enzerbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 14:55:01

گۆرۈخانىدىن قەرز ئېلىپ باققانلار بارمۇ ؟

گۆرۈخانىغا ماشىنا ،ئۆي،ئالتۇن قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى گۆرۈگە قويۇپ قەرز ئېلىپ باققانلار بارمۇ ؟بار بولسا ھەر قايسسىنىڭ ئۆسۈمى قانداق ھېساپلىندىكەن؟بېجىرىش تەرتىپلىرى قانداق بولىدىكەن ؟ياردەم قىلغان بولساڭلار.

snake يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 16:40:37

ئۆسۈمى دەششەت يۇقىرى !

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 17:31:19

پاتقاق--پاتقاق

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 17:55:56

كىپىل كىشىلەرنى تاپسىڭىز ئۆسۇمسىز قەرىز ئالغىنى بولىدىغۇ؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 18:48:51

بىزنىڭ يۇرتلاردا گۆرۈخانا يوق

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 18:54:15

ئۆسۈملۈك قەرز ئالماڭ.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 19:58:55

بەك يامان بولىدۇ

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 20:55:17

ئەمىسە قايسىڭلار قەرىز بىرىپ تۇرىسلەر \"\"

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 23:05:59

نۆۋەتتە ئىقتىساتنىڭ تەرەققى قىلىشى ،سودىنىڭ كۆپخىللىشىشى تۇپەيلىدىن ھەرخىل سودا شەكىللىرى پەيدا بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەرگە قولايلىق ئەكەلگەن بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئالدامچىلارنىڭ قىلتىقىغا چۇشۇپ ئۆزىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگەكەلگەن پۇللىرىنى خەخنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنلاردا،داچىلاردا ئولتۇرشى ئۈچۈن ‹‹قۇربان›› قىلۋەتمەكتە،ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بايقىغان چىغىدا ئاللىقاچان كىچىككەن بولۇپ ئىسىت دىيىشتىن باشقا ھىچ ئىشنى قىلالمايدۇ.گەرچە مەغلۇبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى دىيىلسىمۇ بۇ يەردىكى مەغلۇبىيەت شۇ شەخىس ئۆزى شۇ ئىشنى بىۋاستە قىلىپ مەغلۇپ بولسا ئاندىن بۇ ئادەم ئەقىل تىپىپ يۇكسىلىشى مۇمكىن،لىكىن ھازىرقى بىر قىسىم سودا شەكىللىرىدە بۇنداق مەغلۇپ بولماي پۇلىسنى خەخكە تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ۋاقتى كەلسە خەخىتىن پۇلىسنى ئالالماي،يا پۇلىسنى تاپالماي....مەغلۇپ بولۇش ھەرگىزمۇ ياخشى ،ئەرزىيدىغان مەغلۇپ بولۇش ئەمەس ئەكىسچە خەخنىڭ ئەقىل تىپىشىغا ياردەم قىلغانلىق بولۇپ مىنىڭ نەزىرىمدە دۆتلۈك خالاس...تىخىمۇ ئىنىقىنى ئىيىتقاندا زامانىۋى دۇنيادىكى زامانىۋى دۆتلۇك. مىنىڭ تورداشلارغا دەپ بەرمەكچى بولغىنىممۇ باشقىلارنىڭ ھىكايىسى ئەمەس ئۆزەمنىڭ زامانىۋى دۆتلىكىمنىڭ ئىسپاتلىنىش جەريانى،مەن بۇ مەغلۇبىيەتلىك قىسقا جەرياننى سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئۈرۈمچى يالۋاچ سودا شىركىتىگە ۋە ئۇنى قۇرغان،ئىشلەۋاتقان قىرىنداش- ھەمشىرىلەرگە رەھمەت ئىيتىمەن چۇنكى ئۇلار ماڭا پاي قاتقان پۇللىرىمنى دىگەن ۋاقتىدا ماڭا قايتۇرۇپ بىرىپ جاھاندا يەنىلا ئىشىنىشكە،سەمىمى ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلدۇردى....رەھمەت سىلەرگە اللا سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن....