nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 14:23:22

شىنجاڭلىق 127 ياشلىق موماي جۇڭگودىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانى بولدى [تەرجىمە]



شىنجاڭ گېزىتى تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەر ناھيىسىدىكى 127 ياشلىق موماي ئالمىخان ھازىر جۇڭگودىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنىغا ئايلانغان بولۇپ، دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشى دەپ قارالماقتا. پەقەت، جىننىس دۇنيا رېكورتى مەھكىمىسىنىڭ دەللىلىشىلا قالدى.


ئالمىخان سىيىت 1886-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى (گۇاڭشۈنىڭ 12-يىلى) تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر يېڭىشەر ناھيىسىنىڭ قومۇشلۇق يېزىسىدىن بولۇپ، موماي مۇھاببەت ناخشىللىرىنى ئوقۇشقا ناھايىتى ھېرىسمەن ئىكەن، باللىلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سوغۇق سۇ ئىچىدىكەن. ھازىر موماينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە روھى كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. مۇھاببەت ناخشىللىرىنى ئوقۇش، بازار ئايلىنىش، ئۇرۇق-تۇققان، دوستلىرىنىڭ يېنىغا بېرىش موماينىڭ ئادىتى ئىكەن. ئالمىخان موماي 2010-يىلدىن باشلاپ ئۇدا 3 يىل جۇڭگودىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرىنىڭ ئىچىدە 2- بولۇپ كەپتۇ. دۆلىتىمىزدىكى 1-ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن چولپان گۇاڭشىلىق لو مېيجىن دېگەن كىشى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەچكە (1885-يىلى تۇغۇلغان)، ئالمىخان موماي جۇڭگودىكى 1- ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن چولپانغا ئايلانغان بولۇپ، ئۈچ ئەسىرنى بېشىدىن كەچۈرگەن كىشى ھىساپلىنىدىكەن.


ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرتىنى بىكىتىشتىكى خەلقئارالىق ئۆلچەم : ھەر يۈزمىڭ نوپۇس ئىچىدە 100 ياش ئۆمۈر كۆركەن ئادەمدىن 25 كىشى بولسا، شۇ يۇرت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر يۇرتى دەپ قارىلىدۇ. ئاران 20 مىڭ نوپۇسى بار يېڭىشەر ناھيىسىنىڭ قۇمۇشلۇق يېزىسىدا ھازىر 100ياشلىق كىشىدىن سەككىزى بار ئىكەن.


ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ: چىكىڭ


مەنبەدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى...


kabanna يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 15:04:16

چوڭلاردىكى شەرمى- ھايا، ئەدەب ئېڭى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشقاي


\"\"


ئاللاھ بۇ ئانىكامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي.

bargah يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 18:44:15

يېڭشەھەر ناھيەسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسى دىيلىدۇ.قومۇشلۇق يېزىسى دەپ يېزىسى يوق.خەنچىدىمۇ 疏勒县库木西力克乡拍昆吾伊拉村人 دەپتىغۇ.قانداقسىگە خاتا تەرجىمە قىلغاندۇ بۇنى؟.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 19:22:02

بىز ھازىر مۇشۇ ئۆمۈر چولپانلىرى توغرىسىدا فىلىم ئىشلەۋاتىمىز ، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئۇيغۇردىن 5 ئادەم بار،  تەپسىلى تەسىرات قايىتقاندىن كىيىن يېزىلىپ ئىزىنىش تورىغا يوللىنىدۇ

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 19:40:31

بىزنىڭ يېزىنىڭ ئىسمىنىڭ توغرا ئاتاڭلار قۇمۇشئېرىق دەپ. نېمە ئۇ قۇمۇشلۇق دېگەن. قىلالمىسا لۇغەتمۇ ئاختۇرۇپ باقمايدىكەن ماۋۇلا \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 19:55:03

قۇمۇش ئىرىق ،،،،قۇمۇش بىلەن ئىرىق دىگگن مەنانى ئىپادىلەمدۇ بۇ .....

Porsche يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 14:16:17

ياشاڭ نىساخان چوڭ ئانا ...

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-18 16:32:35

3- قەۋەتتىكى Tvmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ھازىر مۇشۇ ئۆمۈر چولپانلىرى توغرىسىدا فىلىم ئىشلەۋاتىمىز ، ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ئۇيغۇردىن 5 ئادەم بار، تەپسىلى تەسىرات قايىتقاندىن كىيىن يېزىلىپ ئىزىنىش تورىغا يوللىنىدۇ

  سىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئىسمىڭىزنى ‹‹ تۈمەن ›› دەپ ئۇقۋاپتىكەنمەن، ئەمدى ئىنكاسىڭىزدىن ‹‹ ت ۋ مەن ›› ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم.


ئوپىراتورلۇق بىلەن شۇغۇللانسىڭىز ئۆزى ئەپچىل، چىداملىق، يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى، مىكرو فىلىملەرنى ئىلىشقا ماسكەلگۈدەك كامىرا تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن.

بەت: [1]
: شىنجاڭلىق 127 ياشلىق موماي جۇڭگودىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانى بولدى [تەرجىمە]