چوقۇم ئامالى چىقىدۇ شۇنداقمۇ ؟
مۇنداق ئىش ، ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا يۈزۈمگە يىڭنىنىڭ ئۇچىدەك چوڭلۇقتىكى مۇدۇر چوقۇرلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ . سىقسام ئىچىدىن ئاق بىر نەرسە چىقىدۇ . سىقماي قالسام تىرەمنىڭ ئچىىدە تۇرۇپ زەھەرلىك بىرەر نەرسىگە ئايلىنىپ كىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ تولۇق سىقىۋېتىمەن . ياكى جاراھەت بولمايدۇ ياكى قان چىقمايدۇ . بىر نەچچىسىنى ئاچچىقىمدا بەكرەك سىقىۋېتىپتىكەنمەن قان چىقىپ كېتىپ جاراھەتمۇ بولۇپ قالدى .
دىمەكچى بولغىنىم ، بۇ مۇدۇرلار زادى نىمە سەۋەپتىن چىقىدۇ ؟ قانداق تەدبىر قوللىنىپ بۇ مۇدۇرلارنىڭ چىقىشىنى تۇرمۇزلىيالايمەن ؟
يەنە بىر مەسىلە شۇكى ، ئازراق جىددىيلەشسەم ياكى ئوڭايسىزلانسام ۋەياكى جىددى ھەرىكەت قىلساملا ئاسانلا يۈزۈم قىزىرىپ كېتىدۇ . بۇ زادى نىمىدكى مەسىلە ؟ قاندىكى ماينىڭ مىقدارى كۆپمۇ ياكى قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكمۇ ؟ بۇنى قانداق تەدبىر بىلەن تىزگىنلىيەلەيمەن ؟
خوتۇن ئېلىڭلا، توي قىلىپ بىر ئايدىن كېيىنلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ {:92:} مەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بەدەندىكى ئىسسىقلىق ئېشىپ كەتكەننىڭ ئىشى دەپتىمەن، بىر كۈنى بىر قان تەكشۈرۈتسەم جىگەرنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى ئېشىپ كېتىپتۇ. 转氨酶 شۇنىڭدىن كىيىن ئىككى قېتىم دوختۇردا يېتىپ داۋالاندىم. قەشقەردە ئۇقالمىدى نېمە بولغىنىنى، ئۇ خىل كۆرسەتكۈچ ئەسلى ھاراق تاماكىنى جىق ئىچكەن كىشىلەرنىڭ ئىشىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مۇتەخەسىسلەر ماڭا توردا دىئاگىنوز قويدى. بىر دورىنى يېزىپ بېرىپ شۇنى ئۈچ ئاي يىدىم. خېلى تۆۋەنلىدى.كىيىن ئىچكىرىدىكى دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلاشتىم。 ئۇلار مەندە كېچىدە ئارام ئالماي تۈنەش ( 熬夜) ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى تاماقلارنى يېيىش، گوشنى يامان ياخشى يەپ قوياتتىم ياش بولغاندىكىن دەپ.
ئادىتىمنىڭ با يوقلىقىنى سورىدى. سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىكەن. دەرھال ئۆيدىكى تورنى سۆكىۋەتتىم. تاماققا، كەيپىياتىمغا دىققەت قىلدىم، ھازىر ئاساسەن ئۇنداق نەرسىلەر چىقمايدۇ. چىقمايمۇ قالمايدۇ.
سىزمۇ ئاۋۋال بىر جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈتۈپ بېقىڭ. ئاندىن يۇقارقىدەك ئادەت بولسا دىققەت قىلىڭ. تۈزىتىڭ. قان بۇزۇلۇش باشلانغان بولسىمۇ يۈزىگە ئاشۇنداق بىر نەرسە چىقىدىكەن.
ئەگەر بويتاق بولسىڭىز خاتۇن كىشى ياخشى مەلھەم بولىدۇ. دەرھال توي قىلىڭ.