يەنە بىر قىسىم ساختىپەزلەرگمۇ لەنەت ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن،چۇنكى ئۇلار خەخنىڭ پۇلىنى ئىلىۋىلىپلا قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنماي ئۇلارنى زار قاخشىتىدىكەن،ئۆزىنىڭ مۇكەممەل بىر سودا پىلانى بولماي تۇرۇپ پاي يىغىمەن دەپ داۋراڭ سالىدىكەنۇ لىكىن پۇل قولغا كىرگەن ھامان ماشىنىسنى تىخىمۇ ھەشەمەتلىك قىلۋالسىلا بولىدىكەن....نە خەخنىڭ ھەققى،نە ھارام دىگەنلەر مىنىڭچە مىڭ يىلدىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىگە كەلمىسە كىرەك...،ئەمدى جەرياننى ئاڭلاپ قىلىڭلار ۋە ئىبرەت ئىلىڭلار---مەن 2012 -يىلى تۇنجى بولۇپ مەلۇم بىر شىركەتكە 5000 يۇەن پاي قاتتىم ۋە توختاملىشىپ ئۆزەمچە چوڭ ئىش قىلۋەتكەندەك شۇنچىلىك ھۇزۇرلاندىم،چۇنكى مەنمۇ كىچىك بولسىمۇ بىر پايچىككە ئايلانغاندىم...مەنچە بۇندىن كىيىن ھەر ئايدا ماڭا ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل كىلىپ تۇرىدۇ دەپ ئويلايتتىم،دىمىسىمۇ توختامدا شۇنداق يىزىلغانتى...ئىككىنچى قىتىم 2013-يىل 1-ئاينىڭ 17- كۇنى ئۇرۇمچى يالۋاچ شىركىتىگە بىرىپ ئۇلار بىلەنمۇ توختام ئىمزالاپ پاي قاتتىم،پاي سوممىسى ئوخشاش ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىنكى ھەپتە ۋاقىتتايەنە ئىككى شىركەت بىلەن مۇشۇنداق توختام ئىمزالىدىم،سوممىسى10000دىن ئىدى.لىكىن چۈجىنى كۈزدە ساناڭ دىگەندەك ھەممە شىركەتنىڭ توختام بويىچە پاي پايدىسنى ئايرىدىغان ۋاقتىمۇ كەلدى،ئەڭ بۇرۇن ئايرىغىنى يالۋاچ شىركىتى بولدى،گەرچە ئاز بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ كارتامغا ئۇرغىنى پۇل ئەمەس ئىشەنىچ ئىدى،ئۇلارنىڭ ھالاللىقى مىنى خۇش قىلدى.ئەڭ ئاخىرىدا پاي قاتقان شىركەتتىكىلەر گەرچە پۇل ئۇرالمىغان بولسىمۇ ئۆزلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ماڭا تىلىفۇن قىلىپ شىركەتنىڭ بىر ئاز ئىشلىرىنى ماڭا چۇشەندۇردى،مەن بۇنىڭدىن بەك سۇيۇندۇم چۇنكى بىر پايچىك بولۇش سالاھىتىم بىلەن شىركەتنىڭ مالىيە ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى بىلىش ھوقۇقۇم ۋە قىيىنچىلىق كۇرۇلسە تەڭ كاللا قاتۇرىدىغان مەجبۇرىيىتىممۇ ھەم بار ئىدى،ئۇلارنىڭ سەمىمىلىكى،مەسئۇلىيەتچانلىقى مىنى خۇرسەن قىلدى،لىكىن مەن زور ئىشەنىچ بىلەن ئەڭ بۇرۇن پاي قاتقان بېشىدىكى ھېلىقى شىركەتتىن ھىچقانداق سادا يۇق ئىدى....پاي قاتقاننىڭ ئىككىنچى ئىيىمۇ كەلدى.يالۋاچ يەنىلا ئەڭ ئالدىدا ئىدى،ئالدىنىقى قىتىم پۇل ئۇرالماي ئۆزلىرىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ماڭا يۇللاپ چۇشەندۇگەن شىركەتتىكىلەر بۇ قىتىم ماڭا ئۆزلىرىنىڭ مىلىنى پاي ھىساۋىدا ئىۋەتىپتۇ....شۇنداق خۇش بولدۇم بۇ مىنىڭچە ئۇلارنڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە تەدبىرلىكلىكى ئىدى...لىكىن دەسلەپتىكى شىركەت يەنىلا جىم ئىدى....شۇنداق قىلىپ 6ئاي ئۆتتى يالۋاچ شىركىتى ھەر ئايدا ئەڭ ئالدىدا پايدا ئۇاتتى ۋە پايدىسىمۇ كۇپىيىپ بىرىۋاتاتتى،ئەڭ كىيىن پاي قاتقانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ يامان ئەمەس ئىدى،ئۇلار بەزىدە پۇل ئۇردى،بەزىدە شىركەت مالىيىسىنىڭ دوكىلاتنى ئىۋەتىپ ئەھۋالىنى ئۇچۇق كۇڭۇللۇك بىلەن دىگەن بولغاچقا مەنمۇ پايدا كەلمىسە مەيلى دىدىم،ئەلۋەتتە پايچىك بولغانكەنمىز پايدىغىلا ئەمەس زىيانغىمۇ شىرىك بولىشىمىز كىرەكتە،لىكىن دەسلەپتىكى شىركەت يەنىلا جىم ياكى بىر تىلىفۇنى يۇق ئۆز ئەھۋالى توغۇرلۇق، ياكى بىر پايدا -زىينى يۇق....