tarixim_qible يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 13:36:04

تىرىگىنومېترىيەلىك فۇنىكسىيەنى ئىشلەتمەي بۇلۇڭ BAC∠ نى تېپىڭ.

تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ، تۆت تەرەپلىك ABCD دا ، AC 、 BD لار دىئاگونال.  تەلەپ : ھېچقانداق تىرىگىنومېترىيەلىك فۇنىكسىيەنى ئىشلەتمەي بۇلۇڭ BAC∠ نى تېپىڭ.



koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 15:34:31

30 گىرادۇس

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 15:36:19

بۇلۇڭ ا ب د =40

بۇلۇڭ د ب س =70

بۇلۇڭ ا ب س =110 \"\"

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 15:41:43

BAC=60-∠CAD∠

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 17:18:48

35= BAC∠

25 = CAD∠

35 = BCA ∠

25 = ACD ∠

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 19:01:35

دىئاگناللار كېسشكەن نۇقتىنى O دېسەك:

CAD+ACD=50،

BCA+CAB=70،

OAB+OAD=60،

OCB+OCD=60.

‹‹--

ACD=OCD:

ئا: CAD+ACD=50

ب: OCB+OCD=60  

ب-ئا:

OCB=10+CAD،

.....

....

BAC=35.

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 19:55:25

40 گىرادۇس

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 20:00:53

40 گىرادۇس

alshir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 20:08:05

بىرەر جۈپ كېسىكنىڭ پارالىللىقىغا ھۆكۈم قىلغىلىمۇ بولمىسا. قانداق تاپىدۇ؟ ئاۋۇ ھېساپلاشلارمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى.

alshir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 20:19:27

ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 180

تۆت تەرەپلىكنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى 360

ئۈچ بۇلۇپ ئا ب د غا ئاساسەن بۇلۇڭ د ئا ب نىڭ 60 قا تەڭ ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئوخشاشلا ئۈچ بۇلۇڭ د س ب غا ئاساسەن بۇلۇڭ د س ب نىڭمۇ 60 ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

ئەمما بۇ تۆت تەرەپلىك پارالېل تۆت تەرەپلىك ئەمەس شۇڭا دىئاگونال ئا س ھەرگىزمۇ يۇقۇرىدا دىيىلگەن ئىككى بۇلۇڭنىڭ بېسىكتېرساسى ئەمەس

alshir يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 20:34:38

دىئاگونال ئا س بىلەن ب د نىڭ ئۆز ئارا تىك كېسىك ئىكەنلىگىگىمۇ ھۆكۈم قىلالمايمىز.





  {:107:}   {:106:}  

مەكتەپتىكى ۋاقتىم بولغان بولسا چوقۇم كېچىچە ئولتۇرۇپ بولسىمۇ ھېسابلايتىم. قېنى يىگىتلەر كارامىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار!

qinar418 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 20:45:04

30گىرادۇس

40+110+30=180

70+80+30=180

110+70=180

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 21:24:51

خەرىتە سىزغاچ AutoCAD دا سىزىپلا ھېساپلىۋەتتىمغۇ. \"\"



ھەممە بۇلۇڭلارنىڭ گىرادۇسىنى ئىزاھلاپ قويدۇم. قارىغاندا بارغاسىرى ھورۇنلۇشۇپ كېتەمدىم نىمە؟ ھېساپلاش پەقەتلا خوش ياقمىدى.



\"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 22:02:47

{:92:}  

ئاخىرىنى ھېسابلاشقا ئېرىنىپ ئاۋۇ 10 گىرادۇسلۇق پەرقنى 35، 25 دەپ پەرەز قىلغىنىم خاتا بوپتۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 22:36:00

12- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەرىتە سىزغاچ AutoCAD دا سىزىپلا ھېساپلىۋەتتىمغۇ. \"\"



ھەممە بۇلۇڭلارنىڭ گىرادۇسىنى ئىزاھلاپ قويدۇم. قارىغاندا بارغاسىرى ھورۇنلۇشۇپ كېتەمدىم نىمە؟ ھېساپلاش پەقەتلا خوش ياقمىدى.





