kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 22:14:47

پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى 4-ئايلانمىسى

غۇلجا سۈيدۈڭ 2:2 مەشرەپ

بۈگۈن جۈمە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرەلمىدىم ، جۈمەنى ئوقۇپ بولۇپ،مەيدانغا كىرگەندە نەتىجە 2:2 بولۇپ تەڭلىشىپتىكەن . مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجا كوماندىسىىدىكى 19-نومۇرلىق ماھىرى ئۆزى شەىسىيەتچىلىك قىلىپ ،توپنى تارتقۇزۇپ قويۇپ ،سەپداشلىرى قاىشىسا ، يامانلاپ چىكەتتى ، بۇنىڭغا پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئاساسەن نارازى بولدى ،ھەتتا يۈسۈپ ئىمىن ئاكىمىزنىڭمۇ ئاچچىقى كىلىپ چوڭ مەيداندىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىنلا بۇ توپچىنى يولغا سىلىپ قويدى .


مەن ئارىلاشتۇرۇپ قويدۇممۇ ياكى شۇمۇ ، بۇ ئابدۇخەمىد دىگەن بالا 11ئادەمدە دائىم خەۋرىنى قىلىدىغان جوڭگو 17ياشتىن كىچىكلەر كوماندىسىغا تاللانغان بالا شۇمۇ ؟ ئەگەر شۇ بالا بولسا مەشقاۋۇللىرى يەنە ئوبدانراق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بەرسە بولغۇدەك ،بىرئىستىقباللىق توپچىدا كىچىك تۇرۇپ بۇنداق ھال بولسا ،ئادەمنى ئەپسۇسلەندۇرىدۇ .....



شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى 1:4كورلا

ئالدىنقى ئايلانمىدا ھەرەمباغ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى بۇ مەيدان مۇسابىقىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كورلا كوماندىسىغا ھوجۇم قىلدى ، لىكىن توپ ئۇرۇش ئىستىكى كۈچلۈك بولغاچقا ، بەك ئالدىراپ قالدى ، شەىسىيەتچىلىك بەك ئىغىر بولدى ، بولۇپمۇ نىزامىدىننىڭ قاپقىغا ئۇرۇش ئىستىكى بەك كۈچلۈك بولدى ، شۇڭلاشقا جىق پۇرسەتلەرنى ئكزى تىپىمەن دەپ ئالدىراپ قالدى ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىن ئالدى بىلەن ئەسقەر چىكىت توپ ئۇرۇدى ،ئۇنىڭدىن كىيىن تۇرسۇنجان توپنى يەرگە چۈشۈرمەيلاتىپىپ كىرگۈزدى . ئاخىرىدا نىزامىدىن چىرايلىق توپتىن ئىككى كىرگۈزدى. كورلاكوماندىسى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش نومۇر جەھەتتىن كىيىن قالسىمۇ ،بوشاشماني تىرىشىپ ئوينىدى ، ھەمدە 14-نومۇرلىق ماھىرى ئوسمان يۈسۈپ ئۆزى تىپىپ گارغا تىگىپ قايتقان توپنى ئۆزى ئۈسسۈپ كىرگۈزدى .