ماڭا ئانچە ئۇنداق نەرسە چىقمايتتى .لىكىن بىر قىتىم بۇرنۇمنىڭ ئۈستىگە ياراشتۇرۇپ بىرى چىقىپتۇ دەڭا، جىلى قىلىپ ،سىقاي دىسەم بۇرادەرلەر ئادەم قورقىتىپ ،ئۇ يەر خەنزۇ تىبابىتىدە بىر نىمە ئۈچ بۇلۇڭ رايون ئىچىدىكى ئىچىدە ئىكەن دەمدۇ،سىقسام قانغا ئۆتۈپ كىتىپ خەتەر بولامىش. 4كۈن تۇرۇپ باقسام ھىچ كىچىكلىمەيدۇ. تەۋەككۈل دەپ ئاغرىققا چىداپ بىر سىقىپتىكەنمەن(ئىچىگە باسماڭ جۇمۇ)،ئاق سۇيۇقلۇق ئىتىلىپ چىقتى،ئاندىن قان چىقتى، ئاخىرىدا قان توختاپ ئەتىسىدىن باشلاپ ساقىيىپ كەتكەن. مەن مۇشۇ توغۇرلۇق خېلى كۆپ دوختۇرلارنىڭ قېشىغا باردىم ، ئۇ بۇ دورىنى بۇ ئۇ دورىنى بېرىپ باقتى ، ئاسمىمۇ سالدىم چىقمىغاندەك قىلىپ چىقىدىكەن يەنە ، ئاخىرى ئۆزەم جىگەرنىڭ ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس دەپ ھۆكۇم چىقاردەم ئۆزمگە ، چۇنكى قان بۇزۇلۇپتۇ دىگەنى شۇ جىگەرنىڭ ئىشىمىكىن دەيمەن ، ئاندىن بەدەندىكى ئەخلەتلەر جىگەر ياخشى بولمىغاندەكىن ياخشى بىرتەرەپ قىلالماي قانغا ئۆتەپ كىتىدىغان ئوغشايدۇ ، بۇنىڭ تاماقتىن پەرىز تۇتۇش ئۇسۇلى مەن ھازىرمۇ قوللۇنۋاتىمەن ، ھەرگىز لازا سېلىنغان تاماقنى يىمەسلىك ، ئاندىن مىۋە چىۋىنى جېق يىيىش ، كېرەككەن ، جىگەر داۋالايدىغان دورا توغۇرلۇق بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن . يەنە بىر مەسىلە شۇكى ، ئازراق جىددىيلەشسەم ياكى ئوڭايسىزلانسام ۋەياكى جىددى ھەرىكەت قىلساملا ئاسانلا يۈزۈم قىزىرىپ كېتىدۇ . بۇ زادى نىمىدكى مەسىلە ؟ قاندىكى ماينىڭ مىقدارى كۆپمۇ ياكى قاننىڭ ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلىكمۇ ؟ بۇنى قانداق تەدبىر بىلەن تىزگىنلىيەلەيمەن ؟------------
بۇ مېنىڭچە روھىيەتتىكى مەسلىمىكىن ...مېنىڭمۇ شۇنداق... . {:92:} سىزنىڭ بۇنداق بولىشىڭىز تەسەۋۋۇرۇمغا سىغمايدۇ! (چاقچاق) ....بۇ ھەرھالدا ھايانىڭ ئىپادىسى بولسا كېرەك . خوتۇن ياخشى دورا. ئەگەر دانىخورەك بولسا:
دانىخورەك ئالامىتى: رەڭگى قىزىل،ئۇچى ئاق پەيدا بولىدىغان بىر خىل جاراھەتتۇر. سەۋەبى: قاننىڭ غالىبلىقىدىن بولىدۇ. ئىلاجى: قان ئېلىنىدۇ.شەخەك قىلىنىدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن تۆۋەندىكى دورىلارنى بېرىش لازىم. چىلان،سەرپىستان ھەربىرى 50 گرامدىن،تەمرى ھىندى،ئەينۇلا ھەر بىرى 30 گرامدىن،شوخلا،تۇخۇمى كاسىنە،نېلۇپەر ھەربىرى 10گرامدىن،تەرەنجىبىن 45گرام،بەتبۇخ قىلىپ ئىچۈرۈلىدۇ. غىزاسىغا: يېسىمۇق،ماش،مۇقەششەر،ھۆل يۇمغاقسۈت،تەمرى ھىندى سۈيىدىن 25گرامدىن سېلىپ تەييارلاپ بېرىلىدۇ.سىرتتىن گۈل يېغىدا مايلىنىدۇ.
