بۇ كىتابلار كىمدە بار؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،مەن تۆۋەندىكى كىتابلارنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم .تاپالمىدىم.بىلىدىغانلار ئۇچۇرىنى بەرسەڭلار:
1. ھۇمايۇن پىرىمقۇل قادىروف(ئۆزبىكىستان)
2. ئەكبەر پىرىمقۇل قادىروف(ئۆزبىكىستان)
3.ئىمپىراتور تىمۇرلەڭ گىروسسىي (فىرانسىيە)
4.ئىبنى فەزلاننىڭ ساياھىتى ئىبنى فەزلان
5.غىدىق،غىدىق،غىدىق ئەزىز نەسىن(تۈركىيە)
http://kitob.uz/files/noyabr/humoyun.zip چاقماققا چاپلاڭ. خاتا بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ پىرىمقۇل قادىروپنىڭ سىز دېگەن كىتابى مەن ئەڭ ياقتۇردىغان تارىخي كىتاب.
1. قىسىم يۇلتۇزلۇق تۈنلەر ( بابۇر سۆزلىنىدۇ)
2. قىسىم ھۇمايۇن ئەكبەر
مۇشۇنداققۇ دەيمەن، ياكى بۇرۇنقى نەشىرىمىدۇ مەن خاتالىشىپ قالغان بولسام. شىنجاڭ ئۈنۋىرىسىتىتىنىڭ يېنىدىكى يەر ئاستىدىكى كىتابخانىدا «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» نى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. ئەمما ھەر ئىككىلا قىسمىنى تەڭ سېتىۋىلىش ئۈچۈن مەنمۇ ئىزدىنىۋاتقان، مۇشۇ مۇنبەردە بىرسىدە بار ئىكەن. 300 سوم دېگەن ئىدى. سىزمۇ ئىزلەپ باقارسىز. پىرىمقول قادىروۋنىڭ بۇنداق ئۈچ قىسىم كىتابى بار.
بىرىنچى قىسمى: يۇلتۇزلۇق تۈنلەر.
ئىككىنچى قىسمى: ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر
ئۈچىنچى قىسمى: ئەكبەر
بىرىنچى قسمىدا بابۇرنىڭ تەخت كۈرەشلىرى... سۆزلىنىدۇ. ئىككىنچى قىسمىدا ھۇمايۇننىڭ تەختنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۈچىنچى قىسمىدا ئاساسلىق قىلىپ ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ يارامسىز ئوغۇللىرى توغرىلىق سۆزلىنىدۇ.
كېيىنكى ئىككى قىسىمنىڭ مۇقاۋىسى ئوخشاش. مەنمۇ تاپالماي كۇتۇپخانىدىكىسىنى كوپىيەلىۋالغان.
ئەۋلادلىرىڭىزغا قالدۇرۇشقا بەك ماس كېلىدىغان كىتاب. @shah_senem ئۈستىدە دىگەن ئۈچ كىتابنىڭ خەنچە ئىسمىنى يېزىپ بېرىڭە بولسا، مەندە بىرى باردەك قىلغان، قالغانلىرىنىمۇ ئىزدەپ باقاي.
رەھمەت! @muzdala
بولىدۇ، مەن كەچتىرەك يوللاپ بېرەي.
7- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@muzdala
بولىدۇ، مەن كەچتىرەك يوللاپ بېرەي.
ئېسىڭىزگە سالاي. @muzdala
«يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»نىڭ ئەڭ كەينىدىكى بەت يوقكەن، ئەپسۇس.
ھۇمايۇن (ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر) سۇلتان ھاشىم تەرجىمىسى
霍马勇 (霍马勇和艾克拜)苏里坦·阿西木 译
ئەكبەر (ھۇمايۇن ۋە ئەكبەر) تاھىر تالىپ تەرجىمىسى
艾克拜 (霍马勇和艾克拜) 塔依尔·塔黎甫
پىرىمقول قادىروۋ 普里库勒·哈德尔 (前苏 夜空洒满了星星
布满星星的夜空
«يۇلتۇزلۇق تۈنلەر» يۇقىرىدىكى ئىككى تەرجىمىنىڭ بىرى ئىدى. قايسىسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. @shah_senem رەھمەت سىزگە، كونا كىتاب تورىدا ئاۋۇ ئىككىسى يوقكەن. «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»نى بۇرۇن ئېلىۋاپتىكەنمەن.
بەت:
[1]