ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 22:25:26

سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ [تېخنىكا]

بۇنىڭدىن ئىلگىرى تۇراقلىق توكنى ترانسىفورماتورلۇق يۇقىرلىتىش تۇغرىلىق ئازراق چۈشەنچە بېرەي:

byq03.JPG


بۇ توك يوللېرىدا ئۈچ قۇتۇپ لامپىنىڭ تەۋرىنىش خۇسوسىيتىدىن پايدىلىنىلغان بۇلۇپ،ئادەتتە ئاپتۇموبىل تۇكىغا خاتىرە كومپىئوتىر ئۇلايدىغان مەنبە قاتارلىقلارنى ئۈزۈڭلار ياسىۋالساڭلارمۇ بۇلىدۇ.



چۈشىنىشلىك بۇلىشى ئۈچۈن ئاددى سۇقما كەڭ-تارلىغى تىزگىنلىنىدىغان توك يۇلى ئۈستىدە تۇختىلايلى،خەلقارالىق بەلگىسى PWM .

34063 توپلاشتۇرۇلغان تو يۇلى ئىچىدە ھەرە چىشى تەۋرەنگۈچ بۇلۇپ،سىمىت تۈرتكۈچ قۇبۇل قىلىش ئۇچى چىققان ھەرەچىشى سىگنالنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىسىمى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى ئارلىغىدا ئەركىن تەڭشىلەلەيدۇ.يەنى سىنوس سىگنال تۈۋەندىكى ل م358نىڭ مەنفى كونتۇرول ئۇچىغا بېرىلسىلا پ ۋ م سىگنالغا ئېرىشىمىز.

hara qixi.jpgPwm_duty_cycle.gif
pwm.jpg

بۇ ئاددى مىسال ئالساق بىر بۇغۇملۇق سىلىشتۇرغۇچقا سېيرىلما كونتاكىتلىق رىئوستات ئۇلاپ يۇقىرى تۈۋەن بۇرىغاندا چىقىش ئۇچىدىكى چاسا دۇلقۇنلۇق توكنىڭ كەڭ-تارلىغى ماس ھالدا ئۆزگىرىدۇ.

qasad.jpg


تۈۋەندىكىسى بولسا 12ۋولىتلىق توكتا قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان قوش توك مەنبە:ت ل 494توپلاشتۇرۇلغان توكيۇلى ئارقىلىق قوزغىتىلىدۇ.سىگنال تۇكى 4148ن1 ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدىن ئۈتۈپ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللىنىدۇ،سىگنال ئۈزۈلگەندە ئوڭ لامپىنىڭ يىققۇچى قۇتۇبى ۋە ئاساسى قۇتۇبىنى تۇتاشتۇرغان قارشىلىق لامپىنى ئۇتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزۈپ ، موس لامپىنىڭ ئىچكى سىغىمىدا ساقلىنىپ قالغان توكبىسىمىنى تىز سۈرئەتتە يەرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈش سىگنالىنىڭ تىك ھالەتتە بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

12V转换两个30V.gif


مەقسەتكە قايتىپ كىلەيلى:

1315147875-524396.jpg


بۇ توك يۇلى 12،24،48 ۋولىتلىق تۇراقلىق توكنى 220ياكى 360ۋولىتقا ئۆرلىتىدىغان ئورتاق توك يۇلى ئىسخىمىسى بۇلۇپ 12ۋولىتلىق توك ت ل 494 ياكى س گ 3525 توپلاشتۇرۇلغان قوزغاتقۇچتىن تەركىپ تاپقان توك يۇلىدا 52-100 كىلوگىرتىسقىچە قوزغىتىلىپ يۇقىرى چاستۇتىلىق تىرانسىفورماتور ئارقىلىق بىسىمى ئاشۇرۇلغاندىن كىيىن توك رەتلىنىپ 220 ۋولىت ياكى 360 ۋولىت تۇراقلىق توكقا ئايلىنىدۇ.

تۇراقلاشتۇرۇلغان 220ۋولىت توك كۆۋرۈكسىمان ئالماشتۇرغۇچتىن 50گىرتىسلىق چاسا دۇلقۇنلۇق چىقىرىلغىنى چاسا دۇلقۇنلۇق(方波) تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ دىيىلىدۇ.يۈك ئاشقاندا سۇقما سىگنال كەڭلىگىمۇ 494 نىڭ 1- پۇتىغا قايتىپ كىلىدىغان سىلىشتۇرۇش تۇكى ئازلاپ سۇقما كەڭلىگى كىڭىيىدىغان بولغاچ، يۈك چوڭ-كىچىكلىگى توك بىسىمىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

تۇراقلاشتۇرۇلغان 360ۋولىت توك كۆۋرۈكسىمان ئالماشتۇرغۇچتىن (د س-د س توك تۇراقلاشتۇرغۇچقا ئوخشاش پىرىنسىپلىق توك يۇلى)يۇقىرى چاستوتىلىق سۇقما كەڭلىگى كونتۇرول قىلىندىغان سىگنالغا 50 گىرتىسلىق سىنوس سىگنال مىندۈرۈلگەن ھالەتتە چىقىپ، كوندىساتور ۋە ئىندوكتىپ ئورامدىن ئۈتۈپ سىنوس شەكلىدىكى 50 گىرتىسلىق 220ۋولىت توك چىقىردىغىنى )正玄波(سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ دىيىلدۇ.ئىش ئۈنىمى چاسا دۇلقۇنلۇقتىن سەل تۈۋەن بولسىمۇ، داۋالاش ئەسۋاپلېرى ،ئىلىكتىر موتور ئايلاندۇرۇش دىگەندەك ئىشلاردا رولى چوڭ.باھاسى قىممەترەك.

