تارازا[كۆچۈرۈلمە]
تارازا
ئىلگىرى مۇنداق بىر قىزىقارلىق ئىش بولغان ئىكەن . بىر بولكىچى ئۇستام دائىم بىر دېھقاندىن سېرىق ماي سېتىۋالىدىكەن . ئارىدىن خېلى ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، بىر كۈنى بولكىچى دېھقان بەرگەن سېرىق ماي ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن سېتىۋالغان سېرىق ماينى تارازاىغا سېلىپ ئۆلچەپ باقىدىغان بوپتۇ ، بىراق ھەر قېتىم سېرىق ماي ئۆلچەمدىكىدىن كەم چىقىرىۋېرىپتۇ . بۇ ھالدىن قورسىقى كۆپكەن بولكىچى دېھقاننىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىپتۇ . سوتچى دېھقاندىن سوراپتۇ :
— تارازا بارمۇ ؟
— بار ، سوتچى ئەپەندى
— ئۇنداقتا تارازا تېشىڭ ئۆلچەملىكمۇ ؟
— يوقسۇ سوتچى ئەپەندى ، مەن ئەزەلدىن تارازا تېشى ئىشلەتمەيمەن .
— تارازا تېشى بولمىسا سېرىق ماينىڭ ئېغىرلىقىنى قانداق ئۆلچەيسەن ؟
مۇنداق ئىش سوتچى ئەپەندى ، بولكىچى مەندىن سېرىق ماي سېتىۋالغان كۈندىن باشلاپ مەنمۇ ئۇنىڭدىن بولكا سېتىۋېلىپ كېلىۋاتىمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىمدا ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى بولكىنىلا سېتىۋالمەن . شۇنداق بولغاچقا ، مەن ھەر قېتىم سېرىق ماينى ئۆلچىگەندە تارازىنىڭ بىر بېشىغا بولكىچىدىن سېتىۋالغان بولكىنى قويۇپ تارازا تېشى ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلدىم ، ئۇنداق بولغاندىن كېيىن سېرىق ماينىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمگە تۇشماسلىقىنى مېنىڭدىن ئەمەس ، بەلكى بولكىچىنىڭ بولكىسىدىن كۆرۈش كېرەك !
شۇنىڭ بىلەن سوتچى دېھقاننى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىپتۇ .
گەرچە بۇ يۇمۇر تۈسىنى ئالغان ئاددىيلا بىر ھېكايە بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور ، شۇنداق ، بىز كىشلىك ھاياتقا قانداق مۇئامىلە قىلساق ، كىشلىك ھاياتمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ . بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلساق ، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرمۇ بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ . ئەگەر سەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلساڭ ، باشقىلاردىنمۇ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسەن . باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭ قانچە كۆپ بولسا ، باشقىلاردىن ئېرىشىدىغان ياردىمىڭمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ ، ئادەم ساختىلىق قىلغانسېرى نامراتلىشىپ كېتىدۇ . ئەتىراپىمىزدىكى ساختىلىق قىلۋاتقان يولداشلار بېيىپ كىتۋاتىدىغۇ ئەمسە ؟
1- قەۋەتتىكى gapbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەتىراپىمىزدىكى ساختىلىق قىلۋاتقان يولداشلار بېيىپ كىتۋاتىدىغۇ ئەمسە ؟
چۈنكى ئۇلارنى سورايدىغان سوتچىلار مېھمانخانىلاردا پاھىشە ئويناپ يۈرۈيدۇ، بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوق.