turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 14:37:16

بابۇرمۇ، بەبەرمۇ ياكى بابىرمۇ؟

                                            بابۇرمۇ، بەبەرمۇ ياكى بابىرمۇ؟

                                               مۇھەممەد ھەلىم يارقىن

ھىجرىي 888-يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئالتىسى پەرغانە شاھى ئۇمەرشەيخ مىرزا ھەرىمىدە قۇتلۇق نىگارخانىم بىر ئوغۇل تۇغدى. «تارىخى رەشىدىي»نىڭ مۇئەللىپى مىرزا ھەيدەر دۇغلاتنىڭ يېزىشىچە، «مۇتەبەھھىر ئالىملەردىن بىرى مەۋلانا مىر مەرغىلانىيدىن... ئات قويۇش ئىلتىماس قىلىندى ۋە ئۇ كىشى زەھىرىددىن مۇھەممەد خىتابى بىلەن مۇشەررەف ئەتدىلەر». دېمەك، تۇغۇلگەن بالىنىڭ ئەسلى ئىسمى زەھىرىددىن مۇھەممەد بولغان. بىراق، ئۇ پۈتۈن ھاياتى دەۋرىدىن ھازىرغىچە «بابۇر» نامى بىلەن ئاتىلىپ كىلىنمەكتە.

بابۇر نامىنىڭ قانداق بېرىلگەنلىگى توغرىسىدا يەنە مىرزا ھەيدەر دۇغلات مۇنداق يازىدۇ: «ئۇ زاماندا چاغاتاي ئولۇسى تۈركلىشىپ... ئۇلارنىڭ تىلىدا زەھىرىددىن مۇھەممەدنى تەلەپپۇز قىلىش قېيىن ئىدى. شۇ سەۋەب ئۇنى بابۇر دەب ئاتىدىلەر. خۇتبىلار ۋە پەرمانلاردە زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر دەب يازار ئىدىلەر. بىراق، بابۇر پادشاھ نامى بىلەن مەشھۇر بولدى...»

داڭلىق ئىنگلىز ئالىمى ۋېليام ئېرسكىن (William Erskine) ھەم ئۆزىنىڭ «ئېران ۋە بابۇر» ناملىق تارىخىي ئەسىرىدە ئەينەن شۇ دەلىلنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىراق بۇ ئاتنى بالىغا ئۇنىڭ بۇۋىسى (ئېسەن دەۋلەت بېگىم) قويغان، دەپ يازغان.

بارچە ئىلمىي ۋە تارىخىي مەنبەلەردە ئۇ زات زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرشاھ دېيىلگەن.

شۇنى ھەم ئەسلەش لازىمكى، بابۇر نامى تېمۇرىيلەر ئارىسىدا ئىلگىرى ھەم مەۋجۇد بولغان. سۇلتان ھۈسەين مىرزا بايقارا ۋە مىرئەلىشېر نەۋائىيگە ياشلىقلىرىدا ھامىيلىك قىلغان مەشھەد ھۆكۈمدارى ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزا ئىبنى بايسۇنقۇر مىرزا ئىبنى شاھرۇخ مىرزا ئىبنى ئەمىر تېمۇر ساھىبقىران نامى ھەممىگە مەلۇم.

ئەمدى ئۇشبۇ سۆزنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسىگە كەلسەك، ئايرىم يازغۇچى ۋە مۇئەررىخلەر، جۈملىدىن، «ھىند تارىخى» (ئاللاھ ئاباد، 1923، 306-بەت) ئەسىرىنىڭ مۇئەللىپى ئىشۋەر پرەسەد ۋە يەنە بىر تارىخچى جېيمس ھ.ھېنس («ھىند تارىخى»، لوندۇن، 1954، 15-بەت) بۇ سۆزنى «بەبەر» شەكلىدە يازغان. ئېرسكىن «بابۇرنامە»نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىدە ئۇشبۇ سۆزنىڭ مەنىسى تىگەر — يولۋاس دەيدۇ ۋە پارسچىدا «بەبەر» سۆزى يىرتقۇچ بىر جانىۋارنى كۆرسىتىدۇ دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ. (ئە.ھەبىبىي، زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرشاھ. كابۇل، 1351 ھىجرىي، 2-بەت). لېكىن بۇ جانىۋار پارسچە سۆزلۈكلەردە «بەبر» شەكلىدە يېزىلغان ۋە داكتار مۇھەممەد مۇئىن ئۆزىنىڭ «فەرھانگى فارسىي» لۇغىتىدە «بەبر» سوزىنى پەھلەۋىيچە سۆز، مەنىسى يولۋاستۇر، بىراق ئادەملەرنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە كەلگەندە بۇ سۆز ماھىر جەڭچى، باتۇر ۋە قورقماس، پالۋان قاتارلىق كۆچمە مەنالارنى بىلدۈرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

مۇھەممەد غىياسىددىن ئىبنى جەلالىددىن رامپۇرىي ئوزىنىڭ «غىياس ئۇل-لۇغات» ئەسىرىدە بۇ سۆزنى «بابۇر» شەكلىدە بەرگەن. كىتابتا بۇ سۆز «دۇر» سۆزى بىلەن قاپىيە بولۇب كەلگەن.



