىدۇ ،ئەگەر شۇنداق قىلمىسام ئۆزىڭ بىرە نەرسە دېگىن ئاللاھقا قايتقاندا قانداق ھىساپ بېرىمەن ....-دېدى


شۇندا ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەف رەزىيەللەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دۇئا قىلغان ئىكەن


ـــ يا رەببى !! خاتتاب ئوغلى ئۆمەرنى بېشىمىزدىن نېرى قىلمىغىن !!


21-ئەسىردە دۆلەتنىڭ مالى بىلەن چەتئەللەردە ئائىلىسدىكىلەر بىلەن ئويناۋاتقالار ناھايتى كۆپ ،ئويلىنىڭ قېرىنىدىشىم زادى نىمە ئۆمەرنى بۇ دەرىجدە مەسئۇليەتچان قىلغان؟ ۋىجدانلىق قىلغان؟ ، ئەگەر سىزدە زەرىچە ئىمان ئىنساپ بولىدىكەنبۇنىڭدىن ئىبرەت ئېىلىپ توغرا يولنى تىپىۋالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس............


                                             (2)



رىۋايەت قىلشچە بىر كىشى سېتىلىۋاتقان قۇل بىر غۇلامنى كۆرۇپ قالدى،ئېگسى غۇلامنىڭ چېقىمچىلىقتىن باشقا ئېيىبى يوق دەپ جارسالاتتى ،ئۇ كىشى ئېگسنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي غۇلامنى سېتىۋالدى،غۇلام غۇجايىنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خوتۇنىغا شۇنداق دېدى :ــــ غۇجام سىزنىڭ ئورنىڭىزغا باشقا بىر خوتۇن ئالماقچى ياكى ئاشنا تۇتماقچى .. ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئەگەرئېرىڭىزنىڭ سىزگە قايتىدىن مۇھەببىتىنى قولغا كەلتۇرپ ،ئۇنىڭ بۇ نىيتىدىن ياندۇرۇشنى ئويلىسىڭىز !ئۇنداقتا غۇجامئۇخلىغان پەيتىدە ئۇستۇرانى ئېلىپ غۇجامنىڭ ساقىلدىن بىر نەچچىنى كېسىپ ئېلىپ ئۇنى ساقلاپ قويۇڭ...:خوتۇنى پەرشان ھالدا:ـــ ماقۇلدېدى ۋە ئېرى ئۇخلىغا قولى ئۆگەتكەن ئىشنى قىلشىنى نىيەت قىلدى؛ كېيىن غۇلام خۇجاينىڭ ئالدىغا كېلىپ :ــــ غوجامخوتۇنىڭىز ئۆزىگە ئاشنا تېپىۋالدى ،ئاشنىسىنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرىدۇ ھەركۇنى بىللە بولىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇش ئۇچۇن سىزنى كۆزدىن يوقاتماقچى ، بو كېچە سىزنى ئۆلتۇرشكە نىيەت قىلدى، ئەگەر گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئۇنداقتا كەچتە كارۋاتتا ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋېلىڭ،،، شۇندا سىز ئۇنىڭ قولىدا سىزنى ئۆلتۇرۇش ئۈچۇن قولىدا بىر نەسىنى كۆتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىسىز.:ـــ دېدىخۇجايىن غولامنىڭ گېپىگە ئىشەندى ۋە كېچە ئۇخلىغان بولۇپياتتى ،خوتۇنى ئۇنىڭ ساقىلىدىن ئازراقنى كېسىش ئۇچۇن ئۇستۇرانى كۆتۇرۇپ كېلىشكە باشلىدى ،خوتونى ئەمدىلا ئۇنىڭ ساقىلدىن ئازراقنى كېسىۋېلىش نىيتىدە ئېشىپ قولىنى سوزىشىغا ئېرى سەككرەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قولدىكى ئۇستۇرانى تارتىۋالدى ۋە ئايالىنى ئۇستۇرا بىلەن بۇغۇزلىۋاتتى.خوتۇنىڭ تۇققانلىرى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ ئۇنى ئۆلتۇرۋەتتى ۋە ئىككى قۇدا ئىككى جەمەت ئارىسىدا قىرغىن باشلىنىپ كەتتى .... شۇنىڭغااللەتائاللاھ چىقىمچنى پاسىق دەپ ئېيتقان....