شەپىسىزلا.  شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزەم قىلىنلىق بىلەن تىلىفۇن قىلدىم ئەپسۇس بۇ دىرىكتور باشلىقنىڭ تەلەپپۇز ۋە گەپلىرى باشقىچە.ئۇنىڭ دىيىشچە مەن(ماڭا ئوخشاش) پايچىكلار پاي قاتقان زاۋۇت تىخى ئىشقا كىرىشتۇرۇلمەپتىمىش،شۇڭا پاي ئايرىغىلى بولماسمىش...مەن سورىدىم قاچان ئشىقا كىرىشىدۇ دەپ ،ئۇدىدى اللا خالىسا نەچچە كۇن ئىچىدە دەپ....مەنمۇ ياخشى تىلەك تىلىدىم دە خوشلاشتىم،ئارىدىن ئۇنداق نەچچە كۇندىن نەچچىسى ئۆتتى،باشقا شىركەتلەر پاي ئايرىپ مىڭىۋاتىدۇ لىكىن بۇلار يەنىلا جىم...مەن يەنە تىلىفۇن قىلسام ئۇ بۇرۇنقى گەپنى تەكرارلاپ ئولتۇردى،ئۇنىڭدا نە بىزدەك پايچىكلارغا مەسئۇلىيەت نە ئۆزىنىڭ ئىشىغا بولغان سادىقلىقنى پەقەتلا ھىس قىلالمىدىم،بەكلا رايىم قايتتى ئۇلاردىن ،دەل شۇ پەسىلدە اللانىڭ سىنىقىمىكىن دادامنىڭ مىڭىسىگە قان چۇشۇپ كىتىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدى،پۇل دىگەن سۇدەك كىتىدىكەن،مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچقا بەكرەك كۇچەيدىكەنمىز ئەمدى،بار پۇللىرىم تۇگەپ ئانچە-مۇنچە قەرىزدارمۇ بولدۇق شۇڭا مەن پاي پۇللىرىمنى قايتۇرۋىلىشقا ئىھتىياجلىق بوپ قالدىم ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەھۋالىمنى دەپ تىلىفۇن قىلدىم ،يەنە شۇ يالۋاچ شىركىتىدىكىلەر بىرىنجى بولۇپ پۇلنى ئۇرۇپ بەردى تىخى ئازراق پايدىسى بىلەن،قالغان شىركەتتىكىلەرمۇ ئىلگىرى -كىيىن بولۇپ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇپ بەردى ۋە دادامغا اللادىن شىپالىق تىلەشتى ،لىكىن ماۋۇ دەسلەپتىكى شىركەتتىكىلەر يا تىلىفۇنى يۇق ياكى پۇلىسى....ئاخىرى بولماي يۇرۇكۇمنى قاپتەك،يۇز-كۆزۇمنى داپتەك قىلىپ شىركىتىگە باردىم.....ئەپسۇس...مىڭ ئەپسۇس بىر پىيالە چاي،بىر ئېغىز چىرايلىق راس گەپ يۇق،3كۇن جاھىلللىق بىلەن ئىشتتەك ئۇلارنىڭ ئشكىدە تۇرۇپ ئاران2000 يۇەن ئالدىم..بۇ جەرياندا ھىس قىلغان خورلۇق،غەزەپكە ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ،لىكىن مەن پۇلغا ئىھتىياجلىق،دادام ئۇچۇن مەن چىدىشىم كىرەك...مىڭ يالۋۇرۇپ يۇرۇپ،بەزىدە ۋارقىراپ يۇرۇپ قالغان 3000 نى دەل بىر ھەپتىدىن كىيىن بىرىدىغانغا لەۋزى ئىلىپ كەلدىم،ۋاقىتمۇ توشتى،دوختۇرخانىغا بىر ئاماللار بىلەن پۇل تۇلەۋاتىمەن،پۇتۇن ئسىيادىم پۇل تىپىپ دادامنى داۋالىتىش ئىدى،لىكىن ۋاقىت توشسىمۇ ئۇلاردىن سادا يۇق، تىلىفۇن قىلسام ئالمىدى...ئامال يۇق نەچچە سائەت ماشىنىدا ئولتۇرۇپ قىلىنلىق بىلەن يەنە باردىم ، بىرىپمۇ بۇ دىرىكتور باشلىقنى تاپالماي شىركىتىنىڭ ئىشكىنى باقتم. 10 سائەت باققىنىمدا ئاندىن كۆرۇشەلىدىم،بۇ قىتىم ئۇنىڭ ئەلپازى يامان،ئۇنىڭدىن بەكراق ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن بىرى بار ئىدى تاسلا قالدى چىشلىرىمنى تۇكۇۋەتكىلى،لىكىن مەنمۇ ئاچچىقىمدا تۇرغان بولغاچقا ھەم نىمە كۇرسەم كۇرەي دىگەن نيەت بىلەن مۇشلرىمنى تۇگۇپ شۇ ئاغلاقچىنىڭ ئالدىغا ئىتىلسام بۇ دىرىكتور ئىككىمىزنى ئايرىغان بولدى...لىكىن يەنىلا پۇل يۇق،شۇنىڭ بىلەن مەن :بۇگۇن پۇلنى ئالمىسام ئىشخانىدىن چىقمايمەن،چۇنكى سىلەر ۋەدەڭلەردە تۇرمايدىكەنسىلەر دەپ ئولتۇرۋالدىم....ئۇ اللا نى شىپى كەلتۇرۇپ بىرمۇنچە ۋەدە بىرىپ 3 كۇن ئىچىدە پۇلۇڭلىنى بىرىمەن دىگەن بولغاچقا يەنە يىنىپ چىقتىم...