bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 10:10:32

NASA: «ھەۋەسكار» مارسنىڭ ئىككى ھەمراسىنى رەسىمگە تارتتى

NASA: «ھەۋەسكار» مارسنىڭ ئىككى ھەمراسىنى رەسىمگە تارتتى




بىلىمخۇمار




بۇ يىل 1-ئاۋغۇس كۈنى ناسا نىڭ مارسنى تەكشۈرىۋاتقان «ھەۋەسكار» (Mars rower Curiosity) ناملىق ماشىنىسى مارسنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىككى ھەمراسىنىڭ رەسىمىدىن 41 پارچىنى تارتقان بولۇپ، كېيىن ناسا دىكىلەر بۇ رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر قىسقا سىن (video) فىلىمى ياسىدى.  بۇ فىلمنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:




سىن فىلىمى:

http://www.space.com/22392-curiosity-sees-martian-moon-s-phobos-and-deimos-time-lapse-video.html




رەسىم:

http://i.space.com/images/i/000/031/827/original/phobos-deimos-occultation.jpg?1376603657




ماقالە مەنبەسى:

http://www.space.com/22394-mars-rover-curiosity-martian-moons-video.html




1http://www.space.com/22392-curiosity-sees-martian-moon-s-phobos-and-deimos-time-lapse-video.html

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 14:07:58

بۇ ماشىنىنىڭ رەسىمگە تارتقاندا فوكۇس تەڭشەپ تارتىدىغان ئىقتىدارى يوقمۇ نىمە؟ رەسىم بەك غۇۋا چىقىپتۇ، ياكى ئارلىق بەك يىراقمۇ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 14:44:07

ئاران 41 پارچە رەسىم تارتىپتىما؟

قىزلار ئەينەكنىڭ ئالدىلا ئۆزىنىڭ 80 پارچە رەسىمىنى تارتىپ بولىدۇ 1 مىنۇتتا. ئاتايىتىن مارسنىڭ رەسىمىنى تارتقاندىكىن كۆپرەك تارتماي.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 16:23:57

مەخسۇس تەييارلىق بىلەن تارتىلغان سۈرەت بولماسلىقى مۇمكىن.

بولمىسا يەلكەن دىگەندەك بۇنداق ئاز تارتىلمايدۇ.

رەسىمنىڭ غۇۋا بولىشىدىكى بىر ئېھتىماللىق بەلكىم ساقلىغۇچنىڭ بوشلىقىنى تىجەش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن.

بىلىمخۇمار ئەپەندىمگە رەھمەت. ھەر ھەپتىدە بىر ئىككى يېڭى تېمىسىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن.

نەچچە كۈن ئالدىدا ناساغا مۇناسىۋەتلىك يەرگە يېقىن ئوربىتالىق سەييارىلاردىن كان قازىدىغان بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم، تەرجىمە قىلاي دەپ ۋاقىت چىقىرالمىدىم.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 16:35:07

بەك غۇۋاغۇ ،،بىرنىمنى پەرىق ئەتكىلى بولمايدىكەن

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 21:26:51

ئەركىن سىددىق ئاكىمىزنىڭ NASA نىڭ تەتقىقات تېمىلىرى بىلەن بىزلەرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت !!

مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان بىر قانچە سۇئالىم بارتى ، ۋاقتىڭىز بارمىكىن بىلمىدىم ؟

1.سۇئالىم : ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى 1969-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئايغا تۇنجى قېتىم قەدەم باسقىنىدىن تارتىپ ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولدى ، توردا نۇرغۇنلىغان گۇمانىي نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ماقالىلار كۆپ، «ئۆزگۈرۈشچان ماشىنا ئادەم transformers » دېگەن كىنودىمۇ ئىنسانلار ئايغا چىققان مەنزىرىگە ئوپمۇ ئوخشاش ياسالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. سىزنىڭچە شۇ قېتىمقى ئايغا چىقىش راست بولغانمۇ؟

2. ئەگەر راست بولسا ، ئىنسانلار ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقا ئايغا چىقىپ تۇرماي ، پەقەت ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا چىقىپ چۈشۈدۇ؟ ئايغا چىقىپ چۈشۈشنىڭ ھازىر ئەھمىيىتى قالمىدىمۇ قانداق ؟

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالدىم ، كەچۈرىسىز! بۇلار ھازىرچە سىزدەك ئۇستازلىرىمىزدىن سورىۋالمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلىغان سۇئاللىرىم. ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن سۇئاللىرىم بار ، كېيىنچە قالغانلىرىنى ئالدىرىماي سورارمەن...

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 11:41:50

بېلىشىمچە مارىسنىڭ ھەمرىيى يۇمۇلاق ئەمەسقۇ دەيمە .

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 16:46:08

يې باللا، رەسىمچىلىكتىن خەۋىرىم يوق، لېكىن يىراق ئارىلىقتىكى ياكى ھەرىكەتتىكى جىسىمنى تارتىش يېقىن ياكى يېقىن ياكى جىم تۇرغان بىرمىنى تارتىشتا پەرق بارلىقىنى بىلىمەن. يەلكەنگە ئەگەشمەڭلا ئاندا. ھاھا. ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەننىلا سۆزلەپتۇ ئۇ.

ھە راس يەلكەن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-8-22 17:26:35

ئىنسانلارنىڭ ئالەم تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتكىنى پەقەت ھەۋەس ئۇچۇنلا ئەمەستۇ ؟

يىڭى ھاياتلىق ئورنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلامدۇ نىمە ؟

ئەگەر ئىنسانلارغا يىڭى ھاياتلىق ئورنى ئىزدەۋاتقان بولسا، يەرشارىنىڭ ھالاك بولىشى مۇقەررەرمۇ ؟

قاچان ھالاك بولا ؟ ئازقالغاندەكمۇ ؟ نىمە دىگەن كۆپ سۇئال بۇ..........

تەرەققى قىلمىغان ئەللەرگىمۇ باشقا پىلانىتتا ئورۇن بارمىدۇ ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-8-28 21:52:49

تاش،

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام....

روكنى تاش دەپ قويدۇمغۇ...  {:92:}
بەت: [1]
: NASA: «ھەۋەسكار» مارسنىڭ ئىككى ھەمراسىنى رەسىمگە تارتتى