سىتىۋالغاندا دىققەت قىلىڭ،چىقىردىغان توكنىڭ سۈپىتى ئوخشىمىسا باھاسىمۇ بەك چوڭ پەرىق قىلىدۇ.



خەنزوچە تورلاردىكى ماتىرياللارغا ئوخشاش چۈشەندۈرسەم قايمۇقۇپ قىلىپ ياخشى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.‹‹ئامىركىنىڭ ئىرانغا بەرگەن سوغىسى››دىكى رادىئونى چۈشەندۈرگەنگە ئوخشاش مېغىزىنى يازاي.

مەن بۇرۇن يازغان‹‹سىنوس سىگنالا ھاسىل قىلىش توك يۇلى ھاسىل قىلغان سىگنالنى بىسىمىنى ئاشۇرۇپ، كۆۋرۈكسىمان قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچنىڭ بىر تەرپىگە ئۇلايمىز، يەنە بىر LM741دىن پايدىلنىپ سىگنال يۈلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ كۆۋرۈكسىمان قۇۋۋەت كۈچەتكۈچنىڭ يەنە بىر تەرپىگە ئۇلايمىز. چىققان يۇقىرى قۇۋۋەتلىك سىگنالنى تىرانسىفورماتورنىڭ تۈۋەن بىسىملىق ئورام گۇرۇپپىىغا ئۇلىساق يەنە بىر ئورام گۇرۇپپىسىدىن يۇقىرى بىسىملىق سىنوسلۇق توكقا ئېرىشەلەيمىز.ئەمىلى كۈچەيتىش توك يۇلى ئاۋاز قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچكە ئوخشاش بۇلىدۇ.

50Hz发生器电路图.gif
korksiman.jpg

يەنە بىرخىل ئاددى ئۇسول سىگنال كىرىش قارشىلىغى چوڭ بولغان ت د ئا 2006 توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلىدىن بىۋاستە پايدىلىنىش.

2006.jpg


بۇخىل ئۇسوللار ئاددى بولسىمۇ  ئىسراپ بۇلىدىغان قۇۋۋەت ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولغاچ ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلمەيدۇ.

ئىلىكتىر كەسپى ساۋادى ئۈگەنگەنلەر ھەممىسى رادىئو سىگنالىنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنالغا ئاۋاز سىگنالى مىندۈرلۈپ ھاسىل بۇلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.ھازىرقى نەچچە ئون ۋاتتىن- نەچچەئون مىگا ۋاتلىق 逆变器تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ ۋە 变频器چاستوتا ئۆزگەرتىپ ئىلىكتىر ماتور ئايلىنىشىنى كونتۇرول قىلىدىغان مەھسۇلاتلارمۇ مۇشۇ پىرىنسىپتا ئىشلەيدىغان بۇلۇپ.سۇقما كەڭلىگى تەڭشىلىدىغان 20 كىلو گىرتىستىن 100 كىلوگىرتىسقىچە سىگنالغا تۈۋەن چاستوتىلىق سىنوسلۇق سىگنال مىندۈرۈلىدۇ.ئەمما پىرىنسىپ ئوخشىسىمۇ بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش رادىئو سىگنالى ھاسىل قىلغاندك ئاسان ئەمەس(رادىئو سىگنالى ھاسىل قىلىش،رادىئو قۇبۇللىغۇچ ياساشتىن كۆپ ئاسان).

بۇرۇن سىلەرگە dc-dc بىسىم ئۆزگەرتكۈچنى تۇنۇشتۇرغان ئىدىم.يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال كەڭ-تارلىغى قىلىنىش ئارقىلىق چىقىش توك بىسىمىنى كونتۇرول قىلىدىغان بۈلەككە 50گىرتىسلىق 180گىرادوس سىنوس سىگنالنى بەرسەك ،يۇقىرى چاستوتىغا تۈۋەن چاستوتا مىندۈرۈلىدۇ.چىققان سىگنالنى كۆۋرۈكسىمان كۈچەيتكۈچتىن ئۈتكۈزىمىز.

radio signali.jpg


تىخىمۇ ئىنىق قىلغاندا

PWM.gif
sinosr.gif

بۇ يەردە ئەمدى يۇك قارشىلىغى يۇقىرى-تۈۋەن بولغان ۋاقىتتىكى توك بىسىمىنىڭ مۇقىم ، سىنوس توك بۇلۇڭىنىڭ 175-180گىچە مۇقىم بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسلىسىلا قالدى.