ھىس قىلغىنىم خورلۇق...خورلۇق...خورلۇقلا  بولدى...ئەجىبا قىرىندىشىمىز دەپ پاي قوشۇش شۇنچىلىك چوڭ گۇنامۇ؟مىنىڭ بىشىمغا مۇشۇنداق كۇن كەلدى ئەجبا بۇ كۇن ئۇلارنىڭ بىشىغا كەلمەسمۇ؟ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇقمىدۇ؟ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزى پاي دەپ يىغقاندىن كىيىن چۇقۇم بۇنىڭ ھىساۋىنى بىرىشى كىرەك ،مەسئۇل بولىشى كىرەكتە....قاچان سورىسا زاۋۇت ماڭمىدى دەپلا ئىششىپ ئولتۇرسا بولمايدۇدە....6 ئايغىچە ماڭغۇزالمايدىغان زاۋتقا نىمە قىلىدۇ پاي يىغىمەن دەپ خەخنى ئالداپ.....كاللامدا يۇقارقىدەك تىگى يۇق سۇئللار جىق ئىدى،لىكىن ئامال يۇق ساقلىدىم چۇنكى دادام كىسەل ،مەن پۇلغا مۇھتاج،ئۆزەمنىڭ پۇلىغا....3 كۇنمۇ ئۆتتى بىكارلا ساقلاپتىمەن پۇل يۇق،ئۆزىنىمۇ چەتكە ئىلىپ يۇردى،مەن بىچارىلارچە قايتىپ كەلدىم،بۇ خەخكە ئىشەنگەنلىكتىن كىلىپ چىققان ،بولماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىچارىلىك ئىدى....قەرىز ئىلىپ يۇرۇپ اللانىڭ شىپالىقى بىلەن داداممۇ دوختۇردىن چىقتى....ئارلىقتا 10 كۈنچە ئۆتتى بۇ قىتىم مەن قەتتى نىيەتكە كىلىپ پۇلنى ئىلىشنى، بولمىسا ئۇ شىركەت دىگەننىڭ ۋاڭ پارىكىنى ئۇچۇرۇپ بىشىمغا كەلگەىننى كۇرەي دىگەن نىيەتكە كەلدىم-دە چچ دا ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ مەقسىدىنى ئوچۇق ئىيتتىم، ئەمدى پۇلنى بەرمىسەڭلا سىلى بىلەن دىيىشىمەن دەپ...ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مىنى خۇمسا،لاۋزا دىگەندەك ئۆزى بىلىدىغان تىللار بىلەن مىنى تىللاپ چىقتى،ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنداق قىلدىم...مۇشۇ تىللىشىش جەريانىدا مەن شۇنى ھىس قىلدىمكى تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپ اللا نى تولا سۆزلىگەن ئادەمدىنمۇ يالغانچى،پەس ئادەم يۇق ئوخشايدۇ،چۇنكى اللانى تىلغا ئالغان بۇ ئېغىز ۋاقتى كەلسە يەنە نۇرغۇن يالغان ۋەدە ۋە نەس گەپلەرنىمۇ چىقىرالايدىكەن ئەمەسمۇ...يەنە تىخى بۇ دىرىكتور اللانىڭ شىپاسى بىلەن ساقايغان دادامنىڭ ئۆلىمىنى نەچچە قىتىم تىلىدى،لىكىن ئىشتنىڭ قاغىشىغا پىشىت ئۆلەمتى...تىللاشتۇق ئاخىرى مىنىڭ ئۇنڭ يېنىغا چوقۇم بىرىپ دىرىكتورنى دىرىكتور قىلىدىغانلىقىمغا كۆزى ئىلناشتى بولغاي ئاخىرى تىللاشقاننىڭ 3-كۇنى ۋەدىسىگە ئاساسەن پۇلۇمنى بەردى.بۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر مۆجىزە بولدى، چۈنكى ئۇ مەن بىلىپ تۇنجى قىتىم ۋەدىسىدە تۇرۋاتاتتتى....مانا بۇنىڭغىمۇ بىر ئايچە بوپتۇ ،مەن ئەسلىدە بۇ گەپلەرنى بۇرۇنراق يىزىپ تورداشلارغا بىر ئەسكەرتىشنى ئۆزەمنىڭ ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ بىلگەنتىم لىكىن تۇرمۇش غىمىدا ۋاقىت چىقمىغانتى،بۇگۇن تۇرسام بىر يىقىنىم تىلىفۇن قىپتۇ 1% پىيىمنى سىتىشقا ئىگىلىك تورىغا ئىلان چىقاردىم دەپ ،ئۇ قانداق پاي دىسەڭلا ئۇمۇ قىزغىنىق بىلەن ئاشۇ ساختىپەزلەرگە گوللىنىپ ئەمدى پۇلۇسنى ئالالماي يۇرگەن پاي . ئۇ بۇ زىياننى خەخنىڭ ئۇستىگە ئىتتىرىپ قۇيۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى....مەن بۇ گەپنى ئۇ يىقىنىمنىڭ ئۆزىگىمۇ دىدىم،لىكىن .......قالغىنى زىيان تارتىشنى خالايدىغان تورداشلار بولساڭلار بۇ پاينى ئىلىڭلار ياكى ئۇشۇ شىركەتكە پاي قىتىڭلار.