جەمئى ئىلاج ناملىق كىتابتىن؛
بۇ قان بۇزۇلۇش،سۇ تۇپراقتىن كىلىپ چىققان بۇلۇشى مۇمكىن. تەۋسىيە دورا مەجۈنى چۆبىچىن. ھەر كۈنى قاتتىق سوپۇندا ئىلمان سۇدا يۈز يۇيۇش. بۇنىڭغا ئامال يوق، ئۆيەڭگە قايتىپ تەييارلىق قىل پىنھانجان تىرىڭىز مايلىقكەندە ؟
ئادەتتە مايلىق تىرىنىڭ سۇسىزلىنىشى (ئىغىر دەرىجىدە )تىرىگە شۇنداق نەرسە چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئاندىن يۈز تىرىڭىز نىپىزكەن قىل قان تۇمۇرنىڭ كۇرنۇپ قىلىىشىدىن يۈزىڭىز ئاپتاپىتىمۇ قىزىرىپ قالىدۇ
10- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىنھانجان تىرىڭىز مايلىقكەندە ؟
ئادەتتە مايلىق تىرىنىڭ سۇسىزلىنىشى (ئىغىر دەرىجىدە )تىرىگە شۇنداق نەرسە چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئاندىن يۈز تىرىڭىز نىپىزكەن قىل قان تۇمۇرنىڭ كۇرنۇپ قىلىىشىدىن يۈزىڭىز ئاپتاپىتىمۇ قىزىرىپ قالىدۇ
پىنھاننىڭ يۈزى نېپىزمىكەن؟
11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىنھانجان تىرىڭىز مايلىقكەندە ؟
ئادەتتە مايلىق تىرىنىڭ سۇسىزلىنىشى (ئىغىر دەرىجىدە )تىرىگە شۇنداق نەرسە چىقىشقا مەجبۇرلايدۇ، ئاندىن يۈز تىرىڭىز نىپىزكەن قىل قان تۇمۇرنىڭ كۇرنۇپ قىلىىشىدىن يۈزىڭىز ئاپتاپىتىمۇ قىزىرىپ قالىدۇ
پىنھاننىڭ يۈزى نېپىزمىكەن؟
ۋاھ.....خوشامەتنى مۇنداق قىلسىمۇ بولىدىكەن جۇمۇ ... پىنھاننىڭ ئارىلاپ بولۇپ قالىدىغان چاقچاق تېمىلىردىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرگەن كۆپ سانلىق ئىزدىنىشلىقلار تازا قېلىن گۇي بۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن ، لېكىن مەنچە پىنھانباي سورۇنغا قاراپ يۈز تېرىسىنى تەڭشەپ تۇرالايدۇ
بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى چۈنكى ھەنىم زەرداپ تېشىغا تېپىپتۇ. تېشىغا تەپمىسە خەتەرنىڭ چوڭى چىقىدۇ. قې
يۈزىڭىزنى كۈندە بەش قېتىم يۇيۇڭ. چوقۇم ساقىيىدۇ.
ئاللاھتىن شىپاھ تىلەيمەن. ئېرىق-ئۆستەڭنى چاپمىسا لايلىشىدۇ...بويتاقلىق پىراۋىسى Cدىن ئۆسۈپ Bدەرىجىگە يەتكەنلەرنىڭ چىرايىغا شۇنداق نەرسىلەر چىقىپ قالىمىش پىنھانباي! {:92:} ..خۇدايىم نۇمۇر يىرتىدىغان بىرقىزنى يۇلۇقتۇرسا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
ئەمما، ئاۋۇ نەرسىلەر تازا تۇلۇپ ئاقارمىغىچە سىقماڭلار، سىققاندىمۇ قان ئارلاش سۈيى چىققاندىن كىيىن قەتئىي سىقماڭلار بولمىسا يارا ئېغىزىدا چىكىتتەك قارا داغ پەيدا بۇلۇپ قالىدىكەن.
13- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى چۈنكى ھەنىم زەرداپ تېشىغا تېپىپتۇ. تېشىغا تەپمىسە خەتەرنىڭ چوڭى چىقىدۇ. قې
يۈزىڭىزنى كۈندە بەش قېتىم يۇيۇڭ. چوقۇم ساقىيىدۇ.
ئاللاھتىن شىپاھ تىلەيمەن.
قىزباللىنىڭ يۈزى تۆۋەن ،خىجىلچان بولغاچقا يۈزىدىكى قىزىللىقنى خەق كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ،ئۇپا سۈركەپ ئاقارتىپ يۈرەمىش.
پىنھان بۇ ئۇسۇل بولغۇدەكمۇ؟