ئاۋۇ ئوتتۇرا نۇقتىنى ئو نۇقتا دىسەك. بۇلۇڭ س ئو بى بىلەن بۇلۇڭ س ب ئو ئىككى بۇلۇڭ ئوخشاش 70 گىرادوس دەپسىز. ئۇنداقتا بۇ ئۈچبۇلۇڭ تەڭ يانلىق ئۈچ بۇلۇڭ بولار. لېكىن قارىماققىلا بۇ ئىككى بۇلۇڭ ئوخشاش ئەمەستەك. بۇلۇڭ س ب ئو، بۇلۇڭ س ئو ب دىن چوڭدەك ھېسى قىلدىمغۇ؟ ياكى كۆزۈم مىنى ئالداۋاتامدۇ ...


arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-19 23:23:01

قوياش ئوغلى ، بۇلۇڭى 70،70،40بولغان ئۇچبۇلۇڭ تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭ.

كۆز كۆپىنچە ھاللاردا ئادەم ئالداپ قويىدۇ. سىز دىگەندىن كىيىن ئاندىن دىققەت قىپتىمەن.

مەن ھېچقانداق ھېساپلاش ئېلىپ بارمىدىم، تېمىدا بېرىلگەن بۇلۇڭلار بويىچە سىزىپ، نامەلۇم بۇلۇڭلارنى ئۆلچەپ قويدۇم. تېرگونومىتىيەلىك فونكىسىيە ئىشلەتمەي دىگەن تەلەپكە، AutoCAD ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ قوشۇپ قويۇش كېرەكتەك قىلىدۇ.  {:92:}

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 08:44:03

{:92:}  

مەن قارىساملا 30 گىرادۇستەك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن AutoCAD سىزىپ باقسام شۇنداق چىقتى.

tarixim_qible يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 09:27:28

12- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەرىتە سىزغاچ AutoCAD دا سىزىپلا ھېساپلىۋەتتىمغۇ. \"\"



ھەممە بۇلۇڭلارنىڭ گىرادۇسىنى ئىزاھلاپ قويدۇم. قارىغاندا بارغاسىرى ھورۇنلۇشۇپ كېتەمدىم نىمە؟ ھېساپلاش پەقەتلا خوش ياقمىدى.





جاۋابىغۇ توغرا چىقىپتۇ. بىراق بۇ AutoCAD دا ھېسابلاش يوللىرى ئېنىق كۆرسىتىلمەيدۇ. شۇڭا بولسا قول بىلەن ئىشلەپ ، ئىشلەش يولىڭىزنى يوللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى.

tarixim_qible يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 09:28:16

1- قەۋەتتىكى koxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

30 گىرادۇس

ئىشلەش يولىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسىڭىز.

tarixim_qible يوللانغان ۋاقتى 2013-8-20 09:53:02

بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابىنى يەنىلا ئۆزەم ئوتتۇرىغا قوياي.

\"

بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۈچبۇلۇڭ ABD دا ، بۇلۇڭ ABD نىڭ تاشقى بۇلۇڭى 140 گىرادۇس، بۇلۇڭ ADB نىڭ تاشقى بۇلۇڭى 100 گىرادۇس بولىدۇ. بۇنىڭدىن بىلەلەيمىزكى، CB بولسا بۇلۇڭ ABD نىڭ تاشقى بۇلۇڭىنىڭ بېسسىكتىرساسى، CD بولسا بۇلۇڭ ADB نىڭ تاشقى بۇلۇڭنىڭ بېسسىكتىرساسى بولىدۇ. ھەم AC , DC, BC لار بىر نۇقتا C دا كېسىشىدۇ. بۇنىڭدىن بىللەيمىزكى، C نۇقتا ئۈچبۇلۇڭ ABD نىڭ بىر يان مەركىزى (三角形的旁心) بولىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزىنىڭ خۇسۇسىيتىگە ئاساسەن CA نىڭمۇ بۇلۇڭ DAB نىڭ بېسسىكتىرساسى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.

ئۈچبۇلۇڭ ABD دا، بۇلۇڭ DAB نىڭ 60 گىرادۇس ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇڭا بۇلۇڭ BAC نىڭ قىممىتى 30 گىرادۇس بولىدۇ.
بەت: [1] 2
: تىرىگىنومېترىيەلىك فۇنىكسىيەنى ئىشلەتمەي بۇلۇڭ BAC∠ نى تېپىڭ.