دۇنيادا مىنىڭچە دىرىكتۇر بولۇشتىنمۇ ئادەم بولۇش مۇھىم ھەم تەس ،شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئۇششا بولۇڭلا،مەندەك ھەرەج تارتىپ قالماڭلا....دىرىكتورلا سىلەرمۇ ئاۋۋال ئادەم بولۇپ ئاندىن دىرىكتور بولۇڭلار ،پاي يىغىڭلار....شۇنداق قىلساڭلار خەلقىمىز سىلەردىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ...



مەنبە :http://www.igilik.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6011#lastpost

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 23:11:37

كالتە پەملىك بىلەن پەرەز قىلىشىمچە ئۇ پۇلنى كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيسىز،بىرەر تۈرگە مەبلەغ سېلىپ،جىق پايدا ئالاي دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ،يەنىلا گەپ ئاڭلاپ خەتەرنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ، جازانە بەرگۈچىگە،ئالغۇچىغا،گۇۋاھ بولغۇچىغا ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ھەدىس بار ئىدى ،ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قېلىش بەدىلىگە پايدا ئالىدىغان ئىش بولسا ۋاز كەچكەن بولاتتىم.
قالغىنىغا ئىلمى بارلار بىرنېمە دېسۇن.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 23:32:59

بۇ كۆچۈرۈپ چاپلىغان ئىنكاس ، يازغۇچى پەرەزلىرىڭىزنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن . مىنىڭچە يازغۇچىنىڭ پۇلنى نەگە ئىشلىتىدىغىنىنى پەرەز قىلىغىچە ، شۇ شىركەتنىڭ قايسى شىركەت ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ باقساق خۇلاسە ئۆزلىكىدىن چىقىپ قېلىشى مۇمكىن . گۈلدىن نەق پۇل ياخشتى دىگەندەك ، چاپلاشتىكى مەخسەت باشىقلارنىڭ ئالدى -كەينىنى دەڭسەپ بېقىشىغا بولسمۇ ياردىمى بولار دەپ ئويلىغانلىقتىندۇر .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 09:48:53

قايسى  شىركەت ئۇ،،،،،،،،،،،

palwanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 12:04:34

تىللاشقىنى قىزىككەن....  {:92:}
بەت: [1]
: گۆرۈخانىدىن قەرز ئېلىپ باققانلار بارمۇ ؟