خىدېۋى كامرانى پەرتەۋى دۇر،

مەلازى مۈلكۇ دەۋلەت شاھى بابۇر.



بۇندىن تاشقىرى، «مەتلە ئۇس-سەدايىن» ئەسىرىنىڭ مۇئەللىپى كامالىددىن ئابدۇرازاق سەمەرقەندىينىڭ ئاكىسى مەۋلانا ئابدۇلقادىر ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزىنىڭ ۋاپاتىدا مۇنۇ بېيتلارنى يېزىپ، «پۇر»، «دۇر»، «خۇر» سۆزلىرىنى بابۇرغا قاپىيداش قىلىپ ئىشلەتكەن:



ئافتابى مۇلك بابۇر خۇد نەماند،

كەي چۇنىن خۇرشىد پىنھان دەرخۇر ئەست.

دەر رەبى ئۇس-سانىيى فەسلى رەبى،

لالەرا ساغەر زى خۇنى دىلپۇر ئەست.

چەرخرا گۇفتەم جىگەرھا چاك چىست؟

دىيدەھا پۇرەشكۇ دامەن پۇردۇر ئەست.

ئىن چى ھال ئەستۇ چى تارىخ ئەست؟ گۇفت:

فەۋتى شەھ سۇلتان مۇيەيىد بابۇر ئەست.



مەزكۇر مىسالدىن ھەم كۆرۈۋالالايمىز، ئۆز زامانىدا تېمۇرىيلەر پايتەختى بولغان ھىراتتا بۇ سۆز بابۇر شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنغان.

بەزىلەر ئۆزبېك تىلىدا بەزى سۆزلەردىكى «ئۇ» ھەرپىنىڭ «ئى» شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ سۆزنىڭ بابۇر شەكلىدە يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇز قىلىنىشىغا قوشۇلماي، ئۇنى بابىر شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىش توغرا دەپ ھېساپلايدۇ. ئۇلار بۇنىڭغا تېمۇر سۆزىنى مىسال كەلتۈرۈپ، خەلق ئارىسىدا تېمىر شەكلىدە تەلەپپۇز قىلىنىدىغۇ دىيىشىدۇ. «مىر تېمىر»، «تېمىرچى» سۆزلىرىنى، «تېمىرنى قىزىقىدا سوق» ماقالىنى مىسال ئالىدۇ.

توغرا، خەلق ئارىسىدا يۇقىرىدا كەلتۈرگەن مىساللارغا ئوخشاش سۆزلەرنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، بىراق تارىخ ۋە ئەدەبىياتىمىزدە يۈكسەك ئورۇن ئېگەللەپ، پارلاق ئىز قالدۇرغان سىيما زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئىسمىنى ئەدەبىي شەكىلدە ئىشەنچلىك ۋە مۆتىۋەر مەنبەلەرگە تايانغان ھالدە توغرا تەلەپپۇز قىلىشىمىز ۋە يېزىشىمىز يەنىلا ئەقىلگە بەكرەك مۇۋاپىق.

مىنىڭچە ئىسىم ئېگىسىنىڭ ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ئىملا شەكلى باشقا يازغۇچىلار كۆرسەتكەن ئىملا شەكللىرىدىن ئىشەنچلىك ۋە ئېتىبارلىق بولۇپ، بارچە خاتالىقلار ۋە خىلمۇ-خىللىقلارغا چەك قويىدۇ. گەرچە «بابۇرنامە»دە بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇمات بولمىسىمۇ، بىراق بابۇرشاھنىڭ يېڭى تېپىلغان مەكتۇپلىرىنىڭ بىرىدە بىز ئىزلىگەن پاكىتلار مەۋجۇت. بۇ كىچىك ئىشقىي مەكتۇپ تۆۋەندىكى چىرايلىق تۆتلۈك بىلەن باشلىنىدۇ:



فىراق دەشتىدە يىتگەن غەمۇ تەفەككۇردىن،

ئەسىرى دىلشۇدە، يېنى فەقىر بابۇردىن.

