Canon/佳能 Powershot A2200 ئاپاراتدىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى بارلىق تورداشلار،بۇ ئىزدىنىشقا شۇنداق مىھرىم چوڭقۇر دەڭلەر. خاپا بولساممۇ،خۇشال بولساممۇ،بىرەر قېيىنچىلىققا يولۇقساممۇ ئالدى بىلەن مۇشۇ ئىزدىنىش يادىمغا كىلدۇ. مانا بۇگۇنمۇ ماۋۇ ئاپارات ئېچىلماس بولۇپ قېلىپ تېما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مۇنداق بىر مەسلىگە يولۇقتۇم،يەنى مەندە Canon/佳能 Powershot a2200 hd ماركىلىق ئاپاراتتىن بىرسى بار ئىدى ئايالىمنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى ئوقۇش پۇتتۇرۇش مۇراسىمىدا ئىشلىتىش جەريانىدا قانداق قىلدى بىلمىدىم ئاپارات ئىتلىپ قېلىپ پەقەت ئىچىلمايۋاتىدۇ.بولمىسا 70 نەچچە پارچە سۇرەتكە تارتىپتۇ،توكىمۇ لىق قاچلاقلىق ئىدى.بۇ زادى نىمنىڭ سەۋەبىدىن بولغاندۇ؟مۇشۇنداق مەسلىگە يولۇققانلار بولسا ئوڭشاش ئۇسسۇلىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار تولىمۇ مىننەتدار بولار ئىدىم.
ئەل ياخشى ئامال رىمۇنىتچىغا كۆرسىتىپ بىقىڭ !!!!!!!!! مۇشۇندا چوڭ ئىشقىمۇ سەل قارىغان بارمۇ؟ دەرھال جىددى قۇقۇزۇشقا ئاپىرىپ داۋالىتىڭلا. ئاپراتىڭلارنىڭ ئېچىلمىغىنىغا قاراپ مىنىڭمۇ كوڭلۇم يېرىم بوپ كەتتى.

ناشۈكۈرلىكىمدىن قولۇمدىكى ئاپپارات دەل سىزنىڭكىگە ئوخشاش بۇزۇلۇپ قالدى. ياساتقىلى ئاپارسام، سەل كەم مىڭ يۈەنگە ياساپ بېرىدىكەن. (يەنى ئاساسەن ئالدىدىكى 镜头نى ئالماشتۇرۇپ) شۇڭا، ياساتمايلا قويدۇم. ئەپسۇس، ئاۋۇ سونىينىڭكى سىنغا ئالسا سۈزۈكلۈكى خېلى يۇقىرى ئەمما، سۈرەتكە تارتسا ياخشى چىقمىدى. يا مەن تەڭشىيەلمىدىممۇ.
سىزنىڭمۇ ئاپپاراتىڭىز بۇرۇن تارتىلغان رەسىملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن ئېچىلمايدۇ، شۇنداقمۇ؟ يا پەقەتلا ئېچىلمامدۇ؟
دېمەكچى، ئەگەر مەن دېگەندىكىدەك بولسا، سىزنىڭمۇ ئاپپاراتىڭىزنىڭ ئۆمرى ئاخىرىغا يېتىپتۇ، شۇم خەۋەر يەتكۈزگىنىم ئۈچۈن ئۆزرىلەر!
بەت:
[1]