ھېكمەت


ئۆلۇم دۇنيانىڭبار- يوقىنى ئېچىپ تاشلىدى ئەقىل ئىگىسى ئۇچۇن بىرمۇ بائانەھ قالدۇرمىدى   ـــ ھەسەن بەسرى


لوقمان ھېكىمنىڭ بىر قول سۇپىتىدىن بارلىق كىشلەردىن ئۈستىن بولىشىغا ئۇنىڭراستچىلىقى ۋە بىھۇدە نەرسىلەرگە ئارلاشماسلىقى سەۋەپ بولدى.ـــ ئىبنى كەسىر ئاللاھنى چىن سۆيگەن كىشى ئادەملەرگە تۇنۇلماسلىقنى ياخشى كۆرىدۇ.ـــمۇھەممەت ئىبنى ئەللا


مۆممىن ئاللاھتىن قورقىدۇ ياخشى ئەمەل قىلدۇ،مۇنافىق ئاللاھتىن قوقمايدۇ يامان ئەمەل قىلىدۇ.ـــ ھەسەن بەسىرى


مەن دۇنيا تارىخلىرىنى ئوقۇپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم ـــ پادىشاھلار توپلىغان جىمىكى سەلتەنەت، مالدۇنيا،تاغۇ-تەخىت مۇھەممەت ئەلھسىلامنىڭ بىر ياماقلىق يەكتىكىگىمۇ تەڭ كەلمەيدىكەن !!!ــــــ گئىوتى


كىم ئىچكىرىسىنى ئويلىسائونىڭ ئاللاھ تاشقىرىسىنى ئاللاھ ئويلايدۇـــ ئۆمەر ئىبنى خەتتاب


دۇنيا بىلەن ئاخىرەت مەشرىق بىلەن مەغرىپقا ئوخشايدۇ ،ئۇنىڭ قايسىسغا يېقىنلاشساڭ يەنە بىرسىدىن شۇنچە يىراقلىشىسەن .ـــ ھەسەن بەسىر


ئادەملەرنى رازى قىلىش ھىچقاچان ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان بىر ئىشتۇر.


بىر سائەت ئىلىمنىڭ مۇشەققەت - خارلىقىغا سەۋىر قىلمىغان كىشى مەڭگۈ نادانلىق پاتقىقىدا   خار يۇرىدۇ.


** ئەسكەرتىش **

تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇ غۇچى ئۆزۇم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىپ تارقاتقاندا يازما ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىڭ!



2013-8-20



tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 12:19:39

نىمىس پەيلاسوپى گىيوتى مۇسۇلمان بولغان بولغۇيمىتى؟ ئۆتكەندە ئۇنىڭ «غەرب_شەرق دىۋانى» ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى ئوقۇسام ئىسلام ۋە پەيغەنبىرىمىزنى مەدھىيلەپ يازغان كۇپلىتلار خېلى جىق ئۇچرىدى. يەنە بىر ماقالىدە ئۇنىڭ نەسەبىنىڭ بىر ئۇچىنى ئوسمانلى سۇلتانلىرىغا باغلىقانلىقىنى كۆردۈممۇ ئىشقىلىپ. بىلىدىغانلار تەپسىلى مەلۇمات بەرسەڭلا بوپتىكەن.


يەنە بىرى ئۇنىڭ فائۇسىت دىگەن رومانىدا نىمە سۆزلىنىدۇ؟

siyitnoqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 19:34:15

ھەقىقەتەن ساقلىۋىلىشقا تىگىشلىك ھىكمەتلەركەن .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-8-24 18:15:03

ھىكمەتلەردىن سۆيۈندۈم.
بەت: [1]
: ھۆكۈما:ئىبرەتلىك ھىكايەتلەر ھېكمەتلەر(2) [تەرجىمە]