دۇئايۇ قۇللۇق ئەڭەكىم، جەنابۇ قەدرى ئانىڭ،

بەلەندۇ ئالىي ئېرۇر ۋەھم ئىلە تەسەۋۋۇردىن.



(ھ.يارقىن، بابۇرنىڭ يېڭى مەكتۇپلىرى، «تەپەككۇر» ژۇرنىلى، 2001/4.)

كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، بۇ شېئىردا تەپەككۇر، بابۇر، تەسەۋۋۇر سۆزلىرى قاپىيە بولۇپ كەلگەن. دېمەك، زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرنىڭ ئۆزى ئىسمىنى بابۇر شەكلىدە يازغان ۋە شۇ سەۋەپتىن بەبەر، بابىر ۋە بەبىر قاتارلىق ئاتالمىلارنى توغرا دېمەيمىز.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر نەرسىنى ھەم ئەسلەپ ئۆتۈشنى لازىم دەپ بىلىمىز. بابۇر پەرغانىدىكى تاجۇ-تەختىدىن ئايرىلىپ كابۇلنى ئېگەللەپ، ئۇ يەردە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلىغان. بۇ ھەقتە «بابۇرنامە»دىن ئوقۇيمىز: «ئۇشبۇ زامانغىچە تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرىنى مىرزا دەرلەر ئېدى، ئۇشبۇ نەۋبەت جاكارلىدىمكى، مېنى پادىشاھ دەرلەر» («بابۇرنامە»، 2002، 160-بەت). يەنە، بابۇر چۈشىدە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرارنىڭ ئۇنى بابۇر پادىشاھ دېگىنىنى ھەم يازغان («بابۇرنامە»، 2002، 100-بەت).

نۇرغۇن تارىخىي ۋە ئىلمىي مەنبەلەردە ئۇ «زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇرشاھ» دەپ ئاتالغان. شۇ سەۋەپ ئافغانىستان، تۈركىيە، ئېران ۋە باشقا يۇرتلارنىڭ ئالىملىرى ئۇنى بابۇر پادشاھ ياكى بابۇرشاھ دەپ ئاتايدۇ ۋە يازىدۇ. بۇنىڭغا ئافغانىستاندا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان «بابۇرشاھ بېغى» ياكى «بابۇرشاھ مەقبەرىسى» كەبى سۆزلەرنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. بىراق ئۆزبېكىستاندا بۇ زاتنى كۆپىنچە زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر مىرزا ياكى بابۇر مىرزا ۋە ياكى مىرزا بابۇر دەپ ئېيتىدۇ ۋە يازىدۇ. مېنىڭچە بۇ سوۋېت زامانىدىكى دىنىي-تارىخىي ئايرىم سۆزلەرنى (خۇدا، پادىشاھ...) قوللىنىش چەكلەنگەن شارائىتتا پەيدا بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئادەت بولسا كېرەك...

شۇڭلاشقا ئۇل زاتنىڭ ئىسمى ئالدىغا «مىرزا» سۆزى ئورنىغا «پادىشاھ» ياكى «شاھ» سۆزىنى قوشۇپ ئېيتىش ۋە يېزىش تۆۋەندىكى ئىككى نوقتىدىن مۇھىمدۇر:

بېرىنچىدىن، شۇنداق يول تۇتساق، ئۇل زاتنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە پەرمانىغا بوي سۇنغان بولىمىز...

ئىككىنچىدىن، ئۇنى قەدىمكى مەنبەلەردە بابۇر مىرزا ئىسمى بىلەن مەشھۇر بولغان ئوبۇلقاسىم بابۇر مىرزا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويماي، خاتالىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.



«ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى» گېزىتىنىڭ 2005 يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇمىجىت ئابدۇللا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 18:39:14

ئاللاھ ئاباد ئەمەس ئاللاھاباد. بىر شەھەرنىڭ ئىسمىغۇ دەيمەن.

زەھىرىددىن ئەمەس زاھىرىددىن دەپ ئالامىز.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 20:17:40

بەرىبىر

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2013-8-21 11:33:12

ئەسلى ئۆزبېكچە ئادرىسى چۈشۈپ قاپتۇ، قىزىققانلار كۆرۈپ باقارسىلەر:

http://www.ziyouz.com/index.php?option=com_content&task=view&id=8430&Itemid=378
بەت: [1]
: بابۇرمۇ، بەبەرمۇ ياكى بابىرمۇ؟