بۇنىڭدا ھەرەچىشى سىگنالنىڭ بىسىمىنى يۇقىرىراق تەڭشەپ،pwmنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسىنى چوڭلىتىمىز.ۋە كىيىنكى بۇغۇمنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،50گىرتىسلىق سىنوس سىگنالدىن چاسا دۇلقۇن چىقىرىپ شۇ سىگنال ئارقىلىق ئۈستى يېرىم دەۋىر ۋە تۈۋەنكى يېرىم دەۋىرنى ئايرىم كونتۇروللىساق مۇشۇ دەۋىردە ئىشلىتىلىۋاتقان س ت ئۆزگەرتكۈچ بارلىققا كىلىدۇ.يەنى يېرىم دەېىر سىگنال كەلمىگەندە ھەرە چىشى سىگنال بار بولسىمۇ كىيىنكى بۇغۇمغا يوللىنىدىغان سىگنال كۈچەيتىش توك مەنبەسى تەمىنلەنمەي ،كىيىنكى بۇغۇمغا يولانمايدۇ.

مەن يىقىندا تەتقىق قىلماقچى بولغىنىم بۇنىڭدىنمۇ ئىلغار...پاتىنىت ئىلىۋالغاندىن كىيىن باشقىچە ئۇسولدا تۇنۇشتۇرىمەن.

تەجىربە قىلماقچى بولساڭلار ۋاقتىمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن.3فازىلىق ئىشلىتىلسە سىنوس بۇلۇڭى 120 گىرادوس بۇلىدۇ.


http://www.xjefan.com/forum.php?mod=viewthread&tid=486

fistik يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 15:52:42

مەن چۈشىنەلمىدىم...سەۋىيە يەتمىدى..ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىخنىكىلىق تىمىلارنىڭ ئىزدىنىشتا كۆپلەپ بارلىققا كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن... \"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 16:05:14

ئابلىمىت ئەپەندىگە تەشەككۇر، ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.



كىچىككىنە ئىلتىماسىم بار ئىدى. مۇمكىن بولسا، بېۋاستە ھالدا، سىز دەۋاتقان ئاپتوموبىل توكىنى خاتىرە كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان توكقا ئۆزگەرتىدىغان ئۈسكىنەنى قانداق ياساش كېرەكلىكى ھەققىدە رەسىملىك قىلىپ چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز. دىمەكچى بولغىنىم بازادىن، توردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان تەييار ئۈسكىنىلەرنى قوراشتۇرۇپ، ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان ئۈسكىنىنى ياساپ چىقىش.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 16:33:23

http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230z.1.5634029.89.1Xc88P&id=16655968550&pvid=a42bea37bc475d4c7d4d2901101fb96b&bid=0_8_10_1

ماشىنا توكىنى بېۋاستە خاتىرە كومپىيوتىر ئىشلىتەلەيدىغان توكقا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ئۈسكىنە بار ئىكەن. ئىھتىياجلىق تورداشلار كۆرۈپ باقساڭلار بولغىدەك.

ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 16:57:00

ياخشى تېما . لىكىن بەك كەسپى بولۇپ قاپتۇ.








بۇ تېمىدىكى ھالىقىلىق سۆزلەر ۋە بىلىم نۇقتىلىرى :





1. IGBT - Insulated Gate Bipolar Transistor (ماۋۇ چالا قالغان چىراي )


2.PWM - Pulse - Width - Modulation  سىگنال كەڭلىك مودۇللۇلىغۇچ



3.正弦逆变器 سىنوسلۇق تەتۇر ئۆزگەرتكۈچ





مەن ئازراق تولۇقلاپ قوياي:





ئادەتتە 变频器 چاستوتا ئىنۋېرتېرى بىلەن 光伏逆变器 قۇياش ئىنىرگىيىسى ئىنۋېرتېردىكى ئەڭ يادرولۇق تېخنىكا دەل مۇشۇ . يەنى مۇشۇ ئۆزگىرشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئۇنى يەنە ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇش تېخنىكىسى . باشتىكى ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرىدىغان قىسمىنى 整流桥 Rectifier رەكتىفايىر   تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرىغان سايماننىڭ ئئىسمى  IGBT ، يەنە بىر ئەسۋاب بار ،نامى Mosfet  بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى كىرىستال قۇتۇپلۇق لامپا . لىكىن IGBT نىڭ ئىقتىدارى Mosfet تىن ياخشى ،بىراق باھاسى بەكلا قىممەت.  مۇشۇ IGBT كونترول قىلىش تېخنىكىسى ھازىرقى موتور كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا بولۇپ قالدى .


IGBT نى ئاۋۇ PWM دىكى ،سىنۇسلۇق PWM نامى SPWM ، سىگنالنىڭ كەڭلىكىگە قاراپ ،DSP ياكى ARM ئارقىلىق يۇمشاق دېتالدىكى ئالگورنىزىم ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ . ( 变频器، 逆变器 ساھەسىدىكى گەپلەر)


بەت: [1]
: سىنوسلۇق تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ [تېخنىكا]