ئەزكا0:1ئاتۇش كوماندىسى

بۇ ھازىرغىچە ئوينالغان مۇسابىقىلار ئىچىدە ئەڭ كەسكىنى بولدى ، ئىككى تەرەپنىڭ توپخۇمارلىرى 90مىنۇت يۈركىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كۆردى . بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۈچ مەيدان ئۇدا ئۇتقان ئاتۇش كوماندىسى يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلىنى چىقاردى ، ئۇدا ئىككى مەيدان تەڭشلىپ قالغان ئەزكا كوماندىسىدىن بولسا ئۈچ ماھىر بۇمەيدان توختالغانلىقى ئۈچۈن مەيدانغا چىقالمدى ، بولۇپمۇ 2ئوتتۇرا بىكىنىڭ توىتىشى ئەزەلدىنلا مۇداپىئەسى ئانچە كۈچلۈك بولمىغان ئەزكا كوماندىسىنى قىيناپ قويدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، ئەزكا كوماندىسىىدىن ئىسكەندەر شەخسى تىكىنىكىسىغا تايىنى ،چىكىت توپ پۇرسىتى ياراتتى ،كاپىتان ئابدۇرازاق بۇ توپنى كىرگۈزدى . ئۇنىڭدىنكىيىن ئەزكا كوماندىسى پۈتۈن سەپ بويىچە يىنىپ مۇداپىئە قىلدى ، بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدا ئاساسەن قايتۇرما ھوجۇم ۋە كاللا توپقا تايىنىپ نومۇر ئىلىۋاتقان ئاتۇش كوماندىسى ئەزكا كوماندىسىنىڭ يىنىپ مۇداپىئە قىلىشى بىلەن قايتۇما ھوجۇمدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرالمىدى ،لىكىن كاللا توپ جەھەتتە ئاساسەن ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ،تەلىيى كاج كىلىپ نومۇر ئالالمىدى .

ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياقلىشىشقا ئاز قالغاندا ئەزكا كوماندىسىنڭ ئوتتۇرا بىكى 19-نومۇرلىق توپچىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى سېرىق كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى .

كىيىنكى يېرىم مەيدان 10توپچىسى قالغان ئەزكا كوماندىسى كاپىتان ئابدۇرازاقنى ئوتتۇرا بىك قىلىپ ئىشلەتتى . ھەمدە پۈتۈن سەپ بويىچە مۇداپىئە قىلدى ، ئاتۇش كوماندىسى كىيىنكى يېرىم مەيداندا ئالدىنقى يىرىم مەيداندىكىدەك ئۇنداق جىق پۇرسەت يارىتالمىدى ھەمدە توپچىلىرىمۇ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى ، ئەزكا كوماندىسى بولسا بارغانسىرى جانلىنىپ ،نومۇر ئېلىش پۇرسەتلىرىنى ياراتتى . ئاخىرىدا ئەزكا كوماندىسى نومۇر ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قىلىپ ، تۇنجى مەيدان غەلبىسىگە ئېرىشتى .



ئەزكا كومانسىسىنىڭ بۇ مەيدان غەلبىسى بىلەن ئۇزغۇنلىقنى تالىشىش ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي مۇرەككەپلىشىپ كەتتى

  ئاتۇش  4مەيدان  9 نومۇر ئەزكا ،ھەرەمباغ بىلەن ئويناپ بولدى .

ھەرەمباغ 3مەيدان 6نومۇر ئاتۇش ،شىنجاڭ ئۇنۋرىسىتىتى بىلەن ئوينىدى .

شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى  3مەيدان 6نومۇر ھەرەمباغ بىلەن ئوينىدى .

ئەزكا 3مەيدان 5نومۇر ئاتۇش بىلەن ئويناپ بولدى .

غۇلجا سۈيدۇڭ 4مەيدان 4نومۇر

مەشرەپ 3مەيدان 2نومۇر

كورلا 4مەيدان 1نومۇر


پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى 4-ئايلانمىسى

http://11adam.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=5354&fromuid=1

function يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 15:07:13

يامان قىزىپتۇدە بۇ مۇسابىقىلەر، ئۈرۈمچىدە بولماي قالدۇقتە

function يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 15:07:17

يامان قىزىپتۇدە بۇ مۇسابىقىلەر، ئۈرۈمچىدە بولماي قالدۇقتە

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 18:55:21

بۈگۈنكى(شەنبە) مۇسابىقىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى، ھەرەمباغ، غۇلجا كوماندىلىرى ئۇتتى. كورلا كوماندىسى كۆپ تېرىشتى، ۋارىتا ياخشى ئىكەن، ئەمما نوقتىلىق بىر شەخىس يوق، بولۇپمۇ ھۇجۇمچى يوق، ھەرەمباغدىكى چولپانلار ئالدىدا تەمتىرەپ قالغاندەكلا. قارامايلىق(ئەزكا) بالىلار پاسنى ياخشى ئوينايدىكەن، ئەمما تەجىربىسىزدەك بىلىندى.
بەت: [1]
: پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى 4-ئايلانمىسى